- تىزىملاتقان
- 2016-2-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 686
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
37.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezizheytkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-15 11:20
تۆۋەندىكى ئىنكاس مەزكۇر تېما بىلەن ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك .يەنى مەسلىلەرگە ئىلمىي ،ئەمىلىيەتچىل قاراش مەدەنىيەتلىك بولۇشقا كىرىدۇ. شۇڭا «يەر شارىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى » دېگەن تېمىدىكى 90نەچىنچى قەۋەتكە يازغان ئىنكاسىمنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم:
بۇ يەردە تالىشىۋاتقان ئىككى مەسىلە بار .
بىرى : نورۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بايىرىمى بولۇشتا مىللىي ئەنئەنىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەكمۇ ؟ ياكى ئەرەبلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك ئۆلچىمىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەكمۇ ؟
توغرا ئەرەب مىللەتلىرىدە نورۇز بايرىمى يوق .لېكىن يەرلىك مىللىي بايراملىرى بار.يەنى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتتىن باشقا . قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بايرىمى . ھەرقايسى مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يەرلىك مىللىي بايراملىرى بار. قېرىنداشلار نورۇز بايرىمى مۇسۇلمانلىققا تاقاشمايدۇ، مىڭ يىلدىن بۇيانمۇ تاقاشمىغان . لېكىن نورۇزنى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك ھەركىم ئىختىيارلىقىدىكى ئىش . مۇسۇلمانلىقنى ئويلاش بىلەن مىللىي كىملىكىنى نەزەرگە ئېلىش ئوخشاش مۇھىم .چۈنكى خۇداغا يۈز كېلىش بىلەن ئەجدادلىرىمىزغىمۇ يۈز كېلىش بۇرچىمىز بولۇشى كېرەكمۇ ؟ ياكى ئەمەسمۇ ؟ ناۋادا سىز ئۆزىڭىزننى ئەرەب مىللىتىگە تەۋە دەپ قارىسىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ قارىسىڭىز نورۇز بايرامنى ئىنكار قىلسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىرى : 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ ؟ بۇ بىر ئۇسرۇق گەپ ! ئۇلۇغ تەڭرى ،ئۇلۇغ تەبىئەت ئۆزى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟ بىر يىل ئىچىدە
3-ئاينىڭ 21-كۈنى،6-ئاينىڭ 21-كۈنى ،9-ئاينىڭ 21-كۈنى ،12-ئاينىڭ 21-كۈنى 1يىل ئىچىدە 4 قېتىم ۋاقىت ئۆزگىرىشىنى -4 قېتىم پەسىل ئالمىشىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈنلەر ئەمەسمۇ ؟ نورۇز دېگەن سۆز « يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى »
«يېڭى كۈن »«يېڭى يىل بايرىمى » دېگەن گەپ ئەمەسمۇ ؟ كوزۇڭلارنى يۇمۇپ ،نورۇز غا ھەدەپ ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتقان قايسى بېرىڭلار 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كەينىڭلار غا يېنىپ قىش پەسلىگە كېتەلامسىلەر ؟ ئۇلۇغ خۇدانىڭ كارامىتى بىلەن پەسىللەر ئېنىق ئايرىلغان. ئەجدادلىرىمىز 3-ئاينىنىڭ 21-كۈنىنى يېڭى يىل كۈنى قىلىپ كەلگەن. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يېڭى كۈنى يەنى نورۇز بايرىمى ئالدى بىلەن تەبىئەت بايرىمى. جانلىقلار بايرىمى ،ئىنسانلار بايرىمى، تېرىقچىلىق بايرىمى ، ئوت-چۆپ ئۆسىدىغان يايلاق بايرىمى . خۇدانىڭ ئۇلۇغلىقىدىن 3-ئاينىڭڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ كۈن ئۇزىراپ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى توختايدىغان، 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ كۈن قىسقىرايدىغان، 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن قىسقىراش توختايدىغان، يەنە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە كەلگەندە كۈن ،تۈن تەڭلىشىپ، كۈن ئۇزىراشقا باشلايدىغان قىلىپ يارىتىلغان ! شۇنىڭ ئۆزى ئىسپات! شۇ ئۇلۇغ كارامەتنى ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن بىلگەن. ئەگەر كالىندارچىلىقتا ئەڭ ئىلمىي ،ئەڭ تەبىئىي بولۇش كۆزدە تۇتۇلسا مىلادىيە كالىندارى ئەمەس ھىجىريە كالىندارىمۇ ئەمەس بەلكى بىزنىڭ 2500 يىللىق كالىندارىمىز -شەمسىيە كالىندارىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق !
بىلىۋېلىڭلار نورۇز بايرىمى دېگەن گەپ يېڭى يىل بايرىمى دېگەن گەپ ! ئۇ ھېچكىمگە، بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا تاقاشمايدۇ ! ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپ ئەرەبلەر نىڭ مەيدانىغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرگىمۇ تاقاشمايدۇ ! نورۇزنى ئۆتكۈزۈش -ئۆتكۈزمەسلىك ئەركىنلىك .
|
|