"بىز قانچىلىك مەدەنىيەتلىك؟" ناملىق تېما ھەققىدە
ئەزىز ھېيت كۈن
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۇقۇمىنى ئىسلام دىن ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن خېلى باغلىنىشلىق ،مەزمۇنلۇق ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىنى مۇئايەن لەشتۈرۈش، ئېتراپ قىلىشىمىز كېرەك .
بۈگۈنكى دۇنيادا مەدەنىيەت كۆپ قۇتۇپلۇق،كۆپ قىرلىق ھالەتنى شەكىللەندۈردى. مەدەنىيەتلىك بولۇش قانداق ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ ئاساسلىقى : دۇنياۋى ئۆلچەم ،زامانىۋى ئۆلچەم ،دۆلەت ۋە رايۇن ئالاھىدىلىكى بويىچە قويۇلىدىغان ئۆلچەم. مىللىي ئالاھىدىلىك بويىچە قويۇلىدىغان ئۆلچەم. ئىلىم -پەن نۇقتىسى بويىچە قويۇلى دىغان ئۆلچەم ،دىن ئېتىقادى بويىچە قويۇلىدىغان ئۆلچەم ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت نەزەرى بويىچە قويۇلىدىغان ئۆلچەم،جەمئىيەت تەرىپىدىن قويۇلىدىغان ئۆلچەم مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن قويۇلىدىغان ئۆلچەم قاتارلىق چوڭ 10 تۈرلۈك نۇقتىدىن ئۆلچەم قويۇلىدۇ. يۇقۇرىقى تېمىدا تېما يوللىغۇچى 6-ئۆلچەم يەنى دىن ئېتىقادى بويىچە قويۇلىدىغان ئۆلچەم نۇقتىسىدىن تېمىنى ئۆز سەۋىيىسى ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە يارىشا ئوبدان ئىپادىلىگەن. بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە يۇقۇرىقى تېما ئىسلامنىڭ مەدەنىيەتكە قويىدىغان تەلىپىنى مۇئايەن دەرىجىدە توغرا ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىگىگە رەخمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. تېما ئىگىسىنىڭ ئالدى بىلەن نىيىتى ساپ،مەقسىدى توغرا. بۇ بىزنى سۆيۈندۈردىغان تەرىپى . گەرچە يازمىنىڭ سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن، بىلىم قۇرۇلمىسى يۈزەكى ،يېڭىلىق ھېس قىلدۇرىشى ئاجىز بولسىمۇ، نىيىتىنىڭ ساپلىقى،مەقسىدىنىڭ توغرىلىقى، ئىسلام ئەقىدىسىنى مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈشنى نىيەت قىلىپ ئەجىر قىلغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق يېزىقچىلىقتا ئىلگىرلىشىنى رىغبەتلەندۈرىشىمىز لازىم.
ئەمما دۇنيانى دۇنيانىڭ كۆزى بىلەن، ياپۇنلارنى ياپۇنلارنىڭ كۆزى بىلەن، جوڭگونى جوڭخۇانىڭ كۆزى بىلەن كۆرىشىمىز لازىم. بىز ھېسسىياتىمىزغا تايىنىپ ياپۇن لارنى،ياكى رۇسلارنى ۋە باشقا ئىلغار دۆلەتلەرنى تىللىماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ مەدە نىيەت قارىشى بىلەن ئۆلچىمەسلىكىمىز لازىم.ھەتتا بىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇ نىنىمۇ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرىشىمىز لازىم. ئۇنۇتماسلىق كېرەككى مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمىنى كۆزدە تۇتقاندا بىزدە ئەڭ مۇھىمى ناھايىتى زۈرۈر بولغان 4 چوڭ ئۆلچەم بويىچە قاراشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەبۇس قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز لازىم.
شۇ 4 چوڭ ئۆلچەم قايسى ؟ 1. دۇنياۋى ئۆلچەم. بىز ئۆچلۈك قىلىشتىن ھالقىپ ئۆتەلمەيۋاتقان ياپۇنلار بولسۇن ياكى يەھۇدىلار ،رۇسلار،ئېنگلزلار، ۋە باشقا تەرەققى قىلغان ئىلغار مىللەتلەر بولسۇن ئۇلار بىزنىڭ «مەدەنىيەتسىز» دەپ باھا بېرىشىمىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى بىزدەك دۇنياغا تونۇلمىغان،دۇنيا بىلمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ بىلجىرلاشلىرى ئۇلارغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئۇلار يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيان دۇنياغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ .بىزچۇ ؟ بىز 1850-يىلدىن 1950-يىلغىچە ئەڭ بىچارە،نامرات،بوزەك مىللەتكە،چاك-چېكىدىن ئىناقسىزلىقنىڭ ئۇۋاقلارغا ئايلانغان بىر مىللەت بولۇپ،1949-يىلدىكى ئازاتلىقتىن كېيىنلا كومپارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە بۈگۈنكى كۈنگە تەستە ئۇلاشتۇق.دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆلچىمى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئىككى .بىرى : ئەڭ تەرەققى قىلغان ئىلغار مىللەت بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇش. يەنە بىرى : ئۆز رايۇنى،دۆلىتى،قىتئەسى شۇنداقلا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇش. بۇ ئىككى ئۆلچەمنى دۆلىتىمىزدە پەقەت جوڭخۇانىڭ گەۋدىسى بولغان خەنزۇلار 1921-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان 95 يىلدا ئۇلۇغ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە ئەمەلگە ئاشۇردى. بىز ئازسانلىق مىللەتلەر ئەگەشكۈچى. 1921-يىلدىكى ھەرقايسى زوراۋان دۆلەتلەر تالان-تاراج قىلىۋاتقان ئاجىز،قالاق،بوزەك جوڭگۇ بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا بىلەن تەپ-تەڭ تۇرالايدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ،خەنزۇلار دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرمىللەتكە ئايلاندى. ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئالغا يېتەكلىدى. 2. جەمىئىيەتنىڭ ئۆلچىمى. بىز سوتسىيالستىك تۈزۈمدە، قانۇندا،مەدەنىيەتتە، مۇناسىۋەت دائىرسى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇش ئەھۋالىمىزنى ھازىرقى سوتسىيالىستىك مەدەنىي بولۇش ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەيمىز.ئەمىلىيەتتە ھازىر دۆلىتىمىزدە ۋە بىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا يۈرگۈزىلىۋاتقان-يولغا قويىلىۋاتقان ئۆلچەم دەل سوتسىيالىستىك جەمىئىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمىدۇر! قېنى كىم ئۇنداق ئەمەس دېيەلەيدۇ؟ ئۇنداق بولۇشى بىز ياشاۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزىمى يەنى جوڭگۇچە سوتسىيا لىزىم جەمىئىيىتى تۈزۈمى بەلگىلىگەن. ھېچكىم ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ساھەلەرمۇ يەنى سانائەت،سودا،مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە دىن يېزا ئىگىلىكى ... قاتارلىق بارلىق ساھە شۇنىڭ ئىچىدە . سوتسىيالىستىك جەمىئىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىش ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇنى مەجبۇريىتى ۋە مەسۇليىتى.
3. مىللىي ئالاھىدىلىك يەنى مىللىي نۇقتىدىن قويۇلىدىغان مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمى . بۇ ئىككى تەركىبنى- زامانىۋى مەدەنىيەت ئۆلچىمى بىلەن ئەنئەنىۋى مەدە نىيەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئاڭ،تەپەككۇر، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئالاقە،مۇناسىۋەت قاتارلىق پۈتكۈل تەرەپلەردە زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭىنى ھەممە تەرەپكە سىڭدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۆلچىمى بولسا مىللىي ئۆرپ-ئادەت،قائىدە يوسۇنلىرىمىز، ئۆرپ-ئادەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىمىز -دىن،سەنئەت،تىل، ئىشلەپچىقىرىش ،تۇرمۇش بىلەن ئالاقىدار باغلىنىشلىق بولغان بارلىق ساغلام ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى شۇنداقلا زامانىۋى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىپ داۋاملاشتۇرىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن توي-تۆكۈن ۋە نەزىرپ-چىراقنى ئالساق ئۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان،داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىكى نىكاھ ئوقۇش ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىسلام دىن بىلەن ئەڭ بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان تەرەپلەرمۇ ئۆرپ-ئادەتنىڭ تەركىبى سۈپىتىدە يەنە ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىدۇ.
4 . مەدەنىيەتلىك بولۇشقا مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ قويىدىغان ئۆلچىمى . مەدەنىيەت ئۇقۇمى ھەققىدە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»تۆۋەندىكى تۆت خىل تەبىر بېرىلگەن .بىرىنچى : ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ جۇغلانمىسى.ئىككىنچى : ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى يەنى كىتاب،ئۈن ،سىن بۇيملىرى ۋە ھەرخىل تاراتقۇلاردا تارىلىۋاتقان ئەسەرلەر،يازمىلار،بۇيۇملار،مەھسۇلاتلار، ئۈچۈنچى : مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى. بۇ يۆتكىگىلى بولمايدىغان يادىكارلىقلار ؛قەدىمكى شەھەر،قورغان،قەلئە،تۇر خارابە ،ئىزلىرىنى، يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى : خارابىلەردىن بايقاپ قېزىۋېلىنغان يادىكارلىق بۇيۇم لىرى، پۈتۈك(يازما) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسا ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش،سەنئەت بۇيۇملىرى ھەم ئۇلارنىڭ ياسىلىش، ئىشلىتىلىش قائىدىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك نەزىريىلەشتۈرۈلىشى كۆرسىتىدۇ.تۆتىنچى: مەلۇمات،بىلىم دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: باشلانغۇچ ،تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتۇرا، تولۇق كۇرۇس، ئاسپىترانت، دوكتۇرلۇق قاتارلىق ئالتە خىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئايرىش ئادەملەرنىڭ بىلىم دەرىجىسىنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ .
مەدەنىيەتلىك بولۇشتا يۇقۇرىقىلاردىن باشقا ئەخلاق نۇقتىسىدىن مەدەنىيەتلىك بولۇش،جامائەت سورۇنىدا مەدەنىيەتلىك بولۇش، كىيىم كىيىش،يۈرۈش ،تۇرۇشتا مەدەنىيەتلىك بولۇش تەلەپلىرى قويۇلىدۇ. بىز شانلىق ئۆتمۈشىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىك دەۋرلەرگە ئىگە بولغانلىقىدىن سۆيىنىمىز.تارىخنى ئەسلىگەندە بىز تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ( 627-682- يىللار ۋە 744-846-يىللار) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىياغا تونۇلغان مەدەنىيىتىدىن، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (850- 1025-يىللار) دىكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىدىن ،قۇجۇ دەۋرى ( 866-1393-يىللار) ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن، قاراخانىلار ئۇيغۇر سۇلالىسى ( 870-1211-يىللار ) دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ،يەكەن سەئىدىيە خانلىقى (1514-1670-يىللار) دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز.بولۇپمۇ ئورخۇن دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،قۇجۇ دەۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇنيا ئېتراپ قىلىدىغان مىللىي مەدەنىيەتلەردۇر.
مەدەنىيەتتە يەنە ساھە مەددەنىيىتى بىلەن پۈتكۈل مىللىي مەدەنىيەتنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈش تەلىپى قويۇلىدۇ. مەسىلەن ھازىر كارخانا مەدەنىيىتى، سودا مەدەنىيىتى ،مەكتەپ مەدەنىيىتى، ھەربىي گازارما مەدەنىيىتى،يېزا مەدەنىيىتى، شەھەر مەدەنىيىتى ،ساياھەت مەدەنىيىتى يارىتىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ .يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مىللىي مەدەنىيەت تەركىبىدە كىچىك تۈرلەر بويىچە مەدەنىيەت يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتىمىز، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز، باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتىمىز، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتىمىز، نان مەدەنىيىتىمىز،پىچاق مەدەنىيىتىمىز .....قاتارلىق نۇرغۇن كونكرېت تۈرلۈك مەدەنىيەت لىرىمىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. قەشقەر ،خوتەن،ئاقسۇ،ئاتۇش ،كۇچا، يەركەن،كورلا،قاراشەھەر، تۇرپان ،قۇمۇل،غۇلجا ،ئۈرۈمچى بىزنىڭ ئىلگىرى كېيىن مىللىي مەدەنىيەت جۇلالانغان شەھەرلىرىمىزدۇر. ئۇيغۇرلار 646-يىلى ئىلتەبىر تۈمىد ئوردىنى تۇغلا دەريا ۋادىسىدىن ئورخۇن دەريا بويىغا،ئۆتۈكەن تېغى باغرىغا كۆچۈرۈرگەندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار شەھەر تۇرمۇشى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغان.
مەدەنىيەتلىك بولۇش جىمى پۇقراغا ۋە ھەربىر ئادەمگە قويۇلىدىغان ئۆلچەم. بىز مەدەنىيەتلىك بولۇش ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندا مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشى دىن ساقلىنىشىمىز لازىم.بىز ياشتا چوڭ ياكى كىچىك بولايلى، ياكى يۇقۇرى سەۋىيەلىك ۋەياكى تۆۋەن سەۋىيەلىك بولايلى سۆزلەشتە ۋە مۇنازىرە قىلىشتا مەدەنىيەتلىك بولۇشقا ئەمەل قىلالىدۇقمۇ ؟ مەن « بىز قانچىلىك مەدەنىيەتلىك ؟» دېگەن تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا مەدەنىيەتسىز قىلمىش -قوپال سۆزلەش ۋە ئۆز-ئارا بىرىنى چەتكە قېقىشنىڭ خېلى ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدىم. چوڭقۇر ئويلاندىم. شۇ ئەھۋال بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقىشىمغا سەۋەپ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت ئۇقۇمى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچەمنى تورداشلارغا يەتكۈزۈش ئويۇممۇ بار. مەن بۇ ماقالىنى يۇقۇرى سەۋىيىلىك قىلىشنى ئەمەس تورداشلار بىر ئوقۇپلا چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان بولۇش ىنى كۆزدە تۇتتۇم.
خەلقىمىزدە « ئۈنچى ھاكچىنى كۆرەلمەيدۇ» دېگەن ماقال ساقلانغان. قوپال سۆزلەش ،ھەتتا ئادەم تىللاش، بىر ساھە ھەم بىر خىل قاراشتىكىلەر باشقا ساھە ھەم يەنە بىرخىل قاراشتىكىلەرنى چەتكە قاقىدىغان،رەت قىلىدىغان مەدەنىيەتسىزلىك شۇنداقلا مەدەنىيەتسىز قىلمىش ھەرقايسى تور مۇنبەرلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. تورداشلارنىڭ بىلىملىك بولغۇسى ۋە بىلىمىنى باشقىلارغا يەتكۈزگۈسى بار.تورغا كىرىشتىكى ئەھمىيەتلىك مەقسەت شۇغۇ؟ ھېچكىم باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى چىۋىن يۇتىۋالغاندەك غەش قىلىپ توردىن چۈشۈپ كېتىشنى ئويلىمايدۇ. شۇنداقلا ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن جىددەلىشىپ قېلىش،ئاداۋەت پەيدا قىلىشنى ئويلىمايدۇ. ئارزۇ قىلمايدۇ. لېكىن كۆز قاراشنىڭ،كەسپنىڭ،سەۋىيەنىڭ، بىلىم،قابىلىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن سۈركىلىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە بىز دىققەت قىلساقلا قىلالايدىغان ئۈچ ئىش بار.بىرى : باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمىتىمىزنى ساقلاش،ئەقىللىق،بىلىملىك بولۇپ كېتىش ھەرگىز ئەدەپلىك بولۇشنىڭ ئۆزى ئەمەس. شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ كىم ۋە قانداق ئادەملىكىدىن قەتئى نەزەر ئاۋال ئادەم كۆرۈپ ھورمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى : مەيلى قانچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتسەكمۇ ئېغىزىمىزنى بۇزماسلىقىمىز،گەپنىڭ يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىمىز،ئۈچۈنچى : ئوخشىمىغان پىكىر،قاراشلارغا دۇچ كەلگەندە قارشى مەيداندا تۇرغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمەكچى بولساق ياقتۇرمىدىم ياكى مەن قوشۇلمايمەن دەپ ئېيتسساق سىلىق دېيىلىپ قالماي يەنە مەيدانىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەدەنىيەتلىك ئادەم ئىكەنلىكى مىزنى بىلدۈرىدۇ.
مەدەنىيەتلىك بولۇشقا،مەدەنىيەتلىك سۆزلەشكە،مەدەنىيەتلىك مۇئامىلە قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ، مەدەنىيەتلىك ئادەملەرگە خاس ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەيلى. مەسىلەن كەڭ قورساق بولۇش،باشقا ساھەلەرنىڭ ئادىمىنى،ئشىنى سەمىمىي ئېتراپ قىلىش، ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىش،ئوخشىمىغان كۆزقاراشتىكى ،يولدىكى، ئۇسلۇپتىكى، مەيداندىكى،سەۋىيەدىەكى ئادەملەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىش،ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ قالماي كۆڭلىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ.بىلىمىمىزنى ئاۋۇتىدۇ. ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلالايمىز.
ئەسلى گەەپكە كەلسەك "بىز قانچىلىك مەدەنىيەتلىك" ناملىق تېما توغرا مەقسەتتە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن يېزىلغان تېما ھېساپلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ ئارزۇسى جەمئىيەت نىڭ ئىناق بولۇشىنى ۋە يۈكسىلىشنى ئارزۇ قىلىشتۇر.چۈنكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇشى ئارقىلىقلا جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە يۈكسىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىن مەدەنىيەتلىك بولۇشقا نەزەر ئاغدۇرۇشقا دۇچ كەلسەك بىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇستەكەم گەۋدە بولۇشىغا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دىنى ئەقىدە ۋە مەزمۇنلارنىڭ ئەخلاقنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ساپ،ھالال،ئىزگۈلۈك سۈپەتلىرىگە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى قارىخانىلار ئۇيغۇر سۇلالىسى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە يۈكسەك راۋاج تاپقان.گەرچە ئاپپاق غوجا قاتارلىق غوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسلام دىننىڭ ھاكىمىيەتكە ئارلاشماسلىق،ھاكىيەتنى تارتىۋالماسلىق ۋە باشقا نۇرغۇن ئەندىزلىرىنى،خالىس ئېتىقاد بولۇش رولىنى چۆرۈپ تاشلاپ،دىننى قالقان قىلىپ،خەلقنى سەرسان،يۇرت-ماكاننى ۋەيران قىلىدىغان ئاپىتىنىڭ زىيىنى 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە داۋام قىلغان بولسىمۇ 17-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئىسلام دىننىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن نورمال،پايدىلىق تەركىبلىرىنى مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا قالغان توغرا تەسىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.دىننىي مەزمۇن لارنى ۋە ناھايىتى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىگە يۇغۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئازاتلىق دەۋرىگە ئوڭۇشلۇق ئۇلاشتى.
بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە دىننىڭ تۇتقان ئورنى يەنى شامان دىنى،مانى دىننى،بۇددا دىنى،نىستۇريان دىنى،خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىننىڭ ئورنى ۋە رولى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك.دىننىي ساھەدىكى ۋە دىنىي ئىخلاسمەنلىكى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدىن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر ئۈگىنىشتىن باشقا يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان دىنلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار، تارىخى ئەھۋاللارنى ئوقۇپ بىلىپ قويغىنى ياخشى. ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ جوھۇت، كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەمەس بەلكى ئىسلام دىننىڭ ئۇلۇغ ،خېلى ئىلغار دىن ئىكەنلىكىنى تارىختىكى ئەشۇ دىنلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى ھەم مەدەنىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بىلىمگە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پايدىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
مەدەنىيەتلىك بولۇشنى ئويلايدىغان ۋە كۆزلەيدىغان ئادەملەر ھەقىقىي كۆپەيسە مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.مە دەنىيەتلىك بولۇش بىلىم ئېلىشتىن باشقا ساپانى ئۆستۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىچەتلىك.بىلىم ئوقۇش،ئۈگىنىشتىن كېلىدۇ. مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن ساپامۇ ناھايىتى مۇھىم. نەزىريىۋى بىلىمدىن باشقا ئەمىلىيەت-جەمئىيەتكە كۆپ قاتنىشىش -كىشىنى ناھايىتى ئەقىل،پاراسەتلىك قىلىدۇ.شۇڭا "جەمئىيەت -ئەڭ ئۇلۇغ ئالىي مەكتەپ" دېگەن سۆز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. ئەمىلىيەت ئارقىلىق بىلىم،تەجىربە توپلاش كىشىنى ناھايىتى پاراسەتلىك قىلىپ قالماستىن ساپاسىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بو لىدۇ.چەتئەلگە زىيارەت،ساياھەت ياكى ئوقۇش ئۈچۈن چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەمىلىيەتكە قاتناشقانلىق.بىلىم ۋە تەجىربىنى بېيىتقانلىقتۇر.
مەدەنىيەتلىك بولۇشتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە ھەممىدىن مۇھىم. ئىچكى ئېنىرگىيە بولسا ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدىن،ئۇلۇغلۇغقا تەلپۈنگەن روھىدىن،يۈكسەكلىككە يۇلقۇنىۋاتقان بۈيۈك ئارمانلىرىدىن كېلىدۇ. بىز ئاددى نەزەردە بۈركۇت ياكى لاچىن،شۇڭقارلارغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنى قانىتى ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇلارنى ئاسماننىڭ قەھرىگە ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقىنى بىر جۇپ قانىتى بولماستىن بەلكى قەلبىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇش-قۇش كۆڭلىدىكى قۇشتۇر. ئوچۇق ئېيتقاندا ئۇچۇش ئارزۇ-ئارمانلىرىدۇر.دەل شۇ يۈكسەك ئارمان بولغاچقا بۈركۈت ۋە لاچىنلار خوراز بىلەن قىرغاۋۇلدەك چەللىدە،ئۆگزىدە توختاپ قالماستىن،يۈكسەكلىككە قاراپ ئۇچالىغان.يۈكسەك ئارمان ئاۋال قۇشلارنىڭ يۈرىكىنى،يۈرىكى بولسا قاناتلىرىنى،قاناتلىرى ئاخىرىدا قۇشلارنىڭ جىسمىنى ئېگىز ئاسماندا ئۇچۇرغان. مەدەنىيەتلىك بولۇش ،بىلىملىك بولۇش،ساپالىق بولۇش قاتارلىق ئارمانلارنىڭ ھەممىسى ئېغىزىمىزنىڭ ئۇچىدىن ئەمەس قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ئورۇن ئېلىپ بىزگە سۇنماس ئىرادە،پاكىز قەلب،تالماس روھ ئاتا قىلغاي.
2016يىل،14-مارت،بۈگۈر
|