-
ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرنىڭ شەرھى - [يادىكارلىقلىرىمىز]
2009年11月01日
ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى __ سەنئەت خۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا سەنئەت خەزىنىسى ۋە سەنئەت قامۇسى . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ھەم مۇرەككەپ ھەم مول ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى ئارقىلىق بايان قىلىدىغان بىر بەدىئى قامۇسى . مۇزىكىلىق ئىپادە جەھەتتە لىرىكا بىلەن ئىپىكا نەغمە بىلەن نەزىم گارمونىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ئەسەر . ئۇيغۇر كىلاسسىك « ئون ئىككى مۇقام » ى ، ژانىر جەھەتتىن ئۇنۋېرساللىققا ئىگە بولۇپ مۇزىكا ، ناخشا ئۇسسۇل بىر گەۋدىگە مۇجەسسەملىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان . ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۆپ قىسمى نىسپى ھالدا قېلىپلاشتۇرۇلغان . قۇرۇلما ، مۇستەقىل كۇي - ئاھاڭ شەكلىگە ئىگە . ھەر قايسى يۈرۈش مۇقاملارنىڭ ئاھاڭ شەكلى مىلودىيىسى ، رىتىمى ، ئۇدارلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت ساقلانغان ئاساستا ئىجرا قىلىنىدۇ . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام » نىڭ ھەجىمى ھەقىقەتەن زور ، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ، ھەربىي سوتۇق ①( چوڭ قىسىم ، چوڭ بۆلەك) ۋە شۆبىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەخسۇسلاشقان ئاتالغۇلىرى بار . بۇلارنى شەھىرلەپ چۈشەندۈرۈش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇقامغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامى تەرتىپلىك ، قېلىپلاشقان ھالدا چوڭ نەغمە ، داستان ، مەشرەپ دېيىلگەن . ئۈچ سوتۇققا بۆلۈنىدۇ ھەر بىر يۈرۈش مۇقامىدا سوتۇق ۋە شۆبە ناملىرى تەكرارلىنىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۈي ___ ئاھاڭلار قەتئىي تەكرارلانمايدۇ .