باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • ئەيسا قورۇقنىڭ ھىكايىسى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2010年11月05日

    ئەركىن سابىر ئەيسا چوڭنىڭ يوغان بۇرنىغا ھەممە ئادەم ھەيران، يۈزىدىكى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىغا تارتىلغان قورۇقلار ئارىسىدا كۆپۈشۈپ تۇرغان يوغان بۇرنى خۇددى سانسىزلىغان جىرالار ئارىسىدا دۈمچىيىپ تۇرغان دۆڭگىلا ئوخشايتتى. تېخى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ: ‹‹ياراتقۇچى ئۇنى ئادەم سىياقىغا كەلتۈرىدىغان چاغدا ئۇقۇشماي بۇرنىغا لاينى جىق بېرىۋەتكەن ئىكەن›› دېيىشەتتى. ئورۇق يۈزىدىكى قورۇقلارنى ئۇنىڭ يۈزىنى تاراشلىغاندا قېپ قالغان بارماق ئىزلىرىكەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئەيسا چوڭ بۇنداق گەپلەرگە : — مەن مۇشۇنداق، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يارالغانكەنمەن، – دەپ كۈلۈپلا قويىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مەھەللىلىكلەر ئىچىدە ئۇنىڭكىدەك سەكسەن قورۇقى بارلاردىن يەنە كىم بار؟ تېخى ئەيسا چوڭ بۇ قورۇقلىرى ھەققىدە ماختىنىدۇ. — مانا ماۋۇ پېشانەمدىكى ئىككى تال قورۇق بار چاغدا مەن سالامەتكە كۆيۈپ يۈرەتتىم. ئۇ چاغدا سالامەت شەھلا كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. ئۇ بازارغا مەندىنلا كۆكتات ئالغىلى كېلەتتى ۋە بىر– ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ قايتاتتى. ئۇ تولىمۇ ئەدەپلىك، قائىدە – يوسۇنلۇق ئىدى، مېنى كۆيدۈرىدىغىنى ئۇنىڭ تېقىمىدىن تۆۋەندە ئويناپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچى بىلەن نازاكىتى ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆكتات ئالغىلى چىقىشىنى كۈتكەن چاغدىمۇ، چىققاندا تويماي قارىغاندىمۇ ۋە قايتقاندا مېڭىشلىرىغا ئۇزاق تىكىلگەندىمۇ ئاشۇنداق ساھىبجامالغا كۆيۈپ قالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيتتىم. ‹‹قويە، ئەيسا قورۇق، ساڭا ئوخشاش ئىسكەتى يوق بىر كۆكتاتچىغا مەيلىنى بېرىدىغان ساھىبجامال تېخى يارالغىنى يوق››، دەيتتىم. ئەمما تەقدىر بۇ گەپلىرىمنى ئىنكار قىلىۋەتتى. — ۋىيەي، ئەيساكا، بارمۇ سىز؟ – دېدى بىر كۈنى سالامەت ئۇچراپ. بۇ چاغدا مەن دۇكانلارغا كۆكتاتلىرىمنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ماگىزىنغا نەرسە ئالغىلى كىرگەنىدىم. — بار بولماي نەگە باراتتۇق، – دېدىم مەن، – شۇ تىرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش. — ئىككى يىل بولدى، كۆكتات بازىرىدا كۆرۈنمەيسىز، پۇلنى جىق تاپقان بولسا ئەمدى كۆكتات ساتماي، ياستۇقنى قىرلاپ ياتقان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن، – دەپ پىسسىڭڭىدە كۈلدى ئۇ. ئاندىن چىرايىمغا سەپ سېلىپ ، – توۋا، ھېلىقى چاغلاردا چىرايىڭىز بېجىرىم ئىدى، ئەمدى بۇ ئىككى تال قورۇقنى پېشانىڭىزگە نەدىن كۆچۈرۈۋالدىڭىز؟ – دەپ سورىدى. — شەھەرنىڭ سىرتىدىن يەر ئېچىپ، كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقانتىم، شۇ، ھەر يىلى كۆكتاتلىقىمغا چۆنەك ئېلىۋەرگەچكە، تەقدىر مېنى چۆنەككە ئامراق ئوخشايدۇ دەپ قالدىمۇ، ئىككى تال چۆنەكنى پېشانەمگە كۆچۈرۈپ قويدى، – دېدىم. سالامەت كۈلۈپ كەتتى. ياپىرىم، ئۇنىڭ بۇنداق ئۈنلۈك كۈلگىنىنى تۇنجى ئاڭلىشىم بولغاچقا، ئاغزىغا قاراپلا قاپتىمەن. سالامەت ئۆزىگە ھاڭۋېقىپ قالغىنىمدىن ئوڭايسىزلاندىمۇ، ‹‹مەن قايتاي›› دەپلا كېتىپ قالدى. شۇ چاغدا چىرايىم باشقىچىلا بولغانمۇ ئوخشايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاققىچە كۆرۈنمىدى. تازا سېغىندۇراي دېدىمۇ بىلمىدىم. كېيىن ئۇقسام نېرىقى كوچىدىكى مەرۇپ دورداينىڭ ئۆيىدىن كۆكتات ئېلىپ كېتىدىغان بوپتۇدەك. ‹‹ھوي ئەيسا، ئۇنى دەرھال قولۇڭغا قوندۇر، بولمىسا خەقنىڭ كاتىكىگە ئۇۋا سالىدۇ! ›› دېدىم ئۆزۈمگە. مەرۇپ دورداي ئىككىمىزنىڭ يېرىمىز بىر يەردە ئىدى، ئىككىمىز ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ چاقچاقلىشىپمۇ قوياتتۇق. — ھەي مەرۇپ، ساڭا كەتمەن – گۈرجەك كەتمەيدۇ جۇمۇ، يەرنى كالپۇكىڭدىلا ئاغدۇرىسەن، چۆنەكنىمۇ كالپۇكىڭدا تارتىسەن،– دېدىم بىر كۈنى قىردا ئۇنىڭ بىلەن تاماكا چېكىشىپ ئولتۇرۇپ. — شۇڭا بىرلىشەيلى دەيمەنغۇ ساڭا،– دېدى ئۇ چاقچىقىمغا چاقچاق بىلەن جاۋاب بېرىپ،– كۆكتاتلارغا سۇ ئاچىدىغان چاغدا ھەربىر چۆنەككە تۇغان سالىمەن دەپ بەك ئاۋارە بولىمەن، ئەگەر سېنىڭ ئاۋۇ يوغان بۇرنۇڭ بولغىنىدا، تۇغان سېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. بۇرنۇڭنى ئېرىققا كەپلەپ قويساقلا بولۇۋېرەتتى. — بىرلەشسەكقۇ بولىدۇ، بىراق بەرىبىر بىر ئۆينىڭ ئادىمى بولالمايمىز دە! سەن ئايرىم خوتۇن ئالىسەن، مەن ئايرىم خوتۇن ئالىمەن، قازىنىمىز، ئوچىقىمىز ئايرىم بولىدۇ. شۇ چاغدا كۆكتاتنى سەن جىق ئىشلەتتىڭ، مەن ئاز ئىشلەتتىم دەيدىغان گەپ بولۇپ قالارمىدىكىن دەيمىنا؟ — ۋاي قىتىغۇر، ئۇ دېگەن خوتۇنلارنىڭ جېدىلى... — بىراق خوتۇنلار چاچلاشسا، ئۇلارغا بىز قوشۇلىمىز... بىز شۇنداق دەپ قاقاقلاپ كۈلدۇق. بۇ چاغدا ھەرئىككىمىز چۆنەكلىرىمىزگە سۇ ئېقىتىپ قويۇپ ئولتۇرغانىدۇق، سۇ كىرگەن يەرلەردىن سەكرەپ چىققان قارا چېكەتكىلەرنى تۇتۇپ يەۋاتقان قارىغۇجىلار كۈلكىمىزدىن ئۈركۈپ كەتتى. مۇشۇ سۇدىن كېيىن كۆكتاتلىرىمىز بازارغا ئەپچىقىشقا تەييار بولاتتى. پەمىدۇرلىرىمىز قىزىراتتى. كۆكمۇچلىرىمىزغىمۇ ئاچچىق تەم كىرىپ قالغانىدى. نەچچە ۋاقتىن يازلىق يېسىۋىلەك، غولكۆكلىرىمىزنى سېتىپ يۈردۇق. ئەتىيازدا كۈدىدىنمۇ خېلى پۇل تاپقانىدۇق. يەر ئالقاندەك بولغىنى بىلەن، ئوغۇتنى ئوبدان بېرىپ ئىشلىسە، ئۇمۇ ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىكەن. مەھەللىمىزدىكى بەزىلەر بازاردا لاغايلاپ كۈننى كەچ قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى دورىماي كۆكتاتچى دېھقان بولاي دېدىم. كۆكتات دېگەننى كۈندىلا ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ، ئەممازە جاپاسى جىقراق... مەن بۇ ئويغا كەلگەندە مەھەللە چېتىدىكى دۆڭلۈككە كۆز تاشلىغانىدىم. مەھەللىمىزنىڭ ئاخىرقى ئۇچى ئاشۇ دۆڭلۈككە تاقىشاتتى. دۆڭلۈكنىڭ ئەتراپى كەڭرى بولۇپ، باش تەرەپتە سۇمۇ مول ئىدى. ئۇ يەردە دوكى مانجۇنىڭ، يۇنۇس تۇڭگاننىڭ ۋە گو چاڭشياۋ خەنزۇنىڭ كۆكتاتلىقلىرى بار ئىدى. مەن ئۇلاردىن كۆكتات ئېلىپ، بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتىم، بىز پىششىق تونۇش بولۇپ كەتكەنىدۇق. كېيىن شۇلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن دۆڭلۈكتىن يەر ئاچماقچى بولدۇم. گو چاڭشياۋ: — تەس ئەمەس، ئۇكا، ئەنە ئاۋۇ دۆڭنىڭ توپىسىنى پەسكە تارتساڭ كۆكتاتلىققا يەر ئېچىلىدۇ، بۇ يىل بىر چۆنەك، كېلەريىلى بىر چۆنەك قىلىپ يۈرۈپ يەرنى ئاستا – ئاستا كېڭەيتىۋالىسەن، –دېدى. بىراق دادام: — پىشمىغان ئىشىڭنى قوي!– دەپ تەرسالىق قىلىپ تۇرۇۋالدى، لېكىن مېنىڭمۇ ئۆز يولۇمنى تېپىش ھوقۇقۇم بولغاچقا، دېگىنىمنى قىلدىم، دوكى مانجۇ بىلەن گوچاڭشياۋ كەتمەن چېپىشىمغا قاراپ: — ھەي بالا، راستىنلا غەيرەتكە كەپسەن – دە، – دېدى ۋە، – بۇنداق قىلىپ يەر ئېچىپ بولغۇچە ھالىڭدىن كېتىسەن، ئاۋۇ يۇنۇسنىڭ يېرىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە يەر تۈزلەۋاتقان تراكتور بار، ئازراق پۇل خەجلىسەڭ، بىر كۈندىلا بۇ دۆڭنى تۈزلەپ بېرىدۇ دەپ ماڭا ئەقىل كۆرسەتتى. ئۇ چاغلاردا مېنىڭ تراكتورغا خەجلىگۈدەك پۇلۇم يوق ئىدى. يۇنۇس تۇڭگان سۆزلىشىپ يۈرۈپ، تراكتورچىنى يەر تۈزلەپ بېرىشكە كۆندۈردى. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ كۆكتاتلىقىم بار بولدى. بىراق مەن كۆكتاتنى قانداق تېرىشنى بىلمەيتتىم. گو چاڭشياۋ قىلىۋاتقان ئىشىمغا كۈلۈپ كەتتى. — مەن سېنىڭ ئورۇق يۈزۈڭ بىلەن ماۋۇ يوغان بۇرنۇڭغا قاراپلا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بالا ئىكەنلىكىڭنى پەملىگەنىدىم، – دېدى ئۇ، بۇنداق چىرايدىكى بالىلار سەھراغا لايىق كېلىدۇ. بىراق تەجرىبەڭ كەم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماڭا كۆكتات تېرىشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. يا پاناھ، مەن بۇ ئىشنىڭ جاپاسىغا چىدىماي ئاخىرىغا بارغاندا بۇ ئىشنى تاشلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. دادام ئاچچىقلاپ: — تۇترۇقسىز بالا بولدۇڭ، خوتۇن ئالغۇدەك ئەر بولغاندىمۇ يا ئۇ ئىشنى، يا بۇ ئىشنى باشقا چىقارماي! – دەپ كوتۇلداپ كەتتى. بىرەر كۈن ئارام ئالاي دەيتتىم – يۇ، بىراق دادامنىڭ كوتۇلدىشىدىن قېچىپ ‹‹ئېتىزىم››غا كېتتەتتىم. ئەتىگەندىن كەچكىچە كۆكتاتلىقنى ئوتاش، كۆكتاتلارنىڭ تۈۋىگە ئوغۇت قۇيۇپ، توپا يۆلەش، قايسى كۆكتاتقا قانداق ئوغۇت بېرىش، قايسى كۆكتاتنى قانداق چاغدا سۇغىرىش ۋە قايسى كۆكتاتلارنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش، پۇتاش، قايسى كۆكتاتنى شاخقا ئېلىش دېگەندەك ئىشلار ھارغۇزۇپلا قوياتتى. ئارىلاپ گو چاڭشياۋغا قاراپ قوياتتىم، ئۇنىڭ ئېتىزى ماڭا ئەڭ يېقىن ئىدى، ئۇ قېرى غاڭزا تارتاتتى، ئۇ قىردا ئولتۇرۇپ غاڭزىسىنى تارتقاچ مېنى چاقىراتتى. — پىشىسەن، ئاشۇ كۆكتاتلىرىڭ بىلەن تەڭ پىشىسەن، – دېدى ئۇ بىر كۈنى، – ھېلىمۇ تەلەيلىك چىقتىڭ، كۆكتاتلىرىڭ ھە دېگەندىلا ئوخشىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل ئاپەتمۇ كۆرۈلمىدى، ئەمما ئۆزۈڭ جاپا تارتتىڭ. ھېچقىسى يوق، ئەتە – ئۆگۈن كۆكتاتلىرىڭنى ساتقاندا جاپالىرىڭ ئۇنتۇلىدۇ. — گو چاڭشياۋكا، سەن بەك جاپا تارتىپ كەتمەيدىكەنسەن، كېيىن مەنمۇ سەندەك بولارمەنمۇ؟ – دەپ سورىدىم مەن. — مېنىڭ جاپا تارتمىغىنىمنى نەدىن بىلىسەن؟ — كەچكىچە غاڭزا تارتىپ ئولتۇرىسەن دەيمەنغۇ؟ مەن بۇ كۆكتاتچىلىقنى ئۆگەنگىچە ئوتتۇز قېتىم، ياق، ئەللىك قېتىم ئۆلۈپ تىرىلگەن. تېرىپ ئۈندۈرمەك بىر گەپ، ھەربىر تۈردىكى كۆكتاتنى تېرىش، كۆچۈرۈش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش سېزۇنىنى ئىگىلەش بىر گەپ. مېنىڭ دېگەنلىرىم تېخنىكىغا ئائىت ئىشلار، بىز كۆكتاتچىلىقنى باشلىغان مەزگىللەردە بۇنداق تېخنىكىنى ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنىپ تاپقان. ئۇ چاغلاردا ئالدىن خەۋەردار بولالمىغاچقا ھاشارات، كۆكتاتلاردىكى كېسەل، قۇرغاقچىلىق، ھۆل – يېغىن، مۆلدۈر، بوران ئاپىتى دېگەنلەر بىر يىللىق ئەمگىكىڭنى بىر قېتىمدىلا يوق قىلىۋېتەتتى. سەن بولساڭ بىزنىڭ پىشقان تېخنىكىمىزنىڭ سايىسىنى كۆرۈۋاتىسەن... ئاۋۇ دوكى پەمىدۇر، كۆكمۇچ تېرىشقا يامان، مۇخەممەر سامساق بىلەن كۈزلۈك يېسىۋىلەك تېرىشقا يامان. مەن بەرەڭگە بىلەن كۈدە ۋە يەنە كەرەپشىنى جىق تېرىيمەن. شۇڭا كۆكتات دۇكانلىرى ياكى سودىگەرلىرىنى ھەممىمىز ئۆز يولىمىزدا رازى قىلىمىز، ئۇلارمۇ بىزنى تەڭ رازى قىلىدۇ. شۇڭا ھازىرغىچە بىر– بىرىمىز بىلەن خېرىدار تالاشماي ئىناق ئۆتۈپ كېلىۋاتىمىز. تېخى بىر–بىرىمىزنىڭ ئېتىزىمىزغا قاراپ قويىدىغان، ‹‹ھاي ماۋۇ كۆكتاتلىرىڭغا سۇ ئاچىدىغان ۋاقىت بوپتۇ›› دەپ بىر–بىرىمىزگە ئەسكەرتىپ قويىدىغان ۋاقلىرىمىزمۇ بار. ئەمدى بۇ سەپكە سەن قوشۇلدۇڭ، بىز بۇ ئىشىڭدىن خۇشال، شۇڭا ھۈنەرلىرىمىزنى ئۆگىتىۋاتىمىز. نېمىشقا دېسەڭ، بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئېتىز ئىشلىرىغا زادىلا قىزىقماي قويدى. بىرى ئوقۇپ ئۇ ئىدارىگە، بىرى ئوقۇپ بۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چىقىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. بۇ بەك ئېچىنىشلىق، بىر ئۆمۈر يېتىلدۈرگەن ھۈنىرىمىز بىز بىلەن گۆرگە كىرىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ سەن بۇ ئىشنى قىلىپ كېتەلەيدىغاندەك قىلىسەن، شۇڭا سېنى ئۆزىمىزگە تارتتۇق ۋە تېخنىكىمىزنى ساڭا بولسىمۇ مىراس قىلايلى، دېدۇق. گو چاڭشياۋ كۆڭلى ياخشى ئادەم ئىدى، مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىدىم، ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇيغۇرچىنى پىششىق ئۆگەنگەن بولۇپ، بەزىدە تېخى ئانچە – مۇنچە چاقچاقمۇ قىلىپ قوياتتى. مېنىڭ ‹‹چاڭشياۋ›› دېگەن ئىسمىم دائىم خۇشال–خۇرام كۈلۈپ يۈرسۇن دېگەن مەنىدە، ئەمما مەن ئۆمرۈمدە كۈلمەيلا ئۆتتۈم، ھېلىقى بالايىئاپەتلىك يىللاردا ‹‹قاراڭغۇ بازارچى›› دېيىلىپ دۇمبالاندىم. كېيىن قەددىمىز رۇسلانغاندا بالىلار ئېتىزنى ماڭا تاشلاپ كېتىپ خاپا قىلدى. ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن دېمىدىم، ئەمما ئوقۇشىغا ئايىماي پۇل بەردىم. بىراق بىرەرسى بولسىمۇ ئاگرانوم بولۇپ كەلسۇن دېسەم، كۈتكەن يېرىمدىن چىقمىدى. بەزىدە ‹‹ۋايجانەي، ھەممىسىنىڭ غېمى تۈگىگەندە يەنە نېمىگە خاپا بولاتتىم؟›› دەپمۇ قالىمەن. بىر كۈنى بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھاشىم بوۋاي: — ھەي قېرى، يازدا پەمىدۇردەك قىزىرىپ، قىشتا كۆك تۇرۇپتەك كۆكىرىپ ئىشلەۋېرەمسەن، ئەمدى ئارام ئال،– دەيدۇ. ھاشىمنىڭ بوينىدا يوغان پوقىقى بار ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا: — مەن ئارام ئالسام، ئاۋۇ پوقىقىڭنى نېمىدە تولدۇرىسەن؟– دەپ چاقچاق قىلدىم، ھاشىم كۈلۈپ كەتتى، مەنمۇ كۈلدۈم. — غاڭزاڭنى تارتىپ قاپىقىڭنى تۈرۈپ يۈرسەڭ كۈلۈشنى بىلمەيدىغان قېرى ئوخشايدۇ دېسەم، سەنمۇ كۈلۈشنى بىلىدىكەنسەنغۇ؟ – دېدى ھاشىم يەنە. — بىلمەيتتىم ئەمەس، بىلەتتىم، بىراق كۈلسەممۇ ئاغزىم كۈلكىگە كەلمەيتتى. يېقىندىن بۇيان ئاغزىمنى ئىككى ياققا كېرىپ يۈرۈپ كۈلكىگە كېلىدىغان قىلىۋالدىم... گو چاڭشياۋ مېنى بىردەم ئاشۇنداق گەپلەر بىلەن كۈلدۈردى. مەن ئۇ ئادەمنىڭ كۆكتاتلىقىغا قاراپ ھەۋەس قىلىپ قالدىم ۋە كېيىن مەنمۇ يېرىمنى كېڭەيتمەكچى بولدۇم. شۇ ئويدا يۈرگىنىمدە، قېرىشقاندەك بىر يازلىقى ياغقان مۆلدۈر ھەممە كۆكتاتلىرىمنى ۋەيران قىلىۋەتتى. — قويە بۇنداق ئىشنى!– دېدىم ئەلەمدە. دوكى مانجۇ بىلەن گو – چاڭشياۋ گېپىمگە كۈلۈپ كېتىپ: — ئالقاندەك يەردىكى كۆكتاتلىرىڭغا ۋايجان دېسەڭ، بىزنىڭكىدەك شۇنچە يەرگە نېمە دەيسەن ئەمدى؟! – دەپ روھىمنى كۆتۈردى. شۇ يىلى داداملار ئۆيلەپ قويىمىز دېۋىدى، مەن بار پۇلنى يەرگە دو تىكىۋېتىپ، قۇلاقنى يوپۇرۇپ تۇرۇۋالدىم، ئۇ چاغدا سالامەتكە تېخى ئېغىز ئاچمىغانىدىم، داداملار تاپقان قولۇم قوشنىلارنىڭ قىزلىرىغا كۆڭلۈم چۈشمىدى. بىرسىنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى ئېگىز–پەس، بىرسىنىڭ چاچلىرى سالۋاراق، بەلكىم ماڭا شۇنداق كۆرۈنگەندۇ. تېخى ئۇ قىزلار ‹‹ۋايجانەي، ئۇنىڭ كۆپتۈرگەن پومزەكتەك بۇرنىنى يارىتىپ تېگەي دەپ قويسا، ھەددىدىن ئېشىۋالغىنىنى!›› دەپتىمىش. مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى مەن يەنە ئاز تولا پۇل تېپىپ يەر ئاچقىچە، بۇ دۆڭدە مەرۇپ دورداي پەيدا بولدى. ئۇ ماڭا يانداپ يەر ئاچتى. — ھە مەرۇپ، دېدىم بىر كۈنى،– بىرىمىز كالپۇكىمىزنى، بىرىمىز بۇرنىمىزنى دەپ، ئوتتۇز ياشتىن ئاشقاندىمۇ خوتۇن ئالماي يۈرۈيمىزمۇ؟ — ئالىمىز ئاداش، ئالىمىز. يېرىمىز قوشنا، شۇ كەمگىچە ھېچ ئىشتا سېنىڭ مېنىڭ دېيىشمەي كەلدۇق. ئەمدى شۇ خوتۇنغا كەلگەندە تالىشىپ قالامدۇق قانداق؟ – دېدى ئۇ گېپىمگە جاۋابەن. — بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟– سورىدىم مەن ھەيران بولۇپ،– سەن دورداي سالامەتكە ساقال تاشلاپ يۈرمىگەنسەن؟ — مەنغۇ ئۇنداق قىلمىدىم، بىراق ئۇ قىز ئۆزى مەندىن كۆكتات ئالىدىغان بولۇۋالدى... — ئۇنداق بولسا مەن تەرەپكە قوغلىۋەت. — نېمە دەپ قوغلايمەن؟ ‹‹ھوش – تاخ›› دەپما؟ — سەن ئادەم ئەمەس نېمىكەنسەن!– دېدىم تېرىكىپ. — خاپا بولما، ئاداش، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، سەن سالامەتنى ياخشى كۆرسەڭ، مېنىڭمۇ ياخشى كۆرگىنىم بار. بىر – بىرىمىزگە ئەلچى بولىمىز تېخى!– دېدى ئۇ راست گېپىنى ئېيتىپ. سالامەتنىڭ ئاتا–ئانىسى ‹‹يېرى بارنىڭ جېنى بار›› دەپ سالامەتنى ماڭا بېرىشكە قوشۇلۇپتۇ. ئاڭغىچە پېشانەمگە يەنە ئىككى تال قورۇق چۈشۈپ تۆت بولغان چاغ ئىدى. سالامەتمۇ بۇ قورۇقلارنى ۋە ماۋۇ دۆڭدەك يوغان بۇرنۇمنى ياراتتى. ‹‹توۋا، يەر دېگەن شۇنداق ئۇلۇغ، خاسىيەتلىك بولىدىكەن – دە!؟›› دېدىم خۇشلۇقۇمدا. تويغا دوكىكام كېلەلمىدى، ئۇ ئادەم كېسەلخانىغا كىرىپ قالغانىدى. گوچاڭشياۋ، مۇخەممەر تۇڭگان كەلدى. توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى ماڭا قوش خۇشاللىق كەلدى. بۇنىڭ بىرى كۆكتاتلىرىم ياخشى پۇل بولدى. يەنە بىرى، مەن دادا بولدۇم. سالامەت يەسلىدە ئىشلەيتتى. ئۇ بالىلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بالىلارغا رىشتى چۈشۈپ قالغانمىكىن، تۇنجى تۇغۇتىدىلا قوشكېزەك تۇغدى. ئەمما شۇ قوشكېزەكلەر چوڭ بولغۇچە ماۋۇ ئورۇق يۈزۈمگە ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قورۇقلارنى سېلىۋەتتى. بولمىسا سالامەتمۇ ماڭا ئوخشاشلا جاپا تارتتى. لېكىن يۈزىدە قورۇق يوق، ئۇنىڭ تېرىسى قانداق تېرە، مېنىڭ تېرەم قانداق تېرە دەيمەن، ئازراقلا جاپا تارتسام يۈزۈمدە بىر قورۇق كۆپىيىدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ، يۈزۈم ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك بولۇپ كەتتى... ئەيسا چوڭنىڭ ھېكايىلىرى ئىچىدىن ھېكايە چىقاتتى. بىز پات – پاتلا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پاراڭ تىڭشاپ چىقاتتۇق. ئۇ ھېلىقى كۆكتاتلىقىغا ئۆي سېلىۋالغانىدى. ئۇ دېگەن ھېلىقى دۆڭلۈكمۇ ۋە ئۇنىڭ نېرىسىدىكى كەڭرى كۆكتاتلىقمۇ ئۆي – جايلار سېلىنىپ مەھەللىگە ئايلانغانىدى. بۇ مەھەللىنى ئەيساكام ئەتىگەن – كەچلەردە ئاشۇنداق قىزىق پاراڭلىرى بىلەن ئاۋات قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆپۈشۈپ تۇرىدىغان ئاۋۇ يوغان بۇرنىمۇ بىز ئۈچۈن بىر كۈلكە ئىدى






قايتىش