باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • 27خىل ئۇسۇل ئارقىلىق Cدېسكىنى تېجەش - [كومپىيۇتېر تىخنىكىسى]

    2009年02月16日

    WindowsXPنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېسكا ئىسراپچىلىقى بارغانچە چوڭىيىشقا باشلىدى.سىستېما قاچىلانغان دېسكا رايۇنىدىكى ئەخلەت ھۆججەتلەرنى پات-پات تازىلاپ تۇرمىغاندا سۈرئەت ئاستىلاپ كىتىش،ئوقۇش-يېزىش خاتالىقى كۆرۈلۈش،ئىچكى ساقلىغۇچ يىتىشمەسلىك،دېسكا بوشلۇقى يىتىشمەسلىك ...قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ نورمال مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.تۆۋەندە مەن ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاپ دېسكا بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچىمەن.
    1. «كومپىيۇتېرىم»(
    我的电脑) نى ئىچىپ «قوراللار»(工具) تىزىملىكىدىكى «ھۆججەت قىسقۇچ تاللاش تۈرى »(文件夹选项)دىن «ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسىتىش»(显示所有文件和文件夹
    ) دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا « √ »بەلگىسىنى قويۇپ مۇقۇملاشتۇرۇپ قايتىمىز.
    ئاندىن تۆۋەندىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىمىز.
    xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Cookiesئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    (indexھۆججىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ)
    xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Local Settings\Temp
    ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\ LocalSettings\TemporaryInternet Files
    ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Local Settings\History
    ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Recent
    ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    x:WINDOWSTemp ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    x:WINDOWS\ServicePackFiles ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    2. x:WINDOWS\Driver Cache\i386 ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    x:WINDOWS\SoftwareDistributiondownload ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
    3. ئەگەر سىستېما windoes updade ئارقىلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسا
    x:windows\ $u... بىلەن باشلانغان بارلىق يوشۇرۇن خاسلىقتىكى ھۆججەتلەر
    4. ئاندىن نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان بارلىق پىروگراممىلارنى ئىتىۋىتپ «دېسكا رەتلەش پىروگراممىسى» ئارقىلىق دېسكىنى رەتلەش
    5. دېسكا رەتلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى Ghostئارقىلىق سىستېمىنى زاپاس ساقلىۋىلىش، بولمىغاندا «باشلىنىش»←«پىروگرامما»←«قوشۇمچە ئەزا»←«سىستېما قوراللىرى»←«سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»بۇيرۇقى ئارقىلىق«بىر ئەسلىگە كەلتۈرۈش نوقتىسى قۇرۇش» كىرەك.
    6. «كومپىيۇتېرىم»(
    我的电脑
    ) نى ئىچىپ سىستېما دېسكىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ، «خاسلىق»نى تاللاپ،ئاندىن«دېسكىنى تازىلاش»تۈرى ئىچىدىن«باشقا تۈرلەر»نى تاللاپ سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رامكىسىدىن «تازىلاش»تىن «ھەئە»نى باسىمىز.
    7. ھەر خىل قاتتىق ماتېرىياللارنى تونۇتۇش يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە XPيىڭىلاش ھۆججەتلىرىنى ئانچە ئىشلەتمەيدۇ.شۇڭا «ئىجرا قىلىش(
    运行
    )»رامكىسىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ بۇ پىروگراممىلارنىڭ زاپاس نۇسخىسىنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ. sfc.exe /purgecache
    8. windows\system32\dllcache ئاستىدىكى بارلىق dllھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈۋىتىمىز.بۇ ئارقىلىق 200-300MBئورۇننى تىجەپ قالالايمىز.
    9. XPئادەتتە قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى زاپاس ساقلىۋالىدۇ.قوزغىتىش پىروگراممىلىرى توغرا قاچىلانغان بولسىلا ئادەتتە قاتتىق ماتېرىياللارنى كۆپ ئۆزگەرتمەيمىز،شۇڭا windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى drivercache ئاستىدىكى i386 مۇندەرىجىسىنى ياكى مۇشۇ مۇندەرىجە ئاستىدىكى ئىسمى driver.cab بولغان ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتسەك 80MB ئەتراپىدا بوشلۇق تىجەپ قالالايمىز.
    10. لازىم قىلمايدىغان كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.يەنى windowsمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى ime مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى IMJP8_1 (ياپۇنچە ) ، IMKR6_1 (كورىيانچە )، قاتارلىقلار.بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتسەك 8 MB 8 ئەتراپىدا بوشلۇق تىجەپ قالالايمىز.
    11. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن windows مۇندەرىجىسى ئاستىدا $NtUninstallQ311889$ ئىسىمدىكى مۇندەرىجىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بۇ مۇندەرىجىلەرنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
    12. ئۇنىڭدىن باشقا windowsمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى help مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
    13. WINDOWS\Downloaded Installations ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
    14. «كومپىيۇتېرىم»(
    我的电脑) سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇسنى ئوڭ چېكىپ ،سىستېما خاسلىقى رامكىسىدىن «سىستېمىنى ئەسلگە قايتۇرۇش»دىگەن تۈردىكى «在所有驱动器上关闭系统还原
    » دىگەن تۈرنى تاللاپ بارلىق قوزغاتقۇچلاردىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىتىۋىتىش كىرەك.
    15. «ئۇخلاش(
    休眠)» ھالىتى 200-300MBئورۇننى ئىگەللەيدۇ.شۇڭا بۇئىقتىدارنى چەكلىۋىتىش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن «كونتىرول سۇپىسى»نى ئىچىپ «توك مەنبە تاللاش تۈرى»دىن «ئۇخلاش» تۈرىنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى «ئۇخلاش ھالىتىنى قوزغىتىش(启用休眠
    )»نىڭ ئالدىدىكى «√»بەلگىسىنى ئىلىۋىتىمىز.
    16. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان تەركىپلەرنى (
    组件)ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.«خاتىرە دەپتەر»ئارقىلىق windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى infئاستىدىكى sysoc.inf ھۆججىتىنى ئېچىپ ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ hide دىگەن خەتنىڭ ھەممىسىنى بوشلۇق ھەرپىگە ئالماشتۇرۇپ ساقلاپ چېكىنىپ «كونتىرول تاختىسى»غا كىرىپ «پىروگرامما قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش» نى ئىچىپ قارايدىغان بولساق بەزى يوشۇرۇن خاسلىقتىكى پىروگراممىلار كۆرۈنىدۇ.مەسىلەن:ئېنتېرنىت مۇلازىمىتى،تېلېگرامما مۇلازىمىتى(传真服务
    )، Windows messenger قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 50 MBلىق بوشلۇقنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.
    17. سىستېما ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋىتىش. Windowsمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى temp مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
    18. Internet ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.يەنى ئېنتېرنىت كۆز يۈگۈرتكۈچىسىنى ئېچىپ «قورال»تىزىملىكىدىن« Internet تاللانما تۈرى»دىن «دائىمىي» تۈرىنى تاللاپ بۇنىڭدىكى« Internet ۋاقىتلىق ھۆججىتى »دىكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش » دىگەن تۈرنى چېكىمىز.
    19. ئالدىن ئوقۇش ھۆججىتىنى تازىلىۋىتىش كىرەك. Windows XPنىڭ ئالدىن ئوقۇشنى لايھەلىشى گەرچە سىستېمىنىڭ تىزلىگىنى ئاشۇرسىمۇ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالدىن ئوقۇش ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ھۆججەتلەر بارغانسىرى چوڭىيىپ كىتىدۇ.ھەمدە سىستېمىنىڭ ئىزدەش،ئۇلىنىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىپ مەشغۇلاتقا ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ.بۇ ھۆججەت Windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى Prefetch مۇندەرىجىسى ئاستىدا بولۇپ ،بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
    20. ئەگەر سىستېما قاچىلانغان دېسكا رايۇنى NTFSشەكلىدە فورماتلانغان بولسا،سىستېما دېسكىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ بۇنىڭدىن «خاسلىق»نى تاللاپ بۇنىڭدىكى«دائىمىي» كاتىسىدىكى «دېسكىنى پىرىسلاپ دېسكا بوشلۇقىنى تېجەش»نى تاللاپ «مۇقۇملاشتۇرۇش» كونۇپكىسىنى چېكىپ دېسكىنى پىرىسلاش كىرەك.بۇنداق بولغاندا %20 دېسكا بوشلۇقى تېجىلىدۇ.
    21. «ئىجرا قىلىش»كۆزنىكىگە «regedit»نى كىرگۈزۈپ تىزىملاش جەدۋىلىنى ئېچىپ HKEY_LOCAL_MACHINESOFTWARE MicrosoftWindowsNTCurrentVersionAeDebug نى ئېچىپ ئوڭ تەرەپتىكى Autoدىگەن تۈرنى قوش چېكىپ ئېچىپ ئۇنىڭ قىممىتىنى 0گە ئۆزگەرتىپ ئەڭ ئاخىرىدا F5كونۇپكىسىنى بىسىپ چوتكىلىۋەتسەكلا سىستېما دوختۇرى Dr.Watson ئىجرا بولۇشتىن توختايدۇ.ھەمدە نەچچە ئون مىگابايت ئورۇن تىجىلىپ قالىدۇ.
    22. «كومپىيۇتېرىم» سىنبەلگىسىنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چېكىپ «خاسلىق »رامكىسى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن «
    远程桌面»نى تاللاپ بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئىشلەتكۈچى كومپىيۇتېرغا يىراق مۇساپىلىق ئۇلىنىش(允许用户远程连接到这台计算机
    ) »نىڭ ئالدىدىكى «√»بەلگىسىنى ئېلىۋىتىمىز.
    23. خاتالىقنى دوكلات قىلىش ئىقتىدارىنى ئېتىۋىتىش كىرەك.چۈنكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ ئىقتىدارنىڭ ئەھمىيتى يوق.بۇنىڭ ئۈچۈن «كومپىيۇتېرىم» سىنبەلگىسىنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چېكىپ «خاسلىق »رامكىسى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن«يۇقىرى دەرىجە(
    高级)»نى تاللاپ،بۇ تۈر ئىچىدىن «خاتالىقنى دوكلات قىلىش(错误报告
    )»نى چېكىپ بۇ تۈر ئىچىدىكى «خاتالىقنى دوكلات قىلىشنى چەكلەش»دىگەن تۈرنى تاللاپ مۇقۇملاشتۇرۇپ قايتىمىز.
    24. ئىشلەتمەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېتىۋىتىش كىرەك.يەنى «كومپىيۇتېرىم» سىنبەلگىسىنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چېكىپ «خاسلىق »رامكىسى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن«قاتتىق ماتېرىيال»نى تاللاپ بۇنىڭدىكى«ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچ» تۈرىنى ئېچىپ،نۆۋەتتە لازىم قىلمايدىغان ئۈسكۈنىلەر مەسىەن: مودېم،PCكارتىسى،ئېنفىرا قىزىل نۇر ئۈسكۈنىسى،پىرىنتېر ئۇلاش ئېغىزى...قاتارلىقلارنى چەكلىۋىتىش كىرەك.(ئەلۋەتتە لازىم بولغان چاغدا قوزغىتىپ قويساق بولىدۇ)
    25. لازىم قىلمايدىغان پىروگراممىلارنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
    26. مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ ھۆججىتى (pagefile.sys)نى باشقا دېسكا رايۇنىغا يۆتكىۋىتىش كىرەك.
    27. ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىياللارنى باشقا دېسكا رايۇنىغا قاچىلاش كىرەك.
    ئەسكەرتىش: بەزى قوش چېكىتلەر چىراي ئىپادىلىرىگە ئايلىنىپ چىقىپ قاپتۇ،تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن،چىراي ئىپادىلىرى كۆرۈنگەن يەر قوش چېكىتنى ئىپادىلەيدۇ.

     





    评论

  • ئەمدى بوپتۇ .
  • مەن يانا كەلدىم ،خەتنىڭ چوڭلىقى بوپتۇ ،لىكىن ماۋۇ سېرىق رەڭ كۆزنى بەك چاقىدىكەن .
    سېرىق نۇر بەك كۈچلۈككەن .يانا بىر ئالماشتۇرۇب بېقىڭە .
    entizar回复چەكمەن说:
    بەزى يەرلەرنى تىخى مۇقىملاشتۇرۇپ بولالمىغاچقا رەڭلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدىكەن. بەت شەكلى ۋە ئارقا رەڭ قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرىۋالسام ياخشى بولاتتى.
    پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
    2009-03-16 19:09:58
  • خەت شەكلى بەك كىچىككەن ،كۆزنى كىرەكتىن چىقارغۇدەك .
    entizar回复چەكمەن说:
    كەچۈرۈڭ، بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن، دىگىنىڭىزگە ئاساسەن خەت نۇمۇرىنى چوڭايتىۋىتەي!
    2009-03-13 16:10:33


قايتىش