باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • ساراڭنىڭ خاتىرىسى ئاخىرى2 - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2010年04月14日


    بۇ ئىشنى بايقاپلا مايسىخانغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن ھېسابلىشىپ قويايمۇ دېگەن،لېكىن، ‹‹خاتا قارار تۈپەيلىدىن بولغان زىيان›› بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قىزنىمۇ ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدىم،سۈرۈشتە قىلمىدىميۇ لېكىن كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم،توۋا ،بۇ قىز خېلى چىلرايلىق تۇرۇپ نېمانداق بۇنداق كەسىپ قىلىدىغاندۇ؟ يەنە تېخى كەسىپ ئۈستىدە كەسىپ باركەن،مۇشۇنداق تاپقان پۇلىنىڭ بەرىكىتى بولارمۇ؟

    ماشىنىغا پىلاستىنكىنى سېلىپ قويۇپ ئاۋازىنى كۈچەيتىپ قويدۇم،چۈنكى بۇنداق قىلسا ئادەم خىياللار قاتلىمىدىن چىقىپ كېتەلەيدۇ،نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ھازىر پۇلنى يوقىتىپ قويغۇچى،بۇ خىل ھېسسىياتنى دەرھال يوقىتىش كېرەك،ناخشا توۋلاشنى يەنە باشلىدىم.

    ‹‹ۋاي بادى دەيدۇ،ياندى دەيدۇ،

    مېنىڭ يارىمنى ،مېنىڭ يارىمنى...

    ۋاي ئېگىز داۋان ئاشتى دەيدۇ ،

    بويى تالىمنى،ئۆرگىلەي بويى تالىمنى...

    نېمىلا دېگەن بىلەن خەلق ئاھاڭلىرى ۋە مۇقاملارغا يېتىدىغان ناخشىلار يوقتە،ھازىرقى بەزى ناخشىلارغا ‹‹ناخشا››دېگەن ئىسىم ئارتۇقچە كېتىپ قېلىۋاتىدۇ،بىر كۈنى بىر ئاشخانىدا بىر كىشىنىڭ مۇشۇ توغرىلىق كايىپ كېتىشىمۇ بىكار ئەمەس.‹‹ئىككىمىز تۇنۇشقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،گەپ سۆزىمىز يامان ئەمەس،ياخشى بولدى،  مۇشۇمۇ ناخشا تېكىستىمۇ؟بۇ ئادەتتىكى پاراڭغۇ بۇ ،ئىككى ئادەم مۇشۇنداق ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ دېيىشىدىغان گەپ ئۇ،ناخشا تېكىستىنى يازغان ئادەممۇ نومۇس قىلماي  ئاۋازى شۇنداق ساز ناخشىچىغا مۇشۇنداق تېكىستنى يېزىپ بەرگىنىنى قارا››راسلا ،بەزى ناخشىلىرىمىز شۇنداق ،بىر قېتىملا ئاڭلايمىز، ئاڭلىغانغا پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىدىغان گەپ،يەنە بەزى ناخشىچىلىرىمىز تېكىستى ۋە مۇزىكىسى مېنىڭ دەپ چىقىرىۋالغان ناخشىنىڭ باشقا تىلدىكى ،تۈرۈكچىسى بۇلامدۇ ياكى ئۆزبىكچىسى بۇلامدۇ ،بىر دەمدىلا قۇلاققا كىرىپ قالىدۇ،يا بۇنداق ناخشىچىلىمىزنىڭ ناخشىسى بەك ئىلغار بولغاچقا بىر دەمدىلا چەتكە چىقىپ چەتتىكىلەر دوراپ ئېيتىۋالامدۇ،تازا ئېنىق بىلىپ كەتمىدىم.

    ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۆيۈمنى بىر تازىلىدىم،بۇرۇن نۇرگۈل بىلەن يۈرگەن ۋاقتىمدا بۇ ئۆينى ئۇنچە بەك تازىلاپ كەتمەيتتىم،چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇ بۇ ئۆيگە كەلگىلى پەقەت ئۇنىمايتتى ،پەقەت بىر قانچە قېتىم بىرقانچە دوستلار بىلەن ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرغاندا ئۇمۇ كېلىپ چېۋەر ،چاققان قوللىرى بىلەن مېزىلىك سەيلەردىن بىر قانچە خىل قورۇپ ئەچىقىپ بەرگەنتى، ئىككىنچىدىن ئىشتىن چۈشسەملا نۇرگۈل بىلەن ئايلىنىپ ئۆينى تازىلىغۇدەك ۋاقتىممۇ چىقمايتتى،مانا ھازىر تەنھالىقنىڭ پايدىسى كۆرۈلۈپ،ئۆيلەر پاكىزە،يەنە تېخى گۈللەر ئېچىلىپ كېتىپتۇ،ئۇندىن باشقا يەنە بىر قانچە بوتۇلكا رەڭگارەڭ چەتئەل ھارىقى تىزىپ قويۇلغان،مۇزىكا قويغۇچنى باسسام ئۆينىڭ ئىككى تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان تۆۋەن ئاۋازلىق ياڭراتقۇدىن سېتروئولۇق سېزىمدا مۇزىكا ياڭرايدۇ.يالغۇزلۇققا ۋايسىمايلى جامائەت ،مانا يالغۇنلۇقتىن ھوزۇرلۇناي دېسەڭ،قانچىلىك ھوزۇرلانغۇڭ كەلسە شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىسەن.

    ئەمما مەن بىر ئادەم بۇنداق چوڭ ئۆيدە تۇرىۋالغىنىممۇ تازا مۇۋاپىق بولمىدىمۇ نېمە...توغرا ،ئۆزۈم بىر ئېغىزنىلا ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ئىجارە بېرىۋىتەيچۇ،ياخشى ئۈلپەت بولالايدىغاندىن بىرەرسى كېلىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئىككى دانە ئالىي مەكتەپ بار،باھاسىمۇ چوقۇم ياخشى بولالايدۇ.

    ‹‹ ئالامەت ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ:مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا ئىككى ئېغىز ئۆي بار بولۇپ،ئىككىنچى قەۋەتتە،ئاددىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق،مۇھىتى تىنچ،تاماق ئېتىشكە، يۇيۇنۇشقا ،تورغا چىقىشقا بولىدۇ،توك،تور ،سۇ پۇللىرى ئىجارە ھەققى ئىچىدە بولىدۇ،ئىجارە ھەققى ھەر ئايدا 450يۈەن خەلق پۇلى.ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 13804144564

    بۇ ئېلاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆپەيتىپ مەكتەپلەرگە بىر پارچىدىن ،قالغىنىنى يول ئېغىزىغا چاپلىۋەتتىم.ئۇ كۈنى بىر كۈن تېلىفۇنغا بىر قانچە تېلىفۇن كەلگەنبولسىمۇ ئەمما باھا تالىشىپ بېقىپ يەنە كەلمىگەنىدى،بوپتۇلا،ئىجارىگە ئالسا ئالار ،بولمىسا بۇرۇنقىدەك يالغۇز ئولتۇرىۋىرەرمەن،جىندىن قورقمىغاندىكىن مەنمۇ....ئۆزۈمگە شۇنداق تەسەللىي بېرىپ ئۇيقۇغا كەتتىم...

    -تىڭ-توڭ...تىڭ-توڭ...تىڭ توڭ...

    كىمدۇ بۇ ئەتىگەندە كەيپىمنى قاچۇرۇپ قوڭغۇراقنى بېسىۋاتقان...ۋاي مانا...كۆزۈمنى ئېچىپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم،ئەمما بىردەمدىلا يەنە يېپىۋەتتىم،چۈنكى ئىشىك ئالدىدا بىر قىز تۇراتتى،قىز بالىدىن قورقۇپ يېپىۋەتكىنىم يوق،ئەمما مەن شۇ بىر تال ئىچ كىيىم بىلەنلا ئىدىم.دەرھاللا كىيىملەرنى كىيىپ ئىشىكنى قايتا ئاچتىم.

    -سىز رازاقجان ئەپەندىم بولامسىز؟

    -ھە...ھەئە...مەن شۇ مەن شۇ.

    -مەن تۈنۈگۈن تېلىفۇن ئۇرغانىدىم،بۈگۈن كېلىپ كۆرۈپ باقاي دەپ...

    -ھە...ھە..مۇنداق دەڭ،،،ئەمسە....ئەمسە قېنى كىرىڭ....مانا مۇشۇ ئىككى ئېغىز ..خالىغانچە تاللايسىز،باھاسى ئوخشاش...

    قىز تولىمۇ نازاكەتلىك قىز ئىدى، ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بايا شۇنداق چىقىپ قالغىنىمدىن خىجىل بولدۇممۇ بىلمىدىم ،گەپ سۆزلىرىم تازا قاملىشالمايۋاتاتتى.

    -ئۇزۇنراق ئىجارىگە ئالسام ئەرزانراق بىرەرسىز؟

    -قانچىلىك تۇرىسىز؟

    -ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي،بولمىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق...400يۈەندىن بېرىڭ...قىز بالىلارغا ئېتىۋار باردۇ؟

    - قىز بالىلارغىغۇ...ئېتىۋار يوق ئىدى...لېكىن...ھە.. بولىدۇ...400يۈەندىن بولسا 400يۈن بولسۇن....

    مانا،بىر دەمدىلا ماقۇل دەپ قويۇپ ئولتۇردۇمدە،‹‹ساھىبجامال قىلتىقى››غا چۈشمەيدىغان قانچە ئەر بار جاھاندا....

    -سىز ئوقۇغىچىمۇ يە؟  مەن ئۇ قىزدىن سورىدىم،نېمىلا بولمىسۇن خەقنىڭ ئالدىدا  باغلاپ قويغان كالىدەك گەپ قىلماي تۇرۇشنىڭ ئورنى يوقتە.

    -ھەئە ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىق ئىنتاھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، بۇ ئۆيدە پەقەت سىز يالغۇز تۇرامسىز؟

    -شۇنداق ،مەن يالغۇزتۇرۇۋاتىمەن.

    -ھە...مۇنداق دەڭ،سىزنىڭ...دوستلىرىڭىز بىلەن سورۇن قۇرۇپ دېگەندەك...دېمەكچى بولغىنىم ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان...يەنە بىخەتەرلىك مەسىلىسى دېگەندەكلەر...

    ئېھتىمال ئۆيدىكى ھاراق پۇرىقىنى سېزىپ قالدى بولغاي،بۇنداق چىرايلىق بۇرۇنغۇ ئۇنچىلىك نەرسىنى پۇرالمىسىمۇ بىكار كەتكەن بولىدۇ.

    -سىز بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ،مەن ئادەتتە ئىچسەممۇ يالغۇز ئىچىمەن.بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىنمۇ ئارتۇقچە ئەنسەرىمەڭ،سىز ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن تۇرىدىغانسىز؟

    -ئوغۇل دوستۇم ئىچكىرىدە ئوقۇيدۇ،ئۆزۈم يالغۇز تۇرىمەن.

    -يالغۇر تۇرسىڭىزمۇ خاتىرجەم تۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ،بۇ يەرنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى ياخشى.

    -ئەمسە مەن چۈشتىن كېيىنلا كۆچۈپ كىرىمەن،چۈشتىن كېيىن سىز ئۆيىڭىزدە بارمۇ؟

    -ئېم....سائەت ئۈچكىچە بار.

    -ماقۇل ئەمسە،مەن پۇلنىمۇ چۈشتىن كېيىن بىللە ھېسابلىشايلى.

    -بولىدۇ،خوش ئەمسە،ھە راس ئىسمىڭىز نىمىتى؟

    -زۇلخۇمار.

    مۇشۇنچىلىك پاراڭلىشىپ بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىشى پۈتكەن بولدى، مانا بىر ئالىي مەلۇماتلىق قىز كېلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى، ھەي...ئۇمۇ يالغۇز تۇرىدۇ،مەنمۇ يالغۇز تۇرىمەن،كۈنلەرنىڭ بىرىدە...مۇشۇ قىز بىلەن يۈرۈپ قالامدىم تېخى،زۇلخۇمار دېگەن بۇ ئىسىمغا مەن بەكمۇ ئامراق ،مېنىڭ ھاياتىمدا قول قويىدىغان قىز بالا دوستۇم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدېشىم ۋە يېقىن دوستۇم . زۇلخۇمار ئىدى.ئۆينى ئىجارىگە بېرىش ھەجەپ بۇرۇن ئېسىمگە كەلمەپتۇ دىسە،پايدا بولدى دېگەن  مۇشۇ.لېكىن...مەنغۇ قىز بالىنى كۆرۈپ ھەققانىيەتنى ئۇنتۇيدىغان ئادەم ئەمەس،لېكىن قىز بالىنى كۆرۈپ پايدىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان قالمايدىغىنىمنى بىر نىمە دېمەك قىيىن...بۇ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى بۇ يەردە ئەمەسكەن،قىز بالا دېگەن ھەرگىزمۇ يىراقتىكى مۇھەببەتكە چىدىمايدۇ،بۇ يېرى ئوغۇل بالا بىلەن بەكلا چوڭ پەرقلىنىدۇ،قىز بالىنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قىزغىنلىقى كۆپ قىسىم ئەھۋالدا پەقەت ۋاقىتلىقلا...نۇرگۈل بىلەن مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان مەزگىللىرىمىزدە ئايرىم  ئىككى ئۆلكىدە ئىدۇق. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا بىردەم ئىللىق بىردەم سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ يۈرگەنتى...نۇرگۈل،ھەي نۇرگۈل،مەن مۇنۇ كۆچۈپ كىرمەكچى بولغان قىز بالىنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتسام ساڭا نىمە بار خىيالىمغا كىرىۋىلىپ...تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپ قالدىم،بەزىلەر ئوغۇللارنى ‹‹يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇيدىغان ››دېيىشىدىكەن،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن،ئەكسىچە يېڭىسىنى كۆرسە چوقۇم كونىسىنى ئەسلەيدىكەنمىز.

    شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىن ئۇ قىز كۆچۈپ كەلدى، ھېساباتلارنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن  ئۇ قىز ئۆيىگە كىرىپ ئوغۇل دوستىغا تېلىفۇن ئۇردى بولغاي، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا ئۇلار تولىمۇ بەختلىك،ئامراق ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.بولدىلا،ساراڭدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەي، بۇ قىزغۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن چىدىماي يەنە جېدەل قىلىپ ئايرىلىپ كېتەر،ئەمما ئۇ تەرەپتىكى ئوغۇل بالا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا مەن بۇ قىزنى ئازدۇرۇپ كەتسەم ئۇ ئوغۇلغا بەكلا ئۇۋال بوپ كەتكۈدەك...ئايرىلىش ئازابىنى مەنمۇ كۆرگەن ئادەم ،ئۇ قىزغا ۋاپا،ئوغۇلغا بەخت تىلەي.

    ماشىنامغا چىقىپ شىركەتكە قاراپ ماڭدىم،ئاڭلىسام شىركەتكە كەلگەن بىر خېرىدار مېنى مەخسۇس ئىزدەپتۇدەك.

    شىركەتكە بېرىپ قارىدىم،قارىسام خېرىدار يوق،ئەمما ماڭا خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ‹‹مەن،ۋاڭ**بولىمەن ، **گورۇھىنىڭ دېرىكتورى،ماڭا تېلىفۇن قىلسىڭىز. تېلىاۇن نۇمۇرۇم:4564923›› بۇ خەتنى كۆرۈپ سەل تەئەججۈپلەندىم،ئۇ ئادەمگە تېلىفۇن ئۇردۇم،ئۇ مەلۇم بىر خوگو دۇكىنىنىڭ دېرىكتورى ئىكەن،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ دۇكىنى شەھەردىكى مەلۇم داڭلىق خوگو دۇكىنى ئىكەن ،بىر كۈنى بىر خۇيزۇ ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ خوگو يەۋىتىپ ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى كالا گۆشىنى چوشقا گۆشى دەپ گۇمانلىنىپ تەكشۈرتمەكچى بولغاندا ئۇلارنىڭ دۇكىنى قارشى چىقىپ ئۇ خۇيزۇنى ئۇرۇپتۇ، نەق مەيداندا بىزنىڭ سىركەتتە ئىشلەيدىغان ياڭ ئادۋوكاتمۇ بار ئىكەنتۇق. ئۇ خۇيزۇ گۇۋاھچىنى ئىزدەش ۋە ئەرز قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ شىركەتتىكى ياڭ ئادۋوكاتنى ئىزدەپ كەلگەنىكەن،ھازىر ياڭ ئادۋوكات ئۇ خۇيزۇنىڭ ئادۋوكاتى بولۇپ تۇرۇپتۇ،بىر ئايدىن كېيىن مۇشۇ ئىش توغرىلىق يېپىق سوت ئېچىلىدىكەن،ئۇ دېرىكتورنىڭ مېنى ئىزدىشىدىكى مەقسىتى مەن ئارقىلىق ياڭ ئادۋوكاتنى سېتىۋالماقچى ئىكەن،ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىشقا قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ زەنجىرسىمان دوكىنىنىڭ ئابرويى تۆكۈلمىسە بولىدىكەن.ھە ،مەن ئويلىنىپ باقاي دەپ تېلىفۇننى قويۇۋەتتىم، جەمىيتىمىز نىمە بوپ كېتىېۋاتىكىن تاڭ ،مۇنداق ئىشلارمۇ باركەن تېخى،ھەممىمىزگكش يېگەندە تازا دىققەت قىلساق بولغۇدەك،كېيىن ئۇ ئادەم تېلىفۇن ئۇرسا ئالمىدىم، قىسقىسى بۇنداق ئىشقا ئارىلاشقۇم كەلمىدى،چۈنكى بۇ خەقنىڭ تىجارەت ئابرويىنى دەپ پۇل ئالساق بىزنىڭ تىجارەت ئابرويىمىز ئۈچۈن بىز نىڭ شىركەتنىڭ ئابرويى ئۈچۈن بىز كىمگگىمۇ پۇل بىرەرمىز؟ پۇلغىغۇ مەن تولىمۇ ئامراق ،ئەمما شۇ  پۇلنى تېپىپ بېرىۋاتقان خىزمەتچىلىرىم ۋە شىركىتىمگە تېخىمۇ ئامراق.

    ئۆيگە قايتىم ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچىلا مېزىلىك پۇراق بۇرنۇمغا ئېتىلىپلا كەلدى،قارىسام زۇلخۇمار تاماق ئېتىۋىتىپتۇ،ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈمسىرەپ باش ئارقىلىق يېنىك سالاملىشىپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،ھەي...قىز بالا بار ئۆي دېگەن يەنىلا  باشقىچە بولىدىكەن جۇمۇ....

    بىر دەمدىن كېيىن ئىشىك چىكىلدى،قارىسام زۇلخۇمار ئىكەن،بىر تەخسىدە قاراشتىنلا يېيىشلىك ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان لەغمەن ئېلىپ كەپتۇ

    -ھە ،قوشنام ،بۈگۈن سىزنىڭ گاز ئوچاقنى ئىشلىتىپ تاماق ئېتىپ قويدۇم،خاپومايدىغانسىز ھە؟

    بۇ قىزنىڭ تەلەپپۇزى جەنۇبنىڭ تەلەپپۇزى ئىكەنغۇ،ئەتىگەن بايقىماپتىمەن .

    -ۋاي ياقەي شۇ يەردە تۇرسىمۇ بىكار تۇراتتى،بۇندىن كېيىنمۇ ئىشلىتىۋىرىڭ.

    -قارىساممۇغۇ ئاشخانىڭىزغا بۇ يېقىنلاردا ئادەم يېقىن كەلگەندەك ئەمەس،قېنى تاماقنى ئىسسىقىدا تېتىپ بېقىڭ.

    -بۇ...بۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ...

    -بۇنداق تۈزۈت قىلىپ يۈرمەڭ ئەمدى،بىزنىڭ ئۇ تەرەپتە بۇنچىلىك ئىشلارغا تۈزۈت قىلىشسا يات كۆرگەنلىك بولىدۇ ماخما...ئېلىڭە...

    -سىز قەيەردىن؟

    -مەن خوتەندىن ئەينا.ئەينا دەپ قوياي...

    ئۇقىز ۋىلىقلاپ كۈلۈپ قويۇپ تاماقنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى.تاماقنى تولىمۇ ئوخشىتىپ ئەتكەنىدى،بۇ قىزنىڭ بۇنداق مېھماندوست، بۇنداق نازاكەتلىك بولۇشى،تاماقنى بۇنداق ئوخشىتىپ ئېتىشلىرى بىكار ئەمەسكەن،خوتەنلىك قىزكەن ئەمەسمۇ، خوتەنلىك قىزلارغۇ ئەزەلدىن چىرايلىق،‹‹ئۇز››دېگەن نام مۇشۇلارغىلا مەنسۇپ بوپ كەتسە بولىدۇ،بىر قاچا تاماققا سېتىلغىنىم ئەمەس،راستىنى دېگەندە گىرىم قىلمىغان ھالەتتە بىر خوتەنىلىك قىز بالا بىلەن باشقا بىر قىزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويدا پەرق مانا مەن دەپ چىقىدۇ،ئۇ يەرلىك قىزلارنىڭ دىنى چىڭ،ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ تولىمۇ پىشقان كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىدىكى دىنىي ئەخلاق ئۇلارنى ئەشۇنداق ئەخلاقلىق،مېھماندوست،ئاقكۆڭۈل قىلىپ تاۋلىۋەتكەن.

    بىر دەمدىلا بۇنداق ئوخشىغان تاماقنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ تەخسىنى ئەچىقىپ بېرىشكە ئاشخانىغا چىقتىم.قارىسام ئۇ يوق،ئاندىن بېرىپ ئىشىكىنى چەكتىم،ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ قولۇمغا قاراپلا مەقسىتىمنى چۈشەندىم،مەنمۇ ئۇنىڭ قولىغا قاراپ مېنىڭمۇ تازا ياخشى ئەمەس ۋاقتىدا كېلىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم،چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا ‹‹قانۇنچىلىق ئىلمى››ئىسىملىك بىر كىتاپ تۇراتتى.

    ‹‹قانۇنچىلىق ئىلمى››؟

    -ھەي،سىز قانۇندا ئوقۇمسىز؟

    -ھە...ھەئە...قاندىغا....بىرەر مەسىلە يوقتۇ...؟

    -ھە، ياقەي،مەنمۇ شۇ كەسىپتە ئوقۇغانتىم،شۇڭا سوراۋاتىمەن.

    -ھە،كەسىپداش بوپ قالغۇدەكمىز ئەمسى...تەخسىنى ئاشخانىغا قويۇپ قويۇڭ،مەن بىردەمدىن كېيىن يۇيۇۋىتىمەن.

    ئۇ قىز بۇ يەردە تۇرۇپ كۆپ پاراڭلىشىشىنى تازا ئەپسىز كۆردى بولغاي،شۇنداق دەپلا دېئالوگنى ئاخخرلاشتۇرۇپ قويدى.مەنمۇ دەرھاللا ئاشخانىغا قايتتىم،تەخسىنى شۇ يەرگە شۇ پېتى قويۇپ قويسام تازا سەت بولغۇدەك،قاچىنى يۇيۇپ ئاشخانىغا قويۇپ قويۇپ ئۆيۈمگە قايتتىم.

    بۇ قىز قانۇندا ئوقۇيدىكەندە...تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى ئىنتاھانى تۈگىگەندە بۇ قىزنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسەك شىركەتكە چوقۇم پايدىسى تېگىدۇ.

    ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى، بۇ قىز يەنە ئۆز ئۆگىنىشى بىلەن ئالدىراش،مەن بولسام ئۆز خىزمىتىم بىلەن،ئۆي ئىجارىگە ئالىدىغانلارغا ئۆي تۈگىدى دەپلا قويۇۋاتىمەن،نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەردە بىر سىتۇدېنت قىز ئۆگىنىش قىلىپ ئاۋارە بوپ يۈرىيدۇ، ئۇ كېيىنچە مېنىڭ شىركىتىمنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولىدىغان ئادەم.ئەگەر يەنە بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە بەرسەم ئىجارىگە ئالىدىغان كىشىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىر نېمە دېمەك قىيىن. ،بىر ئايدا تۆت بەش يۈز يۈەندىن كېچىپ ئۆز مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى بولغان بۇ قىزغا تىنچراق مۇھىت يارىتىپ بەرسەم،ئۇندىن باشقا بۇنداق ياخشى قىز بىلەن ئۆزۈملا قوشنا بولۇپ ئولتۇرىۋالسام ئۆزۈمگىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ... ئازراقلا پۇلغۇ شۇ، ھازىرقى زاماندا پۇل دېگەننى تاپماق تەس ئەمەس،لېكىن بۇنداق ئۆگىنىشكە ياخشى بېرىلگەن،ئەخلاقلىق قىزلارنى تاپماق تەس.

    بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۇل ماڭا ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى.شىركەتتە ئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشتا چوڭراق بولغان بىر ئاكاش بار ئىدى، بۇ ئاكاش شىركىتىمىزدىكى ياشتا ئەڭ چوڭ،كەسىپتە ئەڭ پىشقان،تەجرىبىسى ئەڭ مول ئادەم ئىدى،شىركەتكە ئادەم قۇبۇل قىلغان شۇ كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېسىمدە.خېلى كۆپ كىشىلەر بىر سەپ بولۇپ نۆۋەت بويىچە ئۆزلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى،مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بىر بىرلەپ ئىشخانامغا كىرىپ يۈز تۇرانە ئىنتاھان بېرىۋاتاتتى.

    -يې ئاكا، كۆرمىدىڭمۇ قۇبۇل قىلىش شەرتىگە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ دېگىنىنى،بىر مۇنچە ياشقا كىرىپ قاپسەن،ئۆزۈڭنىڭ بالىلىرىدەك بالىلار بىلەن تاماق قاچىسى تالاشماي بۇرۇن قەيەردە ئىشلىگەن بولساڭ شۇ يەردە ئىشلەۋەرسەڭ بولمامدۇ؟

    تۇيۇقسىزلا ئىشىك سىرتىدا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگەن بۇ ئاۋاز قۇلىقمغا كىرىپ قالدى.دىققىتىمنى سىرتقا يىغدىم.

    -ھە،شۇ ئۇكام،مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا.مەنمۇ  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ، لېكىن مېنىڭ ئۈستۈمدە چوڭلار،تۆۋىنىمدە بالا چاقىلار بار،شۇڭا قەيەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولسا شۇ يەردىن خىزمەت تاپمىسام بولمايدۇ ئۇكام.سىز تېخى كىچىك بولغاندىكىن بالىلىرىڭىز يوقتۇ؟ ئويناپ يۈرۈپ ئالدىرىماي تاپسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ...

    بىر دەمدىن كېيىن ئۇكىشىگە نۆۋەت كەلدى،قارىسام ئوتتۇزبەش ياش ئەتراپىدىكى ئادەم ئىدى،سورىغان ھەر بىر سوئالىمغا تولىمۇ ئورۇنلۇق جاۋاب بېرىپ ئولتۇرغانىدى.

    ئاخىرىدا بولسا،ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىركەتتىكى بىرەر خىزمەتداش ياردىمىڭىزگە موھتاج بوپ قالسا سىز قانچىلىك بەدەل بېرەلەيسىز دەپ سورىغاندا‹‹بەدەل بېرەلمىگەنگە قەدەر بەدەل بېرەلەيمەن›› دەپ تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك جاۋاب بەرگەن.كېيىن شىركەتتىمۇ ناھايىتى تىرىشىپ ،ھەممە خىزمەتداشلار بىلەن ئوبدان ئىتتىپاقلىشىپ،ياردەم قىلالايدىغانلا يېرى بولسا ياردەم قىلىپ ئۆتكەنىدى.

    مانا ئەمدى شۇ ئاكىمىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى بايقىلىپتۇ،ئۇنىڭغا جىددىي ھالدا يۇقىرى سوممىدىكى پۇل كېرەك بوپ قاپتۇ،ئۆزى بولسا ئەينى ۋاقىتتا دېگىنىدەك،ئىككى بالىسى ئوقۇۋاتقان،ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنى يوق ھالەتتە تۇرمۇشى ناھايىتى ئادەتتىكىچە ئىدى.ئۆزىنىڭ ئۇنداق جىق پۇل چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى،بىز شىركەتتىن ئىئانە توپلاپ باقتۇق،خېلى كۆپتىن پۇل چىقىرىشىپ باقتۇق،تورلارغا مۇراجىئەتنامە يېزىپ باقتۇق،توردا گەرچە مەن ياردەم قىلاي دېگەندەك ئىنكاسلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە پۇل ئەۋەتكىنلىرى يەنىلا ئاز ئىدى،يەنە تېخى بۇ راست ئەمەس بولىشى مۇمكىن دېگەندەك ئىنكاسلارمۇ بار ئىدى،شۇنداق بۇ يالغان،سەندەكلەرگە بىر ئېشەك ئىنەكتىن بىرنى تۇغۇپتۇ دېسە ئىشىنىشىسەن. دېگۈم كەلدىيۇ ئەمما يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم،نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر بىز موھتاجمەن سۈپىتىدە تۇرىۋاتىمىزئەمەسمۇ.

    شۇنداق قىلىپ ئىككى ھەپتىدە توپلاپ يۈرۈپ خېلى كۆپ پۇل يېغىلدى،ھەتتا زۇلخۇمارمۇ بۇنى ئاڭلاپ ئۆزى ئوغۇل دوستىنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن توپلاپ قويغان يەتتە يۈز يۈەننىمۇ ئىئانە قىلدى.ئەمما يەنە نەچچە ئونمىڭ يۈەن كەم تۇرۇۋاتاتتى.ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم.

    -ۋەي،ياخشىمۇسىز؟

    -ياخشىمۇسىز،مەن راززاق دېرىكتور.

    -ھە،سىزمىتىڭىز،تېلىفۇنىڭىزنى كۆپ ساقلاپ كەتتىم،يېقىندا بۇ ئىشتىن ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ خەۋەر تېپىپتۇ،ياردەم قىلمىسىڭىز شىنجاڭدىكى 24دانە تارماق دوكاننىڭ تىجارىتى پۈتۈن تۈگەشكىنى شۇ.ئامال قىلىپ ياڭ ئادۋوكاتنى سوتقا چىقارمىساق بولاتتى.

    -بوپتۇ،ئۇنداقتا سوراپ باقاي،سىزگە ئەللىك مىڭ يۈن لازىممۇ ياكى ئاشۇنداق كۆپ تارماق دۇكانلارنىڭ ياخشى تىجارىتىمۇ؟

    شۇنداق قىلىپ پۇلنى ئۇ تەرەپتىن ئالغان بولدۇق،ياڭ ئادۋوكات بىلەن مەسلىھەتلىشىپ سوت مەزگىلىدە ياڭ ئادۋوكات ۋاقىتلىق يۇرتىغا مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىش باھانىسى بىلەن قايتىپ تۇردى، سوتتا بولسا ئىككىلا تەرەپ رازى بولۇشۇپ قايتىشىپتۇ.ئەمما بۇ قېتىم پۇل ماڭا ئۆزىنى راستىنلا كۆرسىتىپ قويدى.

    بۇ قېتىم زۇلخۇمارنىڭ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرەلىگىنىگە قاراپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.

    ئۇ كەچلەردە ئوغۇل دوستىغا تېلىفۇن ئۇرغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئۆگىنىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى،سىرتلارغىمۇ ناھايىتى ئاز چىقاتتى،ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ئىشىكىمنى چەككەندە ماڭا ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ قېشىغا بېرىپ كەلمەكچى بولغىنىنى،ئۆينى ماڭا تاپشۇرغىنىنى ئېيتتى.

    -قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ كېلىسىز؟

    -بەلكى بەكمۇ ئۇزۇن تۇرماسلىقىم مۇمكىن،بۇ يېقىندا ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بارغانسىرى سوۋۇپ قېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قېشىغا بېرىشىمنى بەكلا تەلەپ قىلىپ كەتتى،بىر ھەپتىلەرگىچە قايتىپ كېلەرمەن.ئۇنغىچە ئۆيلەر يەنە سىزگە قالدى ئەمسە.

    -ھە،سىز خاتىرجەم بېرىۋىرىڭ ،بەختلىك بولۇڭ.

    شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى،ئۇنى پەقەت ئىشىك ئالدىغىلا ئۇزۇتۇپ چىقالىدىم.ئۇ كەتكەن كۈنلەردىن پايدىلىنىپ بىر ئايدىن بۇيان ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ باقمىغان ياڭراتقۇنى يەنە يۇقىرى قىلىپ ياڭراتتىم،ئاقىل،مەخمۇتلارنى چاقىرىپ كېلىپ سورۇن دېگەننى تازا قۇرىۋالدىم.بەزى ۋاقىتلاردا ئۆيدە قىز بالا بولسا ياخشىكەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ بۇنداق ۋاقىتلاردا يەنە قىز بالا بولمىسا ياخشىكەن دەپمۇ ئويلىدىم.

    ئارىلىقتا يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاقىل ماڭا تېلىفۇن قىلدى،بۇ يەنە سورۇن خەۋىرى ئىدى.

    -ھە ،ئاداش سۆزلە

    -ھەي،راززاق،مەن بۈگۈن شىنجاڭدىكى داڭلىق ماشىنا مودىلىدىن ئۈچنى چاقىرىپ قويدۇم،مەخمۇتمۇ كەلمەكچى،سەنمۇ كەل جۇمۇ،سائەت يەتتىدە،كونا جايدا.

    -ۋاي ماڭە ئاداش،ئۆزىنى ماشىنا مودىلى دېسە ھە دەپ چاقىرىۋەردىڭ ھەقىچان.بولمىسا نەدە تۇرۇپتۇ ساڭا مودىل قىزلار.

    -نەدىكىنى ،ئاداش ئۇلارنىڭ ئىككىسى ماشىنا ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققانلار.ئىشەنمىسەڭ شۇ ژورنالنى كۆرسىتىپ قويىمەن،مۇشۇ كۈندە پۇل بولسا نېمىنى تاپقىلى بولمايتتى دەيمەن.ئاز سۆزلەپ كەلسەڭلا بولدى.ۋاقتىدا كەل جۇمۇ.

    ئاقىل ئىسىملىك بۇ دوستۇم ئۈچىمىز ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان دوستىمىز،ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئۆزى بىر پاتنىتلىق مەسھۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىپ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋالدى،شۇڭلاشقىمۇ پۇل دېگەننىمۇ ساماندەك خەجلەپ قويىدۇ.ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم توي قىلىدىغىنىمۇ شۇ بولامدىكىن دەيمەن،چۈنكى ئۇ قىز بالا دېگەنگە جان جەھلى بىلەن ئامراق.ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن قىزلارنى ئۇ ھەل قىلىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ،ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ ھەل قىلىشىمۇ ھەرگىز قىيىنغا توختىمايدۇ.مۇشۇ كۈندىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى پۇلغا ئامراقمىكىن تاڭ ،ئۆزىنى ئۇنىڭغا سېتىپلا بېرىدۇ،مانا ،شىنجاڭدا داڭلىقراق ماشىنا مودىلى ئۇنچە جىق ئەمەستى،ئۇلاردىنمۇ ئۈچنى كەلتۈرۈپ بوپتۇ.

    كەچتە ئۇ يەرگە باردىم،ماشىنا مودىلى دېگەن قانداق بولىدىكىن دەپتىمەن،راستىنلا ئايلاردىنكەنغۇ،فىگور دېگەن Sھەرپىدەكلا،چىرايمۇ راستىنلا

     چىرايلىق،بۇلاردەك چىرايلىقلار نېمانداق بۇنداق بوپ قالغاندۇ ئەمدى؟چىرايىنى مەبلەغ قىلىپ مودىل بولغاندىكىن شۇ پۇلىغا قانائەت قىلماي ئەمدى بەدىنىنى مەبلەغ قىلىپ بۇ يەرگە كەپتۇ مانا.بوپتۇلا، ھەر كۈنى بۇنداق سورۇن بولمىغاندىكىن ھارىقىمنى ئىچىۋىرەي.

    ئىچىشنى باشلىدۇق.بىز ئوغۇللار ئۆزىمىزنى ئىچىمىز دەپقاپتىمىز،ھەقىقىي ئىچىدىغانلار مانا بۇيەردىكەن.ئۇ قىزلارغا ئالامەت ئىچىپ قويىدىكەنسىلەرغۇ دېسەم تېخى ئۇلارنى ماختىغاندەك ئاڭلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ئۆزىچىلا كەمتەرلىك قىلىشىپ كەتتى،خوتۇن خەقنىڭ كۆپ قىسمىغۇ شۇنداق،ئازراقلا ماختاپ قويسا قەغەز ئايرۇپىلانغا چىقىپ ئۇچقىنى ئۇچقان،ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىچەرمەن چىكەرمەن قىزلار جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىدە بىر ئەخلەت ،ئۇلارنىڭ رولى بىردەم ھەمراھ بولۇپ ئىچىشىپ بېرىش،ئاندىن نۆۋىتى كېلىپ قالسا شۇ كۈنى بىر كېچە كارۋاتقا چىقىپ بېرىش بولغاچقا شۇ كۈنى كارىۋاتقا چىقىرىدىغانلارئەلۋەتتە ئۇلارنى يالغان ماختايدۇ،ئاندىن ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە داۋاملىق ئەخلەت بولىدۇ خالاس.ئەمما بۇنى ئۇلار ئۆزى ھېس قىلشمايدۇ.بىر كېچە ھەمراھلىققا چاقىرىلسا ئۆزىنى شۇنداق چىرايلىقتەك ھېس قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇلار‹‹بىر كېچىلىكى ھەقسىز››بولىدىغانلار،بۇ كۈندە كىممۇ ھەقسىزغا ئامراق ئەمەس؟

    شۇنداق قىلىپ ئىچىلىۋەردۇق،سائەت ئون ئىككىدىن ئاشقاندا قايتىدىغان بولۇپ ماڭدۇق.ئاقىل ئىككىمىزگە بىردىن قىزنى بىردىن ماشىنىدا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن قوشۇپ قويدى،مەن بىلەن ماڭغان قىزنىڭ ئىسمى رەنا ئىكەنتۇق،مەستچىلىكتە ئۇنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپتىمەن،ئۇقىزمۇ مەستچىلىكتە ماڭا ئېسىلىپ مىڭ تەسچىلىكتە ماشىنىدىن چۈشتى،ماشىنىدىن چۈشۈپلا قۇسۇشقا باشلىدى،قۇسقاندا قىزلارنى بۇنداق سەتلىشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇنداق ئاي قىزنىڭ ئۈزۈلدۈرۈپ ھۆ قىلىپ قۇسۇشى مانا ئەمدى كۆلدىكى پاقىنىڭ ئۈزۈلدۈرۈپ كۇكىرىشىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

    ئۇ قىز بىلەن يۆلەشتۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىك ئالدىمغا ئاران چىقىۋالدىم،ئەمما ئىشىكنى ئاچالماي تۇرۇپ كەتتىم،چۈنكى ئۇ قىز ماڭا ئېسىلىپ تۇرىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ مەست،شۇنداق تۇرىۋاتسام ئىشىك ئېچىلدى.

    مەستچىلىكتە ئۇنىڭ زۇلخۇمار ئىكەنلىكىنى يەنىلا تۇنۇدۇم.زۇلخۇمار؟زۇلخۇمار قاچان قايتىپ كەلگەندۇ؟بۇ ماڭا ئېسىلىۋالغان قىز كىمۇ؟مەن قاچان بۇ قىز بىلەن بىللە كېلىپ قالغاندىمەن؟مېڭەم ئىسپىرت تەسىرىدە قىزىۋاتقاندا بۇ سوئاللار مېڭەمنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى،قېشىمدىكى قىزنى يۆلىگەن پېتى كىرىپ كەتتىم،ئۇ قىزنى كارىۋاتقا تاشلاپلا ئۆزۈممۇ كارىۋاتقا تاشلاندىم،ئەمدى چاپاننى سېلىشىمغا تۇيۇقسىز ھاجەتخانىغا چىققۇم كېلىپ سىرتقا چىقتىم،ئاندىن قايتىپ كىرىپ ئۇخلاپلا قاپتىمەن...

    ئەتىگىنى تۇرسام مېنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنۇم توغرا ئەمەستەك...ئۇنىڭ ئۈستىگە قېشىمدا قىز بالا يوق.دىققىتىمنى يېغىپ تۇرۇپ ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلىدىم.

    ھەي ئىسىت،زۇلخۇمارنىڭ ئالدىدا بۇ نېمە سەتچىلىك،ئۇ ئاخشام مېنىڭ شۇنچىلىك ھايۋانسىمان ھالىتىمنى كۆرۈپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدىن نېمە ئىشلار بولغانى ئېسىمدە يوق...ئەگەر ئاخشام مەستچىلىكتە ئەسكى ئىش قىلىپ قويغان بولسام...ئاھ خۇدا،تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى نېمانداق تەتۈر،ئۇ قىز قەيەرگە كەتكەندۇ؟ بۇ مەن ...مەن زۇلخۇمارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قاپتىمەنغۇ؟كارىۋات قېشىدىكى ئۆگېنىش ئۈستىلىگە قاراپ ئويغانغان ئورنۇمنىڭ نېمىشقا توغرا ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگىنىنى بىلدىم،دەرھال ھوشۇمنى يېغىپ ئۆيۈمگە چىقىپ قارىدىم،قارىسام ئىككى قىز ئۇ يەردە ئۇخلاۋىتىپتۇ.مەن دەرھال باش كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئىشىم بولمىسىمۇ سىرتقا چىقىپ كەتتىم،چۈنكى بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا قالغاندا بىرىنچى تەدبىر قېچىش ئىدى.

    كەچتە ئۆيگە كەلگەندە زۇلخۇمار ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن،مەن تىزلا ئۆتۈپ ئۆيۈمگە كىرىۋالدىم،ئۆيگە كىرىپ بولۇپ ئۇنىڭ مېنى كۆرمەي قالغىنىغا خۇشال بولدۇم،لېكىن بۇنداق كۆرمەي بىر كۈنغۇ ئۆتەر،ئىككى كۈنمۇ ئۆتەر،ئەمما ھەر كۈنى بىر ئىشىكتىن كىرىدىغانلار بۇنداق قىلىپ يۈرسەك قانداق بولار...يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرەي،ئۇنىڭ نەزىرىدىن قانچىلىك چۈشكىنىمنى بىلىپ باقاي.

    -تاماق ئېتىۋاتامسىز؟

    ئۇنىڭ تاماق ئېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ قېشىغا چىقىپ شۇنداق سورىدىم.

    -ھەئە.

    -ھە...ئاخشامقى ئىش...ئالدىڭىزدا تولىمۇ سەت بولدى...ئەمەلىيەتتە...

    -ئەمەلىيەتتە مېنى كەلمىگەنمىكى دەپ ئويلىغان ھە؟

    -ياق،ئۇنداق ئەمەس،بەك مەس بوپ كېتىپتىمەن.

    -ئاخشام تېخى ئۇ قىزنى شۇنداق قۇچاقلاپ يېتىلەپ كىرسىڭز قىز دوستىڭىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن،ئەتىگەندە تۇرۇپ ئۇ قىز مەندىن قىز دوستى بولامسىز دەپ سورايتۇ...سىز يەنە تېخى ئۇ قىزنى ئۆيىڭىزگە تاشلاپ قويۇپلا مېنىڭ كارىۋىتىمغا كىرىپ يېتىۋالدىڭىز...

    -ياقەي،مەن قەستەن قىلمىدىم، بەك مەست بوپ كېتىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن ھاجەتكە چىققاندا ئۆيگە خاتا كىرىپ قالغان ئوخشايمەن،خاتا كىرىپ قالغىنىمنى مەنمۇ ئەتىگەن بىلدىم.

    -بولدى چۈشەندۈرمەيلا قويۇڭ،مېنىڭ قانداق قىلىشىڭىز بىلەن ئىشىم يوق،سىز مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم ئەمەس،خەق بىلەن نېمە قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلىۋىرىڭ.ئەمما مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ئۆزىڭىز ماقۇل بولغان ،شۇ گېپىڭىزدە تۇسىڭىزلا بولدى.

    ئاستا سالپىيىپ ئۆيۈمگە قايتتىم،بۇ قىزلار ھەر قېتىم ئادەمگە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمەيدۇ دېسە...نۇرگۈلگىمۇ بىرەر ئىشلارنى چۈشەندۈرەي دەپ تۇرسام نېمە قىلىشىمنى بىلگەندەكلا‹‹بولدى چۈشەندۈرىمەن دەپ ئېغىزىڭىزنى ئۇپراتماڭ،سىزنىڭ ھەممە ئىشقا باھانىڭىز بار››دەپلا قوياتتى،ئامالىم يوق شۇنداقلا قالاتتىم. ئەمەلىيەتتە قايسى بىر ئىشنىڭ سەۋەبى يوقلا يۈز بېرىدۇ؟مانا نۇرگۈلمۇ ئايرىلىپ كەتتى،ئايرىلىپ كېتىشكە ئۇنىڭمۇ باھانىسى بار،بۇ قىز سىرتتا تاماق ئېتىۋاتىدۇ،ئۇنىڭمۇ سەۋەبى بار،ئاددىيسى مەن بۇ يەردە مۇشۇ ئىشلار توغرىلىق ئويلىنىۋاتىمەن،بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار،نېمىشقا ئوغۇللارنىڭكى باھانە،قىزلارنىڭ سەۋەب بوپقالىدۇ؟بىز ئوغۇللار شۇنچىلىك قارا نىيەتمۇ؟‹‹باھانە››تاپالىساقلا يامان ئىش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان؟ئەمەلىيەتتە بىرەريامان ئىشنى راستىنلا قىلماقچى بولساق قىزلار بىلىپ قېلىڭلاركى بىزلەرگە ھېچ قانداق سەۋەب كەتمەيدۇ...

    بىردەمدىن كېيىن ئىشىك چىكىلدى،زۇلخۇمار مېنى ئۆيىگە چاقىرىپ قويۇپ ئۆيىگە چاقىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى،ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە تەلەپپۇزىغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندەكمۇ قىلاتتى.

    مەن ئىدىيەمدە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم،ئەگەر ئۇ يەنە بۇ توغرىلىق سۆزلىسە قۇلاق تۈۋۈمدىن  شامال ئۆتكەندەكلا ئولتۇراي...

    ئۇنىڭ ئەتىگەن جىددىيلىشىپ ياخشىراق قاراپمۇباقمىغان  ئۆيىگە ئەمدى تولۇق سەپسالدىم،رەتلىك قويۇلغان كىتابلار،پاكىز كارۋات ياپقۇچلىرى،ئۇ قىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىنى مانا دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۆگىنىش ئۈستىلى ئۈستىدە ئىككى قاچا تاماقمۇ تۇراتتى.

    -قېنى تاماقتىن بېقىڭ،تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى.

    تاماقنى قولۇمغا ئالدىم،خۇددى گۇناھكارلاردەك ئۈن تىنسىز ھالدا تاماق يېدىم،ئۇ قىزمۇ تاماق يەۋاتقاندا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمىدى.

    -بايىقى گەپلىرىم سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ...كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ ئىللىپ كەتتى.

    -ياق،ياق،كۆڭلۈمگە ئالمىدىم،ئەمەلىيەتتىمۇ سىز دېگەندەك چۈشىنىدىغان ئىش يۈز بەرگەن تۇرسا...

    -سىزنىڭ قىز دوستىڭىز يوقما؟

    -ئايرىلىپ كەتكەن.

    -ھە،مۇنداق دەڭ...

    بۇ قىز ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم بۇنداق يېقىن ۋە شەخسىي تېمىدا پاراڭلىشىۋاتاتتۇق.

    -نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىڭلار؟ھازىرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟

    -شۇ مېنىڭ بىخەستىلىكىمدىن ئۇنى قولدىن چىقىرىۋىتىپ قالدىم،بولمىسا ئۇنى جېنىم بىلەن ياخشى كۆرەتتىم.

    -ھە،جېنىم بىلەن ياخشى كۆرەتتىم دەپ ئېغىزىڭىزدىلا دەپ قويۇپ ئاخشامقىدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسىز دەڭە؟ ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرسىڭزئاخشامقىدەك ئۇنداق ئىشلىرىڭىزنى توختىتىپ،ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىڭ.

    -بۇنى مەنمۇ ئويلىغان...

    -ئويلاپ ئولتۇرغانغا ھېچنىمە كەلمەيدۇ غۇجام،ھەركەتنىڭ ئۆزى كېرەك ئۇ قىزغىمۇ.

    بۇ قىزغۇ نۇرگۈلنى چۈشەنمەيدۇ،ئەمما نېمىلا بولمىسۇن قىز بالا بولغاندىكىن قىز بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەر دەپ ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدىم.ئۇ قىز ماڭابىر مۇنچە ئىشلارنى ئۆگەتتى.

    -ئەمدى مۇشۇنچىلىك بولسۇن،بۇلارغا ھەقىقەتەن جىق ۋاقىت كېتىدۇ،بۇنداق ئولتۇرىۋەرمەڭ،ئەر كىشى بولغاندىكىن يۈرەكلىك،سەۋرچان،ئاكتىپراق بولۇڭ،قالغان ئىشلارنى قىز بالا تەرەپ ئۆزى قىلىدۇ.

    ئۇ ئاخىرىدا مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆز مەسلىھەتىنى تۈگەتتى،مەنمۇ بۇ قىزنىڭ ئۆگەتكەن ئۇسۇللىرىنى گەرچە ماڭا نىسبەتەن قىيىن بولسىمۇ يەنىلا سىناپ بېقىشنى لايىق تاپتىم،چۈنكى يول تاپالماي جىم تۇرغان ماشىنىدىن يول تېپىپ ئىلگىرلىيەلىگەن ۋەلىسپىت ياخشى ئەمەسمۇ.

    ئەتىسى ئەتىگەندىلا زۇلخۇمارنىڭ ئىشىك چىكىشى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم‹‹تۇرۇڭ راززاقجان،بەخىت سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ››بولىدۇ،بۇ قىزنىڭ گېپىگە كىرىپ باقاي،نۇرگۈلنى قايتا كەلتۈرەلەيدىغان بولسام مەيلىغۇ جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ...

    ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماشىنىنى نۇرگۈلنىڭ ئۆيىگە قارىتىپ يۈرۈپ كەتتىم،ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاز قالغاندا ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىشىكىگە قاراپ تۇردۇم،تۇرىۋاتىمەن،نۇرگۈل چىقمىدى،يەنە تۇرىۋاتىمەن،نۇرگۈل يەنە چىقمىدى،مانا ئەمدى ئولتۇرىۋالدىم،نۇرگۈل يەنە چىقمىدى،يەنە ئۇلتۇرىۋاتىمەن،ئۇ يەنە چىقمىدى،ئەمدى تۇرىۋەرسەم بۇ يەردە يېتىۋالغۇدەكمەن،ئەڭ ياخشىسى قايتىپ قالاي.

    ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا  زۇلخۇمار ئۆيىدىن چىقىپ مەندىن سورىدى.

    -قانداق ،ئۇنى ئۇچرىتالىدىڭىزمۇ؟

    -ياق،ساقلىدىم،ئەمما چىقمىدى.

    -ھە،بوپتۇ،ئەتە يەنە بېرىپ بېقىڭ، ھە راست، تېلىفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭە ،ئۆي كۆچمىگەندۇ؟

    تېلىفۇن ئۇردۇم،ئۇنىڭ ئۆيىنى سورىغانتىم ،ئۇ ناھايىتى سوغوق قىلىپ بۇ نىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپلا جاۋاپ بەردى،بوپتۇلا،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن چىداپ يەنە بېرىپ باقاي.

    ئەتىسى ئەتىگەندە زۇلخۇمارنىڭ ئويغىتىشى بىلەن يەنە نۇرگۈلنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا باردىم،ساقلاپ تۇرسام ئۇ چىقتى،مانا،تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان ،بۇ كىيىم بىلەن بەدەن شەكلى تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن، ئەشۇ سۇس كۆك رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى ئىچىدىكىسى نەقلا مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم،نەپەسلىرىم ئۆزۈمچە تېزلىشىپ خۇشاللىقىمنى ئىچىمگە پاتۇرالمايلا كەتتىم،ھە،مانا بىرىنچى قەدەم،ئۇنىڭ ئەتىگەندە سىرتقا چىقىدىغىنىنى بىلدىم،مانا ئەتىدىن باشلاپلا ئىككىنچى قەدەمنى باشلاي.

    ئۆيگە كىرىپلا زۇلخۇمارغا بۈگۈنكى غەلىبە خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەپ ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولدۇم،ئەمما ئۇ ئۆگىنىشىم ئالدىراش دەپ پەقەتلا چىققىلى ئۇنىمىدى.

    ئۆيۈمگە كىرىپ بىر گۈل دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇ دۇكان ھەر كۈنى كەچتە مېنىڭ ئۆيۈمگە توققۇز دانە قىزىلگۈل ئەكىلىپ بېرىدىغانغا ۋەدىلەشتۇق،شۇ كۈنى كەچتىلا گۈل كەلتۈرۈلدى.ئەتىسىدىكى قىلماقچى بولغان ئىشىمنى ئويلاپ ئۆزۈمچە تولىمۇ رومانتىكا ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ شۇ رومانتىكىلىق تۇيغۇدا ئۇخلاپ كەتتىم.

    ئەتىسى زۇلخۇمار ئويغاتمىسىمۇ ئۆزۈمچە ئويغىنىپ تۇرۇپ ماشىنامغا چىقىپ ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا چىقىرىپ  قويۇپ مەنزىلىمگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم،ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە گۈلنى قويۇپ قويۇپ،ئۆزۈم يىراقراق جايغا بېرىپ قاراپ ئولتۇردۇم.بىردەمدىن كېيىن ئۇ يەنە تەنتەربىيە كىيىمىنى كىيىپ ئىشىكىدىن چىقىپ كەلدى،گۈلنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك بولۇپ گۈلنى ئالدىدە ئەتراپقا قاراپ باققاندىن كېيىن گۈلنى ئېلپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىيۇ بىر دەمدىلا يەنە قايتىپ چىقتى، ئېھتىمال گۈلنى ھويلىسىغا قويۇپ قويدى دەپ ئويلىدىم،ئۇ چىققاندا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ  بىردەم ھوزۇرلانغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتىم.

    شۇنداق قىلىپ ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ،بۇ ئارىدا شىركەتتىكى ئىشلار بىلەن تازا كارىم بولمىدى،زۇلخۇمار بولسا يەنە ئۆز ئۆگىنىشى بىلەن ئالدىراش . بۇ ئۇسۇل بىلەن قاچانغىچە ساقلايدىغىنىم ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم،ئەمما قانچىلىك ساقلىساممۇ ئەرزىيدۇ...

    بىر كۈنى كەچتە نۇرگۈل ماڭا تېلىفۇن قىلدى،تېلىفۇننى ئېلىپلا :ئەتىگەنكى ئىشنى سىز قىلدىڭىزما؟ دەپ سورىدى.  ئۇنىڭ تېلىفۇن ئۇرغىنىغا خۇشال بولۇپ تۇرغانتىم، ئەمما ئۇنىڭ جىنايەتچىنى سوراق قىلغاندەك بۇ سورىغان سوئالىنى ئاڭلاپ يەنە ئەرۋاھىم ئۇچتى،مەنمۇ قەستەن سوغۇقلا جاۋاب بەردىم.

    -نېمە ئەتىگەنكى ئىشكەن ئۇ؟ مەن خاتالىق ئۆتكۈگەندەكلا تەلەپپۇزدا سوئال سورايسىنا؟ نېمە ئىشتى ئۇ؟

    -بىلمىسىڭىز بوپتۇ ئەمسە.

    -ۋەي، ۋەي...

    قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ باقاي دەپ ئويلىغانتىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇ شۇنداق دەپلا تېلىفۇننى قويۇۋەتتى.

    بوپتۇ، يەنە چىداي، بۈگۈن ئۇ تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ماڭا تېلىفۇن ئۇرمىغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانتى،تېلىفۇن نۇمۇرۇم ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ، بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش،باھار كېلىپ بولسا كۈزمۇ تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.بەزىدە قىزلار مۇشۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلسىمۇ كۆڭلىدە يەنە ياخشى كۆرەرمىش،ئەمما ئوغۇللارمۇ ئەۋلىيا سۈپەت ئىنسانلار بولساقمۇ ئەمما راستىنلا ئەۋلىيا ئەمەستە، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۇرساق قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە قانداق ئويلايدىغىنىنى،قانداق پىلانى بارلىقىنى بىزلەر ئەلۋەتتە بىلمەيمىزدە.

    ئەتىسى يەنە ماشىنامغا چىقىپ ئاخشامقى ئىشلارنى  بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىنى ،گۈل پەيدا بولۇپ قالسا مېنى ئېسىگە ئالغانلىقىنى ئويلاپ خۇشال بولدۇم.ۋە ماشىنىنىڭ چىقىۋاتقان ناخشىسىغا ئەگىشىپ ناخشا توۋلىدىم.

    ‹‹ يار ئوتىدا كۈل بولدۇم،

    يار بىلەمدۇ بىلمەمدۇ؟

    مەن يارغا كۆيگەن بىلەن...

    تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپ قالغان خەنزۇ بوۋاينى كۆرۈپ ماشىنىنى جىددىي تۇرمۇزلىدىم،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغانلىقىم ئۈچۈن بېرىپلا رولغا كاللا قويىۋەتتىم...ماشىنىغۇ توختاپتۇ،ئەمما مەن ئويغانغاندا دوختۇر بېشىمنى تېڭىپ بوپتۇ، دوختۇردىن ئاڭلىسام شۇ ۋاقىتتا بېشىم قاتتىق ئۈسكەنلىكتىن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن،ئاندىن ھېلىقى بوۋاي تېلىفۇن قىلىپ يۈرۈپ زۇلخۇمار بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ،زۇلخۇمار مېنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىپتۇ.

    دوختۇرخانىدا ئۇزۇن ياتمايلا شۇ كۈنى چىقىپ كەتتىم،چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا دوختۇر ماڭا ئەقلىي ئەمگەكنى بىر مەزگىل ئازايتىشىمنى،ئۇندىن باشقا يەنە ئېغىر ھەركەت قىلماسلىقىمنى جېكىلەپ بىر مۇنچە دورا بەردى .

    -مانا بۇ دورىلىرىڭىز،بۇلارنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي يەپ بېرىڭ،كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى سىزنى ئەكىرگەن قىزغا دەپ قويدۇق.

    -ھە،ماقۇلە ،رەھمەت.

    دوختۇرخانىغا ئەزەلدىن خوشۇم يوقتى،مانا بىر دەمدىلا چىقىۋالدىم.لېكىن مېڭەم پات پات قىزىشىپ بېشىم ۋىڭىلداپ ئاغرىپ قوياتتى،ئۆيگە كېلىپلا زۇلخۇماردىن قانداق كېسەللىكىمنى سورىدىم ئۇ:

    چوڭ چاتاق يوقكەن،پەقەت ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراپ دورىڭىزنى ۋاڭتىدا ئىچىپ بەرسىڭىزلا ساقىيىسىزكەن. دورىنى ئوبدان يەڭ ماخما،چاتاق چىقمىسۇن ئەمدى.

    -چاتاق چىققۇدەك ئېغىرمىكەن؟

    -ياق ...ياقاي،دورىنى يەپ تۇرسىڭىز قاندا چاتاق چىقىتتە.

    بۇ قىزنىڭ ئوماق خوتەن تەلەپپۇزىنىزە...ئوماقلىقىغا ئوماقلىق قوشۇپلا تۇرىدۇ.

     شۇ كۈنى نۇرگۈلدىن تېلىفۇن كېلىدۇ دەپمۇ ئويلىغانىدىم، ئەپسۇس يەنىلا كەلمەي قويدى.تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم،لېكىن ئۆزۈم تېلىفۇن قىلىپ بېقىشنى قارار قىلىپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇردۇم.

    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

    -مەن سزنى تېلىفۇن ئۇرماڭ دەپ قانچە قېتىم دېسەم بولىدۇ؟بولدى تېلىفۇن قىلماڭ،مېنىڭ ھازىر يېگىتىم بار.خوش بولدى قويۇۋەتتىم.

    -نېمە؟

    تېلىفۇننىڭ تاراققىدە قويۇلغان ئاۋازى ئۇنىڭغا ئۇلاپلا تۈت-تۈت قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.تۇيۇقسىزلا مېڭەم يەنە ۋىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى.

    -نېمە؟تېلىفۇننى بۇنداق دەپ قويىۋىتىدىغان ئىش قەيەردە بار؟ۋەي، نۇرگۈل نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟مېنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنتىڭغۇ؟ مۇنداق تېز باشقىسىنى تېپىۋالمىغانسەن؟ چوقۇم يالغان،سەن ساقايماس كېسەل بولۇپ قېلىپ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۆزۈڭگە ئۆچ قىلماقچى بولغان بولساڭمۇ خاتا ئويلاپسەن،مەن مەڭگۈ ساڭا ئۆچ بولمايمەن...

    شۇنداق سۆزلەۋاتقىنى مەن ئىدىم،دەل شۇ تېلىفۇنغا سۆزلەۋاتاتتىم.

    -بىلمەيسەن،مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن بۇنى بىلمەيسەن.قىزلارغۇ بىر نېمە چۈشەنمەيدىغان خەق.زۇلخۇمار،ھەي زۇلخۇمار،سەن ئوغۇل دوستۇڭنى قاقشىتامسەن؟نېمىشقا قاقشاتمايسەن؟قاقشات،سەنمۇ قاقشات مەنمۇ قاقشىتاي،مۇشۇنداق قاقشىتىپ يۈرۈپ مۇھەببەت دېگەن بىر نېمىنى پەيدا بولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋىتەيلى،ھازىرمۇ مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېگەن نامىغا يۈز كەلتۈرۈپ يۈرىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئۇنىڭدىن يوقىلىپلا كەتسۇن بۇنداق ئالداش ۋاستىسى دېگەن






قايتىش