باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • ساراڭنىڭ خاتىرىسى ئاخىرى3 - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2010年04月14日

    بىلمەيسەن،مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن بۇنى بىلمەيسەن.قىزلارغۇ بىر نېمە چۈشەنمەيدىغان خەق.زۇلخۇمار،ھەي زۇلخۇمار،سەن ئوغۇل دوستۇڭنى قاقشىتامسەن؟نېمىشقا قاقشاتمايسەن؟قاقشات،سەنمۇ قاقشات مەنمۇ قاقشىتاي،مۇشۇنداق قاقشىتىپ يۈرۈپ مۇھەببەت دېگەن بىر نېمىنى پەيدا بولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرىۋىتەيلى،ھازىرمۇ مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېگەن نامىغا يۈز كەلتۈرۈپ يۈرىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئۇنىڭدىن يوقىلىپلا كەتسۇن بۇنداق ئالداش ۋاستىسى دېگەن،مەن ئادۋوكات،مەن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى قانۇنغا مۇھەببەت قانۇنى دەپ بىر قانۇن قوشسۇن...ئاقىل ئاداش قېنى سەن؟مودىل قىزلاردىن تاپ ئاداش،قېنىكەن ئۇ قىزلار؟ پۇلغا جىققۇ مۇشۇ كۈندە قىز بالا دېگەن.ۋەي،كىمۇ؟ئاقىل يوقما....

     بىر دەم كايىغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە كىرىپ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم ۋە ھاراق ئارقىلىق ئۇيقۇغا كەتتىم.ئەتىسى چۈشتىن  كېيىن ئۆزىنى ئاقىل ،مەخمۇت دەپ ئاتىۋالغانلار كەلدى،ئوبدان ئەسلەپ باقسام راستىنلا شۇلاردەك قىلىدۇ.ئۇلار ئاۋۋال زۇلخۇمارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاندىن چىقىپ خۇددى ئېچىنغاندەك قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ.ھەي،بۇلار كاللىسىدىن كەتمىگەندۇ؟

    -سىلەر نېمىگە بۇنداق قاراپ تۇرىسىلەر؟مېنىڭ دوستۇم تۇرۇپ ماڭا مۇشۇنداق قاراپ نېمە قىلىسىلەر؟مەن ئۆلمىدىم،پەقەت بېشىم يارىلاندى.

    ئۇلار ماڭا بېشىمنىڭ پەقەت ئازراقلا يارىلانغانلىقىنى ھازىرلا ئەڭ ياخشى دوختۇرغا كۆرسىتىدىنىنى ئېيتىشىپ مېنى ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى.

    دوختۇرخانىغا كېلىپ مېنى بىر مۇنچە تەكشۈرۈشتى،تەكشۈرۈشتىن چىقىپ قارىسام ئاقىل مەخمۇتلارنىڭ قېشىدا يەنە بىر قىز  تۇرۇپتۇ.ئەمما ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپلا تۇنۇدۇم،ئۇ نۇرگۈل ئىدى.

    ئەسلى مۇنداقكەندە، بۇ ئىككىسىنى يېقىن دوستۇم ئاقىل بىلەن مەخمۇت  دەپ ئويلىسام بۇ ئىككىسى نۇرگۈل بىلەن يۈرىۋاتقان ئوغۇل دوستى ئوخشىمامدۇ.خەپ!ئېتىلىپ بېرىپلا ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپ كەتتىم،بىر دەمدىن كېيىن دوختۇرلار مېنى تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى.

    مېڭەمنىڭ ئاغرىقى يەنە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىپ كېيىنچە  ئاغرىمايدىغان بولدى. ھازىر ئۆي كۆچۈپتىمەن،زۇلخۇمار بۇ يەردە تۇرمايدۇ،ئۆزۈم يالغۇزلا بىر كارىۋات بار ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن،ھەر كۈنى بىر قانچە قىز مېنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيۈمگە كىرىدۇ،بۇلار ئاپئاق كىيىم كىيىشىۋالىدۇ،ئاندىن مېنىڭدىن ئۇنى بۇنى سوراپ بېقىپ قايتىشىدۇ،ئۇلارغىغۇ ھەرگىز بىر نېمە دەپ بەرمەيمەن.قىز بالىكەن ،يېقىنلاشمىسا بولىدۇ بۇلارغا.يېقىنلاشسا ئوغۇل بالىلارنى ئازدۇرىدۇ بۇ توشقانچاق قىزلار،توشقانغۇ ئوماق،بۇلارمۇ ئوماق بولغان بىلەن كېچىسىمۇ ئوماقلىق قىلىدۇ چوقۇم ...ساراڭ خەق،مېنى ئازدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشما،مېنى پەقەت نۇرگۈللا ئازدۇرۇش ھوقۇقى بار،ئاساسىي قانۇننىڭ 414-ماددىسىدا شۇ بەلگىلەنگەنكى،ھېچقانداق كىشى نۇرگۈلنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،ۋاي يوقىلىشە ساراڭلار!مېنى ئازدۇرۇشما،ئاپئاق كىيىمنى سېلىۋىتىپ مەينەت كىيىم كەيسەڭمۇ مەن ئازمايمەن سەنلەرگە!

    ئۇلارنىڭ يۈزى تولىمۇ قېلىنمۇ تازا بىلىپ كەتمىدىم،ھەر كۈنى بايىقىدەك سىلىق رەت قىلىۋەتسەممۇ ئۇلار يەنە ھەر كۈنى كىرىشىدۇ.

    شۇنداق ئازدۇرۇشلارغا ئېزىپ كەتمەي يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتتى.

    بىر كۈنى يەنە بىر قىز مېنى چاقىرىپ مېنى بىر قانچەيلەن ساقلاۋاتقىنىنى ئېيتىتى،بۇلار ئەمدى تېخىمۇ چىرايلىقلارنى چاقىرىپ مېنى ئازدۇرماقچى بوپتۇدە،چىقىپ قاراپ باقاي.

    چىقسام بىر قىز بىلەن بىر ئاق كىيىم كەيگەن ئادەم پاراڭلىشىۋاتاتتى.

    -نېرۋا كېسەللىكلىرى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ،بىر خىلى پارچىلىنىش خارەكتىرلىك،يەنە بىرخىلى بولسا ھېسسىيات خارەكتىرلىك،ئۇنىڭدا ئەسلى ئازراق پارچىلىنىش بار يەنى نېرۋىسى ئازراق يارىلانغان ئىكەن،ئۇنى داۋالاپ ساقايتتۇق،ھازىر قېلىپ قالغىنى شۇ كەينىدىكى سەۋەب،ئېھتىمال بىرەر ئىش ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىپ مېڭىسىدىكى يارىلىنىشنى چوڭايتىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن ...ھازىر قالايمىقان ئوي پىكىر ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي سۆزلەپ كېتىش،ئۆزىچە ناخشا توۋلاش ۋە ئەمەلىيەت ۋە خىيالنى پەرق ئېتەلمەسلىك قاتارلىق بىر قانچىلا ئالامەت قېلىپ قالدى.ئادەمنىمۇ ئانچە مۇنچە تونۇيدىغان بولۇپ قالدى،ئىشقىلىپ ياخشىلىنىش زور ئەمما قاچان ساقىيىدىغىنىنى بىز  بىر نېمە دېيەلمەيمىز››

    بۇلار مەن توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتقاندەكمۇ قىلامدۇ نېمە،ياق، ئۇلار بىر كېسەل توغرىلىق پاراڭلىشىۋىتىپتۇ،مەن يا كېسەل بولمىسام،بولدىلا كارىم بولمىسۇن.

    يېقىن بېرىپ  قارىسام راستىنلا تېخىمۇ چىرايلىق بىرسى مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ مېنى كۆرۈپ ھېلىقى ئاق كىيىملىكمۇ كېتىپ قالدى،مانا مېنى كۆرۈپلا بۇرۇنقى مۇھەببىتىنى ئۇنتۇپ ئوغۇل دوستىنى قوغلىۋەتتىدە بۇ قىز.مەن بۇ قىزنىڭ قېشىغا بارغاندا بۇ قىز ماڭا ئېسىلىپلا يىغلىدى،بۇ قىز تولىمۇئوماق قىز ئىدى،مەن ئۇنىڭغا قايتا قارىدىم،بۇ قىز مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم نۇرگۈلگە قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتتى.مېڭەم يەنە تۇيۇقسىزلا قىزىشىپ كەتتى.

    -نۇرگۈل ھەرگىز بۇ يەرگە كەلمەيدۇ،نۇرگۈل ماڭا بەكلا ئۆچ!نۇرگۈلنىڭ يېگىتى بار!!!

    ئۆزۈمنى بىلەلمەيلا ۋارقىراپ كېتىپتىمەن،نەدىن كەلدىكىن يەنە ئاق كىيىم كەيگەن بىر قانچەيلەن مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ يان تەرەپكە تارتتى.

    بىر دەمدىن كېيىن ئاقىل ۋە مەخمۇتلارمۇ كەلدى،ئۇلار ئۇ قىزغا سالام ۋە كېچىكىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ مېنىڭ قىشىمغا كەلدى.

    -ياخشى تۇرىۋاتقانسەن ئاداش،يوقلاپ كېلەرمىز دەپمۇ ۋاقتىدا كېلىپ بولالمىدۇق...

    .ئۇلار بىر مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىشتى،ئاندىن مېنىڭ خاتىرەمنى زۇلخۇمارنىڭ رەتلەپ تورغا چىقارماقچى بولغانلىقىنى ،شۇڭا  قائىدە بويىچە ئىمزا كېرەكلىكىنى ئېيتىشتى،مەنمۇ ئىمزا قويدۇم.ئۇلار بىر مۇنچە يەيدىغان بىر نېمىلەرنى بېرىپ كېتىپ قېلىشتى،مەن بولسام يەنە بىرلا كارىۋىتىم بار ئۆيۈمگە قايتتىم.كىرىپلا ھەيران قالدىم،چۈنكى بۇ ئۆيۈم بارغانسىرى كېسەلخانىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.مەن دەرھال سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا قارىدىم،قارىسام ئىككى ئادەم ئۇرۇقلىرى يوق شاھماتنى ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ،بۇنى كۆرۈپلا ھەممە ئىش كۆڭلۈمگە ئايان بولدى.مەن ساقايغان ئوخشىمامدىمەن؟

    -دوختۇر!مەن ساقايدىم!!دوختۇر!!!مانا ساراڭ دېگەن ئاۋۇلاردەك بولىدۇ ،دوختۇر!






قايتىش