ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) ھاياتنىڭ ئەگىرى توقايلىرىنى ، كۆڭلۈمدىكى ئوي-پىكىرلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ تور خاتىرسىنى ئىلتىماس قىلدىم. بۇندىن كىيىن ئەڭ يىڭى خاتىرلەر سىىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. ئىنتىزار تور خاتىرسى


باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
  • ئەركىن سابىر ئەيسا چوڭنىڭ يوغان بۇرنىغا ھەممە ئادەم ھەيران، يۈزىدىكى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىغا تارتىلغان قورۇقلار ئارىسىدا كۆپۈشۈپ تۇرغان يوغان بۇرنى خۇددى سانسىزلىغان جىرالار ئارىسىدا دۈمچىيىپ تۇرغان دۆڭگىلا ئوخشايتتى. تېخى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ: ‹‹ياراتقۇچى ئۇنى ئادەم سىياقىغا كەلتۈرىدىغان چاغدا ئۇقۇشماي بۇرنىغا لاينى جىق بېرىۋەتكەن ئىكەن›› دېيىشەتتى. ئورۇق يۈزىدىكى قورۇقلارنى ئۇنىڭ يۈزىنى تاراشلىغاندا قېپ قالغان بارماق ئىزلىرىكەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئەيسا چوڭ بۇنداق گەپلەرگە : — مەن مۇشۇنداق، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يارالغانكەنمەن، – دەپ كۈلۈپلا قويىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مەھەللىلىكلەر ئىچىدە ئۇنىڭكىدەك سەكسەن قورۇقى بارلاردىن يەنە كىم بار؟ تېخى ئەيسا چوڭ بۇ قورۇقلىرى ھەققىدە ماختىنىدۇ. — مانا ماۋۇ پېشانەمدىكى ئىككى تال قورۇق بار چاغدا مەن سالامەتكە كۆيۈپ يۈرەتتىم. ئۇ چاغدا سالامەت شەھلا كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. ئۇ بازارغا مەندىنلا كۆكتات ئالغىلى كېلەتتى ۋە بىر– ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ قايتاتتى. ئۇ تولىمۇ ئەدەپلىك، قائىدە – يوسۇنلۇق ئىدى،


  • مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى،  بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم.


  • كىچىگىمدە چوڭلار «قىيامەت-قايىم يېقىنلاشقاندا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ~~» دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى تولا قىلىدىغان.قىيامەت-قايىم بىزدىن زادى قانچىلىك يىراقتا،بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئىگىمىز بىلىدۇ.بىراق،مۇشۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ جىقلاپ كەتتى.

    ئۆتكەندە،بىزنىڭ مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپنىڭ مۇدىرى ساتتار ئەپەندىم قاتناش ھاددىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا 2 ئايچە داۋالىنىپ چىقىپ كەچكىچە ئۆيىگە كىرمەي كوچىدا كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ يېشىنى سورايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن :«خەقنىڭ يېشىنى سۈرۈشتۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورىسا،«مەن بىر مەخپىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن،ساڭا ئېيتىپ بەرسەم،باشقا بىرسى مېنىڭ بۇ تەتقىقات تېمامنى ئوغۇرلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟»دەپ بىر ئادەم كۈندە ئۇنىڭغا 5 قېتىم ئۇچرىسا  5قېتىم،10 قېتىم ئۇچرىسا 10 قېتىم ئۇ ئادەمنىڭ يېشىنى سوراۋېرىپ، مەھەللىلىكلەرنى يىراقتىن ئۇنى كۆرسە قاچىدىغان قىلىۋەتتى. ئادەمنى ئەڭ تېرىكتۇرىدىغان يېرى شۇكى،ساتتار ئەپەندىم ھەممە ئادەمنىڭ(جۇملىدىن ئۆزىنىڭمۇ) ئانىسنىڭ ئىسمىنى خەقنىڭ فامىلىسى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولىۋالدى،نېمە ئۈچۈنلىكىنى زادىلا خەقكە ئېيتمايتتى.


  • تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ ،كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز،كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ،ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە ،قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە ،ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ ،ئاجىز ئېڭراپ ،ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى.


  • تولا ئىسلىنىۋېرىپ،قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان،سۇنۇپ ،دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە سۇلياۋ <جىياۋبۇ>چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان ،ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى.


  • خىزمەت ئورنۇم  ھوكۇمەت ئورۇن بولغاچقا دوختۇرخانا باشلىقلىرى ۋە دوختۇرلىرى بىلەن داۋاملىق يىغىنلارغا قاتنىشاتتۇق ، بىرگە ئۇگىنىش قىلاتتۇق ، شۇڭا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى ياخشى بىلەتتى . 
      ئەتىسى دوختۇرخانىدىن بىر ئايال دوختۇر مىنى تىلغۇن قىلىپ چاقىرىتتى ..
    -- مىنى چاقىرتىپ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟


  • قەھرىتان قىش كۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى ،مەن ئاكام بىلەن بىللە ھاممامنىڭ ئۆيىگە كىتىپ باراتتۇق.
    ياۋاغ كۆرىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،كىشلەرنىڭ بىريەرگە توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۇپ ،كىشلەر توپلاشقان يەرگە بىرىپ باقماقچى بولدۇق .بىز كىشىلەر توپىنى يىرىپ ئۆتۇپ ئالدىغا باردۇق.
    چاچلىرىغا ئاق سانجالغان ،يۇزلىرىنى قورۇق باسقان ،ئۇچىسىغا كونا پاختىلىق چاپان ،تولايۇيلۇپ ئەسلىرەڭگىنى يوقۇتۇپ قويغان شىم كىيۋالغان ،پۇتىغا تولا يامالغانلىقتىن غەلىتە بولۇپ قانغان ئاياغ كەيگەن بىر بوۋاي بىشىنى ساڭگىلاتقىنچە تۇراتتى .
    .........................................................


  • مەمتىمىن ھوشۇر

    مەھەللىمىزنىڭ چېتىدە خېلىلا چوڭ بىر ئاممىۋى باغچا بار . پېنسىيىگە چىققانلار ئاخشىمى- ئەتىسى شۇ يەرگە يىغىلىپ قالىمىز . نېمە ئىش بار دەيسىلەر ؟ بەزىلىرىمىز شاھمات ئوينايمىز ، بەزىلىرىمىز كورت؛ بەزىلىرىمىز بايىلا يەپ چىققان تاماقنى سىڭدۈرۈ ش ئۈچۈن ئۇششاق چامداپ ئۇياق - بۇياققا ماڭىمىز ، ئوڭدا يېتىپ دۈم قوپۇپ ، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارمۇ بار ؛ يەنە بەزىلىرىمىز ئولتۇرىۋىلىپ ، ھازىر بازاردا نېمە ئەرزان ، نېمە قىممەت ، قايسى ئاغرىققا قانداق دورا پايدا قىلىدۇ ، ئاخشام تېلىۋوزوردا قانداق يېڭى نۇمۇرلارنى قويدى ، كىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتتى ، كىم ياش خوتۇن ئېلىۋالدى ؛ پېنسىيىگە چىقىپ دۇكان ئېچىپ كىم پايدا ئالدى ، كىم زىيان تارتتى ...دېگەندەك پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمىز .

    كەچكى تاماقتىن كېيىن ، ئازراق سالقىنداي دەپ باغچىغا چىقىۋىدىم ، كۆل بويىدا قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، ئېڭىشىپ كېتىپ بارغان ئۇبۇل ئەپەندىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .

    .............................................................


  • پاتىمە ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ تۇپراق بىشىغا كەلدى .   ئۇلار  قايتىدىغان چاغدا پاتىمە ئانىسىغا :
    -  ئانا ، قىز  دا دىسىنىڭ  يىنىدا ياتسا بولامدۇ ؟
    بۇگەپنى ئاڭلاپ ئانىسىنىڭ يۇرىگى جىغغىدە قىپ كەتتى .
    - ئوش~!  داداڭنىڭ ئۆلگىنى ئاز دەپ ، سەنمۇ ئۆلۇمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتامسەن ؟  ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمەيدىغان ،   ئاغزىڭدىن  سائەت  چىكەتمىسۇن يەنە .
    پاتىمە گەپ قىلماي ئانىسىنى قولتۇقلاپ ماڭدى .    ئۇلار  بىر ئوچۇق گۆرنىڭ ئالدىغا كىپ قالدى .  پاتىمە توختاپ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى .  ئانىسى ھەيران قالدى

    .............................


  •    ھاراق دېگەن بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ كارامىتىگە مەن قايىل . ئۆزۆڭنى چاغلىماي بىر - ئىككى رومكا ئوشۇق ئىچىپ قويدۇڭمۇ ، بىر دەمدىلا ساراڭ بولىسەن . مانا مەن ھەر قېتىم ھاراق ئىچسەم ، مەھەللىگە ئۈنۈمنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ ناخشا ئېيتىپ كىرىپ كېلىمەن . دەرۋازىنى تېپىپ ئېچىپ ، ھويلىدا ئايالىم « ھاي  خوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت بولىدۇ » دىگەنچە بەكرەك ۋاقىراپ - جاقىراپ ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرىۋىلىپ ، خېلى قىلىقلارنى قىلىپ باقىمەن . ئەتىسى ئەتىگەندە ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىمىزدا جىدەل باشلىنىدۇ .  
              _ ئاخشام نىمە ساراڭلىقلارنى قىلىپ كەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز ؟_ دەپ گەپ باشلايدۇ ئايالىم ، _ زادى قاچان چوڭ بولىسىز ؟ بىر بالىغا دادا  بولدىڭىز ، نومۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ....بىر گەپ بولسا « ئەر كىشى دېگەن ھاراق ئىچىدۇ » لا دەيسىز . مانا مېنىڭ داداممۇ ئەر كىشىغۇ ؟ ئۆمرىدە ھاراق دىگەن نەرسىنى ئاغزىغا ئالماپتىكەن ...  


  • قايناق بازار بولۇۋاتقان چوڭ بىر ماگىزىن، كابى فۇز ئون نەچچە ئايال بىلەن بىرگە ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەمما مودىدىن قېلىپ باھاسى چۈشۈرۈلگەن رەخت ۋە ئىچ كىيىملەرنى كۆرۈۋاتاتتى.
    كابىنىڭ كۆزى سىپتا تىكىلگەن خىلمۇخىل كۇسارلاردا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كۇسارلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغۇسى بار ئىدى. بىراق، ھەمياندا ئاران بىرنى سېتىۋالغۇدەكلا پۇلى بار. قايسى رەڭدىكىسىنى تاللىسا بولار؟
    ئۇ يېشىل رەڭلىكىنى تاللىدى، يەنە ھال رەڭ ۋە كۆك رەڭلىكىنىمۇ ئالغۇسى بار ئىدى. ئۇ ئەتراپىغا تېز كۆز يۈگۈرتۈپ، ھېچكىم دىققەت قىلمىدى، دەپ ئويلىدى بولغاي ئىككى كۇسارنى ئىتتىكلا باغىردىقى ئىچىگە تىقىۋالدى، ئاندىن يەنە بىر كۇسارنى كۆتۈرۈپ بەخىرامان ھالدا كاسسا ئالدىغا كەلدى.
    - قىرىق فرانك، - دېدى كاسسىر، - باشقا يەنە نېمە بار؟
    مۇشۇلا، - كابى پۇل تاپشۇرۇپ بولۇپ ئۇدۇل سىرتقا قاراپ ماڭدى


  • ئانا: - يېڭى ئۆيىمىزگە كەلدۇق ،  قىنى چۇشۇڭلار باللىرىم .
    چوڭ قىز : - ئەمدى مۇشۇ  سەھرادا  تۇرامدۇق ؟
    ئوغۇل :- بۇ يەر بەك چىرايلىقكەن .
    ئانا: - شۇنداق قوزام ،  ئەمما بۇ ۋاقىتلىق .  تەتىلىڭلار  توشقاندا يەنە قايتىپ كىتىمىز ،  بۇ پەقەت بىزنىڭ  يازلىق ئارامگاھىمىز خالاس .
    چوڭ قىز : -  بۇيەر دە  ئاران  ئون نەچچە ئائىلىلىك  باركەن .  يەنە كىلىپ پۇتۇن ئەتراپ ئورمانلىق ....
    ئانا: - يەنە بىر دەريا  بىلەن  كۆلچەكمۇ بار .
    چوڭ قىز : -


  • بىرنەچچە كۈندىن بېرى تېلېفۇن ئەجەپ سايراپ قويايمۇ دېمەيدۇ يا! ئەر ئۆز ئۆزىگە غۇدۇڭشۇپ قويدى. ئاندىن ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان تومپۇچكا ئۈستىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ تۇرۇپكىسىنى ۋە سىم يوللىرىنى تەكشۈرۈپ باقتى. ھەممە يەر ساق ئىدى. ئۇ يەنىلا تېلېفوننىڭ ساق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي يانفونىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ نومۇرىغا ئۇرۇپ باقتى. تېلېفۇن جىرىڭلىدى. دېمەك تېلېفۇن ساق ئىدى.
    ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايالى تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاشخانىدىن بېشىنى چىقاردى.
    — مەن ئۆزۈم ئۇرۇپ باقتىم.
    ئايالنىڭ ئاشخانا ئىشىكىدە پەيدا بولغان گەۋدىسى يوقالدى،


  • جىگدە ئېرىقتا قىزلىرىنى « تۇماق بىلەن ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك» بولار - بولمايلا  ياتلىق قىلىۋېتىش ئۇدۇمغا ئايلانغان ئادەت بولسىمۇ، لېكىن گۈلسۈم سۇندۇكنىڭ  يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى.ئىككى يىل ئىشلەپ بېرىش بەدىلىگە قىزىنى بېرىش شەرتى بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ھېلەك تازنىڭ گۈلسۈمنى كۆرگەندە بۆلەكچە ئىشچانلىشىپ،شوخلىشىپ كېتىشلىرى،دورداي كالپۇكلىرىنى يالىغىنىچەگۈلسۈمگە يەرنىڭ تېگىدىن مىختەك قادىلىشلىرى، تومپىيىپ ،كۆڭلىكىنى تېشىۋەتكۈدەك كۆتۈرۈلگەن كۆكسىگەھاياسىزلىق بىلەن  تىكىلىشلىرى؛ گۈلسۈمنىڭمۇ ھېلەك تازنىڭ ئالدىدا بۆلەكچە نازلىنىپ نايناقلاشلىرى،ھەتتا قوشنا - قولۇملارنىڭ ھېلەك تاز بىلەن گۈلسۈم توغرىسىدىكى ئاشكارە ياپتا گەپلىرىمۇ دادىسى سەمەت قۇشقاچنىڭ  خىيالىغا كىرىپ چىقمايتى


  • قىزنى ئەيمىنىپراق تانسىغا تارتتىم، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەيمىنگۈدەك قىز ئىدى، بۇ مېنىڭ قارىشىم، چىرايلىق قىزلارغا ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، يەنە كېلىپ مەن سەل تارتىنچاق ئىدىم، مەن ياشاۋاتقان بۇ شۇنچە چوڭ شەھەرمۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن قالغان ئۆزەمنى كەمسىتىش ئادىتىمنى(بۇ ناچار ئادەتنى) يېڭەلىشىمگە مەدەت بېرەلمەيتتى. قىز ئىككىلەنمەيلا ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمگە تىكىلدى، مەن بۇ سېھىرلىك كۆز نۇرلىرىدا ئېرىپ يۇمشاپ كېتىۋاتاتتىم، ئاجىز يۈرىكىم قاپقارا مومغا ئوخشايتتى،


  • بىر تال تۈگمە
    ئوۋ ياڭ جوۋجى

    بۇ ئوغۇل بالىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقىنىغا بىر يىل بولاي دەپ قالدى، ئۇنىڭ يۇزلىرى تاتارغان بولسىمۇ، قاپقارا كۆزلىرى پارقىراپ تۇراتتى، دوختۇر – سېستىرالارنىڭ گېپىگە كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بېرەتتى، شۇڭىلاشقىمىكى...

  • ئاشخانىدىكى پاراڭ

      (مەمتىمىن ھوشۇر)

            بۈگۈنكى بۇ سوغۇقتا كىرانىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . ئايۇپ بوۋاي ھارۋىسىنى چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىچىپ ئىسسىۋىلىنىش ئۈچۈن دوخمۇش...

  • قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك
    بىر يېزىنىڭ ناھايىتىمۇ چەت بىر كەنتىدە بىر قىز ئاپىسى بىلەن تولىمۇ كىچىك بىر ئۆيدە تۇرىدىكەن، ئاپىسى ئۆيگە ئوغرى كىرىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر كەچلىگى ئىشىكنى قۇلۇپ، زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم تاقاپ قويىدىكەن. ق...
    خەتكۈچ:ھىكايىلەر



ھازىر بىلوگدا جەمئىي نەپەر زىيارەتچى بار