باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ ( ھىكايە) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2009年10月03日

    خىزمەت ئورنۇم  ھوكۇمەت ئورۇن بولغاچقا دوختۇرخانا باشلىقلىرى ۋە دوختۇرلىرى بىلەن داۋاملىق يىغىنلارغا قاتنىشاتتۇق ، بىرگە ئۇگىنىش قىلاتتۇق ، شۇڭا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى ياخشى بىلەتتى .

      ئەتىسى دوختۇرخانىدىن بىر ئايال دوختۇر مىنى تىلغۇن قىلىپ چاقىرىتتى ..

    -- مىنى چاقىرتىپ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟

    -- شۇنداق ! سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر گەپ بار ، بىراق بۇنى پەقەت  ئىككىمىزلا بىلىشىمىز كىرەك ! چۇنكى بۇ دۇختۇرخانىنىڭ مەخپىيەتلىكى ، مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۇكام ئورنىدا كورۇپ كەلگەن ، سىزنىڭ ساددا ، ئاق كوڭۇل ياخشى بالا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن . سىزگە ئۇگال بولغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . شۇڭا بۇ ئىشنى سىزدىن يۇشۇرۇشنى ۋىجدانىمغا خىلاپ دەپ بىلدىم ...مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ تونۇگۇن دورا ئىچىۋالغانلىقىغا ئائىت مەخپىيەتلىك . كوڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، سىزنىڭ ئايالىڭىز ناھايتىمۇ كاززاپ ئايال ئىكەن . ئۇ سىزنى ئالدىغان بىلەن بىز دوختۇرلارنى ئالدىيالمايدۇ ..تونۇگۇن بىز تەكشۇرۇش جەريانىدا  ئۇنىڭ ھىچقانداق دورا يەۋالمىغانلىقنى بىلدۇق ۋە ھەيران قالدۇق .. بىراق سىلەرگە ئيتىشنى ئەپسىز كوردۇق ...ئايالىڭىز چاشقان دورىسىنى ئىغىز بۇرنىغا سۇرتۇپلا يالغان ھوشسىز بولۇپ يىتىۋالغان . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنى راستىنلا يەۋالدىمۇ دىسەك ،  ئادەتتە چاشقان دورىسى يەۋالغىلى ئىككى سائەت بولغان ئادەمنىڭ يىرىم سائەتتە ھوشىغا كىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس . ئۇ سىزگە ئۇگال قىلدى . سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن .

    -- نىمە ~ مىنى قورقۇتۇش ....ئاجىراشماسلىقنى قىلتىقى  ئۇچۇن ماڭا مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامدۇ ؟



       ئىشخانىغا قايتىپ كىلىپ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم ، يۇلتۇز سەن نەدە ؟ بۇ سىنىڭ ماڭا بەرگەن جازايىڭىمۇ ؟ دەپ پىچىرلايتىم  ....ئاستا ئۇستەك تارىتمامنى ئاچىتم ، ئاۋالقىدەكلا ئالدىن تەييارلاپ قويغان رەڭلىق بىر پارچە قەغەزنى ئىلىپ  چىرايلىق قاتلاپ يۇلتۇز شەكلى ياساشقا باشلىدىم .... -  ئالدىمدا ئولتۇرغان خىزمەتدىشىم ..

    -- قۇياش ! سىز قولىڭىزغا بۇ رەڭلىق قەغەزنى قايتا ئالدىڭىزغۇ ، تويىڭىزدىن بۇرۇن سىزنىڭ داۋاملىق يۇلتۇز ياساۋاتقانلىقىڭىزنى كورۇپ ، بۇ بالا مۇھەببەتكە غەرىق بولۇپتۇ دە گۇمان قىلغان ئىدىم .. كيىنچە توي قىلدىڭىز ....تويدىن كىيىن بولدى قىلامدىكىن  دىسەم يەنە توختىماي ياساۋاتىسىز ... بۇ قانداق گەپ !

    -- كەچۇرۇڭ ! بۇ قولۇمدىكى يۇلتۇز مىنىڭ سويگۇنۇمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەن بۇنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئاشۇ كۇنىدىن باشلاپ ھەر كۇنى بىرنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ياساپ كەلدىم . ئويۇمگە بىرىپ قارايدىغان بولسىڭىز ، تورۇسقا ئىسىغلىق تۇرغان نۇرغۇن رەڭلىق يۇلتۇزلارنى كورەلەيسىز . ھەر كۇنى كىچىسى ئۇنىڭغا قاراپ ياتىمەن .

    -- نىمە ~ سىز توي قىلغان  ئەر كىشى تۇرۇپ يەنە تورۇسقا قاراپ ياتىمەن ، يۇلتۇزغا قاراپ ياتىمەن دىگىنىڭىز نىمىسى ، ئەجىبا بۇ يۇلتۇزلار سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئاتاپ ياسالغان ئەمەسمۇ ؟

    --ياق ياق  ئەگەر ئايقىزغا ئاتاپ ياسىغان بولسام ، گۇمبەز ياسىغان بولاتتىم ...ئۇ مىنى ۋەيران قىلدى ...مەن ئۇنى سويگەن ئەمەسمەن ..

    -- بۇ قانداق گەپ  .  سويمەي تۇرۇپ توي قىلدىم دىگەنمۇ گەپمۇ ؟  

    ئۇنىڭ بىر كۇن بۇرۇن دورا يەۋالغانلىق خەۋىرى پۇتۇن ئىدارىغا تارقىلىپ كەتكەن ئىدى . بۇ خەۋەرنىڭ ئۇنىڭ ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس  ..بەلكىم چوقۇم خەۋەر تاپىتى .....يەنە يۇشۇرۇشنىڭ نىمە ئورنى بار ..

    --ئاڭلاڭ ! سىز بىلەن خىزمەتداش بولغىلى خىلى ۋاقىت بولدى . بىلىمەن سىز ياخشى قىز . بىراق تۇرمۇشلۇق بولغىنىم ئۇچۇن  سىز بىلەن بىرەر قىتىم مۇڭدىشىپ باققان ئەمەسمەن . بۇنىڭ سەۋەبىمۇ سىزنىڭ كىلەچىڭىزنى ئويلىغىنىم ...سىرىتلاردا يالغان ياۋىداق گەپلەرنىڭ تارقىلىپ سىزگە تەسىرى بولماسلىقى ....سىز توي قىلمىدىڭىز ....شۇڭا مەن داۋاملىق سىزدىن ئۆزۇمنى تارتىپ كەلدىم ... بۇگۇن كوڭلۇم بەكمۇ يىرىم ....بارلىق ھەسرىتىمنى يىقىن ئادىمىمگە توكۇپ بەرگۇم .تازا يىغلىغۇم بار .....بىراق كىمگە ئيتىشنى بىلمىدىم ...بىز  خىزمەتداش ، بىر ئىشخانىدا ...مەن سىزگە ئىيتاي ، ئىچ قارنىمنى بوشىتۋالاي .... --- مەن ئۇنىڭغا تويدىن بۇرۇن ۋە كيىن بولۇپ ئوتكەن ئىشلارنى بىرمۇ - بىر سوزلەپ بەردىم ...-- شۇڭا تونۇگۇن ئۇنىڭغا ئاجىرشىش تەكلىپى بەرسەم ئۇ دورا ئىچىۋاپتۇ ...بەلكىم بۇنى سىزمۇ ئاڭلاپ بولغانسىز  ..قانداق قىلىشمنى بىلمىدىم .

    -- سىز راستىنلا شۇنچە يىنىكلىك بىلەن ئاجىراشماقچىمۇ ؟ بۇ دىگەن تۇرمۇش مەسىلىسى . خىزمىتىڭىزگىمۇ  تەسىرى ياخشى  بولمايدۇ ...ياخشىراق ئويلىنىڭ ...بەلكىم ئايقىز كىچىكلىك قىلغاندۇ . ئۇ ياخشى قىز ...ئىشىنىمەنكى ئۇ تۇزۇلۇپ كىتىدۇ ..ۋاقىت مەسىلىسى ...سىلەر يەنە ئازراق چۇشىنىشىڭىلار ...بۇنداق بالىلارچە يەكۇن چىقارماڭ ....بىر قىتىم توي قىلغان دىگەن ئاتاق ياخشى ئاتاقمۇ ؟ سىزنى ئاكامدەك كورۇپ كەلگەن شۇڭا سىزگە مۇشۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ...ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇشىڭىزنى تۇتۇپ قىلىڭ .

    -- بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ..مەن قەتئي نىيەتكە كەلدىم ...تۇرمۇشىمىز ئەمدى داۋاملىشالمايدۇ. مەن چوقۇم ئاجىرشىمەن .

    --قۇياش ! ئەگەر سىز قەتئي نىيەتكە كەلسىڭىز ، مەن سىزنى ئاكا ئورنىدا تۇرۇپ بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى سىزگە دىمىسەم بولمايدۇ .  ئەسلى بۇ ئىشلارنى تويدىن بۇرۇن سىزگە دەي دىگەن ..بىراق مەن توي قىلمىغان قىز ، سىز تويغا تەييارلىق قىلغاندا مەن بۇ گەپلەرنى دەپ ئولتۇرسام سىلەرگە دۇشمەنلىك قىلغانلىق بولۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئىچىمگە سىلىپ كەلدىم ...ئەمدى ۋاقتى كەلگەن ئوخشايدۇ ..مەن بۇ ئىشلارنى سىزگە سوزلەپ بىرەي . سىزگە ئۇگال بولدى ..سىز زىيانكەشلىككە ئۇچىردىڭىز ..سىزگە ھىسداشلىقىم قوزغىلىدۇ ...مىنىڭمۇ كىلەر ئايدا تويۇم بولىدۇ . بۇ گەپلەرنى  ئەمدى دىيشىنىڭ زورۇريىتى تىپىلدى دەپ ئويلايمەن ...سىز ئايقىڭىزنىڭ ئىچكىرگە بارغانلىقىدىن خەۋەردارمۇسىز ؟..ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ، ئۇ چاغلاردا سىز ئالي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپلا باشقا يەرگە خىزمەتكە تەقسىملەندىڭىز ، بۇ يەرگە يوتكىلىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى . نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەرسىزسىز . سىزنىڭ شۇنچە تىز توي قىلدىغانلىقىڭىزنى مەنمۇ بىلمىدىم .سىز مۇھەببەتلەشمەيلا ، چۇشىنىشمەيلا توي قىلدىڭىزغۇ دەيمەن . مەنمۇ توي باغىقىنى قولۇمغا ئالغاندا ھەيران قالغان ئىدىم .بىراق ئۇ ئىشلارنى سوزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىنى دۇشمەنلىك دەپ بىلدىم .شۇڭا تا ھازىرغىچە سىر قىلىپ كەلدىم .شۇنداق سىزنىڭ ئايالىڭىز ئىچكىرگە بارغان ، ئۇ چاغلاردا ئەمدى 16 ياش ۋاقىتلىرى، يۇرتىمىزغا سىچىۋەندىن بىر خەنزۇ يىگىت ئىشلەمچى بولۇپ كەلدى . ئۇ بۇ يەردە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كيىن تۇيۇقسىز ئايقىز بىلەن بىرگە يوقاپ كەتتى . بىر نەچچە كۇن بولمايلا ھەممىسى ئاشكارلاندى . ئايقىز خەنزۇ يىگىت بىلەن ئىچكىرگە قىچىپ كەتكەن ئىدى . بىراق بىر نەچچە ئاي بولماي قايتىپ كەلدى . ئاڭلىساق ئۇ يىگىت  ئىچكىرگە ئاپىرىپ بىر نەچچە ئاي ئۆزىگە خوتۇنلۇق قىلىپ  تاشلاپ قىچىپتۇ . كىلىشكە ئامالسىز قىلپ  ئۇ يەردە سەرگەندار بولۇپ يۇرگەندە ئاتا - ئانىسى بىرىپ ئەكىلۋالغان .. سىزنىڭ توي ئىشىڭىزدىنمۇ ئازراق بولسىمۇ خەۋەردارمەن ، ئاڭلىسام  ئايقىزنىڭ ئوي ئىچى سىزنى بەكمۇ ئالدىرتىپ ، تونۇشۇپلا 20 كۇن بولماي تۇرۇپ شۇنچە تىز تويىنى قىلىپ  سىلەرنى چىتىپ قويىشىمۇ  سىزنىڭ مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرگەنلىك . شۇڭا ..ئۇلار بەكمۇ تىز سىزنى قىلتاققا ئىلىندۇردى ..بۇلاردىن سىز خەۋەرسىز ..ئۇنىڭ ئۇستگە تويدىن بۇرۇن ئايقىزنىڭ بىرىش كىلىش قىلدىغان ئوغۇللارنىڭ كوپلىكى بۇلارنى دەپ ئولتۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوق ...سىز بىلىپلا قالسىڭىز بولدى .



       چۇشلۇك دەم ئىلىشتا تاماققىمۇ بارمىدىم ، ئىشخانىدا يالغۇز يىگانە ئۇزۇندىن ئۇزۇن چەكسىز تىگى يوق خىياللار . ئايقىزنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ، يۇلتۇزنىڭ گۇزەل سىمايى ، كوز ئالدىمدا بىر - بىرلەپ ئوتۇشكە باشلىدى . ئۇلارنى سىلىشتۇراتتىم . ئىشىكىنىڭ چىكىلگەن ئاۋازى بىلەن ئىسىمگە كەلدىم - دە بىرىپ ئىشىكىنى ئاچتىم .

    -- ياخشىمۇسىز قۇياش ! ھەنىم بولسا ئىشىخانىدا بار ئىكەنسز. سىزگە تىلغۇن قىلاي دىسەم ، تىلغۇن نومۇرىڭىزنى بىلمەيمەن . شۇڭا چۇشلۇك دەم ئىلش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئىشىخانىغا ئۇدۇللا كەلدىم ... -- ئايقىزنىڭ ھاممىسى قىزغىن سالام سائەتتىن كيىن كىرىپ كەلدى -- نىمە ، سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ ؟ چىرايىڭىز بولەكچىغۇ  ؟ بولمىسا دوختۇرخانىغا بىرىپ باقامسىز ...

    -- ياق بولدى .رەھمەت ! ھىچ ۋەقەسى يوق .كوڭلۇم بىر ئاز خاتىرجەمسىز ، توغرا ، مىنى ئىزدەپ بىرەر ئىىشڭىز بارمىتتى ؟ ئەگەر ئايقىز توغۇرلۇق سالالىققا  كەلگەن بولسىڭىز بولدى دىمەيلا قويۇڭ ، مىنىڭ ئاڭلىغۇم يوق !

    -- ئاچچىغىڭىز نىمىنداق يامان . مەن گەپنى باشلىماي تۇرۇپلا ،  ئاۋال ئاڭلاڭ ..ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن قانداق گەپ بولسا دەڭ ....ئايقىزنىڭ ھاممىسى يۇمشاق ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردىدە گەپنى باشلىدى.. ئەسلى ئىش مۇنداق !  بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن ئايقىز ئىككىڭلارنىڭ تويىغا قاتناشقان ، قوللىغان ھەر بىرىمىز يۇز كىلەلمەيمىز . مەن شۇلار نامىدىن كەچۇرۇم سورايمەن . بىز سىزگە زىيانكەشلىك قىلدۇق .ھازىر دىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ .مەن بىلىمەن سىز ياخشى بالا .يۇرتىمىزدا چوڭ - كىچىكىنىڭ ھورمىتىگە ئىرىشكەن ئاق كوڭۇل ھورمەتكە سازاۋەر بالىسىز . سىزنى مەن ئەزەلدىن ئۆز ئۇكامدەك كورۇپ كەلگەن . بىراق ئايقىز بىلەن قانداش مۇناسىۋىتم بولغاچقا مەن شەخسىيەتلىك قىلدىم ... ئەمدى ئىش بۇ دەرىجىگە بارغاندا مەن بۇلارنى سىزگە دىمىسەم  ئۆزۇمنى بىر ئۆمۇر گۇناھكار ھىس قىلىشىم مۇمكىن ...مەن سىزنى ئايقىزدىنمۇ يىقىن بىلىمەن ، خۇددى ئۆز ئۇكامدەك . ئاڭلىسام تويدىن كيىن ساقسىز بولۇپ قاپسىز . بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ خاتالىقى . گەپنى باشقا ياققا ئەگىتىپ  كەتتىم . ئەمدى باشلاي . سىزنىڭ تويدىن بۇرۇن ۋە كيىن يىگەن - ئىچكىنىڭىزنىڭ ھەممىسىدە مەسچىن ئىمامىنىڭ ئوقۇپ بەرگەن ئىسىتقۇ دىمىدە سۇيى بار . ھىلىمۇ ئىسڭىزدىمۇ ؟ تويدىن بۇرۇن سىز ئايقىزنىڭ بىر قانچە ئەكەلگەن ئالمىسىنى يىگەن . ئۇ ئالما ھەممىسى ئىمامنىڭ  ئالدىدىن ئوتكەن . ئويلاپ بىقىڭ . سىز ئايقىزنىڭ قىلچىمۇ ياخشى كورمەيسىز يۇ يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىڭىز  . بۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرسى ..تويدىن كيىن ئايقىزنىڭ سىزگە ئىتىپ بەرگەن تاماقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىسىتقۇ سۇيى بار .  سىز ھازىر ئويگە قايتىپ ياخىشىراق ئاقتۇرۇپ بىقىڭ . كانسىرۋا قۇتىسغا ناۋات سۇيىگە ئوقۇتۇلغان ..بۇلارنىڭ ھەممىسنى شۇنچە ئايان بىلىپ تۇرساممۇ قانداشلىق مۇناسىۋىتى كۇچلۇك كىلىپ تا بۇگۇنكىچە سىزنى ئىزدەپ دىيشكە ئامالسىز قينلىپ يۇردۇم ..سىز ەسچىت ئىمامىنى  ئىزدەپ شۇنىڭدىن سوراڭ ..بۇ ئىشلارغا شۇمۇ سەۋەپى .مىنى كەچۇرۇڭ .يەنە بىر گەپ شۇكى بۇ بىز ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئىچىدىكى مەخپىيەتلىك ئىدى . ئەگەر سىز ئايقىز بىلەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسىڭىز سىز بۇ بىر ئومۇر دادا بولالمايسىز ، چۇنكى ئايقىز ئانا بولۇشتىن مەھرۇم قالغان .

    -- نىمە ؟ ئۇ تىخى ماڭا قورسىقىمدا 40 كۇن بولدى دەۋاتاتتىغۇ ...

    -- بۇنىڭ ھەممىسى سىز بىلەن تۇرمۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇش . ۋاقىتنى ئۇزارتىش . سىزنى بالىنى دەپ بولسىمۇ نىيتىدىن يىنىپ قالسا ..شۇ پۇرسەتتىن  پايدىلىنىپ سىزگە تىخىمۇ كۇچلۇك ئىسىتقۇ دىمىدىلەرنى قىلىش . تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش..

    -- توۋا ! نىكاھ مىھرىنى اللا ئۆزى سالىدۇ دەپ .ئۇ ماڭا شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسىمۇ مەن ئۇنى ياخشى كورگەن سويگەن ئەمەسمەن ...ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بىر قىتتىممۇ سىزنى ياخشى كورىمەن دەپ باققان ئەر ئەمەسمەن .. ئۇ بولسا مىنىڭ ئاشۇ بىر ئىغىز گىپىمگە تەشنا .ئەمدى چۇشەندىم .مەن ئۇنى ياخشى كورمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغىنىم ...مەن ئەزەلدىن داخان موللاملارنىڭ ئۇنداق  نەرسىلىرىگە ئىشنىپ باققان ئەمەس ...ئۇنىڭغا ئىشىنىش اللاغا شەك كەلتۇرگەنلىك ... ئىشىنىش ھارام . .بىراق نىمىلا بولمىسۇن ئۇ ئاللانىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئوقۇلغان ... بەلكىم راستىلام دىمىدە سۇينىڭ رولى باردۇ ياكى يوقتۇ ....ماڭا نىمە ئۇچۇن بۇنداق زىيانكەشلىك قىلىدۇ .يەنە بىر سورايدىغىنىم ،  ئۇ نىمىشقا قورساق كوتۇرەلمەيدۇ ؟...

    -- سەۋەبىنى سىزگە ئيتىش ئەپسىز . سىز دوختۇرخانىغا بىرىپ سۇرۇشتۇرۇپ بىقىڭ . شۇلار سىزگە دەپ بەرسۇن . مەن ھاممىسى بولۇش ئورنى بىلەن سىزگە بۇ گەپلەرنى دىسەم بولمايدۇ  .سىزگە پەقەت شۇ ئۇچۇرنى بىرەي . بولىدۇ ئەمسە مەن قايتاي . ئۆزىڭىزگە كوپ دىققەت قىلارسىز .

    خىزمەتتىن چۇشۇپلا ئويگە كەلدىم ، ئوينىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنى ئىزەشكە باشلىدىم .توۋا ..ئايقىزنىڭ ھاممىسى دىگەندەك راستىنلا يۇمشاق ئورۇندۇقنىڭ ئۇستىگە قويۇلغان رامكىنىڭ ئارقىسىدىن بىر كۇنسىرۋا  سۇ تىپىلدى ، ئىلىپ تاشلىۋىتەي دەپ تۇرۇشىمغا ئايقىز كىرىپ كەلدى ..

    -- سىز بۇنى نەدىن تاپتىڭىز ؟ ئەكىلىڭ .

    -- بۇ نىمە ؟

    -- بۇ دورا .يىقىندىن بىرى سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ، شۇڭا مۇشۇنى ئىچىۋاتىمەن ...

    ئۇنىڭ قانداق جاۋاپ بىرشى مەن ئۇچۇن مۇھىم ئەمەس ئىدى . مەن ئەمدى موللامنىڭ ئويىگە بىرىپ بۇ ئىشلارنىڭ راسىت - يالغانلىقىنى بىلىپ بىقىشىم كىرەك ئىدى ..سىرىتقا  قاراپ يول ئالدىم .ئىتتىك قەدەملەر بىلەن موللامنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم دە ئاستا دەرۋازىنى چەكتىم ....

    -- كەچ بولغاندۇ كىمدۇ بۇ ئەمدى -...دەپ ھويلا ئىچىدىن بوش ئاۋازدى بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ...--كىمۇ ؟

    -- مەن ! مەن قۇياش ! مەن موللامنى ئىزدەيدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى....بارمىدۇ ؟

    ئىشىكنى بىر چوڭ ئانا ئاشتى ..

    -- شۇنداق موللام ھاجىم ئويدە خۇپتەن ئوقۇۋاتىدۇ ...سىز كىرىپ بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ..

    خۇپتەن نامىزىدىن كيىن موللام ھاجى مەن ئولتۇرغان ئويگە قىزغىن سالام بىلەن كىرىپ كەلدى .

    -- قۇياش  ، كىلپ قاپسىز ...بىرەر ھاجىتىڭىز بارمىتتى ؟

    -- شۇنداق موللام ھاجى . مەن بىلمەن ، سىز تىخى ھازىر جەينامازدىن چۇشتىڭىز ، تەرىتىڭىز بار . ئىشىنىمەنكى سىز بىر موللام بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن يالغان گەپ قىلمايسىز . يالغان گەپ سىز ئۇچۇن ھارام . مەن ئۆزۇمنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوق ..مىنى ياخشى تونۇيسىز  ...مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنىم مىنىڭ نىكاھ ئىشىم ....مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئايقىز ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى سىزنى ئىزدەپ كەلگەن شۇنداقمۇ ؟

    -- نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنىمۇ چۇشەندىم ، دىيىشتىن بۇرۇن سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن .شۇنداق تويىڭىزدىن بۇرۇن ئايقىز ۋە ئۇنىڭ ئاچىسى مىنى ئۇلارغا ئىسىتقۇ قىلىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلپ كەپتۇ .مەن ئۇلار بىلەن ھەم يىقىن مەھەللە قوشنا ھەم بىر كۇچارلىق يۇرىتتاشلاردىن بولىمىز ، مۇناسىۋىتىمىز ناھايتى ياخشى بولغاچقا مەن ئۇلارغا ئىسىتقۇ  قىلىپ بەرگەن ، بىراق ماڭا ئىشنىڭ مەن ئۇ دىمىدىنىڭ سىزگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلىمىگەن، ئەگەر بىلگەن بولسام  ئوقۇپ بەرمىگەن بولاتتىم . ئارىدىن نەچچە كۇن بولا - بولماي سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى ئاڭلىغان چىغىمدا ئىغىزىمنى تۇتۇپلا قالدىم . نەچچە كۇن  پۇشايمان قىلىپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۇردۇم . مەن ئۇلارنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلدىغانلىقنى ھەرگىز بىلمەپتىمەن ...مىنى كەچۇرۇڭ

    چەكسىز مۇنازىرە مۇنبىرى 






قايتىش