-
ئىككى باينىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى (شېئرى چۆچەك) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
ئىككى باينىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى (شېئرى چۆچەك)
ئىككى باينىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى
بۇرۇن قەدىم زاماندا ،
شۇنچە خىلۋەت ماكاندا،
ياشايدىكەن ئىككى باي،
باياشاتتا خوشلۇقتا .
ھىچنىمىدىن غېمى يوق ،
كۈندە شۇنداق كۆڭۈل توق ،
ئىناقلىقى ئۇلارنىڭ ،
قېرىنداشلاردىن ئارتۇق .
توساتىنلا بىر چاغدا ،
قوشنا بۇلۇپ ئۇلارغا ،
سېلىنىپتۇ بىر كەپە ،
كۆچۈپ كەپتۇ بىر پۇخرا .
بىر كۈنلەردە ئۇ پۇقرا ،
يېقىنلىشىپ بايلارغا ،
داستىخاننى مول راسلاپ ،
چاقىرىپتۇ چايلارغا .
ئويلاپ شۇندا بايلارمۇ ،
«بۇمۇ ئىنسان ئەمەسمۇ،
بوپتۇ بىرگە ياشايلى ،
زېمىن كەڭرى ئەمەسمۇ».
توساتنلا بىر كۈنى ،
يېڭى كەلگەن قوشنىسى،
ئەتىراپنى چىتلاپتۇ ،
كېڭەيتىپتۇ زىمىننى .
بۇنىڭغىمۇ بۇپتۇ دەپ ،
ئەمدى بولدى قىلار دەپ،
گەپ قىلماپتۇ ئىككى باي،
بۇمۇ جاننى باقسۇن دەپ .
كەتكەن ئىكەن ئىككى باي،
باياشاتتا ئويناپ چاي ،
ئويلاپ قاپتۇ قوشنىسى ،
«ئىككى باينى مات قىلاي».
ئېلىپ ئىككى قولىغا ،
ئىككى تال سۇنۇق كوزا،
كۆمۇپتۇ ئۇ بايلارنىڭ ،
تاملىرىنىڭ ھۇلىغا .
ئاز كۈن ئۆتمەي ئۇ قوشنا ،
چۈشۈپتۇ ھەم داۋاغا ،
«ئەسلىدە بۇ ئىككى جاي ،
تەۋە ئىدى بوۋامغا » .
شۇنىڭ بىلەن سوت ئېچىپ ،
ئىككى باينى چاقىرتىپ ،
كوزىلارنى تېپىپتۇ ،
پاكىتنىمۇ تەق قىلىپ .
شۇنداق قىلىپ ئىككى باي ،
ھىچ ئىشنى ئاڭقىرالماي ،
ئايىرىلىپ بىساتىدىن ،
ياتار جايى بوپتۇ ساي .
2009.يىل 4 .ئاينىڭ 21.كۈنى历史上的今天:
سەكراتتىكى بوۋاي (ھېكايە) 2009年10月03日مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ ( ھىكايە) 2009年10月03日شېرىن خىيال كىمدە يوق 2009年10月03日زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى ( پوۋىست ) 2009年10月03日