-
شېرىن خىيال كىمدە يوق - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
2009年10月03日
شېرىن خىيال كىمدە يوق
مۇھەممەتجان راشىدىن
خىيالىمدا خان بولدۇم. خىيالىمدا ۋەزىرمەن،
خىياللىرىم خىلمۇخىل، خىيالىمدا خىزىرمەن،
لەۋلىرىمنى تەمشىيمەن خىياللاردەك بولالماي،
جايىم ئەسكى ئويۇققا، چۈنكى پۇچۇق ھېجىرمەن.
مېنىڭدىنمۇ سۇ ئىچكەن بىچارىلەر بار تېخى،
ئۆستەڭ سۈيى بولمىسا، غەنىيمەتقۇ يامغۇرمۇ؟!
قىلماسلىققا قانائەت بولمايدىكەن ئاچلىقتا،
گۆش بولمىغان ئېشىڭدا غەنىيمەتقۇ چامغۇرمۇ؟!
كۆنەلمىدىم شۈكۈرگە بىراق، دوستۇم ، شۇندىمۇ،
شۇڭا مېنىڭ بېشىمنى چۇلغىۋالدى خىياللار.
كەم دېگەندە مېنىڭمۇ جانان چىنە بولغۇم بار،
تورىۋالدى يولۇمنى دۆۋە - دۆۋە سوئاللار.
خىياللارنىڭ ئاتىسى ئارزۇ ئىكەن ئويلىسام،
تۇغۇلماپتۇ ئارزۇسىز بىرمۇ ئادەم جاھانغا.
شۇڭا بەلكىم سۈرەرمەن مەنمۇ شېرىن خىياللار،
خىياللىرىم قىزىل چەش، رايىم يوقتۇر سامانغا.
بىر كەپتىمەن دۇنياغا، غۇربەت ئۆتۈپ كەتكۈم يوق،
مەي ئىچمىسەم بولغايمۇ مەنمۇ بىر جام تولدۇرۇپ.
ئوڭشايمەن دەپ ئەسكىنى ئېسىم كەتتى قانچە رەت،
تويۇپ كەتتىم بۇ جاندىن ئەسكى تامدا ئولتۇرۇپ.
تىنماي چىققان بورانلار ئۆرۈۋەتتى كەپەمنى،
بەلكىم شۇندىن تۇغۇلدى بىنالارنىڭ خىيالى.
خىياللارنىڭ چېكى يوق، خىياللارنىڭ ئۆلچىمى،
بەلكىم مېنىڭ سۈرگىنىم خىياللارنىڭ قىيامى.
شېرىن خىيال كىمدە يوق، كىم كۆرمەيدۇ شېرىن چۈش،
بىچارىدە مېنىڭدەك خىيال قومدەك بولمامدۇ؟
قاي چوققىدا راھەت بر، شۇ چوققىدا خىيالىم،
راست گېپىمنى ئېيتمىسام، مېنى خۇدا ئۇرمامدۇ؟
تاتلىق چۈشكە ئايلىنار شېرىن خىيال بەزىدە،
ئوڭشالغاندا چۈشلىرىم، ئوڭشىلىدۇ ئىشلىرىم.
ئوڭغا تارتقان چۈشلەرنى كۆپ كۆرگەنغۇ ئادەملەر،
ئۇختىسىغا كەپقالسا ئەجەب ئەمەس چۈشلىرىم!
2000- يىل ئىيۇن، غۇلجاچەكسىز مۇنازىرە مۇنبىرى
历史上的今天:
ئىككى باينىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى (شېئرى چۆچەك) 2009年10月03日سەكراتتىكى بوۋاي (ھېكايە) 2009年10月03日مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ ( ھىكايە) 2009年10月03日زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى ( پوۋىست ) 2009年10月03日