باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى ( پوۋىست ) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2009年10月03日

    (2)
    يىتىملەرنىڭ كۆز يىشى


    8 - ئاينىڭ ئولتۇر - ئاخىرلىرى بولغاچقا كۇن ناھايتىمۇ ئىسسىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە چۇشلۇك دەم ئىلش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا ، بىز ياتاقداشلار تاماقلىنىپ بولغاندىن كيىن قايتىپ كىرىپ ئۇخلاۋاتاتتۇق ..
    - جىرىڭ ...........جىرىڭ ...
    ياتاق تىلفۇنى ئەنسىز جىرىڭلاپ كەتتى . شاۋكەت ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى ئاران ئىچىپ ، ئۆز - ئۆزىگە " تازا تاتلىق چۇش كۆرۇۋاتسام ، خەپ ! بۇ ۋاقىتتا تىلفۇن قىلغان قايسى يولدىن ئىزىپ قالغاندۇ ئەمدى ، تىلفۇننى چىقىۋىتىدىغان يەرگە يەتتىم دە. ھەجەپ زىرىكتىم ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ئۇيقۇ قىلماي " دىگىنىچە تىلفۇننى قوپاللىق بىلەن ئالدىيۇ ، ئەدەپ بىلەن قارشى تەرەپكە سالام قىلدى ...
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .....ۋاي ۋاي ....غىنى ئوقۇتقۇچىكەنغۇ ؟ چۇشلۇكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن . نەبىنى ئىزدەيسىزغۇ دەيمەن ...مانا مەن چاقىرىپ قوياي .....نەبى ...نەبى ئورنىڭدىن تۇرە ..ئاكاڭدىن تىلفۇن كەپتۇ ، - دىگەچ تىلفۇننىڭ سىمىنى تارتىپ ، كارۋىتىمغا ئەكىلىپ بەردى ...
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غىنى ئوقۇتقۇچى
    - ۋەلەيكۇم ئەسسالام ، چۇشلۇك تامىقىڭنى يىدىڭمۇ ؟ چۇشلۇك دەم ئىلىشىڭغا دەخلى قىلمىغاندىمەن .
    - ياقەي ، ئۇنداق ئەمەس ، چۇشلۇك تاماقنى ساۋاقداشلار بىلەن بىرگە يىدىم ....سىزچۇ ؟ چۇشلۇك دەم ئالمىدىڭىزمۇ ؟
    - مەنمۇ يەپ بولدۇم .. ئەتە تۇرپانغا بىر ئىش بىلەن بارماقچى ئىدىم . بەلكىم بىر نەچچە كۇن تۇرۇپ قىلىشىم مۇمكىن ، سەن چۇشلۇك كۇرۇستىن چۇشكەندىن كيىن ئىشخانامغا كەلگىن ...دەيدىغان گەپ بار ...


    چۇشتىن كيىن كۇرۇستىن چۇشۇپلا ئۇدۇل غىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ يول ئالدىم ۋە ئىشىكنى يىنىككىلا ئىككى چەكتىم ..
    - ئىشىك ئوچۇق ، كىرىڭ ..
    مىنىڭ تەمىتىرەپ كىرىپ كەلگەن ھالىتىمنى كورۇپ ،
    - سىنىزە ، مەندىنمۇ تارتىنامسەن ، ئوغۇل بالىدەك گۇس- گۇس دەسسەپ كىرمەمسەن ، قاچانغۇچە مەندىن مۇشۇنداق ھىيىقىسەن ..كىلە ..بۇ يەردە ئولتۇرغىن ، - ئالدىمغا ئىتىك قەدەم بىلەن كىلپلا مورەمگە قولىنى قويۇپ تەييارلاپ قويغان ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزغاچ ، - كۇرۇستىكى ئۇگىنىشىڭ قانداق كىتىپ بارىدۇ . ...سەن ساۋاقداشلار بىللە ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا ياتاي دىگەندىن كيىن ، مەنمۇ سىنىڭ رايىڭغا قاراپ ، يالغۇزلۇق ھىس قىلماي ، كوڭلۇڭ خاتىرجەم ، خوشال بولالىساڭلا بولدى دەپ ماقۇل بولغان ئىدىم ، شۇندىن بۇيان ئەھۋالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم ...مەندىن رەنجىمىگەنسەن - ھە ! تاماقنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يەۋاتامسەن ؟ ئازىراق ئورۇقلاپ قالغاندەك قىلامسەن نىمە ؟ تەكرار دەرىسلىرىڭ كۆپ ئوخشىمامدۇ ؟
    - ياق ياق ... ئۇنداق ئەمەس . كۇن بەك ئىسىسپ كەتكەچكە ئازىراق قارىداپ قالغان ئوخشايمەن ، شۇڭا سىزگە ياداپ قالغاندەك كورۇنۋاتقان بولسام كىرەك .. ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنىڭ سىزدىن رەنجىشكە ھەتتىمۇ ، سىز دىگەن پەرىشتىدەك ئىنسان تۇرسىڭىز ، پەقەت سىزلا رەنجىمىگەن بولسىڭىز ...دەرىسلىرىمگە كەلسەك ھەر ھالدا بولىدۇ ...ئانچە ئىغىرمۇ ئەمەس ...كونۇپ قالدىم ..مىنى چاقىرتىپ مۇھىم بىر ئىشىڭىز بارمىتتى ئاكا ..
    -مۇھىم دەپ كەتكىلىمۇ بولماس ئەمدى . چۇشتە تىلفۇندىمۇ ساڭا دىدىم ، ئەتە تۇرپانغا باردىغان ئىش چىقىپ قالغان ئىدى ، شۇڭا مەن كەلگۇچە ياتاقتا ياتماي ئۆيدە ياتقىن .مانا بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى ، ئالغىن ...ھەقىچان يۇيدىغان كيىملىرىڭمۇ يىغىلىپ قالغاندۇ ، يۇيۇدىغان نەرسىلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ كىرئالغۇدە يۇيغىن ..بىر نەچچە كۇنلۇك يەيدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسنى توڭلاتقۇغا سىلىپ تەييارلاپ قويدۇ ...مەن كەلگۇچە يىتىدۇ ...ماۋۇ 100 يۋەن پۇل ، ئۆزۇڭگە ئىقتىساد قىلارسەن ..توغرا ئۆيدىكى كومپىيۇتىر تورغا ئۇلاغلىق ..توردىن ئۇگىنىشڭگە كىرەكلىك بولغان ماتىرياللارنى ئىزدەپ تىپىپ كوپىرەك مەشىق قىلغىن ..
    - رەھمەت ئاكا ! شۇ تاپتا سىزگە نىمە دىيشىمنى بىلمەيمەن . ..بىلەمسىز ؟ مىنى سىزگە يۇلۇقتۇرغان شۇ قىتىمقى تەغدىر ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ . سىز مىنى ئىچكىردىن مىڭ بىر جاپادا ئەكەلدىڭىز . ئۆزىڭىزگە ئۇكا قىلىپ ، ئوقۇتۇپ ، تەربىيە بىرىپ ، تا بۇگۇنكىچە ماڭا ھەتتا قۇياشمۇ بىرەلمىگەن ئىللىقلىقنى يەتكۇزۇپ كەلدىڭىز ... مەن سىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ، سىز اللانىڭ مىنىڭ كۆرىۋاتقان ئىچىنشىلىق كۇنلىرىمگە ، نالەمگە چىدىماي ماڭا ئەۋەتكەن پەرىشىتىسى ...سىزدەك بىر ئاكامنىڭ بولغىنىدىن مەن ئۆزۇمنى تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھىس قىلىمەن . ئەگەر ئۆزۇمنىڭ ھەقىقي راسىت ئاكىسى بولغان بولسىمۇ ماڭا بۇنداق قىلماس بولغىتتى ..
    - ھا ھا ...مىنى بۇنداق كوپتۇرۇپ ماختىما ..بۇنداق دىسەڭ مەن خىجىل بولۇپ قالدىكەنمەن .. بۇ مىنىڭ شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ قىلدىغان ئادىمىلىك ئىشى ....ئاڭلىغىن ، بۆرىنىڭ مىسالغا ئالساق ، ئۇ بىر ھايۋان .. بىراق ھايۋان بولغىنى بىلەن ئۇلاردا ئادەمدە يوق ئەقىل ۋە بىرلىك بار ...ئۇلار ھەر قاچان توپلىشىپ ياشايدۇ ، ھايۋانلار ئىچىدە بۆرىنىڭ دۇنيادا ئىناقلىقتا نامى بار ... ئەگەر ئەمدىلا توغۇلۇپ تىخى ئانا سۇتىگە ئىغىز تەگمىگەن بۆرە ئاسلاننىڭ ئانىسى ئۆلۇپ قالسا ، بۆرە ئاسلان سىنىڭچە قانداق قىلىدۇ ؟ بۇ چاغدا ئاسلان بۆرىنىڭ ھاياتى تولىمۇ خەتەرلىك ، ناھايتى تىزلا باشقا يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ بىر ۋاقلىق مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ كىتىشى ياكى ئاچلىقتىن ئولۇپ قىلىشى مۇمكىن ....بىراق بىلگىنكى ، بورە ئاسلان يەنىلا ناھايتىمۇ بىخەتەر ھاياتىنى ساقلاپ ، ئۇزۇنغا قالماي يىرىتقۇچ چوڭ بورىگە ئايلىندۇ ؟ سەۋەبى : مەن بايا ساڭا دەپ ئوتۇپ كەتتىم ، بورىلەردىكى ئىناقلىق ئىنسانلاردىمۇ يوق . ئەگەر بىر ئانا بۆرە ئولۇپ قالسا ، شۇ زامان باشقا بۆرىلەر كىلىپ ئاسلان بورىنى بىقىۋالىدۇ، ئەگەر بىقىۋالغان بۆرە ئانا بورە بولسا ئاسلان بۆرىنى ئىمىتىدۇ ، ئاتا بورە بولغان بولسا ئۇنىڭغا ئۇزۇقلۇق تىپىپ ، ھاياتىنى قوغداپ چوڭ قىلىپ يىتشىتۇرۇپ چىقىدۇ ..شۇنىڭ بىلەن ئاسلان بۆرە ناھايتىمۇ بىخەتەر چوڭ بولۇپ يىتىلىپ چىقىدۇ .. ئەجىبا مەن بىر پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئەقەللي ئادەم تۇرۇپ ئاشۇ ھايۋانچىلىك بولالمامدىمەن . ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى بۆرىگە سىمھۋۇل قىلىمىز ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاشۇ ھايۋان قىلغاننى مەن ئىنسان قىلالمىسام قانداق بولىدۇ .... سىنى ئىچكىردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكىلىپ ، ئادەم ياشاشقا تىگىشلىك يولنى كورسەتكىنىم شۇنداقلا ساڭا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالغىنىم باشقا مەسىلە ئەمەس ، بىرلا جاۋاپ ، سەن ئۇيغۇر ، مەنمۇ ھەم ئۇيغۇر ، ئۇنداق بولغانىكەن ، بىر ئۇيغۇر يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قۇربان بولۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرۇپ تۇرۇپ كورمەسكە سىلىش ھايۋاندىنمۇ بەتشىرلىك ئەمەسمۇ ؟ ...شۇڭا مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلدىم ...سىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇم ..مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئىسىل خىسلەت ...بىز ئاشۇ بۆرىلەردەك ئىناق ئىتتپاق ئۆتشىمىز كىرەك .. يىتىم ، مۇساپىر ، سەرگەندان بالا ئاسلانلىرىمىزنىڭ باشقىلارغا يەم بولۇپ كىتىشدىن ساقلىنىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كىرەك ...شۇندىلا بۆرە بۆرە توپىنى ، ئۇيغۇر بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداپ قالالايدۇ ۋە باشقىلارغا بوزەك بولمايدۇ ..مەن پەقەت ساڭىلا ئەمەس، قولۇمدا ئوقۇۋاتقان ھەممە ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش بىر كۆزدە .... ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۇنۇش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى ، بىز سىلەرنى بۇ مەكتەپتىن ئۇچۇم قىلىپ چىقارغۇچە بولغان ئارلىقتا چوقۇم سىلەرنىڭ پەرۋاز قىلغۇدەك قاناتنىڭ يىتىلىپ چىقىشىغا كۇچ چىقىرىپ پەرۋىش قىلمىساق بولمايدۇ -دە ! شۇڭا كىشىلەر بىزنى ئوقۇتقۇچى ، يەنە كىلىپ ئىككىنچى ئاتا - ئانا دەپ تەرىپلىشىدۇ ، بىز بۇ گۇزەل نامغا داغ كەلتۇردىغان ئىشنى قىلساق بولمايدۇ ، چوقۇم كىشىلەر تەرىپلىگەندەك ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا - ئانىسدەك كۆيۇنىشىمىز ۋە ئۇلارغا بۇ ياد شەھەردە يالغۇزلۇق ، مۇساپىرلىقنى ھىس قىلدۇرماسلىقىمىز كىرەك ...مۇشۇنداق شارائىتنى يارىتىپ بەرگەندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ئۇنۇمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ .. كىينچە سىلەر جەمىئەتكە چىقىپ ئەدىب ، ئالىم ، يازغۇچى ، شائىر ، بىرەر ئىدارىنىڭ باشلىقى ۋە ياكى چوڭ كارخانچى بولۇپ نام چىقارساڭلار ، بىزمۇ شۇ چاغدا " مىنىڭ تەربىلىگە ئوقۇغۇچىم ئىدى " دەپ پەخىرلىنىمىز دە ...سىلەرنىڭمۇ - بىزنىڭمۇ يۇزىمىز يۇرۇق بولىدۇ ....شۇڭا مىنىڭ ئالدىمدا ھەرگىزمۇ قىسىلمىغىن ، بۇ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇربيىتى ، يەنە ئاكىنىڭ ئۇكىغا بولغان مەجبۇريىتى ھەم مۇھەببىتى ...
    غىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ گەپلىرى پۇتۇن بەدىنىمنى لەززىگە سالدى ، شۇ تاپتا ھاياجاندا كۆزلىرىممۇ نەملىشىپ بىر نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چۇشۇشكىمۇ ئۇلگۇگەن ئىدى ..
    -نىمىگە يىغلايسەن ! چوپ - چوڭلا بولۇپ قالغان ئوغۇل بالىمۇ ماڭقىسىنى ئىقتىپ يىغلامدىغان ، مەن يىغىلىغان ئوغۇل بالنى ئانچە ياخشى كورمەيمەن ، ئەگەر سەن مىنىڭ ئۇكام بولساڭ تىزدىن يىشىڭىنى سۇرتكىن - دىدى ، بۇيرۇق تەلەپپۇزدە ..
    - ياق..ياق ، مەن يىغلىمىدىم ، بۇ خوشاللىق يىشى ، مىللىتىمىزدە سىزدەك بىر ئالىجاناپ ، ئىسىل مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنداقلا ئاكامنىڭ بولغىنىدىن مەن بەكمۇ سويۇندۇم ...شۇڭا ھاياجانلاندىم بولغاي ...
    - بولىدۇ ، ئەمسە مەن چىقاي ، سەن بىردەم ئولتۇرۇپ كىتاپ جازامدىن ياقتۇرغان كىتاپلىرىڭ بولسا تاللىغاچ ئىلىپ چىقىپ ئوقۇساڭ بولىدۇ . .... توغرا يەنە بىر گەپ ، چوقۇم تەكىتلەپ ئوتۇپ كىتىشىم كىرەك .ھەقىچان بۇ بىر نەچچە كۇن ئۆيدىن تورغا چىقىسەن ، ئىنتىر تورى بىر خىل مەۋھۇم دۇنيا ، بىز ئۇنى ئىشلىتىشىن بۇرۇن ئۆزىمىزدە چوقۇم مۇستەھكەم ئىرادە بولۇش كىرەك ، يەنى ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىش ، چۇنكى جەمىئىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئنتىر تورىنى توغرا يول بىلەن قوبۇل قىلالماي ، خاتا يولغا كىرىپ قالغانلار ، شۇنداقلا ناتونۇش ئادەملەر بىلەن دوسىتلىشىپ ، ئالدىنىپ ۋەيران بولغانلارمۇ كوپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، ئۇندىن باشقا يەنە تورغا خۇما بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ ناھايتى ئىغىر ، شۇڭا سەن چوقۇم دىققەت قىلىشىڭ كىرەك ، سىنىڭ تورغا چىقىشقا يول قويغىنىم ھەرگىز سىنى توردا ئويۇن ئوينىسۇن ياكى كىنۇ كورسۇن دىگىنىم ئەمەس، بەلكى دەرىسلىكىڭگە مۇناسۋەتلىك يىڭى دەرىس بىلىملەرنى ئالسۇن دىگىنىم .چۇنكى ھازىر ئۇچۇر دەۋىرى ، ئىنتىر تورىدىكى ماتىرياللار بىز ئوتىۋاتقان دەرىسلىك كىتاپلاردىنمۇ يىڭى ۋە سەر خىل . شۇڭا توغرا يول بىلەن قوبۇل قىلغىن ،
    - خاتىرجەم بولۇڭ ئاكا ، مەن سىزنىڭ چوقۇم كۇتكەن يىرىڭىزدىن چىقىمەن .
    -كۇتكەن يىرىڭىزدىن چىقىمەن دەپ قويۇپ، توردىن قالايمىقان نەرسىلەرنى ئىچىپ كورمە جۇمۇ - ، ئاكام شۇ گەپلەرنى دەپلا ، تاتلىققىنە كۇلگىنىچە قۇلۇقۇمنى چىمداپ تۇرۇپ ،- ئەگەر مەن بىلىپ قالدىغان بولسام ، گەپ ئاڭلىمىغان ئىككى قۇلىقىڭنى كىسىپلا ئۆيدىكى مۇشۇكۇمگە تاشلاپ بىرىمەن ..
    - ھىلىمۇ قۇلۇقۇمكەن ، بولسا مىنى قيما قىلىپ مۇشۇكىڭىزگە تاشلاپ بەرسىڭىزمۇ مەيلى - دىدىممەن ئەمدى كۇلۇپ تۇرۇپ .
    - ھا ھا .. قارا بۇ گۇينىڭ گەپتانلىقىنى، ئاكاڭ بىلەن گەپتە تەڭ بولاي دەۋاتامسەن ، - قوللىرىنى قۇلۇقىمدىن بوشاتقاچ يەنە گىپىنى باشلىدى ، - ئاڭلىغىن نەبى ، مەن سەندىن زور ئۇمىدلەرنى كۇتىمەن، سەن مىنى مەيلى ئوقۇتقۇچى دىگىن ، مەيلى ئاكا دىگىن ، پەقەت سەنلا خوشال بولدىغان ئىش بولسا ، مىنى نىمە دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ ، مەن سىنىڭ چىرايىڭىدا داۋاملىق كۇلكە ، شاتلىق ، خوشاللىقنى كورگۇم بار ، ھەرگىزمۇ سىنىڭ غەمكىن ، مىسكىن يۇرگەن قىياپىتىڭىنى كورگۇم يوق ، چۇنكى مەنمۇ ساڭا ئوخشاش دۇنيادا يالغۇز تىكەندەك ھىچنىمەم يوق يىتىم ، سىنىڭ قەلىب سىرىڭ ماڭا تولىمۇ روشەن ، سەنمۇ شۇ كۇندىن باشلاپ ماڭا ھەمرا بولۇپ ، يالغۇزلۇقىمنى چاندۇرمىدىڭ ، ئۇكام بولسىمۇ بار بولدى دەپ يۇرۇكۇمنى توق تۇتۇپ كەلدىم - ، ئاكام ئوتمۇشىنى قايتا بىر قىتىم ئىسىگە ئىلىپ يۇرىكى ئاچچىق بولغان بولسا كىرەك ، شۇ گەپلەرنى دەپلا مىنى باغرىغا بىسىپ چىڭ قۇچاغلىدى ، شۇ تاپتا مىنىڭمۇ يۇرىكىم ئورتەنگەن ئىدى ، چۇنكى يىتىمنىڭ قەلبىنى پەقەت يىتىملا چۇشىنەتتى ، شۇ تاپتا ئوقۇتقۇچىم ئۇنسىز يىغلايتتى ، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى سىرغىپ يۇزلىرىگە ئاندىن تاراملاپ مىنىڭ مورەمگە چۇشتى ، مەن بۇنى ھىس قىلپ تۇراتتىم ..
    - ئاكا ، سىزگە نىمە بولدى ، سىز تىخى بايا ئوغۇل بالا يىغىلىسا بولمايدۇ دىگەن ئىدىڭىز ، ئەمدىلىكتە نىمىشقا ئۆزىڭىز يىغلايسىز ، خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن چوقۇم سىزنىڭ كۇتكەن يىرىڭىزدىن چىققان ياخشى ئوقۇغۇچى ، ياخشى ئۇكىڭىز بولۇپ چىقىمەن ، ھەرگىزمۇ ئۇمىدىڭىزنى يەردە قويمايمەن . ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ ؟
    - سىنىڭ مۇشۇ گەپلىرىڭ بولسىلا مەن خاتىرجەم ، ساڭا ئالەمچە ئىشىنىمەن ئۇكام ، ئەمسە مەن ماڭاي ، مەن كەلگۇچە ئۆزۇڭنى كوپ ئاسىرغىن ، ئۇنتۇپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن . ئۆيدىكى مۇشۇككە تاماق بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن ، - دىدى ئۇ تىخىچە مىنى باغرىغا چىڭ بىسىپ ئۇنسىز كۆز يىشى قىلغاچ .

    -ماڭا قاراڭە ئاكا ، سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ...
    ئۇ كۆز ياشلىرىنى ماڭا كورسەتمەسلىكنى ئويلىغان بولسا كىرەك ،
    - قىنى دىگىن
    - ياق ، سىز ماڭا قارىمىسىڭىز دىمەيمەن
    ئۇ ئاستا مىنى باغىرىدىن بوشىتىپ .
    - قىنى دىگىن ، بىرەر مۇھىم ئىش بارمۇ ؟
    ئاكامنىڭ يۇزلىرى نەملەنگەن ئىدى ، كۆز قارچۇقىدا تۇرۇپ قالغان ياش يۇقىسى بولسا ، دەرىزىدىن يانتۇ چۇشكەن كۇن نۇرىدا تىخىمۇ جۇلالىنىپ پاقىراپ تۇراتتى ...مەنمۇ ھىلىدىن بۇيان ئاققان كۆز ياشلىرىمنى سۇرتىۋەتتىمدە ، زورىغا كۇلۇپ تۇرۇپ ..
    - ھا ... قاراڭە سىزنىڭ يىغلىغان ھالىتىڭىزنى ، سىزگە ئۇكا بولغان بۇ 10 نەچچە يىل ئىچىدە سىزنىڭ يىغىلىغان ۋاقتىڭىزنى كورمەپتىكەنمەن . مەن سىزنى تىخى كۆز ياشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە كىرەك ، ئەتىدىن كەچكىچە باش چوكۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تومۇر ئادەم دەپ ئويلاپ يۇرۇپتىمەن ..بولدى ، ئەمدى يىغلىماڭ ، يىغلىسىڭىز بەكمۇ سەتلىشىپ كىتىدىكەنسىز ،- دىگەچ ئىككى باش بارمىقىم بىلەن تەڭلا ئاكامنىڭ مەڭزى ۋە كۆز چاناقلىرىدىكى ياش يۇقىسىنى سۇرىتكەچ ، - ئەمدى بولدى ، سىزگە دەيدىغان باشقا گەپ يوق ، ئالدىراش ئىشىڭىز بولسا يولدىن قالماڭ ...

    چەكسىز مۇنازىرە مۇنبىرى






قايتىش