باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • قاسىم يالغان (ھېكايە) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2010年04月14日

    قاسىم يالغان

    (ھېكايە)

    ئىسھاق ئۆمەر ھۈسەييىن

    كىچىگىمدە چوڭلار «قىيامەت-قايىم يېقىنلاشقاندا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ~~» دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى تولا قىلىدىغان.قىيامەت-قايىم بىزدىن زادى قانچىلىك يىراقتا،بۇنى پەقەت ياراتقۇچى ئىگىمىز بىلىدۇ.بىراق،مۇشۇ كۈنلەردە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان غەلىتە ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ جىقلاپ كەتتى.

    ئۆتكەندە،بىزنىڭ مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپنىڭ مۇدىرى ساتتار ئەپەندىم قاتناش ھاددىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا 2 ئايچە داۋالىنىپ چىقىپ كەچكىچە ئۆيىگە كىرمەي كوچىدا كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ يېشىنى سورايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن :«خەقنىڭ يېشىنى سۈرۈشتۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟»دەپ سورىسا،«مەن بىر مەخپىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن،ساڭا ئېيتىپ بەرسەم،باشقا بىرسى مېنىڭ بۇ تەتقىقات تېمامنى ئوغۇرلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟»دەپ بىر ئادەم كۈندە ئۇنىڭغا 5 قېتىم ئۇچرىسا  5قېتىم،10 قېتىم ئۇچرىسا 10 قېتىم ئۇ ئادەمنىڭ يېشىنى سوراۋېرىپ، مەھەللىلىكلەرنى يىراقتىن ئۇنى كۆرسە قاچىدىغان قىلىۋەتتى. ئادەمنى ئەڭ تېرىكتۇرىدىغان يېرى شۇكى،ساتتار ئەپەندىم ھەممە ئادەمنىڭ(جۇملىدىن ئۆزىنىڭمۇ) ئانىسنىڭ ئىسمىنى خەقنىڭ فامىلىسى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولىۋالدى،نېمە ئۈچۈنلىكىنى زادىلا خەقكە ئېيتمايتتى.

    مۇشۇ كۈنلەردىكى غەلىتە ئىش،قاسىم مۇجاڭنىڭ يالغانچى بولۇپ قالغىنى ئىدى.قاسىمكام بىز بىلەن ئارا تام خوشنا، مۇجاڭلىق (ياغاچچىلىق)ئۇنىڭ ئاتا كەسپى بولۇپ،ئېسىمنى بىلسەملا ئۇنىڭ ھويلىسىدىن ئادەمنىڭ قۇلىغىنى يېرىۋەتكىدەك چىقىدىغان ياغاچ يېرىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى زادىلا توختىمايتتى.نېمىشقىدۇر،ئەزەلدىن ناھايىتى كەمسۆز كەلگەن قاسىمكام، مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى،ئەڭ چاتاق يېرى ،دىگەن گېپى دوقمۇشتىكى پاراڭچىلارنىڭ گىپى بىلەن ئېيتقاندا«يۈزدىن توقسان توققۇزى يالغان،بىرسى گۇمانلىق»ئىدى،ئۆزىنىڭ شۇنداق يالغانچىلىقىغا باقماي تېخى،كەچكىچە خەقنىڭ قىلغان ھەر قانداق گېپىنى يالغان دەپ گۇمانلىنلىناتتى. شۇڭلاشقىمۇ،قاسىمكامنى ھەممە ئادەم «قاسىم مۇجاڭ»ئەمەس،«قاسىم يالغان» دەپ چاقىرىدىغان بولۇۋالدى.

    ئەزەلدىن دوقمۇشتا بىكار پاراڭ سېلىپ ئولتۇرمايدىغان قاسىمكام،ھازىر بولسا كوچا دوقمۇشىنىڭ دائىملىق ‹مېھمىنى› بولۇپلا قالماستىن،تېخى پاراڭنى ئەڭ قىزىتىدىغان كىشى بولۇپ قالدى.قاسىمكام ئەتىگەندە دوقمۇشقا چىقىپ پاراڭنى«ئامېرىكىدا بىر ئايال بىر قېتىمدىلا 5ئەرگە تەگسە بولىدىكەن~~»دەپ باشلىسا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا «تۆنۈگۈن بىر تال يوغان ئۈجمە ياغىچىنى يارسام،ياغاچنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدىن بازار يۈزى كۆرمىگەن بىر تال يىپ-يىڭى بۇرۇنقى زاماننىڭ100كويلۇق پۇلى چىقتى»دەپ ئاخىرلاشتۇراتتى؛تاماقتىن كېيىن چىقىپ«بۈگۈن خۇتۇن مانتا ئېتىپتىكەن،ئەر-خۇتۇن ئىككەيلەن توپ-توغرا بىر كەم قىرىقنى يەۋېتىپتىمىز»دەپ باشلىسا،كەچ كىرگەندە«مېنىڭ ھېلىقى ھەرەم ئاتامدىن قالغان،ئاتامنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ھەرە چىڭگىزخان پادىشاھ بولغان زاماندا سوقۇلۇپتىكەن»دەپ ئاياغلاشتۇراتتى.ئۇ گەپقىلغاندا يادلىۋالغاندەكلا ئازراقمۇ دۇدۇقلىماي دىگەچكىمۇ،ياكى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى كىشىنى بەكلا قىززىقتۇرىدىغان بولغاچقىمۇ،خەقلەر ئۇنىڭ گېپىنى ھىكايە ئاڭلىغاندەك لام-جىم دېمەي ئاڭلايتتى.قاسىمكامنىڭ گېپى تۈگىگەندە راست-يالغانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىغاندىن بىرى چىقىپ:«ھوي،قاسىم يالغان،بۇ گېپىڭ راستمۇ يا يالغانمۇ؟»دەپ سورىسا،قاسىم يالغانمۇ چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەيلا بېشىنى تاتلاپ،:«سەن گۇيلار ھەممىڭ راست گەپكە ئىشەنمىگەندىنكىن،يالغاننى دەيدىغان گەپ،شۇ~~»دەپلا قويۇپ،باشقىلارنى تېخىمۇ گۇمانغا سېلىپ قوياتتى.

    بۈگۈن ئەتىگەن ناشتىدىن كېيىن،تۇرۇپلا كۇچا دوقمۇشىغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگۈم كەپقالدى.ئەمدىلا دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمغا،خوشنىمىز قاسىم يالغان ئىگىز بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ،ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاختاينى مىقلىغىلى تۇرۇپتۇ.سەپسېلىپ قارىسام ناھايىتى چىرايلىق نەقىشلەر بىلەن ياسالغان ياغاچ تاختايغا «قاسىم يالغان قوروسى» دىگەن ھۆسنى خەت يېزىقلىق ئىكەن.«‹باش پىرشۇناز› ئۇيۇننى بۇيەردىلا باشلاپتۇ،دوقمۇشتا نىمە بار؟»دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.

    -«ھوي قاسىمكا،نىمە قىلىۋاتىسەن؟»دەپ سورىدىممەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ.

    -«تولا يالغان سۆزلىمە!مېنىڭ نىمە قېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەنغۇ؟يەنە نىمىگە سورايسەن؟»دېدى قاسىم يالغان كەينىگىمۇ بۇرۇلماي.

    -«ۋوي قاينىمىغىنە،نىمە قىلغىنىڭنى كۆردۈم،نىمە دەپ شۇنداق قىلىۋاتىسەن؟»

    -«ئەمدى راست گەپ قىلدىڭ»،دېدى قاسىم يالغان ئەڭ ئاخىرقى مىقنى ئۇرۇپ بولۇپ ئورۇندۇقتىن سەكرەپلا يەرگە چۈشۈپ.-«نىمە قىلماقچى،خەق مېنى يالغانچى دەۋەردى،ئەمەلىيەتتىمىغۇ مەن راست گەپ قىلمايمەن.خەقلەر‹ مەن راستچىل› دەپ ئۆزىنى ئاخلاپ،خەق ئىشەنمىسە گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان،كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ كېتىدىكەن،شۇنچە ئاخلىغانسېرى كىشى شۇنچە ئىشەنمەيدىغان گەپ.تېخى ئۆتكەندىلا تۆۋەنكى مەھەللىنىڭ كاسسىرى ‹خەق ماڭا ئىشەنمىدى›دەپ ئۆلۈۋاپتۇ.مانا مەن ئۆزەمنى ‹يالغانچى› دەپ خەلق ئالەم ئالدىدا ئۇچۇق ئېيتىپ،ئارام-خۇدا ياشاي دەۋاتىمەن.»

    -«ھە~~مۇنداق دە~~توغرا ئويلاپسەن قاسىمكا.»دېدىممەن ئىچىمدە چاندۇرماي كۈلۈپ.

    -«ھە~~توغرا~~سەن دائىم گېزىت-خەۋەر كۆرەتتىڭغۇ،ھازىر جاھاندا نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ؟توختا-توختا،سەن ئاۋۇ كۆتەكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپتۇر،ئۆيدە ئازراق گازىر بار،مەن شۇنى ئەپچىقاي،گازىر چاققاش پاراڭلىشايلى ھە؟»دەپ دەرۋازىنىڭ يىنىدىكى ئۈجمە كۆچىتىگە مېنى باشلاپ قويۇپ ،ئورۇندۇقنى كۆتۈرگەچ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

    -«بۈگۈن گەپ تازا قىزىيدىغان بولدىدە»دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

    بىر دەمدىلا،قاسىم يالغان يوغان بىر ساندۇقنى ئاران دىگۈدەك كۆتۈرۈپ چىقىپ مەن ئولتۇرغان كۆتەكنىڭ يېنىغا قويدە-دە،يېنىمدا ئولتۇردۇپ ساندۇقنى ئاچتى.ساندۇقتا يېرىم ساندۇقتىن كۆپرەك چوڭ-كىچىك ھەرخىل مىقلار تۇراتتى.

    -«ھوي قاسىمكا،بايا سەن ‹گازىر ئەپچىقاي›دەپ كىرىپ كېتىپ بىر ساندۇق مىق كۆتۈرۈپ چىقىپسەنغۇ؟»دەپ سورىدىم نارازى ئاھاڭدا.

    قاسىم يالغان مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەستىنلا،-«مۇنۇ ساندۇققا قارا،ھەممىسىنى بىر دۇكاندىن بىر ۋاقىتتا ئالغان،ھازىر تېخى بىريىل بولمايلا تەڭدىن تۇلىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كېتىپتۇ~~»دېگەچ يانچۇقىدىن بىر خالتىنى چىقىرىپ مىقنىڭ ياخشىسىنى پارلاپ ئېلىپ خالتىنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا باشلىدى.

    -«ھە ئىسھاقئاخۇن،سەن بۇيىل نەچچىگە كىردىڭ؟خاتالاشمىسام يىگرىمىدىن ئاشتىڭغۇ دەيمەن.»دېدى ئۇ مۇجاڭلاردا ئورتاق بولغان يۇقىرى ئاۋازدا.

    -«ھە~بۇيىل يىگرىمە ئۈچ ياشقا كىردىم.»

    -«نىمە؟بۇ بولماپتۇ! ئۆمەرگە دېمىسەم بولماپتۇ،سېنى پاتراق ئۆيلەپ قويسۇن.»

    -«ۋاي قويە قاسىمكا،مەن تېخى كىچىك~~»دېدىم ئازراق تارتىنىپ.

    قاسىم يالغاننىڭ كۆزى قولىدىكى مىقتىن ماڭا يۆتكەلدى دە،-«يەنە نىمە كىچىك؟كىچىك دەپ يالغان ئېيتما، ئاتاڭ سەندەك چېغىدا سەن مەن ياسىغان بۈشۈككە پاتماي قالغانتىڭ.»دېدى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا.

    ئۇنىڭ مېنى ‹سوراققا›تارتىۋېرىشىدىن قورقتۇممۇ،-«ۋاي بۇنى قويە،سەن نىمە دەپ يالغان سۆزلەشكە ئامراق بولۇپ قالدىڭ؟»دېۋەتتىم.

    قاسىم يالغان شۇئانلا قا-قاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،:«ھا-ھا-ھا-،مەن ساڭا دېدىمغۇ،سەن ھەرقانداق راست گەپنى سۆزلىسەڭ خەقلەر ئىشەنمەيدىكەن،شۇڭا ئۇلارنى ئۆزۈمگە ئىشەندۈرىمەن دەپ جاپا تارتقۇچە يالغان سۆزلىدىم شۇ~~»

    -«ئەمىسە يالغان سۆزلىگەندىن،سۆزلىمىسەڭلا بولدىغۇ؟»

    -«ساق ئادەم بىىر نەچچە كۈن گەپ قىلمىسا ئۆلىدۇ بىلەمسەن؟»دېدى ئۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا.

    -«ئادەم گەپ قىلمىسا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش نەدە بار؟»دېدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي.

    -«ھوي ئۇكاموي،ئادەم تاماقنى جىق يەۋالسا،ياكى بىر نەچچە كۈن تاماق يىمىسە ئۆلىدىغۇ،شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟بۇمۇ شۇنداقلا بىر ئىش.»

    -«ئەمىسە ‹قۇرئان كېرىم›دە ‹يالغان گەپ قىلسا ئېغىر گۇناھ›دىگەن گەپ بار دەيدۇ، سەن يالغان گەپ قىلىپ گۇناھكار بولۇشتىن قورقمامسەن؟»

    قاسىم يالغاننىڭ كۆزلىرى چاقناپ،بۇرۇن تۆشۈكلىرى يوغىناپ كەتتى،-«ماۋۇ شۇمتەكنىڭ گىپىنىڭ يوغانلىقىنى قارا~~سەن ئىككى-تۆت تال كىتاپ كۆرۈپلا ئۆزۈڭنى نىمە چاغلاپ كەتتىڭ؟ ‹قۇرئان كەرىم›دىن سۆز ئاچىسەن تېخى ،ھازىرقى ياشلار ھەممىسى يالغانچى،بىر بولسىلا‹ ئىسلام دىنى›،‹ئۇيغۇر مىللىتى›دىگەندەك يوغان يەرگە ئېسىلىدۇ.ئۇلار دىننى تىلغا ئالغۇدەك قانچىلىك مۇسۇلمانكەن ئۆزى؟‹مىللەت› دىگەنلەرنىڭ قايسىسىنىڭ بېشىدا مۇنۇ مىللەتنىڭ ‹تامغىسى›بولغان بادام دۇپپا باركەن؟»

    مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۇجاڭلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قاسىم يالغاننىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.

    -«مەندىن سوراپ قالدىڭ،مەن ساڭا دەپ بېرەي»،قاسىم يالغان سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،«ئۆتكەندە بىر چاغدا شەھەرگە كىرگەن،دوختۇرخانىنىڭ بىقىنىدىكى ھېلىقى سامسىخانىنى بىلىسەنغۇ؟بۇرۇن ئۇيەرنىڭ سامسىسى بەكمۇ ئوخشايدىغان،ئۇزۇن بوپتىكەن ئۇ سامسىخانىغا بارمىغىلى.ئۇ كۈنى سامسا يەي دەپ كىرسەم،سامسىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايلا قاپتۇ،جىلتىنىڭ ئىچىدىكى ھەممىسى پىياز،ئۆتۈپ كەتسە بىرەر تال ماي چىقىپ قالىدۇ،ئىككى تال قارا گۆش چىقىپ قالسىغۇ ‹تەلىيىم كەلدى›دىسەڭ بولىدىكەن.ئەمدى بىر سامسىنى يېرىشىمغا ئىچىدىن ئۈچ تال گۆش چىقىتى،مەن ئىشىك ئالدىدا سامسا يېقىۋاتقان سامسىچىغا‹ھوي ئۇكاموي،شاگىرتلىرىڭغا ئېيت،بۇ سامسىنىڭ ئىچىدىكى پىيازغا ئۈچتال گۆش ئارلىشىپ قاپتۇ،كېيىن دىققەت قىلسۇن~›دەپ چاقچاق قىلسام،ھېلىقى كومشا نىمە دەيدۇ دىمەمسەن؟‹يالغان!خاتا كۆرۈپ قاپسىز~~›دەيدۇ.» قاسىم يالغان شۇنداق دېگىنىچە يەنە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

    -«ئاندىن قانداق بولدى؟»

    -«قانداق بولاتتى؟ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.كىيىن ئاڭلىسام ئۇ سامسىخانا تاقىلىپ قاپتۇ.گەپ شۇنداق ئۇكا،ھازىر ھەممە نەرسىنىڭ راستىدىن يالغىنى كۆپىيىپ كەتتى.مەسىلەن بازارغا مۇشۇنداق مىق ئالىمەن دەپ كىرسەڭ،ھەممىلا دۇكاندار ئوپ-ئوخشاش ئىككى تال مىقنى كۆرسىتىپ،‹ماۋۇ جىڭى،ماۋۇ جاسى›دەيدۇ،ئۇ مىققا قاراپ قايسىسىنىڭ جىڭ،قايسىسىنىڭ جالىغىنى بىلەلمەيسەن.گەپنىڭ پوس كاللىسىنى دىگەندە،ئادەملەر ئۆزى جالىشىپ كەتتى.»

    -«شۇڭا مەنمۇ خەقكە ئەگىشىپ يالغانچى بولۇپ كەتتىم دېگىنە~»دېدىم مېيىقىمدا كۈلۈپ.

    -«ئۇنداق گەپ ئەمەس،»دېدى قاسىم يالغان جىددىي قىياپەتتە،«يالغانچىڭمۇ راست-يالغىنى بولىدۇ.مەن ئەنە شۇنداق يالغان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ مەھەللىلىكلەرنىڭ قايسىسىنىڭ ھەقىقىي يالغانچى،قايسىسىنىڭ ھەقىقىي يالغانچى ئەمەسلىكىنى ئۇقۇپ باقماقچى.»

    قاسىم يالغاننىڭ بۇ گەپلىرى مېنىڭ بېشىمنى قايدۇرۇپلاۋەتتى،«مۇنداق دە~~~ئەمىسە مەن قانداق؟ھەقىقىي يالغانچىمۇ ياكى يالغان يالغانچىمۇ؟»

    -:«سەنما؟بۇنداق دېسەم كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن ئۇكام، سەن ھەقىقىي يالغانچى ئەمەس،بولىمەن دەپمۇ بولالمايسەن.» قاسىم يالغان ئەتراپقا قارىۋېتىپ ئاۋازىنى سەل تۆۋەن قىلىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى-:«مەن ساڭا دەپ بېرەي،بىزنىڭ مەھەللىدە ھەقىقىي يالغانچىلىققا سالاھىيىتى توشىدىغان ئادەمدىن ئىككىلىسىلا بار،بىرى بۇلاق بېشىدىكى سارىخان موللا،يەنە بىرى ئوسمان ئىمامنىڭ كىچىك ئوغلى سىدىق قارىي.»

    ـ:«ۋوي نىمە دەيدىغانسەن قاسىمكا،سارىخان موماي خەقلەرنىڭ ساقايمىغان ئاغرىقلىرىنى داۋالاپ،يۈتۈپ كەتكەن نەرسىلىرىنىڭ نەدىلىكىنى ئېنىق دەپ بېرەلەيدىغان يىتۈك موللا؛سىدىق قارىي بولسا ‹قۇرئان كەرىم›نى ياداپ بولغان تۇلۇق قارىي تۇرسا~~»دېدىممەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي.

    -:«سەن تېخى مەندەك يالغانچى بولۇپ باقمىدىڭ،شۇڭا ئۇقمايسەن.سىدىق قارىي دىگەن گۇي ئۆزىنى قارىي چاغلاپ،ئۇيە-بۇيەردە‹ئاسمانغا تىكىلىپ قارىسا يامان بولىدۇ›،‹دەنشى كۆرۈش مۇسۇلمانلارغا ھارام›،‹ئەركىشى كىر يۇسا قايتا تىرىلغاندا ئايال بولۇپ كېتىدۇ›دىگەندەك ئوڭ-تەتۈر پەتۋا توقۇپ يۈرۈيدۇ،مەن ئۇنىڭ كېرەمباينىڭ ھېلىقى سېرىق قىزىنىڭ ئىسمى نىمىدى،ھە~ئاسىيە،شۇ~ئاشۇ ئاسىيە بىلەن كەچلىگى دائىم دىگۈدەك شەھەرگە كىرىپ ئويناپ چىقىدىغىنىنى كۆرگەن،بىر قېتىم مەن ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ‹ھوي قاراخۇنۇم،ئۇيۇن بەكلا قىزىيدىغان بۇلۇپ كەتتى،ھە~~›دەپ چاق-چاق قىلسام،سىدىق قارىي دىگەن گۇي تەپ تارتماستىن‹مۆمۈن بەندىنىڭ ھەممە ھەركىتى ئىبادەت›دېمەسما،گەپ قىلالمايلا قالدىم.»

    -:«ئەمىسە سارىخان مومايچۇ؟ئۇ قانداق يالغانچى؟»

    -:«ئۇ دەرجال سىدىق قارىيدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئالدامچى.ھەممە كېسەلنى خۇدا سالىدۇ،ھەمدە خۇدا ئۆزى ساقايتىدۇ.قايسى كۈنى مەن نىمە دەيدىكىن دەپ ئايالىمغا گەپ ئۆگۈتۈپ‹سەن سارىخان موماينىڭكىگە بېرىپ،ئېرىم تۇلا گەپ قىلىدىغان،قىلغاندىمۇ تۇلا يالغان گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى› دەپ باققىن،ئۇ ساراڭ قېرى نىمە دەركىن دىگەنىدىم.ئايالىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپتىكەن،ئۇ دەرجال كۈنچىقىش تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بىر  جەينىماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىر قاپاقتىكى نەرسىنى ئىچىۋاتقۇدەك،ئايالىمنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپلا‹مەن سىزنىڭ نېمىگە كەلگىنىڭىزنى بىلىمەن،ئېرىڭىز يالغانچى جىنلارنىڭ ئۇۋىسى بار بىر ياغاچنى يېرىپ قويۇپ بالاغا قاپتۇ،بۇ قاپاقنى ئېرىڭىزگە بېرىڭ،ئۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى زەم-زەم سۈيىنى سۈرە فاتىھەنى ئون قېتىم،سۈرە ئىخلاسنى يەتتە قېتىم ئوقىغاندىنكېيىن بىر قېتىمدىلا ھەممىنى ئىچىۋەتسۇن،ئاندىن كەلىمە تەۋبىنى بىر يۈز بىرنى ئوقۇپ بولۇپ دۈم يېتىپ ئوخلىسۇن،ئويغانسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.›دەپ ئايالىم بەرگەن ئەللىك كوينى يانچۇقىغا سېلىپتۇ.»

    -:«ئۇ قانداق زەم-زەم سۈيىكەن؟»دەپ سورىدىممەن قىزىقىپ.

    -:«ھا~ھا~ھا~ھا~»قاسىم يالغان يەنە كۈلۈپ كەتتى،-:«نىمە زەم-زەم سۈيى بولماقچى؟ھېلىقى مەن دائىم ئىچىدىغان ئاق قۇناق ھارىقى ئىكەن،بىر پۇراپلا بىلىۋالدىم~~»

    پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باسقاندەكلا بولۇپ كەتتىم،-:«نىمە؟ھاراقمىكەن؟دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى راستما؟»

    -:«ھەي~~مانا ئەمدى يالغان گەپ قىلسىمۇ خەقلەر ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كېتىپ بارىدۇ~~قانداق قىلىمىزكىنتاڭ بۇ زاماننى؟!»قاسىم يالغان شۇنداق ئاھ ئۇرغىنىچە ساندۇقنى يەنە كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

    -:«ۋوي قاسىمكا ھوي،‹خوش›مۇ دىمەمسەن ماڭا؟»دېدىم ئۇنىڭ كەينىدىن.قاسىم يالغان مېنى‹ يالغاندىن خوشلاشتى› دەپ ئويلىدىمۇ،كەينىگىمۇ قارىمىدى~~~

    تۇرۇپلا قورسىقىم ئاچقاندەك بولۇپ قالدى،تازا ئىشەنگۈم كەلمەي -:«راست ئېچىۋاتامسەن يالغانمۇ؟»دېگەچ قۇرسىقىمنى بىر-ئىككى بېسىپ قويۇپ،ئۆيگە قايىتىپ كېرىپ كەتتىم~~~






قايتىش