باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى ( پوۋىست ) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    2009年10月03日

    مۇندەرىجە :
    (1) سوغات ئۇستىدە دە - تالاش
    (2) يىتىملەرنىڭ كۆز يىشى
    (3) قىمارنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئىللىق ئائىلە
    (4) ئىچكىردىكى قاباھەت ۋە پەرشىتە سۇپەت ئىنسان
    (5) زىنادىن ساقلىغان قاشتىشى
    (6) قاشتىشىنىڭ سىرى

    (1)
    سوغات ئۇستىدە دە - تالاش


    - ئۇف ! كىتاپنى كۆرۇۋىرىپ ھەجەپ كۆزۇم ئاغىردى ، - ئۇستۇنكى كارۋاتتا ئۇنتىنسىز دۇم يىتىپ دەرىس تەكرارلاۋاتقىلى يىرىم كۇن بولغان دىلشات كىتاپنى ئۇستەل ئۇستىگە تاشلىغاچ گەپ باشلىدى، - ھەي باللا ، مانا يازلىق تەتىل توشاش دىگىلى ئازلا قالدى ، بىز بولساق تىرىشچانلىقىمىز تۇتۇپ كىتىپ ، كىلەچەكتە ئۇيغۇلاردىن چىققان ئالىم بولۇپ ، مىللەتكە توھپە قوشىمىز دەپ يۇرىتقىمۇ قايتىماي تەتىل كۇرۇسغا قاتنىشۋلدۇق ، ئاز كۇندىن كيىن ئوقۇش باشلانسا تىخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كىتىمىزدە ، يۇيۇدىغان كيىملىرىممۇ يىغىلىپ كەتتى ، قىزلار تىزىراق كەلسە ئىلىپ چىقىپ يۇيغۇزسام بولاتتى .... ھە توغرا ، سىلەرچە تەتىل مەزگىلدە ئۆيگە قايتىماي ئۇگىنىش قىلسا قانداق بولىدىكەن ، تەسىراتىڭىلارنى سوزلەپ باققان بولساڭلار ؟
    - مىللەتكە توھپە قوشۇش ئۇچۇن چوقۇم ئالىم بولۇش ھاجەتسىزدۇر . ھازىرقى ۋەزىيەت كەسكىن ، بولۇپمۇ بىز ئۇچۇن ، شۇڭا ئوقۇشنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ چىقىپ ، مۇۋاپىق بىر كىشىلىك ئورنىمىزنى تىپىپ ، ئاتا - ئانىمىزغا ۋە جەمىئەتكە ئىغىرىمىزنى سالماي ، خاتىرجەم تۇرمۇش يولىمىزنى تاپالىساق شۇنىڭ ئۆزى مىللەتكە توھپە قوشقانلىق بولۇپ قالدى ، قارىغاندا سەن ئالىم بولىمەن دەپ ئۇمىدىڭ زور ئىكەن - ھە ! قولىڭدىن تاماكا چۇشمەيدۇ ، ئاندا -مۇندا ئىزىپ - تىزىپ بوتۇلكىمۇ چىقىپ قالىدۇ تىخى . بىراق سەن يەنىلا تىرىشچان . تىرىشقىن ، ئالىم بولغاندا بىزنى ئۇنتۇپ قالما - ، بىشىنى ياستۇق لۇڭگىسى بىلەن يىپىپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ ياتقان ئادىل ئۇنىڭ سوئالىغا ئۇلاپلا جاۋاپ بەردى ..
    - ئۆزۇڭ ئۇگىنىشنى قىلىپ بولۇپ ، ئەمدى بىزنى گەپكە سالاي دەۋاتامسەن ، ئاڭلىغۇڭ بولسا ساقلىغىن ، بىزمۇ دەرىسىمىزنى تەكرارلاپ بولۇپ ئاندىن سوئالىڭغا جاۋاپ بىرەيلى ، - يان كارۋاتتدىكى ئەزىممۇ ئادىلنىڭ گىپىگە ئاۋاز قوشۇپ ...
    - ئوخۇ ، ماۋۇ بالاڭزىلارنىڭ دىگەن گىپىنى ، مەن سىلەرنى گەپكە سالاي دىمىدىم ، پەقەت پاراڭلاشقاچ ھاردۇق چىقىرايلى دىدىم ..
    -ھاردۇق دەمسەن ، مەن ھاردۇقنى پاراڭ بىلەن ئەمەس ، تاماكا بىلەن چىقىرىمەن ، بولسا تىقىپ قويغان ياڭچىڭ تاماكاڭدىن بىرنى تاشلىغىنە ، قىنىپ - قىنىپ بىرنى شورىۋالسام شۇنىڭ ئۆزى ماڭا ھاردۇق ، -خىلدىن بۇيان بىشىنى دەرىزىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ مەكتەپ ھويلىسىنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭ بۇچقاقلىرىدا تەتىلدە ئۆيگە قايتىماي ، جۇپ - جۇپ بىلەن قولتۇقلىشىپ ئولتۇرغان، تىخى ئۆزلىرىنى بىز دىگەن غىرىپ - سەنەم دەپ ئاتىۋالغان ۋاقىتلىق ئاشۇق - مەشۇقلارنىڭ ھەر بىر ھەركەتلىرىگە كۆز يۇگۇرتۇپ، ئۆز لىۋىنى ئۆزى يالاپ تۇرغان شاۋكەتمۇ گەپ قىستۇرۇپ.
    - ھا ھا ....قارىغاندا سەن يەنە مەكتەپ ھويلىسىدىكى كاككۇك - زەينەپلەرنى كۆرۇپ ، كونا دەتلەر قايتا قوزغاپ چىدىماي قاپسەندە، ھىلىمۇ بىر تال تاماكا ئىكەن ، ئىچىشكە پىتىنالىساڭ ، كەچتە سىنى ئىلىپ چىقىپ قولاق مىدىرلىغۇچە چىلىققىدە قىلىپ، قوپالمىساڭ يۇتۇپ ئەكەلگۇم بار جۇمۇ . ئالا مانا كەتتى ،


    دىمىسىمۇ شاۋكەت داۋاملىق بىكار بولۇپ قالغان چاغلىرىدا دەرىزىدىن بىشىنى چىقىرىپ سىرىتقا قارايتى ، ئۇ باشقا نەرسىگە ئەمەس پەقەت جۇپ جۇپى بىلەن ئايلىنىپ يۇرگەن ئاشىق مەشۇقلارغا قارايتى ، چۇنكى ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بىرى چىن دىلدىن سۆيگەن قىز دوستى قەدىرىيە بىر نەچچە ئاي بۇرۇن جەمىئەتتكى بىر سودىگەر بالىنىڭ ئىندىكىگە چۇشۇپ كەتكەن ئىدى .. ئايرىلدىغان چاغدا قەدىرىيە شاۋكەتكە مۇنۇ سۆزلەرنى دىيشكىمۇ ئۇلگۇرگەن ئىدى ..
    - شاۋكەت كەچۇرۇڭ ، سىز بىزنىڭ ئائىلىنى تولىمۇ ياخشى چۇشىنىسىز ، يىزىدا بىر قەدەر نامىرات ئائىلىلەردىن بولىمىز ، ھەر يىلى ئوقۇش پۇلۇمنى قامداش ئۇچۇن ئاتا - ئانام مەھەللىدىكىلەردىن قەرىز سوراش ئۇچۇن قاتىرمايدىغان بوسۇغسى قالمايدۇ ..مەن ئۇلارنىڭ مەن ئۇچۇن ئۇنداق ئازاب چىكىپ تىخىمۇ يوقسىزلىقتا ئۆتۇشىنى خالىمايمەن . قايسى كۇنى مەن بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا سوزلىشپ تۇرغان ھىلىقى بالىنىمۇ سىز كورۇپ قالدىڭىز ... ئۇ سودىگەر ئىكەن . بىر قىتىم رىستۇراندا يۇرىتتاش قىزلار يىغىلىش چىيى ئۆتكۇزۇپ مىنىمۇ تەكلىپ قىلغان ، شۇ جەريانىدا باشقا ئۇستەلدە ئولتۇرغان ناتونۇش ئۇ يىگىت كىلپ مىنى تانسىغا تارتتى ، شۇنداق قىلىپ تونۇشۇپ قالدۇق . تونۇشۇش جەريانىدا تۇرمۇش ئەھۋالىمدىن خەۋەردارمۇ بولدى ، شۇڭا ئوقۇش تۇگىگۇچە مىنىڭ بارلىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلۇمنى تەمىنلەيدىغان بولدى ..شۇڭا مەن ئۇ يىگىتكە ماقۇل دىدىم .. مىنى كەچۇرۇڭ ، مۇناسىۋىتمىز مۇشۇ يەرگۇچە بولسۇن ...

    باشقىلارنى گەپكە سالالمىغان دىلشات ھەممىسىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كيىن ، نىشاننى ماڭا توغىرلىدى.
    - نەبى ! سەن جىمىپ كەتتىڭغۇ ، تاڭگا چىشلىۋالمىغانسەن ، گەپ قىلغاچ ئولتۇرمامسەن ؟
    - شۇنداق ، نەبى سەن يىقىندىن بۇيان ئانچە خوشال كورۇنمەيسەن ، بىر خىل مەيۇس چىراي ، يەنە بىرەر قىينچىلىققا ئۇچىردىڭمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تارتىنماي دىگىن ، بىز ساۋاقداشلار ھەر قاچان سەن بىلەن بىرگە ، بىزنى ياد كورمەي ، نىمە ئويلىغان بولساڭ شۇنى دىگىن ، پەقەت قولىمىزدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمىز ، كەلمىسە مەسلىھەت كورسىتىمىز ، ساۋاقداش دىگەن بىشىغا كۇن كەلگەندە ئەسقەتمىسا ساۋاقداش دىگىلى بولامدۇ ، - ئادىل شۇ گەپلەرنى دىگەچ ئۇستۇنكى كارۋاتتىن ئاۋايلاپ چۇشۇپ مىنىڭ قىشىمغا كىلىپ ئولتۇردى .
    ياتاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئادىلنىڭ ماڭا سۇئال ئارىلاش كۆيۇنۇپ قىلغان گىپىدىن كيىنلا ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قويۇپ ، دىققىتىنى ماڭا مەركەزلەشتۇردى ، مەن بىردەم جىمجىتلىقتىن كيىن ئىغىر بىر تىنىۋىتىپ :
    - سىلەرگە نىمىمۇ دەي جان دوستىلىرىم ، مىنىڭ ھازىر بىردىن - بىر خىيالىم ئۇگىنىشنى پۇختا قىلىش ، ئۇندىن باشقا قانداق قىينچىلىقىم بولسۇن دەيسىلەر ؟ شۇنىسى .........
    - شۇنىسى نىمە ؟ سەنمۇ سىنىپىمىزدىكى قايسى بىر گۇزەل ساھىبجامالغا كۆيەك بولۇپ يۇرمىگەنسەن . ھا ھا ؟ - ئادىل گىپىم تۇگىمەيلا گەپ قوشتى .
    -مەندە باشقىلارنى ياخشى كوردىغان كوڭۇل ، يۇرەك بولغىنى بىلەن ، بىراق باشقىلارغا " مەن سىزنى ياخشى كورۇپ قالدىم " دەيدىغانغا نەدىمۇ شەرتىم توشسۇن دەيسەن ، - بۇ گەپلەرنى دەۋاتقان چىغىمدا يۇرىكىم ئاچچىق بولۇپ ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئىككى تامچە ياش سىرىغىپ چۇشۇشكىمۇ ئۇلگۇردى ، مەن قىشىمدا ئولتۇرغان ئادىلنىڭ مورىسىگە قولۇمنى قويۇپ يەنە گىپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ، - چۇنكى مەن دىگەن بىر مىيىپ ، مىيىپنى كىممۇ ياخشى كورسۇن ، مەن پەقەت باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىغىلا ئىرىشەلەيمەن ، بىراق ياخشى كورۇش ، مۇھەببىتىدىن بەكمۇ يىراق...
    - ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە جىنىم دوستۇم ، مانا باشقىلار سىنى ياخشى كورمىسە ، بىز سىنى ياخشى كورىمىز ، سەن كىملەردىن ناچار ، ياق ياق ، ھىچكىمدىن ناچار ئەمەسسەن ، شۇنداق ، سىنىپىمىزدىكى بەزىلەر سىنى مىيپ دەپ ئانچە ئارىغا ئىلىپ كەتمەيدۇ ، بىراق سەن ئۇگىنىشتە سىنىپىمىزدىكى ئالدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سەن سىنپتىكى 30 نەچچە ئوغۇلنىڭ ئەڭ كىلىشكىنى ، مەيلى ئۇگىنىش بولسۇن ياكى چىرايدا بولسۇن سىنىپىمىزدە يەنە كىممۇ سىنىڭ ئالدىڭغا ئوتەلىسۇن .دىمەك سەن باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى . سەن ھەرگىزمۇ ئۆزۇڭنى توۋەن چاغلىما ، - دىدى ، شاۋكەتمۇ تاماكنى چىكىپ بولۇپ قىشىمغا كىلىپ ئولتۇرغاچ تەسەللي بەرگىلى تۇردى .
    - بولدى ، بۇ گەپلەرنى دەپ كوڭۇللەرنى غەش قىلمايلى ، سىلەرنىڭ بەك ئاڭلىغۇڭلار بولسا ، مەن ئيتاي ، - مەن ياتاقداشلىرىمنىڭ ماڭا بولغان كۆيۇنۇش ، مىھىربانلىق ۋە مۇھەببىتىدىن روھلىنىپ گەپنى باشلىدىم ، - مۇنداق گەپ ئىدى ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا يەنە 20 كۇندەك قالدى ، مەن ئاكامغا بايراملىق نىمە سوغا قىلسام بولار دەپ ئويلايمەن ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ، ئاكامنىڭكىنى يەپ ئىچىپ ، كيىپ يەنە ئۇنىڭدىن پۇل ئىلىپ ئۇنىڭغا بايراملىق سوغا بەرسەم قاملاشمايدىكەن . سىلەرچە قانداق سوغا ئاكامنى چەكسىز خوشال قىلالايدۇ ؟
    -غىنى ئوقۇتقۇچىنى دەمسەن ؟ مىنىڭچە ئۇ ئوقۇتقۇچى مائارىپ سەھىيەسىدە چاقنىغان يۇلتۇز ، ھەر قانداق بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئۇلگە قىلسا بولىدۇ ، چۇنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مەدىھلەشكە ئەرزىيدىغان ۋە مەدىھە سۆزلەرمۇ ئاجىزلىق قىلدىغان ئاق كوڭۇل ، پەرىشتە سۇپەت ئوقۇتقۇچى ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىدەك ئەمەس بەلكى ئاتىلاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ . نەبى ، سىنىڭ شۇنداق بىر ئاكاڭ بولغىنىدىن ،ساڭا بەكمۇ ھەۋىسىم كىلىدۇ ، سەن ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىك ، - دىلشاتمۇ شۇ گەپلەرنى دىگەچ كارۋاتتىن سەكىرىپ چۇشۇپ ، قىشىمغا كىلىپ ئولتۇردى ، - ئۆزۇڭ دەپ باققىنە ، سىنىڭمۇ ئويلىغىنىڭ باردۇ ، سەن قانداق سوغا تەغدىم قىلاي دەيسەن ؟
    - مەن ئۆز ئەجىرىم ، قان تەرىم بەدىلىگە كەلگەن سوغا تەغدىم قىلماقچى ، بولمىسا كەچقۇرۇن بىرگە كوچىغا چىقىپ ماڭا ۋاقتىلىق خىزمەت تىپىشىپ بىرەمسىلەر يە ؟ بىر نەچچە كۇن ئىشلەپ ، ياخشىراق قەلەم ئىلىپ بولسىمۇ سوغا قىلاي ....
    -سىنىڭ قولۇڭ بىلەن پۇتۇڭ بۇنداق تۇرسا قانداقمۇ باشقىلارغا ئىشلەمچىلىك قىلالايسەن ، قىلالىدىڭ دىگەن تەغدىردىمۇ ، باشقىلار بۇ ھالىڭنى كورسىلا سىنى ئىشلەتمەيدۇ ، بولمىسا بىز ياتاقداشلار ئازىراقتىن پۇل چىقىرايلى ، سەن قەلەم ئىلىپ ئاكاڭغا سوغا قىلغىن ..
    - ياق ياق ...بولمايدۇ .بۇنداق سوغىنىڭ ھىچقانداق قىممىتى بولمايدۇ ، مەنمۇ قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ، ئۇمۇ بولمىسا ، بۇمۇ بولمىسا ... ھەي! ،،،،،،،،،،،،،،،،،.. ھە ، توغرا ياكى بولمىسا بوينۇمغا ئىسىغلىق بۇ قاشتىشىنى سوغا قىلايمۇ يا ؟ شۇنىسى بۇ يىڭى ئەمەس ، ئىسىمنى بىلگەن چىغىمدا بوينۇمدا ئىسىغلىق ئىكەن ، تا ھازىرغۇچە خۇددى ئۆزۇمنى ئاسىرغاندەك بوينۇمدىن چىقارماي ئاسىراپ كەلدىم ....مىنىڭچە بۇنىڭ قىمىتى بار ، بوينۇمدىكى مۇشۇ قاشتىشى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن ، مەن قاشتىنشى بوينۇمدىن چىقىرىپ ياتاقداشلىرىمنىڭ كورۇپ بىقىشى ئۇچۇن سۇندۇم ..
    -" بىر " ، بۇ قاشتىشىنىڭ يۇزىدە " بىر " دىگەن خەت بار ئىكەن ، بۇنىڭ مەنىسى نىمە ؟ سەن ئۆزۇڭ يىزىۋالغانما ؟
    - ياق ، قاشتىشى بوينۇمدا بار چاغدىلا مۇشۇ خەت يىزىغلىق ئىكەنتۇق ...كىمنىڭ ، نىمە سەۋپتىن يازغانلىقىنى ۋە بوينۇمغا كىمنىڭ سىلىپ قويغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن ..ھىچقىلىپ ئىسىمنى بىلگەن چىغىمدا بوينۇمدا ئىسىغلىق ئىكەن ...
    - بۇ قاشتىشىنىڭ كىلىش مەنبەسىنىمۇ بىلمەيمەن دىگىن ، ئەمسە بۇنىڭدا چوقۇم بىر يۇشۇرۇن سىر بار . بۇنىڭ جاۋابى چىقىمىغۇچە ھەرگىزمۇ بوينۇڭدىن ئالمىغىن . يەنىلا باشقا ئامالىنى قىلايلى ، - ياتاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئەتىراپمىغا ئولىشىپ ، بىرسى ئۇنى دىسە ، بىرسى بۇنى دەيتتى ، بىردەمدىلا ماڭا خىلى كوپ ئەقىل ، مەسلىھەت ، ياردەم توغۇرلۇق كۆز قاراشلىرىنى سوزلەپ ئوتىشتى ، شۇ چاغدا ئادىل خۇددى ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوشاللىقتىن ئورنىدىن چاچىراپ تۇردى -دە !
    - تاپتىم ، تاپتىم ، مىنىڭچە بۇ ئەڭ ياخشى ئەقىل ، بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە بىر ياخشى پۇرسەت بولمىسا كىرەك ...
    -ۋاي ۋۇي ، ئۆزۇڭنى بىسىۋىلىپ دىگىن ، ھەممىمىزنى قورقۇتۋەتتىڭغۇ ، خۇددى جىندىن ھۇركىگەندەك سەكىرەپ ، - ئۇلار ئەندىكىپ بولۇپ پاراققىدە كۇلۇشتى ...
    - مۇنداق گەپ ، مىنىڭ بىر ئاكامنىڭ دوستى ، مۇشۇ ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ يانغۇن بىلىملىرىگە بولغان چۇشەنچىسىنى ئۆز تىلدا تىخىمۇ بيىتىش ۋە ھەقسىز ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ ، ئۇيغۇر يانغۇن ئابۇنىتلىرىغا تىخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بىرىش ئۇچۇن شىنجاڭدا بىردىن - بىر بولغان يانغۇن شەھەرچىسى سودا تورى قۇرۇپتۇ ، مەركۇز تور بەت يەنە ھەر ئايدا يانغۇن مۇكاپات پائاليىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، ئەزا بولغان ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى يوللايدىكەن ، ئۇ ئەسەرلەرنى مەخسۇس تەھرىرلەپ باھالايدىغان ئادەمنىمۇ بىكىتكەن بولۇپ ، ئاكامنىڭ ئيتىشچە ئۇ تەھرىر مەلۇم ئالي مەكتەپنىڭ ئەدەبيات فاكولتىدا ئشلەيدىكەن ، قايسى ئالي مەكتەپ بۇنى دىمىدى ، باھالاشتىن ئوتسە بىرىنچى دەرىجىگە 600 يۇەن قىممىتىدىكى يانغۇن سوغا قىلدىكەن ، ئىككىنچى ، ئۇچىنچىسىنى بۇنى دەپ ئولتۇرمىدى، ، سىنىڭ يىزىقچىلىق قابىليتىڭ ياخشى ، ئەگەر مۇشۇ بىر نەچچە كۇن ئىچىدە ياخشى ئەسەردىن بىرنى يىزىپ يولليالىساڭ ، كىم بىلىدۇ باھالاشتا ئەسىرىڭ تاللىنىپ قالسا ، يانغۇن مۇكاپاتىنى موككىدەك ئالىسەندە ئاكاڭغا سوغا قىلىسەن ، بۇنىڭ ئۆزى ئەجىبا سىنىڭ قان تەر ئەجىرىڭ ئەمەسما ؟ قانداق دىدىم كوپچىلىك ..چوقۇم شۇنداق قىلىش كىرەك .نەبىدا ئۇمىد بار ...
    -ۋاھ ، بۇ ياخشى گەپ ئىكەنغۇ ، سىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭ گىزىت - ژورناللاردا ئىلان قىلىندى ، ئەجىبا تورغا يارىغۇدەك بىرەر ئەسەر يازالماسسەنمۇ ؟ بىز ھەممىمىز ساڭا ئىشىنىمىز ...ئەگەر ئادىلنىڭ دىگەن گەپلىرى راستىلا بولسا ، سەندە چوقۇم زور ئۇمىد بار ، - دىلشاتمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ماڭا غەيرەت تىلىگىلى تۇردى ...
    - ئەسەر دىگەننى ئىلھام كەلسە يازىدۇ ، ئىلھام بولمىسا قەلەمنى قولغا ئالغان بىلەنمۇ بىكار ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنداق نەرسىلەرنى يازمىغىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولۇپ كىتىپتۇ ، شۇ تاپتا مەندە ھىچقانداق تۇيغۇ، ئىلھام ، ئەدەبي تىل ، يىزىقچىلىق دىگەندەك ئىبارىلەردىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ....ھەممىسى مەندىن يىراقلاپ كىتىپتۇ .. بەلكىم ئۇ تور بەتكە نۇرغۇن يازغۇچىلار ، نۇرغۇن قابىليەتلىك ئوقۇرمەنلەر ئەسەر يىزىشى مۇمكىن ، مەن ئۆزۇمنى چاغلىماي بىر نەرسە يىزىپ قويوپ ، شاللىنىپ كەتسەم ، - مەن ئۇمىدسىزلىك بىلەن بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان چىغىمدا ...
    - ۋاي ۋۇي ، مىكى مىكى دىمەي " چوقۇم يازىمەن ، مۇكاپاتمۇ ھەم مىنىڭ" ، دەپ زور ئۇمىد بىلەن مەيدەڭنى كىرىپ ، قولۇڭغا قەلەم ئالە ...قىنى يازالمىغىنىڭنى بىر كورەي ، ئۇنىڭ ئۇسىتگە تورغا ئەسەر يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچى بولۇشى ناتايىن ، كوپنچىسى ئادەتتىكى تور خۇمار ئادەملەر ، كاللىسىغا كەلگەننى يازىدۇ ، ئەگەر يازغان ئەسىرىڭ تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىپ قالساڭ ، ياتاقتىكى ساۋاقداشلار پۇل چىقىرشىپ ، كوڭلۇڭ قەيەرنى تارتىسا شۇ يەرگە ئاپىرىپ سىنى مۇبارەكلەش چيى بىرىمىز تىخى ، ئەگەر بۇ مۇكاپاتقا ئىرشەلمىسەڭ ، كيىمىنىڭ سالدۇرۇپ ، يالىڭاچ قىلىپ ، ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ قويىمىز ، بىزنى چاقچاق قىلۋاتامدىكىن دەپ قالما ، قانداق باللا ؟ چوقۇم قىلىمىز - ھە ! - ئۇلار بىر بىرىگە يۇشۇرۇن كۆز قسىىپ ، ماڭا تەرەپ - تەرەپتىن غەيرەت تىلىگەچ ، ئىرادىلىك بولۇشىم ئۇچۇن مەدەت بىرۋاتاتتى. ....
    -بولىدۇ ، سىلەر ماڭا شۇنچە ئىشەنگەن يەردە ، مەن ئۆزۇمگە ئىشەنمىسەم بولمىغۇدەك ، ئەللەي يىغلىمىسا ، ئانا ئەمچەك سالمايدۇ ، ئۇنداق بولغانىكەن ، مەنمۇ يىغلاپ تۇرۇپ بىر ئەسەر يازاي ، تاللىنىپ قالسا تور بىكەت ماڭا يانغۇن مۇكاپات بىرىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس ، مەن يەنىلا ئىرادىلىك بولاي ، شۇنىسى ئۇ تور بىكەتنىڭ ئادىرسىنى بىلمەيمىزدە . ئاكاڭ ساڭا دەپ بەرمىدىما ؟
    - دەپ بەرگەن ، بىراق ئادىرسىنى يىزىۋالماپتىكەنمەن ، ھازىرلا تىلفۇن قىلىپ سوراي ، - مەن ئۇچۇن غەم قىلىپ كىتىپ بارغان ئادىل بىرىپلا ياتاقنىڭ تىلفۇنىدىن ئاكىسىغا قارىتىپ ئۇردى ، - ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم سادىق ئاكا ، ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ قويمىغاندىمەن - ھە ! سىزدىن سورايدىغان گەپ بار ئىدى .... قايسى كۇنى سىز بىر تور بىكەتنىڭ گىپىنى ماڭا قىلغان ئىدىڭىز ...ھە ...توغرا ..توغرا ...شۇ...شۇ تور بىكەت . ... ئالدىراش ئادىرىسنى يىزىۋالماپتىكەنمەن ، بولسا ھازىر ئادىرىسىنى دەپ بەرگەن بولسڭىز ....بولىدۇ ....بولىدۇ ..مانا قەغەز قەلەم تەييار ، سىز دەۋىرىڭ ..مەن يىزىۋالاي ..

    www.sarhil.biz/bbs ...مانا يىزىۋالدىم ..رەھمەت سىزگە ئاكا ..

    چەكسىز مۇنازىرە مۇنبىرى

     






قايتىش