باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • قىزلار قىلىشقا ئوغۇللار چىداشقا بولمايدىغان ..... - [تەرمىلەر]

    2009年10月03日

    قىزلار قىلىشقا ئوغۇللار چىداشقا بولمايدىغان .....
            داۋاملىق ئوغۇللارنى سىنىماڭ،ئايرىلىشنى ۋاستە قىلىپ ئۇلارغا ھەيۋىمۇ قىلماڭ.
            سىز داۋاملىق ئۇنىڭغا مۇشۇنداق تەسىر بەرسىڭىز،ئۇ ئاخىرى سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشنى تاللىشى مۈمكىن.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ھوقۇقىڭىزنى كەڭ دائىردە ئىشلەتمەڭ،ئۇلارنىڭ غايىسىگە،ئىتقادىغا ۋە ئىزدىنىشلىرىگە ئارىلاشماڭ.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى،مىنى ياخشى كۆرگەندىكىن چوقۇم چەكسىز سەۋىرچانلىقى بولىدۇ دەپ ئويلاپ داۋاملىق ئۇچرىشىشقا كىچىكمەڭ.بىر ئادەمنىڭ سەۋر-تاقىتى چەكلىك بولىدۇ،سەۋر-تاقەتنىڭ چىكى توشۇپ قالسا،ئۇنداقتا مۇھەببەتكىمۇ نۆۋەت كىپ قالىدۇ.
            سىز «مىنى ياخشى كۆرگەندىكىن مىنىڭ نىمە ئويلىغىنىمنى چوقۇم بىلىدۇ»دىگەن بۇ قۇرۇق سەپسەتىگە چوقۇنماڭ .
            بۇ پۇتۇنلەي بىر قاملاشمىغان گەپ.قارشى تەرەپ نىمىنى ئويلاۋاتىدۇ بۇنى قانداقمۇ بىلگىلى بولىدۇ،،،،،يەنە بىرسى،ئوغۇل دوستىڭىز ئويىڭىزنى دەماللىققا چۈشىنەلمەي قالسا قارشى تەرەپنى مىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دىگەن بۇ ئەخمىقانە يەكۈننى چىقارماڭ.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى بازار ئايلىنىشقا زورلىماڭ.
            (بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار ئۇنىڭ سىرتىدا)چۈنكى كۆپچىللىك ئوغۇللار بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.زورلاۋىرىشنىڭ نەتىجىسى يەنىلا قارشىلىق كۆرسىتىش.
            ئۇنى ئەڭ يىقىن ئادىمىم دەپلا ھەممە چوڭ-كىچىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىمەڭ.
            ئۇۋالچىلىقلىرىڭىزنى،خاپىلىقلىرىڭىزنى ۋە كىلىشمەسلىكلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا دەپ ئۇنى .ئاچچىق چىقىردىغان ۋاستىگە ئايلاندۇرماڭ،.چۈنكى ئوغۇللار كىرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىدىغان ئورۇن ئەمەس.ناۋاداشۇنداق كۈنلەردە ئۇ سىزنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكىنىدە پەقەتلا سىزدىن .ئايرىلىدۇ خالاس.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى ئۆزگەرتىمەن دىمەڭ.
            مەن ئۆزۈم يىتىشتۈرسەم ئۇ چوقۇم كۆڭلۈمدىكى نەمۇنىلىك ئەر بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ.ئەخمەق بوپ قالىسىز.
            ئۆزىڭىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ.
            ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ بىرخاتالىقىنى تۇتىۋىلىپ كەچكىچە ئەزۋەيلىمەڭ،يەنە ھەر قىتىم ئۇرشۇپ قالغان شۇ خاتالىقنى يۈزىگە سېلىشتىن بەك ساقلىنىڭ.ئوغۇللار ئۇنداق قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ،ھەم سىزدىن زىرىكىپ قالىدۇ.
            يۇقارقىدەك ئويلاردا مۇھەببىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرماڭ:
            ئوغۇل دوستىڭىزنى ھەر-بىر ئىش-ھەرىكەت،سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى پاكىت قىلماڭ،ئوغۇللار ھەرۋاقىت كۆڭلىنى پۈتۈن زىھنىنى قىزلارغا بىرەلمەيدۇ،ئۇ داۋاملىق سىزنىڭ خۇشال بولمىغان ۋاقىتلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ تۇرالمايدۇ.ئەگەر سىز لومپا ئەينەك بىلەن بىلەن توپا-چاڭ ئىزدەيمەن دىسىڭىز ئۇ مۈمكىن.ئۇنداق قىلسىڭىز،سىزنى قانداق قىلغاندا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىغا يول كۆرسەتكەن بولىسىز.
            ئوغۇل دوستڭىز بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقان چاغدا ئۇنىڭغا دەخلى قىلماڭ.
            ئۇمۇ بەزىدە يالغۇزلۇقتىن خۇشاللىق ئىزدەيدۇ،ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكنىڭ پاكىتى ئەمەس.
            ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز قويۇق بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى دەپسەندە قىلماڭ.
            ئۇ سىزنى ياخشى كۆرسۇن كۆرمىسۇن مەيلى باشقىلار ئالدىدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغاندا بولسۇن دەپسەندە قىلىش ھامىنى دەپسەن قىلىش بولىدۇ.
            ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ ئىلگىركى ھىسياتىغا كۈنلەمچىلىك قىلماڭ.
            بۇرۇنقى ئىشلارنى دىيىشكە زورلىماڭ،سىز ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەرقانداق قىز دوسلىرىدىن مەڭگۈ ياخشى،ھەقىقەت ھامىنى ھەقىقەتتە.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى باشقا ئوغۇللاربىلەن سېلىشتۇرماڭ.
            ئۇنى باشقىلارغا ئوخشاش رومانتىك ئەمەس،كۆينۈشنى بىلمەيدۇ،دىگەندك گەپلەرنى قىلماڭ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكى بولىدۇ،ياخشى كۆرۈشنىڭمۇ ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.ئۇنداق دىسڭىز چوقۇملا ئوغۇل دوستىڭىزغا يۈك ئېلىپ كىلىسىز.
            ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ سىرلىق تۇيغۇنى ساقلاڭ،
            بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئاتىۋەتمەڭ،چۈنكى تاماقنى بولىشىغا يەپ قوسقى تويغان كىشى شۇ تاماقتىن كىيىن رايى يانىدۇ..يەنە ئۇنى داۋانلىق يىگۈسى كەلمەيدۇ.
            مۇھەببىتىڭىزنى ھەم قارشى تەرەپنى كىچىككىنە ھىسيات تۈپەيلى قىلغان ئىشڭىز ئارقىلىق مەڭگۈ ساقلاپ قالىمەن دىمەڭ.
            چۈنكى مۇھەببەت بۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مۇھەببەت ئۇ تانا ئەمەس بەلكى بىر ماگىنىت،ئۇنى باغلىغاندىن ئۆزىگە تارتقان ياخشىراق،تانا بولسا ئوغۇللارنى ھامان بىر كۈنى قوتۇلالايدىغان تۇيغۇغا ئەكەپ قويىدۇ،،ئەكىسچە ماگىنىت بولسا ئوغۇللارغا ئەركىنلىكنى ھەم مەڭگۈلۈك ھەۋەس قىلىدىغان تۇيغۇ ئاتاقىلىدۇ. سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز سىزگە نۇرغۇنلىغان ھوقۇقنى بىرىپ،قارشى تەرەپنى،شۇ ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلغۇچى قىلىپ قويغان بولسا،ئۇنداقتا بۇنداق مۇھەببەتنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ،مۇھەببەتمۇ ئىقتىساد قانۇنىيتىگە ماس كىلىدۇ.ئۆزئارا يىڭىش بولغان دائىرنى شەكىللەندۈرسە ئۇ چوقۇم مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
            ئوغۇل دوستىڭىزنى شەرتى بولمىغان ئاستىدا،سىزنى قۇلدەك ياخشى كۆرىشىنى كۈتمەڭ.
            (ئۇنداق ئوغۇللارنىمۇ ياخشى كۆرۈش ئەرزىمەيدۇ)سىز مۇھەببەت جەريانىدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئايال پادىشاھقا ئايلىنىۋالسىڭىز،ئاخىردا ئۆزىڭىزنىڭ بەكلا ئىچىنىشلىق ھالدا يىقىلىپ كەتكىنىڭىزنى بايقايسىز.
            يۇقارقى تەلەپنى بارلىق مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلارغا سوۋغا قىلىمەن،ئاڭلىماققا بەزى گەپلەر سەل قۇلاققا ياقمايدۇ،لىكىن بۇلار رىئاللىق،سىز ئۇلارنى ھەقىقى چۈشەنگەن چىغىڭىزدا ،ئوغۇللارنى قانداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز.........قىزلار سىزلەرگە بەخىت تىلەيمەن....كۈلكە ھەم خۇشاللىق سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن...ئوغۇللار سىزلەرگىمۇ ھەم شۇنداق،قىزلارنى قەدىرلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن،،،،،بەخىت ھەمىمىزگە يار بولسۇن.

    چەكسىز مۇنازىرە مۇنبىرى 






قايتىش