باش بەت بارلىق تىمىلار تەرمىلەر ئۇلىنىش دۇنياسى كومپىيۇتېر تىخنىكىسى ئەدەبىيات گۈلزارى 



ئىنتىزار تور خاتىرسى!!! ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!.


  • قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلىش - [تۇرمۇش كارتىنىلىرى]

    2009年03月13日

    پۇل تۆلەشتىن قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلىش

          سىز ئەگەر ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھېسىيات جەھەتتىكى ئەھۋالىنى بىلمەكچى  بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ پۇل تۆلىگەن چاغدىكى پوزىتسىيىسىگە قاراپ بېقىڭ.

        ئەگەر ئەرلەر تالونغا قارىمايلا پۇل تۆلىگەن ھەم ناھايىتى سېسخېيلىق بىلەن تاپان ھەققى بەرگەن بولسا، ئۇ دەل شۇ ئايالنى قوغلىشىپ يۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ تالوندا يېزىلغان مەزمۇنلارغا دېققەت قىلىشىقا باشلىغان بولسا، ھېلىقى ئايالنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ تالوننى ئۆرۈپ-چۆرۈپ تەكشۈرۈشكە ھەم پۇلنى بەك كۆپ ئېلىۋاپتۇ، دەپ ئاغرىنىشقا باشلىغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئايال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان بولىدۇ...ئەگەر ئۇ تالونغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، پۇلنى ئايال تۆلىگەن بولسا، بۇ ئايال ئاللىقاچان ئۇنىڭ خوتۇنى بولۇپ، ئىقتىسادتىن ئىبارەت چوڭ ھوقوقنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولىدۇ.

          ئەگەر ئايال تالونغا قارىماي، ئەرنىڭ قانچىلىك تاپان ھەققى بەرگىنىگىلا دېققەت قىلغان بولسال، بۇ ئايال ھېلىقى ئەر بىلەن ئەمدىلا ئارىلىشىشقا باشلىغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ تالوندىكى مەزمۇنلارغا دېققەت قىلىشقا باشلىغان ھەمدە ئەرگە تاپان ھەققىنى زىيادە كۆپ بەرمەسلىكىنى تاپىلاشقا باشلىغان بولسا، ئۇ ھېلىقى ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەرنىڭ تالوننى ئۆرۈپ-چۆرۈپ تەكشۈرۈشىدىن ئاغرىنغان ھەم ئۇنى تاپان ھەققى بېرىشتە بەك بېخىللىق قىلدىڭىز ، دەپ تەنقىدلىگەن بولسا، ئۇ بۇ ئەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەگەر ئۇ تالوننى ئۆرۈپ-چۆرۈپ تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن ھەم تاپان ھەققىنى بەك كۆپ بېرىۋەتتىڭىز دەپ ئاغرىنغان بولسا، ئۇ ئاللىقاچان ھېلىقى ئەرنىڭ خوتۇنى بولۇپ بولغان بولىدۇ.

        ئاياللار مۇنداق تۆت سەۋەپتىن پۇل تۆلەشنى خالايدىغان بولىدۇ:1.ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى؛2.ئۇ تېخى يېڭىلا ئەرنىڭ قىممەتلىك سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا خىجىل بولۇپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولغان؛3.ئەر ئۇنىڭ كونا ئاشنىسى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئەردىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان؛4.بۇ ئەر ئايالنى قولغا چۈشۈرۈشنى خام خىيال قىلىدۇ. ئايال بولسا شۇ ئارقىلىق ئۇنى خورلىماقچى...ئەگەر بىر ئەر بىلەن بىر ئايال پۇل تۆلەشنى تالىشىپ تۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولىشى مۇمكىن ئەمەس......






قايتىش