لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەزى بېزى كېسەللىكى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

مەزى بېزى كېسەللىكى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 3207 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزى بېزى ياللۇغى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
مەزى بېزى ياللۇغى بولسا قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئۇ بىۋاسىتە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىك ھېساپلانمىسىمۇ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى سۈيدۈك ئاجراتما تاشقى بۆلۈم ئامبۇلاتۇرىيە بىمارلىرىنىڭ %25~%8 نى ئىگەللەيدۇ. تەخمىنەن %50 ئەر ھاياتىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ھەر قايسى ياش ھالىتىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. 
مەزى بېزى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم پەسىل، يېمەكلىك ئادىتى، جىنسىي پائالىيەت، سۈيدۈك ئاجراتما كۆپىيىش يولى ياللۇغى، ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزى يوغىناش ياكى تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى يىغىندا  كېسەللىكلىرى، كەسپى، جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىي ھەمدە روھىي پېسخىكا ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. 
مەزى بېزى ياللۇغى بولسا مەزى بېزى خاس ۋە خاس بولمىغان يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاستا خارەكتېرلىك ياللۇغ كېسەللىكىدۇر. نەتىجىدە پۈتۈن بەدەن ياكى قىسمەن ئورۇنلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. مەزى بېزى كېسىلىنى خاس بولمىغان باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغى، ئالاھىدە باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغى (مەزى بېزى كېسىلى)، خاس مەزى بېزى ياللۇغى (سۆزنەك نېسسېرىيە شارچە باكتېرىيەسى، سىل باكتېرىيەسى، ھەقىقىي باكتېرىيە، پارازىت قۇرۇتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)، خاس بولمىغان گۆش بىخى ئۆسمىسى خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ۋە باشقا پاتوگېن  (مەسىلەن: ۋىرۇس، مىكوپلازما، خلامىدىيە قاتارلىقلار) كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزىغا قان تولۇش ۋە مەزى بېزى ئاغرىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 

مەزى بېزى كېسەللىكى قانداق پەيدا بولىدۇ؟
   I تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى
بۇنىڭدا  پاتوگېندىن ياللۇغلىنىش ئاساسلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىغاندا، زەھەر كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان باكتېرىيە ياكى باشقا پاتوگېن مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇپ ھەم شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ مەزى بېزى ياللۇغىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە قان ۋە سۈيدۈك يولىدا تەتۈر ئىقىشتىن بولغان ياللۇغ ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق پاتوگېن چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسى، ئۇنىڭدىن قالسا سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغى كلېبسيېللا باكتېرىيەسى، پروتېئۇس، ساختا بىر ھۆجەيرىلىك تاياقچە باكتېرىيەسى ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار. مۇتلەق كۆپ قىسمى بىرلا خىل كېسەللىك باكتېرىيەسىدىن ياللۇغلىنىدۇ. 
II  تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى
كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل يەنىلا پاتوگېندىن ياللۇغلىنىش. بىراق ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر ئاز يۇقىرى ۋە ياكى پاتوگېننىڭ زەھەر كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، تەتۈر يۆنىلىشتە يۇقۇملىنىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. پاتوگېن ئاساسلىقى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى، ئۇنىڭدىن قالسا چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسى، كورىنې باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى ۋە ئۈچەي شاخچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار. مەزى بېزىگە تاش چۈشۈش ۋە سۈيدۈكنىڭ تەتۈر ئېقىشى پاتوگېننىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەمدە قايتا-قايتا ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇشى مۈمكىن.  
III  تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى 
بۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش سەۋەبى تېخىچە ئېنىق ئەمەس، ئېتىئولوگىيەسى ئنتايىن مۇرەككەپ، كەڭ كۆلەمدە بەس-مۇنازىرە ساقلىنىۋاتىدۇ. بەلكىم ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۈمكىن، بەلكىم باشلىنىشىدا نۇرغۇن ئامىللار بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىرى ياكى بىر نەچچىسى ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم نۇرغۇن ئايرىۋېلىش تەس بولغان ئوخشاشمايدىغان، بىراق ئوخشايدىغان ياكى ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان كىلېنكىلىق ئىپادىسى بار بولغان كېسەللىكلەر بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا بۇ كېسەللىكلەر ئاللىقاچان ساقىيىپ بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زەخمە ياكى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئۇدا مۇستەققېل تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىنىڭ قارىشىچە پاتوگېنلىق يۇقۇملىنىش، ياللۇغلىنىش ۋە نورمالسىز داس تۈۋى مۇسكۇل ھەرىكىتى، ئىممۇنىتېت ئۆزگۈرۈشى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ خىل كېسەللىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن. 

1. پاتوگېندىن يۇقۇملىنىش
بۇ خىل تىپتىكى بىمارلار گەرچە دائىملىق باكتېرىيە تەكشۈرۈشىدە پاتوگىن ئايرىپ چىقىلمىسىمۇ يەنىلا مەلۇم ئالاھىدە پاتوگېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئوكسىدسىزلانغان باكتېرىيە،L  تىپلىق شەكلى ئۆزگەرگەن زەمبۇرۇغ، نامو باكتېرىيەسى، ياكى تراخوما خلامىدىيە  (沙眼衣原体)مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە بۇ خىل تىپتىكى بىمارلاردا قىسمەن ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىق ھۆجەيرە  DNA تەكشۈرۈلۈپ چىقىش نىسبىتى %77 گە يەتكەن. كىلىنكىدىكى بەزى ئاستا خارەكتېرلىك ياللۇغ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان، قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان ياكى ئېغىرلىشىدىغان «باكتېرىيەسىز» مەزى بېزى ياللۇغى بەلكىم مۇشۇ خىل پاتوگېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. باشقا پاتوگېن مەسىلەن: پارازىت قۇرت، ھەقىقىي باكتېرىيە، ۋرۇس، تامچە قۇرۇت، سىل شاخچە تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بۇ خىل تىپتىكى مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىققۇچى ئاساسلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئىسپاتلار يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۈگۈنگىچە بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. 

2. سۈيدۈك ئاجرىتىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش 
بەزى ئامىللار سۈيدۈك يولى قورىغۇچى مۇسكۇلىنى ھەددىدىن زىيادە قىسقارتىۋېتىپ، دوۋساق چىقىش ئېغىزى توسۇلۇپ قىلىپ قالدۇك سۈيدۈك پەيدا قىلىپ سۈيدۈكنىڭ تەتۈر ئېقىپ مەزى بېزىغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاتوگېن مەزى بېزىغا كىرىپلا قالماي يەنە بىۋاسىتە مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، مىكروپسىزلانغان «خىمىيەلىك مەزى بېزى»نى پەيدا قىلىپ سۈيدۈك چىقىرىش نورمالسىز بولۇش (بۇ خىل ئالامەت دائىم تەرەت تۇتالماسلىق، سۈيدۈك كۆپ بولۇش، كىچىك تەرەتتىن كېيىن سۈيدۈك تۈگىمىگەندەك تۇيغۇ بولۇش، سۈيدۈك چالا قالغاندەك ھېس قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.) مەزى بېزى ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
نۇرغۇن مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا كۆپ خىل سۈيدۈك دىنامىكىلىق ئۆزگىرىشى ساقلانغان بولىدۇ، مەسىلەن: سۈيدۈك ئېقىش نىسبىتى تۆۋەنلەش، فونكىسىيەلىك سۈيدۈك يولى ئىتىلىپ قىلىش، سىيدۈرۈش مۇسكۇلى-سۈيدۈك يول قورىغۇچى مۇسكۇلىنىڭ ماسلىشىشى بۇزۇلۇش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئىقتىداردىكى نورمالسىزلىق بەلكىم بىرلا خىل كىلېنكىلىق ئىپادە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ماھىيىتى بەلكىم يوشۇرۇن ھالەتتىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 
3. روھىي پىسخىكا ئامىلى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇنغىچە ساقايمىغان مەزى بېزى بىمارلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە رۇشەن ھالدا روھىي پىسخىكا ئامىلى ۋە تەبىئي خارەكتېرنىڭ ئۆزگۈرۈشى ساقلىنىدۇ. مەسىلەن: تەشۋىشلىنىش، بېسىم ھېس قىلىش، گۇمانخورلۇق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل روھىي، پىسخىكا ئامىلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى ئەزا نېرۋىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، ئارقا سۈيدۈك يولى مۇسكۇلى ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داس بوشلۇقى دائىرىسى ئاغرىش ھەمدە سۈيدۈك ئاجرىتىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ، ياكى تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە-مېڭە ئاستى بىزى-جىنسىي بەز ئوقى ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئالامەتلەرنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. روھىي جىددىيلىشىشنى يوقاتقاندا كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقۇلىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ساقىيىدۇ. لېكىن ھازىرغا قەدەر روھىي پىسخىكا ئۆزگىرىشى بۇ كېسەلنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى ياكى كېيىن پەيدا بولغان ئالامەت ئىكەنلىكى ئېنىقلانمىدى. 
4. نېرۋا ئىچكى ئاجراتما ئامىلى
مەزى بېزى ئاغرىيدىغان بىمارلاردا ئاسان يۈرەك سوقۇشى ۋە قان بېسىمى داۋالغۇش كۆرىلىدۇ. بۇ ئىچكى ئەزا نېرۋىسىنىڭ ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئاغرىق ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىنىڭ ئاغرىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەزى بېزى، سۈيدۈك يولىدىكى قىسمەن پاتولوگىيەلىك غىدىقلىنىش مەزى بېزىنىڭ مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋىسىدىن ئۆتۈپ، يۇلۇن رېفلېكىسىنى قوزغۇتۇپ، بەل، توققۇز كۆز يۇلۇنىنىڭ يۇلتۇزسىمان سپونگىئوستىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلىسى كۆپىيىش يوتا نېرۋىسى ۋە يانپاش يېرىق نېرۋىسىدىن چىقىدۇ. سېمپاتىك نېرۋا ئۇچى نورئېپنارىن، پروستاگلاندىن، كالىتسىي تۆۋەنلەتكۈچى گىنغا مۇناسىۋەتلىك پېپىد،P  ماددىسى قاتارلىقلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، دوۋسۇن سۈيدۈك يولى ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشنى پەيدا قىلىىدۇ ھەمدە چات ئارىلىقى، داس ئاستى مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قالايمىقالىشىشى، مەزى بېزىدىن باشقا مۇناسىپ رايۇنلاردا داۋاملىق ئاغرىش ۋە چىتىلىپ ئاغرىش كۆرىلىدۇ. 
5. ئىممۇنوگىيەلىك رېئاكسىيە نورمالسىزلىشىش
يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىممۇنېت ئامىلى III  تىپىدىكى مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىمارنىڭ مەزى بېزى سۇيۇقلىقى، سپېرما پلازمىسى، توقۇلما، قاندىكى بەزى ھۆجەيرە فاكتورىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە III  تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا كۆرۈلگەن ئاغرىقنىڭ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا ئىممۇنولوگىيەلىك چەكلەش دورىسى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارسا چوقۇم ئۈنۈم بېرىدۇ. 
6. ئوكسېدلىنىش نەزىرىيەسى (氧化应激学说)
نورمال ھالەتتە، ئورگانىزىمدا ئوكسىگېنلىق ئەركىن رادىكالنىڭ پايدا بولىشى، ئىشلىتىلىنىشى، بەدەندىن چىقىرىلىشى قاتارلىقلار دىنامىكىلىق تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا ئوكسىدلانغان ئەركىن رادىكالنىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ۋە ياكى ئوكسىدلانغان ئەركىن رادىكالنىڭ تازىلاپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ رولى نىسبەتەن تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن ئورگانېزىمنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئوكسىدلانغان ھاسىلات ياكى قوشۇمچە ھاسىلات كۆپىيىدۇ. بەلكىم بۇ كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن بىرى بولىشى مۇمكىن. 
7. داس بوشلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئامىلى
بىر قىسىم مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا مەزى بېزى سىرتى ئەتراپىدىكى ۋېنا چىگىشى كېڭىيىش، بوۋاسىر، ئۇرۇغدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ، بۇ بەزى مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى ئالامەتلەر داس بوشلۇقى ۋېناسىغا قان تولۇش، قان يىغىلىپ كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەلكىم بۇ مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئۇزۇنغىچە ساقايماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلارنىڭ بىرى بولۇشى مۈمكىن. 
IV  تىپلىق مەزى بېزى ياللۇغى
بۇ خىلدىكى مەزى بېزى ياللۇغىدا كىلىنكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. ئاساسەن باشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنى تەكشۈرگەندە بايقىلىدۇ. شۇڭا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەب توغرىسىدا تەتقىقاتلار يېتەرسىز. بەلكىم  IIIتىپلىق مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ۋە سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 

مەزى بېزى ياللۇغىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئامىللار
مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئامىللار ئاساسلىقى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، مۇۋاپىق بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان مەزى بېزىنىڭ ئۇزۇنغىچە قان تولىشى ۋە داس ئاستى مۇسكىلىنىڭ ئۇزۇنغىچە بېسىلىشى، سوغۇق ئۆتۈش، چارچاش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش ياكى ئالاھىدە بەدەن ساپاسى قاتارلىقلار. 
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى