قان قەنتىنى كونتىرول قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز: سېرىق پۇرچاق
ۋاقتى: 2016-11-07
ئاۋاتلىقى: 1068 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى كۈندىلىك تامىقىغا چۇقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك ، كۈندىلىك ئىستېمال قىلىۋتقان يېمەكلىكى دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياكى كونترول قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ بىر كۈندىكى 3 ۋاق تاماقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە كېسەللىككە قارىشى تۇرۇشقا پايدىلىق. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى قىلىدۇ ، شۇڭا دىئابىت كېسەللىكلىرى بىمارلىرى يىمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
سېرىق پۇرچاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇلۇپلا قالماستىن، تەركىبىدە مول بولغان تۇيۇنمىغان ماي كىسلاتاسى، كۆپ خىل مىكرو ئېلىمىنىتلار، ۋىيتامىن ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار، بۇ بولسا دىئابىت كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا پايدىلىق .
1. سېرىق پۇرچاقنىڭ قان قەنىت ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تۆۋەن.
2. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە يەنە ئاسان ئېرىشچان تالا ماددىسى بار، بۇ بولسا قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلىشىنى تۇسايدۇ.
3. سېرىق پۇرچاق يەنە ماينىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدىغان پېپتىد تۈردىكى ماددا بار بۇلۇپ قان قەنتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4.سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە يەنە تۇيۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ بولسا قاندىكى ماي مىقدارىنى تېزگىنلەيدۇ، ياخشىلايدۇ، قاندىكى خولىتسىرىن مىقدارىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. دىئابىت خارەكتىرلىك بۆرەك كېسىلى بولسا دىئابىت كېسىەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى، دىئابىت كېسەللىكلىرى بىمارلىرى يىمەكلىكتە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلىشىنى تېزگىنلىشى كېرەك ، بىراق تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتالىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بۇلىشى كېرەك، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە بۇ ماددا بار ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ھايۋانات تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىدىن يۇقىرى بۇلىدىكەن ، ھەمدە بۆرەككە بولغان تەسىرى كىچىك ئىكەن، شۇڭا خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشقا بۇلىدۇ.