بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى
يانفوندا كۆرۈش
ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان ئاشۇ بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسەن دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنى ئاساسەن بىلىمىز، پەقەت ئىپادىلىنىش جەھەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
1. چۈشكۈرۈش
چۈشكۈرۈش قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتىنىڭ بىرى، ئەمما چۈشكۈرۈش ھەرگىزمۇ چوقۇم بۇرۇن ياللۇغى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈشكۈرۈش بۇرۇن شىلىمشچىق پەردىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئاۋاز ھادىسىسى. بۇرۇن ياللۇغىدىن بولغان چۈشكۈرۈش ئومۇمەن داۋاملىشىش خاراكتېرلىق بولۇپ، دائىم 5 قېتىمدىن ئارتۇق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قېتىم چۈشكۈرۈش بولۇشى مۇمكىن.
2. ماڭقا ئېقىش
سۈزۈك ماڭقا ئېقىش زۇكامنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، زۇكام ۋە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولغاچقا، قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم ماڭقىسى ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
3. بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش
بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا كۆرۈلىدىغان روشەن ئالاھىدىلىك، ئەڭ ئازابلىق كېسەللىك ئالامىتىدۇر. دائىم بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبلىك نەپەس راۋان بولماسلىق سەۋەبلىك، فىزىئولوگىيەلىك نەپەسلىنىش قىيىن بولۇشنى پەيدا قىلىپ، بىمار ئېغىزى ئارقىلىق نەپەسلىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئومۇمەن ئەمگەك قىلغاندا، ھاۋا ئىسسىغاندا يىنىكلەيدۇ، جىمجىت ئولتۇرغاندا ياكى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئېغىرلايدۇ. بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش ھەمىشە ئاستا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبلىك بولىدۇ.
4. بۇرۇن قىچىشىش
سەزگۈر خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغىدا، بۇرۇن قىچىشىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق غەيرىي ماددىلار (گۈل چېڭى، ئىت تۈكى قاتارلىقلار)غا يولۇققاندا غىدىقلىنىش سەۋەبلىك بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسىدە قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا كېسەللىك قوزغىلىش دەسلەپكى مەزگىلىدە ياكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە بۇرۇن قىچىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بۇرۇن قورغاقلىشىشمۇ ئەگىشىپ كۆرۈلىدۇ.
5. پۇراش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچراش
بۇرۇن ياللۇغىدىن بولغان پۇراش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچراش ئاساسلىق قىسقا ۋاقىتلىق ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئاساسلىق بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسى ياللۇغلانغانلىقتىن بولۇپ، سۇلۇق ئىششىق، بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش، ھاۋا ئۆتۈشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، كۆپ مىقداردىكى ھاۋانىڭ پۇراق سەزگۈ رايونىغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ.
كېيىنكىسى بولسا بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىدە سوزولما خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبلىك ئۇزاق مۇددەتلىك غىدىقلىنىشقا ئۇچراش سەۋەبلىك پۇراش سەزگۈسى ئىقتىدارى چېكىنىش ياكى يوقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
6. پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى
قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە بارغاندا ئېغىر دەرىجىدە دەم ئېلىش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ-دە، روھى ياخشى بولماسلىق، ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىغانلىقتىن باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر سىزدە (1) بۇرۇن ياللۇغى؛ (2) ئۆتكۈر (جىددىي) خاراكتېرلىق؛ (3) سوزۇلما خاراكتېرلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى؛ (4) يىگىلەش خاراكتېرلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى؛ (5) كاناي ياللۇغى؛ (6) كاناي شاخچە ياللۇغى؛ (7) كاناي شاخچە مەنبەلىك زىققا؛ (8) ئۆپكە ياللۇغى؛ (9) ئۆپكە گازلىق ئىششىقى؛ (10) ئۆپكە كىرىمنىي تۇزانلىرى ئولتۇرۇشۇش؛ (11) يۇقىرى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش؛ (12) قىزىتما؛ (13) گال ئىششىپ ئاغرىش؛ (14) يۆتەل؛ (15) بەلغەم كۆپىيىش؛ (16) دەم سىقىلىش؛ (17) ئىچى تىتىلداش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا سىزگە ئۈنۈمى ياخشى، ئالاھىدە مەنپەئەتلىك، ئەكىس تەسىرى بولمىغان «ئۆپكە تازىلاش گۆھىرى»نى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6045310-0991
ئۈندىدار نومۇرى: saklik01
ياكى ئىككىلىك كودى:
قاچىلىنىشى: 40 كاپسۇل \ قاپ
باھاسى: 76 يۈەن \ قاپ
مەھسۇلات رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك: