لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىشتا تىزنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك

قىشتا تىزنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-07-16 ئاۋاتلىقى: 1270 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى باش قىشنىڭ باشلىنىشى. يېقىندا سوغۇق ھاۋانىڭ جەنۇبقا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن گۇيلىندا ئۇدا ئىككى كۈن يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – تارماق دوختۇرخانىسى مېھىر – شەپقەت مۇتەخەسسىسلەر بىناسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ مىڭجيېنىڭ كۆرسىتىشىچە، رېماتىزىملىق بۇغۇم ياللۇغى بىمارلىرى باش قىشتا تىز بۇغۇمىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ساغلام كىشىلەرمۇ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم ئىكەن.

تىزنى ئىسسىق تۇتۇش، توڭلاتماسلىق.


ۋاڭ مىڭجېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوغۇق، نەم ھاۋا ۋە سوغۇق سۇ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى ھەرقاچان ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، سوغۇق ئېقىم كىرگەندە ياكى ھاۋا رايىدا ئۆزگىرىش بولغاندا قېلىن كىيىنىپ سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشى، ئىمكان بار سوغۇق سۇغا يولىماسلىقى كېرەك. دوختۇر ۋاڭ مىڭجيې ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرقىسىم خانىم – قىزلارغا تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە خانىم – قىزلار كۆڭلەك كىيمەسلىكى، بولۇپمۇ رېماتىزم خاراكتېرلىك تىز بوغۇمى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 16 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسىلا قېلىن كىيىنىشى، ھەتتا تىزلىق كىيىپ تىز بۇغۇمىنى ئاسرىشى لازىم.
ئاياغ پاشنىسى بەك ئېگىزمۇ، بەك پاكارمۇ بولماسلىق
تىز بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى راھەت ئاياغنى تاللاپ كىيىشى كېرەك. ئاياغنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز ياكى بەك پاكار بولسا ئوخشاشلا ئۇلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. تۈز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يول ماڭغاندا بەدەن ئېغىرلىقى تاپانغا چۈشىدۇ. مېڭىش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ئىمپۇلسلىق كۈچنىڭ تاپان، ئوشۇق، تىز، يانپاش، بەل قاتارلىق ئورۇنلارغا بولغان تەسىرى تەكشى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇنغىچە داۋاملاشسا بوغۇملارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاڭ مىڭجيې دوختۇر ئەڭ ياخشىسى راھەت، چەمى ئېلاستىكىلىققا ئىگە ئاياغ كىيىپ، ئېغىرلىقنىڭ بوغۇمغا بولغان بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
دوختۇر ۋاڭ مىڭجيې يەنە خانىم – قىزلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرغان ياكى ماڭغاندا ئىمكان بار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىك، تىز بوغۇمىغا بولغان بېسىم ۋە سۈركىلىشنى ئازايتىشنى ئەسكەرتىدۇ.
ھەرىكەت مىقدارى يېنىك بولۇش، ئېغىر بولماسلىق
كۈندىلىك تۇرمۇشتا نوقۇل ئاياغلا ئەمەس، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىمۇ تىزنى زەخىملەندۈرىدۇ. دوختۇر ۋاڭ مىڭجيې مۇنداق تەكىتلىدى: بوغۇملار ئۇزۇن ۋاقىت بىر خىل ھالەتتە تۇرماسلىق، تىزنى ئېگىش، سوزۇش ھەرىكىتىنى قارىغۇلارچە ئىشلىمەسلىك، ئامال بار بوغۇمغا چۈشىدىغان بېسىم ۋە سۈركىلىشنى ئازايتىپ، ئۇزۇن ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، ئۆرە تۇرۇش، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش، تاغقا يامىشىش، يىراق مۇساپىنى پىيادە بېسىش قاتارلىق بوغۇمغا زىيانلىق بولغان ئېغىر ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇزۇن مۇددەت تەيجىچۈەن بىلەن شۇغۇللانغانلار ئاسانلا بوغۇم ياللۇغىغا مۇپتىلا بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەرىكەت قىلغاندا ھاسا، تىزلىق، مېڭىش ماشىنىشى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشى لازىم.
دوختۇر يەنە ئەڭ ياخشىسى سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىق بوغۇمغا بېسىم چۈشمەيدىغان يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا تىز بوغۇمىنى ئاسرىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (تۈرگەن تەرجىمىسى)


بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى