‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› بىر گەپ ئەمەس
ۋاقتى: 2016-11-04
ئاۋاتلىقى: 1954 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىرىنى داۋالايدىغان بىر قىسىم جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدۇ›› دېگەندەك خەتلەرنى كۆرىمىز. نۇرغۇن كىشى يۆتىلىپ قالسا ياكى بەلغەم تۈكۈرسە ‹‹يۆتەل توختىتىش››، ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› تەك قوش رولغا ئىگە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم. ئومۇمەن يۆتەلنى پەسەيتىدىغان ياكى توختىتىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ياكى ياسالمىلىرى ‹‹يۆتەل توختىتىدىغان دورىلار›› دېيىلىدۇ؛ بەلغەم بوشىتىش ياكى بەلغەم يوقىتىش رولىغا ئىگە دورىلار ‹‹بەلغەم بوشىتىدىغان دورىلار›› دېيىلىدۇ.
كىلىنىكىدا يۆتەل قۇرغاق يۆتەل ۋە ھۆل يۆتەل دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
قۇرغاق يۆتەل ئادەتتە يۆتىلىش قېتىم سانى كۆپ، بەلغەمسىز ياكى ئاز مىقداردا بەلغەم بولغان يۆتەل بولۇپ، دائىم ئۆتكۈر كېكىردەك ياللۇغى، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغى، يېنىك دەرىجىدىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا كېلىپ چىقىدۇ؛ ھۆل يۆتەل بەلغەم ئارىلاش كەلگەن يۆتەل بولۇپ، دائىم سوزۇلما كېكىردەك ياللۇغى،سوزۇلما كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. يۆتىلىپ قالغان ئەمما بەلغەم بولمىغان ياكى بەلغەم ئاز ئەھۋالدا يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىشتەك قوش ئۈنۈمگە ئىگە دورىلارنى تاللىماي، يۆتەل توختىتىدىغان دورىلارنى تاللاش كېرەك.
جۇڭگو تېبابىتىدە دېيىلىدىغان ‹‹بەلغەم›› كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئەس – ھوش، روھى جەھەتتىكى نورمالسىزلىق ياكى قالايمىقانچىلىقلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ‹‹بەلغەم بوشىتىش››تىكى ‹‹بەلغەم›› بولسا نەپەس يولىدىن ئاجرىلىپ چىققان شىلىمشىق ماددىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە دېيىلىدىغان ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› ئوخشىمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ ئاساسلىقى ‹‹سوغۇق بەلغەمنى ئىللىتىش›› ۋە ‹‹ئىسسىق بەلغەمنى بوشىتىش›› دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. (ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى)