لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايتا نۇرلانغان لوقمان ھەكىم روھى

قايتا نۇرلانغان لوقمان ھەكىم روھى

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 3039 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قايتا نۇرلانغان لوقمان ھەكىم روھى
 ئالىيە ئەخمەت
 -ئۈرۈمچى كەچلىك گېزى 2014-يىلى 19-دېكابىر سانىدىن ئېلىندى.



 سەمىمىيلىك، خۇشاللىق ۋە بەرىكەتنىڭ ئەلچىسى، ھۆرمەت ھەم قەدىر-قىممەتنىڭ ئۇلى، سىزدە خۇشاللىق بولسا ھەم باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلالىسىڭىز، بەخت دېگەن ئەنە شۇ، ئىشلىرىڭىزنىڭ يۈرۈشكىنى شۇ. سىز سەمىمىيلىكنى چىن يار تۇتقان بولسىڭىزلا، سەمىمىي نىيىتىڭىز سىزنى ھۆرمەت تەختىگە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. قەدىر-قىممەتنىڭ لەززىتى ئىلكىڭىزدە بولىدۇ.
 ياشاشنىڭ ھۇزۇرى سىز تاپقان ھەر بىر قەدىر-قىممەت ئارقىلىق تېخىمۇ مېھىرلىك ھەم تېتىملىق بولىدۇ.
 مەن بۈگۈن ھەم خۇشال ھەم خىجىل بولدۇم. خوش بولۇشۇمدىكى سەۋەب، مەھسۇلاتلىرىم ئاغرىقلارغا ئازراق بولسىمۇ  پايدا قىلىپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بىر سەۋەب قىلغۇچى دوختۇر خالاس، بۇ مېنىڭلا تۆھپەم ئەمەس، ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشكەن كىشىلەر مەندىن سۆيۈنۈپ، رەھمەت ئېيتتى. بۇنىڭدىن خىجىل بولدۇم. چۈنكى ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيەلىشى، خەلقىمىزنىڭ ئىشىنىشى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ «لوقمان ھەكىم» بۇنچىلىك تەرەققىي تاپالمىغان بولاتتى....
 «لوقمان ھەكىم» بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە تەبرىكلەش يىغىنىدا، شىركەتنىڭ لېدىرى تۇرغۇنجان قىلغان بۇ سۆز، جۈملىدىن مۇشۇ سۆزلەرنىڭ قات-قېتىدىن بالقىپ تۇرىۋاتقان، سەمىمىيلىك مېنى ئۆزىگە رام قىلدى. دېمىسىمۇ سەمىمىيلىكنىڭ سېھرى كۈچىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش تولىمۇ تەس. مانا بىر يىللىق ھوسۇلىمىزنى ئالىدىغان دەملەر كېلىپ قالدى، ھاياتىمىزدا گۈلدەستىلەرنى تىزالىدۇقمۇ يوق؟ بۇنى ئويلىماي بولمايدۇ، ھايات قوينىغا ئويلانماي قەدەم باسسىڭىز، ھاياتىڭىز سىزگە كۆڭۈل بەرمەيدۇ. سىزنى باغرىغا ئالمايدۇ. ھايات قوينىدا سىز چۈشۈرگەن يارقىن ھەم گۈزەل شولا سىزگە زىننەت، قەدىر-قىممەت، ئىپتىخارلىق ئاتا قىلىدۇ. سىزنى ئۈن-تىنسىز قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەنە تۇرغۇنجان «لوقمان ھەكىم»ىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زېممىسىگە ئېلىشقا ئەھدە قىلغان بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ھەر يىلى ئويلىنىپ، ئويلىغانلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇ بۈگۈن ئۆزى سۆيگەن، ئىززەتلىگەن ئەل ئىچىدىن ۋەكىل سۈپىتىدە 300 دىن ئارتۇق ئەزىر مېھماننى بۇ يەرگە جەم قىلىپ، مۇشۇ بىر يىلدىكى 5 چوڭ يېڭىلىقىدىن ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى. «ھايات پەرۋىشكە مۇھتاج قېرىندىشىم، مەيلى سىز ئالدىراش بولۇڭ، مەيلى مەيۈس بولۇڭ، بەختلىك بولۇڭ، ھەر قانداق چاغدا ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئونۇتماڭ، ۋۇجۇدىڭىز ياشىرىپ، تۈرلۈك كېسەل ئازابلىرى سىزدىن يىراق تۇرسۇن، سىزگە ساغلاملىق، ئىللىقلىق، ئاتا قىلىش ئۈچۈن قولىمىز كۆكسىمىزدە، ئىمكانىيەت بولسا، يېنىمىزغا كەلمەڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەتمەڭ، ھەركىم ھەر چاغ ساغلام بولسۇن.» دېگەن سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن ئۇ يەنە ھەممەيلەننى پەخرلەندۈردى.


 ۋۇجۇدىڭىزدىكى «بايلىقلار» كىمنىڭ؟
 تۇرغۇنجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئايتۇرە بىلەن سۆھبەتلەشكەن شۇ قىسقىغىنە دەملەر ماڭا ياشاشنىڭ نۇرغۇن ھېكمەتلىرىنى چوڭقۇر ئېيتىپ بەردى. تەجرىبىلىك دوختۇر، ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىسى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناس تۇرغۇنجان جۈمە بۇ يىل جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى شەرىپىگە، ئۇنىڭ «لوقمان ھەكىم» بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ «مۇدىرىيەت ئەزاسىلىق ئورۇن» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. ئۇنى بۇ شەرەپلەرگە نائىل قىلغان دەسمايە نېمە؟
 -مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى قىزغىن ئالقىشلىدى. بۇ قېتىم تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرۇپا-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىدە، قىزغىزىستانلىق سودىگەر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك توختاملىشىپ، ئۇ يەردە تارماق شىركەت قۇردۇق، بۇ «لوقمان ھەكىم» شىركىتىنىڭ مۇشۇ بىر يىلدىكى ئىككىنچى بىر يېڭىلىقى؛ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىنى ئېچىش تەكلىپىنى بېرىپ ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كارخانىلار كۆپ، ئەمما ئالدىرىمىدۇق، چۈنكى بىز ھەر قايسى رايون خەلقىنىڭ ياشاش مۇھىتى، بەدەن ساپاسى ۋە شۇ جايلارنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى تەلەپ قىلىۋاتقان نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ، ئىزدىنىپ، شىپا بولىدىغان مەھسۇلاتلىرىمىز بىلەن بازارغا كىرىشىمىز كېرەك. شۇندىلا شىركىتىمىزنىڭ «لوقمان ھەكىم»لىك سالاھىيىتىنىڭ سېھرىگە ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئەمەل قىلغان بولىمىز.
 ....
 بۇ بايانلاردىكى كەسىپكە، ھاياتلىققا بولغان ئەقىدە، مەسئۇلىيەت مەنچە ھەر كىمنىڭ روھىغا تولىمۇ ياڭراق «گۈدۈك» چالىدۇ. قۇرۇلغىنىغا 5 يىل بولاي دېگەن بۇ شىركەتنىڭ، ھەر بىر مۇساپىسىدە چولپان يۇلتۇزدەك يېلىنجاپ تۇرغان ئەنە شۇنداق ئىپتىخارلىق روھ ئاز ئەمەس. شۇ روھ، شۇ خىل ئەقىدە، ئۇلارنىڭ ھەر بىر دەقىقىدىكى مۇساپىلىرىگە ماياك بولماقتا!
 بۇ يىلدىكى يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، شىركەتنىڭ ماركىسى شىنجاڭنىڭ «داڭلىق تاۋار ماركا»سى بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىدىمۇ، «ئەڭ ياخشى ماركا مۇكاپاتى» دېگەن نامغان مۇيەسسەر بولدى. دېمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشقا چىن ئىخلاسىنى ئاتا قىلغان شىركەت قىسقىغىنە مۇساپىدە ئەلنىڭ ياخشى كۆرۈشى، قايىللىقى ۋە چىن ئېتىراپىغا ئېرىشتى. ئىگىلىشىمچە، لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ ھەر قايسى جايلاردا 100 دىن ئارتۇق سېتىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلار 300 گە يېقىن شىركەت خادىملىرىغا يىلدا بىر قېتىم كەسىپتە يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش، مۇھىم ئۆتكەل دەپ تۇنۇيدىكەن.
 «لوقمان ھەكىم» شىركىتىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى، جۇڭگو سەھىيە تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو سۈپەت تەكشۈرۈش جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فېڭلۇ ئەپەندىنىڭ شۇ كۈنى بەرگەن «تۇرغۇنجاننىڭ ماركا ئىناۋىتى ئارقىلىق بازار ئوبرازى، نوپۇز تىكلەشكە بولغان مەسئۇلىيىتىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىمەن. ئۇ ئۆز بۇرچى، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ۋەزنى بىلەن تونۇغان، يىراقنى كۆرەر تىرىشچان بىر ياش...» دېگەن باھالىرى ئۇنىڭ ئەقىدىلىك ھاياتىغا بېرىلگەن ئېسىل ئېتىراپ.
 «لوقمان ھەكىم» بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يولىدا كۆلەملەشكەن، ئۇلۇغۋار شىركەت مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دىيارىمىزدا مەخسۇس دورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئۆز رېتسىپى ئاساسىدا ئىلگىرىكىدەكلا سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرى ھەم دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلىدۇ... «لوقمان ھەكىم» شىركىتىنىڭ بۇ ئويلىرى يادىمغا زىيارەت داۋامىدا تۇرغۇنجاننىڭ «ۋۇجۇدۇمدىكى ھەممە، ھەممىنى ئەل بەرگەن دەپ تونۇيمەن، شۇڭا ئەلگىمۇ مەن ئېرىشكەندىنمۇ ئارتۇقنى ئاتا قىلغۇم بار...» دېگەن ئىرادىسىنى سالدى. بىلىشىمدە، شىركەت 1500 كىۋادىرات مېتىر ئورۇنغا ھەر جەھەتتىن ئۆلچەمگە يەتكەن زاۋۇت قۇرۇپ تەق بولدى. 9 ئايلىق جاپالىق ئەجرىنىڭ بۇ شاھىدىنى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئەلگە نامايەن قىلماقچى، يەنە نۇرغۇن ئىشسىز قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىللىق باغرىنى ئاچماقچى.
 ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىزدىكى يۈكسەكلىككە ھۆرمەت بىلەن قاراش بىر ماھارەت، ئىقتىدار. نۇرغۇن سۆزنى دېمەككە ئاسان، ئاڭلىماققا ئاددىي ھەم راۋان، ئەمما شۇ «كېچىك» ئىچىگە كىرمەك ئۇنچە ئۇڭاي ۋە راۋان ئەمەس... مەيلى تاپىنىڭىزغا تىكەن كىرسۇن، تاش پاتسۇن، مەيلى ۋۇجۇدىڭىزغا ئاجايىپ راھەت سەزگۈلەر تارىسۇن، ئۇ سىزنىڭ چوڭقۇر باغرىغا جاپا ھەم راھەتنى بىللە يۇشۇرغان شۇ «كېچىك»كە مۇھەببەت بىلەن قەدەم باسقانلىقىڭىزغا باغلىق. شۇ ئاتەش مېھىر، سۇنماس ئىرادە، ئۆتكۈر پاراسەت سىزدىكى بايلىقتۇر. بۇ بايلىق كىمنىڭ؟
 تۇرغۇنجان شۇنداق دەيدۇ: «ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق بايلىقلار ئەلنىڭ، مەن ئۇلارغا قايتۇرۇشۇم كېرەك!»

 
 سۆيۈپ، سۆيۈلۈپ ياشايلى
 تۆتىنچى يېڭىلىق، تۇرغۇنجان جۈمەگە بۇ يىل خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىق ۋە جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى 2-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە خەير-ساخاۋەتتە «ئالاھىدە تۆھپىلىك كارخانىچى» دەپ نام بەردى. بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۇ يەنە، «مېھرى-مۇھەببەتنى تەڭرىتاغقا چېچىش، مەملىكەت خاراكتېرلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىئانە قىلىش ھەرىكىتى يىغىنى»غا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «مېرىبان ئاتا» شەرپىنى قازاندى.
 ئېيتىڭە، ئەتراپقا ئىللىقلىق نۇرىنى چېچىش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلسىمۇ، شۇ نۇرنى شەخسىيەتسىز ئاتا قىلالاۋاتقانلار قانچىلىك؟
 -ئەمدى تېخى ئىگىلىك تىكلەپ، ئايىغى يېڭىلا چىققان بالىدەك تەمتىلەپ كېتىۋاتىمەن، قەدەملىرىم ۋەزمىنلەشكەندە، ئەتراپتىكى ياردەمگە مۇھتاجلارغا ئىللىقلىقنى ئاتا قىلساممۇ ئۈلگۈرىمەن، دەيدىغانلار بار. شۇ ئۈلگۈرۈشنى كەينىگە سۆرەپ تۇرىدىغان كېچىكىشنىڭ بۇرچىمىزنى كۆمۈپ ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلىدىغان، ئۇنىڭغا يول قويمايدىغان قەلبلەرگە ئاپرىن!
 تۇرغۇنجان شىركەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ 5 يىلغا يەتمىگەن مۇساپىسىدە، ئۆزىگىلا تونۇش بولغان قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن، 2 مىليون يۈەننى مائارىپقا، يېتىم-يىسىرلارغا، مېيىپلارغا ئاتىدى. ئۇنىڭ مېھىرلىك باغرىدا ھاياتىنىڭ قوياش كەبى تەپتىگە چۆمگەن دەملىرىنى ھېس قىلغان يۈرەكلەر ئاز ئەمەس.
 «لوقمان ھەكىم» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت-شەھەرلىرىدە 30 خەير-ساخاۋەت نۇقتىسى قۇردى. ئۇلار شۇ جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار مەكتەپ، شەخسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا نەق پۇل، ماددىي بۇيۇم، لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنى ھەقسىز تەقدىم قىلىدۇ. «لوقمان ھەكىم» بۇ ساخاۋەتلىك مۇساپىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى 2-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە 80 مىڭ يۈەن ساخاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ خەيرلىك مۇساپىسىنىڭ راۋان بولىدىغانلىقىغا ھەممە ئىشىنىدۇ.

 



 شۇ تاپ بىز خەۋەردار بولغان «لوقمان ھەكىم» شىركىتىنىڭ بۇ بەشىنچى يېڭىلىقى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكىتىپىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولغان بۇ ئاتىنىڭ، ساخاۋەتلىك قۇچىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ يېيىلىدىغانلىقىدىن، ھاياتىغا تېخىمۇ گۈزەل تىلەك، گۈزەل ئارمانلار بىلەن باقالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا، شۇ ساخاۋەت تۇغقان ساغلام روھ، ساغلام ئىرادە، ساغلام ئۈمىد خاسىيىتىدە ساغلام ئەقىدە، شىجائەت ۋە ئۇتۇقلارنىڭ ئۇلى سېلىنغانلىقىدىن «سۆيۈپ ۋە سۆيۈلۈپ ياشاش ئاتا قىلىدىغان بەھرلىك دەملەر» ھوزۇرىنىڭ ھەر ۋاقىت مۆجىزە يارىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ئەلۋەتتە!
 «تېبابەتچىلىك پەقەت بىر پەن، ئۇ تېخنىكىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي غەمخورلۇق ۋە سۆيگۈ ئارقىلىق، قۇدرىتىگە تويۇنىدىغان ئېسىل ساخاۋەت. لاياقەتلىك دوختۇر كەسپىي تېخنىكىسىنىڭ قانداقلىقى بىلەنلا ئەمەس، ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىن قىممىتى بىلەن تونۇشى ۋە جارىي قىلدۇرالىشى، ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.» تۇغۇنجاننىڭ قەلبىگە مۆھۈر باسقاندەك ئويۇلۇپ كەتكەن بۇ ئەقىدىلەر ئەجىبا سۆيۈپ، سۆيۈلۈپ ياشاشنىڭ مېننەتسىز ئەجرى ئەمەسمۇ؟


 قۇربانلىقنىڭ قىممىتى
 قۇربانلىق بېرىپ باقمىغان ئادەم قۇربانلىقنىڭ قىممىتى ۋە لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. قۇربانلىق گۈزەل ئەخلاق، ئۇ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئىللىقلىق، مۇھەببەت، جاسارەت، مېننەتدارلىق قاتارلىق پەزىلەتلەرنى مىراس قالدۇرىدۇ. خۇددى تۇرغۇنجاننىڭ ئاتا-ئانىسى كەسپىنى بار ئىشتىياقى بىلەن سۆيۈش، غۇرۇر ئىپتىخار بىلەن ياشاش، بېغىشلاش، قەلبلەر ئارا چۈشىنىش جەريانىدا ئۆز قۇربانلىقى بىلەن نۇرغۇن رىئاللىقنى پەرزەنتلىرىگە ھېس قىلدۇرۇپ مىراس قىلغاندەكلا....
 -تۇنجى بالام 3 ئايلىق بولغاندا مەن ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمغا ئاتلاندىم، شۇ تەييارلىقلار باشلانغاندا ئاتىلىق، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىم ماڭا قاچان، قانداق قىلىشىمنى ئۆگەتتى. تولىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىمدىن كىچىككىنە قۇربانلىق بېرىپ، ئوغلۇم بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ساقلىدىم. مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ تونۇتقان پەرزەنتىم باغرىدىكى ئىللىق ھىدنى 3 ئايلا ھىدلاپ ئۇزاق سەپەرگە، توغرىسى ئارمانلىرىم، مەسئۇلىيەتلىرىم چاقىرىۋاتقان «كۆرەش»كە ئاتلاندىم.
 -ئايالىمغا، ئائىلەمگە، پەرزەنتلىرىمگە كۆپرەك سېغىنىشىمغا تېگىشلىك مېھرىلىرىمدىن ئەلگە قۇربانلىق بەرگىنىمگە ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى ئەلنىڭ رەھمەتلىرى مېنى ياشنىتىدۇ. ئايالىم مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئاياللار تەلپۈنىدىغان ھەۋەسلەردىن ھەتتا خىزمىتىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، ئوخشاشلا ماگىستىر كەسىپچان ئايال ئىدى.
 -يولدىشىمنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇپ، ئارزۇلىرىغا قانات بولۇپ ياشاش ماڭا ھاياتنىڭ لەززىتىنى، مەنىسىنى تونۇتىدىكەن.
 -ئورتاقلىق بىزگە ئورتاق غايە، ئورتاق لەززەت، ئورتاق نىشان، ئورتاق قۇربانلىق جاسارىتىنى ئاتا قىلدى. شۇڭا جەبر-جاپالىرىمىزنىڭ بەدىلىگە كەلگەن پەخرلىنىش ھېسلىرىغا، تەڭ جۈر بولۇپ، بەخت لەززىتىدىن بىر يۈرەكتە ھوزۇرلانغاندەك بەھىرلىنىپ تۇرۇپتىمىز. ئورتاق ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئورتاق پىلانلىرىمىز بار.
 تۇرغۇنجان ۋە ئايتۇرە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان ئەڭ تەسىرلىك مىنۇتلاردىكى نەق گەپلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، بەلكىم قۇربانلىق بېرىشنىڭ بىزگە ھاياتلىق مەناسى، بەخت ھوزۇرى، ئىپتىخارلىق لەززىتى، ئۇلۇغ نىشان شېرىنلىكى ئاتا قىلىدىغان مۇھىم بىر «ئاقسىل» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىڭلار!


 خاتىمە
 نەزىرىمدە ھايات سۆيۈش، قىزغىنلىق، قۇربانلىق بېرىش بىلەن ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ،- دېدى تۇرغۇنجان ئاخىرىدا . مەنمۇ ئۇنىڭ 2000-يىلى شىنجاڭ تېببى ئونىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى تەتقىقات ئاكادېمىيەسىدە بىلىم ئاشۇرغانلىقىنى؛ 2005-يىلغىچە تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كىلىنكىلىق داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى؛ 2008-يىلغىچە ئۇكرائىنا ۋېنسا خەلقئارالىق تېببي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقىنى؛ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تېبابىتى، غەرب تېبابىتى ۋە تېببىي يېڭىلىقلار بىلەن ئۆزىنى ھەر ۋاقىت تاكاممۇللاشتۇرۇپ ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىسى، ئوزۇقلۇقشۇناس سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، مۇستەقىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش داۋامىدا، شىنجاڭ «لوقمان ھەكىم» بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەم شىپاخانىسىنى قۇرغانلىقىنى؛ ئارزۇلىرى ئۈچۈن تنىماي كۆرەش قىلىپ، ھايات ئېتىكىدىن ئارمانلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەش، جۇلاسىنى يارىتىش، يېقىلغان يېرىدىن قونغان چاڭ-توزانلارنى قالدۇرماي قېقىپ ھەم دەس تۇرۇپ، ئارمانلار مەنزىلىدىكى ئەل شادلىقىدىن ئالىدىغان دىل ئاراملىقى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ئاشقان تالاي تىكيار ۋە داۋانلىرىنى تېخى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغان، قىسقىغىنە زىيارىتىم جەريانىدا، 36 باھارىنى شاھىت قىلىپ تۇرغان بۇ پەخرلىك ھاياتقا: «كەسىپنى جان دىلى بىلەن سۆيۈش، ھاياتىنى، ئەلنى ئۆز مەۋجۇدلۇقى بەدىلىگە مۇيەسسەر بولۇپ تۇرىۋاتقان بارچىنى قىزغىن باغاشلاش، ئۆزى سۆيگەن، ئۆزىنى سۆيگەن، ئۆزى ئارمانلىغان، ئۆزىگە ئۈمىد-ئىشەنچ باغلىغان بارچە ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ ياشاشتىن ھوزۇر تېپىش بىلەن مەۋجۇدلۇق قىممىتىنى ياراتقان ھايات ئىكەن.» دەپ ئويلاپ تۇراتتىم، تۇرغۇنجاننىڭ: «نەچچە كۈن بولدى، 3، 4 سائەتلا ئۇخلاۋاتىمەن، تۈزۈكرەك قىززىق تاماق يەپ باقمىدىم. ئەمما نۇرغۇن ئىشلىرىمنى قىلىۋالدىم. مەنغۇ كۆنۈك، ۋۇجۇدۇم، نىيىتىم، روھىم ساغلام، ئەل ئۈچۈن كىچىككىنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىيەلىگىنىمدە، ئەل ئۈچۈن يۈرۈكۈمنىڭ ئۆز نىشانىدىن ئازماي، سوقۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ سادىق تىۋىشلار قولاق تۈۋىمدىلا بولسا، مەن قىسقىلا ئۇخلىساممۇ، شۇ قەدەر راھەت ئۇخلايمەن. ھاردۇقۇم تامام پۈتىدۇ.» دېگەن سەمىمىي ئاۋازىدىن ئۇنىڭ شۇ ئويغاق دەملىرىدە، داۋالاش كەسپىگە بولغان ئىشتىياقىغا، قانائەت ۋە راھەت تېپىپ كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.


 -ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئۇ مەندىنمۇ ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىپ كەتسە، شۇ كۈنىدىكى قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكىگە پۈتىۋالغان ئىشلىرىنى تاماملاپ ئاندىن «ئۇھ» دەيدۇ. ئۇ كىتاب ئوقۇشقا، كومپيۇتېردىن ئۆز كەسپىگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە بەك ئامراق، ئۇ ھەر جۈمە كۈنىنى ئۆزىگە دەم ئېلىش قىلىپ بېكىتكەن. بۇنداق كۈنلەردە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم كۆڭۈللۈك ئىشى، كىتابخانىلارنى ئارىلاش، كىتاب ئوقۇش...-دەپ يولىدىشىنى سۈرەتلەۋاتقان ئايتۇرەنىڭ دىللىرىدا، تىللىرىدا كۆز نۇرلىرىغا پەخرلىنىش ئاتا قىلغان ئاجايىپ يۈكسەك بەخت ھە دېگەندە ئۆزىنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى.
 -بار ئىقتىدارىم بىلەن بىر ئاغرىقنىڭ ۋۇجۇدىغا شىپالىق ئاتا قىلالىسام، سىقىلىۋاتقان روھىنى ئازاد قىلالىسام، ھاردۇقۇم ھەقىقىي چىقىدۇ. راھەت تۇرمۇش، ئاتالمىش ئاراملىق، پەرزەنتلىرىم بىلەن قېنىشىپ ئۆتىدىغان جەلپكارلىقى كۈچلۈك دەملەردىن قىيىشقا رازىمەن. ئارمىنىم، خۇشاللىقىممۇ شۇ!

 
 سەمىمىيەتنى جان قىلغان، تۇرغۇنجاننىڭ بۇ ھاياتىدىن مەنمۇ پەخرلەندىم، سىزمۇ شۇ دەم پەخرلىنىۋاتىسىز، بەلكىم. شۇڭا ئۇلارغا سەمىمىي تىلەك تىلىدىم: «بەردەم تۇرۇڭلار، سالامەتلىك ھەممەيلەنگە يار بولغاي، ساغلام ۋۇجۇدۇڭلاردىن ھەر ۋاقىت ساغلام روھ تارىغاي!»
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى