دائىم ئىچى سۈرىدىغانلار ئالمىنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ
يانفوندا كۆرۈش
دائىم ئالما يەپ بەرگەندە تەرەتنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئالمىنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىن، ئورگانىك كىسلاتالىق ماددىلار ناھايىتى مول.
ئالما تەركىبىدىكى مۇھىم بولغان بىرىكمە ماددىلار ئادەم بەدىنىگە سۈمۇرۈلگەندىن كېيىن، تەرەت بىلەن قوشۇپ، ئورگانىزىمدىكى زەھەرلىك ‹ئەركىن رادىكاللار› ماددىلارنى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىپ، قاندىكى ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، زۇكامنىڭ ھەم ھەر خىل يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
ئالمىنى پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئالمىنى پىشۇرۇپ يېگەندە، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى ياخشىلاپ، ئىچى سۈرۈشنى توختاتقىلى بولىدۇ. شۇڭا، دائىم ئىچى سۈرىدىغانلار ئوبدان پىشقان، زىدە بولمىغان ئالمىنى ھوردا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە بولىدۇ. (بېكمۇرات تەييارلىغان)