لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لوقمان ھەكىمدىن يەنە بىر كاتتا خۇشخەۋەر

لوقمان ھەكىمدىن يەنە بىر كاتتا خۇشخەۋەر

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 2783 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى گۈزەك قاشتېشى ئالىي مېھمانسارىيىدا يەنە بىر كاتتا ئىش بولدى. شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «بالىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئاقسىل تولۇقلاش» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ 50 نەپەر ئەزاسىغا بىر يۈرۈشتىن تەنتەربىيە كىيىمى ۋە لوقمان ھەكىم كۆپ خىل ۋىتامىنلىق ئاقسىل تالقىنى تەقدىم قىلدى ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ھەر ساھە زاتلىرى، زىيالىيلىرى، دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، بالىلار خىزمىتى مۇتەخەسسىسلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، شۇنداقلا لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچى، ۋاكالەتچىلىرىدىن بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
 
ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا ئالدى بىلەن شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى تۇرغۇنجان جۈمە بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى، بازارلىرىنى ئارىلاش، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش جەريانىدا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ خىل ئەھۋال يەنە كېلىپ ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىكەن. مەن خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش بىلىملىرىنى خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەردە بىز ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر خېلى كۆپ ئىكەن. شۇڭا مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردۇق.»

 


ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكى بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋىراچ ئامانگۈل تۆممۈر «بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
 
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىي بويىچە ماگىستىر، ئوزۇقشۇناس، باش ۋىراچ ئايتۈرە ئابلىمىت خانىم «لوقمان ھەكىم يۈرۈشلۈك ئاقسىل تالقانلىرىنىڭ تەركىبى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانى» ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.
 
ئارقىدىن ئاپتونۇم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن گۈلگىنە ئەخمەت خانىم «بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
 
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسېنتى، ياپونىيە توكيو خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى ئابلىمىت كېرەم ئەپەندى «ۋاكالەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
 
ئاندىن شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پەيزىۋاتتىكى ۋاكالەتچىسى سادىقجان ساۋۇت ئۆزىنىڭ لوقمان ھەكىم شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانى، بازار ئېچىش تەجرىبىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 
جۇڭگودىكى داڭلىق خەتتات جاڭ خىڭ يۈەن ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئاتاپ يېزىپ بەرگەن ھۆسىنىخېتى لېدىر تۇرغۇنجان جۈمەگە يەتكۈزۈلدى.
سادىقجان ساۋۇت قاتارلىق بىر قىسىم ۋاكالەتچىلەر ئۆزىنىڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە، شىركەت لېدىرى تۇرغۇنجان جۈمەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسياتىنى ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئالاھىدە كۆڭۈل سوۋغىسىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.
 
ئاخىرىدا رىياسەتچىنىڭ بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن قىسقىچە خۇلاسە بېرىشى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەت ئاياغلاشتى.

بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى