لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دىئابىت دائىم تاتلىقنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولامدۇ؟

دىئابىت دائىم تاتلىقنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2048 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىچىكىمىزدە دائىم مۇنۇ سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز: «كەمپۈتنى ئاز يە، كەمپۈتنى كۆپ يېگەندە سۈيدۈكتە شېكەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ-دە، دىئابىت كېسىلى بولۇپ قالىسەن.» بۇ سۆزنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟


دىئابىت كېسىلى ئىسمىدىن قارىماققا، «سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى بولۇش.»نى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى بولمايدۇ. چۈنكى، قاندىكى قەنت ماددىسى بۆرەكنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۆرەك نەيچىسى ئارقىلىق قايتا سۈمۈرۈلىدۇ. بىراق، قاندىكى قەنت مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا، يەنى 180mg/dL بولغاندا، بۆرەك نەيچىسى بۇ قەنت ماددىسىنى سۈمۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەيدۇ-دە، قەنتلىك سۈيدۈك ھاسىل بولىدۇ. 
ئادەم بەدىنىگە ئوزۇقلۇق سۆمۈرۈلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ماددىلار پارچىلىنىپ گىلوكوزىغا ئايلىنىدۇ-دە، قانغا كىرىپ، قان قەنتگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا تاماقلانغاندىن كېيىن قان قەنتى روشەن دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. ئەگەر ئاسان پارچىلىنىدىغان قەنت ماددىلىرى بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئۇ ھالدا قان قەنتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، بۆرەك نەيچىسىنىڭ قوبۇل قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، شېكەرلىك سۈيدۈك ھادىسىسى قان قەنتىنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېگەندە، شېكەرلىك سۈيدۈك ھاسىل بولسىمۇ، ئەمما چوقۇم دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىشى ناتايىن. 
بىراق، پەزىدە شېركەرلىك سۈيدۈك ھادىسىسى كۆرۈلسىمۇ، ئەمما بۇ بەدەندە چوقۇم دىئابىت كېسىلى بولۇشىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ،  لېكىن تاتلىق يېمەكلىكنى يېيىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تاتلىق يېمەكلىك ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكنىڭ زىيادە قوبۇل قىلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ دىئابىت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. 
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى