لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە زىيانلىق

ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە زىيانلىق

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 993 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ، ئەتتىگەنلىك ناشتىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار ‹‹ئەتتىگەنلىك ناشتا ئەڭ شىپالىق دورا›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان. تىببى پەن ئالىملىرى كۆپلىگەن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەسلىكتىن بولىدۇ،دەپ قارىماقتا. مەسىلەن، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى كېسەللىكى، ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى راك كېسەللىكى، قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق كىسەللىكلەر ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەيدىغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراش تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى‹‹ساغلام بولاي دىسىڭىز-ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ، ئەتتىگەنلىك ناشتىنى چوقۇم قىلىڭ›› دېگەن ئۈچ جۈملىگە مەركەزلەشتۈردى. بۇنىڭدىكى ھاراق بىلەن تاماكىنىڭ زىينىنى كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدۇ، لېكىن ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلماسلىقنىڭ زىينىنى كۆپلىگەن كىشىلەر ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ كەتكىنى يوق. خېلى كۆپلىگەن كىشىلەر بولۇپمۇ ياش خانىم-قىزلار ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەي،بەك كىچىكىپ يەيدۇ، نەتىجىدە بىر مەزگىلدىن كېيىن سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئادىتىدىن كۆرمەيدۇ. شۇڭا ساغلام بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىش كېرەك.ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېمىگەندە سالامەتلىك ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېمىگەندە چوڭلار، ياش-قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنى ئورۇقلاتماي ئەكسىچە سەمىرتىدۇ، ئىممونىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاياللارنىڭ چىراينى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ.بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزگەندىن سىرىت يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي نورمال يېتىلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى