لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لوقمان ھەكىم دورىلىرى ھەققىدە كۆپچىلىك كۆپرەك سوراش ئېھتىمالى بولغان سوئاللار

لوقمان ھەكىم دورىلىرى ھەققىدە كۆپچىلىك كۆپرەك سوراش ئېھتىمالى بولغان سوئاللار

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 3718 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆۋەندە خېرىدارلار كۆپرەك سوراش ئېھتىمالى بولغان بىر قانچە سوئالغا جاۋاب بېرىلىدۇ:
1. سوئال: لوقمان ھەكىم مەزى بېزى گۆھىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى بارمۇ؟
جاۋاب: لوقمان ھەكىم مەزى بېزى گۆھىرىگە ھېچقانداق خىمىيەلىك تەركىب قوشۇلمىغان، كېلىش مەنبەسى ئۈسۈملۈك جەۋھىرىدىن كەلگەن، ئىنتايىن ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ۋە ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولىدىغان، كۆنىۋېلىش، كەينىگە يېنىۋېلىش بولمىغان كۈچەيتىش مەھسۇلاتى بولۇپ، شۇ كۈنىلا جىنسىي تۇرمۇشىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ئالاھىدە ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە تەبئىي مەھسۇلات، شۇڭا لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنىڭ بەدەنگە ئەكىس تەسىرى يوق.
 
2. سوئال: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنى قانداق يېيىش كېرەك؟ بىر قېپىنى قانچىلىك ۋاقىت يېيىشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى يېشىل (كۆكۈچ) ۋە سېرىق رەڭدە بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى ۋاق يېيىشكە بولىدۇ. ئەتىگەنلىكى يېشىل رەڭلىك تابلېتتىن 1 تال، كەچتە سېرىق رەڭلىك تابلېتتىن 1 تال يېيىش كېرەك. بۇ ئىككى رەڭلىكىنىڭ يېيىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دورا كۈندۈزى ۋە كېچىدىكى ئۈنۈمى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە ماس ھالدا ئۈنۈم بېرىدۇ.
لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنىڭ ھەر بىر قېپىنىڭ بىر تۇتاش باھاسى 390 يۈەن بولۇپ، بىر قاپنىڭ ئىچىدە 6 كىچىك كۇرۇپكا، ھەر بىر كۇرۇپكىنىڭ ئىچىدە 12 تال (6 تال يېشىل، 6 تال سېرىق) تابلىتكا دورىسى بار. ھەر كۈنى ئىككى تالدىن يېگەندە، بىر قاپ دورىنى 36 كۈن يېيىشكە بولىدۇ.
 
3. سوئال: لوقمان ھەكىم مەزى بېزى گۆھىرىنى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى تەبئىي مەھسۇلات بولۇپ، دورا قۇۋۋىتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقتىن، بۇ دورىنى دەسلەپ ئىشلىتىشكە باشلىغاندا، %5 ئەتراپىدىكى دورا ئىشلەتكۈچىلەردە دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بەدەننى ئاغىرىتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمى تېز دەۋردە ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ بولماسلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ جىسمانىيىتىدە ئاجىزلىق بار. يەنى بەدىنى زىيادە ئاجىز بىمارلار بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە، دورىنىڭ قۇۋۋىتى زىيادە كۈچلۈك، بەدەن زىيادە ئاجىز بولغانلىقتىن، بەدەن دورىنى قوبۇل قىلالماي ئاغرىتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە بۇ ھەرگىزمۇ دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، دورىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم داۋاملىق يەپ بېرىش كېرەك. ئەگەر ئاغرىق بەك كۈچلۈك بولسا، ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى يەپ ئاغرىق توختىتىشقا بولىدۇ. ھەمدە ئەتىگەن يېشىل دورىنى داۋملىق ئىچىش، كەچلىك ئىچىلىدىغان سېرىق دورىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئىچىش (بەدەننىڭ دورىنىڭ كۈچىگە بەرداشلىق بېرىش كۈچى شەكىللەنگەندىن كېيىن داۋاملىق ئىچىش كېرەك). 
 
4. سوئال: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنى قانداق ئادەملەر ئىچىشكە بولمايدۇ؟
جاۋاب: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى ئەكىس تەسىرى يوق، تەبئىي مەھسۇلات بولۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن مەزى بېزى بىمارلىرى ۋە بۆرەك ئاجىزلىق ئەھۋالى بارلارنىڭ ھەممىسى خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەمما بىز تۆۋەندە تۆت خىل كىشىلەرنىڭ بۇ دورىنى يېيىشىنى تەشەببۇس قىلمايمىز.
ئۇلار: (1) ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى بارلار؛ (2) ياشقا بەك چوڭلار (ياشىنىپ قالغانلار)؛ (3) قان بېسىمى زىيادە يۇقىرىلار؛ (4) توي قىلمىغانلار.
بۇ دورىنىڭ بۇ تۆت خىل كىشىگە بېرىلمەسلىكىدىكى سەۋەب: 
مەزكۇر دورىنىڭ قۇۋۋىتى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرىدىكى تۆت خىل كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خىلدىكىلەرنىڭ بەدىنى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بەدەن دورىنى قوبۇل قىلالماي كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ دورا بېرىلمەيدۇ. تۆتىنچى تۈردىكى كىشىلەر، يەنى توي قىلمىغانلارغا بېرىلمەسلىكىدىكى سەۋەب، مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەرلىك ھېسسىياتى زىيادە كۈچىيىپ كېتىپ، توي قىلمىغانلاردا ياخشى بولمىغان ئادەتلەرنىڭ يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. 
بۇ تۆت خىل كىشىلەرگە لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنىڭ بېرىلىشىدىكى سەۋەب: ئادەمگىياھ گۆھىرىنىڭ ئۈنۈمى قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، بۇ دورىنى بەدىنى نىسبەتەن ئاجىزلار يېسە بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ دورىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ئاستا، يېيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ.
 
5. سوئال: شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانچە خىل مەھسۇلاتى بار؟
جاۋاب: شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھازىر بازارغا چىققان مەھسۇلاتى 27 خىل بولۇپ، تۇرغۇنجان دوختۇرنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭىدۇ.
 
6. سوئال: شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تىخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قانداق سېتىۋالىمەن؟ سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟
جاۋاب: شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھازىر رەسمىي ھالدا تور ئارقىلىقمۇ مال سېتىشنى يولغا قويغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ھەر قانداق مەھسۇلاتىنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. 
لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى:
(1) تاۋباۋ تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىش (تاۋباۋ تورىغا كىرىپ lokmanhakim ياكى 罗克曼爱科 دەپ ئىزدەش ئارقىلىق لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.)
(2) ئۈندىدار سالونلىرىدىكى تەشۋىقاتتىن سېتىۋېلىش (يەنى ئۈندىدار سالونىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن باش شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ بىۋاسىتە مال سېتىۋېلىش) 

7. سوئال: مال يەتكۈزۈش ھەققىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: شىنجاڭ لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈش ھەققى ئۆلچىمى تۆۋەندىكدەك بولىدۇ: 
ئەگەر مال سېتىۋېلىش سوممىسى 200 يۈەنگە يەتسە، مال يەتكۈزۈش ھەققىنى شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر مال سېتىۋېلىش سوممىسى 200 يۈەنگە يەتمىسە، مال يەتكۈزۈش ھەققىنى مال سېتىۋالغۇچى خېرىدار ئۆزى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 
 
8. سوئال: مال تاپشۇرىۋېلىش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۈرۈمچى رايونىدا ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش ئەنزىسىنى يولغا قويغان. يەنى مال سېتىۋالغۇچى ئۈرۈمچى رايونىدا بولسا، مال بىۋاسىتە ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى شۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچى رايونىدىكى خېرىدارلارنىڭ ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىجىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ. ئۈرۈمچىدىن سىرتقى جايلاردا بىۋاسىتە شىركەت تەرىپىدىن ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈشكە ئىمكانىيەت بولمىغاچقا، پەقەت تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق مال يەتكۈزۈلىدۇ. (بەزى چوڭراق ناھىيەلەردە ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈپ بېرىشى، بەزى كىچىك ناھىيە-يېزىلاردا پەقەت بەلگىلەنگەن جايغا بېرىپ مال ئېلىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى قىلىش پىرىنسىپى قوللىنىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال پەقەت تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنىڭ قاپلىنىش ئەھۋالى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.)
Tags:
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى