YAZR يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:02 AM
مەن بۇ يېڭى چىققان روماننى تېخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن، ك ...
باشقىلارنىڭ باھاسىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان،شامالنىڭ ھەيدىشىگە قاراپ ماڭىدىغان قىلچىلىك مۇستەقىللىق ئېڭى يوق قامغاقتەك ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەمەس،ياشاشقىمۇ سالاھىيتى توشمايدۇ دەپ قارايمەن.بۇ تېمىنى ئوقۇغانلارنىڭ بۇ تېمىغا ئىجابىي قارايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.ئەگەر بۇ كىتابنى ئوقۇماقچى بولغانلار مۇشۇ تېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن ۋاز كەچسە،كېيىنچە ھەممە نېمىدىن ۋاز كېچىدۇ. تۈلكە ھەر قېتىم قۇيرۇقى يوغىنىغاندا ئازابلىنىپ يىغلايمىش،سەۋەبى قۇيرۇقى ئوۋچىلارنىڭ ھۇجۇم نېشانىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.ئەگەر ئوقۇرمەنلەرمۇ مۇشۇ تېمىدەك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تەڭگىلتەكلىك بىلەنلا ئۆز قۇيرۇقىدىن ۋاز كەچسە ئۇنىڭغا ئوۋچىنىڭ بىر پاي ئوقى كۇپايە.
مانا بۇ سىزگە ئوچۇق خەت .ئىسمىڭىز پولات داتلىشىپ كەتسىڭىز يۈزىڭىزنى تېڭىۋالىسىز دېگەندەك .....
ئەمدى جېدەلنى توختىتىپ تېمىغا كەلسەك،مەن بۇ روماننى ئوقۇپ باقمىدىم.راستىنى دېسەم بۇنداق روماننىڭ نەشىردىن چىقىدىغىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن.لېكىن بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئوقۇش نىيتىگە كەلدىم.ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن بىر ئوقۇۋېتىپ ئاندىن باشقىلار بىلەن چاي ئىچىشكەچ ‹غاجىلىمامدىم› بۇ مەمتىمىنكامنى.تېما ئىگىسىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈككەن،راستىنى ئېيىتسام ئادەتتە مۇنبەردە يېزىلغان ئوچۇق خەت ۋە ئوبزورلارنى پەقەت ئوقۇمايىتتىم.لېكىن ئاپتور يازمىنىڭ بېشىدىلا ياقامدىن سۆرەپ ئەكىرىپ كەتتى،شۇڭا چىدىماي ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
قالغىنىنى تورداشلار ئىلمىي يوسۇندا غاجىلىساق بولىدۇ،(ئەلۋەتتە ئوقۇپ بولغانلار)ئەمدى بۇ روماننى ئوقۇمايلا ئېقىمغا ئەگەشمەكچى بولغانلار سەل ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازار ياكى غىپپىدە چىقىپ كېتەر.