مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elqut

ئۇستاز يازغۇچى مەمىتىمىن ھۇشورغا ئوچۇق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1747
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 07:18:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گەپلەرنى نوقۇل ھالدا سىزگە قارىتىپ دېمىگەن بولمىسا.بەك تالىشىپ ئۆىڭىزگە ئېلىۋالسىڭىز مەندىمۇ ئامال يوق...شۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن. بۇدا قالپاق كىيگۈزگەندە دېققەت قىلارسىز،بۇ قالپىقىڭىز سەل چوڭ كېلىپ قالدى.
تىتاڭ تومۇرىڭىزغا تېگىپ كەتكەن بولسا ئۆزۈر...بۇنچىۋالا نازۇكلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەركەنمەن،بوپتۇ بىر ساۋاق ئالدىم!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 10:02:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىپ باققانلار كۆز قارشىنى  ئوتتۇرىغا قويسۇن!  
باشقىلارمۇ سىتىۋىلىپ چۈشۈنۈپ ئوقۇيلى ، شۇندىلا كىتاب توغرۇلۇق ئەركىن -ئازادە پىكىرلىشەلەيمىز.

خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 10:18:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە، «سالچىلار» رومانى پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ جۈملە سۆزدىن تەركىپ تاپقان، خالاس!
1. سەمەت ئاخۇن بىلەن لەيلىگۈلنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتى
     2. ئىلىدىكى ئۇيغۇر سالچىلارنىڭ سال ھەيدەشتىكى تېخنىكىلىق مەشخۇلاتى
3.  ئىلىدىن ئىبارەت بۇ يۇرتتىكى يەر ناملىرىنىڭ جوغراپىيىلىك ئىزاھاتى خالاس.
_____________
ئاپتۇرنىڭ يۇقۇرقى گەپلىرى، "سۇيماڭ نەچچە پۇل" دىگەن گەپنى ئەسكە سالىدىكەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 12:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40860
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12128
تۆھپە نۇمۇرى: 1639
توردا: 1061 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 10:41:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : بۇ تېمىنى ئاپتورى مەن ئەمەس . بەلكى بىر ئاغىنەمنىڭ يازمىسى، ئۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تورغا يوللىدۇم. ئەلقۇن  ھۆسەيىن ھىكىم ئەمەس. ھۆسەيىن ھىكىم ئەلقۇت ئەمەس.
ئوبزۇرنىڭ يېزىلىشى ۋە ئېلان قىلىنىشىغا كەلسەك. مېنىڭچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. مۇنازىرە قىززىغانسىرى كىتاپنىڭ قىزىقتۇرىشى ئاشىدۇ. يۇقىرىدا تورداشلار ئېيىتقانداق بىرسىنىڭ باھاسى بويىچىلا بۇ كىتاپنى ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنلەر بۇنداق تارىخى مەزمۇنندىكى كىتاپلارنى ئوقۇشقا ۋە مۇنازىرە قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. ئوقۇسىمۇ ھىچ مەنپئەت ئالالمايدۇ. ئۇلار ئاتالمىش ‹‹ مۇھەببەت›› رومانلىرىنى ئوقۇشقا ماس كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىتاپنى ئوقۇغان چاغدىلا ھوزۇرلنىپ كىتاپنى قولدىن چۈشۈرگەندە ‹‹ سۇ يۇقمىغان ئۆدەك›› ئوخشايدۇ. ئۇنداق ئادەمگە بۇ كىتاپتىكى بىلىملەر زايە كېتىدۇ. ئاپتۇرمۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنىڭ بۇنداق قەدىرسىز كىشىلەر قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، قەدىرسىز بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ‹‹يەنىلا ئالتۇننى زەگە›› سوقسۇن.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولىدۇ. ئارتۇقچىلىغى ۋە كەمچىلىغى بولىدۇ، ھەم سىزنىڭ  كۈزىتىش نۇقتىڭىز ۋە چىقىش نۇقتىڭىزنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئالغان ھوسۇلىڭىزمۇ ئوخشىمايدۇ. يۇقىرىدا ئاپتور يىقىنقى ئۇيغۇر تارىخى ۋە يېقىنقى غۇلجا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەر ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلەر نۇقتىسىدىن قارىسا، يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلار بولسا جۇغراپىيە، يەر نامى تارىخى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلدى. مۇشۇ  نۇتقىتىدىنلا يۇقارقى تەرەپنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بىر ياخشى ئەسەر ئۇستىدە، بىر ياخشى يازغۇچى ئۈستىدە ئەلبەتتە تالاش تارتىش كۆپ بولىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. ھەممە بىلىدىغان ‹‹ناچار ›› نەرسىنى يەنە مۇنازىرە قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى، ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىلا تاشلاش كېرەك خالاس.  ھەممىزگە مەلۇمكى بىر داڭلىق شەخىس توغرىسىدا ھەممە قىزغىن مۇنازە قىلسا، ھىچكىم كوچىدىكى بىر دىۋانە ئۈچۈن مۇنازىرە ئېلىپ بارمايدۇ، ھاياتلىقتا شۇنداق بىر ئىنسانلار بار ئىكەنكى بىز بىلەن نەچچە ئون يىل بىللە، يىنىمىزدىلا ياشىسا ئۇنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى دائىملا ئېسىمىزگە ئالالمايمىز. چۈنكى ئۇ بىزگە ھىچقانداق تەسىر قىلالمىغان. دىمەك بۇ ئەسەرنىڭ مۇشۇنداق قەلەپ ئىگىلىرى ئارقىلىق مۇنازىرىگە ئېلىپ كىرىلىشى ئەسەر ۋە ئاپتۇرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىگىنى چوقۇم بىر ياكى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەسەرگە كەلسەك .  
بۇ سالچىلار نىمە ئۈچۈن غۇلجىغا كۆچۈپ كەلدى ؟ بۇ بىر چوڭ تارىخى سەۋەپ ۋە مەسىلىنىڭ نېگىزى، غۇلجا تارىخىدا توغرىسى ئۇيغۇر تارىخى ۋە دۇنيا تارىخ سەھنىسىدە كۆچ _ كۆچ ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى مۇھىم ئورۇندا بولۇپ ئۇ تورمۇش ۋە جەمىيەتتىكى ھەممە ھالقىلارغا تەسىر قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك ( غۇلجا دىيارىدا ) شۇڭا سالچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.  
بۇ ئەسەر تارىخى تۈسنى ئالغان ئەسەر بولغان ئىكەن چوقۇم بۇ چوڭ تارىخى مەسىلىلەردىن ئەگىپ ياكى ئۇنى مىكرولاشتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەسلىگى كېرەك.  بۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر قىسىم كىتاپخانلارنىڭ ئەپسۇسلانغان ئورنىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62163
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3747
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:35:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنى بىر ئۇقۇپ چىقسام بولغۇدەك جۇمۇ!
چوقۇم بىريېرى بار...
ھەراست ماۋۇ ئېلكىتابچى دوسلار بۇ كىتابنى ئېلكىتاب قىلىشقا ھازىرچە ئالدىرمىغايسىلەر جۇمۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85212
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:40:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتەسىراتنى بۇيىل روزى ھېيىتتا ئىلان قىلىش كىرەك ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2622 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:27:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇچى شۇنچىۋالا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىزدىنىپ يازغان ئەسەرنى بىر تېپىپلا يوققا چىقارغىلى ئاز قاپسىز قېرىندىشىم ...
سال ھەيدەش بىزدەك موڭغۇلدىن ئۇيغۇرلاشقان سۇسىز رايوندا كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە كەسىپ، ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ 5000 مىڭ يىللىق ئۇزاق ئەنئەنىلىك خەنلەردىن قېلىشقۇچىلىكى يوق، ھەر كەسىپتىكى كامالەت ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات ! بۇنى يازغىنى ئىنتايىن توغرا، چۈنكى بىز شەرقلىقلەرنىڭ نەزىرىدە بىر توپ مەدەنىيەتسىز، ئىلىم پەندىن خەۋىرى يوق ياۋايىلار، ئاپتور بىزنىڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىغان خالاس، سىزنىڭچە ئۇيغۇر دىيارىدا سال توغرلىق يېزىلماي نېمە توغرلىق يېزىلسا بولاتتى؟ يېزىلىپ باقمىغاننى يازسا بولمامدا؟ بۇ ئەمەلىيەتتە دەۋر ئېھتىياجى ! ئەگەر ئاپتورنى چېكىنىپتۇ دەپ قارىسىڭىز بۇنى پەقەتلا شەخسىي قاراش سۈپىتىدە كېيىنكى ئەسىرگىچە ساقلاپ بېقىڭ.

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1822
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9324
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6608 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:15:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ 'ئۇچۇق خەت'نى دەل ۋاقتىدا يېزىپسىز .مەن بۇ روماننى ئوقۇدۇم مەنمۇ سىزدەك ھىسسىياتتا.
ۋاي مەمتىمىن ھوشۇر نىڭ رومانى قاچان چىقا دەپ ساقلاپكەتكەنلەرنىڭ بىرسى مەن.
'سۈيگەننىڭ لەززىتى،سۈيسەم دىگەنچە يوق'دىگەندەك بىرئىش بولدى.ئەمما بۇ روماندا قۇۋان'ئەزمە'ئالامەت يارىتىلغان بىر تىپ.باش قەھرىمان سەمەت بىر يەردە قالسۇن...
قۇۋان'ئەزمە'نىڭ گۇل ئايىمنى ھېلىقى پاتقاقلىقتىن ھاپاش قىلىپ ئۈتكۇزىدىغان يېرى بەك-بەك ياخشى يېزىلغان-دە،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20551
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4069 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوۇنداق بولسا بىر ئوقۇپ بېقىش كېرەككەن.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11510
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:25:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ روماننى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . باھاسى سەل يۇقىرىكەن لىكىن شۇنداقتىمۇ مەمتىمىن ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىگە تەشنالىقىم قانمىغان ئىدى . بۇ رومان تولىمۇ چىن،تەبئىي يىزىلىپتۇ . بەزىلەرگە قانداق كىتاپ يارايدىكىن بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ ماڭا بەك يارىدى بۇ رومان . بەزىلەر ئاغرىغا كەلگەننى جۆيلىگىلى تۇرۇپتۇ ، كىتاپنى ئوقۇماستىنلا. ۋاي توۋا بىرسى بىر ئىشنى قىلىپ بولغىچە كاللىسىغا دوڭ قويۇپ تەيياركەنمىز . باشقا ئىشىمىز يوقما بىزنىڭ . بۇ ئەسەرنى بۇ يەرگە يوللىغان ئاپتۇرمۇ سەل  قىزغىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ . باشقىلار مەندىن بۇرۇن يوللىۋالمىسۇن دەپ .
ئوبزور بولغاندىكىن يىڭى قاشتىشى ياكى بولمىسا تارىم ژۇرنىلى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز بولالايدۇ . ئۇنى قولىغا ئىلىپ باقماي تۇرۇپ مۇنبەردە ئوچۇق خەت يىزىپ قالايمىقانچىلىق تىرىغۇچە ئومىچىنى ئىچىشسە بولمامدىكىنە . بۇ خەتنى مىسرانىمدىن ئاپىرىن بىرىدىغان پوچتىكەش بارمىدۇ؟ مىنىڭچە يوق . مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىز يا مىسرانىمغا كىرىپ ھەممىنى كۆتۈپ ئولتاسۇنمۇ يا؟

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش