مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elqut

ئۇستاز يازغۇچى مەمىتىمىن ھۇشورغا ئوچۇق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89695
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 08:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 08:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەسلى مۇنبەردە مۇنازىرىنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى ئىش. لىكىن ئىلمىيلىكتىن يىراڭ بولغان بىر نەرسىنى ئۆزۈمنىڭ قارىشى دەپ ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يەتمەي دېيىشنىڭ ئۆزى نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مېنىڭچە بۇ يازما بالدۇر يېزىلىپ قالمىغان بولىشى مۇمكىن. بىراق، تېما ئىگىسى شۇ نەرسىنى ئېنىق ھېىس قىلىشى ۋە چۈشىنىش كېرەككى سالچىلار رومانى توغرىسدا يازغاندا ئۆزىدىن باشقا ئادەمگە ياقمايدىغان پىكىرلىرىنى ھېكىمەتلىك سۆز قىلىپ كرگۈزىۋالامسلىقى كېرەك.  چۈنكى بىر رومان ياخشى چىقمىغان بولسا ئۇنىڭ چوقۇم ياخشى چىققان تەرىپى بولىدۇ. ياخشى چىقمىغان تەرىپىنى يازما ئىگىسىگە ئوخشاش كىتاپنى بەك چۈشىنىدغان ئالاھىدە ئوقۇرمەنلەر بەكرەك بىلىدۇ. ئەيتاۋۇر يازما ئىگىسى ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ مۇز داۋاندىن ئېشىپ ئۈتۈپمۇ كىتاپتىكى قۇۋان ئەزمىگە ئوخشاش كىتابەت سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالالمىغانلىقىغا ئىچى قىزىۋاتامدىكىن ؟ ھەيران قالغىنىم يازما ئىگىسىنىڭ مۇشۇ ياشتىمۇ يەنە مۇزداۋاندىن ئېشىپ خەلقىگە ئانچە مۇنچە بىر ئىش قىلىپ بىرىشنى ئويلىغان مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ روھىدىن تەسىرلەنمىگەنلىگىدىن ھەيرانمەن. يەنە بىرى يازما ئىگسى ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىدىن سەل كايىپ قاپتۇ. ھازىر دىققەت قىلمىسا گۈدەكلەر چوڭلارنىمۇ ئالدىيالايدۇ چۈنكى ھەممە نەرسە تەتۈر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چوڭلار سەل گالۋاڭلىشىپ قالمىدى دېگىلى بولامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77909
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 09:12:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنې مەن تېخى ئالمىغانتېم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 09:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن روماننى ئاۋاك كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇيمەن،ئاندىن ياخشى بولسا سىتىۋىلىپ ساقلايمەن.
يېقىندا ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ‹شاراپ ئاپىتى›دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇم...بەك بىئارام بولدۇم.قالايمىقان مەزمۇنلار يېغيم ئەكىلىپ رومان دەپ چىقارغىنىغا ھەيرانمەن.يەنىلا جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانىنى ساقلىسام بولغۇدەك.
سالچىلار رومانىنى ئوقۇپ باقارمەن كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئىلىپ.
ىانىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 10:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«.سىلەرمۇ باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭلار، بۇنى بىز ھېلىمۇ ھايات پىشقەدەم سالچىلارنىڭ  ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشىنى كۆزلىگەن،دەپ ياخشىللىققا جورۇيلى. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەسقۇ! بۇنى ئىتراپ قىلمىساق خۇددى ئۆزى تاپقان بالىغا ئۆزىمۇ ئىگە بۇلالمىغاندەكلا بىر ئىش بولمامدۇ”
  بۇ يازما ئىگىسىنىڭ يازغىنى. بىلمىدىم .ئاپتور بۇ يەردە مەمتىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ كىتابىنى سېتىۋالغان كىتابىغا ئىچى ئاغرىۋاتامدۇ ياكى مەمتىمن ھۇشۇر ئاكىنى كىتابىنى ياخشى يازماي تۇرۇپ يەنە قىممەت ساتتىڭ دەۋاتامدۇ ؟ ناۋادا ئاپتور كىتابنىڭ قىممىتىنى كىتابنىڭ باھاسى بىلەن ئۆلچەيدىكەن بۇ ئىنتايىن نادانلىق بولىدۇ، چۈنكى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكا كىتاپنى نەشرىياتقا بېرىشتىن بورۇۇن قېلىن قىلىپ ، ئىككى قىسىم چىقىرىپ قىممەت سېتىڭلار دېمىگەن بولغىيدى. يەنە بىرى ، يازما ئىگىسى ئۆزىنىڭ گەپدانلىقىنى ئىپادىلەيمەن دەپ تەنە قىلىپ : پىشقەدەم سالچىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولىشىنى كۆزلىگەن دەپ يازغان، بۇمۇ ئىنتايىن بىمەنە بىر گەپ. چۈنكى كىتابنىڭ قۇرلىرىنىڭ كەڭرى بولىشى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ ئىشى بولماي بەلكى نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ئىشى.يازما ئىگىسى بۇ گەپنى ئەڭ ياخشىسى نەشرىياتتىكىلەرگە دېييىشى كېرەك. « رومان ئىككى قىسىم بولۇپ، بەت شەكلى ۋە قۇر ئارىلىقى كەڭ، خەتلىرى دانىمۇ-دانە قىلىپ لاھىيىلەنگەن بولۇپ، نەشىرىياتچلىقتا مۇشۇنداق بەت لاھىيەلەش ئوسۇلىنىڭ ئىجاد قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن.» بۇ قۇرلارمۇ ئوزورچىمىز يالقۇن روزى بىلەن مەمتىمن ھۇشۇر ئاكىنىڭ  يېزىشقان ئوبروزلىرىغا تەقلىد قىلغان. ئەلۋەتتە، ئۆگۈنۈشتە دوراپ قالمايمەن دېگىلى بولمايدۇ، بىراق، دوراشنىڭ ئۆزىمۇ سەنئەت دېگەن ئىكەن. بۇ سۆزنى مەمتىمن ھۇشۇر ئاكا يالقۇن روزى ئاكىنىڭ زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھاببەت دېگەن ئوروزىغا قارىتا « ئەسەر ئىجاد قىلشىنىڭ مۇنداقمۇ ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىگىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن » دەپ يازغان. ( تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن). ئاپتور ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ گەپچىلىك قىلىپ قويۇق تەقلىد قىلىپ قويغان. بەلكىم ئاپتور مەمتىن ھۇشۇر ئاكىغا بولغان ناقايىللىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق ياغانمىكىنە.    «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېخى ھېچبىر ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىغا قارىماي جىمى ئادەمگە  ئەقىل ئۆگىتىدۇ. كۈچەپ چىڭقىلىپ، ئۆزىمۇ تېخى تۈزۈك چۈشىنىپ بولالمىغان ‹تەلىمات›لارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولۇشىدۇ.»   بۇمۇ ئاپتورنىڭ نەقىل ئالغان سۆزى. بۇنىڭدىن ئېنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، يازما ئىگىسى ئۆزىنىڭ مەمتىمن ھۇشۇرغا بولغان نارازىلىقنى كۈچەيتىشنى ئويلاپ مەتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ ماقلىسىغا قارىتا قىلغان سۆزىنى ئەينەن ئالغان. بۇ دېگەندەكلا مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىغا قىلغان نەسىھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستەكلا كۆرۈنىدۇ. نەپرەتنىڭ ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا نارازىلقىنى ئىپادىلەشنىڭ يوللىرى ھەرخىل بولىدۇ. مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ قىلغان سۆزىنى ئۈزىگە قايتۇرۇپ بېرىپ رەددىيە بېرىش، بولۇپمۇ ئايرىم شەخسلەر بىلەن قىلغان پارىڭى بۇ يەردە ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغچە سۆرەپ يۈرۈش پەزىلەت ئېگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس.     ‘'  مېنىڭ يېزىۋاتقىنىم ئەدەبىي تەنقىد ئەمەس، بەلكى بىر ئوقۇرمەننىڭ تەسراتى. بۇمۇ تېما ئىگسىنىڭ يازغىنى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تېما ئىگسى ئۈزىنى بىلىم ئىگىسى، تالانتلىق ئوقۇرمەن قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ يۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تېخى نېمە يېزىۋاتقانلىقىنمۇ بىلمەيدىغانلىقنى كۆرسىتىپ قويدۇ. ئەدەى تەنقىدكە خېلى ھايلى بار تېما ئىگسى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنى قانداق قىلسۇن دەيدىكىنە ؟
«  تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالدا شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن «كۆچ كۆچ قوشىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر خەلق قوشىقى بار. بۇ قوشاقلار دەل -1881يىلى -2ئاينىڭ -24كۈنى ئىمزالانغان «جوڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» نىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىك قىسمىتىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسدۇر.   -1884يىلىغىچە چاررۇسىيە  70مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى كۆچۈرۈپ كەتكەن» بۇنىڭدىن ئاپتورنىڭ تارىخى بىلىمنىڭ ناھايىتى موللىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما نېمىنى يېزىش نېمىنى يازماسلىق ئاپتورنىڭ ئشى. يەنە بىر تەرىپى شۇكى ئاپتورنىڭ نېمىنى يېزىش يازماسلىقىنى ئاپتورمۇ بەلگىلىيەلمىسىلىگى مۇمكىن. ناۋادا مەمتىمىن ھۇشۇر كۆچ-كۆچنى يېزىپ، كىتاب باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسا يەنە مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىغا ئۇچۇق خەتتە ؛نەدىكى مۇناسىۋىتى يوق نەرسىنى قېتىپ قويۇپ بىرمۇنچە پۇلغا ساتقىنى كىتابىنى دېيىشى تۇرغانلا گەپ.
«(ئەمدى ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئۇستاز يازغۇچى دەپ ئاتىماي تۇراي.چۈنكى ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ»  تېما ئىگسى بۇ يەردە نېم،ە دېمەكچىكىنە. مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىغابولغان ھۆرمىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىگىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ ياكى ھرمىتى ئېشىپ كېتىپ بولدى قىلامدۇ؟ بۇنى بىلىش قىيىن.بىر ئەسەرنى ياخشى يېزىپ بەرمىگەنگە ھۆرمىتى چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش مەۋجۇد بولسا قۇم باسقان شەھەرنىڭمۇ يۈزى بولمايدىكەندە.  بۇمۇ ئاپتورنىڭ تەسىراتى، كۈرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئاپتور ناھايىتىمۇ تۇترۇقسىز بىر ئادەم. بۇرۇن بىر دېھقاننىڭ بىر مۇۈشۈگى بولغان ئىكەن، كۈنلەر ئۈتۈپ مۈشۈكمۇ قېرىپ، چاشقان تۇتالماس بولۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن دېقاننىڭ ئايالى كارغا كەلمەيدىغان مۈشۈكنى تاشلىۋېتىشنى ئېيتقان ئىكەن دېھقان: ناۋادا ئىلگرى مۈشۇ مۈشۈك بولمىسا چاشقانلارنى سەن تۇتارمىدىڭ دەپتۇ. تېما ئىگسىمۇ قائىدە بويىچە ھۇزۇر ئالغان ئەسەرلىنى كىمنىڭ يېزىپ بەرگەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالسا قارا يۈز بولۇپ قالار.       «ھە راست، ئېسىم قۇرىسۇن، مېنىڭ پەرىشىتىدەك ئاق كۆڭۈل رەھمەتلىك بوۋام توختاخۇن مىلادى -1936يىلى ئاتۇش كاتتا يايلاق چۈشۈرگىدىن ئىشەكلىك مۇز راۋان ئارقىلىق ئىلىغا چىققان ئىكەن.» بۇمۇ ئارتۇقچە. بەلكىم تېما ئىگىسى مۇزداۋاندىن ئۆتكەن بوۋىسىنىڭ سالچىلار رومانىدىكى سەمەتنىڭ، ياكى ئۆمەر مەدداھنىڭ، ئەڭ بولمىغاندا قۇۋان ئەزمىنىڭ ئورنىغا چىقمىغانلىقىغا جىدەل قىلىۋاتامدىكىنە. بەلكىم يازمۇ ئىگىسى ئەدەبىياتتىكى تىپ يارىتىشنىڭ بىر قانچە ئۇسلى بارلىقىدىن بىخەۋەر بولسا كېرەك ؟ مۇز داۋاندىن ئۆتكەن پەقەت تېما ئىگىسىنىڭ بوۋىسى ئەمەس يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش تالاي كىشىلەر ئۆتكەن. ئەمدى مەمتىمن ھۇشۇر شۇ ئۆتكەنلەرنىڭ شەجەرىلىرىنى ئاپتورغا ئوخشاشلاردىن بىر-بىرلەپ سوراپ سالچىلارنى قايتىدىن يا يازغان بولسا كېرەك؟   مېنىڭ تەسىراتىممۇ شۇنچىلىك. ھەيران بولغىنم ئاپتور بۇ تسىراتىدا نېمە دىمەكچى ؟ ھەممىگە دادلاپ ، كىتاپ ئالغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كىتاپ يازساڭ ياخشى ياز، بولمىسا باشقا ئىش قىل دېمكەچىمۇ ياكى يازغۇچىلار كىتابىنى قېلىن چىقىرىپ، ياشانغانلارنىڭ كۈرۈش قۇۋۋىتىگە كۆڭۈل بۈلۈپ، ياشلارنى ئۇنتۇپ قالدى دېمەكچىمۇ ؟ خەير. بۇ مېنىڭ تەسىراتىم. مەنمۇ ئەدەبى تەنقىد يازمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 10:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن بۇ كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم.مەنمۇ ئۆز كۆۈز قارىشىمنى ئېيتىپ باقاي، مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ بۇ كىتابىنى ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا مەنمۇ قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇدۇم. ئوقۇپ كېتىۋېتىپ ئەپسۇسلانغان ۋاقتىممۇ، ھاياجانلانغان ۋاقتىممۇ بولدى، دېمەككى بىر ئەسەردە ياكى كەمچىلىك ۋە ياكى ئارتۇقچىلىق بولىدۇ. ئوقۇرمەنمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا بۇلارنى بايقىيالايدۇ. مەسلە شۇ يەردىكى بايقىغاندىن كېيىنكى پوزىتىسيەنىڭ ئىلمى بولماسلىقى. بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى مەمتىمن ھۇشۇر ئاكىنىڭ بەدئىي ئىستىدادىنى چېكىندى دەپتۇ. بەلكىم شۇنداق بولغاندۇ. چۈنكى ئاپتورنىڭ يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قارىغاندىمۇ مۇشۇ روماننى يېزىپ چىققانلىقىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. بۇنداق دېسەم بەلكىم باشقىلار يازالمىغاندىكن جىم قويسا بولمامدۇ دېيىشى مۇمكىن. بىر يىللىرى مەتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ بىرىگە : ئەمدى ياش بىر يەرگە باردى ئۇكام، بۇرۇنقىدەك ھېسلار قالماپتۇ. ئەمدى سىلەر ياشلا كۆپرەك يېزىڭلار دېگەن بىر گېپىنى كۆرگەندەك قىلىۋدىم. بىزدە سال توغرىسىدا ھىچنىمە يېزىلماپتۇ، ئانا يۇرت رومانىغا قارىسام بىر قۇردا شۇ سال توغرۇلۇق گەپ بار ئىكەن. دىمەككى، مەيلى ياخىشى يېزىلسۇن ياكى ياخشى يېزىلمىسۇن بۇ ئۇيغۇر تارىخدىكى بىر تۇرمۇش كۈرىشنى تۇنجى قېتىم ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن رومان. ئەينى يىللاردا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرىسدا خېلى رومانلار يېزىلغان ئىدى، كېيىن رەھمەتلىك زوردۇنكام شۇ يېزىلىپ بولغان تېمىنى قايتىدىن كىتاب يۈزىگە چىقاردىغۇ ؟ دىمەكچى، بۇ رومان شۇ خىل يول ئاچقۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ، دەريا ۋە سۇغا پىششىق ئادەم بولسا بۇ تېمىنى قايتىدىن يازسىمۇ بولىدۇ. بەلكىم بۇندىن كېيىن ياش يازغۇچىلاردىن بىرەرسى بۇ تېمىنى قايتا يازسا بولمايدىغان يېرى يوق. بەلكىم مەمتىمن ھۇشۇر .اكاممۇ مەن يازغاننى سەن يازما دېمەس. ئەمدى بۇ تېمىنىڭ ئىگىسىنىڭ پوزىتىسيسى ھەققىدە ئازراق قېتىپ قوياي.

غالىپلارچە ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 419
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11980
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2511 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YAZR يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 01:02 AM
مەن بۇ يېڭى چىققان روماننى تېخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن، ك ...

ئەسەر مەلۇم مۇئەللىپنىڭ قولىدا بىر خىل يېزىلغان بولسىمۇ ئەمما ئوقارمەنگە بېرىدىغان تەسىرى ھەر خىل بولىدىغانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئېلىپ ئوقۇڭ، ئۇنداق بولمىغىنىدا سىز باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ئۇسۇلچىدىن پەرقىڭىز يوق!

غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35110
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:34:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى بولساممۇ، كۆپىنچە ھاللاردا« ئوقۇپ بەھرى ئېلىش، كۆپ ئىنكاس يازماسلىق» پىرىنسىپىمغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىدىم.
   بۇ «ئوچۇق خەت» ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلاردا    تېما ئېگىسى (توغرىسى «ئوچۇق خەت» نىڭ مۇئەللىپى ) «ئوچۇق خەت» نىڭ بېشىدىلا :« ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئەدەبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياقى بار سىتودىنتلار يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ بىرەر ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئاجايىپ قىزىقىش، زور ئۈمىد بىلەن قىرائەتخانىغا چىپىشقا ئالدىرايتتۇق...شۇ يىللاردا يازغۇچىمۇ مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئوقورمەنلەرنى نائۈمىدتە قويماي «بۇرۇت ماجىراسى»، «ساراڭ»،«قىرلىق ئىستاكان» «چوشقىلارغا بايرام»، «ئايخان» قاتارلىق قالتىس بەدىئي ئۈنۈم ياراتقان نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردى.. چۈنكى مەن يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «قوم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ بولۇپ، روھى جەھەتتە قېنىۋىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەققىي چۈشەنگەن ئىدىم...» دېگەن بايانلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەمتىمىن ھوشۇردىن ئىبارەت ئۇستاز يازغۇچىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتۈپتۇ.
   بىراق ، بىر قىسىم تورداشلار  تېما يوللىغۇچىغا يازغان ئىنكاسىدا، تېما ئېگىسىنى قانداقتۇر مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن زىددىيىتى بار بىرى دەپ قاراپ، «ئەلقۇرت ئەپەندى:
دېمەك بۇ ئوبزۇرنى باشقىلارنىڭ ‹‹ھاۋالىسى›› بىلەن ئەۋەتىپسىزدە. ‹‹كەتمەنچىلىك›› ھۈنىرىڭىزمۇ قالتىسكەن بولمىسا. بۇ يېشىڭىزدا بۇ سىزگە يارىشامۇ؟... سىز ئەلقۇت دېگەن نامغا لايىق ئەمەسكەنسىز . شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ تور ئىسمىڭىزنى ئەلقۇرتقا ئۆزگەرتىۋېلىڭ!
ئەلقۇرت دېگەن يېڭى نامىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.» دېگەنگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىپتۇ.
يەنە بىر قىسىم تورداشلار، «ئوچۇق خەت» نى ئوقۇپلا بۇ ئەسەرنى ئوقۇمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىپادىلىرىنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۈلگۈرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم تورداشلار ھەتتا «ئوچۇق خەت»نى ئەستايىدىل ئوقۇماي تۇرۇپلا:
« سىلەرمۇ باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭلار، بۇنى بىز ھېلىمۇ ھايات پىشقەدەم سالچىلارنىڭ  ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشىنى كۆزلىگەن،دەپ ياخشىللىققا جورۇيلى. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەسقۇ! بۇنى ئىتراپ قىلمىساق خۇددى ئۆزى تاپقان بالىغا ئۆزىمۇ ئىگە بۇلالمىغاندەكلا بىر ئىش بولمامدۇ”
  بۇ يازما ئىگىسىنىڭ يازغىنى. بىلمىدىم .ئاپتور بۇ يەردە مەمتىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ كىتابىنى سېتىۋالغان كىتابىغا ئىچى ئاغرىۋاتامدۇ ياكى مەمتىمن ھۇشۇر ئاكىنى كىتابىنى ياخشى يازماي تۇرۇپ يەنە قىممەت ساتتىڭ دەۋاتامدۇ ؟ ناۋادا ئاپتور كىتابنىڭ قىممىتىنى كىتابنىڭ باھاسى بىلەن ئۆلچەيدىكەن بۇ ئىنتايىن نادانلىق بولىدۇ، چۈنكى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكا كىتاپنى نەشرىياتقا بېرىشتىن بورۇۇن قېلىن قىلىپ ، ئىككى قىسىم چىقىرىپ قىممەت سېتىڭلار دېمىگەن بولغىيدى. يەنە بىرى ، يازما ئىگىسى ئۆزىنىڭ گەپدانلىقىنى ئىپادىلەيمەن دەپ تەنە قىلىپ : پىشقەدەم سالچىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولىشىنى كۆزلىگەن دەپ يازغان، بۇمۇ ئىنتايىن بىمەنە بىر گەپ. چۈنكى كىتابنىڭ قۇرلىرىنىڭ كەڭرى بولىشى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ ئىشى بولماي،بەلكى نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ئىشى.يازما ئىگىسى بۇ گەپنى ئەڭ ياخشىسى نەشرىياتتىكىلەرگە دېييىشى كېرەك.» دەپ يېزىپ «ئوچۇق خەت» ئېگىسىگە تەنبىھلەرنى بېرىپ ئۈلگۈرۈپتۇ.
  قىسقىسى بۇ تېما خېلىلا «قىزىپ»تۇ. ئۆز نۆۋىتىدە مەنمۇ ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىخلاسمەن كىتابخانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىككى ئېغىز سوز قىستۇرۇپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم.
كىتابخاننىڭ  ئالدى بىلەن ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى ئوقۇغان ئەسەر ھەققىدە باھا بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ. بەزىلەر بۇ باھانى ئۆز  ئۆزىگە پىچىرلاپ تۈگەتسە بەزىلەر ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياكى قارشى مەۋقەدىكى يەنە بىر (بىرتوپ) كىتابخان بىلەن سۆھبەتلىشىش، مۇنازىلىشىش بىلەن ھەل قىلىدۇ. بىر قىسىملىرى كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىش ،ئوبزۇر يېزىش ئۇسۇلىدا ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ھەممىلا ئادەم يازغانلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالاپ كەتمەيدۇ. ئېلان قىلغانلىرى بولسا مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ مەسئولىيەتچانلىرى بولىشى مۇمكىن.
«ئوچۇق خەت»نىڭ سۈپىتى مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، يازما ئېگىسىنى بىر قەدەر «مەسئۇلىيەتچان كىتابخان ئىكەن»  دەپ تونىدىم.  بولۇپمۇ مەمتىمىن ھوشۇردەك ئۇستاز يازغۇچىغا تەلەپ قويۇش، ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جۇرئەت قىلىشنىڭ ئۆزى، مېنىڭچە قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھ.
بىزدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان كىتابخانلار قانچە كۆپىيىدىكەن ، سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچىلار قوشۇنى شۇنچە زورىيىدۇ. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى ئەخلەت ئەسەرلەرنىڭ شۇنچە بازار تېپىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل بىزدە مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاز بولغانلىقىدا. بىزدە:« مول ھوسۇللۇق يازغۇچى» دېگەن پاخپاخ ئاتالغۇنىڭ قاچانلاردا پەيدا بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما، ئۆزۈمنى شۇ ئاتالغۇنىڭ بىزگە ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئاز تولا ھېس قىلىپ يەتكەنلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. «سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ» دېگەن بۇ سۆزگە مەن دەل ئاشۇ، «مول ھوسۇللق يازغۇچى»دېگەن پاخپاخ ئاتالغۇ سەۋەبلىك ئىشەنمەيمەن. بىز ياغۇچىلارغا ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى يازغانلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئاساسەن باھا بېرىشكە ئادەتلەنسەك ئىدى، يازما ئىگىسىنىڭ «ئوچۇق خەت»ىدىن ئەجەبلەنمىگەن بولاتتۇق. بىز نېمىشقا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر... قاتارلىق يازغۇچىلارنى شۇنچە ئۇلۇغلايمىز؟ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى : ئۇلار بىزگە سانى ئاز بولسىمۇ سۈپىتى ياخشى ئەسەرلەرنى سۇندى. (ئەلۋەتتە، مەنمۇ يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «سالچىلار» رومانىنى سۈپەتسىز مەھسۇلات دەپ قارىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن يۇقۇرىقى باھانى «سالچىلار» رومانىدىن مۇستەسنا ھالدا قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.) ئەمما، جالالىدىن بەھرامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «مول ھوسۇللۇق يازغۇچى » دېگەن نامنىڭ ساھىبلىرى بولمىش يازغۇچىلارنىڭ بىزگە سۇنغىنى ئەخلەتتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ( بۇ سەپتە ياسىنجان سادىق يوق دەپ بىلىڭلار، ئەلۋەتتە. )
شۇڭا ھېچكىم جالالىدىن بەھرامغا تەلەپ قويۇپ باقمىدى، مېنىڭچە، ھەر قانچە تەلەپ قويساقمۇ ئۇنداق يازغۇچىلاردىن چىقىدىغىنى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئەخلەت بولىدۇ، خالاس. شۇڭا تەلەپنىمۇ شۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يازغۇچىلارغا قويۇش كېرەك. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا «ئوچۇق خەت» يازغۇچىنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس.
تېما يوللىغۇچىغا نارازىقىلىنى بىلدۇرگۈچىلەرگە كەلسەك، بۇ بەكلا يولسىزلىق بوپتۇ. باشقىلار ئۈچۈن ھاۋالىنى قوبۇل قىلىش شۇنچە چوڭ گۈناھمۇ؟ بۇنى «كەتمەنچىلىك»دەپ قاراش توغرىمۇ؟ مېنىڭچە،بۇنداق قاراش خاتا. خاتا بولۇپلا قالماي تولىمۇ ھاماقەتلىك!! مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى قوبۇل قىلالمىغۇچىلارغا يەنە شۇنداق  دەپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈمكى، تېما ئېگىسىنىڭ ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ،باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئەسەرنى مۇنبەردە ئېلان قىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «سالچىلار» رومانىنى يازغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچىلارنى «كەتمەنچى » دەيدىغان بولساق ،ئۇ ھالدا ئەڭ چوڭ«كەتمەنچى »... ياق، ياق ، مېنىڭ بۇ جۈملىنى داۋاملاشتۇرغۇم يوق، چۈنكى مەن ئۇنداق قارىمايمەن.
«ئوچۇق خەت» نى كۆرۈپلا روماننى ئوقۇمايمەن، دېگەن تورداشلارغا بەكلا ھەيران قالدىم. ئۇلارنىڭ يۇقۇرىقىدەك پوزىتسىيىسىگە «ئاقىۋەت ھەممىمىز ئۆز تەرىتىمىزدە ناماز ئوقۇيمىزغۇ» دېگەن سۆز كۇپايە قىلسا كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا نەقىل ئالغان مەزمۇن يەنى: « سىلەرمۇ باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭلار، بۇنى بىز ھېلىمۇ ھايات پىشقەدەم سالچىلارنىڭ  ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشىنى كۆزلىگەن،دەپ ياخشىللىققا جورۇيلى. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەسقۇ! بۇنى ئىتراپ قىلمىساق خۇددى ئۆزى تاپقان بالىغا ئۆزىمۇ ئىگە بۇلالمىغاندەكلا بىر ئىش بولمامدۇ”... بۇ گەپنى ئەڭ ياخشىسى نەشرىياتتىكىلەرگە دېييىشى كېرەك.» دېگەن  تورداشقا كەلسەك، ئۇنداق تەنتەكلىك قىلماڭ، ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىپ ئوقۇڭ، سىز كۆرسەتكەن شۇ بۆلەكلەردە «خەت» ئېگىسى قايسى نوقتىدا سۆزلىگەنلىكىگە دېققەت قىلغان بولسىڭىز،ئەلۋەتتە مەنمۇ سىز ئۈچۈن ۋاقت ئىسراپ قىلمىغان بولاتتىم.
« سالچىلار» رومانى ھەققىدىكى مېنىڭ باھايىم شۇكى، ئەسەردە بىر قانچە ئورۇندا مەن بىلىدىغان «قۇم باسقان شەھەر» رومانىنىڭ ئاپتۇرى مەمتىمىن ھوشۇر،«ھاراق ھەققىدە ھېكايە»، ،« چار خوراز»،« بۇرۇت ماجراسى»،«ساراڭ»تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ھېكايىلەر نىڭ ئاپتورى مەمتىمىن ھوشۇر، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ، «ئايخان» ناملىق نادىر پوۋسلارنىڭ ئاپتۇرى مەمتىمىن ھوشۇرنى غىل-پال ھىس قىلىپ قالغىنىمنى نەزەردىن ساقىت قىلغىنىمدا،«سالچىلار» رومانى ،بىر ئۈستا سەيپۇڭنىڭ قولىدىن چىققان «سولجار چاپان »بوپتۇ.
رومان ھەققىدىكى دەيدىغانلىرىم بەك كۆپ ئىدى. بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى« ھازىر ۋاقتى ئەمەس» دەپ قارىغانلىم ئۈچۈن بولدى قىلاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18604
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6314
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندا ئالغان بەدىئى زوقى ئوخشاش بولمايدۇ.شەخسەن مەن ئەسەر ئوقۇغاندا ئەسەرنىڭ نېمە مەقسەتتە يېزىلغانلىقى،كىتاپخانلارغا بولغان مەنپەئەتى  قاتارلىق مەزمۇنلارغا بەكرەك دېققىتىمنى بېرىمەن.ئەمدى بۇ رومانغا كەلسەك،بۇ تارىخىي رومان بولغانلىقى سەۋەبىدىن روماندا تىلغا ئېلىنغان ھەم تىلغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان ھەر بىر تارىخى   نۇقتىلارغا ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك .شۇڭا روماندىكى بۇ جەھەتلەردە كەمتۈكلۈك بولۇپ قالغان جەريانلارغا تەنقىدى قاراپ بۇ توغراسىدا  ئۆز ئارا  ئورتاقلىشىپ ،شۇ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ توغرا،ئەڭ ئېسىل مەزمۇننى ئۆزىمىزگە قوندۇرىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ ئۆزىمىزنىڭ تارىخى ،شۇڭابۇنىڭغائوخشاش مەسىلىلەرگە ئۆزىمىز ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولمىساق،ئۆز تارىخىمىز ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:52:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ تېخى بۇ روماننى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىدىم .  ئەمما  تېما ئېگىسى ھەر ھالدا يازغانلىرىنى "پەقەت مېنىڭ تەسىراتىم " دەپ ئەسكەرتىپتۇ ...................  

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش