مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elqut

ئۇستاز يازغۇچى مەمىتىمىن ھۇشورغا ئوچۇق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35110
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:01:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇنداق ئىش بار،  شۇڭا بىزدىمۇ موڭغۇللار بىلەن ئورتاق قائىدە - يوسۇنلار بار  ...
›››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››››
«بىزدە يېرىم چېلەك سۇ بەكرەك شالاقشىيدۇ» دېگەن بىر سۆز بار.  ھەممىمىزنىڭ  ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ياخشىراق ئۆگەنگىنىمىز ياخشى.
«سال ھەيدەش بىزدەك موڭغۇلدىن ئۇيغۇرلاشقان سۇسىز رايوندا كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە كەسىپ...» بۇ ئۇيغۇرچە گەپلەردۇ-ھە؟
شۇ تاپتا،  سۆھبەتلەر ئارىسىدا دېيىلىدىغان «سىيىپ كىرىپ ئۇخلاڭ!» دېگەن سۆز يادىمدىن كەچتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulgun@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 12:03 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:02:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدىبى تەنقىتچى ئوبزورچىلار بولمىسا ، ئەدبىياتىمىز قانداق تەرەققى قىلىدۇ .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:31:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قىسىم تورداشلار، «ئوچۇق خەت» نى ئوقۇپلا بۇ ئەسەرنى ئوقۇمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىپادىلىرىنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۈلگۈرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم تورداشلار ھەتتا «ئوچۇق خەت»نى ئەستايىدىل ئوقۇماي تۇرۇپلا:
« سىلەرمۇ باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭلار، بۇنى بىز ھېلىمۇ ھايات پىشقەدەم سالچىلارنىڭ  ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشىنى كۆزلىگەن،دەپ ياخشىللىققا جورۇيلى. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەسقۇ! بۇنى ئىتراپ قىلمىساق خۇددى ئۆزى تاپقان بالىغا ئۆزىمۇ ئىگە بۇلالمىغاندەكلا بىر ئىش بولمامدۇ”
   بۇ يازما ئىگىسىنىڭ يازغىنى. بىلمىدىم .ئاپتور بۇ يەردە مەمتىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ كىتابىنى سېتىۋالغان كىتابىغا ئىچى ئاغرىۋاتامدۇ ياكى مەمتىمن ھۇشۇر ئاكىنى كىتابىنى ياخشى يازماي تۇرۇپ يەنە قىممەت ساتتىڭ دەۋاتامدۇ ؟ ناۋادا ئاپتور كىتابنىڭ قىممىتىنى كىتابنىڭ باھاسى بىلەن ئۆلچەيدىكەن بۇ ئىنتايىن نادانلىق بولىدۇ، چۈنكى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكا كىتاپنى نەشرىياتقا بېرىشتىن بورۇۇن قېلىن قىلىپ ، ئىككى قىسىم چىقىرىپ قىممەت سېتىڭلار دېمىگەن بولغىيدى. يەنە بىرى ، يازما ئىگىسى ئۆزىنىڭ گەپدانلىقىنى ئىپادىلەيمەن دەپ تەنە قىلىپ : پىشقەدەم سالچىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولىشىنى كۆزلىگەن دەپ يازغان، بۇمۇ ئىنتايىن بىمەنە بىر گەپ. چۈنكى كىتابنىڭ قۇرلىرىنىڭ كەڭرى بولىشى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ ئىشى بولماي،بەلكى نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ئىشى.يازما ئىگىسى بۇ گەپنى ئەڭ ياخشىسى نەشرىياتتىكىلەرگە دېييىشى كېرەك.» دەپ يېزىپ «ئوچۇق خەت» ئېگىسىگە تەنبىھلەرنى بېرىپ ئۈلگۈرۈپتۇ.  نى يازغان ئەپەندىم. مەن تەسىرات ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. خېلى تەپسىيلى ئوقۇدۇم.  قارىغاندا ئەسەر سىزگىمۇ ياقمىغان چېغى. سىزمۇ ئاپتورنى زاكاسچى ئورنىدا كۆرگىنىڭز بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنداق بولسا سىزگە سۇئال: سىزچە تەسرات يازغۇچى تەسىراتىنى ئاپتورنىڭ ئىلگىرى باشقىلارغا ئېيتقان گەپ سۆزلىرىنى كۈچۈرۈش ئارقىلىق قىلامدۇ ياكى باشقىلارنىڭ قىلغان ئەمگىكىنى قارا-قۇيۇق ئىنكارچىلق ئۇسۇلى بىلەن بولامدۇ؟ ئۇنداق بولسا سىز دېگەن ئۇۋال بولغان يازما ئىگسى مەمتىمن ھۇشۇر ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ياشتىمۇ شۇ مۇز داۋاندىن ئاشقانلىقىنى ساياھەت دەپ چۈشىنەمدۇ ياكى زاكاس مال ئۈچۈن ماتېرىيال يىغىۋاتامدۇ دەپ ئويلامدۇ ؟ مەمتىمىن ھۇشۇر ئەپەندىنىڭ شۇ مۇز داۋاندىن ئاشقانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئاۋۋال قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان روھ. ئۆزىنىڭ نىمە دەپ جۆيلۈۋاتقانلىقىن بىلمەيدىغان تەنتەك ئىنكاسچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز يۈرەكئالدى بوپ كىتىۋاتىدۇ. توردىكى خۇسۇمەت ئەۋج ئالمىغان يىللاردا بىچارە يازغۇچىلار ئۆلگەندە يازغانلىرى ئاران ئىتراپ قىلىندى. بىر تەسىراتچى ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە مىڭ بىر جاپادا ئەسەر يازغان ئاپتورنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارنى تارتقانلىقىنى ئويلىيالشى كېرەك. مەن ئاپتورغا ھېسداشلىق قىلسۇن دېمەكچى ئەمەس. بىراق، ئەدەبىايتىنى سۈيىدىغان ئوقۇرمەن ئاۋۋال ئاپتورنىڭ يۈرىگىدىكى دەرتنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ بېقىش كرەك. يازمىلىرىڭىزغا قارىسام سىز تەسىراتچىدىن بەكرەك ئىنكاسچىلاردىن رەنجىگەندەك قىلىسىز. سىز تېما ئىگىسىنىڭ يازغانلىرىنى ۋە مېنىڭ يازغان ئىككى ئىنكاسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. تېما ئىگىسى قانداق پوزىتىسيەدە يازغان بولسا مەنمۇ شۇنىڭغا يارىشا يازدىم. تەسىرات شۇنداق بولىدىكە .قانداق قىلاتتۇق. سالچىلار رومانى ۋە مەمتىمن ھۇشۇر تېما ئىگىسىگە قانداق تەسىر بەرگەن بولسا، تېما ئىگىسىنىڭ يازمىسى ۋە تېما ئىگىسى ماڭىمۇ شۇنداق تەسىر بەردى. ناۋادا ئىلىمى بىر نەرسە يازغان بولغان بولسا ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئىلمى يازغان بولاتتىم. سىز ««سالچىلار» رومانى ،بىر ئۈستا سەيپۇڭنىڭ قولىدىن چىققان «سولجار چاپان »بوپتۇ» دەپسىز.ئۇنداق بولسا قېىنى خوش. سىزمۇ ئويلىغانلىرنڭىزنى مۇنبەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا تۆكۈڭ. مەمتىمىنھۇشۇرنىڭ بەدئىي ئىستىداتىدىن گۇمانلانغان بولسا ئاپتورنىڭ ئىلگىرى يازغان ئەسەرلىرنىمۇ ئىلمى ئۇسۇلدا ئىزاھلاپ بىرىڭ.سىز جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرنى پاخال دەپسىز. ئەجىبا ئاپتورنىڭ بىرەرمۇ نادىر ئەسەرلىرى يوقمۇ ؟ ھەممىسى ئەخلەت بولسا ئەخلىتىنى كۆرسىتىڭ. بىلىڭكى، دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ئۈزىگە يارىشا خېرىدارى بار. ئالتۇنغا ئېھتىياجى بولغانلارنىڭ چالمىغىمۇ ئېھتىياجى چۈشىدۇ.جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىدىن زوق ئېلىۋاتقان ئوقۇرمەنلەرنڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەيدىغانلىرى بار. يەنە بىرى سىز «ئۇنداق تەنتەكلىك قىلماڭ، ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىپ ئوقۇڭ، سىز كۆرسەتكەن شۇ بۆلەكلەردە «خەت» ئېگىسى قايسى نوقتىدا سۆزلىگەنلىكىگە دېققەت قىلغان بولسىڭىز،ئەلۋەتتە مەنمۇ سىز ئۈچۈن ۋاقت ئىسراپ قىلمىغان بولاتتىم. » ناۋادا سىز مېنىڭ يازغانلىرمغا ئەپسۇسلىنىپ كىرىپ قالغان بولسىڭىز ئىلگىركى قارىشىڭىز بويىچە مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخىرقى ئىنكاسلارنى كۈتۈڭ. بەلكىم تەنتەكلىك قىلىپ قويغاندىمەن. ئۇششاق بالىالارنى كۆرسەم بالىنىڭ مىجەزىنى قىلىپ قويىدىغان ئىشىممۇ بار. يەنە بىرى تېمىغا ئىنكاس يازغانلىق تەنبىھ بەرگەن بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق بولسا تېما ئىگىسنىڭ يازغانلىردا سالچىلارنىڭ ئاپتورىغا تەنبىھلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1524
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:57:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈنىڭ  تارىخى رومانىدىن  باشقىسى  بىكار  ،  مىغىزىدىن  شاكىلى  تولا  ئادەمنىڭ ۋاقتنى بىھۇدە زايە قىلۋىتىدۇ ،  ئانا يۈرۇت  روماننىڭ  مىغزىدىن شاكىل تولا  ، 2 قىسىملا قىلسا بۇلدىغان كىتاپنى  3 قىسىم قىلىپ بىر مۇنچە ۋەزنى يوق گەپلەر تولا .......      

مۇشۇ يازغۇچىلارمۇ كىچىككىنە ۋەقەلىكنى تىپىۋالسا ئۇنى ئۇزارتىپ  نەچچە توم قىلۋىتىدۇ  ، قەلەم جىق تىگىدۇ دەمدىكىن تاڭ  ،  مەنمۇ ھازىر رومانغا قىزىقماس بوپ قالدىم ،  لىكىن  تارىخ بولسا قانچە پۇل بولسا ئالىمەن ،  كۆتۈپخانا ئاچسام بولغىدەك كىتاپلىرىم بار بولمىسا  .

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1747
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 01:41:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە ياسالما ئادەملەر كۆپكەن...قارىسام كونا ئەزالار جىمىپ ،بەزىبىر قوڭالتاق يېڭى ئەزالار سەل ئەزۋەيلەپ قاپتۇ.لېكىن بۇ ئەزالارنىڭ بەزىلىرى ئېنىقكى ھەرگىزمۇ يېڭى ئەزا ئەمەس...يېڭى ئىسىمنىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا ئۆز ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارلايدىغان بەزى ناكەس كونا ئەزالار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەجەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 01:42 AM  


كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1742 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 01:43:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AlgaNazar يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 11:27 PM
ئەسەر مەلۇم مۇئەللىپنىڭ قولىدا بىر خىل يېزىلغان بولس ...

ئوقۇيمەن ، ئەلۋەتتە ئوقۇيمەن،  ئويلاپ باقسام ، سالچىلارنىڭ مەن  ھەزىم قىلىپ لەززىتىنى تېتىپ ئۇقۇغۇدەك يىرى  چۇقۇم  بار،  تەمسىز يەرلىرى بارمۇ دەيلى، ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ تېما ئىگىسىدەك ئىجابى تەرەپتىن بىرە ئېغىزدىن ئوبزورلىمايمىزمۇ! شۇنىڭدا تەمىنى تېخىمۇ تېتىغىلى ، مەززە قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.....




ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89585
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:41:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مېنىڭمۇ ئىككى ئېغىز پىكىر قاتناشتۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.سەۋەبى بۇ روماننىڭ تېزراق نەشىردىن چىقىشىنى زارىقىپ كۈتۈپ،كىتابخانىغا سېلىنغان تۇنجى كۈنىلا سېتىۋالغانلارنىڭ بىرىمەن.شۇنداقلا بىرىنچى كىتابنى شۇ كۈنى كېچىچە زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم.ئەمما ئىككىنچى كىتابنى بىرنەچچە كۈندە ئاران تۈگەتتىم. تۈگەتتىم،ئەمما تەشنالىقىم قانمىغاندەك بىرخىل تەسىراتقا كەپ قالدىم.‹‹مەمتىمىن ھوشۇر‹قۇم باسقان ش  ەھەر›بىلەن ئىجادىيىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى يارىتىپ بوپتىكەندە›› دېدىم،ئۆز-ئۆزۈمگە.  
    ‹‹ئوچۇق خەت››نىڭ ئاپتورى ئېيتقاندەك ،ئەسەر بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىغان.مۇشۇ گەپنى بىرنەچچە سۆھبەت سورىنىدا دەپ،باشقىلاردىن:‹‹ئۆزەڭ يازالمايسەن،باشقىلارنى ياراتمايسەن››دېگەن گەپلەرنى ئىشتكەن بولساممۇ،(يۇقۇرىدا بەزى تورداشلارمۇ شۇنداقراق مەزمۇندا ئىنكاس يېزىپتۇ) بۇ رومان ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ تەسىراتىمنى سۆزلەپ باقاي.
     1.روماننىڭ مۇۋەپپىقىيىتى.
     (1)پېرسۇناژلار ئوبرازى خېلى يۇقۇرى بەدىئى ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.ئەسەردە نۇرغۇن پېرسۇناژ بار،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس خارەك
تىرى جانلىق سۈرەتلەنگەن.مەسىلەن:قۇۋان،ئۆمەر مادداھ...
(2)   ئەسەر تىلى(مەيلى بايانچى تىلى بولسۇن،مەيلى پېرسۇناژ تىلى بولسۇن)نىڭ قىزىقارلىق ۋە يېقشلىقلىقى.
  (3)تەپسىلاتلار تەسۋىرىنىڭ چىنلىقى بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دېيىشكە بولىدۇ.(چىنلىق ئەدەبى ئەسەرنىڭ جېنى)
  (4)ئۆمەر مەدداھنىڭ تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك بىلىملەر،بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى دېييشكە بولڭدۇ.
   2.روماندا ساقلانغان بەزى مەسىلىلەر.
   (1)يازغۇچى ناھايىتى ئۇزۇن بىر تارىخىي دەۋىرنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان-يۇ،ئەمما ئەڭ مۇھىم دەۋىرلەردىن ئاتلاپ ياكى يانداپ ئۆتۈپ كەتكەن.(ئوچۇق خەتتە دېيىلگەندەك)بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ،ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە سۆز ئاچقان ئادەم 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى دېھقانلار (سادىر پالۋان) قوزغىلىڭى،قوزغىلاڭنىڭ غەلىبە مىۋىسى بولغان ‹‹ئىلى سۇلتانلىقى››،شەرىق ۋە غەرىپتىن كەلگەن بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان قان-ياشلىق ‹‹كۆچ-كۆچ›› شۇنداقلا ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› قاتارلىق مۇھىم تارىخلاردىن يانداپ  ئۆتۈپ كەتسە ،بەكمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.
(بولۇپمۇ مەشھۇرلىرىمىز)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89585
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 03:14:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ‹‹سالچىلار›› نەشىردىن چىققانغا خېلى بولدى. بەزى تورداشلار تېخى ئوقۇپ باقماپتۇ.مەن ھەيران،ئۆزى ئوقۇمىغان ئەسەرگە يېزىلغان باھاغا ئۆھتە قوپقان،تېخى ‹‹بەك بالدۇر يېزىۋىتىپسىز››دېگەن قانداق گەپ بۇ ئەمدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روماننىڭ تېمىسى ۋە ئاساسى يەتمەكچى بولغان مەقسىدى‹‹سالچىلار›› ئىكەن.ئىلىنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر ئەمەس ئىكەن.مىنىڭچە يازغۇچى ئۇ ۋەقەلەرنى يازسا مەخسۇس تېما قىلىپ يازار بولغىيتى.«سالچىلار»نىڭ سىېلىغا ئۇۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى پاتمايدۇ.شۇڭا تەنقىتلىگەندە ئاقىدىغان گەپنى قىلساق بولىدۇ.نىمىشكە ئىلى سۇلتانلىغىنى،نىمىشكە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنى يازمايدۇ ديىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.نەسىردىن ئەپەندىمنى تۇتۇۋالغان باغۋەن«نىمىشكە ئالما ئوغۇرلايسەن»دىسە ئەپەندىم قوپۇپ«نىمىشكە خۇتۇنۇڭغا ئوسما تېرىپ بەرمەيسەن؟»دەپتىكەن.قىلاي دىسە شۇمۇ گەپ ئەمدى!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 12:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغانلار «سالچىلار»نىڭ ھەقىقى نۇقسانلىرىنى كۇرستىپ بېقىڭلار،ئاقمايدىغان گەپنى تولاقىلماي.ھازىر تىپىلۋاتقان ئاتالمىش«نۇقسان»لار «سالچىلار»غا يۇقمايدۇ.
بىر مەسئولياتچان يازغۇچى"ئۈچ ۋىلايەت"،"ئىلى سۇلتانلىغى"ھەققىدەمەخسۇس ئەسەريېزىشنى ئىختىيار قىلسا باشقىچە ئىش تۇتقان بولاتتى.....

بۇ خىل ئىنكاسلار پەقەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەنەشۇنداق ئەسەرلەرگە بولغان تەقەززالىغىنىلا ئىپادىلەيدۇ.لىكىن بۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىش مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ مەجبۇرىيىتى،ياكى"سالچىلار"غا بۇ مەزمۇنلار قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە كىرگۆزىلىش كېرەك دىسەك بۇ بىزنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ ساھەنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىدىن ئانچە خەۋىرىمىز يوقلىغىنىلا ئىسپاتلاپ قويۇدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 01:11 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش