مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: يولتۇز

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amannisa يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 12:34 PM
ھاكىم ئۇ قىزنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىپ ماڭسا، قەدىردان ما ...

چىدىماي قان قۇسسا دەيمە ئۇنى

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 12:33 PM
سىز نىمانچە ئەقىللىق ئۇماق

رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93991
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىردانغا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغىرمىسىمۇ بولىدۇ.ئۇتېىخى ئۆز پۇشتىنى ئۆلتۈرگەن تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە نورىماننىڭ قەدىرىگە تېخى يېتىپ بولالمىدى .پەزىلەت بىلەن توي قىلسا ئانا بالا ئىككىسىنىڭ كۆرىدىغان كۈنى ئالدىدا تېخى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارزۇ0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 12:45 PM
قەدىردانغا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغىرمىسىمۇ بولىدۇ.ئۇتېىخى ئ ...

سىز تېخىمۇ ئەقىللىقكەنسىز ئۇماق ، بەك تۇغرا دىدىڭىز .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 01:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 12:36 PM
چىدىماي قان قۇسسا دەيمە ئۇنى

بۇ ئەجەپ مۇ بىر توغرا كىلىش بولدى، ئەمدى قەدىردان بىلەن ئى ئۇنىڭ ئىچى زەھەر ئانىسى ئوغا يۇتىدىغان بولدى.ئوتى يېرىلامۇ يا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23432
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3294 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 01:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىردانمۇ يامانلىقلارنى ئانىسىنى ھۆرمەتلىگەچكە ، ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقالماي شۇنداق قىلغان . بار يوق كەگۈلۈك ئانىسىغا كەلسە بۇلاتتى ئەسلى .


  يۇلتۇزۇم ، سىز نۇرئىمان ئەمەسسىز ھە ؟   ئاخىرىنى تىزراق يېزىڭە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqakkiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 05:19 PM  


بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 01:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qiqakkiz يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 01:19 PM
قەدىردانمۇ يامانلىقلارنى ئانىسىنى ھۆرمەتلىگەچكە ، ئا ...


ئالدىرىماي تۇرمامسىز ئۇماق ، مەن ياخشىلارغا ھەرگىز ئۇۋال قىلمايمەن .
مەن نۇرىمان ئەمەس بۇ بىر تۇقۇلما خالاس ، بىراق بۇنداق ئادەملەر جەمىيىتىمىزدە يەنىلا مەۋجۇت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 01:25 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23432
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3294 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 01:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدۇ ، ئاخىرىنى كۈتىمەن ئەمىسە .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 03:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،ھاكىم دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن كىرىۋېتىپ بىر تۇنۇش سىمانى كۈرۈپ قالدى ،ماۋۇ كارامەتنى كۈرۈڭ ،بىر ھەپتىدىن بىرى ھاكىم چۈشىدىمۇ ئۇڭىدىمۇ كۈرۈپ ئىزدەپ يۈرگەن قىز دەل ھاكىمنىڭ ئانىسىنى يۈلىگىنىچە دوختۇرخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋاتاتتى ،ھاكىمنىڭ ئالدىراپ ماڭغان قەدەملىرى قىزنى كۈرۈش بىلەن توختاپ قالدى .
كەلدىڭمۇ بالام ؟
ھاكىم ئېغىز ئېچىپ بولغىچە قىز قايناپلا كەتتى " قانداق ئادەم سىز ؟ جاھاندا ئانىدىنمۇ مۇھىم قانداق ئىش باركەن ، سىز زادى نەدە ئىشلەيسىز ئۇنچە ئالدىراش ،ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئانىڭىزنى بۇنچە ئىسسقتا ماڭدۇرسىڭىز بولمايدۇدە ،ھېچ بولمسا دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ قويسىڭىز بولمامدۇ. چوڭ ئانا ئۇغلۇمغا كايىدى دەپ خاپا بولمىسلا ، مۇشۇنداق ئاتا – ئانىسغا كۈيۈنمەيدىغان ئادەمنى كۆرسەم بەك ئىچىم قاينايدۇ ،سلى ئۇغلۇم دەپ ئاياپ گەپ قىلمىغاچقا ئۇغۇللىرى سالامەتلىكلىرىگە سەل قارىغان گەپ ،شۇڭا ئۇرۇنلىرىدا ئازراق كايىپ سالدىم ،" دىدى قىز ناتۇنۇش بىرەيلەنگە بۇنداق كايىپ كەتكىنىدىن  سەل خىجىل بۇلۇپ.
قىزنىڭ باياقى چىرايلىق قاشلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ   نارازى قىياپەتتە ئۈزىگە چىچىلىشلىرىنى خۇددى ئىرىگە ئەركىلەپ باتناۋاتقان  يىڭى كىلىنچەككە ئۇخشاتقان ھاكىم بىرخىل شىرىن سىزىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە كۈلۈمسىرىگىنىچە قىزغا تىكىلىپ قالغان ئىدى ،ئوغلىنىڭ گەپ سۆزسىز قىزغا تىكىلىپ قالغان چىرايىدىن ئاللاقاچان ئاللا نىمىلەرنىدۇ سىزىپ ئۈلگۈرگەن سەزگۈر ئانا كۈلۈپ قۇيۇپ باشقا گەپ قىلمىدى .
مەن مەن ، دۇدۇقلىدى ھاكىم نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي .خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قۇيغان كىچىك بالىدەك .
دەل شۇچاغدا ساقلاپ تۇرغاندەك ھاكىمنىڭ يانغۇنى سايراپ كەتتى . تىلغۇندا سۆزلەشكەن قىياپىتىدىن ناھايىتى جىددى بىر ئىشى بارلىقى بىلىنىپ تۇراتتى .
"بېرىۋەر بالام مەن ھازىر خېلى ياخشى بوپ قالدىم "دىدى ئانا ئۇغلىنى تەڭلىكچىلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن .
ھاكىم باشلىقىدىن رۇخسەت سۇرىيالماي تارتىنىپ تۇرغان خىزمەتچىدەك قۇرۇنۇپ  قىزغا قارىدى.
مەيلى بېرىۋېڭ چوڭ ئانامنى مەن ئۆيگە ئاپىرىپ قۇياي مەن سىزدەك ئالدىراشمۇ ئەمەس .لىكىن سىزگە دەپ قۇياي
سىز ئاپىڭىزنىڭ يالغۇز ئوغلىكەنسىز ،ئاتا – ئانا بولغاچقا بىز بولغان ئۇلار ھەرقانداق خىزمەتتىنمۇ مۇھىم ، سىز بولمىسڭىز ياشانغان ئاپىڭىزنىڭ قانچىلىك غېرىپسىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ .
"ماقۇل " دىدى ھاكىم رايىشىلىق بىلەن .سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
قىز جاۋاب ئۇرنىغا سۇس كۈلۈمسىرەپ قۇيدى .
ئانا ئەمىسە مەن ماڭاي.
باغىن بالام .
قىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىن كۆڭلى جايىغا چۈشكەن ھاكىم ئىشغا ئالدىراپ يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.
"تۇۋا ئاچچىقى ھەجەپ يامانكىنا ، بىراق ئۇنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتىمۇ شۇنچىلىك سۈيۈملۈككەن دىسە."
چوڭ ئانا ئۆيلىرىدە يالغۇزكەنلا ، سىلىنى ئاپىرىپ قۇيۇپ مەن خاتىرجەم ئىشقا كىتەلمىگۈدەكمەن ،بولمىسا سىلىنى ئۈيۈمگە ئاپىرىپ قۇياي ، ئۆيدە ھازىر ئاپام يالغۇز بۇنداق چاغدا داداممۇ ئۆيدە يۇق سىلى تارتىنغۇدەك ئادەممۇ يۇق ،ھەمرالىق ئۇلتۇرۇپ شۇ يەردە ئارام ئىپ تۇرسىلا ،مەن ئىشتىن چۈشكەندە ئاپىرىپ قۇياي ، ئۇنىڭغىچە  ئۇغۇللىرىمۇ كەپ قالا .
ماقۇل قىزىم بىراق سىزگە بەك جاپا سالىدىغان بولدۇم .
ياقەي ھېچقىسى يۇق ئۇنداق دىمىسىلە.
قىزىنڭ ناتۇنۇش بىر مۇماينى باشلاپ كىرگىنىنى كۆرگەن ئاپىسى  سەل ھەيران قالدى  .
ئاپا ئىشقا مېڭىۋاتسام بۇ چوڭ ئانام ئىسسقتا دىمى سىقىلىپ ماڭالماي يول بۇيىدال ئۇلتۇرۇپ قاپتۇ  دوختۇرخانىغا مېڭىپتىكەن ،ئاپىرىپ ئەكەلدىم ، ھاۋا بەك ئىسسق بولغاچقا سەل مىجەزى ئۆزگۈرۈپ قاپتۇ ،ئۈيىدە يالغۇزكەن شۇڭا ئەنسىرەپ ئۆيگىلا باشلاپ كەلدىم ،كەچتە ئۇغلى ئىشتىن كەلسە ئاندىن ئاپىرىپ قۇيايلى .
ھە بوپتۇ قىزىم ئۇبدان قىپسىز .'
ئاپا ئەمىسە مەن ئىشقا ماڭاي ھېلىمۇ بەك كىچكتىم ، چوڭ ئانا تارتىنماي ئارام ئالسلا مەن ئىشقا بېرىپ كىلەي كەچتە كۆرىشەيلى .
ماقۇل قىزىم رەھمەت .
قىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن رەناخان مىھماننى كىرىسلۇغا باشلاپ تىگىگە كۆرپە سىالدى .داستىغان سېلىپ مىۋىلەردىن تىزدى ، قىززىق چاي دەملەپ مىھمانغا سىنچاي قۇيدى .ئىككى ئايال چاي ئىچكەچ  تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا چىقىشىپ خۇددى كۇنا تۇنۇشلاردەك بوپ كەتتى .
-- ئالتۇنغا تىگشكۈسىز قىزلىرى باركەن ، شۇنداق ئەدەپ – قائىدىلىك ھەم چىرايلىق تىلى تاتلىقكەن .
-- ھەي نىمىسىنى دەيلا ،رەختىڭگە باقامسەن بەختىڭگىمۇ دەپ شۇ قىزىمنىڭ چىرايىنى بەرگەن ئاللا بەختىنى بەرمەپتىكەن ،بىچارە قىزىم ياش تۇرۇپ كۆمىگەن كۈنى قالمىدى ، ياش تۇرۇپ تول بوپ قالدى دىسە . رەناخاننىڭ كۆزلىرىگە يىغا ياماشتى .
-  نىمە ئاجراشتى دىمەكچىمۇ سىلى ، بۇ قىز نەچچىگە كىردى ،قارىسام كىچىكلا تۇرىدۇ ،بەك كىچىك تۇيىنى قىلغان ئۇخشىماملا قارىغاندە .
--ياقەي بۇ يىل 30غا كىردى .
-- ۋاي ئىسىت ۋاي ئسىت ، بىچارە قىز قارىسىغۇ ئەمدىلا 18-20لەرگە كىرگەندەك  گۈدەك مەسۇمە تۇرىدىكەن بولمىسا .
شۇنى دىسىلە تۇي قىلغان ۋاقىتلىرىدا ئۈيۈم ئىرىم دەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرت ئۈستىگە دەرت تارتىپ ئۈزىنى بەك تاشلىۋىتىپىكەن ئاجراشقاندىن كىين تېخمۇ ئۈزىنى تاشلىۋەتسە قانداق قىلارمىز دەپ ئەنسىرىگەن ئىدۇق ، لىكىن
ئۇنداق بولمىدى ،دائىم "بۇندىن كىين تېخىمۇ ئۇبدان ياشىشىم كېرەك ئەمدى سىلەرنى ھەرگىز ئەنسىرەتمەيمەن"
دەيدۇ. ئۈزىنى شۇنداق ئاسرايدۇ، بارغانچە چىرايىمۇ سالامەتلىگىمۇ ئەسلىگە كەلدى ، بىزمۇ ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق .
ھە ئەقىللىق بالىكەن ، ئەقىللىق ۋاپادار باللىلارلا ئاتا – ئانىسىنىڭ غېمىنى يەيدۇ .
رەناخان قىزىنىڭ كۈڭۈلسىز تۇنجى نىكاھىنى مۇمايغا تەپسىلى ھىكايە قىلىپ بەردى ، ئىككى ئايال قىزنىڭ كاج
تەقدىرىگە ئېچىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى ، مۇماينىڭ كۆڭلىدە قىزغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھېسداشلىق باشقىچە
بىر مىھىر پەيدا بولدى .
كۈڭۈللىرىنى بۇزمىسلا سىڭلىم ، دەردى يۇق كىم با دەيلا ، مىنىڭ يالغۇز ئۇغلۇممۇ شۇنداق بەخىتسز بوپ قالدى ،
ئۇغۇل بۇلغىنى بىلەن خۇددى قىز بالىدەك رايىش ، كۈيۈمچان ئىدى ، ئۇ يېڭى تۇي قىلغان مەزگىللەردە ئائىلىمىز
نامراتراق بولغاچقا ئايالى تۇرمۇشنى غۇرىگىل كۈرۈپ شۇنچە يېلىنساممۇ ئۇنىماي4يىل ئىلگىرى ئاجرىشىپ كەتتى  .
مىنىڭ سالامەتلىگىم ياخشى بولمىغاچقا تۇلا ئاغرىپ قالاتتىم ، ئۇلار تۇلاراق مەن تۇغرۇلۇق ئازارلىشىپ قالاتتى ،مەن ئۇلارنى ئايرىم تۇرۇڭلا دىسەم ئۇغلۇم مەندىن ئەنسىرەپ قۇشۇلمىدى ، شۇنىڭدىن ھازىرغىچە ئۇغلۇم ئۆيلەنگىلى ئۇنىمىدى ، بىرەرسىگە كۆڭلى چۈشمىدىمۇ ياكى ماڭا تارتىشتىمۇ  جىم يۈرىۋالدى ، ئۈزۈمنى ئۇنىڭ بەختىگە ئۇلتۇرغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بۇلىدۇ .
ھەي قانداق قىلىمىز مۇشۇنداق تەڭشەلمىگەن جاھانكەن بۇ ، سىلىمۇ كۈڭۈللىرىنى بۇزمىسلا ،بالىلار ساق – سالامەت
بولسىلا بۇ مۇ ئاللانىڭ بەرگنى .رەناخان مۇمايغا تەسللي بەرگەچ تاماققا تۇتۇندى .
"كۈڭۈللىرى نىمىگە تارتىدىكىن سالامەتلىك ئەھۋاللىرىنى بىلمىگەچكە ئۈزۈم بىلگەنچە تاماق قىلىشقا پېتىنالمىدىم ."
دىدى رەناخان مىھمانغا ھۆرمەت بىلەن .
بولدى سىلىنى ئاۋارە قىلماي ، كەچلىك تاماقنى كەچتە ئۆيگە بېرىپ ئوغلۇم بىلەن يەي.
-- ياقەت سىلى دىگەن مىھمان ئۇنىڭ ئۈستىگە بەرىبىر ئىتىمەن ئەمەسمۇ ، ئۆيلىرىگە بېرىپ قاچان تاماق ئىتىپ
        بۇلىلا، ئۇغۇللىرىمۇ مۇشۇيەرگىلا كەلسۇن بولمىسا .ئۈيىمىزگە كىلىپ بىرۋاق تاماقتا بىللە بولماي كەتسىلە قانداق
        بۇلىدۇ ؟!
        -- ئەمىسە سۇيۇق سەلەڭ تاماق يەيلى كەچلىك تاماق بولغاندىكىن .
        رەناخان چۈچۈرىگە تۇتۇش قىلدى .
        رەناخان چۈچۈرە تۈگىۋاتقاندا  نۇرىمان قايتىپ كەلدى . ھاكىمنىڭ قەلبىنى ئۇغۇرلاپ ئەقلىنى لال قىلغان قىزنىڭ دەل نۇرىمان ئىكەنلىكىنى ئىيتمىساممۇ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان بوپ بولدى ھەقاچان.
        نۇرىمان ئىشىكتىن كىرىپلا پەشخۇننى تارتىپ ئاپىسىغا ياردەملەشتى ،تاماق پىشاي دىگەندە نۇرىماننىڭ دادىسى بىلەن سڭلىسى ئىشىكتىن بىللا كىرىپ كىلىشتى .
        نۇرىماننىڭ دادىسى مىھمان بىلەن ئەمدىلا تىچلىق – ئامانلىق سۇرۇشۇپ تۇرىشىغا قاياقتىىندۇر بىر يەردىن ناھايىتى پەس
        مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى .
        ئاپا بىرىڭلارنىڭ يانغۇنى سايراپ كەتتىغۇ ، ئاۋازى بەك پەسكەن نەدىن ئاۋاز چىققنىنى بىلەلمدىم. دىدى نۇرسىمان ئاشخانىغا قاراپ .
        "مىنىڭ قىزىم مىنىڭ تىلغۇنۇم سايراۋېتىپتۇ " ئەستا تىلغۇن سايرىسا مەنمۇ قاراپ تۇرۇپتىمەن ،ئۇغلۇم" تىلغۇن كەلگەندە ئاۋازى بەك يۇقىرى بولسا چۈچۈپ كىتىسىز "دەپ  مۇشۇنداق پەس ئاۋارغا تەڭشەپ قۇيۇپتىكەن، ئوغلۇم ئۇرۇپتۇ " مۇماي چۈشەندۈرگەچ تىلغۇننى ئالدى .
ئانا  سىز ئۆيدىمۇ ؟ قانداقراق تۇرىسز؟مەن ھازىرلا بارىمەن  .
مەندى ئەنسىرىمە بالام ، مەن باياقى قىزنىڭ ئۈيىدە ئۇ قىزمىنى ئۆيدە يالغۇز قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ ئۈيىگە ئەكەپ قۇيغان .
ئۇ ئۆي نەدىكەن ئاپا ، مەن سىزنى ئالغىلى باراي .
تۇختاپتۇر ئەمىسە مەن سۇراپ باقاي . سىڭلىم  بۇ قايسى رايۇن ئۇغلۇم مىنى ئالغىلى كەلمەكچى ئىدى .
بەخىت يۇلى ئىتتىپاق 2- رايۇن .3-بىنا ، ئۇغۇللىرى ئۆيگىلا كىرسۇن تاماق تەييار بۇلۇپ قالغاندا كىتىمەن دىمىسلە .
مىھمان رەناخاننىڭ كۆڭلىنى ئوغلىغا يەتكۈزدى ،ئىسكەندەر خۇددى شۇنداق بۇلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تىزلا ماقۇل بۇلدى .
"مىنى ئىتتىپاق 2- ئولتىراق رايۇنىغا ئاپىرىپ قۇيسىڭىز بولغىدەك ،ئانام شۇيەردىكەن".  دىدى ھاكىم شوپۇرى
قەدىردانغا .
قەدىردان ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ماشىنىنى قۇزغىدى ، نۇرىمان بىلەن ئاجراشقاندىن بىرى بۇ رايۇنغا كەپ باقمىغان قەدىردان 3- بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ ماشىنىنى تۇختاتقاندا قەدىرداننىڭ يۈرەك سېلىشى تىزلىشىپ خۇددى تۇنجى ئۇچرىشىشقا چىققان يىگتتەك جىددلىشىپ كەتتى . ھاكىم چۈشۈپ كىتىشىگىلا خۇددى نۇرىمان چىقىپ قالىدىغاندەك ئەندىشە بىلەن ئالدىراپ كىتىپ قالدى.
ھاكىم ئاپىسنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بۇيىچە نۇرىماننىڭ ئۈيىنى تىزلا تاپتى ،ۋە ئىشىڭ تۈۋىگە كەلگەندە بىردەم تۇختاپ ئۈزىنى تۇختىتىۋالغاندىن كىيىن ئاستا ئىشىكنى چەكتى .
ئىشىكنى نۇرىمان ئاچتى . ھاكىممۇ شۇنداق بۇلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى ،شۇ مىنۇتلاردا ئىككىسنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى .
"قېنى كىرىڭ " قىزنىڭ دوختۇرخانىدىكى ئاچچىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بۇلۇپ كىيىكنىڭكىدەك كۆزلىرىدىن ئىللىق تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ ھاكىمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋاتاتتى ،ئۇنىڭ قاشتىشىدەك سۈزۈك يۈزلىرىدە قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان تەبەسسۇمى شۇنچىلىك تەبىي ۋە چىن بۇلۇپ  ياش ھاكىمنىڭ يۈرىگى شۇررىدە ئىرىپ كەتكەندەك بۇلدى .
مۇماينىڭ ئاۋازى ھاكىمنى ئۈزىگە كەلتۈردى .
"ھەئە ئانا" دىگەچ ئۆيگە كىردىدە ئاۋال نۇرىماننڭ دادىسى ئاندىن ئاپىسى سىڭلىسى بىلەن بىر بىرلەپ ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئۇرۇن ئالدى  .
تاماق تارتىلىپ ناھايىتى كۈڭۈللۈك پاراڭلار بىلەن يىيىلدى ،
"سىلىنى بايا قاشتىشى بازىرى ئالدىدا كۆرگەندەك قىلىۋىدىم " دىدى ياش ھاكىم نۇرىماننىڭ دادىسىغا ،ئۇنىڭ
پاراڭنى ئۇزارتىپ بۇئۆيدە ئۇزۇنراق ئۇلتۇرغۇسى بار ئىدى ،
ھەئە بايا شۇيەردە ئىدىم ،ئارامغا چىققاندىن بىرى قىلىدىغان ئىش يۇق .تاش ئېلىپ ساتىدىغان بىر نەچچە تۇنۇشۇمنىڭ يېنىغا بېرىپ شۇلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈرۈيمەن ،بارغانسىرى مەنمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن .
ھە مەنمۇ قىزىقاتتىم بىراق شۇ تاش تۇنىمايمەن ، مىنىڭمۇ دائىم تاش بازىرىغا بارغىم كىلىدۇ لىكىن خىزمىتىم ئالدىراش ،ئۇيەرلەرگە بارغىدەك پۇرسەتمۇ يۇق دىيەرلىك .
مۇماي ئوغلىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىدىن ھەم ھەيران قالدى ھەم خۇشال بولدى .ئۇ كۆڭلىدە ئەگەر نۇرىمان
ماڭا كىلىن بولغان بۇلسا بەك ياخش بۇلاتتى دەپ ئۇيلىدى .
نۇرىمان قاچا – قۇچىلارنى يىغىش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ ئۇنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتى شۇنچىلىك نازۇك ھەم جايىدا ئىدى .
ئانىلارنىڭ كۈزىدىن نىمىمۇ قېچىپ قۇتۇلالىغان دەيسىز ،شۇ تاپتا رەناخان مىھماننىڭ نۇرىمانغا تىكىلىپ قالغان كۆزلىرىدىن، مۇماينىڭ ئۇي خىياللىرىنى پەزەر قىپ ئۈلگۈردى .رەناخاننىڭ نەزىرى ئەمدى ئىرى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىسكەندەرگە چۈشتى ،چۆچەك رىۋايەتلەردىكى پالۋانلاردەك قامەتلىك ،بۇغداي ئۆڭ
ئىگىز بوي ، ئۇچىسغا دۆلەتمەن زىيالىلاردەك قىمەت باھالىق قارا شىم كاستۇم كىيىپ ئوتقاشتەك قىزىل كالىستۇك تاقىغان قارا قاشلىق بۇ قاملاشقان يىگىت پاراڭ ئارلىقىدا پات – پات نۇرىمانغا قاراپ قۇياتتى . ئۇنىڭ ھەربىر قارىشىدىن نۇرىمانغا بۇلغان ئىنتلىشىنى سەزمەك قىيىن ئەمەس ئىدى .
ئەجەب قاملاشقان بالىكىنا ئەگەر قىزلىرىمنىڭ مۇشۇنداق يىگىتلەردىن تەلىيى چىققان بولسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بۇلاركەن .
بالام ئەمدى قايتايلىمىكىن . مىھماننىڭ بۇ سۈزى رەناخاننىمۇ ئىسكەندەرنىمۇ خىيالدىن ئۇيغاتتى .
بۈگۈن تازا سەت بولدى ئانامنى سىلەرگە تاشلاپ قۇيۇپ ئاۋارە قىلدىم ،دىدى ئىسكەندەر ھاكىم خىجىللىق بىلەن .
ياقەي ئۇنداق دىمەڭ بالام ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىراش ئىشى چىقىپ قالىدىغان چاغلىرى بۇلىدۇ ،ئاچىمىز ئۆيدە يالغۇزكەن ، ئۆينىڭ ئارلىقىمۇ يىراق ئەمەس بۇندىن كىيىن ئالدىراش بوپ قالسىڭىز بىزنىڭكىگە ئەكەپ قۇيۇپ خاتىرجەم ئىشىڭىزنى قىلۋىرىڭ ، بەرىبىر مەنمۇ يالغۇز قالىمەن .
ئۇنداق قىلسام قاملىشامۇ ؟
"ىمىشقا قاملاشمايتتى ،ئۆيدە يالغۇز قۇيسىڭىز ئۈزىڭىزمۇ خاتىرجەم ئىشلىيەلمەيسىز بەك ئالدىراشكەنسىز قارىسام "
دىدى نۇرىمان تەنە ئارلاش .
"اۋۇ بالىنى "دىدى رەناخان قىزىنىڭ گىپىدىن خجىل بۇلۇپ .
ئۆينى بىلىۋالدىم ،ئەمدى پات – پات كەپ تۇرىمەن .دىدى مۇماي خۇشاللىق بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ ، نۇرىمانغا ئامراقلىق بىلەن قاراپ .
"ىزىم نىمانداق ئاغزىڭىز ئىتتىك بوپ قالدى " دىدى رەناخان مىھماننى ئۇزۇتۇپ كىرىۋېتىپ .
سىز بىلمەيسى ئانا بۇ ئادەم خىزمىتىم ئالدىراش دەپ باھانە قىلىپ ئاپىسى بىلەن كارى يۇقكەن ، قاراڭ ئاناش شۇنچە ياشىنىپ قالغان تۇرسا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى دوختۇرخانىغا بارمىسا بولمايدىكەن ،يەنە كىلىپ ئۈزى يالغۇز دەڭە ،بۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەم راسا ئۇرغۇم كىلىدۇ مىنىڭ .بۇلدىلا خەق بىلەن نىمە كارىمىز .
شۇنداق بولسىمۇ ئۇنداق دىدىڭىز قانداق بۇلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەندىكىن قالايمىقان باھا بەرمەيدىغان .
ماقۇل ئاپا ئەمدى دىققەت قىلاي .
ئىسكەندەر ئانىسى بىلەن تاكسىغا ئۇلتۇرۇپ ئۈيىگە قايتتى ، يولدا كەلگۈچە ھەر ئىككىلىسى ئۆز خىيالى بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى .
" بالام قاچاندىن بىرى قاش تېشىغا قىزىقىدىغان بوپ قالدىڭ "دىدى مۇماي ئۆيگە كىرگەندىن كىين ئوغلىغا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ .
ھە ،مەن مەن شۇ  تاماق يەپلا ماڭساق سەل ئەدەپسىزلىك بولمسۇن دەپ تاغدىن – باغدىن سۆزلەپ قۇيدۇم شۇ .
ئۇغلىنىڭ دۇدۇقلاپ كەتكىنىگە قاراپ ئانا پەزىزىنىڭ تۇغرىلىقىنى يەنىمۇ جەزىملەشتۈردى .
ئۇغلۇم بويتاق يۈرىۋاتقىنىڭغىمۇ بەك ئۇزۇن بولدى . ئەمدى بۇنداق يۈرىۋەرمىگىن قارىسام بۇ قىزغا كۆڭلۈڭ چۈشكەندەك قىلىدۇ ، مەن سىنىڭ ئاناڭ  ماڭا دىمىسەڭ كىمگە دەيسەن ، ئەگەر راسلا شۇنداق خىيالىڭ بولسا تارتىماي دەۋەگىن  يۇلۇڭنى ئۈزۈم ماڭاي .
ئانا راس گەپنى دىسەم مەن بۇقىز بىلەن تۇنۇشقىلى يېرىم يىل بۇلاي دىدى ، ياق تۇنۇشقىلى ئەمەس مەن بۇقىزنى تۇنىغىلى كۈزۈتۈپ يۈرگىلى ئۇزاق بولدى ، ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن شۇ ئۇقىزنى ......ئىسكەندەر ئاپىسىدىن خىجىل بۇلۇپ گىپىنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدى .
نىمە بۇ گىپىڭچە سەن ئۇقىزنى تۇنۇيسەن بىراق ئۇ سىنى تۇنىمايدىكەن دە ؟
شۇنداق ئانا  ئۇ مىنى تېخى بىلمەيدۇ .
ھە  مۇنداق دىگىن ئەمىسە قانداق قىلماقچىسەن ، ھەي بولدىدا ماڭىلا قۇيۇپ بەرگىن سەن يەنە خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا يۈرۈپ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ يۈرمىگىن .
بىراق ئانا خەقنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىز بىلمىسەك ، قانداق بۇلا .
شۇ بىلمىگەندىكىن مەن بېرىپ بىلىپ كىلەي دەيمەندە  ئوغلۇم سەن ئاران بىر ئۆيلىنەي دىگەندە دەرھال تۇتۇش قىلمىسام بولمايدۇ .
سىز قانداق قىلماقچى ؟ قىزىىقىپ سۇرىدى ئىسكەندەر .
مەن ئاۋال ئاپىسىنىڭ مەيلىنى سىناپ باقاي ، ھەي بالام سەن بىلمەيسەن ئۇقىز تېخى تۇي قىلىپ ئاجراشقانكەن .
مەن بىلىمەن .'
ھە ؟ بۇنىمۇ بىلەمسە. ھە بۇپتۇ بىلگىنىڭ ياخشى بوپتۇ .ئۇ قىز تۇنجى نىكاھىدا نۇرغۇن جاپا تارتىۋاپتۇ ، ئاڭلاپ بەك ئىچىم ئاغرىدى ، بەك ئۇڭلۇق بالىكەن ئۇ ، ئاتا – ئانىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن شۇنچە دەرت تارتسىمۇ ئىچىگە يۈتۈپ يۈرۈپ ئاخىرى چىدىمىغاندا ئاندىن ئاجرىشىپتۇ .ئىش قىلىپ بالام ، بىر ئادەمنىڭ سۆز – ھەركىتىدىن ،يۈرۈش تۇرىېشدىن قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ، بايقىشىمچە ئۇ ھەقىقەتەن ئاقكۈڭۈل ياخش قىزكەن ، قارىمامسەن ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بۈگۈنكى كۈندە مەندەك كۇچىدا يىقىلىپ قالغان قېرىلارنى يۈلەپ قۇيۇشقا دۇختۇرغا ئاپىرىشقا كىم پېتىنالايدۇ دەيسەن ، ھەممە ئادەم كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقتىن قۇرقىدىغان بوپ كەتتى ھازىر ، بىراق ئۇقىز مىنى كۈرۈپلا يۈگۈرۈپ كەلدى ،ئىشغىمۇ بارماي دوختۇرغا ئاپاردى .
يەنە تېخى سەن كەلگىچە ھەمراھ بولدى ، ئۆيدە يالغۇزلىقىمنى بىلىپ خاتىرجەم بۇلالماي ئۈيىگە ئاپاردى ،ئاپىسى ئۇنىڭدىمۇ ئاقكۈڭۈل ئايالكەن مىنى قېرىندىشىدەك كۈرۈپ كۈتىۋالدى .شۇڭا ئۇغلۇم بۇ قىزنى چىڭ تۇتقىن ،
ئەمدى كۆڭلۈڭنى تۇختات .
ماقۇل ئانا سىزنىڭ دىگىنىڭىزدە بولسۇن .
ئانا – بالا سۆھبىتىنى شۇ يەردە ئاياقلاشتۇرۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىشتى ، بىراق ھاكىمنىڭ كۈزى يەنىلا ئۇيقۇدىن نېرى ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا نۇرىماندا ، خۇددى بۇ تۇغرا كەپ قېلىشلار  تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىدەك ، ئىكىكسنىڭ تۇي ئشى بىكىتىلىپ بولغاندەك بىرخىل خۇشاللىق ئۇنى ئۈمۈدلەندۈرۈپ ئۇنى ئۇخلاتمىدى .
ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۈتۈپ ھاكىمنىڭ ئانىسى سوۋغا سالاملارنى ئېلىپ رەناخاننىڭ ئۈيىگە كەلدى .
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم سىڭلىم ! قانداق ئەھۋالىڭىز .
ۋەئەلەيكۇم-  ئەسسالام ! ئاللاغا شۈكرى ياخشى تۇرىۋاتىمىز ،ئۆز لىرىچۇ ئاچا .
مەنمۇ قەدىر ئەھۋال .
ھە قىېنى ئۆيگە كىرسىلە ئاچا .
رەناخان مىھماننى تۆرگە باشلاپ داستىخان سالدى .
بۈگۈن بەك ئاۋارە بولمىسلا سىڭلىم ، مەن بۈگۈن مەخسۇس سىلى بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم .
ھە ياخشى بوپتۇغۇ مەنمۇ يالغۇز زىرىكىپ تۇرغان .
ئەمىسە سىلىمۇ ئۇلتۇرسىلا .
ماقۇل ، رەناخان مھماننىڭ يېنىدىن ئۇرۇن ئالدى .
مۇنداق ئىش ، مىنىڭ ئۇغلۇمنى سلىمۇ كۆردىلە ، بەخىتسىز بوپ قالدى ،بىراق ئۇ شۇنداق كۈيۈمچان ۋاپادار ، ئاق كۈڭۈل ئادەم بولدى ، قارىسام قىزلىرىمۇ شۇنداقكەن ، ئۇقىزنى كۈرگەندىلا كۈزۈم چۈشكەن ، ھېلىقى كۈنى قايتىپ ئۇغلۇمدىن گەپ ئالدىم ، ئۇغلۇم قىزلىرىنى بۇرۇنلا تۇنۇيدىكەنتۇق ، تۇنجى كۈرۈپلا كۈڭلىگە يېقىپ قاپتۇ ، بىراق شۇ ئېغىز ئاچالماي يۈرۈپتىكەن ، ئۇ كۈنى تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەن سەۋەپلىك ئىككىسى رەسمىي تۇنۇشتى ، شۇڭا شۇ ئۇغلۇمغا قىزلىرىنى سۇراپ كىلىشىم ، ئەسلى قائىدىسى بىلەن كەلسەم تۇغرا  بۇلاتتى بىراق قىزنىڭ مەيلىنى تېخى بىلمەيمىز شۇڭا ئاۋال سىلىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقاي دەپ كىلىشىم .
رەناخان بۇ كۈتۈلمىگەن ئامەتتىن دەسلەپتە خۇشاللانغان بولسىمۇ لىكىن سەل ئۇيلۇنۇپ قالدى .
ئۇغۇللىرىغۇ ھەقىقەتەن ياخشى تەربىيە كۆرگەن ھەم شۇنداق كىشىگە يېقىشلىق بالىكەن ، بىراق شۇ دادىسى نىمە دەركىن قىزىمىزغۇ ۋاقتى كەلگەندە بىزنىڭ گىپىمىزنى يىرماس ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلىمىساق بولمايدۇ ،ئەڭ مۇھىمى بالىلار ئۆزلىرى بىرقارارغا كەلسە شۇ ھىساب .
تۇغرا دەيسىز ، راس ، نەچچە كۈننىڭياقى سىلىنى قۇشۇلماي قالامدىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم . ئەمدى كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى .
ھەرگىز ئۇنداق دىمىسلە ئاچا . ھەممىمىز ئۇخشاش ئادەم ئاللا رىسقىنى كىمگە قوشسا شۇنىڭ بىلەن بۇلىدۇ ئەمەسمۇ .
ئىككى ياش تۇغرىسىدىكى پاراڭ شۇ يەردە ئاياقلىشىپ ئىككى ئايال بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىين مۇماي ئۈيىگە قايتتى .
بۈگۈنكى سۆھبەتتىن مۇمايمۇ رەناخانمۇ رازى ئىدى .رەناخان مۇماينىڭ كىلىش مەقسىدىنى نۇرىماننىڭ دادىسغا تىزراق يەتكۈزۈشكە ئالدىراپ ئىرىگە تىلغۇن ئۇراي دەپ تۇرىۋىدى ساقلاپ تۇرغاندەكلا ئىشىكتىن ئۈزى كىرىپ كەلدى .
ھەي قاراڭ دادىسى بۈگۈن ھېلىقى كۈنكى مۇماي بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى .
ۋاي – ۋۇي نىمانچە ھاياجانلىنىپ كەتتىڭلا ئانىسى ، ئۇ مۇماي نىمىگە كەپتۇ .
نىمىگە كىلەتتى قىزىمىز نۇرىماننى ئوغلىغا سۇراپ كەپتۇ .
نىمە نۇرىمان ئەجەپ بىزگە بۇ تۇغرىسدا بىر نەرسە دىمەپتىغۇ ئەمىسە ؟
نۇرىمان بىلمەيدىكەن ئۇ يىگىت مۇ بىر نىكاھلىق بولغانكەن 4يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ كىتىپتىكەن ، ئۇ ئۇزۇندىن بىرى نۇرىمانغا كۈيۈپ يۈرۈپتۇ ، بىراق نۇرىمان بىلمەيدىكەن ، ھېلىقى كۈنى ئۇلار رەسمى بىر بىرىنى تۇنۇشۇپتۇ تېخى .
ئەمىسە سلە نىمە دەپ جاۋاب بەردىڭلا ؟
مەن ئۇ مۇمايغا باللانىڭ دادىسغا دەپ باقاي يەنە قىزىمىزنىڭ پىكرىنى ئاڭلىمىساق بولماس دىدىم .
ھە بۇپتۇ ، قارىسام ئۇ يىگىتقۇ يامان ئەمەستەك قىلىدۇ ، بىراق نىكاھ دىگەن ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ، بىرىنچىسى ياخشى چىقمىدۇ ئەمدى ئۇبدان ئۇيلاشمىساق بولمايدۇ جۇمۇ
راس دەيسىز ، مەنمۇ شۇنداق ئۇيدا ، كەچتە نۇرىمان كەلسە مەن بىر گەپ ئىېپ باقاي . ئۇ نىمە دەيدۇ تېخى .
ھە شۇنداق قىلىڭلا .
ئوغلۇم مەن ئىشىڭنى تۇغرىلاپ كەلدىم ، ئاتا – ئانىسدا گەپ يۇق ئەمدى گەپ ئۈزۈڭدە قالدى ،ئەڭ ياخشى تىزرەك بول ، ئۇ قىزغا گەپ ئېچىپ باق .
نىمە نىمانچە تىز ئانا.
ۋاي – ۋۇي جېىنىم بالام ، تۈمۈرنى قىززىقدا سوققانغا يەتمەيدۇ ، ئۈلۈمدىن باشقىسىنىڭ بالدۇرى ئەۋزەل ئەمەسمۇ .
ماقۇل ، چۈشەندىم ئانا .
ھاكىم قىزغا قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمەي بېشى قاتتى .ئۇيان ئۇيلا بۇيان ئۇيلا خىياللىرى ئۇنى يەنە كىتاپخانىغا بېرىشقا ئۈندىدى ،چۈشتىن كىين ئىشقا كىلىپلا دەرىزدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان ھاكىم نۇرىماننىڭ
بىنادىن چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى دە دەرھال ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭ كەيندىن چىقتى . بىراق ھاكىم چىقىپ بولغىچە قىز ئاللاقاچان غايىپ بولغان بۇلۇپ ھاكىم قىزنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى ،ئۇ كىتابخانىغا بېرىپ باقماقچى بۇلدى ،زۇر ئۈمۈد بىلەن كەلگەن ھاكىم  كىتابخانىدا قىزنى كۈرەلمەي مەيۈسەلەندى . ئۇ قىز ياخشى كۈرۈپ ئۇقۇيدىغان تارىخ رۇمانلار تىزىلغان جازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىين خالىغان بىر رۇماننى ئېلىپ ئۇقۇشقا باشلىدى .
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىين قىز كىتابخانىغا كەلدى ، رۇماننىڭ ئىچىگە چۈكۈپ كىتىپ قىزنى ئسىدىن چىقىرىپ قۇيغان ھاكىم تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ كەينىدىن ئۈتۈپ سول تەرىپىگە كىلىپ كىتاب جازىرىسغا ئېسلىپ قانداقتۇر بىر كىتاپنى ئالالمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى . ھاكىم بېشىنى كۈتۈرىشىگىلا قىز ئالماقچى بولغان كىتاپ جازىدىن چۈشۈپ كىتىپ ھاكىمىنڭى بېشىغا  چۈشتى.ھاكىم چاققانلىق بىلەن كىتابنى تۇتۇۋالدى.
كەچۈراڭ ، بۇ كىتاپ سەل ئىگىزدىكەن قۇلۇم يەتمەي ئىھتىياتسىزلىقتىن ...ھە بۇ سىزكەنسىزغۇ ؟
كەچۈرۈڭ ھە بەك سەت بولدى . دىدى قىز خىجىل بۇلۇپ .
ياقەي ھېچقىسى يۇق . كىتاپ ئۇقۇشنى بەك ياخشى كۈرىدىغان ئۇخشىمامسىز ؟
شۇنداق سزمۇ ياخشى كۆرەمسىز ؟ سۇرىدى قىز ، ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن ئىدى .بىزنىڭ بۇيەردە كىتاپ ئۇقۇيدىغانلار بەك ئاز ،دىدى يەنە چىرايلىق لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ .
قىز شۇنداق دەپلا قۇلىدىكى كىتاپنى ۋاراقلاشقا  باشلىدى .
ئەمدى نىمە دىسەم بۇلا ، ئەستا قىز بالىغا گەپ قىلىش نىمانچە تەستۇ . پىچىرلىدى ھاكىم .
نىمە ماڭا گەپ قىلىۋاتامسىز ؟
ھاكىم خىيالى ئاۋازىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى ھىس بىلىپ قىزىرىپ كەتتى ، ياق ، ياق ياقەي مەن كىتاپ ئۇقىۋاتاتتىم .
ھە ئەمسە ئۇقىۋرىڭ مەن خاتا ئاڭلاپ قاپتىمەن .
ياق ياق مەن ئەسلى سىزگە گەپ قىلغان .
ھە شۇنداقمۇ .
مەن ئالدىقى قېتىمقى ئىش ئۈچۈن سىزگە رەھمەت دىمەكچى ئىدىم .
ئۇ ئش ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىپ بولدىڭىزغۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكۈنى مەنمۇ بەك ئەدەپسىزلىك قىپتىمەن ئاپامنىڭ دىگىنى تۇغرىكەن ، باشقىلارنىڭ ئەمەلىيى ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ خالىغانچە ئەيىپلەش تۇغرا ئەمەسكەن ، مەن سىزگە كايىپ تۇغرا قىلماپتىمەن . سىزدىن كەچۈرۈم سۇرىسام بۇلاتتى تېخى .
ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ ، كايىغىنىڭىز پۈتۈلەي تۇغرا .
بىز  بىز سىرتقا چىقىپ بىردەم پاراڭلاشساق بۇلامۇ ؟
قىز سەل ھەيران بۇلۇپ ھاكىمغا قارىدىدە .. ئۇ ئىش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يۇقتۇ . دىدى  .
ئۇ ئىشلا ئەمەس باشقا ئىشمۇ بار ئىدى . ماڭا ياردەم قىلسىڭىز كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالمايمەن . قاراڭ بۇ دىگەن كىتابخانا بۇ يەردە پاراڭلىشىپ تۇرساق باشقىلارنىڭ كىتاب كۈرىشىگە تەسىرى بولغۇدەك شۇڭا دەيمەن .
نۇرىمان قۇلىدىكى كىتابنى قۇيۇپ ھاكىمغا ئەگەشتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 04:29 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 04:00:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىرىنچى بوپ ئوقۇۋالدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش