مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: يولتۇز

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23025
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 02:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇ ئايال نەدىن چىقتى ؟ پاتەمخان ئاز كەلگەندەك ...................

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 02:47:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئايالىنى ئۇرىدىغان ئەرلەرنى كۆرسەمزە  بېشىنى پەسكە


راست   دەيسىز

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 06:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايلىخان ئۈيىگە كىرگەندىن كىين قىزى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ  پاتەمخاننمۇ  چاقىرىپ ئۈچەيلەن
قايتىدىن بىر رەزىل پىلان تۈزۈشتى  .
كىچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا نۇرىماننىڭ يانغۇنى سايراپ كەتتى .
نۇرىمان تىلغۇننى ئېلىڭە بۇكىچىدە كىم ئۇرغاندۇ ؟
نۇرىمان تىلغۇننى ئېلىشىغا ناتۇنۇش بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى
ۋاي ۋۇي ئۇمۇقۇم ئۇخلىغاندىكى مۇشۇ ئۇماق ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم  بۇ ئاۋازىڭىزنى
يەنە قاچان ئاڭلايمەن .
سىز كىم خاتا ئۇرۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە ؟
ياق خاتا ئۇرمۇدۇم سىز نۇرىمانغۇ ؟ ھە چۈشەندىم يېنىڭىزدا ئىرىڭىز باركەندە ئەمىسە ئۇ يۇق چاغدا ئۇچۇر قىلارسىز قەدىرلىگىم خۇش .
تىلغۇندىكى ئەرنىڭ بىمەنە گەپلىرىنى بۇ جىمجىت كىچىدە قەدىردان ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدى .
ماڭا چۈشەندۈرۈڭ نۇرىمان ئۇ ئەر زادى كىم ؟
مەنمۇ بىلمىدىم خاتا ئۇرۇپ قۇيغان ئۇخشايدۇ .
سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ بىلىدىكەن يەنە قانداق خاتا بۇلىدۇ .
شۇنداق قىلىپ جىدال باشلاندى ،بۇنداق نامسىز تىلغۇن ئۇچۇرلار ھەركۈنى دىگۈدەك كىلىۋېرىپ
پۈتۈنلەي ئاقنى قارىغا ئايلاندۇرىۋەتتى ،نۇرىمان ئۈزىنى چۈشەندۈرۈپمۇ چۈشەندۈرۈپ بۇلالمىدى .
نامسىز تىلغۇن قەدىردانغا نۇرىماننىڭ قۇسىغىدىكى بالىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ ئۆلگۈرگەن ئىدى .
قەدىردان يەنە ھاراققا ئۈگىنىۋالدى ،ئۇ كۈنلەپ كۈنلەپ سۇرۇندىن كەلمەيدىغان ، نۇرىمانغا قەتئى ئۇچۇق چىراي ئاچمايدىغان ھەتتا دائىم ھاراق ئىچىۋېلىپ ئۇنى ئۇرىدىغان بۇلىۋالدى ،پۇرسەتنىڭ پىشىپ يىتىلگىنىنى بىلگەن پاتەمخان بىركۈنى قەدىرداننى تاماققا چاقىرىپ قۇيۇپ پەزىلەتنىىمۇ چاقىرىپ كىردى ،پەزىلەت گەرچە نۇرىماندەك چىرايلىق بولمىسىمۇ خېلى جەلىپكار دىيشىكە بۇلاتتى، ئەمما
ئۇنىڭ جەمىيەتتكى تەسىرى ياخشى بولمىغاچقا بىلىدىغانلار ئۈزىنى قاچۇرۇپ يۈرەتتى .
شۇڭا قەدىردان پەزىلەتنى كۈرۈپ چىرايى تۇتۇلۇپلا كەتتى .ئاپا مەن ئىشقا ماڭاي ئالدىراش ئىشىم بار ئىدى .
تۇختا مىنىڭ ئۈيۈم سىنڭ مىھمانخاناڭمىدى ، بۇ تاماقنى مەن كىمنى دەپ ئەتتىم .ۋۇي قائىدە
ئۇقمايدىغان .
ئاپىسىنىڭ چالۋاقاشلىرىدىن زىرىككەن قەدىردان بۇ تاماقنى يىمىسە كۈن يۇقلىقىنى بىلىپ
ئۇرنىغا كىلىپ ئۇلتۇردى ،پەزىلەت بۇلسا ھىلىگەرلىك بىلەن ئەكىرگەن سوۋغا سالاملىرىنى پاتەمخاننىڭ ئالدىغا قۇيدى ، ئەزەلدىن باشقىلاردىن سوۋغا ئېلىشقا ئامراق پاتەمخاننىڭ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپلا كەتتى ،ۋاي – ۋۇي قىزىم نىمە قىلارسىز ئاۋارە بۇلۇپ ،ئۈزىڭىز كىرىۋەرمەي .قارا قەدىردان ئۇقۇمۇشلۇق باي ئائىلىنىڭ قىزى يەنلا ئىشنىڭ يۇلىنى بىلىدۇ جۇمۇ ئەگەر مۇشۇنداق كىلىنىم بولغان بولسا سىنى تۇققۇنۇمغا مىڭ مەرتىۋە رازى بولغان بۇلاتتىم ".
ئاپا مەن سىزنىڭ بىرتاللا ئوغلىڭىز بولمىسام ئىنىممۇ بارغۇ ؟
قارا بۇ بالىنىڭ داۋەتقان گىپىنى ، ئۇ ئۈرۈمچىدە يېتىۋېلىپ كەلگلى ئۇنىمايۋاتمامدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىڭلار بەك ماس كىلىسىلەر ...
ئاپا مىنىڭ ئائىلەم بار ئادەم بۇنداق دىسىڭىز قانداق بۇلىدۇ .
قۇي ئۇنداق ئائىلەڭنى خەقنىڭ بالىسىنى بېقىپ يۈرەرسەن تايىنلىق .
قارا پەزىلەتكە ساڭا ئۇنىڭ نەرى ياقمايدۇ ، تېخى تۇي قىلمىغان قىز تۇرۇپ سىنى يارىتىۋاتسا خۇش بولماي دەۋاتقان گىپىنى .
ماقۇل ماقۇل چۈشەندىم ئاپا . تاماقنى يەپ بولدۇم ئەمدى ئشىقا ماڭسامغۇ بۇلا .
قەدىردان ئاپىسىنىڭ ئاغىزىنى ئىتىش ئۈچۈن قىلغان بۇ بىر ئېغىز گىپىنىڭ كىيىنكى كۈنلۈكتە
بىشىغا بالا بۇلىشىنى ئۇخلاپمۇ چۈشىمىگەن ئىدى .
قەدىردان ھاراققا ئۈگەنگەننىڭ بىرىسى قاملاشمىغان دوسلىرىلىنىڭ كەينىگە كىرىپ رەڭلىك سۇرۇنلارغىمۇ باردى ، دەسلەپتە كۆڭلى خالىماي مەجبۇرى بارغان بولسا مانا ئەمدى ئۈزى خالاپ ئۈزى ئىزدەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بارىدىغان بۇلىۋالدى ، ئۇ ئاجرىشىشنى خالىمايتتى ،بىراق نۇرىماننى كۆرسىلا
كاللىسغا بىر تالاي قاملاشمىغان خىياللار كىرىۋېلىپ ئۇنى ئارامىدا قۇيمايتتى ، بۇ ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كەتتى ، خاتىرجەملىك بۇزۇلدى ، نۇرىماننىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى يۇققا چىقىپ بۇ ئۆيدىكى بۇرۇنقى ئەر ئاياللىق مھرى- مۇھەببەت ئىناقلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى ،شۇنداقتىمۇ نۇرىمان يەنىلا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ئىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىڭ كۇيىدا ئىدى ،قەدىردانغا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۈيۈنۈپ  مىھرى – مۇھەببىتى ئارقىلىق ئارىنى يېقىنلاشتۇرماقچى بولدى بىراق
نۇرىمان تىرىشقانچە قەدىرداننىڭ خۇرىكى ئۈسۈپ ئۈزىنى باشقۇرالماس ھالغا يەتتى .
ھېلىقى كۈنىمۇ قەدىردان بىرتۇپ چاكىنا تۇنۇشلىرى بىلەن سۇرۇندا ھاراق ئىچىۋىتىپ باشقىلار بىلەن قىزىىشىپ قالدى .
ئاداش قەدىردان ئايالىڭلار ھەققىقەتەن كۆزنىڭ يېغىنى يىگىدەك چىرايلىق جۇمۇ ، كۈزۈڭلا مال تۇنۇيدىكەن سىلىنىڭ ، دىققەت قىلىڭلا باشقىلار كەلتۈرىۋالمسۇن يەنە .
نىمىسىنى دەيسەن ئاداش قەدىرداننىڭ ئايالى ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ھەم مۇلايىم مەنمۇ بىرقانچە قېتىم گەپ تاشلاپ باققان ئۇنىڭغا .كاساپەت مىنى داغدا قۇيدى دىسە ھې ھې ھې ..
بۇ بىر بىر تۇپ كۇچا لۈكچەكلىرىنىڭ مەسچىلىكتە قىلغان بىمەنە گەپلىرى تەڭشىلپ قالغان قەدىردانغا قاتتىق تەسىر قىلدى .
ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل لاۋزا ھېلى بىكا ئەدىۋىڭنى بىرىمەن
نىمە دەيسەن لاتا چاقچاق قىلساممۇ بۇلمامدۇ ئەمدى .ئۇغۇل بالا تۇرۇپ شۇنچىلىك گەپنىمۇ كۈتىرالمىگەن ، ئايالىڭ ماڭا قاراپ كۈلمىسە مەنمۇ گەپ قىلمايتتىم ،شۇنداقمۇ باللا ھې ھې ھې .
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قەدرىداننىڭ ئاچچىقى قىرىق گەر ئۆرلىدى دە سۇرۇننى تاشلاپ ئۈيىگە ماڭدى ئۆيگە كىرىپلا جايناماز ئۈستىدە ئۇلتۇرغان نۇرىماننى سۆرەپ چۈشۈرۈپ ئۇرۇپ كەتتى .
بىچارە نۇرىمان ئىككىنچى بالىسدىنمۇ ئايرىلدى ، ئۇ قەدىرداننىڭ ئاشۇ بىرقانچە نامسىز تىلغۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى چىن قەلبىدىن سۈيۈپ ھەممدىن ئۈستۈن كۈرۈپ ھۆرمىتىنى قىلىغان ئايالىغا ئشەنمىگەنلىكىدىن كۆڭلى ئاغرىدى ،شۇنچە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نۆلگە تەڭ بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنئۆتكەن شۇ كۈنلىرىگە ئېچىناتتى ،شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە قەدىرداننىڭ يۇلىغا قارىدى ،بۈگۈن
كەلمسە ئەتە كەپ قالا ، مانا كەپ قالا، ئەنە كەپ قالا دەپ ئىشىككە تەلمۈرۈپ كۆزلىرى تالدى .
بىراق ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىدى ، مانا دوختۇردىن چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى ، ئۇ چىقسا نەگە قايتىدۇ ؟ سالامەتلىكى بىر – بىرىدىن ناچار ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۈيىگىمۇ ؟ياكى ئۇرۇپ چالا ئۈلۈك قىلىپ قۇيۇپمۇ قارىسىنى كۆرسەتمىگەن ئىرىنڭ ئۈيىگىمۇ ؟ قىز بۇلۇپ تۇغۇلۇپ بىر يىگتكە ئەقىدە قىىلىپ بىر ئەرگە ئىشىنىپ ئۈزىنى تاپشۇرغان بارلىقىنى ئائىلىسىگە ئىرىگە ئاتىغان ئاياللارنىڭ كۈرىدىغان كۈنى ئەجابە مۇشۇنداق بۇلامدىغاندۇ ؟ دوختۇر خانىدا ياتقاندىن بىرى ئۇنىڭ كۈزىدىن ياش قۇرىمىدى ياق ئۇ قەدىردانغا تەككەن كۈندىن باشلاپ كۈزىدىن ياش قۇرىمىدى ، غەم ئەندىشىە تاپا – تەنىسىز ئۆتكەن كۈنلىرى ساناقلىقلا .بولدى ،ئاجرىشاي بۇنچە خارلىنىپ مەن كىمگە قەرىزدار ، مىنىمۇ ئاتا – ئانام ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان ھەرقانچە مۇھەببەتلىك يۈرەكتىمۇ غۇرۇر بۇلىشى كېرەكقۇ ؟ مەن ئەمدى بۇ ئائىلىنىڭ بۇ ئەرنىڭ نىمىسگە تارتىشاي ...
ھە نۇچى ئاكا كەلگەن ئادەم كىرمەي بۇيەردە تۇرۇپلىغۇ ؟ دىدى نۇرسىمان  قايناقسۇ ئېلىپ قايتىپ كىلىشدە ئشىك تۈۋىدە تۇرغان يېزنىسى قەدەردانغا .
مەن نۇرىماننىڭ دوختۇردىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرگىلى كەلگەن، دوختۇر مۇمكىن بولسا يەنە بىر مەزگىل يېتىپ داۋالانسۇن دەيدۇ ،مەن رەسمىيەت ھەققىنى تۆلەپ قۇيدۇم . نۇرىمانغا ئېيتىپ قۇيۇڭ خاتىرجەم داۋالانسۇن .
سىز چۇ ؟ كىرمەمسىز ؟ ھە راس ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ . ئەمدى سىزنى كۆرە كۈزىمىز يۇق .
بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
ھېچنىمە ، ئاچام سىز بىلەن ئاجراشماقچى .
ۋۇي ياخشىغۇ .دىدى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان پاتەمخان قاقاقلاپ كۈلگىنىچە .
ئاجراشسا بۇلىدۇ ، بىراق تۇيلۇقنى قايتۇرسۇن .
ئاپا نىمە دەۋەتىسىز ، بۇ ئىشقا ئەمدى ئارلاشماڭ بۇلامدۇ ؟
نىمىشقا ئارلاشمايتتىم ، ھە نىمىشقا ؟ ئۇ تۇي قىلغاندىن بىرى بىزگە نىمە قىپ بەردى ،يا ساڭا
بىرەر ئۇغۇل تۇغۇپ بەردىمۇ ؟ ھە دىسىلا دوختۇر خانىدىن چىقماي پۇل ئىسراپ قىلىشنىلا بىلىدۇ .
توۋا مۇنداقمۇ بىشەم ئادەملەر باركىنا نۇمۇس قىلماي تۇيلۇقنى قايتۇر دەۋاتقىنىنى، شۇ تۆت تال تۇيلۇقىڭىز بىلەن ئاچامنىڭ ياشلىق باھارىنى ، نام ئابرۇيىنى ، سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلامدۇ ؟ ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرەلىسڭىز سىزگە قۇشلاپ قايتۇرىمىز . قاملاشمىغان .
نۇرسىمان  شۇنداق دىدى دە ئۆرۈلۈپلا ياتاققا كىرىپ كەتتى .
پاتەمخاننىڭ يەنە نىمىلەرنىدۇ دەپ كوتۇلدىغۇسى، نۇرىمان ئاچا – سىڭىلنى تىللغۇسى بار ئىدى
بىراق قەدىردان ئاپىسىنى سۆزلىگىلى قويماي ئېلىپ كەتتى .
كارىدۇردا بۇلۇنغان گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ياتقان نۇرىماننىڭ يېرىم كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى .
كۆڭلىنى يېرىم قىلغنى قېيىن ئانىسنىڭ گەپ سۆزلىرى بولماستىن بەلكى قەدىرداننىڭ ئىشىڭ ئالدىغا كىلىپمۇ بېشىنى تىقىپ قويمىغىنى بولدى ،بىردىنلا يۈرىگى مۇزلاپ كەتكەندەك بۇلۇپ ئاچچىق كۈلۈپ قۇيدى .
ئۇنىڭدىن ئاجرىشىسەن . ئاڭلىدىڭمۇ سەندىن بۇرۇن ئاجرىشىمەن دەپتۇ تېخى ،بار شەرمەندىچىلىكنى ئۈزى قىلغان تۇرۇپ .
بۇلدى بەس ئاپا ، بۇلدى . مەن ئاجرىشاي مەن ئاجراشسام رازى بۇلىدىغان ئىشىڭىز بولسا مەن
ئاجرىشاي .قەدىردان شۇ گەپنى دەۋاتقاندا بىرسى يۈرىگىنى سۇغۇرىۋېلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى .
ھە ماگىپىڭ بولدى مانا ، ئەمدى مىنىڭ ئوغلۇمغا ئوخشۇدۇڭ .
قەدىردان ئاپىسغا سەسكىنىش بىلەن قاراپ قۇيۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
پەسكە چۈشىشىگىلا نەۋرە ئىنىسى ئىلشادتىن تىلغۇن كەلدى .
سەن تاپشۇرغان ئىشنى ئېنىقلىدىم ، نۇرىمانغا تىلغۇن ئۇرغان ئادەم بىلەن ھېلىقى كۈنى
سەن بىلەن ھاراق ئىچىپ نۇرىمانغا قارا چاپلىغان ئادەم بىركەن . ۋاقتىڭ بولسا دەرھال يېنىما كەل
ماقۇل سەن نەدە مەن ھازىرلا باراي .
ئۇ  يېزا ئىگلىك بانكىسىدا قۇغدۇغۇچى ئىكەن مەن ھازىر بانكىنىڭ ئالدىدا .
ماقۇل ھازىرلا بارىمەن .
قەدىردان بانكىنىڭ ئالدىغا بىردەمدىلا كەلدى ئۇ ئىككىسى ھېلىقى نۇمۇرغا تىلغۇن ئۇرۇپ
بىر تۇپ كىشىلەر ئارىسىدىن ئۇنى تاپتى .
ۋاي ئاغىنەم مىنى يەنە سۇرۇنغا چىللاپ كەلگەن ئۇخشىمامسەن ، نىمانداق ياخشى .دىدى ئۇ ئادەم قەدىرداننى كۈرۈپ .
ئىشڭنىڭ قىلە سىنى سۇرۇنغا ئەمەس سوتقا چاقىرىپ كەلدىم .
ئايالىمغا نىمىشقا كىچىدە تىلغۇن ئۇرىسەن ، زادىن نىمە مەقسىدىڭ با ؟
ھاي ھاي ھاي ...مىنى سوتقا چاقىرماقچىمۇ تېخ ،چاقىرساڭ چاقىر ،بېرىپ ئەرىز قىل ،ئەگەر سوتتىكىلەر كۈشكۈرتكۈچىنىڭ ئاپاڭ بىلەن ئاشناڭ پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلسە زادى كىمنى بەكرەك جازالايدىكىن قېنى مەن بىر كۆرەي .
مانا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى ، قەدىردان ئاپىسىنى ھەرقانچە بۇلسىمۇ بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلدۇ دەپ ئۇيلىمىغان ئىدى .
قەدىردان بالدۇرراق بۇ ئىشلارنى ئۇبدان سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىمىغىنى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمەن قىلدى  .
بۇ قېتىممۇ ئەگەر ئىلشاد ئۇنى ئەسكەرتمىگەن بۇلسا بىر ئۆمۈر بىلمەي ئۈتۈپ كىتەتتى بەلكىم .
سەن نىمانچە يارىماس .دىگەن ئىدى ئىلشاد نۇرىماننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قەدىرداننىڭ كۈزىگە تەڭلەپ تۇرۇپ زەردە  بىلەن . مۇشۇنداق ياخشى ئايالنى قەدىرلىمەي بۇ زادى نىمە قىلىق ؟ساڭا
زادى نىم بولدى ؟ئيتە؟ ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟
بولدى قىل  ، ئۇنىڭ ئاشنىسى باركەن ، مەن بۇ ئازابقا چىدىيالمىدىم .
نىمە ، ئالمىشىپ قالمىغاندۇ؟ ئۇنىڭمۇ ياكى سىنىڭ ئاشناڭ بارمۇ ؟
راس دەۋاتىمەن ، قەدىردان بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئىلشادقا بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەردى .
ۋاي ئەخمەق ھەجەپ دۆتكەنسەن ، ھەي سەن نىمانچە دۆت دەيمەن ، سەن بۇ ئىشلارنى ئېنىقلاپ
باقماي ، نۇرىماندىن ئۇچۇق سۇراپ باقماي تۇرۇپ ئۇنى ئاشنىسى بار دەمسەن ،سەن كۆردۈڭمۇ ؟
ئۇنىڭ ئاشنىسى بىلەن بىللە تۇرغىنىنى ياكى ئاشنىسىغا تىلغۇن ئۇرغىنىنى كۆردۈڭمۇ ؟ كۆرمىدىڭغۇ دەيمەن ، بۇنداق ئىشلار كىنۇلاردىمۇ كۆپقۇ، سەن كىنۇمۇ كۈرۈپ باقمىغانما ؟نىمشقا ئاق قارىنى پەرىق ئەتمەي  بۇنداق ئەخمەقلىق قىلىسەن .
مەن شۇ بۇ ئىشلارنىڭ راس بوپ قېلىشىدىن قۇرقتۇم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يۇق .
شۇنداقمۇ ، ئايرىلغۇم يۇق، ياخشى كۆرىمەن دە ؟ ياخشى كۆرىدىغان، ئايرىلىپ قېلىشتىن قۇرقىدىغان ئادەم ئۇنى مۇشۇنداق قىينامسەن ، ئۆز بالاڭنى ئۈزۈڭ ئۆلتۇردۈڭ بىلەمسەن ، سەن قاتىل سەن
ئاپام ئۇ بالا سىنىڭ ئەمەس دەيدۇ . قەدىردان يىغلاپ كەتتى ،
ئاپاڭ شۇنداق دىسلا ئۇ سىنىڭ بالاڭ ئەمسما؟ ئەجەبا بالىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئاپاڭ بەلگىلەمدا ؟ خۇتۇن سىنىڭمۇ ياكى ئاپاڭنىڭمۇ ؟تۇۋا ئادەممۇ سەندەك ئەخمەق دۆت بۇلىدىكەن .
ئۇ مىنىڭ ئاپام تۇرسا جاھاندا ئاپسىنىڭ گىپىگە ئىشەنمەيدىغان كىم با ؟
تۇغرا دەيسەن ئاپىلار يالغان سۆزلىمەيدۇ . ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك ،بىراق ھەرقانداق ئىشىنىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ دە ، قارىغۇلاچە ئىشەنسەڭ قانداق بۇلىدۇ .
ئەمىسە قانداق قىلىمەن دىگىنە ؟ ئەمدى قانداق قىلاي ؟
قانداق قىلاتتىڭ ئۇ ئادەمنى تاپ ، نۇرىمانغا دائىم كىچىدە تىلغۇن ئۇرىدىغان ھېلىقى ئادەمنى دەيمەن شۇنى تاپساڭلا ھەممە ئىش ئايدىڭ بۇلىدۇ .
ئۇنى قانداق تاپىمەن ؟
تۇۋا ،قاقداق تاپىمەن داۋەتقىنىنى ئەلۋەتتە تىلغۇن نۇمۇرىدىن ئىزدەيسەندە .
ئۇنىڭ نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ھازىر كاللام قۇپقۇرۇق .
بۇلدى، بۇ ئشىنى ماڭا قۇيۇپ بەر، ساڭا مەن تېپىپ بىرەي ، بۇ تۇرقۇڭدا ھېچ ئىش قىلالمىغۇدەكسەن .
ئىلشاد دىگىنى بۇيىچە بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇ ئادەمنى تاپتى .
ئاپام ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ يەنىلا مىنىڭ غېمىمنى يەيدۇ، بەختىمنى ئويلايدۇ ،دەپ ئاپىسغا تاغدەك ئىشەنگەن قەدىردان بۇ ھەقىقەت ئالدىدا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى . ئەگەر يېنىدا ئىلشاد بولمىغان بولسا ئۇ بەلكىم يىقىلىپ چۈشكەن بۇلار ئىدى .
مەن ساراڭ بوپتىمەن مەن ساراڭكەنمەن دەيتتى قەدىردان نۇرىمانغا قىلغانلىرىنى ئويلاپ ئۆز-
ئۈزىگە .
ئەمدى قانداق قىلامەن ، نۇرىماننىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن .
قانداق قىلاتتىڭ بېرىپ كەچۈرۈم سۇرا، ئۇنىڭغا چاممىنىڭ  يىتىشىچە  كۈيۈنۈپ گۇناھىڭنى تىلە.
بىراق ئۇ ئاجرىشىمەن دەپتۇ .
ئەلۋەتتە دەيدۇ دە ، نىمىشقا دىمىگۈدەك ، ئۇ ساڭا قەرىزمىدى ؟ ئۇ سىنىڭ قۇلۇڭ بولمىسا يە .
بولدى بۇ يەردە كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىپ ئۇلتىرىۋەرمەي دۇختۇرخانىغا بارايلى .
ئۇلار دۇختۇرخانىغا كەلگەندە نۇرىمان كارىدۇردا دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان بۇلۇپ خىيالغا چۈكۈپ كەتكەن ئىدى .
قەدىردان ئۇنىڭ كەينىگە كىلىپ  گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى .
ياتاققا كىرىپ كەتمەكچى بۇلۇپ كەينىگە ئۆرۈلگەن نۇرىمان قەدىرداننى كۈرۈپ چۈچۈپ كەتتى ،
لىكىن يەنە ھېچ ئىش بۇلمىغاندەك گۇيا ئۇنى كۆرمىگەندەك قاراپمۇ قويماي ياتىغىغا كىرىپ كەتتى .
قەدىردان مەيۈسلۈك بىلەن ئىلشادقا قارىدى .ئىلشاد ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرىشنى ئىشارە قىلدى .
قەدىردان ئاستا نۇرىماننىڭ كەينىدىن ماڭدى .
نىمىشقا كەلدىڭىز ؟ دىدى نۇرىمان قەدىرداننىڭ  كەينىدىن ئەگىشپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ .
مەن مەن نىمىشقا كەلمەي ئەلۋەتتە سىزنى يۇقلاپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالاي دەپ كەلدىم
خىڭ . ئەمدىما ، مەن ئەمدى يادىڭىزغا يەتتىمما ، ئەجەپ تۇيۇقسىز ئايالىڭىز ئىكەنلىكىمنى ئىسىڭىزگە ئېپ قاپسىزغۇ ؟
بۇنداق دىمەڭ نۇرىمان چۈشەندۈرىشىمنى ئاڭلاڭ .
قايتىپ كىتىڭ ، سىز قاچان مىنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاپ باققان .سىزنى ئەمدى كۆرگۈم يۇق .
دەرھال چىقىپ كىتىڭ .
نۇرىمان ماڭا بىر چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بىرىڭ بۇلامدۇ ؟
نىمىنى چۈشەندۈرىسىز ؟ سىز ماڭا مەن بىلمەپتىمەن مەن باشقىلارغا ئىشىنىپ ئالدىنىپ سىزگە ئىشەنمەي خاتا قىپتىمەن دىمەكچىمۇ ؟سىز زادى نىمىنى بىلىسز ،ماڭا دەڭە سىز نىمىنى بىلىسز ؟
گەپ قىلمامسز ؟
شۇنداق نۇرىمان مەن دەل شۇنداق دىمەكچى مەن راستىنلا بىلمەپتىمەن بۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇيۇنى ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن .
شۇنداق سىز بىلمەيسىز ،سىز ھەتتا تۇنجى بالىمىزنىڭ ئىنتايىن نۇرمال ئىكەنلىكىنى بۇنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ئۇيۇنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ، 2- بالىمىزنىڭمۇ سىزنىڭ قۇلىڭىزدا رەھىمسىزلەرچە ئۇ
ئالەمگە سەپەر قىلغىنىنىمۇ بىلمەيسىز .سىز ئىككى بالىنى شۇنداق ئۇزۇتۇپ قويۇپ يەنە بىلمەيمەن دەمسىز ؟ سىز زادى قاچان بىلىدىغان بۇلىسىز ؟مەن ئەمدى ساقلىيالمايمەن ، بالىمىزدىن ئايرىلىپ قالدىم ، ئەمدى جېنىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالغۇم يۇق .
شۇڭا ئاجرىشپ كىتەيلى .
دوختۇرخانىغا خوشنىسىنىڭ يېڭى تۇغۇتلۇق قىزىنى يوقلىغىلى كەلگەن نۇرىماننىڭ ئاپىسى ياندىكى ياتاقتىن چىقىۋاتقان تۇنۇش بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ دىققتى بۇزۇلدى .
بىم بولدىلا راناخاچا   چىرايلىرى بىرقىسما تۇرىدىغۇ .
مەن مەن قىزىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن .
قايسى قىزلىرىنىڭ ؟
قىزىم نۇرىماننىڭ ، ئۇ كوماندۇرۇپكىغا چىقىمەن دىگەن بىراق ھازىر ئاڭلانغان ئاۋاز ئۇنىڭكىگە بەك ئوخشايدىكەن .
ھە ئۇ سىلىنىڭ قىزلىرىمىدى . مەن تېخى ئۇ قىزنىڭ بىر سىىڭلىسىدىن باشقا تۇققىنى يوقمىكىن دەپتىمەن ، دىدى ئۇكۇل ئالماشتۇرغلى كىرگەن سېستىرا قىز .
نىمە دەيدىغانسىز ، مىنىڭ ئىككىلا قىزىم بار بىرى ئۈرۈمچىگە كۇماندۇرۇپكىغا كەتكەن كىچىكى يېڭىلا ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھازىر ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ .ئۇ بەك ئاق كۈڭۈل
بالا بۇلدى ،ھەركۈنى دوختۇرخانىغا كىلىپ باققۇچىسى يۇق بىر ئايالغا قارايدۇ . ئۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىمە ، ئۆيدە بەرىبىر ئىش بۇلمىغاندىكىن ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشمۇ ياخشى ئىش دەيدۇ .دىدى رەناخان كىچىك قىزىنى سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ماختاپ .
ھە مۇنداق دىسلە ئۇقىزنىڭمۇ ئىسمى نۇرىمان ئىكەن ،ئىرى بەك قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ بىچارىنى
بۇيىدا باركەنتۇق ئىسىت بالىسمۇ چۈشۈپ كەتتى .
ئىسمى نۇرىمانكەن دىدىڭىزمۇ بالام .
ئۇنداقتا يولدىشى كىمكەن . يۇلدىشىنى تۇلا كۆرمۈدۈم ئۇنىڭ يېنىدا بىر سىڭلىسى قاراۋاتىدۇ ،سىڭلسىنىڭ ئىسمى نۇرسىمانكەن .
نىمە نۇرسىمان؟ ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق تۇغرا كەپ قالماس .
رەناخان يۈگۈرۈپ دىگۈدەك كارىدۇرغا چىقىپ ئاۋاز چىقىۋاتقان ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدى .
بۇنداق قىلماڭ نۇرىمان ، ھەرقانچە بۇلسىمۇ ئاجرىشايلى دىمەڭ .
بۇ راناخاننىڭ ئەتىۋارلىق  كىيۇغلى قەدىرداننىڭ ئاۋازى ئىدى .
رەناخان بار ماغدۇرىنى يىغىپ ئاستا ياتاققا كىردى دە كارۋات لىۋىدە قەدىردانغا كەينىنى قىلىپ
ئۇلتۇرغان قىزىنىڭ ئۇرۇق ياداڭغۇ گەۋدىسىنى كۆردى ، نۇرىمان قىزىم بۇ سەنمۇ ؟سەن ئۈرۈمچىگە بارىمەن دىمىگەنمىدىڭ نىمشقا بۇ يەردە بوپ قالسەن.
قىزنىڭ نۇرى ئۆچكەن  كىسەلچان چىرايىغا يۈرىگى ئېچىشقان ئانا شۇنداق دىدى دە ھۇشىدىن
كەتتى .
ئاپا ، ئاپا كۈزىڭىزنى ئېچىڭ .
قەدىردان دەرھال دوختۇر چاقىرىڭ نىمىگە تۇرىسىز.
ياتاق ئىچى بىر دەمدە پات- پاراق بۇلۇپ دوختۇرلار نۇرىماننىڭ ئاپىسىنى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈيىگە يۆتكىدى .
قۇرقۇپ كەتكەن نۇرسىمان دادىسنى چاقىرىپ كەلدى . ئاچىسنى كۆرسە دادىسنىىڭمۇ قان بېسىمى ئۆرلەپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ يولدا كەلگۈچە نۇرىماننىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۈلگۈردى .
ئەھۋالى سەل خەتەرلىك يۈرەك سۇقۇشى ئاجىزلاپ كىتىۋاتىدۇ .دىدى دوختۇر جىددى قۇتقۇزۇش ئۈيىدىن چىقىۋېتىپ .
ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا كۆپ گەپ قىلماڭلا . تىنىچ يېتىپ ئارام ئالسۇن .
نۇرىمان ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ، ئۇ ئاپىسنىڭ كارۋىتى بېشىدا پەرۋانە بۇلۇپ بۇقۇلداپ يىغلايتتى ،ئۆزىنىڭ يارىماسلىقىدىن ئاغرىنىپ ئۆز – ئۈزىدىن نەپرەتلىنەتتى . قەدىردانغا بۇلغان نەپرىتى بولسا ھەسسلەپ ئاشتى . ئەمدى ئەنسىرىگىدەك ئىش قالمىدى ، ئاجرىشىپ كەتسەممۇ ئاتا- ئانامغا قانداق ئۇقتۇرامەن دەپ ئەنسىرەپ ئۇلتۇرمىساممۇ بۇلىدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئاجرىشىش نىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى .
تۈن يېرىمدىن ئاشقاندا رەناخان ھۇشىغا كەلدى ، ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ نۇرىماننىڭ ئىسمىنى  چاقىرىپ ئۇنى ئىزدەيتتى .
مانا مەن ئاپا مەن يېنىڭىزدا ، مەن بىر ئۇبدان تۇرىۋاتىمەن ئاپا بىزنى بۇنداق قۇرقۇتماڭ بۇلامدۇ ؟
شۇنچە دەرتنى نىمىشقا ئۈزىڭىز يالغۇز تاتىسىز قىزىم سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز يۇقمۇ ؟
ئاپا مەن شۇ سىلەرنى ئەنسىرەتمەي دىگەن ، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن ئاپا مىنى كەچۈرۈڭ .
بولدى كۆپ گەپ قىلماڭلا ، چارچاپ قالىسلە ئانىسى .
تەلىيىگە نۇرىماننىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدا ھۇشىدىن كىتىپ دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋېلىنغاچقا ناھايىتى تىزلا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى .بىراق قىزىنىڭ دەردىدە بۇ ئانىنىڭ يۈرىگى ئىزىلىپ گېلىدىن ھېچى تاماق ئۆتمەيتتى .
قەدىردان شۇنچە يېلىنىپ يالۋۇرسىمۇ نۇرىماننىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىنى ئىرىتەلمىدى،  ئۇرۇق تۇققان ، دوست- بۇرادەرلىرى شۇنچە نەسىھەت قىلىپ تۇسىغان بولسىمۇ نۇرىماننى ئاجرىشىش نىيىتىدىن ياندۇرالمىدى .
"مەيلى ،ئەگەر ئاجرىشىمەن دىسىڭىز بىز تۇسىمايمىز ، دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دەپ بولدۇق ، ئۆي تۇتىدىغان ئادەم ئۈزىڭىز قىزىم ، بولسىغۇ ئاجراشماي ئۈيىڭىزنى تۇتقان بولسىڭىز تېپىلمىغان ياخشى ئىش بۇلاتتى ، لىكىن ئاجرىشمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالسىڭىز بىزمۇ ئارلىشالمايمىز،
سىزنىڭ بىزگە ئېغىرىڭىز چۈشمەيدۇ ، بىز ئۈچۈن ساق- سالامەت تۇرۇپ بەرسىڭىزلا شۇ كۇپايە سىزمۇ ئەقىل ئىگسى ئۈزىڭىز ئۇبدان ئويلىنىپ بىر قارارغا  كىلىڭ "،دىدى نۇرىماننىڭ دادىسى قىزىنىڭ بەختسىزلىكىن ئېچىنغان ھالدا.
كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنىدە  ئۇلار ئاجراشتى ، نۇرىمان ئۆيدىن بىر تىيىنغا چاغلىق نەرسە ئالماي شۇنداقلا چىقىپ كەتتى .
شۇ كۈنى ئۇنىڭ خېلىلا كۆڭلى يېرىم بولدى ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئىككى يېرىم يېل تۇتقان ئۈيى ياخشى كۈرۈپ تەككەن ئىرى ئەمەسمۇ .ئۇ قەدىرداننى يەنىلا ياخشى كۈرەتتى ، بىراق بۇنداق ياشاۋرىشكە غۇرۇرى يۇل قۇيمىدى ، داۋاملىق ئۈزىنى خار قىلىپ ياشىغۇسى كەلمىدى ، قەدىردانغا پۇرسەت بەرمىدى ئەمەس نۇرغۇن قېتىملاپ پۇرسەت بەردى ، باشقىسغۇ مەيلى قەدىرداننىڭ
بالىنىڭ ئىشىدىكى پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ يۈرىگىنى قاتۇرۇپ قۇيغان ئىدى .
شۇنداق قىلىپ بىر – بىرىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۈرۈپ توي قىلغان ئەسلى بەخىتلىك بىرجۈپلەردىن بۇلۇپ خاتىرجەم ،خۇشال –خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە لايىق بىر ئائىلە ۋۇجۇدىنى ئابرۇي پەرەسلىك ،پۇل پەرەسلىك قاپلاپ كەتكەن بىر قارا نىيەت ئانا تەرىپىدىن نابۇت قىلىندى . ئۇ باشقىسىنى ئەمەس ئۆز ئوغلىنى نابۇت قىلدى ، بىراق بۇ ئەخمەق ئايال بۇ ئىشىدىن تۇلىمۇ رازى ئىدى ، ئۇ كىينكى قەدەمدە ئۇغلىنى قايىل قىلىپ باي قوشنىسىنىڭ كوچىدىن كىرمەيدىغان نايناق قىزىنى كىلىن قىلىپ
باي قۇدىسنىڭ جوۋىسىدا تەرلىنىشنىڭ كۇيىدا بۇلىۋاتاتتى .
نۇرىمان ئۆيدىن كىيم كىچەكلىرىنى ئېلىپ كەتكەن كۈنى قەدىردان  ئاجراشقىنىغا رەسمي ئىشەندى ، ئۇنىڭغا بۇ ئۆي شۇنچىلىك سۇغۇق ، مىھىرسىز تۇيۇلدىكى ،بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ يىغلىدى كىچىك بالىدەك يىغلىدى . يەردە چېچىلىپ ياقتاق قەغەز پارچىلىرى  ئارىسىدىكى بىر تەكشۈرۈش قەغىزىگە كۈزى چۈشكەن قەدىردان بىر ئىشنى ئسىگە ئالغاندەك بۇلدىدە  يۈگۈرۈپ بېرىپ قەغەزنى ئالدى ، بۇ تۇنجى بالىسنىڭ نۇرمال ئەمەسكەن دەپ چۈشىرىۋىتىلگەن بىگۇناھ بالسنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى بۇلۇپ ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ 46كۈن بولغانلىقى ھامىلىنىڭ ئىنتايىن نۇرمال ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى ،ئۇ شۇ چاغدىلا نۇرىماننىڭ "شۇنداق سىز بىلمەيسىز ،سىز ھەتتا تۇنجى بالىمىزنىڭ ئىنتايىن نۇرمال ئىكەنلىكىنى بۇنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ئۇيۇنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز"دىگەن ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بۇلدى .
شۇنداق بىر نەپرەتلىك ئانىدىن تۇغۇلۇپ قالغىنىغا ئۈكۈنۈپ قاتتىق ئازابلاندى ،بىراق ئۇ ئاپسىنى نىمىمۇ قىلالىسۇن ، ئۇ بەرىبىر ئۇنىڭ ئاپىسدە .بۇ دەردىنى ئەمدى كىمدىن ئالىدۇ .قەدىردان ئۇيلا ئۇيلا ئاخرى بارچە گۇناھنى ئۈزىدە قۇيدى ، باشقىلارنىڭ قالايمىقان گەپلىرىگە ئىشەنمىسە بۇلاتتىغۇ ،
چوپ – چوڭ ئەركەك تۇرۇپ بالا ئېلىشىتىمۇ ئانىسىنڭ ئاغزىغا قارىمىسا بۇلاتتىغۇ .شۇ كۈندىن باشلاپ قەدرىدان تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتى ، ئۈزىنى تاشلىۋېتىپ خۇددى نېۋا كىسەل ئادەمدەك ئۇلتۇرغان جايىدا سائەتلەپ ئۇلتۇرىدىغان ، كەتكەن يىرىدىن كىلىشنى بىلمەيدىغان ، ئۈيىگە بىكىنىۋالسا نەچچە كۈنلەپ ئىشقىمۇ بارماي تاماقمۇ يىمەي يۈرىدىغان بۇلىۋالدى ،ئوغلىنىڭ بۇھالىدىن پاتەمخان ئەنسىرەپ ئۇلتۇرالماي قالدى ، ئۇ قەدىردانغا ھەرقانچە گەپ قىلسمۇ قەدىردان بىر ئېغىز جاۋاب قايتۇرۇپ قۇيمايتتى ، بەكرەك سۆزلىسە ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ كەلگىلى ئۇنىمايتتى .
قانداق قىلىمىز ئايلىغان . بۇ بالا غەلىتىلا بوپ قالدى .
قانداق قىلاتتۇ باللارنىڭ تۇيىنى دەرھال قىلىۋىتەيلى ، تۇي قىلسلا ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ .
ئۇغۇ شۇ بىراق بۇ بالا گەپ قىلماس بۇلىۋالدى ، شۇنچە گەپ قىلساممۇ تەسىر قىلمايۋاتسسا ،ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ قالدىم .
ئۇ دىگەن ئەر كىشى تۇرسا بۇنچىلىك ئىشقا ئاغرىپمۇ قالماس ، ئۇنىڭغا قۇۋەتتلىك يىگۈزۈپ ئۇبدان باقسىڭىزلا ، ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ .
ماقۇل شۇنداق قىلاي .
ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ غېمىدە دە ، ئايلىغان قىزى پەزىلەتنىڭ  سېرتتا ئويناپ يۈرۈپ ھامىلدار بوپ قالغىنىنى بىلىپ بىر تەرەپ قىلالماي تۇرغاندا قەدىردانلار ئاجراشتى ئۇ قىزىنىڭ قۇسىغى يۇغىناپ كىتىشتىن بۇرۇن بۇ  توينى بالدۇرراق قىلىپ غەمدىن قۇتۇلماقچى . پاتەمخان بولسا مال – دۇنيانىڭ نام – ئابرۇينىڭ كۇيىدا .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 06:27 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 06:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuzum يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 05:20 PM
كەچتە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇقۇپ كۈرەي.. ئاندىن ئىنكاسىمنى تە ...

داۋامىنى يوللاپ قويدۇم  كۈرۈپ قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز !

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 08:04:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ھەممىنى كۆرۈپ بولغاندا بىراقلا ئۆز پىكىرىمنى بايانقىلاي دىگەنتىم،ئەمما بۇ پاتەمخان ‹‹ئانا››نىڭ كېلىنى نۇرىمانغا بولغان‹‹كۆيۈنۈشلىرى››مېنى بۇ پىكىرىمنى يېزىشقا ئالدىرىتىپ قويدى.
توۋا دەيمەن،شۇ ياشقا كىرگۈچىمۇ ئەقىل كىرمىگەنمىدۇ ئۇ مەزلۇمغا؟
يەنە تېخى ئوغلۇمنى مۇشۇ كۈنگە قويدى دىيىشلىرى،ئېسىت ئېسىت،،،،ئانا بوپ قالغىنىڭ،يەنە نۇرغۇن گەپلىرىم بارئىدى،لىكىن بۇ ئاتالمىش‹‹ئانا››غا ئۇ گەپلەرنى دەپ،ئانىلىرىمىزنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈشنى خالىمايمەن.توغرا،ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالام بەخىتلىك بولسىكەن دەيدۇ،لىكىن بۇنداق ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ بىر ئائىلىنى بۇزۇش بەدىلىگە،شۇ مەزلۇم قانچىلىك دۆلەت،قانچىلىك نام-ئابرويغا ئېرىىشىپ كېتەرھە!!!

قالغان قىسمىنى تىزراق يوللىشىڭىزغا تەشنامەن.

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

^_^سۈبىھى ^-^

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15029
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4089 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 10:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋېتىڭىزگە  ئاپىرىن ...
ئەسەر پۈتۈنلەي يېزىلىپ بولسا ئاۋازلىق ئەسەر قىپ ئىشلەنسە ياخشى چىقۇدەك < مېنڭچە >  ئەسەردىكى پاتامخانغا ئاۋازنى بولۇشىغا بېرىپ تازا...

بەزى قۇرلارنى ئۇقىغىنمدا شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ كەتتى..
ئا پاتەمخان دېگەن خوتۇن نېمانچە  ۋەھشىي دەيمەن......ئاخىرى جاجاڭنى يەيسەنغۇ  سەن .

مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ تۇرمۇشىمىزدىكى بەزبىر رەززىل ئانىلار تەرپىدىن بۇزۇلۋاتقان ئاچچىق تۇرمۇش ساۋقى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچىمۇ بۇ ئەسەرنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلپ ئشلىسە بولغۇدەك......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8918 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 04:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ، كوزۇمدىن ئاققان ياشنى سۇرتۇشنىمۇ ئۇنتۇپ ئوقۇپتىمەن، جاھاندا شۇنداقمۇ ئانىلار بولىدىكەن دىسە....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8918 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 04:27:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامراتلىقتىن ئاچ قالغان ئادەممۇ ،بۇ پاتەمخان ئانىنىڭ مال دۇنيا ئۇچۇن قىلغىنىنى قىلماسسسسسسسسسسسس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش