مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: يولتۇز

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 01:12:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىردان ئۆيگە قايتىپ كىلىپمۇ بالا تۇغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى ، نۇرىماننىڭ قاتتىق ئاچىچىقى
كەلگەن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئىرىگە باشقىچە مۇئامىلىدە بولمىدى ھەم ئۇنىڭغا بالا تۇغرۇلۇق ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى ، كۆڭلىدە "بۇ بالا نىمىلا دىگەن بىلەن ئىككىمىزنىڭ بالىسى ،قەدىردان ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆز بالىسغا بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلماس،ئۇنىڭمۇ ئۇيلىغىنى باردۇ ، ھېلىمۇ تۇي قىلغاندىن بىرى ئىككى ئارىدا قىسىلىپ نۇرغۇن ئۇۋالچىلىق تارتتى "دەپ ئۇيلاپ  قەدىردانغا ئۇيلۇنۇش پۇرسىتى بەرمەكچى بولدى.كۈنلەر كەينى كەينىدى ئۈتىۋەردى نۇرىماننىڭ سىزىكىمۇ باشلاندى ،ئۇ كۈندۈزلىرى شۇنداق ئۇبدان يۈرسىمۇ كىچىسى ياستۇققا بېشىنى قۇيسلا كۆڭلى ئېلىشىپ ئۇخلىيالمايتتى ، كىچىلەرنى ئۇلتۇرۇپ ئۇخلاش بىلەن ئۇتكۈزدى ، كۈندۈزلىرى ئىدارىدا ئىشلەپ چارچىغاننى ئارزدەپ  ھەرخىل خىيال غەم ئەندىشە ، تۈگىمەس ئۆي ئىشى ، يەنە قېيىن ئانىسىنىڭ توختىماي زەھەردەك گەپ قىلىۋېلىشىدىن قاتتىق چارچىغان نۇرىماننىڭ مانا ئەمدى كىچىدىكى ئارامىمۇ بۇزۇلغان ئىدى ،بىراق قۇرسىقىدىكى كۈنسىرى چوڭ بۇلىۋاتقان  بالىسنى ئۇيلىسلا كۈڭلى ئېچىلىپ قالاتتى  .
مانا نۇرىماننىڭ ھامىلدار بولغىنىغىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى بىراق قەدىردان يەنىلا ئۈنسىز ،
ئىرىدىن سادا چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەن نۇرىمان ئاخىر چىدىماي ئېغىز ئاچتى .
قەدىردان قاراڭە بالىمىز كۈندىن كۈنگە چوڭ بولىۋاتىدۇ ، يەنە بىر ئاي ئۇتسە ئۇمىدىرلىيالايدۇ .شۇ چاغدا سىز قۇسۇغۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ بالىمىزغا ھىكايە ،چۈچەكلەرنى ئىيتىپ بىرەلەيسىز "
بولدى قىلىڭ نۇرىمان ماڭا بالا تۇغرىسدا گەپ قىلمىسىڭىزچۇ مىنى ئارامىمدا قۇيساڭلار قانداق.
، ئۇ بالا تۇغرۇلۇق ئۇدۇل سۇرىيالماي شۇنداق دىيش ئارقىلىق ئىرىنىڭ رايىنى سىناپ باقماقچى ئىدى ، ئەمما قەدىرداننىڭ بۇنداق پۇزىتسىيەدە بۇلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرىمان تۇرغان جايىداقېتىپلا قالدى.
قەدىردان شۇنداق ۋارقىراپ قۇيۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ نۇرىمانغا قارىغىدەك يۈزى قالمىغان ئىدى ، شۇنچە كۈنلەردى بىرى ئۇ چاندۇرمىغان بىلەن نۇرىماننىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى قانچە كىچىلەرنى سىزىك تارتىپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ يۈردى ،بىراق بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭغا رۇھى تەسەللى بىرىپ باقمىدى ، نىمە يىگىڭىز كىلىۋاتىدۇ ياكى سىزگە نىمە كېرەك ؟ دەپ سۇراپ باقمىدى ، كىچىلىرى نۇرىمان ئۇخلىيالماي ئۈرە ئۇلتۇرغان چاغلاردا قەدىردانمۇ ئۇخلىمدى بىراق ئۇرنىدىن تۇرۇپ "سىزگە نىمە بولدى ؟" دەپ سۇراپمۇ باقمىدى .
بىراق نۇرىماننىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پۇزىتسىيەسىدە يەنىلا ھېچ بىر ئۆزگۈرۈش يۇق، ئاغرىنىپمۇ باقمدى ئەكسىچە ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۈيۈنۈپ كۈڭۈل بۈلىۋاتاتتى .، بۇنىڭدىن قەدىردان چىدىغۇسىزئازابلاندى ، بالىسغا ئۇمۇ چىدىمايتتى ئەلۋەتتە .
  بىراق ئاپىسىنىڭ كۈندە نەچچە قېتىم تىلغۇن ئۇرۇپ قىلغان ۋەز-نەسىھەت،تىل- دەشنام قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلىرى ئاستىدا يەنىلا ئامالسىز قالدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ نۇرىمانغا بۇنداق قۇپاللىق قىلغۇسى قەتئى يۇق ئىدى ، بىراق ئۈزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ۋارقىراپ قاتتىق تىگىپ سالدى ،ئايالىنىڭ ھەممە دەر – ئەلەمنى ئىچىگە يۈتۈپ تۈگۈشۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۇپ يار- يۈلەك بۇلالمىغىنىدىن قاتتىق ئازابلاندى ، ئۇ نۇرىمانغا قارىيالمغاچقا ئۈزىنى ئېپ قاچماقچى بۇلۇپ سىرتقا چىقتى ، "شۇ تاپتا بىچارە نۇرىمان چۇقۇم ئازابلىنىپ يىغلاۋاتقاندۇ ھە ؟مەن كەچۈرۈم سۇراپ ئىككى ئېغىز تەسەللىي بەرمەكتە يۇق قېچىپ چىقتىم ، مەنمۇ ئەركىشى بولدۇممۇ ؟" قەدىردان يىغلاپ سالدى ، بىرەرسىنى تېپىپ كۈڭۈل ئىيتقۇسى ھاراق ئىچكۈسى كىلىپ دۇستىنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدى .
قەدىردان چىقىپ كەتكەندىن كىين نۇرىمان ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ،ئۇ ئەمدى بۇ بالىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى رەسمىي

جەزىملەشتۈرگەن ئىدى .  ئۇنىڭ يىغسى ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرىگىنى ئەزمەي قالمايتتى ،نۇرىمان شۇ تەرىقىدە قانچە ئۇزۇن يىغلىغىنىنى بىلمىدى ،ئاستا ئۇرنىدىن تۇرۇپ سائەتكە قارىدى ،كىچە سائەت 10بولغان بولۇپ قەدىردان چىقىپ كەتكەنچە تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى ، نۇرىمان قۇرسقى ئېچىپ چىدىيالماي ئاخىرى قەدىردانغا ساقلىمايلا ئۈزى يالغۇز ھېچ ئىشتىھاسىزلا كەچلىك تاماق يىدى ،ئۈزى ئاچ قالسىغۇ مەيلى قۇرسىقىدىكى ھامىلىنى ئاچ قۇيغۇسى كەلمىدى،تۈن يېرىم بولغاندا قەدىردان مەس ھالەتتە قايتىپ كەلدى ،
نۇرىمان ئىرىنىڭ كۈزىگە قاراپلا ئۇنىڭ يىغلىغانلىقنى سىزىپ قالدىدە ئاچچققى ئاللا قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كىتىپ ئىچى ئاغرىپ يۈرىگى ئېچىشىپ كەتتى ،دەرھال يۈگۈرۈپ قەدىرداننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى يۈلىدى ،ئايالىنى بەش قۇلدەك چۈشىنىدىغان قەدىردان نۇرىماننىڭ ئۇخلىماي ئۈزىنى ساقلايدىغىنىنى بىلسىمۇ لىكىن نۇرىماننى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىغا چىقىقىشىنى ئۇيلىمىغان ئىدى ، ئۇ نۇرىماننىڭ چىرايىدىكى ئىچ ئاغرىتىش مىھرىبانلىق ھېسياتىنى كۈرۈپ ئۈزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى ، ئەر- ئايال ئىككىسى بىر-بىرىگە يۈلۈنۈپ ئۇلتۇرۇپ ھارغىچە يىغلىدى ،
"مىنى كەچۈرۈڭ نۇرىمان سىزگە بالىمىزغا يۈز كىلەلمەيمەن ، بىز يەنە بالىلىق بۇلالايمىز ،بىراق مىنىڭ ئاپام پەقەت بىرلا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمۇ نۇرمال بولمىغاندىكىن...."
" مەيىلى "دەۋەتتى نۇرىما قەدىرداننىڭ گىپىنى ئاڭلاۋىرىشكە تاقەت قىلالماي ،ھەممە دەرت – ئەلەمنى ئۈزىلا تارتىشقا ئادەتلەنگەن بۇ ئاق كۈڭۈل ئايال يەنە ئىرىنىڭ ئازابلىق كۆز ياشلىرى ئالدىدا ئۈزىنى ئۇنتۇدى ئىرىنىڭ كۆز يېشى ئۈنىڭ يۈرەك باغرىنى ئىزىۋەتكەن ئىدى ،"مەيلى ئۈزىىڭىزنى بۇنداق قىينىماڭ، بۇ بالىنىڭ تەقدىرى مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بوپتۇ ،ئەتىلە دۇختۇرخانىغا بارايلى ".
نۇرىمان بالىسنىڭ ئىنتايىن نۇرمال ھەتتا ھەرقانداق بالىدىنمۇ نۇرمال ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ،ھېلىقى كۈنى دۇختۇرخانىدىن كەتكەندىن كىيىن نۇرىمان ئىش ئارلىقىدا يەنە رۇخسەت سۇراپباشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرەتكەن بۇلۇپ دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئەمدىلا قىرىق نەچچە كۈنلۈك
   بولغان ھامىلىگە نىسبەتەن ئيتقاندا نۇرىماننىڭ قۇرسىقىدىكى ھامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنتايىن ياخىشى دىيىشكە بۇلاتتى ،بىراق نۇرىمان بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خۇشال بولغان بولسىمۇ ئىرىگە ئيتالمىدى ،ئىيتسا قانداق بۇلماقچى ، قەدىرداننىڭ ئانىسىنىڭ يالغانچىلىق ئاشكارا
بۇلۇپ ئانا – بالا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىدۇ ،ئۇنى ئازدەپ پاتەمخان نۇرىمانغا تېخىمۇ ئۆچ بولىدۇ قەدىرداننىڭ مۇئامىلىسى يەنە قانداق بۇلا ؟ئۇ ئاپىسى بىلەن خۇتۇنى ئۇتتۇرىسدا قىسىلپ يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرە ، مۇشۇ ئىشلار نۇرىماننىڭ كۆز ئالدىدا قاتار تىزىلىپ ئۇنى ئەينى ئەھۋالنى  ئېرىگە دىيىشتىن تۇسۇپ تۇراتتى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 01:17 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 01:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بۈگۈن يەنە بىر بۆلەك ئوقۇۋالدىم . ھارمىغايسىز، پوۋىسىتىڭىز شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ . ئوقۇپ ئوقۇپ قانمايۋاتىمەن ..................... تەشنالىق ............ قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىگەي . ۋاقىت چىقىرىپ بىزنى يېڭى بىر ھايات كارتىنىسى بىلەن ئۇچىراشتۇرۇپ بىزگە مەنىۋى جەھەتتە ئىبىرەت تەربىيە قىلغانلىقىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . خىزمەت بېسىمى ، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىر مۇشۇنداق كۈنلىرىدە بىزنىڭ ئىنكاس يازغىدەك ۋاقتىمىزمۇ چىقمايدۇ .

سىرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 01:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا زوق ئاتا قىلىپ ، مەنىلىك ھايات كارتىنسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتقان بارلىق قەلەمكەشلىرىمىزگە راستىنلا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ئۇلارنىڭ تېنىغا ئۇلۇغ ئاللادىن سالامەتلىك  تىلەش بىلەن قەلەم تۇلپارلىرىنىڭ ھارماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

سىرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8918 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 03:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزگە مۇۋەپەقىيەت تىلەيمەن،ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 04:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  داۋامىنى ئوقۇشقا ئالدىراۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88037
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 05:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ،داۋامىغا تەشنامەن ،جاپا چەكتىڭىز ،

تېلفۇنۇڭنىڭ سايراۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭدا سەن بىلەن مەلۇم كىشى ئالاقە قىلماقچى بولغانلىقى جەزمەن. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئاڭلىغىنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولىدۇ. بىلگىنكى، ئەھمىيەت بەرگىنىڭگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 11:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر قەلەملىرىڭز دائىم تەۋرىنىپ تۇرسۇن يۇلتۇزۇم......سىز يۇلتۇزلار ئچىدىكى ئەڭ نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزى سىز......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78208
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4484
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 12:47:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز.
رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى يوققۇ ؟؟؟ شۇنداق ئۈمۈد بىلەن كىرگەن ئىدىم  

سىرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:20:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulal27 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-25 11:05 AM
تېخى يوققۇ ؟؟؟ شۇنداق ئۈمۈد بىلەن كىرگەن ئىدىم

چۈشتىن كىيين يوللايمەن قەدىرلىك.

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش