مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: يولتۇز

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 10:12:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رھمەت سىزگە ، شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ . ئەسىرىڭىزگە ئاشىقلا بولدۇم ................. داۋامىنى ساقلايمەن . قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ .

سىرداش

ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:43:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختىماي ئوقۇۋېتىپتىمەن ،داۋامىغا تەشنا بىز  تىزرەك يوللاڭ رەھمەت

تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 01:32:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرىماننىڭ يۈزىگە چۈشكەن سېرىق داغلار ئۇنى نەچچە ياش قېرىتىۋەتكەن ، چىرايلىق قوي كۆزلىرى ئۇلتۇرۇشۇپ تېخىمۇ ئۇرۇقلاپ كەتكەن بۇلۇپ نەچچە يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەك بوپ قالغان ئىدى ۋاي ئىسىت ۋاي ئىست ،مەن نىمە دىگەن يارىماس ، مەنمۇ ئەر بولدۇممۇ ؟بىچارە مىنى دەپ تۇي قىلغاندىن بىرى ئانامنىڭ شۇنچە خۇرلاشلىرىغا ئۈن – تۈنسىز چىداپ كەلدى ، مانا ئەمدى بۇلار ئاز كەپ قالغاندەك ئۆز بالامغىمۇ ئىگە بۇلالماي ئۇنى مۇشۇنداق ئىېغىر ئازاپقا دۇچار قىلدىم ،نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق ئەقلىمنى تاپمىغاندىمەن " قەدىردان ھۇشسىز ياتقان ئايالىغا قاراپ ئىچى سىرىلىپ تۇختىماستىن شۇنداپىچىرلايتتى ،بىر چاغدا نۇرىمان ئاستا كۈزىنى ئاچتى ،يېنىدا ئۈزىگە قاراپ ئولتۇرغان قەدىردانغا قاراپ مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى .
قانداقراق تۇرىسىز ؟ بىررەر يىرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟ دوختۇرنى چاقىرايمۇ ؟
ياق بۇلدى چاقىرماڭ ، ئايال كىشى دىگەن مۇشۇنداق ئاجىز كىلىدىكەنمىز ،كىچىككىنە ئاغرىققىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ، بايا دوختۇرخانىنى بېشىمغا كىيىپتىمەن سىزنى ئەنسىرىتىپ ، خىجىل بۇلىۋاتىمەن ، ھازىر ياخشى بوپ قالدىم .
شۇڭا بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ ، ئەزەلدىن قەدىرداننى ھەممىدىن مۇھىم ئۇرۇندا قۇيۇپ ئادەتلەنگەن بۇ ئاق كۈڭۈل قىز ئون جېنىنىڭ بىرى قالغان شۇ مىنۇتلادىمۇ ئىرىنى ئاياۋاتاتتى .
ئايالىنى بەش بارماقتەك چۈشىنىدىغان قەدىردانمۇ بۇنى ھېس قىلىپ يەتتى ئەلۋەتتە.
بۇلىدى ھېچنىمە دىمەڭ ، يېتىپ ئۇبدان ئارام ئېلىڭ ،ھازىر مەن ھەرنىمە دىسەممۇ ، سىزنىڭ تارتقان ئازابلىرىڭىزنىڭ ئۇرنىنى تولدۇرالمايمەن ،ئاپامنىڭ سىزگە قىلغان يۇلسىزلىقلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇرنىدا سىزدىن كەچۈرۈم سۇرايمەن .سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم ، بىراق  شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىزنىڭ تىنىڭىز ئاغرىغان بولسا مىنىڭ يۈرۈگۈم ئاغرىدى ، شۇ چاغدا ئۆز – ئۈزۈمگە" ئەمدى ئايالىمنىڭ كۈزىدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزمايمەن" دەپ ۋەدە قىلدىم .شۇڭا ئەمدى ھەركىتىم ئارقىلىق بۇنى سىزگە ئىسپاتلاپ بىرىمەن ،ماڭا ئىشىنىڭ .ئارىمىزدا مۇھەببەت بولسىلا باشقا قىيىنچىلىق
ھېچ گەپ ئەمەس ، شۇڭا ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ئۇبدان خەۋەر  ئىلىپ
سالامەتلىكىڭىزنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش .
نىمىلەرنى دەيدىغانسىز قەدىردان مەن ھېچقاچان سىزدىن ئاغرىنىپ باقمىغان ھەم ئاغرىنمايمەن ،
ئاپامدىنمۇ ھەم بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئىش ئۆتمىگەن ، تۇرمۇش تەجىربىمىز كەمچىل ، چوڭلارنىڭمۇ ئۇيلىغىنى بار ، ئاپاممۇ بىزگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ ،مانا سالامەت تۇرۇپتىمەنغۇ ، تىنىم سالامەت بولسىلا بىز يەنە بالىلىق بۇلالايمىز ئەمەسمۇ، شۇڭا سىزمۇ ئەمدى بۇنداق قالايمىقان ئۇيلاردا بۇلۇپ ئۈزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ .ئىككىمىزنىڭ ئۇتتۇرىسىدا كەچۈرۈم سۇراش ھاجەت ئەمەس ،ماڭ ھەقىقى كۈيۈنسىڭىزلا مەن شۇنىڭغا رازىى.
"ئىش بەرىبىر ئۈتۈپ بولدى بالمدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم ، ئەمدى بۇ ئازابنى ئۈزۈملا تارتاي ، ياخشى
كۆرگەن ئادىممىمنى بۇنداق قىيناپ تەڭقىسلىقتا قۇيۇپ نىمەن قىلامەن ،تەقدىر پىشانەم شۇنداق ئوخشايدۇ "دەپ ئۇيلىدى ئىرىنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ يۈرىگى ئېچىشقان نۇرىمان .
قەدىردان ئاق كۈڭۈل نۇرىماننىڭ  بارچە ئازابنى ئۈزى تارتىشقا رازىكى ئىرىنىمۇ تەڭ بۇ ئازابقا سۆرەپ كىرىپ ئۇنىڭ بېسمىنى يۈكىنى ئېغىرلىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى  بىلەتتى  .شۇڭا نۇرىماننىڭ گەپ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كىرپىكلىرى نەملەندى، تەنلىرى قۇرۇلۇپ ئۈزىنى نۇرىماننىڭ ئالدىدا تېخىمۇ كىچىكلەپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ بىئارام بولدى .
شۇ كۈندىن تارتىپ تاكى نۇرىمان دۇختۇردىن چىققۇچە قەدىردان بىركۈنمۇ ئايرىلماي ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى ، ھەتتا ھاجەتكىمۇ كۈتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى ، قۇۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى تۇختىماي يىگۈزۈپ ئۇبدان كۈتكەچە نۇرىماننىڭ سالامەتلىگىمۇ ناھايىتى تىزلا ئەسلىگە كىلىپ ئاخىرى دوختۇرخانىدىنمۇ چىقتى. ئۇلار رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بۇلۇپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن تاكسىغا ئۇلتۇردى .
بۇ ئۆيگە بارىدىغان يۇل ئەمەسقۇ ؟
شۇنداق بۇ ئۆيگە بارىدىغان يۇل ئەمەس بىراق بۇ ئۈزىمىزنىڭ ئۈيىگە بارىدىغان يول .
بۇ نىمە دىگىنىڭىز مەن ھېچ چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ ؟
ھازىلا چۈشۈنۈپ قالىسز.
تاكسى يېڭىدىن سېلىنغان ئۇلتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگەكىرىپ 11- بىنانىڭ ئالدىدا تۇختىدى ،قەدىردان شۇپۇرغا كىرا ھەققىنى بىرىپ يولغا سېلىۋەتكەندىن كىيىن ھەيرانلىق بىلەن ئۈزىگە تىكىلىپ تۇرغان نۇرىماننى كۈتىرىۋالدى .
ھەي نىمە قىلىۋاتىسىز ئۈزۈم ماڭالايدىغان تۇرسام خەق كۆرسە سەت ئەمەسمۇ ؟
نىمسى سەت بولىدىكەن سىز دىگەن مىنىڭ ئايالىم ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىلا دوختۇردىن چىقتىڭىز ،
تىنىڭىز ئاجىز ئالتىنچى قەۋەتكە چىقىپ بۇلالمايسىز .
قەدىردان شۇنداق دىگەچ نۇرىماننىڭ ئۇنىمىغىنىغا قۇيماي كۈتۈرۈپ ئۆيگىچە ئېپ چىقتى .
قىېنى مەرھەمەت بۇ بىزنىڭ يېڭى ئۈيىمىز سىز بۇ ئۆينىڭ ئايال خۇجايىنى ، سز دوختۇرخانىدا ياتقان دەسلەپكى كۈنلەردە سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارالمىدىم ، ئاپامغا گەپ چۈشەندۈرەلمەي ئىچىم سىقىلىپ
ئىدارىدىن دوسلۇرۇمدىن قەرىز ئېلىپ بۇ ئۆينى ئالدىم ، ئۆي كۈچۈرۈش مەركىزىدىكىلەرنى چاقىرىپ كۈچۈرگۈزدۈم ، يەنە ئۈزۈم بىر قوللۇق رەتلەپ تازىلاپ چىقتىم ، قانداق سىزگە يارىدىمۇ ؟
يارىدى ئەلۋەتتە يارىدى .
نۇرىمانغا نىسبەتەن بۇ ئۆي ئەركىنلىكتىن دىرەك بىرەتتى ، ئەمدى بۇ ئۆيدە ئۇنىڭغا ئارلىشىۋالىدىغان سۇ ئىچسىمۇ چىرايىغا قاراپ تۇرىدىغان قېيىن ئانىسى يۇق ،ھەر ۋاقت ئۈزى ئامراق تاماقلارنى ئىتىپ ئەر – ئايال ئىككسى دەرقەمدە ئۇلتۇرۇپ يىيەلەيدۇ .ئۇيقۇسى كەلگەندە ئۇخلاپ تۇرغۇسى كەلگەندە تۇرالايدۇ . بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن زۇر خۇشاللىق دە .نۇرىماننىڭ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتكەن چىرايى بىردىن يەنەغەمكىن تۈس ئالدى .
ئاپاملار نىمە دىدى ؟ راستىنلا بۇ ئۆيگە كۈچىشىمىزگە قۇشۇلدىما ؟ خاپا بۇلمىدىما ؟
ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ ، سىز بۇ ئۆيدە خاتىرجەم تۇرۇڭ ، قالغان ئىشلارغا باش قاتۇرماڭ ،ئۈزۈم
ئۇڭشايمەن .
دىمەك بۇ ئۆينى ئاپاملار ئۇقمايدىكەن دە ؟
شۇنداق بىلمەيدۇ ،  بىلسە يەنە بىزگە ئارامچىلىق يۇق تۇغۇ چىللىماستا كىلىپ ئىشىكنى ئۇرغىلى تۇرسا بىز قانداق ياشايمىز ، ئۇنداق تۇرمۇشتىن سىز ئەمەس مەنمۇ بۇرۇنلا بىزار بۇلغانمەن .شۇڭا ئاپاملارنى كۈچۈپ كىتىڭلار دىسەم قەتئى ئۇنىماي تۇرىۋالدى ،شۇڭا ئەمىسە بىز كۈچۈپ كىتەيلى دەپ بۇ ئۆينى ئالدىم .شۇڭا سىز باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرىمەي ئەمدى خاتىرجەم ياشاپ ئۆز ئۈيىڭىزنىڭ راھىتىنى كۈرۈشكە تەييارلىق قىلىڭ .
قەدىردان ئاپىسىغا ئايرىم تۇرۇش ئۇيىنى ئيتقاندا ئاڭلىغان تىلى ھاقارەتلىرىنى " بۇئۆينى مەن ساڭا ئېىلىپ بەرگەن ئايرىم تۇرىمىز دىسەڭ پۇلىنى تۆلە ، ئانا – بالىلىقتىن كەچ "دىگەندەك كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان گەپ –سۆزلەرنى نۇرىمانغا ئىيتمىغان بولسىمۇ بىراق قىېين ئانىسىنى خېلى چۈشۈنۈپ قالغان  نۇرىمان بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى بىلەتتى .
بۇ ئۆيغۇ ھەقىقەتەن ياخشىكەن ،مىنى ئۇيلاپ كۆپ جاپا چىكىپسىز ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم ،بىراق ئاپام ئەمدى ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بوپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن .
ۋاي – ۋۇي نۇرىمان بىرەر قىېتىم بولسىمۇ ئۈزىڭىزنى ئۇيلاپ قۇيسىڭىز نىمەن بۇلا ، ئاپام ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن كۈنۈپ قالدۇ ، كايىپ كەتسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالساقلا ئۈتۈپ كىتىدۇ . شۇڭا ئەنسىرىمەڭ بۇلامدۇ ئىككىمىز ياخشى ئۆتسەكلا قالغان ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق.
شۇنداق قىلىپ نۇرىماننىڭ يېڭى ئۆيدىكى تۇرمۇشى باشلاندى ،بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇياكى جەننەت بۇ خىل ھېسيات نىمەن دىگەن ياخشى ھە ؟ ئۇ ھەركۈنى ئۆينى چىنىدەك تازىلاپ ئىرى ئامراق تاماقلارنى ئىتىپ ساقلىسا قەدىردان رازىمەنلىك بىلەن" بەك ئوخشاپتۇ  رەھمەت خۇتۇن " دەپ يەيدۇ ،قانداق كىينگۈسى، ياسانغۇسى كەلسە شۇنداق كىيىنىپ ياسىنالايدۇ ،كۆز ئالايتىپ ئاچچىق گەپ قىلىۋالىدىغان ئادەم يۇق .ئىشتىن چۈشكەندە دۇسلىرىنى ئۇچرىتىپ قالسا يۈرەكلىك ھالدا بىردەم يېرىم

دەم مۇڭدىشىپ تۇرالايدۇ ،بۇرۇنقىدەك سائەتكە قاراپ تۇرۇپ سۇراققا تارتىدىغان ئادەم يۇق .ئەركىنلىككە نىمە يەتسۇن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 04:00 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 01:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈش،كۈتۈش،جىمجىتلىق ئىچىدە كۈتۈش

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5111
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 03:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 06:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچكىپ كەلگەن بوسمۇ لىكىن يەنىلا بەخىتتە........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 06:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق بۇ بەخىت مەڭگۈلۈك بۇلارمۇ....ئۆتكۈنچە بەخىت بوپ قالماسلىقنى ئۈمۈت قىلمەن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 07:10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈنلىرى شۇنچە خاتىرجەم شۇنچە ئىناق ئۈتىۋاتقان بۇلسىمۇ نۇرىماننىڭ كۆڭلىنىڭ بىريەرلىرىگە
بىر غەم قايغۇ يۇشۇرۇنغان ،قانداقتۇر بىر يۇشۇرۇن خەۋىپ ئۈزىگە يېقىنلىشىۋاتقاندەك بۇلۇپ بىئارام بۇلاتتى .
ئۇ قەدىرداننى قايىل قىلپ قېين ئاپىنىسىڭ ئۈيىگە سوۋغا سالاملارنى ئېلىپ بىرقانچە قېتىم بارغان
بۇلسىمۇ ئەمما ئىرىشكىنى يەنىلا تىل ھاقارەت ، قاغىش بولدى .
پاتەمخان بالىنى ئالدۇرۋېتىپ بىر ئامال قىلىپ ئۇغلىنى نۇرىماندىن يىراقلاشتۇرۇپ ئارىغا سۇغۇقچىلىق سېلىپ ئۇلارنى ئاجراشتۇرىۋېتىپ ئۇغلىغا باي خۇشنىسىنىڭ قىزى پەزىلەتنى ئېلىپ بەرمەكچى ئىدى،
بىراق كىم بىلسۇن بالىنى ئالدۇرۋېتىش بىلەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن قەدىردان دوختۇرخانىدا شۇنچە خەقنىڭ كۈزىچىلا پاتەمخانغا ۋارقىراپ خۇتۇنى تەرەپكە ئۈتىۋالغاننى ئاز دەپ ئايرىم تۇرىمىز دەپ جىدەل قىلىپ ئۇنىمىغىنىغا قۇيماي ئۆي ئايرىپ چىقىۋالدى ،ھەتتا تۇرىۋاتقان ئۈيىنىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ ئېيتىپ بەرمىدى ، مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بۇ ئابرۇيپەرەس نائەھلى خۇتۇن  "ئاپام "دەپ ھۆرمىتىنى قىلىپ يۇقلاپ كەلگەن ئۇغلى بىلەن كىلىنىنى ئېغىزغا ئالغۇسز سەت گەپلار بىلەن تىللاپ ئۆيدىن قۇغلاپ چىقاردى .
بەزىدە قەدىرداننى قانداق جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغانلىرىنى، تارتقان جاپالىرىنى پەش قىلىپ يىغلاپ
سۆزلەش ئارقىلىق قەدىرداننى ۋىجدان ئازابى تارتقۇزماقچى بولسا بەزىدە "مىنى ئاپام دىسەڭ ئاجراش"دەپ قىستىدى ،شۇنداق قىلىپ ئارىدىن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى ،پاتەمخان ئۇغلىدىن ئۈمۈد كۈتىۋېرىپ زىرىكتى بولغاي باشقىچە ئامال تاپماقچى بولدى ،ئىلگىرى نۇرىمان ئۆيگە چىللىسمۇ بارغىلى ئۇنىمىغان پاتەمخان ئەمدى پايلاقچىدەك كەينىگە چۈشۈپ ئۈيىنى بىلىۋالدى ،ئۇنىڭ مەقسىدى
بىر ئاماللارنى قىلىپ نۇرىمانغا قارا چاپلاپ ئۇنى قەدىرداننىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىش ئىدى ،
شۇڭا ھەركۈنى نۇرىماننى پايلاپ ئۇنىڭ ئىدارىدە قايسى ئەر كىشى بىلەن يېقىن ياكى كىم بىلەن قايتىش يۇلى بىر دىگەندەكلەرگە دىققەت قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇرىماننىڭ ئىدارىسىدىن ئالما تارقاتتى ،ئىدارىنىڭ شۇپۇرى ئالمىنى نۇرىمانىنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردى .
ئۈيىڭىزگە ئېپ چىقالامسىز بولمىسا مەن ئېلىپ چىقىپ بىرەي .
بولدى رەھمەت ئۈزۈم ئېلىپ چىقاي .
ئىككەيلەن شۇنداق تارتىشىپ تۇرغاندا پاتەمخان قەدىردانغا تىلغۇن بەردى .
ئۇغلۇم سىنى مەندىن تاندۇرغان خۇتۇنۇڭ بۇ يەردە بىر ئەركىشى بىلەن تارتىشىپ يۈرىدۇ ،ئىشەنمىسەڭ دەرھال ئۈيۈڭگە كىلىپ قاراپ باق دەپلا تىلغۇننى قۇيىۋەتتى .
قەدىردان بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئۈيىگەقاراپ يولغا چىقتى .
سىز شۇنچە ئۇرۇق كۈچىڭىزمۇ بولمىسا نەچچە ساندۇق ئالمىنى ئۈزىڭىز يالغۇز كۈتىرەلمەيسىز يەنىلا مەئاچىقىپ بىرەي .
ماقۇل ئەمىسە مۇنداق بولسۇن مەن بۇ بىر ساقدۇقنى ئېلىپ چىقىپ قاراپ باقاي ئەگەر يۇلدۇشۇم ئۆيدە بولسا ئۇ چۈشۈپ قالغانلىرىنى ئېلىۋالسۇن بولمىسا سىزنى چاقىراي .
ماقۇل ئەمىسە مەن پەستە ساقلاپ تۇراي،
ئالاھەزەل 10مىنۇتلاردىن كىين نۇرىماننىڭ دەرىزدىن ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
يولدۇشۇم ئۆيدە يۇقكەن چىقىڭ ئەمىسە .
بۇ تۇغرا كەپ قېلىشنى دىمەيسىز دەل شۇچاغدا قەدىردان  بىنانىڭ ئالدىغا كىلەيلا دىگەن بۇلۇپ
نۇرىماننىڭ " يولدۇشۇم ئۆيدە يۇقكەن چىقىڭ ئەمىسە ''دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى ،پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان پاتەمخان يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئۇغلىنىڭ يېنىغا كەلدى دە " كۆردۈڭمۇ شۇڭا مەن سىنى ئۇنىڭدىن يىراق تۇر دىسەم ۋاي دەپ كەتتىڭ، سىنى ئازابلانمىسۇن ئىش چىقىرىپ قويمىسۇن دەپ ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى دىمىگەن مەن "دىدى قەدىرداننىڭ قۇرسىقىنى كۈپۈرۈپ .
بولدى قىلىڭ ئاپا مەن ھازىرلا چىقىپ  بۇ ئىشنى ئېنىقلايمەن .
ياق چىقساڭ بولمايدۇ ، سىنىڭ قېنىڭ قىززىق ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارنى سەن كۆرسەڭ چىدىيالماي بىرەر ئىش تېرىپ قويساڭ قانداق قىلىمەن .
ياق مەن چىقىپ بۇ ئىشنىڭ راس يالغىنىنى ئېنىقلىمىسام بولمايدۇ .
ۋاي ۋۇي نىمىسنى ئېنىقلايسەن ، چىقساڭمۇ بەرىبىر ئۇ يەنە شۇ تۈگىمەس باھانىلەرنى تۇقۇپ" بۇ مىنىڭ خىزمەتدېشىم ، ماڭا ياردەملىشىپ ئۈيۈمگە ساندۇق ئېچىقىشىپ بەردى ...."دىگەندەك بىر تالاي باھانىلەرنى تۇقۇپ سىنى ئالدايدۇ شۇ ، يۈر كىتەيلى كەچتە ئاچچىقىڭ بېسىلغاندا ئاندىن ئۇنىڭدىن
ئوبدانراق سۇراپ باقساڭمۇ كىچىكمەيسەن .
پاتەمخان شۇنداق دىدى دە قەدىرداننى سۆرەشتۈرۈپ دىگۈدەك ئېىلپ كەتتى ،ئۇ بۇيەردە تۇرىۋەرسە ئىشنىڭ ئاشكارىنىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى .
بالام سەن بىلمەيسەن ئىلگىرى سەن كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەندىمۇ بۇ ئىشلار بىرنەچچە قېتىم يۈز بەرگەن ،سەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەچكە مەن بۇ گەپلەرنى ساڭا دىيەلمىدىم بىراق دىمەي دىسەم سەن مىنىڭ ئوغلۇم قاراپ تۇرۇپ سىنىڭ يۈزۈڭگەقاراسۈركىسە مەن چىداپ تۇرالامدىم ،مىنىڭچە ئۇ بالىمۇ سىنىڭ بالاڭ ئەمەس بوممىسا نۇرىمان ئالدۇرىۋىتىشكە شۇنداق ئاسان ماقۇل بۇلامتى ؟ قايسى
بىر ئانا ئۆز بالىسىنى ئۆز قۇلى بىلەن نابۇت قىلىدۇ دەيسەن ،بالا دىگەن قۇساقتا پەيدا بولغاندىن
باشلاپ مىھرى بىلەن بۇلىدۇ ، پەقەت يۇلدىن چىققان ئاياللارلا ئاشۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلالايدۇ ،
مەن شۇ سىنىڭ ياپ – ياش تۇرۇپ مۇشۇنداق بۇزەك بولغۇنىڭغا چىدىيالماي ئايالىڭنى كۈزەتكەن ئىدىم قارىسام ئىككىسى دائىم بىللا يۈرۈيدۇ بىرنەچچە قېتىم ئىش ۋاقتىدىمۇ ئۇ ئەرنىڭ سىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقىۋاتقىنىنى كۆردۈم ،شۇنىڭ بىلەن گۇمانىم كۈچىيىپ بۈگۈن ئاخىرغىچە ئەگىشىپ كەلدىم
كىينكى ئىشلارنى ئۈزۈڭمۇ كۆردۈڭ ،ئەمدى ئۈزۈڭ ئۇبدانراق ئۇيلۇنۇپ كۆرەرسەن .
قەدىردان نۇرىماننىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى ھازىرمۇ ئىشەنگۈسى كەلمىدى بىراق " يۇلدۇشۇم ئۆيدە يۇقكەن چىقىڭ ئەمىسە " دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆز قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ
ئۇنىڭغا ئاپىسنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى راستەك تۇيغۇ بىرىۋاتاتتى . دىمىسىمۇ بالىنىڭ ئىشىدا نۇرىمان چىش يىرىپ بىر نەرسە دىمىدى گەرچە چىرايىدىن نارازىلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ ئەمما رايىشلىق بىلەن بالىنى ئالدۇرىۋىتىشكە قۇشۇلدى ،ھەتتا يەنە قىلچە ئاغرىنىش تۇيغۇسىدىمۇ بۇلمىدى ئەجەبا بۇ بۇلا راستىنلا ....ياق بۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس بۇ مۇمكىن ئەمەس نۇرىمان ئۇنداق قىلمايدۇ .
بىراق بايىقى ئىش زادى قانداق ئىش ؟ قەدىرداننىڭ كاللسىنى بىرمۇنچە قالايمىقان سۇئاللار چىرمىۋالدى .
قەدىردان كۇچىدا ساراڭدەك ئايلىنىپ كەچ كىرىپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالدى ،ئاللا قاچان قاراڭغۇ چۈشكەن بۇلۇپ ،كۇچىدىكى كىشىلەر ئالدىراشلىق بىلەن ئۆيلىرىگە مېڭىۋاتاتتى .
توۋا شۇنچە كەچ بوپ كەتسىمۇ ئۆيگە قايتمىسام نۇرىمان بىرەر تىلغۇنمۇ ئۇرۇپ قۇيمىدى ،راس ئۇ ئەزەلدىن كەچ قالسام ماڭا تىلغۇن ئۇرۇپ باقمىغان، پەقەت سائەت 10دىن كىين قالساملا ماڭا تىلغۇن ئۇرۇپ نەدىلىگىمنى سۇرايدۇ ،دىمەك ئۇ ماڭا راسلا كۈڭۈل بۆلمەيدىكەن .
كۈندە بۇ ۋاختا كەپ بۇلاتتى بۈگۈن قەدىردانغا نىمە بولغاندۇ تاماق سۇۋۇپمۇ قالدى .يولدا تۇنۇشلىرى ئۇچراپ قالغان بولسا پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىمۇ يا ،تىلغۇن ئۇرۇپ باقسام بۇلامۇ ؟ ئۇ بۇنداق ئىشنى بەك يامان كۆرىدۇ ، دائىم پالانى دوستۇمنىڭ ئايالى كەچكىچە ئۇنىڭ كۈزىگە كىرىۋالىدۇ  ،
ئەركىشى دىگەنگە ئازراق ئەركىنلىك بەرسە نىمە بوپتۇ  ، ھەدىسىلا سىز نەدە ؟ نىمە ئىش قلىۋاتىسز ؟نىمانچە كەلمەيسىز ؟قاچان كىلىسز دەپ تىلغۇن ئۇرىۋىرىدۇ ،ئۇنداق قىلسا  ئەر كشىنىڭ دوسلىرى ئالدىدا ئىناۋىتىمۇ بۇلمايدىكەن ھەممىمىز ئۇنى سايىماخۇن دەپ مازاق قىلىمىز  دەيتتى .
ئەگەر ئۇ دوسلىرى بىلەن ئۇلتۇرۇپ قالغان بولسا تىلغۇن قىلسام  ئاچچىقى كەپ قالارمۇ ؟
نۇرىمان ساقلاۋىرىپ سافادىلا ئۇخلاپ قالدى .
بىر چاغدا ئۇنىڭ تىلغۇنى سايراپ كەتتى .
قەدىردان نەدە سىز ؟ ئەجەپ كەلمەيسىزغۇ سائەت نەچچە بولدى .
نۇرىماننىڭ كۈيۈنۈپ سۇرىغان سۇئاللىرى ئۇنىڭغا خۇدددى سۇراق قىلغاندەك ئاڭلاندى بولغاي "مىنىڭ نەدىلىگىمنى سوراپ نىمە قىلىسەن ، مەن تىلغۇن ئۇرمىسام كارىڭ يۇق ئادەم تىلغۇن ئۇرۇپ قۇيسام ئەجەپ ۋاتىلداپ كەتتىڭغۇ ؟ "دەپ ۋارقىراپلا كەتتى .
ئەزەلدىن سىلى ئۆزلىرى دەپ سىلىق سىپايە گەپ – سۆزلەرنى ئىشلىتىپ كۆنگەن نۇرىمانغا ئىرىنىڭ بۇ قۇپاللىقى غەلىتىلا بىلىندى .
سىزگە نىم بولدى قەدىردان ماڭا نىمىشقا بۇنداق قۇپاللىق قىلىسىز ؟ سىز نەدە ئاۋال ئۆيگە كىلىڭ
ئاندىن ئۇبدان پاراڭلىشايلى .
بارمايمەن مىنىڭ ئۈيۈم يۇق ئۇنداق ئۆيگە مەن بارمايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 07:11 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23025
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:12:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشنالىق بىلەن كۈتىمەن ئاخىرىنى ........................ ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىردان شۇنداق دەپلا تىلغۇننى قۇيىۋەتتى . نۇرىمان ئۇنىڭ گەپ سۆزىنىڭ قۇلاشمىغىنىدىن
مەسلىگىنى بىلىپ تېخىمۇ ئەنسىرەپ قالدى، پەسكە چۈشۈپ ئىزدەپ باقماقچى بۇلۇپ ئىشكنى ئېچىشىغىلا قەدىرداننىڭ پەلەمپەيگە يۈلۈنۈپ ئۇلتۇرۇپ قالغىنىنى كۆردى .
قەدىردان ئەس ھۇشىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدە ھاراق ئىچكەن بۇلۇپ پۇت قۇلىنى باشقۇرالمايتتى ،
نۇرىمان ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆيىگە ئەكىرەلمەي ئامالسىز ئۇدۇل خۇشنىسىدىن ياردەم سۇرىدى .
تەلىيىگە ئۇدۇل خۇشنىسى ئەسسەت تىخى ئۇخلىمىغان بۇلۇپ قەدىرداننى يۈلەشتۈرۈپ ئۈيىگە
ئەكىرىپ قۇيدى .
مەسچىلىكتە بىر ئەرنىڭ ئۈزىنى كۈتۈرۈپ يۈرگىنىنى سەزگەن قەدىردان كۈندۈزدىكى ئىشلارنى
ئىسىگە ئېلىپ قالايمىقان سۆزلەشكە باشلىدى.
ئۇ ئەر كىم ؟ سىلەرنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار ؟ ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە نىمە قىلىدۇ ؟
تۇۋا نىمە دەيدىغانسىز قەدىردان ئۇ خۇشنىمىز ئەسئەتقۇ .
كەچۈرۈڭ ئەسئەت  قەدىردان مەسچىلىكتە قالايمىقان سۆزلەپ قۇيدى، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ .
ھېچقىسى يۇق ، چۈشىنىمەن ئەمىسە مەن چىقاي .
كەچۈرۈڭ دەپ كىتىپسەنغۇ ئەجەپ، ھە ؟ ئەمدى ئىدارەڭدىكىنى تاشلاپ خۇشناڭغا كۆچكەن
ئۇخشىمامسەن ،قانداق قايسى مەندىن نۇچىكەن ؟
قەدىرداننى تۇنىيالمايلا قالغان نۇرىمان ئۇنىڭ بۇ بولمىغۇر گەپلىرىدىن تاقىتى تاق بۇلۇپ ياتاق
ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ،قەدىران شۇنداق ئۆز ئۈزىگە سۆزلەپ يېتىپ  ئۇخلاپ قالدى .نۇرىمان ئىرىنىڭ
گەپلىرىنى كۆڭىلگە سىغدۇرالماي كىچىچە ئۇخىلىيالماي سەھەردە ئۇخلاپ قالدى.
قەدىردان سەھەردىلا ئۇيغۇنۇپ ئۈزىنىڭ كىيملىرىنىمۇ يەشمەي ئۇخلاپ قالغىنىنى نۇرىماننىڭ بولسا
كىرىسلۇدىلا ئۇخلاپ قالغىنىنى كۈرۈپ ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلەشكە تىرىشتىيۇ بىراق ئۈزىنى بىر
ئەرنىڭ كۈتۈرۈپ ئەكىرگىنىدىن باشقا ئىشلارنى ئەسلىيەلمىدى .
قارا بۇنى، بۇرۇن ھىس قىلماپتىكەنمەن، ئادەمگە كۈيۈمىمۇ يۇق، تېخى مەندىن سەسكىنىپ ياتاق
ئۆيدىمۇ ياتماي بۇيەردە يېتىۋالغىننى.
ئۇيقۇسى سەگەك نۇرىمان شەپىنى ئاڭلاپ قەدىرداننىڭ ئۇيغانغىنىنى كۈرۈپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك
چاندۇرماي ئۇنىڭ ئالدىغا باردى .
يەنە بىردەم ئۇخلىۋالسىڭىز بولمامدۇ ، ئاخشام كۆپ ئىچىپ قۇيۇپسىز، بىېشىڭىز ئاغرىۋاتقاندۇ
ھەقەچان، مەن ناشتىلىق تەييارلاپ ئاندىن سىزنى ئۇيغۇتاي يەنە بىردەم يېتىۋېلىڭ.
قەدىردان مەسچىلىكىدە نۇرىمانغا قاتتىق تەككىنى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىچە بىرنىمە دىيەلمەي گەپ
سۆزسىز ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
نۇرىمان ئاشخانىغا كىرىپ سۇ قاينىتىپ ئالدى بىلەن ھەسەل سۈيى تەييارلىغاچ .كۆڭلىدە "قەدىردانغا ئاخشام ئۇلتۇرغان يىرىدە بىرەر ئىش تەسىر قىلغان بۇلسا كېرەك ،بەلكىم ھازىر ئۇ گەپلىرى ئسىدە
يا با، يا يۇق ، خىجىل بولۇپ ماڭا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى ھەقاچان" دىگەنلەرنى ئۇيلىدى .
قېىنى ھەسەل سۈيى ئىچىۋېلىڭ .
نۇرىمان قاراپ تۇرۇپ ھەسەل سۈيىنى قەدىردانغا ئىچكۈزىۋېتىپ چىقىپ كەتتى .
تۇۋا كۈيۈنمەمدىكىن دىسە مۇشۇنداق قىلىۋاتقان كۈيۈنەمدىكىن دىسە نەدە تۇردىڭىز نىمە ئىش قىلدىڭىز دەپ سۇراپمۇ قۇيمىغان ؟ بۇ زادى قانداق ئايالدۇ ،ئۇ راسلا ماڭا ۋاپاسىزلىق يۈزسىزلىك قىلارمۇ ؟
مىنىڭچە ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ ئۇنىڭ ئەخلاقىدا مەسلە يۇق . لىكىن تۈنۈگۈنكى ئىش قانداق ئىشتۇ "يولدۇشۇم ئۆيدە يۇقكەن چىقىڭ ئەمىسە "بۇ گەپنى زادى قانداق چۈشەنسەم بۇلا .ئۇنىڭدىن سۇرىسام قانداق بۇلا ئەگەر ئۇنداق ئىش يۇق بوپ قالسا كۈلكىلىك ئىش قىلغان بولمامدىمەن، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۈزۈم كۈزۈتۈپ باقاي .
ئۇلار گەپ سۆزسىز ئۇلتۇرۇپ ناشتا قىلشىپ ئاندىن ھەرقايسسى ئۆز ئىشىغا مېڭىشتى . گەرچە كۈنلىرى بۇرۇنقىدەك ئۈتىۋاتقان بولسىم ئەمما ئىككىسىنىڭ گەپ سۆزلىرى ئازلاپ قالغان ئىدى ،بىراق ھەر
ئىككىسى بۇ ئىش تۇغرىسىدا بىرنىمە دىمىدى .
ئالمىنى نىمانچە كۆپ ئالدىڭىز ؟ سۇرىدى بىركۈنى قەدىردان .
ھە ئۇ ئالمىنى ئىدارىدىن تارقاتقان ئىدى سىزگە دەيمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
بۇنچە كۆپ ئالمىنى قانداق ئەكەلدىڭىز ماڭىمۇ تىلغۇن ئۇرماپسىز .
ئىدارىمىزنىڭ شۇپۇرى ئەكىلىشىپ ئۆيگىمۇ ئەكىرىپ بەردى .
نىمە؟ شۇنداقمۇ ؟ ئىدارىڭىزدىكى ئەرلەر سىزگە بەك كۈيىنىدىكەن ھە ؟
بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئەمدى ، خىزمەتداش بولغاندىن كىيىن ئۇنچىلىك ياردەم قىلسا نىمە بوپتۇ ؟
ياقەي قارىسام قاچانلا بىريەرگە بارسىڭىز ئۇ سىزنى مەخسۇس شۇپۇردەك ئاپىرىپ ئەكىلىدىكەن شۇڭا دەيمەن .
ۋاي – ۋۇي ئۇمىنىلا ئەمەس ھەممە ئادەمنى تۇشۇيدۇ . ئۇ باشلىقنىڭ مەخسۇس شۇپۇرى ئەمەس، ئىدارىدىكلەرنىڭ مەخسۇس ئىش بىجىرگىلى يېزىلارغا چىققاندا ئىشلىتىدىغان ماشىنا .سىز نىمىلەرنى ئۇيلاپ كەتتىڭىز ، ئۇ شۇپۇر يېقىندا ئىدارىمىزدىكى بىر قىز بىلەن تۇي قىلماقچى .
ھە مۇنداق دەڭ .
نۇرىماننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قەدىردان ئايالىدىن خاتا گۇمانلانغاندەك بۇلۇپ خىجىل بولدى
بىراق يەنىلا ئاپسىنىڭ سۆزلىرى ۋە" يولدۇشۇم ئۆيدە يۇقكەن چىقىڭ ئەمىسە"دىگەن ئاشۇ بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە توختىماي جاراڭلاپ ئارامىنى بۇزىۋاتاتتى . قەدىردان نۇرىمانغا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلەللمەي، يا بۇ ئىشنى بىرسىگە دىيەلمەي بىشى قېتىپ ،بارا بارا ئۆيگە ۋاقچە كىلىدىغان ھەتتا بەزىدە كىچىچە ھاراق ئىچىپ ئۆيگە كەلمەيدىغان، ھەدىسىلا نۇرىماننىڭ كەينىدىن پايلاقچىدەك يۈرىدىغان بۇلىۋالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراق ئىچىپ مەس بۇلىۋالسىلا خۇدىنى بىلمەي قالايمىقان ھاقارەت قىلىپ نۇرىماننىڭ دىلىغا ئازار بىرەتتى ھەتتا بىركۈنى نۇرىماننى قاتتىق ئۇردى .
پىلانلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىۋاتقىنىدىن مەمنۇن بۇلغان پاتەمخان بۇلسا توختىماستىن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ نۇرىماننى قارىلاپ ئۇغلىنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ ئاجرىشىشقا قىستايتتى .
قەدىردانغا زادى نىمە بۇلغاندۇ مەس بۇلسا باشقا بىر ئادەم ھاراق ئىچمىسە يەنە باشقا بىر ئادەم ،
ئۇ نىمىشقا ھەدىسىلا ماڭا قالايمىقان بۆھتان چاپلايدىغاندۇ ؟
نۇرىمان بۇ ئىشلارنى ئۇيلىغانسىرى كاللىسىدىن ئۆتمەي ئازابلىناتتى .
شۇنداق يۈرۈپ نۇرىمان ئىككىنچى بالىسغا ھامىلدار بۇلدى ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قەدىردان شۇنداق خۇشال بولدى ، ئۇ بەزىدە مەسچىلىكىدە نۇرىمانغا قۇپال تىگىپ قۇيۇپ ئەتىسى خىجىل بۇلۇپ
پۇشايمان قىلاتتى ، ساق ۋاقتىدا بىرنىمە دەي دىسە ئايالنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك ئەيىۋى يۇق دىمەي
دىسە كۆڭلىدە بىر تالاي گۇمان ، ئەگەر بەكرەك ئېيتىشسا ئۇ گۇمانلار  راس بۇپ قالسا
ئۆي بۇزۇلاتتى ، راس گەپنى قىلغاندا ئۇنىڭ نۇرىماندىن ئايرىلغۇسى يۇق ئىدى ."
ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات، ئەمدى ھاراق ئىچمەيمەن،  ئەمدى ئۈزۈمنى سەل بېسىۋالاي ئەقلىمنى تاپاي .
بەلكىم نۇرىمان راستىنلا پاكتۇ ، لىكىن ئاپام ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق قارا چاپلىماس قاراپ تۇرۇپ ،ھەي بولدىلا ئەتىنى ئۇيلاي ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرمىگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئىشىنەي بولدى .بۇ بىرجۈپنىڭ بەختىيار كۈنلىرى يەنە باشلاندى ، بىراق پاتەمخان ئولتۇرالماي قالدى ،ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك .
بۇ ئىككىسىنى ئايرىۋېتىش ئاسان ئەمەسكەن ئايلىخان قارىغاندا ئىككىمىز قۇدا بۇلالمايدىغان ئۇخشايمىز .دىدى پاتەمخان تەقدىرگەن تەن بەرمەكچى بۇلۇپ پەزىلەتنىڭ ئاپىسىغا .
ئەگەر سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن بىز بىلەن قۇدا بۇلۇشنى خالىسڭىز بۇ ئىشلارنى ئەمدى بىزگەقۇيۇپ
بىرىڭ .
قانداق دەيسىز ؟
ھازىرچە مەنمۇ بىلمەيمەن ،قىزىم بىلەن مەسلەھەتلىشىپ باقسام بۇلىدۇ ، گەپ سىزنىڭ خالاش خالىماسلىقىڭىزدا .
ئەلۋەتتە خالايمەن ، سىزدەك ئىسىل ئادەملەر بىلەن قۇدا بولماي كىم بىلەنمۇ قۇدا بۇلارمەن ئايلىخان .
ھەممسى مىنىڭ ئاشۇ ئەقىلسىز ئوغلۇمنىڭ ئەخمەقلىقىدىن بۇلدى ، ئۇمۇ شۇ شەيتان قىزنىڭ چىرايىغا ئالدىنىپ قالدى بۇلغاي ، بۇلمىسا ۋاي دىگۈدەك نەرى بار دەيسىز ئۇنىڭ .
بۇ گەپچە بىزنىڭ پەزىلەتنىڭ چىرايى ئۇغلىڭىزغا يارىماي قاپتۇ دە ؟
ۋاي- ياق ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن قاراڭ دۆتلۈگۈمنى خاتا سۆزلەپ قۇيۇپتىمەن .
بولدى بۇلدى ئەمىسە مۇشۇنداق پۈتۈشتۈق ،بۇ ئىشنى بىزگە قۇيۇپ بىرىڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 01:27 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش