مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: يولتۇز

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گاھى خۇشال كۈلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22657
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6727
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1976 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 07:09:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما

ئادەمسەن شەكسىز دۇر ئازماق ھەقىقەت، نىجادلىق ئىزدىسەڭ بار يەنە پۇرسەت تۆۋبىگە يېقىن بوپ ھۆرلۈك ئىزدىسەڭ   يىراقتۇرسىنىڭدىن بەلكىم ھالاكەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 07:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ZIBA02 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-2 07:09 PM
تۈگىدىما

ياق ئۇماق داۋامى بار تۈگەيلا دەپ قالدى . يېزىپ بۇلۇپ بىراقلا يۇللاي دەيمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 08:50:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇ.........جادۇ قېرى رۇڭ موماينىڭ ئۆزىكەنغۇبۇ

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 11:23:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭ ئاتتى ،كەچ بولدى ، قىش كەتتى ياز كەلدى دەپ يۈرۈپ ئادەملەر ئۆمۈر كىمىسىنىڭ نەدىن قوزغىلىپ نەگە كىلىپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قالىدىكەن ،كىشىلىك تۇرمۇش خۇددى پويىزغا چىققانغا ئوخشايدىكەن ،تۇرمۇشتىكى ھەمراھلىرىڭ پۇيىزدىكى سەپەرداشلىرىڭدەك بەزىلىرى ساڭا بىرمەزگىل ھەمراھ بۇلۇپ مەلۇم بىكەتتە چۈشۈپ قالىسا يەنە بەزىلىرى يېىڭىدىن سېپىڭگە قېتىلىپ تۇرمۇشۇڭغا سىڭىپ كىرىدىكەن ، زادى كىملەرنىڭ ساڭا ئاخىرغىچە ھەمراھ بۇلۇپ تۇرمۇش سەپىرىڭدە ساڭا ھەمدەم بۇلىدىغىنىنى بىلگىلى بۇلمايدىكەن ، قەدىردان بىلەن نۇرىمانلارنىڭ ئاجراشقىنىغىمۇ مانا بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى ،بۇ بىر يېرىم يىل جەريانىدا پاتەمخان ھەركۈنى دىگۈدەك ئوغلىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە پەزىلەت بىلەن قەدىرداننىڭ تۇيىنىڭ پارىڭىنى قىلىش بىلەن ئاۋارە ئۆتتى ،قەدىردان بولسا ھېچ ئۈزىگە كىلەلمەي ، نۇرىمان بىلەن ئۆتكەن كۈڭۈللۈك كۈنلىرىنى ئۇنتۇيالماي ، ئۇنىڭغا قىلغان ئەتكەنلىرىنى مىڭ پۇشايمان بىلەن ئەسلەپ ،"ھامان يارىشىۋالىمەنغۇ" دەپ نۇرىماندىن ئۈمۈدىنى ئۈزەلمەي ،يا باشقىسىغا كۈڭۈل بىرەلمەي ،خىزمەتكە خالىسا بىېرىپ خالىمىسا مەس ئەلەس يۈرۈش بىلەن ئۆتتى .
"ساڭا زادى نىم بولدى ؟ئىشلەمسەن يۇق ؟"دىدى بىركۈنى غەزەبلەنگەن ئىدارە باشلىقى قەدىرداننى ئشخانىسغا چاقىرتىپ .
سىنىڭ ئىش تاشلىغان ۋاقتىڭ 7ئايدىن ئېشىپ كىتىپتۇ ،كادىرلار ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سىنى ئىشتىن تۇختۇتۇش ئۇقتۇرىشنى چىقارماقچى بوپتىكەن ، لىكىن ئىدارە رەھبەرلىكى مۇناسىۋەتلىك
ناھىيە رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ سىنى ئىشتىن تۇختاتماسلىققا ئاران قايىل قىلدۇق ،بىراق سىنى كادىرلىقتىن ئىشچىلىققا چۈشۈراپ يېرىم يىل سىناقتا ئىشلىتىدىغان بولدى .ھازىر ناھىيىمىزگە يېڭىدىن يۈتكۈلۈپ كەلگەن ھاكىمنىڭ شۇپۇرى يۇقكەن ،سىنىڭ پىراۋاڭ بولغاندىكىن سىناق ۋاقتىڭ توشقىچە ھاكىمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان بولدۇڭ ، شۇڭا ئىشچى بوپ قالدىم دەپ مەيۈسلىنىپ كەتمە ، بۇ سەن ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت ،بىراق ئىسىڭدە بولسۇن، بىر ناھىيە رەھبىرىنىڭ ھاياتى  سىنىڭ قۇلۇڭدا دىيشكە بۇلىدۇ ، رەھبەرلىكنىڭ بۇ خىزمەتنى ساڭا تاپشۇرىشى ساڭا ئىشەنگەنلىكى  شۇڭا ئەمدى ھاراق ئىچسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ ،ئىدارە باشلىقى يەنە نۇرغۇن پەندى نەسىھەتلەرنى قىلىپ قەدىردانغا ئىزىپ ئىچۈگەندىن كىيىن ھاكىمنىڭ ماشىنىسىنىڭئاچقۇچىنى تۇتقۇزدى .
ماڭ ئەمدى يېڭى ھاكىمنىڭ ئشخانىسغا بېرىپ ئۈزۈڭنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇپ كەل ، ياق كەلمىسەڭمۇ بۇلىدۇ ، بۇندىن كىيىن شۇ ھاكىمنىڭ يېنىدا يۈرۈپ ئۈرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئىش قىل بۇ ئىدارىغا كەلمىسەڭمۇ بۇلىدۇ .
ماقۇل ئىدارە باشلىقى ئەمىسە مەن چىقاي .
قەدىردان باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن كۆڭلى يېرىم ھالدا چىقتى ، نۇرىماندىن ئايرىلغاننى ئاز دەپ ئەمدى خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغانلىقىنى بىلگەن قەدىردان ھەقىقەتەن چۈچۈگەن ئىدى. ئەمدى ھۇشۇمنى تاپاي ، بۇنداق ئۇزۈمنى تاشلىۋەتسەم كىين نۇرىماننىڭ ئالدىغا قانداق بارىمەن ، بۇنداق يۈرسەم ئۇ مىنى ھەرگىز ياراتمايدۇ ، ئەمدى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىزمىتمنى ياخشىى ئىشلەي ، شۇ لارنى ئۇيلىغاچ بىردەمدىلا ھاكىمنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەن قەدىردان ئاستا ئىشىكنى چەكتى .
ئىشخانا ئىچىدىن " كىرىڭ "دىگەن سىلىق ئاۋازنى ئاڭلىغان قەدرىدان قۇرۇنۇپراق ھاكىمىنىڭ ئىشخانىسغا كىردى .
ياخشىمۇ سىز ئىسكەندەر ھاكىم ! مەن سىزنىڭ شوپۇرىڭىز ، ئىسمىم قەدىردان .
"ھە قېنى ئۇلتۇرۇڭ ، مەنمۇ تېخى بايىلا سىز تۇغرۇلۇق تىلغۇن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم ، ياخشى بوپتۇ بۇندىن كىينكى خىزمەتلەردە  سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بۇلىمەن، جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز ."دىدى ياش ھاكىم تەكەللۇپ بىلەن .
ياقەي بۇ مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم ، ھەرگىز جاپا كۆرمەيمەن ، ئەمىسە باشقا ئىش بولمىسا ،مەن چىقاي ،ھەراس تىلغۇن نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويسام ئىش بولسا چاقىراسىز . قەدىردان شۇ گەپلەرنى دىگۈچە دۇدۇقلاپ كەتتى .
ھە ھە تۇغرا دەيسىز ، قېنى ئەمىسە بۇ يەرگە يېزىپ قۇيامسىز .
توۋا يا بىر ساقچىنىڭ ئالدىغا بارمىسام ھەجەپ تەمتىرەپ كەتتىما ناھىيە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى دىگەن ئادەمنى مۇشۇنداق سۈر باسقۇزامدىغاندۇ يا .
قەدىردان ھاكىمنىڭ ئىشخانسىدىن چىققاندىن كىيىن ئۇدۇل ئۈيىگە قاراپ ماڭدى .يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇنىڭ يانغۇنى سايراپ قالدى تىلغۇن ئىدارە باشلىقىدىن كەلگەن بۇلۇپ ، ئۇ ئادەم ئۈزىنىڭ قەدىرداننىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاپ قىلغان ياخشى ئىشنىڭ يامان نەتىجە بىرىشىدىن ئەنىسىرەپ قالدى بولغاي ،"ھە قەدىردان قانداق بولدى ؟"- دىدى ، ئالدىراپ تىلغۇن ئۇلىنىشىغىلا .
ھە ھازىرلا ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىشىم .
ئەمىسە دەرھال ئىشخانامغا كەل .
قەدىردان كەينىگە يېنىپ ئىدارىسىغا كەلدى .
قەدىردان بايا ساڭا دەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى دىدىم ، شۇنداقتىمۇ يەنە دەپ قۇياي ساڭا بۇ پۇرسەت
ئاسان كەلگەن ئەمەس ،مەن كادىرلار ئىدارىسىگە نەچچە كۈن قاتراپ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە يېلىنىپ يۈرۈپ سىنىڭ شىتاتىڭنى ئاران ساقلاپ قالدىم ،بۇنداق قىلىشىم پۈتۈنلەي سىنىڭ ئىلگىركى خىزمەت ئىپادەڭنىڭ ياخشىلىقىدىن بولغان ، كىمنىڭ بېشىغا كۈن كەلمەيدۇ دەيسەن ، ئاجراشتىم دەپلا ئۈزۈڭگە ئوخشىماي قالدىڭ ،ئىلگىرى ساڭا شۇنچە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلساممۇ سەن ھە  دە قۇيۇپ پەقەت ئاڭلمىدىڭ ،شۇنداقتىمۇ مەن قاراپ تۇرۇپ  سىنىڭ  ئىشتىن تۇختۇتۇلۇپ تۈمۈر تاۋاقتىن ئايرىلىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن ھازىر خىزمەت تاپماق تەس تۇرسا ،شۇڭا سەن بۇ پۇرسەتنى چۇقۇم قەدىرلىگىن ،يۈزۈمنى يەر قىلمىغىن ،سىنى يەنە ھاراق ئىچىۋېلىپ بىر كۈن كەلسە ئىككى كۈن يۇقاپ كىتىپ ھاكىمنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيامدىكىن دەپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم ..
خاتىرجەم بۇلۇڭ باشلىق ، بايا كۆپ ئويلاندىم ،ئەمدى ھۇشۇمنى تامىسام بولمغىدەك ، مىنىڭ غېمىمنى يەۋاتسڭىز قانداقمۇ يۈزىڭىزنى چۈشۈرمەي ، چۇقۇم ئۇبدان ئىشلەيمەن ،ماڭا ئىشىنىڭ . چۇقۇم يۈزىڭىزنى يۇرۇق قىلىپ سىزگە بولغان
رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
ياخشى ،ماڭا دەل مۇشۇ گىپىڭ لازىم ئىدى ،  ساڭا ئىشىنىمەن. ئوبدان ئىشلە.
قەدىردان باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىشىغىلا خىزمەتداشلىرى ئۇنى ئورىۋېلىشتى .
ھەي سىنى يېڭى ھاكىمنىڭ شوپۇرى بۇلىدىكەن دەيدىغۇ ؟
تەلىيىڭىز بار ئىكەن جۇمۇ ئۇكام ،ھاكىمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەش  دىگەن ئىستىقبالى بار ئىش ،
مۇناسىۋەتنى ياخشى ئورناتسىڭىز كىين ئۈسۈپ كىتىشىڭىز مۇمكىن .
ھەي ھەي ئۇ يېڭى ھاكىمنى بەكلا ياش دەيدۇغۇ ؟راسمىكەن .
شۇنداق ئاڭلىسام   36گە كىرىپتىمىش ،.
نىمە ؟ شۇنداق ياش تۇرۇپ ئەجەپ تىز ئۈسۈپتا بۇ ئاداش .
ئاڭلىسام ئۇ رەھبەر تاللاش ئىمتىھانىدىن ناھايىتى يۇقۇرى نەتىجە بىلەن ئۈتۈپ بالداقمۇ بالداق ئۆسكەنمىش ، بۇ قېتىممۇ شۇنداق ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ ئاندىن بىزنىڭ ناھىيەگە ھاكىم بوپتۇ دەيدۇ .
ھە قارىغاندا ئارقا ئىشىك بىلەن ئەمەس قۇساقتىكى ئۇماچقا تايىنىپ ئۈسۈپتۇ دە ؟ ھەي قەدىردان سەن كۈرۈشۈپ
كەلگەنسەن ؟ ئۇ زادى قانداقراق ئادەمكەن ؟
ھە بايىلا شۇ ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىدىن كىلىشىم ،ئىسمى ئسكەندەركەن ،ئۈزى كىلىشكەن گەپ سۆزلىرى شۇنداق مۇلايىم ،ئازراقمۇ كىبىرى يۇق ئادەمكەن ، شۇنداق تۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ شۇنداق  ھۇدۇقۇپ كەتتىم دىسە .سەتلىشىپ .
ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇ دە ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ دىگەن باشلىق تۇرسا .قەدىرداننىڭ خىزمەدداشلىرى شۇنداق
ھەرخىل پەرەزلىرى بىلەن بۇ يېڭى ھاكىمنى بىردەم مۇلاھىزە قىلىشپ ،قەدىردانغا تەلەي ئامەت تىلەشتى، ھەتتا بەزىلىرى " كىين ھاكىمنىڭ سايىسىدا ئۈسۈپ قالسا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق تۇغرىسىدا ئەسكەرتىش بىرىپمۇ ئۈلگۈردى .
قەدىردان بۇ يىڭى خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىپلا كەتتى .
ھەركۈنى ئىشقا كىلىپلا ماشنىنى پاكىزە سۈرتۈپ ،پارقىرىتىپ چاتاق بارمۇ يۇق تەكشۈرگەندىن كىين ماينى لىقلاپ
ھاكىمنىڭ بۇيرۇق بىرىشىگە تەييار بوپ تۇراتتى .لىكىن بۇ ھاكىم باشقا رەھبەرلەرگە ئۇخشاش ھەدىسىلا ماشىنىغا
ئۇلتۇرمايتتى ، شەھەرگە يىغىنغا بارسا ياكى يىراق يېزىلارغا خىزمەت تەكشۈرەشكە چىققاندىلا ماشىنا ئىشلىتەتتى ،
بەزى رەھبەرلەردەك تاللا بازىغا كۆكتات ئالغىلى بارسىمۇ ماشنا ئىشلىتىدىغان ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇي – تۈكۈن ،
نەزىر چىراقلارغا تۇشۇيدىغان ئادىتى ئەسلا يۇق ئىدى ، پەقەت شۇ بەزىدە بەك ئالدىراش بوپ كەتسە قەدىرداننى ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى دۇختۇرغا ئاپىرىپ ئەكىلىشكە ئەۋەتەتتى ، بۇ ياش ھاكىمنىڭ ئۈيىدە پەقەت بىر ئانىسىدىن باشقا ئۇرۇق تۇققىنى يۇق بۇلۇپ  ئانىسى بىلەن ئىكىكىسى يالغۇز تۇراتتى ، ياشىنىپ قالغان مۇماي ھەركۈنى دوختۇرغا بىرقېتىم قاتىراپ قەنت شىكىرىنى كونتىرۇل قىلىش ئۇكۇلى ئۇرغۇزاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا قەدىرداننى پۈتۈنلەي بىكار دىيىشكە بۇلاتتى ، بىكار
  چاغلىرىدا قەدىردان ئىشخانىسدا باشقا باشلىقلارنىڭ شوپۇرلىرى بىلەن ھەرخىل پاراڭلارنى قىلىش بىلەن كۈننى ئۆتكۈزەتتى .
--"  مىنى كىتاپخانا  ئالدىدا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ قايتىپ ئارام ئېلىڭ " دىدى بىركۈنى يېزىدىن خىزمەت تەكشۈرۈپ قايتىپ كىلەشىدە ياش ھاكىم قەدىردانغا .
ئەمىسە سائەت نەچچىلەردە ئالغىلى كىلەي ؟
كەلمسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ئۈزۈم قايتىمەن .
ماقۇل ئىش بولسا تىلغۇن ئۇرسىڭىزلا كىلەي ئەمىسە .
بۇلىدۇ ،خوش يولدا دىققەت قىلىڭ .
ماقۇل ھاكىم خۇش ئەمىسە .
ياش ھاكىم ماشىنىدىن چۈشۈپ  كىتاپخانىغا كىردى ، ھەپتە ئارلىقى بولغاچقىمىكىن ئۇيغۇرچە كىتاپلار گۇرۇپپىسىدا دەم ئېلىش كۈنىدىىكدەك ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى .
ياش ھاكىم ئەمدىلا كىتاپ  جازىسىنىڭ ئالدىغا كىلىشگە كۆزلىرى  تارىخى رۇمانلار تىزىلغان كىتاپ جازىسى ئالدىدا كىتاپ
تاللاۋاتقان ئۇتتۇرا بويلۇق قىزنىڭ زامانغا لايىق ياسىتىۋالغان ، بىلىدىن ئېشىپ تۇرغان دولقۇنسىمان قۇندۇزدەك
قاپقارا چېچىغا چۈشتى .قۇلىقىغا كۆزنى چاقىدىغان ئۇتقاشتەك قىزىل ئۇزۇن ھالقا ئاسقان ، ئۇچىسىغا خۇتەننىڭ
خان ئەتلىسىدىن تىكىلگەن نۇسخىسى ئاددى ئەمما بەكمۇ ئىسكەتلىك گۇيا قىزنىڭ بەدىنىگە قېلىپتا قۇيغاندەك
ياراشقان كالتە يەڭ كۆينەك كىيگەن ئىنچىكە بەل ئەۋرىشىم بەدەنلىك بۇ قىز ياش ھاكىمنىڭ ئەقلىنى  ئۇغۇرلاپ
تۇرغان جايىدا بۇتتەك قاتۇرۇپ قويدى .ھاكىمنىڭ كۆزلىرىدە بىرخىل ھەۋەس (چاكىنا ھەۋەس ئەمەس ئەلۋەتتە )
كۆزلىرىنى خۇددى قىزغا باغلاپ قۇيغاندەك نەزىرىنى پەقەت باشقا تەرەپكە يۆتكىيەلمىدى .
قىز تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلىۋىدى ھاكىم ئىتتىك ئالدىدىكى كىتاپ جازىسىغا قارىۋالدى .
-  بۇ كىتاپلارغا تالۇن كىسىۋەتسىڭىز ..
قىزنىڭ ئاۋازى  خۇددى مۇزىكىدەك يېقىملىق ناخشىدەك جاراڭلىق ئىدى .ئۈزى شۇنداق چىرايلىق ئاۋازى ئۇنىڭدىن چىرايلىقكەن. ھاكىم قىزنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراشتىن ئۈزىنى ھەرقانچە تارتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ قۇيغان ئۆپكىدەك ئاپپاق پارقىراق ، قاش تىشىدىن سۈزۈك يۈزلىرى ، كۈمۈرنى پاتۇرۇپ قويغاندەك قاپقارا ئۇياتچان مەسۇمە  چوڭ قوي كۆزلىرى ، قاپقارا ئەگىم قاشلىرى داڭلىق چولپانلارنىڭكىدەك يارىشملىق ئېغىز بۇرنى ئاللاقاچان ھاكىمىنىڭ كۈڭۈل ئاپراتىغا ئۆچمەس بۇلۇپ ئورناپ كەتكەن ئىدى ،تالۇن يېزىلىۋاتقان كىتاپلار خېلىلا كۆپ بۇلۇپ قىز كىتاپلارنى پىركازچىك بەرگەن قارا سومكىغا سالدىدە ھىساۋات قىلىپ بۇلۇپ
چىقىپ كەتتى .ھاكىم خۇددى كىتاپخانىغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغاندەك قىزنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى ، قىز قۇلىدىكى كىتاپلارنى كۈتۈرۈپ بۇلالماي ھېلى ئۇڭ قۇلىغا ھېلى سول قۇلىغا يۆتكەيتتى . ھاكىم قىزغا يىتىشەيلا دەپ قالغاندا قىز يول بۇيىغا چىقىپلا تاكسىغا چۈشۈپ كىتىپ قالدى .
ھاكىم شۇ چاغدىلا ئەقىلگە كەلگەندەك بولۇپ كەينىگە ياندى .يائاللا يىتىشىپ قالغان بۇلسام ئۇنىڭغا نىمىمۇ
دەرئىدىم ،كەينىدىن پايلاقچىدەك ماڭغىنىم نىمىسى ،4يىلدىن بىرى كۆرگەن گۈزەللىرىم ئاز ئەمەس بىراق ھىچ 'بىرسىگە مۇنداقمۇ تەۋرەپ قۇيمىغان يۈرۈگۈم بۇ قىزنى كۈرۈش بىلەن ئەجەپ تىز سۇقۇپ ، شاش يىگىتلەردەك
ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭغۇزدى دىسە.
ھاكىم شۇ خىياللار بىلەن كىتاپخانىغ قايتىپ كىردى ،قىز تۇغرۇلۇق كۆپرەك ئۇچۇرغا ئىگە بولغۇسى كىلىپ
پىركازچىكتىن سۇرىدى.
-- بايىقى قىز ئۇقۇتقۇچى ئۇخشىمامدۇ ،ھەجەپ جىق كىتاپ ئاپتۇ ؟
-- ياقەي ئۇقىز تەشۋىقات بۈلىمىدە ئىشلەيدۇ قۇشۇمچە ئانچە – خەۋەرمۇ يېزىپ قۇيىدىكەن ،ئىختىيارى مۇخپىردەكچۇ.
ھە مۇنداق دەڭ ، بۇ گەپچە ئۇ بۇ يەرگە دائىم كىلىدىكەندە ؟
شۇنداق ئادەتتە كۈندە دىگۈدەك كىلىدۇ ،ھەپتە ئون كۈندە بىر كىلىپ بۈگۈنكىدەك يېڭى كىتاپلاردىن سېتىۋېلىپ
كىتىدۇ .
ھاكىمنىڭ يەنە نىمىلەرنىدۇ كوچىلاپ سۇرىغىسى بار ئىدى خىجىل بولدىمۇ قانداق ئاستا چىقىپ كەتتى .
كۆڭلىگە بىر ئىش كىرىۋالسا شۇنى ئايىقىغا ئېلىپ چىقمىغىچە كۈزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان بۇ ياش ھاكىمنىڭ
قۇلى ئىشقا بارماي ، تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالغان ئاشۇ قىز كۆز ئالدىدىن كەتمەي كىچىلەرنى تەستە تاڭغا ئۇلاپ ئۈچىنچى كۈنى كىتاپخانىغا يەنە كەلدى .
بۇ قېتىم قىز ئاق رەڭلىك كالتە كوپتىسىغا ماسلاشتۇرۇپ پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان، چېچىنى چوققىسغا تۈگىۋالغان پۇتىغا قارا ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغان بۇلۇپ خۇددى ئىگىز بويلۇق مودىللارغا ئۇخشاپ قالغان ئىدى ،ياراشتۇرۇپ قىلغان سۇس گىرىمى كىينملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ تاقىۋالغان زىبۇ – زىننەتلىرى ھۆسنىگە ھۆسۈن قۇشقان قىزنىڭ پۈتۈن زىھنى بىلەن كىتاپ ئۇقۇۋاتقان ھالىتى كىشىگە گۇياكى ئۇستا رەسسامنىڭ قۇلىدىن چىققان بىر پارچە گۈزەل رەسىمنى ئەسلىتەتتى .ھاكىم قىزنىڭ يان تەرىپىدىكى كىتاپ جازىسىنىڭ يېنىغا كىلىپ خالىغان كىتاپتىن بىرنى ئالدى دە ئۇقۇشقا باشلىدى ،ئۇنى كىتاپ ئۇقىۋاتىدۇ دىگەندىن يېنىدىكى قىزنىڭ سۈرىتىنى كىتاپقا سىزىپ ، ئۇ تۇغرىسىدا سۈرگەن خىياللىرىنى يېزىۋاتىدۇ دىيشكە بۇلاتتى .
ئەپسۇسلىنارلىقى ئارىدىن بەش مىنۇتمۇ ئۆتمەي قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى . ھاكىم قىزنىڭ كەينىدىن
ئەگىشىپ مېڭىشقا ئەمدىلا تەمشىلىۋىدى قۇلاق تۈۋىدىن " ئىسكەندەر ھاكىم ياخشىمۇسىز ؟" دىگەن خەنچە ئاۋاز ئاڭلاندى . بۇ كىتاپخانا باشلىقىنىڭ ئاۋازى بۇلۇپ . ئۇ ھاكىم ئىشكتىن كىرىشىگىلا ئۇنى تۇنىۋالغان ھەم ھاكىمنىڭ كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭغا قانداق خۇشامەت سالىمىنى قىلىشنى ئۇيلاپ تۇرغاندا ھاكىمنىڭ يېنىدىكى گۈزەل قىزغا قاراپ قالغىنىنى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەكچى بۇپ قالغانلىقىنى سىزىپ قالدى .
" ئۇقىز ھەركۈنى چۈشتىن كىيىن بۇ يەرگە كىلىپ ھېچ بولمىغاندا يېرىم سائەت كىتاپ ئۇقمىسا كەتمەيدۇ "
دىدى كىتاپخانا باشلىقى ھاكىمغا مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ .
خۇددى ئۇغۇرلۇق ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قالغاندەك خىجىل بوپ كەتكەن ياش ھاكىم  گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قۇيغان ئادەمدەك بىر مەھەل تەمتىرەپ  قالدى دە تىزلا ئۈزىنى ئوڭشىۋېلىپ " ھە كىتاپ ئۇقۇشنى بەك ياخشى كۆرسە كىېرەك ، بۇ كىتاپخانىغا كىتاپ ئۇقۇغىلى كىلىدىغانلار بەك ئازكەن ، تۇلىسى ئۇقۇغۇچىلاركەن ،" دىدى .
شۇنداق كۈپىنچىسى شۇ ئۇقۇغۇچى بالىلار  .
ھاكىم گەپ قايتۇرۇش ئورنىغا كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ كىتاپخانا ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى .
ھاكىم ئاۋايلاپ مېڭ كىتاپ ماتىريال لازىم بولسا خەۋەر قىلسىڭىزلا ئۈزۈم ئاپىرىپ بىرىمەن ،ھەراس ئۇقىز كەپ قالسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە سىزگە خەۋەر قىلاي قۇرۇق ئاۋارە بۇلۇپ كىلىپ يۈرمەڭ . دىدى كىتاپخانا باشلىقى پەسكەشلەرچە ھىجىيىپ .ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ھاكىم ئاللاقاچان كىتابخانا ئىشىگىگە بېرىپ بولغان بۇلۇپ ئۇنىڭ بىزەڭ كۈلكىسىنى ئېنىق ئاڭلىغان بولسىمۇ  ئۆز قىلمىشىدىن خىجىل بۇلۇپ گەپ قىلماي ئاڭلىماسقا سېلىپ چىقىپ كەتتى ." نىمە قىلىپ يۈرىمەن ياش يىگىتلەردەك ، قول ئاستىمدىكىلەر كۈرۈپ قالسا نىمە دىگەن سەتچىلىك ، ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالمىغىنىم نىمىسى ، بۇ ئىش تارقىلىپ كەتسە شاغلىنىپ چۇقۇم يامان تەسىر پەيدا بولدۇ ، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ قىزغىمۇ ياخشى ئەمەس . ئەمدى ئۈزۈمنى تۇتىۋالمىسام بولمىغىدەك. زادى نىم بولغاندىمەن
ئەستا تازىمۇ بىر ." ھاكىم شۇنداق دىگىنى بىلەن يول ماڭسىمۇ ، چاي ئىچسىمۇ ، تاماق ۋاقتىدىمۇ ، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ قىزسنىڭ سىماسى  كۆز ئالدىغا كىلىۋېلىپ ئۇنىڭغا زادىلا ئاراملىق بەرمىدى ،ئۇيلىماي دىسىمۇ ئامال بولمىدى ، ئەتىسى چۈشتىن ئاشقاندا ئۇ تىت – تىت بۇلۇپ ئۇلتىرالماي قالدى ، پۇتلىرى ئۈزىگە بوي سۇنمىغا ھالدا كىتابخانىغا سۆرەيتتى ، بىراق ھاكىم كۈندە بۇنداق يۈرىۋەرسە بولمايتتى ، شۇ ڭا ئۇ شۇپۇرنى چاقىرتىپ ئۈزى مەسئۇل بولغان تۈرنى تەكشۈرۈش ئۇچۈن يېزىغا قاراپ يولغا چىقتى ،بار ئاماللار بىلەن پۈتۈن زىھنىنى خىزمەتكەن قاراتتى ،ئۇ ئالدىراش ئىشلەپ 3- كۈن 4كۈننى ئۆتكۈزدى ، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئىچكىرى ئۆلكىگە 15كۈنلۈك تەجىربە ئالماشتۇرۇش ئۈگۈنۈش كۇرسىغا بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋېلىپ ئالدىراش كىتىپ قالدى .ئالدىراشچىلىق ئىچىدە قىزنى خېلى ئۇنتۇغاندەك قىلسىمۇ لىكىن تۇرۇپ – تۇرۇپ ئۈزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قىزنىڭ كىيكنىڭكىدەك كۆزلىرىنى ،تال – تال كىرپىكلىرىنى ، بۇلۇپمۇ قاپقارا ئۇزۇن دولقۇنسىمان چاچلىرىنى ئۈزىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغنا بىرخىل سېخىنىش ھسياتى بىلەن ئەسلەپ قالاتتى .
ئۈگۈنۈشنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كىلىپلا ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەن بۇ ياش ھاكىم قىزنى ئىزدەپ كىتابخانىغا بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئاپىسىغا ھەمراھ بۇلۇپ دۇختۇرخانىغىمۇ بارالمىدى ،ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۈتۈپ كەتتى ،لىكىن قىزنىڭ سىماسى ھاكىمنىڭ كۆز ئالدىدىن خىيالىدىن زادىلا كەتمىدى ،قىزنىڭ قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق زىل ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ ھاكىمنى قىزنى ئىزدەپ كىتابخانىغا بېرىشقا ئۈندەيتتى ،ھاكىم ئۈزىنىڭ قىزغا ھەقىقى كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردىدە زۇر بىر غەيرەتنىڭ تۈرۈتكىسىدە  كىتابخانىغا قاراپ يول ئالدى .لىكىن بۇ قېتىم كىتابخانا ئىچىگە كىرمەي سىرتتىن كۈزەتتى ، كىتابخانىڭ ئالدى تېمى پۈتۈنلەي ئەينەك تام بۇلۇپ سىرتتىن شۇنداقلا قارىسا ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بۇلاتتى ،كىتابخانىدا ئادەم
شالاڭ بۇلۇپ قىزنىڭ سايىسىمۇ كۈرۈنمەيتتى .
ھاكىم كىتابخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى خەلىق مەيدانىغا ئۈتۈپ كىتاپخانىغا قارايدىغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئۇلتۇردى ،
بىر سائەت ، ئىككى سائەتمۇ ئۆتتى بىراق قىز كەلمەيۋاتاتتى ،ھاكىم تىت – تىت بۇلۇپ قىزنىڭ كىرىپ كەتكىنىنى كۆرمەي قالدىممۇ يە ؟ دىگەندەك گۇمان بىلەن كىتابخانىغا كىردى ،قىز راستىنلا كەلمىگەن ئىدى ،ھاكىم سەل ئۈۈمدسىزلەنگەندەك بۇلۇپ چىقىپ كەتتى ،ئەتىسىمۇ ئۆگۈنىمۇ قىز يەنىلا كەلمدى ،ھاكىم ئۇدا بىرھەپتە كىلىپ قىزنىڭ قارىسىنى كۈرەلمەي سەل جىددىلەشتى ، ئەنسىرەپمۇ قالدى ،" ئەجەبا ئۇ ئاغرىپ قالغانمىدۇ ،ياكى كۇماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەنمىدۇ ؟" تۇيۇقسىز ھاكىمنىڭ كاللسىغا بىر ئەقىل كىلىپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتىدە دەرھال ئىشخانىسغا قاراپ يۇل ئالدى ،تۇۋا ماۋۇ ئەقلىمنى قاراڭ ، تەشۋىقات بۈلىمى 3قەۋەتتە مىنىڭ ئىشخانامنىڭ ئاستىدىلىغۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قۇشۇمچە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۇرسام ئۇقىز تۇغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىرىشىمەن دىسەم بىردەمچىلىك ئىشقۇ ،ئۇ ئىشخانىسغا كىرىپلا كاتىۋىنى چاقىردى .
سىز دەرھال تەشۋىقات بۈلىمىدىكى مىللىي كادىرلارنىڭ ماتىرياللىرىنى ماڭا ئەكىرىپ بىرىڭ ،قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى .
كاتىپ چىقىپ كىتىپ ھايال ئۆتمەيلا بىر ھۆججەت خالتىسنى كۈتۈرۈپ كىرىپ ياردەم لازىممۇ دىگەندەك ھاكىمغا قارىدى .
قۇيۇپ قۇيۇپ چىقىپ ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ، سەل تۇرۇپ ئۈزۈم ئالدىرىماي كۈرۈپ چىقىمەن .
كاتىپ چىقىپ كەتكەندىن كىين ھاكىم ماتىرياللار ئارىسىدىن قىزنىڭ ماتىريالىنى ئالدىراپ  ئىزدەشكە باشلىدى .
قىزنىڭ رەڭسىز سۈرىتى چاپلانغان بىرپارچە ماتىريالنى قۇلىغا ئالغان ھاكىم مەنمۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى ،بۇقىز مەندىن 6ياش كىچككەن ھەنىم بولسا 16ياش كىچىكتەك كۈرۈنگەن ئىدى ،ئۇنى 30غا كىردى دىسە كىممۇ ئىشىنە .بىراق بىر نۇقتىغا كەلگەندە ھاكىم تېخمۇ ھەيران قالدى ، ئۇقىز توي قىلىپ ئاجراشقانكەن تېخى ، ۋاي ئىسىت ، نىمىشقا ئاجراشقان بولغىيتتى ،ئەجەبا ئۇمۇ مەندەك نىكاھتا مەغلۇپ بولغان بەخىتسىزمىدۇ ،مۇشۇنداق قىزدىن ئاجراشقان قانداق كۆڭلى كۈزى قارىغۇ ئەردۇ ئۇ ،بۇ قىزنىڭ تۇرقىدىنغۇ ئەركىشىنى بىزار قىلىدىغان بىشەم ئۇسال ئاياللاردەك قىلمايدۇ بولمسا ،يانغۇنىنىڭ تىترىگەن ئاۋازى ھاكىمنى خىياللار قۇينىدىن تارتىپ چىقتى ،"ئاپلا" دىدى ھاكىم تۇيۇقسىز بىر ئشنى ئىسىگە ئالغاندەك بۇلۇپ ھەم ئالدىراپ تىلغۇننى ئالدى .
ئانا سىز نەدە؟ ئازراق ئىشىم چىقىپ قېلىپ ۋاقىتقا قارىماپتىمەن .ئوغلۇم مەن دۇختۇرخانىدا سەل مىجەزىم يۇق بوپ قالدى كىلەلەسەنمۇ ؟
ماقۇل ئانا مانا ھازىرلا بارىمەن .ھاكىم ھۈكۈمەت بىناسىدىن چىقىپ ئالدىراپ تاكسى تۇسۇپ دوختۇرخانىغا كەلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 11:32 AM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز گۇلۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە شۇنداق بىر ياخشى ئەسەر بەرگىنىڭىزدىن خوش بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:32:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا، قەدىرداننى يەنە بىر قېتىم نەس باسىدىغان بولدى، بۇ ھاكىمنى ئوزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان قىز چوقۇم نۇرىمان، شۇنداقمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amannisa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 12:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amannisa يوللىغان ۋاقتى  2013-4-3 12:32 PM
مانا، قەدىرداننى يەنە بىر قاتىم نەس باسىدىغان بولدى، ب ...

سىز نىمانچە ئەقىللىق ئۇماق

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 622
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8908 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاكىم ئۇ قىزنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىپ ماڭسا، قەدىردان ماشىنىنى ئورىۋېتىشتىن يانمايدۇ چوقۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amannisa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 12:35 PM  


ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23432
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3294 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 12:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى قەدىردان تۈگىشىپلا كىتىدىغان بولدىدە . نۇرئىمان ھاكىم بىلەن تۇنۇشىپلا قالسا.............. ھەي ، قەدىردانغا ئازراق ئىچىم ئاغرىپ قالدى دىسە .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش