مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: يولتۇز

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:13:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىسى نۇرىمان ئىدارىسىدىن رۇخسەت سۇراپ بۇلۇپ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۈيىگە باردى ،ئۆيگە كىرىپلا ئاپىسىنى كۈرۈپ ئۇنى شۇنداق يىغا تۇتۇپ كەتتى شۇ تاپتا ئاپىسىغا ئېسىلىپ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇسى بارچە دەرت – ئەلەملىرىنى تۈكۈۋالغۇسى بار ئىدى ئەمما ئۇنداق قىلىمىدى ، ئاتا- ئانىسىنى ئەنسىرىتىشنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۈزى بىلەن تەڭ يۈرەك ئاغرىقى تارتىشىنى خالىمىغاچقا چاندۇرماي ئەھۋاللاشتى .
"قەدىردان كەلمەپتۇغۇ قىزىم ". سورىدى نۇرىماننىڭ دادىسى  .
ھازىر ئىش ۋاقتى دادا ئۇ ئىشقا كەتتى .
ئەمىسە سىزچۇ ئىشقا بارمىدىڭىزما ؟
مەن سەل تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن يېرىم ئايلىق ئۈگۈنۈش باركەن ئىدارىدىن مىنى بارسۇن دەپتۇ . ئەزەلدىن ئاتا – ئانىسىغا يالغان سۆزلەپ باقمىغان نۇرىمان ئۇلارنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر بولدى .
"ھە بۇپتۇ قىزىم بېرىپ كىلىڭ ، بىراق قېين ئاپىڭىز بىلەن قېين ئاتىڭىزغا خۇش دىيشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ھەرگىز خۇشلاشماي كىتىپ قالماڭ" ،دىدى نۇرىماننىڭ ئاپىسى تەربىيە قىلىپ .
ئاپا ئەمىسە مەن ماڭاي ئۆيگە بېرىپ نەرسە كېرەكلىرىمنى تەييارلىمىسام بولمايدۇ تېخى .
ئىشىكتىن چىققاچ نۇرىمان ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي يىغلاپ سالدى ،ئاق كۈڭۈل ئاتا –ئانا
بۇنى قىزىمىز بىزگە چىدىماي يىغلاۋاتىدۇ دەپ چۈشەندى . نۇرىماننىڭ ئۈرۈمچىگە ئەمەس بەلكى دۇختۇرخانىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ تۇنجى نەۋرىسىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بۇلغىنى بولسا ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى .
نۇرىمان دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغان قەدىردان بىلەن قېيىن ئانىسىنى
كۆردى .
بالام بىز سەخسى دۇختۇرخانىدا بارايلى ، چوڭ دوختۇر خانىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچەملىرى بەك يۇقىرى بولىدۇ .
ئاپا بولدى قىلسىڭىزچۇ ؟! سەخسى دوختۇرخانىلار ئىشەنچىلىك ئەمەس ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكىلىرىمۇ قانچىلىك بولماقچى ئىدى ؟
سەن نىمىنى بىلىسەن ......
" ماقۇل " نۇرىماننىڭ بىر ئىغىز ماقۇل دىيىشى بىلەن قېيىن ئانىسىنىڭ ئاغزى يۇمۇلدى .
نۇرىماننىڭ پاتەمخاننىڭ بۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىغان ئىدى ، قەدىرداننى دىمىسە ئۇ سەخسىيەتچى خۇتۇنغا قارىغىسىمۇ يۇق ئىدى ، چوڭ دۇختۇرخانىدا ياتسا ئۇرۇق – تۇققان
تۇنۇش بىلىشلىرى ئۇچراپ قېلىپ بۇ ئىشنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن نۇرىمان تىزلا ماقۇل بولدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھىيە  سىرتىدىكى بىر شەخسى دۇختۇرخانىغا بارىدىغان بۇلۇپ مەسلەھەتلەشتى .
" قەدىردان سەن ئىشقا بېرىۋەر نۇرىماننى ئۈزۈم ئاپىرىمەن سەن بارساڭمۇ نىمە قىپ بېرەتتىڭ
شۇنداقمۇ شۇنداقمۇ نۇرىمان."دىدى پاتەمخان ۋەزنىلىك ئاھاڭدا نۇرىمانغا مەنىلىك قاراپ .
بىچارە نۇرىمان نىمىمۇ دىيەلىسۇن ئۇ ئىرىىنىڭ مەنمۇ باراي دىگىنىگە قۇيماي مەجبۇرلاپ دىگۈدەك كەتكۈزىۋەتتى . ئاپىسنىڭ بۇ ئىشىدىن قەدىردان غەزەپلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا ئاپسىدىن قۇرقۇپ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى ،ئۈزى بىلەنلا كەتسىغۇ مەيلى بىراق ئاپسى ئاچچىقى كەلسە نۇرىماننىمۇ قۇشۇپ چۇڭ كوچىدىلا تىللاپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ . شۇڭا قەدىردان ئاستا كىتىپ قالدى .
قانداق تەكشۈرەش قىلماقچى ئىدىڭىز ؟
بۇ قىز بالا ئالدۇرماقچى .
قانچە ئاي بولدى ؟
ئىككى ئايدىن ئاشتى.
ئەمىسە دۇرا يىسڭىز بولغۇدەك .
ياتاقتا  ياتمىسمۇ بۇلامۇ؟
بولمايدۇ ئەگەرياتمىسا دۇرا باشقىچە تەسىر كۆرسىتىپ قالسا بىز ئىگە بولالمايمىز .
بۇ يەرنىڭ بالنىس ھەققى قانچە پۇل . بىزنىڭ ئائىلىمىزدا قىينچىلىقمىز بار ئىدى ئىتىبار قىلغان
بولساڭلا.
بولمايدۇ .
شۇنچە پۇزۇر كىيىنىۋېلىپ دەۋاتقان گىپىنى- دىدى ،دىدى سېتىرا قىز غۇدۇراپ .
يەنە بىر قاتار سۇئاللار سورۇلۇپ بولغاندىن كىين نۇرىمان ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى .مەسئۇل دۇختۇر كىرىپ ئۇنىڭغا ب تىپلىق تەكشۈرۈش قەغىزى يېزىپ بىرىپ چىقىپ كەتتى .
مەن كىتەي ، بەرىبىر سىز ئېغىر كىسەل بولمىغاندىن كىيىن ، تېخى ئۈچ كۈن دۇرا ئىچىپ بۇيەردە بىكار ياتىدىكەنسىز ، شۇڭا سزگە قاراشنىڭمۇ ھاجىتى يۇق .
ماقۇل ئاپا ئەمسە ئاۋايلاپ ماڭسىلا .
قېيىن ئانىسى چىقىپ كىتىشىگىلا نۇرىماننىڭ كۈڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى .
دوختۇر سېتىرالارنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىدە سۇرىغان سۇئاللىرى قېيىن ئانىسىنىڭ جاۋاب بەرگەندىكى ھالىتى  نۇرىمانغا شۇنداق ھار كەلدى ،سېتىرالار ۋە ياتاقداشلىرى ئۇنى نىكاھسىز ھامىلدار بولغان دەپ قالدى بولغاي شۇنداق قۇپال مۇئامىلىدە بۇلدى .
نۇرىمان ب تېپلىق تەكشۈرۈش ئۈيى ئالدىدا ئۆچرەت ساقلاۋېتىپ ئەتراپىدىكى ھامىلدار ئاياللار ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەن ئەرلىرىگە ئۇلارنىڭ چىھرىدىكى بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا قاراپ  كۆڭلى تېخمۇ يېرىم بولدى. چاققانراق تەكشۈرتۈپ بۇيەردىن كەتكۈسى كەپ كەتتى .نۆۋەت ئاخرى نۇرىمانغا كەلدى .
ئەي يۇ جېگا خەيزى فايۈدې خاۋدېخننا ، نى ۋېيشا بۇياۋئا ؟ -- سۇرىدى خەنزۇ دوختۇر ھەيرانلىق بىلەن .
بۇ گەپنى ئاڭلىغان نۇرىمان جاۋاپ بىرىشنىڭ ئۇرنىغا ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى ،تېخمۇ ھەيران
قالغان دوختۇر ئۇنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدى بولغاي قايتا گەپ سۇرىمايلا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ چىقىرىۋەتتى .شۇنىچە كۈنلەردىن بىرى تۇلا يىغلاپ ماغدۇرىدىن كەتكەن نۇرىمان ئاران  تەسلىكتە ياتىغىغا كىلىپ ئۈزىنى كارۋاتقا تاشلدى ، بۇ چاغدا ياتاقداشلىرى  كەچلىك تاماق يىگەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن بۇلۇپ كۆزلىرى يىغىدىن قىزارغان نۇرىماننى كۈرۈپ بىر بىرىگەمەنىلىك قارىشىپ جىمىپ قېلىشتى .
تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى نىمىشقا ماڭا ئەكىرىپ بەرمەيسىز ؟ سۇرىدى مەسئۇل دۇختۇر قۇپاللىق
بىلەن .
كەچۈرۈڭ بىلمەپتىمەن .دىدى نۇرىمان تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا .
ھە دۇرا يىسىڭىز بۇلىدىكەن ، ئىېلىڭ بۇ دۇرىنى ۋاقتىدا يەڭ ، دۇرىنى يىگەندىن كىين ئەڭ
ياخشىسى سىرتقا چىقماڭ .ئەگەر سىرتتا ۋاقتىڭىزدا دۇرا تەسىر كۆرسىتىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ .
بىرەر نەرسە كىرەك بولسا ئۆيدىكىلىرىڭىز ئەكىلىپ بەرسۇن .
دۇختۇر ماڭا قارايدىغان ئادەم يۇق مەن ئاۋال سىرتقا چىقىپ ئازراق يىگىدەك نەرسە ئەكىرىۋالاي
دۇرىنى ئاندىن يەي .
مەيلىڭىز .
دۇختۇر چىقىپ كەتتى. نۇرىمان ئاستا ئۇرنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى ، ھاۋا شۇنچىلىك سۇغۇق
ئادەملەر مىھرىسىز ، ئەمدىلا يىتىلىۋاتقان بالىسنىڭ مۇشۇنداقلا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ كىتىشىگە
قىيمىغان نۇرىمانغا ھەممە ھەممە شۇنچىلىك كۈڭۈلسىز تۇيىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئاشخانىغا بۇنداق
بىچارە ھالەتتە كىرىپ تاماق يىگۈسى كەلمىدى ،راس گەپنى قىلغاندا ئۇنىڭغا ھەممە كىشىلەر باشقىچە نەزەردە قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ بېشىنى كۈتۈرۈپ مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي  سىرتتىن ئازراق ئۇششاق يىمەكلىك مىۋە ۋە نان سېتىۋېلىپ ياتاققا قايتتى . ئۇ ھەر قىېتىم  كىرىپ چىققاندا
سېتىرا قىزلارنىڭ، ياتاقداشلىرىنىڭ  سۇغۇق نەزەر بىلەن قارىشى كۆزلىرى ئارقىلىق تەنقىت قىلىشىغا ئۇچرايتتى ،ھازىرقى زاماندا  بىرقىز شەخسى دوختۇرخانىغا بىر ئۇبدان يىتىلىۋاتقان بالىسىنى
ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزى يالغۇز كەلسە كىم خاتا چۈشەنمەيدۇ دەيسىز .
نۇرىمان كەچلىك چاي ئىچىشكىمۇ كۆڭلى تارتماي يەنە ئۈزىنى كارۋاتقا تاشلىدى ،شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يانغۇنى سايراپ قالدى .نۇرىمان تىلغۇن نۇمۇرىغىمۇ قارىمايلا تىلغۇننى ئالدى .
ۋەي نۇرىمان قانداق بولدى ؟ بۇ قەدىرداننىڭ ئاۋازى ئىدى .
نۇرىمان گەپ قىلالماي ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى.
يىغلاۋاتامسىز ؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ گەپ قىلسىڭىزچۇ ؟
قەدىرداننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان نۇرىمان ئۈزىنى قەتئى تۇتىۋاللمىدى .
بالىغا ئىگە بۇلالمىسڭىزغۇ مەيلى ماڭىمۇ ئىگە بۇلمامسز قەدىردان ، مەن  نىملا بۇلمسۇن سىزنىڭ قانۇنلۇق ئايالىڭىزغۇ؟ بۇ يەردىكى كىشڭلەرنىڭ ماڭا قانداق نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى بىلەمسىزمىنىڭ بۇنداق خۇرلۇق ھاقارەتكە چىدىغىچىلىكىم قالمىدى ، ئەگەر كەلمىسڭىز گىپىڭىزنى ئۇچۇق قىلىڭ .ددىدى نۇرىمان بىرپەس يىغلاپ ئۈزىنى بېسىۋالغاندىن كىين.
ماقۇل ماقۇل ،مەن ھازىرلا باراي ،كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، ئەستا مەن بۇتەرەپلىرىنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن ئەمەسمۇ .
قەدىرداننىڭ گىپى تېخى تۈگىمەيلا پاتەمخاننىڭ " نەگە بارىسەن بۇنچە كەچتە ، ئۇ سەھرالىقنىڭ يېنىغا بارمىساڭمۇ بىركىم ئېپ قاچمايدۇ ئۇنى .....دەپ كايغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، نۇرىماننىڭ ئاڭلاشقا تاقىتى قالماي تىلغۇننى قۇيىۋەتتى . باياتىن بىرى نۇرىماننىڭ  پارىڭىغا قۇلاق سېپ ئۇلتۇرغان ئىككى ياتاقدىشى ئەمدى ھەممىنى چۈشەنگەن بۇلۇپ چىرايلىرى بىردىنلا ئىچلدىيۇ بۇ
بىتەلەي بەخىتسىز قىزنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنغان ئىچ ئاغرىتقان ھالدا ئېغىر ئۇھسىندى .
سىنى بارما دەۋاتىمەن نەگە بارىسەن ؟
ۋاي - ۋۇي ئاپا بارمىسامغۇ بۇلا ؟
ئەمىسە يەنە نەگە ماڭدىڭ ؟
دۇسلۇرۇمنىڭ يېنىغا .
ھە بۇپتۇ بېرىپ كەل كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالا ، ئۇ مەينەت دۇختۇرخانىغا بارغاندىن مىڭ ياخشى .
قالايمىقان كىسەللەرنىڭ ھەممىسى بار ئۇيەردە .
پاتەمخان گىپىنى تۈگۈتۈپ بولغىچە قەدىردان ئىشىكتىن چىقىپ بولغان ئىدى ، ئۇ بازارغا بېرىپ نۇرىمان ئامراق تەييار يىمەكلىكلەردىن ئالدى دە دۇختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .بۇ دوختۇرخانا ناھىيەدىن  خېلىلا يىراقتا بولغاچقا  قەدىردان تاكسىدا كەلگىچە بىرسائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت
كىتەتتى . قەدىردان ياتاققا كىرگەندە نۇرىمان تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، قەدىردان ئايالىنىڭ بىچارىلەرچە ھالىتىگە قاراپ ئىچى سىرىلدى ،ئۇنى ئۇيغاتقۇسى كەلمەي قاراپ ئۇلتۇردى ، ياتاقتىكى ئىككى ئايال بۇلسا كۆڭلىدىكى مەسئۇلىيەتسىز بۇ قاملاشقان ئەرگە يەر تىگىدىن نەپرەتلىك قارىشىپ قۇيۇپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل بۇلۇشتى .شۇ ئەسنادا نۇرىماننىڭ تىلغۇنى يەنە سايراپ كەتتى ، نۇرىمان كۈزىنىمۇ ئاچماي سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تىلغۇننى ئالدى .
تىلغۇن ئېلىنىپ نۇرىمان ئاللانىڭ سالىمىنى قىلىپ ئۈلگۈرمەستىنلا قېيىن ئانىسى پاتەمخاننىڭ
قەھرىلىك ئاۋازى ئاڭلاندى  .
ھە خېنىم ئۇغلۇمنى زادى نىمە قىلاي دەيلا ؟ ئۇنىڭ سىزنى باقىمەن دەپ ھېرىپ چارچىغىنى ئازدەك ئەمدى ئۇنى ھەدىسىلا يېنىڭىزغا چاقىرىۋېلىپ نىمە قىلماقچى سىز ، ھازىر دىگەن يىل ئاخىرى
ھەممە ئىدارىلەردە يىللىق باھالاش بۇلىۋاتسا ، ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەرسىڭىز ئۇ رۇخسەت سۇراۋەرسە يىللىق باھالاشتا ناچار باھالىنپ بىريىللق جاپاسى نۆلگە تەڭ بولمامدۇ ، تېخى بالىغا ئىگە بول ماڭا ئىگە بۇل داۋاتامسىز ؟ ئۈزىڭىزنى بىلىپ ئىھتىيات بىلەن يۈرگەن بولسىڭىز ھامىلدار بۇپ قالماس ئىدىڭىز ، ئەمدى بالامنى بۇنداق قىينۇغىچى بۇلماڭ .
پاتەمخان ئۆز گىپىنى تۈگۈتۈپ بۇلۇپلا نۇرىماننىڭ چۈشەندۈرىشىنىمۇ ئاڭلىماستىن تىلغۇننى قۇيۇۋەتتى ، نۇرىمان نىمەقىلارىنى بىلەلمەي بېشىنى پۈركىۋالدى ئۇنىڭ سىلكىنىپ تۇرغان گەۋدىسىندىن ئۈنسىز يىغلاۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى ، پاتەمخاننىڭ ۋارقىراپ – جارقىراشلىرىنى قەدىردانلا ئەمەس پۈتۈن ياتاقتىكىلەر ئاڭلىدى ، قەدىردان خىجىلچىلىقتا ئۆلگۈدەك بۇلدى ، ياتاقتكى
ئىككى ئايال بۇلسا تۇۋا دىيىشىپ ياقا چىشلەشتى .
قەدىردان ئاستا يۇتقاننى ئېچىپ نۇرىماننى ئۈزىگە قاراتتى ، ئىرىنىڭ  كەلگىنىدىن بىخەۋەر نۇرىمان چۈچۈپ كۈزىنى ئاچتى دە قەدىرداننى كۈرۈپ  ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى . قەدىردان بۇ دەرتمەن
بىچارە ئايالىنىڭ ياشلىرىنى سۈرتمەكچى بولدىيۇ ياتاقتكى ئاياللاردىن خىجىل بۇلۇپ تۇختاپ قالدى. ، ھېلىقى ئىككى ئايالمۇ خۇددى دىيىشىۋالغاندەكلا ئاستا ياتاقتىن چىقىپ كەتتى .
قەدىردان ئايالىنى ئاۋايلاپ قۇچاقلىدى ، سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ، ھازىر كەچۈرۈڭ دىيىشكىمۇ
تىلىم بارمايدۇ ، بىراق ئۈزىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ بۇنداق قىلماڭ نۇرىمان، سىز يىغلىسىڭىز مەن تېخىمۇ
ئازابلىنىدىكەنمەن ، سىزگە قاراشقا يۈزۈم يۇق نىمە دىيىشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن ، مىنى ئۇرۇڭ مىنى تىللاڭ ئەمما ئۈزىڭىزنى بۇنداق ئازابلىماڭ ، ئۈزڭىزنى ئاسراڭ ، تىنىڭىز سالامەت بولسلاھەممە ئىشلار ئۇڭشۇلۇپ كىتىدۇ ، دۇختۇرخانىدىن چىقسىڭىزلا مەن ئاپاملارنى ئۈيىگە كەتكۈزىۋىتەي بىز ئايرىم تۇرايلى ، ئىككىمىز ياخشى ئۆتسەكلا باشقا قىيىنچىلىق ھېچ گەپ ئەمەس ، ماڭا ئىشنىڭ ئەمدى سىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمەيمەن .  قەدىردان شۇ گەپلەرنى دىگۈچە بىر قىزىرىپ بىر تاتىرىپ ھەتتا
ئازاب تەڭلىكچىلىكتىن ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى .
ئىرىنىڭ كۈيۈنۈپ تۇرۇپ ئىيتقان سۆزلىرى نۇرىماننىڭ ئازابتا پۇچىلانغان قەلبىگە زۇر تەسەللى بولدى ،ئەزەلدىن ئىرىدىن  مىھرى- مۇھەببەتتىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىپ باقمىغان بۇ بىچارە ياش
ئايال بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتسىمۇ ئەمما ئىرىنىڭ شۇ بىرنەچچە ئېغىز تەسەللى سۆزى بىلەن بارلىق ئازابىنى ئۇنتۇغاندەك بولدى .ئىككىسى كۈڭۈل سۆزلىرىنى قىلىشىپ بىر- بىرىگە تەسەللىي بىرىشىپ خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتى ، سېستىرا قىز كىرىپ" بۇ يەرگە ئەرلەر كىرىشكە بولمايدۇ ئەمدى بالنىست ئىشىگىنى تاقايمىز " دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىلا قەدىردان كىتىشكە تەمشەلدى .
ئەمدى قايتىپ كىتىڭ ، ئاپام ئەنسىرەپمۇ قالدى ھەقاچان ، بېرىپ يەنە يامان گەپ ئاڭلايدىغان
بولدىڭىز ئەمدى ، شۇنداق بولسىمۇ ھەرگىز ئاپامغا گەپ ياندۇرماڭ چىرايلىق گەپ قىلىڭ .
بىلىمەن ، مەندىن ئەنسىرىمەڭ ، سىزنى ئەتە يوقلاپ كىلەي .ئۇبدان ئارام ئېلىڭ .
قەدىردان كەتتى ، چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئىرىنى كۈرۈپ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قالغان نۇرىماننىڭ ئەتتىگەندىن بىرى تۇتۇلۇپ قالغان ئىشتىيى ئېچىلدىمۇ قانداق
قەدىردان ئەكەلگەن يىمەكىكلەردىن يىمەكچى بولدى .
-- قېنى قىززىق چاي بىلەن يەڭ دەپ يۈگۈرۈپ كەلدى ياندىكى كارۋاتتىكى ئۇتتۇرا ياشلاردىكى يۇمۇلاق يۈزلۈك ئايال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .
شۇنداق، قۇرۇق يىسىڭىز ياخشى ھەزىم بولمايدۇ .دىدى يەنە بىر ئايالمۇئەگىشىپ .
ئەتىگەندىن بىرى چىرايىنىمۇ ئاچمىغان بۇ ئىككى قۇشنىسڭنىڭ ئەمدى بىردىنلا ئېچىلىپ قالغىنىدىن گۇمانىنىڭ توغرىلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن نۇرىمان نىمە قىلىشىنى نىمە دىيىشنى  بىلەلمەي تەمتىرەپ كەتتى .
بىز سىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قېلىپ ئىچىمىزدە تىللاپ ئۇلتۇرۇپتىمىز تېخى . قاملاشمىغان ئىش قىپتۇق .
ھېچقىسى يۇق ئاچا سىلەردىن ئاغرىنمايمەن ، ھەرقانداق ئادەم خاتا چۈشەنمەي قالمايدۇ مىنى .
نۇرىمان سۆزلەۋېتىپ يەنە يىغلاپ سالدى .
كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ سىڭلىم ، خۇدايىم ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلا ،سىز تېخى ياش بولغاندىن كيىن
چۇقۇم يەنە بالىلىق بۇلالايسىز .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 04:14 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 05:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، ھارمىغايسىز ............. بىرىنچى بولۇپ ئوقۇۋالغىنىمدىن خوشالمەن . جاپا تارتىڭىز . ھارمىغايسىز .شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ . ئوقۇغۇچە ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېدىم  . ئوسال خوتۇنكەن ئۇ ..................داۋامىغا تەشنامەن.................................................

سىرداش

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23025
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 10:12:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمشىرەم داۋامىنى تىزراق يېزىڭە . يېغلاپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپتىمەن ، بىچارىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ......................

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ھەر بىر كۈن يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68760
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 11:13:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ پاتەمخان دىگەن خوتۇن نىمە دىگەن رەزىل ھە؟ئاللا جاجىسىنى بېرەر شۇنداق ئادەملەرنىڭ........بىچارە نۇرىمان نىمە دىگەن تەلەيسىز......ئاۋۇ قەدىردان دىگەنمۇ بەكلا لامزەللىكەن..................نۇرىمان بىچارىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتقاندۇ...............................توۋا..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2709 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 12:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ پاتەمخان دىگەن خوتۇننى ئىككى پۇتىنى ئىككى تەرەپكە قايرىپ قويۇپ .............ۋىتىدىغان جادىگەرئىكەنغۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93293
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-3-14
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 10:07:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ قەدىرداننىڭ ئاپىسى  زادى قانداق خوتۇندۇ ؟ نىمانچە رەھىمسز ، باغرى تاش. ئۇ خوتۇننىڭ نۇرىمانغا قىلغانلىرىنى ئوقۇپ ،تاس قالدى يۈرەك كېسىلىم قوزغۇلۇپ قالغىلى. ....
داۋامىنى تېزراق يوللىسڭىز بوپتىكەن . مىنىڭچە بولسا ئۇنداق ئېچىنىشلىق ئاياقلاشتۇرمىىسىڭىز بوپتىكەن ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ .  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرىمان ياتاقداشلىرى بىلەن شۇنداق مۇڭدۇشۇپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.
نۇرىماننڭ دۇرا يەۋەتقىنىغا 3كۈن بولغان كۈنى چۈشكە يېقىن قۇرسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى ،
قەدىردان ھېلىقى كۈنى بىر كىلىپ كەتكەنچە تىلغۇن ئۇرۇپ قۇيۇپ ئىككىنىچى كەلمدى ،نۇرىمان
سىرتقا تاماق يىگىلىمۇ چىقالماي بىر ئاچ بىر توق 2كۈننى ئۆتكۈزدى. قەدىرداننىڭ شۇنداق كەلگۈسى بولسمۇ ئاپىسى ھەدىسلا كۈزىگە كىرۋېلىپ ئۇنى ھېچ يەرگە ماڭغۇزمايۋاتاتتى ،نۇرىمان تىلغۇن قىلسمۇ بىر ئىشلارغا باھانە قىلپ تىلغۇننى  ئالغىلى قۇيمىدى . نۇرىماننىڭ قۇرسىقى تۇپتۇغرا 5سائەت ئاغرىپ بالىسى ئاندىن چۈشتى .
ھېلىمۇ ياخشى .ئىككىڭلار بوپ قاپتىكەنسىلەر بۇلمىسا قانداقمۇ قىلار ئىدىم ، رەھمەت سىلەرگە "دىدى نۇرىمان ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا .
ياقەي ئۇنداق دىمەڭ سىڭلىم ھەممىمىز ئايال كىشى تۇرساق ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانداچىلىقتا بۇنچىلىك قىلمىساقمۇ بولماس ، ھەرگىز رەھمەت دىمەڭ ، قانداق ئىشڭىز بولسا بىزگە دەڭ ،ھەرگىز تارتىنماڭ ، بىزنىڭمۇ قىزلىرىمىز بار "دىيىشتى ئىككى ئايال كۈيۈنگەن ئىچ ئاغرىتقان ھالدا .
شۇنداق قىلىپ نۇرىمان مىڭ ئۈلۈپ بىر تىرىلىپ تۇنجى بالىسدىن ئايرىلدى ،ئۇ شۇچاغلاردا ئىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مەدەت تەسەللى بۇلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغان ھە ؟! بىراق ئىرى قارىسىنى كۆرسەتمىگەننى ئاز دەپ ھەتتا تىلغۇن ئۇرۇپمۇ قۇيمىدى ، بىراق نۇرىماننىڭ يەنىلا ئىرىدىن ئاغرىنغۇسى كەلمىدى ،ئۇ قەدىردانغا تاغدەك ئىشىنەتتى ، بىرەر قىينچىلىق تۇسالغۇ بۇلمىسلا قەدىرداننىڭ چۇقۇم كىلىپ ھەمراھ بۇلىدىغانلىقىغا شەرتسىز ئىشىنەتتى ،شۇڭا يەنە ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ئىرىنىڭ كىلىشىنى كۈتتى ،بالا چۈشۈپ مانا ئىككى كۈن ئۈچ كۈن تۆت كۈنمۇ ئۆتتى، بىراق قەدىرداننىدىن يەنىلا خەۋەر يۇق .
بۈگۈن ئەھۋالىڭىز قانداقراق ، ئۈزىڭىز يەرگە چۈشۈپ ماڭالامسىز ؟
خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدىم دوختۇر ماڭالايمەن ، دۇختۇرخانىدىن چىقسام بۇلامدۇ ؟
بولمايدۇ ، يەنە بىر قېتىم ب تىپلىق تەكشۈرتۈش قىلپ بېقىڭ بالا چالا چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار
بوپ قالسا كىچىك ئۇپراستىيە قىلمىساق بولمايدۇ .ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئۇختۇرۇش قىلىڭ ئەگەر ئوپراستسىيە قىلىپ قالساق يېنىڭىزدا چۇقۇم بىر ئادەم تۇرۇپ قارىمىسا بولمايدۇ ، يەنە كىلىپ ئۇپراتسىيە كىلىشىمىگە ئىمزا قۇيىشى كېرەك .
دۇختۇر تەكشۈرۈش قەغىزىنى نۇرىمانغا تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى ، نۇرىماننىڭ بېشىغا يەنە بىر تاغ چۈشتى ، ئەمدى كىمنىمۇ چاقىرىپ كىلەمەن ، قەدىردان بىلەن يا ئالاقىلاشقىلى بولمىسا ، يا بۇ گەپنى ئاپامغا دىيەلمىسەم .قانداقمۇ قىلامەن .شۇنداق خىياللار بىلەن ئۇ تەكشۈرۈش نۆۋىتىنىڭ ئۈزىگە كەلگىنىنىمۇ سەزمەي قالدى،
دوختۇر قانداقكەن .
سىز قايتىۋېرىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىڭىزنى ئۈزىمىز دوختۇرىڭىزغا يەتكۈزۈپ بىرىمىز .
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىين نۇرىماننىڭ مەسئۇل دوختۇرى كىرىپ كەلدى .
سىزنى سەل تۇرۇپ كىچىك ئۇپراتسىيە قىلىمىز تەكشۈرۈش نەتىجىڭىزدىن قارىغاندا ئۇپراتسىيە قىلمساق بولمىغىدەك ، قېنى ئېرىڭىز ؟تېخى كەلمىدىمۇ ؟ كەلسە ئىشخانامغا كىرسۇن .
چاقىرمىسڭىز مۇ كەلدۇق دوختۇر . شۇنداق دىگەچ پاتەمخان قەدىرداننى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى
قانداق ئەر سىز؟ دىدى دۇختۇر  قەدىردانغا ئاچچىق بىلەن ، ئەر كىشى دىگەن تاپقان بالىسىغا ئىگە بۇلىشى كېرەك ، ئىگە بولماي بىر بەلەن بالىنى ئالمىسڭىزغۇ بوپتۇ، بىراق ئۇنى ھېچ بولمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بۇيچە ئۇزۇتۇپ قۇيىشىڭىز كېرەكتۇ ؟قارىسام سىزدە مىھرى شەپقەت دەيدىغان نەرسە يۇقكەن،  ئايالىڭىزغا ئىچىڭىزمۇ ئاغرىمىدى ،ئەسلىدە ئائىلە ئىشڭلارغا ئارلاشقۇم يوقتى بىراق بۇ قىزغا بەك ئىچىم ئاغرىدى ،سېستىرالاردىن ئاڭلىسام بۇ قىز بىر ھەپىتىدىن بىرى قۇۋەتلىك بىرەر ۋاق تاماقمۇ يەپ باقماپتۇ ، ھېلىمۇ ياتاقداشلىرى بوپ قاپتىكەن . بولدى مەن كۆپ سۆزلىمەي دەرھال ئىشخانامغاكىرىپ ئۇپراتسىيە كىلشىمىگە قول قۇيۇڭ .
قەدىردان خىجىلچىلىقتا بېشىنىمۇ كۈتۈرەلمەي دوختۇرنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ چىقىپ كەتتى ،
تۇۋا ما خەق تۇغۇپ قويغان ئانىسى مەن مايەدە تۇرسام قارىتىپ قۇيۇپ ئۇغلۇمنى سوتلاپ كەتتىيا .
ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز ، ئۇغلۇم قاچانكى سىزگە يۇلۇقتى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىشلىرى ئىلگىرى بېسىپ باققان ئەمەس
ۋاي ۋۇي قىزىم  بۇنداق تۇرسىڭىز شامالداپ قالمامسىز ، ئۇن تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان دەيدۇ كۇنىلار ئوبدان ئارام ئالمىسڭىز بولمايدۇ جۇمۇ .
.پاتەمخاننىڭ يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى بولغان ئېغىزى نۇرىماننىڭ 2ياتاقدېشىنىڭ كىرىشى بىلەن
تۇختاپ قالدى .
شۇنداق شۇنداق تۇغرا دەيدۇ ، بۇلۇڭ نۇرىمان ،خان قىزىم دەرھال كارۋاتقان چىقىپ يېتىۋېلىڭ دىدى پاتەمخان ھىلىگەرلىك بىلەن يالغاندىن باشقىلارنىڭ  ئالدىدا كۈيۈنگەن قىياپەتتە .
ئىككى ئايال بىر بىرىگە قارىشىپ قۇيۇپ ئۆز ئىشى بىلەن بۇلۇشتى .
ئايالىڭىز ھېلىمۇ بەك چىداملىق ئۇڭلۇقكەن ، باشقا ئايال بولغان بولسا بۇنداق قىلسڭىز سىزنى ئەر كىشى بولغىنڭىزغا تۇيغۇزىۋەتكەن بۇلاتتى ، قېنى  بۇ يەرگە ئىمزا قۇيۇڭ ، بالا چالا چۈشۈپ قاپتۇ
ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ .
دوختۇرنىڭ سۆزلىرى قەدىرداننىڭ نەق يۈرىكىگە تەگدى ، دىمىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلىق پەقەت قاملاشمىغان ئىش ئىدى ، ئۇنىڭمۇ شۇنداق كەلگۈسى نۇرىماننىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلغۇسى بار ئىدى ، بىراق ئاپىسى كۈندىلا كۈزىگە كىرىۋېلىپ زادىلا ئارامچىلىق بەرمىدى" بارمىساڭمۇ بۇلىدۇ ئۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ، زۇكامداپ قالسىمۇ ئۇنچىلىك ئاغرىيدۇ ئادەم ، مەنمۇ ئىلگىرى تۇرمۇشنىڭ قىيىچىلىق چاغلىرىدا نەچچە بالىنى ئاشۇنداق ئۈزۈم يالغۇز ئالدۇرىۋېتىپ يەن شۇ كۈنىلا ئائىلە ئىشلىرى ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىۋېرەتتىم .ئۇ ئۇيەردە بىر ئۇبدان يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ ، يەنە تېخى قارايدىغان سېېتىرالار بار ، شۇڭا ئەنسىرىمىسەڭمۇ بۇلىدۇ."دەپ ئۇنىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەپ تۇلا سۆزلەپ ھەتتا تىلغۇن ئۇرغىلىمۇ قۇيمىدى ،ئۇمۇ  بۇنداق ئىشنى كۆرمىگەچكە نۇرىماننىڭ بۇنچىلىك جاپا تارتىشىنى ئۇيلىمغان ئىدى ، بىچارە نۇرىمان بالىسىدىن ئايرىلىش رۇھى ئازابى ئاز كەلگەندەك جىسمانى جەھەتتىن ئازاب تارتىپ ....قەدىردان شۇلارنى ئۇيلاپ ئۈزىدىن قاتتىق نەپرەتلەندى ،ئايالىنىڭ ياداڭغۇ چىرايى تۇلا يىغلاپ ئۇلترۇرۇشۇپ كەتكەن چىرايلىق كۆزلىرى دارھال كۆز ئالدىغا كىلىپ يۈرىگى ئېچىشىپ كەتتى . ئۇ ئوپراتسىيە كىلىشىمىگە ئىمزا قۇيۇپ بۇلۇپ ياتاققا ئەمدى كىرىپ تۇرىشىغىلا دۇختۇر سېتىرالار ئارقىدىنلا كىرىپ ھازىرلا ئۇپراتسىيە قىلىدىغىنىنى ئۇقتۇردى .
بالام قەدىردان ئەمىسە ماڭامدۇق .
نىمە دەۋاتىسىز ئاپا ئۇپراتسىيە قىلىمىز داۋاتسسا نەگە ماڭىمىز .
ئوپراتسىيەنى يە بىز قىلمىساق يا بىر چوڭ ئۇپراتسىيە بولمىسا ئۇ يەنە كىلىپ بۇ يەردە دوختۇر سېستىرالار بار تۇرسا بىزگە نىمە با بۇيەردە .
بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئاچا ؟ بۇ قىز بىز دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ قىزى ئايالى ياكى كىلىنى ئەمەستۇ ؟ھېچ بولمىسا بىرەرسىڭلار قېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىساڭلا بولماس .غەلىتە ئادەملەر باركىنا تۇۋا .
"ھالقدىن خەۋەر ئالغۇدەك ئېغىر كىسەل بولمسا يە "غۇتۇلدىدى پاتەمخان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ .
ئاپا بولدى قىلسىڭىزچۇ ؟ بۇ دىگەن دوختۇرخانا ،كەتكىڭىز بولسا سىز كىتىڭ مەن كەتمەيمەن ،ھېلىمۇ  كارىمىز بولماي تاشلىۋەتكىلى ھەپتە بولدى ،يات ئادەم بولسىمۇ بۇنداق قىلمايدۇ ئاپا بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز .
بۇقېتم قەدىرداننىڭ راستىنلا ئاچچىقى تۇتقان ئىدى ،شۇڭا يۈز ئاۋايلاپ ئۇلتۇرماي ئاپىسىغا كايىپ كەتتى ، ئانا – بالا ئىككەيلەننىڭ ئۈزى سەۋەبلىك جىدەللىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن نۇرىمان ئىرىنىڭ پىشىدىن تارتقۇشلاپ ئاران تۇختاتتى .
ئۇغلىدىن بونداق گەپنىڭ چىقىشىنى كۈتمىگەن پاتەمخان ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ نۇرىمانغا زەردە بىلەن بىرنى ئالايدى دە چىقىپ كەتتى .
ئۇپراتسىيە باشلاندى ، ئۇپراتسىيە ئۈيىنىڭ ئىشىگى تۈۋىدە تۇرۇپ ئايالىنىڭ نالا پەريادىنى ئاڭلاپ تۇرغان قەدىردان ئۆز گۈشىنى ئۈزى يىگۈدەك بولدى ،ئايالىغا چىدىماي ئاپىنسىنىڭ گىپىگەكىرىپ نۇرىمانغا قىلغان ئەتكەنلىرىگە ئۆلگۈدەك پۇشايمان قىلدى ، ھەم بوندىن كىين چۇقۇم نۇرىماننغا ئۇبدان كۈيۈنۈپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش تۇغرىسدا پىلانمۇ تۈزدى .يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇپراتسىيە ئاياقلىشىپ دۇختۇر قەدىرداننى چاقىردى .
كىچىك ئۇپراتسىيە بۇلغاچقا ناركۇز قىلمىدۇق ناركۇز دۇرىسنىڭ سالامەتتكە بۇلغان تەسىرى بەك يامان ئادەتتە بۇنداق كىچىك ئۇپراتسىيەلەرنى ناركۇز قىلمايمىز ئايالىڭىز ھۇشىدىن كەتتى .
كۈتۈرۈپ ياتىغىغا ئەپ چىقىڭ ، بىچارە بەك ئاغرىق تارتىۋالدى ھېلىمۇ چىداملىقكەن .
ئۇ قۇلىنى سۇغۇق سۇدا يۇمۇسۇن ھەر قانداق چاغدا ئسسىق سۇ تەييارلاپ بىرىڭ يەنە قۇۋەتلىك تاماقلارنى ئەكىلىپ بىرىڭ ،يەنە دەيدىغىنىم شۇ ئۇنى ئۇبدان كۈتۈڭ .
ماقۇل دۇختۇر .
قەدىردان ھۇشسىز ياتقان ئايالىغا قاراپ كۆڭىلى بۇزۇلدى.ئۇنى مۇشۇنداق ئازابقا مۇپتىلا قىلغىنى ئۈچۈن
نە كەچۈرۈم سۇرىشىنى نە تەسەللى بىرىشىنى بىلەلمەي ئازابلاندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 06:15 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 06:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى يەنە بىر ئەسىر ساقلايدىكەنمىزدە

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 07:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0998xayda يوللىغان ۋاقتى  2013-3-27 06:55 PM
ئاخىرىنى يەنە بىر ئەسىر ساقلايدىكەنمىزدە

ئۇنداق بۇلمايدۇ بۇ بىرنەچچە كۈندىن بىرى سەل مىجەزىم يۇق ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچەت تىكىشكە ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى شۇڭا پەقەت ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم خىجىلمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23025
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 09:53:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىردانمۇ  بەكلا بوشاڭ نىمىكەن .......................... بولدىلا ئاخىرىنى ساقلاي.

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش