تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 05:16 PM
ئۇنداقتا بەقەر سۇرىسىدىكى نىمىنى دىگەن گەپ بىلەن سىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ, ئنكاسلىرىڭىزدىن قارىغاندا سىز بىدئەت بىلەن ئبادەتنىڭ چېگراسىنى بىلەلمىگەندەك قىلىسىز. تەپەككۈر قىلىش ئاللاھ بۇيرىغان ئلاھى پەرمان. ئەمما تارىخچى ھۈجەيرە ھەققىدە يەكۈن چىقىرالمىغاندەك, يېتەرلىك بىلىمى بولمىغان كىشى ئايەتلەردىن بىۋاستە توغرا ھۆكۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىم ئۆز ھەجمىگە قارىغاندا ناھايتى كۆپ مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا سىموۋۇللۇق مەنىلىرىمۇ بار. شۇڭا ئايەت, ئايەت بىلەن, ھەدىس بىلەن, ئەسەر بىلەن تەپسىرلىنىدۇ. ئىلىمسىز ھالدا ئايەتتىن سۆزلەش كۆپ ھاللاردا توغرا بولمىغان چۈشەنچىگە كېلىپ قېلىشقا سەۋەپ بولىدۇ. قېرىنداشلارنىڭ دىمەكچى بولغىنى مۇشۇ.ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتە نىمە دىگەنلىگىگە قاراڭ:
[«(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم (مەنىسى ئوچۇق ئايەتلەر باركى) ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر يەنە باشقا مۇتەشابىھ (مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بىرىش ئۈچۈن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەفسى خاھىشى بۇيىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقى) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدە توشقانلار ئېيتىدۇ: ئۇنىڭغا ئىشەندۇق ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ.»
ﺳﯜﺭﻩ ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ 7 - ئايەت].
بىدئەت مەسىلىسى چوڭ تېما. بۇ ھەقتە ئەسلى تالىشىشنىڭ ھىچ ھاجىتىمۇ يوقتى. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي. بىدئەت دىگەنلىك; ئىبادەتكە ياتىدىغان بىرەر ئشنى ئاساسسىز پەيدا قىلىۋېلىش دىگەنلىك. ئبادەتنى تەسىس قىلىش خاس ئاللاھقىلا مەنسۈپ. گۇناھ ياكى ساۋاپنى ئنسانىڭ بەلگىلەش ھوقۇقى بولمايدۇ. شۇڭا بىدئەت ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان گۇناھى كەبىرەدۇر.
ھەججەتۇل ۋىدادا, ئاللاھ تائالا سۈرە مائىدەنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئايەتنى (يەنى ئەڭ ئاخىرىدا نازىل قىلىنغان) نازىل قىلىپ, قۇرئان كەرىمنى ئۈممەتكە ئامانەت قىلدى.
[«… كافىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار(نى يۇقىتىش)تىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇلاردىن قورقماڭلار, مەندىن قورقۇڭلار, بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ...»
ﺳﯜﺭﻩ ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ 3 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.]
شۇنىڭدىن كېيىن كىمكى دىنغا (ئەھكاملارغا) بىر نەرسە قوشسا ياكى كېمەيتسە ئۇ ئازغۇن, قىلمىشى باتىلدۇر.
[«ئۇلار(سەدىقە قىلىمىز ياخشىلاردىن بولىمىزدەپ) ئاللاھغا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى(ئىمانىنى, ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھغا مۇلاقەت بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى)گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يېلتىز تارتىپ) تۇرۇشنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى.»
ﺳﯜﺭﻩ ﺗﻪﯞﺑﻪ 77 - ئايەت]
ئەگەر كىمكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى دىمىگەن بىر ئبادەتنى پەيدا قىلىدىكەن, ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.