|
ئىبادەت ئاتالغۇسى ساۋاپ ئۈمدقىلىنىدىغان بارلىق ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئا كەرىمدە ئىبادەت, ناماز ئىبارىلىرى ئوخشىمىغان مەنالاردا ئۇچرايدۇ. بەزىدە ئايرىم ئايەتلەردە كەلسە, بەزىدە بىرلا ئايەتلەردە كېلىپ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەپ بەرگەن.مەسىلەن:
[«ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھدىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا: ئاتا- ئانىسىغا, خىش- ئەقرىبالارغا, يېتىملەرگە, مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا, كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا, ناماز ئۆتەشكە, زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر.»
ﺳﯜﺭﻩ ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 83 - ئايەت]
يۇقۇرقى ئايەتتە ئاتا-ئانىغا, ئەقرىبالارغا, يىتىم-مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىش, ياخشى سۆزلۈك بولۇش, ناماز ۋە زاكاتنىڭ ھەممىسى ئىبادەت سانالغان.
ئەمدى تۆۋەندىكى ئايەتكە قارايلى:
[«جىنلارنى ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.»
ﺳﯜﺭﻩ ﺯﺍﺭﯨﻴﺎﺕ 56 - ئايەت.]
ئەگەر ئىبادەت ناماز ۋە زىكىرنىلا كۆرسەتسە پەقەت ئىبادەت ئۈچۈنلا يارالغان ئنسان تاقەت كەلتۈرەلەمدۇ?
ياخشىلىق, خەير-ئېھسان ئىبادەت بولغان ئىكەن, ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن يول ۋە شەكىل بويىچە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ( قولىڭىزدا بار بولغان ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ بىدئەت تېمىلىرىغا قاراپ بېقىڭ). ئىشەنچ بىلەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى: ئىسلام ھەر بىر ئىشىمىزغا قەدەر توغرا كۆرسەتمىسى بار بولغان مۇكەممەل دىن.
[«ئاللاھغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نىئمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ.»
ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 175 - ئايەت]
[«ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ ئىرادىسى بۇيىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلىقدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.»
ﺳﯜﺭﻩ ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ 16 - ئايەت] [«دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرىك ئەت .ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزقىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنشى ئۈچۈن(كىشلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنئۇنىڭغا ئاللاھدىن باشقا دوسىت ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ ئۇ ھەر قانداق فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇرئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.»
ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻧﺌﺎﻡ 70 - ئايەت]
|
|