تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 03:33 PM
ئىجتىھاتىڭىز بولسا بەقەر47- بەتنى ئىچىڭ. شۇيەردە تۆت ك ...
ئەسلىدە بولدى قىلغان ئدىم. ئەمما يەنىلا باش تارتىشنى توغرا تاپمىدىم. قېنى داۋاملاشتۇرايلى.
ئاللاھ تائالا سۈرە بەقەر 83- ئايەتتەناماز, زاكات, خەير-ئېھسان ھەتتا ياخشى سۆزلەرگىچە ھەممىسىنى ئىبادەت دەپ ئاتىدى. بۇنى ئالدىنقى ئنكاسىمدا دەلىل قىلدىم. رەسۇلىللاھمۇ, ئۆلىمالارمۇ شۇنداق ئاتىدى. دىمەك ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشمۇ ئبادەت دائرىسىدىكى بىر ئش. بۇ مۇتەششابىھ بولمىغان مەزكۇر ئايەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە شۇ گەپنى قىلسىڭىز بۇ ھەقتە تالاشمايلى. بەك ئېنىقلىماقچى بولسىڭىز ئەرەپ تىلىنىڭ ئەڭ كاتتا لۇغىتى (لىسانۇلئەرەب) نى كۆرۈپ باقارسىز.
بىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەزىر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى:
1. ۋاقتى تەيىن قىلىنىدۇ.
[«ماللىرىنى كېچە- كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت) يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا يۇسۇندا خەيرى- ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنۇچ ۋە غەم- قايغۇ بولمايدۇ.»
ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 274 - ئايەت]
سىز دەلىل قىلغان بۇ ئايەت خەيىر-ئھساننى ھەممە ۋاقىت قىلىپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
نەزىر بولسا (ھەممە) ئۆز ئچىگە ئالغان خالىغان كۈنلەردە ئەمەس, مەلۇم چەكلىك كۈنلەردىلا(3-, 7-, 20-, 40-, 365- كۈنلىرى) قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال يۇقارقى ئايەتكە تۈپتىن خىلاپ.
2. نەزىرنى خەير-ئېھسان دىسەك, بۇ خەيىر-ئېھسان ئوبىكتلىرى مەسىلىسى ئۆتتۇرىغا چىقىدۇ.
[«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇليىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەيرى- ئېھسان قىلماڭلار ئۇ ئۆزەڭلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىغى ئۈچۈنلا خەير- ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير- ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىغىدىن باشقىسىنى كۆزدە تۇتماڭلار). مېلىڭلاردىن نېمىنى خەيرى- ئېھسان قىلماڭلار سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ).»
ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 272 - ئايەت]
3. رىيا قىلىنىدۇ.
بۇنىڭغىمۇ يۇقۇرىدىكى ئايەت دەلىل.
4. يىتىملەرنىڭ ھەقلىرى يىيىلىدۇ.
[«زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال- مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار شۈبھىسىزكى قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دەۋزەخكە) كىرىدۇ.»
ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 10 - ئايەت]
5.مىراس ئەھكاملىرى بۇزۇلىدۇ.
[«ئاتا- ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار ئاتا- ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغاناياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەر ئادەم (ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ.»
ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 7 - ئايەت]
[«مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر.»
ﺳﯜﺭﻩ ﻓﻪﺟﺮ 19 - ئايەت]