gayur1 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 07:54 PM
[«(ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ ...
[«سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا, ئاخىرەت كۈنىگە, پەرىشتىلەرگە, كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا), پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش, ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش- ئەقرىبالارغا, يېتىملەرگە, مىسكىنلەرگە, ئىبىن سەبىللەرگە (يەنى پۇل- مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا), سائىللارغا, ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىشىگە پۇل- مال ياردەم قىلىش, ناماز ئوقۇش, زاكات بېرىش, ئەھدىگە ۋاپا قىلىش, يوقسۇزلۇققا, كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىماندا) راستچىل ئادەملەردۇر. ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر.»
ﺳﯜﺭﻩ ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 177 - ئايەت]
قېرىنداشلىرىم, ئاتا-ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشنى ئىزلىسەك رەسۇلىللا كۆرسەتكەن توغرا يوللار بار. مەسجىتلەردە دىيىلىپ تۇرىدۇ.
ئۆزىمىز بىرەر ئشنى بەلگۈلىۋېلىپ يەنە ئۆزىمىز ساۋاپ بېرەلەمدۇق? كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھاياتلىغىدا ئۆزى قىلىپ قويغان مۇنۇ ئۈچ خىل ئەمەلىدىن ساۋاپ يېتىدۇ.
1. سالىھ پەرزەنت.
2. سەدىقە جارىيە (داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە).
3. مەنپەئەتلىك ئىلىم (ئۇنىڭ پايدىلىق ئىلمى ياكى ھۈنىرى داۋام ئەتسە).
مۇجتەھد ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىنىغۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كەتتۇق. ئەمدى شۇ ئەھكاملارنى يەتكۈزۈپ قويغۇچىلارغا بولسىمۇ تۆھمەت, قالپاقلار بىلەن ئازار قىلمايلى.