مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: KETMEN

پوۋىست : ئويغانغان روھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107393
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-6-4
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 09:19:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى. قېنى. ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 09:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن تورداشلار :
  ھەپتە بولدى ئەسەرنى يازغان كومپىيوتۇر بۇزۇلغانلىقتىن رىمونت قىلىپ بورۇنقى ماتىرىياللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەل تەسكە توختاۋاتىدۇ ، ھەممىسى يۇيۇلۇپ كىتىش ئىھتىماللىقى بولىۋاتىدۇ ، شۇڭا  بىر نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە كىيىنكى بۆلىكىنى يوللايمەن.  
   ئەسىرىمنى ياقتۇرغان ھەممىڭلارغا رەھمەت.

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 11:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم ئەسىرىڭىزنى ناھايىتى ياخشى يېزېپسىز...مۇكاپاتقا ئرىشىشىگە تىلەكداشمەن . ئەممازەەەەەەەەەەەەەەە......داۋامىنى يوللىغانمىدۇ دەپ كۇندە بەش ۋاخ  يوقلاۋاتىمەن مۇنبەرنى .بەك تەقەززا قىلىۋەتتىڭىز مۇنبەردىكىلەرنى.....................................

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 969 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 01:22:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يازمامسىز?

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 02:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، بەكمۇ ئەپسۇس .
ئەسەرنى يازغان كومپىيوتۇر بوزۇلۇپ ، قاتتىق دىكسىمۇ بوزۇلدى ، بۇ ئەسەر شۇنداقلا باشقا ماتىرياللىرىممۇ يوق بولدى . شۇڭا قايتا يىزىشقا توغرا كەلدى ، ئاللاھ خالسا جۈمە كۈنى 4-قىسمى ھوزۇرۇڭلاردا بولغۇسى . ئەمدى ، ئۇدۇللۇق يىزىپ يوللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم . توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى شۇنداقلا قوللۇشۇڭلارغا مۇھتاجمەن .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 10:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-بىمەزگىل توزىغان غۇنچە
پەرمان يەنىلا ئايقەمەرنى ئويلاپلا يۈرەتتى ، ئايقەمەر خۇددى چىراغ ئەتراپىدا ئەگىپ كىتەلمىگەن پەرۋانىدەك ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەگىپ ، خىيالىغا چاڭگال سالماقتا ئىدى . پەرمان ئۇنى ئەسلمەكتە ، ئۇنى كۆرگۈسى كەلمەكتە ئىدى ، ئەمما قانداق كۆرۈشۈشنى بىلمەيتى . ئۇ باش قاتۇرماقتا ، قانداق قىلىپ بۇ بەرنا ، نازاكەتلىك ، ئوماق قىز بىلەن يەنە بىر قىتىم كۆرۈشۈش ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ، كوچا ئايلىنىش ، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يىتىش توغۇرلۇققا ئويلىناتتى . ھەي پەرمان بايۋەچچە ، نۇرغۇن نازىنىنلار ئالالمىغان كۆڭلۈڭنى بۇ ئاددى ساددا ، ئۇياتچان قىز قانداق ئالغاندۇ ؟ سىنىڭ ئۇنىڭ بولغان بۇ سىغىنىشلىرىڭ ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ ياكى قانداقتۇر شەيتاننىڭ رەزىل سۈيقەستى ئارلاشقان خىيالمۇ ؟
  پەرمان ئايقەمەرنى ئىزدەپ بارماقچىمۇ بولدى ؟ ئەمما مەكتەپكە نىمە مەقسەت مۇددىئا بىلەن بارىدۇ ؟ ئايقەمەردەك تېرىشچان ئوقۇغۇچىلار پەقەت سىنىپ بىلەن ياتاقنىڭ ئارىسىدا قاتناپلا يۈرىيدىغان تۇرسا . يا سىرتقا تۈزۈكرەك چىقمىسا ؟ ئۇنى كۈنلەپ ئايلاپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلىسۇنمۇ ؟ شازادەم ئارقىلىق ئىزدىسۇنمۇ ؟ ياق ھەرگىز بولمايدۇ ؟ بۇ سورۇنخۇمار ، جەمىئىيەت كۆرگەن قىز چوقۇم ئايقەمەرگە : قانداق ؟ يۈرۈپ قالدىڭلارمۇ ؟ ئىسسىق ئۆتەشتىمۇ ؟ پەرمان بولامدىكە ؟ مۇھەببەتلەشسە قانداق بولىدىكەن ؟ دەپ بۇ نومۇسچان قىزچاقنى ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئايقەمەر پەرمان بىلەن ئىككىنجى كۆرۈشمەيدۇ . پەرماننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ، خىياللىرى خۇددى كۆپۈكتەك يىرىلىپ ، مامكاپتەك توزۇپ كىتىدۇ خالاس . ھەي ، زادى قانداق قىلىش كىرەك ؟ قانداق قىلىپ بۇ نازاكەتلىك قىزنى سىرتقا ئىلىپ چىقىپ كۆرۈشكىلى ، سىرداشقىلى بولىدۇ ؟
  پەرمان تويۇقسىز ئەقىل تاپقاندەك بولدى ، توغرا، نەچچە كۈندىن كىيىن ياسىن خوندانىڭ توغۇلغان كۈنى ، مۇشۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ، ياسىن خوندانىڭ توغۇلغان كۈنىدە شازادەم كەم بولسا بولمايدۇ ؟ شازادەم چىققان ئىكەن ئايقەمەرنى ئىلىپ چىقالايدۇ ؟ شۇندىلا ھىچكىم ھىچكىمدىن گۇمان قىلالمايدۇ ؟ لىكىن بۇ پىتى ياسىن توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەيدىغان تۇرسا ؟ باشقىلارنىڭكىغۇ قالماي قاتنىشىدۇ بۇ قىلىن پىتى گۇي . قىلىنلىق يىرىم دۆلەت دىگەن راس ئوخشايدۇ ؟ توختا ، ئەمدى بۇنىڭمۇ ئەل ئاغىنىلەرگە داستىخان سىلىپ ، چاي قۇيىدىغان ۋاقتى كەپ قالدى ، بۇ قىتىم چوقۇم ئۆتكۈزىشى كىرەك ، بولمىسا پەرمان بايۋەچچە ئايقەمەرنىڭ خىيالىدا پۇچلىنىپ كەتمەمدۇ ؟ پەرمان يانفۇننى قولىغا ئىلىپ ياسىن خونداغا تېلفۇن قىلدى .
  -ۋەي ، خوندا بارمۇ سەن ؟ يوقاپ كەتتىڭغۇ ؟ بىزنىمۇ ئەسلەپ تۇر ئاداش ، دىدار غەنىمەت . ھە ، بىكار بولساڭ دۇكانغا تاسسىدە كىلە ئاداش ، مۇھىم مەسلىھەت بار . بولە ، بولە ، لىڭتاسما ئاداش . – پەرمان تېلفۇننى قۇيىۋىتىپ ياسىننى ساقلاپ ئولتۇردى ، ئاڭغىچە دۇكانغا بىر قانچە خىرىدارمۇ كىردى ، ئەمما بۇ بايۋەتچە ، باھانى ئۆرە قۇيىۋىلىپ قولغا كىلەي دىگەن پۇلنىمۇ تاپماي ئولتۇرىۋەردى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەس-يادى خىيالىدىكى جانانى ئايقەمەردە ئىدى .
  ياسىن خوندامۇ ھايال ئۆتمەي يىتىپ كەلدى . ئۇ پەرمان بىلەن بىرە قۇر ئەھۋاللىشىپ گەپنى باشلىدى :
  -ھە ، بايۋەتچە ، ئىزلەپ قاپلا ؟ قانداق مۇھىم مەسلىھەت ، يوليورۇق ، پەرمانلىرى باركى ؟
-ھە ، گەپدان قارى ، سايراپ كەتلىغۇ ؟ نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىيلا ؟ ئۇزۇن بولدى يوقاپلا كەتتىلە ؟ يا قارىلىرىنى كۆرسەتمەيلا ؟ بىرە ياخشى ئوقەت تىپىۋالغان ئوخشىماملا ؟
  -نەدىكى ئوقەت ئۇ ؟ ئوقەتنىڭ ھەممىنى ئۆزلىرى مونوپۇل قىلىۋاتسىلا ؟ بىزگە ئاشامدۇ ؟ھە گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك ، خوش نىمە ئىشتى ئاداش ؟
- شۇ ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭ ، نىمە ئىشلار بىلەن يۈرىۋاتقاندۇ دەپ ؟
- نىمە ئىش بولسۇن ئاداش ، يەنە شۇ ئەرزان ئىلىپ قىممەت سىتىپ ، ئىككى تۆت تەڭگە تىپىپ جان بىقىۋاتىمىز ؟ ئەتىگەن باققال بازىرىغا كىرگەن ، قارىسام ئىپىدە ئانار ئۇچراپ قالغان ، ئاياقتىن ئىلىپ ، ماياقتىن سىتىپ تۇرسام تېلفۇن قىلدىڭ ؟
  - قاندا ؟ بىرە مىڭ كوي تاپقانسە ؟
  -ئۇنچىلىك تاپالمىساقمۇ 1400 كوي تىپىپ قويدۇق ئاداش .
  - يا ، جىڭ ئاشۇ جىن ئۇسسۇلغا سىلىپ ،ئۆردەككە قونداق قوندۇرىدىغان ئاداش جۇما سەن .
  - قانداق قىلىسەن ئەمدى . جاھاندارچىلىق . نىمە ئىش بارتى ئاداش ، نەق گەپنىلا قىلە ، ھەرقانچە بولسىمۇ بۈگۈن مىنى خىزمەتتىن دۇكلات بەرگىلى چاقىرمىغانسەن .
  - قارا ، گەپ تىپىپ ئۈلگۈرتكىلى بولمايدىغۇ ساڭا ، شۇ ، باشقا ئىشمۇ يوق . بايا يانفۇن ئويناۋىتىپ كالىندارنى ئىچىپ قاپتىمەن ، شۇندالا قارىسام ، كىلەر يەكشەنبە سىنىڭ توغۇلغان كۈنۈڭكەن ؟ شۇڭا نەدىرەك ئولتۇرامىزكى دەپ ، شۇنى بىلىپ باقاي دىگەن ، تەييارلىق قىلمىساق بولماس .
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
  -ھە ، ۋەلەيكۇم ئەسسالام .
  -تىژلىقتۇ ؟
  -تىژلىق ئاداش ، نىمە بولدى ، ئادىمىگەرچىلىكنىڭ قازاسى يوق دەپ ، چالا قالغان سالام-ساھەتلىرىڭنى قىلىۋاتامسە ؟
  -ئېدىشش ، سەن بىلەن تونۇشقىلى خىلى يىل بولدى ، قاچان مىنىڭ توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگۈنۈمنى كۆرگەن ؟
   - ئاداش بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟ ئاغىنىلەرنىڭ توغۇلغان كۈنىدىن قالماي قاتنىشىسەن ، ئەمدى بىرە نۆۋەت چاي قۇيمىساڭ بولماس ؟ جان تەنگە مىھمان ، ئادەم ئادەمگە ؟
  -ھىلىمۇ قايسى ئەل ئاغىنىلىرىمىز توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ كىتىپتۇ ؟
  - ما گەپنى ؟ ئەجەپ مىنىڭكىگە قاتنىشىسەن ؟ شازادەم ، ئەلفىرە يەنە شىرزاتلارنىڭكىغىمۇ قاتنىشىسەنغۇ ؟
-ھە ، تىخى ، مىنىڭكىگە دىدىڭما ؟ ئاداش ، ئاناڭ سىنى قانچە قىتىم تۇغقان ؟ قەيەردە چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەڭ ، تونۇش ئۈچۈن ، تانسا ئويناش ئۈچۈن ئۇنىمىسام ئۇنىماي زورمۇ زور تونۇشقىلى سالىسە ، تىخى دو تىكىپ ، ئاندىن توغۇلغان كۈنۈڭ بولىدۇ . ئەگەر دۇنيادا مۇشۇ بىر يىلدا ئەڭ كۆپ توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش رىكورتى بولسا ئالتۇن مىدالدىن نەچچىنى ئىلىپ ھىلىقى ، نوبىل دەمدۇ ؟ ئوسكار دەمدۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق مۇكاپاتتىن بىرنى ئالسىەن جۇما .
  - بولدى ، ئاداش ئۇنچلىك ئاشۇرۋەتمە ؟ ئەمدى ئەل ئاغىنىلەر بىلەم ئولتۇرۇپ مۇڭداشمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، مۇشۇ بانادا كۆرۈشىپ ، سىردىشىپ ، ئەھۋاللىشىپ كىلەيلى دىسەم ، ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭ . بىرە قىتىم ئۆتكۈزۈپ قويساڭ بولمامدۇ دەيمەن .
  - ئۇغۇ راس ، ھازىر ئۆزەڭ بىلىسەن ، جاھان چىڭىپ كەتتى ، پۇل تاپماق تەسلىشىپ كەتتى ، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ ئالدى توي قىلىپ بالىلىق بولدى ، كەينى خىزمەت ، تىجارەت دەپ يۈرۈپ كۆرسەك ھالىمىز يوق ، كۆرمىسەك كارىمىز يوق بولۇپ كەتتۇققۇ ؟
  -شۇڭا ئاداش ، ئەمدى ھەممەيلەننى كىلىپ ئولتۇرايلى دىسەك ، بىرىنىڭ ئىشى چىقىپ قالغان ، بىرىنىڭ بالىسى ئاغرىق ، بىرى خىزمەتتە . شۇڭا مۇشۇنداق پۇرسەتلەردە جەم بولۇشمىساق ، شۇ ھىيت – ئايەمدىلا كۆرىشىدىكەنمىز . شۇڭا ئاداش ، يىقىن دىگەن ئەل ئاغىنىلەردىن جىق ئەمەس بەش ، ئالتىنى چاقىرىپ ، بىرەدەم ھال مۇڭ بولايلى . قانداق دىدىم ؟ ئەگەر پۇلدىن قورقساڭ ، بولدى چىقىمنىڭ ھەممىسى مەندىن .
  - ئاداش ، بىز تىخى تاماقنى قەرز ئىلىپ يەيدىغان ھالغا كەپ قالمىدۇق جۇما ، بولدى ، ئۆتكۈزسەم ئۆتكۈزدۈم ، سىنىڭ ئاغزىڭدىن ئويۇن-تاماششادىن باشقىسى چىقماسمىكى دىسەم ، مۇنداق ئادەمگە ياقىدىغان گەپلىرىڭمۇ باركەن . قىنى نەدە ئولتۇرىمىز ؟ دىباغا بارامدۇق يا بىرە رىستۇرانغا كىرەمدۇق ؟- دىدى ياسىن خوندا پەرمانغا قاراپ .
  - ھە ، مىنىڭچە – پەرمان ئويلانماقتا ئىدى ، ئەگەر دىباغا كىرسە ئايقەمەر بارمايمەن دەپ ئۇنىماسلىقى مۇمكىن ، شۇڭا ياخشىسى رىستۇرانغا كىرگىنى ياخشى ، ئەمما رىستۇراندا ئۇسسۇل تانسا ئوينىغىلى بولمايدىغان تۇرسا ، پەرمان قانداقمۇ ئايقەمەرنىڭ زىلۋا بەللىرىنى تۇتالايدۇ ، شۇڭا يەنىلا دىباغا بارغان ياخشى . پەرمان ئويلىنىپ بولۇپ – ئاداش ، يەنىلا دىباغا بارايلى ، ھەممىمىز دىبادىلا توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەن تۇرساق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر رىستۇرانلاردا ھاراق يوق . ئەمدى ئەل-ئاغىنىلەر يەپ ئىچىپ تاپىنى قىززىغاندا بىرە پەدە سەكرەپ تاماقنى سىڭدۈرمىسە بولماس .
  -ئەمىسە ، قۇيۇنغا بارامدۇق يا ، يىڭىدىن ئىچىلغان مىڭ بىر كىچىگىمۇ ؟
  -قويۇنغا بارايلى ئاداش ، كونا يەرنىڭ مەرى باشقىچە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇلازىملارمۇ تونۇش .
  -بولىدۇ ، ئەمىسە ، شۇنداق بىكىتتۇق . ئەمىسە ، جىق ئەمەس ، يەتتە سەككىزەيلەنلا بارايلى ، ئاغىنىلەرنى مەن چاقىراي .
  -ئىشىقىلىپ ئاداش ، سەن ، مەن تونۇيدىغانلارنى چاقىر جۇما .
  -ۋاي بىلىمەن . ماقۇل ئاداش . ئەمىسە مەن قايتاي ، ئىشلار بولسا تېلفۇنلىشامىز .
  - نەگە ئالدىرايسەن ؟ چۈش بولدى ، بىللە تاماق يەپ ماڭ .
  -ئەمىسە مەيلى ، ئاداش ، قوپە ئەمىسە ، قالغان مەسلىھەتنى تاماق يىگەچ قىلايلى .- پەرمان بىلەن ياسىن خوندا مەسلىھەتنىڭ ئاخىرىنى قىلىش ئۈچۈن تاماققا ماڭدى . شۇنداق قىلىپ پەرمان ئاخىرى ئايقەمەر بىلەن كۆرىشىدىغان پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى .
  مانا ئاخىرى ياسىن خوندانىڭ توغۇلغان كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى . پەرمان بۇ كۈننى شۇنداق ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتۈكى ، كۈن ساناپ بولالماي تاقىتى تاق بولۇپ كەتكەن ئىدى . بۇ كۈن ئاخىرى كەلدى . پەرمان ياسىن خوندانى ئىلىپ ماڭدى . يولدا پەرمان گەپ باشلىدى .
-        ھە ئاداش ، شازادەم ئىلىۋالامدۇق يا ؟
-         ئىلىۋالىمىز ، ئۇ خان ۋالىدەم ئىلىۋالمىساق بولماس .
-         بولىدۇ ، ئەمىسە سىفەنگە ماڭدۇق ، قانداق خەۋىرى باردۇ ؟
-         بولمامدىغان ، ئاخشام كىمدىن ئاڭلىدىكى تېلفۇن قىلىپ سايراپلا كەتتى ، خوندا ئادىمەتچىلىك تۇتۇپ كىتىپتۇغۇ ، تازا ياشايلى دەپسەندە ، دەپ مىڭەمنى قوچۇۋەتتىغۇ – ئەمەلىيەتتە شازادەمگە بۇ خەۋەرنى قىلغان ئادەم باشقا بىرى ئەمەس دەل پەرمان ئىدى .پەرمان مەكتەپگە كىلىشىگە ياسىن شازادەمگە تېلفۇن قىلماقچى بولۇپ تۇرىشىغا پەرمان :
-        ئاداش ، ئۆتكەندە شازادەمنىڭ توغۇلغان كۈنى بولغاندا ، ھىلىقى ساۋاقدىشىنى بەكمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىۋەتكەنتىڭ . يادىڭدىدۇ ؟
-         كىمنى دەيسە ؟
-          ئايقەمەرچۇ ؟
-        ھە ، ئەمدى چۈشەندىم ، ئەسلى سىنىڭ مەقسىتىڭ شۇ قىزدىكەندە ، نىمانداق نەچچە يىلدىن بىرى ئۆتكۈزمىگەن توغۇلغان كۈنۈمگە نىمانداق كۈچەيدىكى دىسەم ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دە.قارىغاندا ئۇ قىزغا كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قاپتۇدە .
-        ماڭا ۋە ، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسە ، ئۆتكەندە ئوڭايسىزلاندۇرۇپ ، تامىقىنى ئارامىدا يىگىلى قويمۇدۇڭ ، ئەمدى مۇشۇ پۇرسەتتە ، كەچۈرۈم سورىۋالسۇن دىسەم .
-         ماقۇل ، ئىشقىلىپ ئاداش ، مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇپ بولالمايسەن ، ئىسىڭدە بولسۇن ، ئايقەمەر بىز دىبادا بىللە ئويناپ يۈرگەن قىزلارغا ئوخشىمايدۇ ، ئىشقىلىپ قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلەسە- ياسىن خوندا گەرچە ئويۇنخۇمار بولسىمۇ ئەمما ئالدىراپ ۋىجدان سورىقىغا قالىدىغان ئىشلارنى قىلمايتى . شۇڭا ئۇمۇ پەرماننى ئايقەمەرگە نىسپەتەن يامان كويلاردا بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرىۋاتاتتى . ياسىن شازادەمگە تېلفۇن قىلدى .
- ۋەي ، باغرىمما ، قانداق ؟ تەييارلىق پۈتكەندۇ ؟ ھە ، بىزمۇ پەستە ، يولۇڭغا قاراپ ، ئىقىۋاتىدۇ مىنىڭ ياشلىرىم دەپ تۇردۇق ، بۇلە ، جىنىم يىشىم ئىقىپ تۈگەپ بولغۇچە چۈشۈپ بول . راس ، ئۆتكەندە ھىلىقى ساۋاقدىشىڭنى بەكمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىۋىتىپتىمەن ، خاپا بولماي ، بىللە بولساڭلا ئىلىپ چۈشە ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ناماقۇللۇق چىيى قۇيۇپ  قالغان كۆڭلىنى ئىلىۋالاي . بولۇڭلا جۇما ، سورۇن سۇيۇپ قالمىسۇن . – ياسىن خوندا شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى . شازادەم بولسا ، ما ئىككى مىڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغانغا ما سەھرالىق ياراپ قالدىمۇ ، ئاتايىتەن چاقىرىپ كىتىشنى ، يەنە بۇ ئىرىمەس مۇز خىنىمغا يالۋۇرغۇزۇپ ، خەپ . شازادەم دەرس تەكرارلاۋاتقان ئايقەمەرنىڭ يىنىغا كىلىپ :
  -ۋۇي ، تىرشىچان قىزچاق ، بىر گەپ دىسەم ماقۇل دەرسىزمۇ ؟
  - نىمە گەپ – دىدى ئايقەمەر شازادەمگە قاراپ .
  - ھىلىقى ئۆتكەندە مىنىڭ توغۇلغان كۈنۈمدە ، بىزنى ئالغىلى كەلگەن ئىككى دۇستۇم بارغۇ ، پەرمان بىلەن خوندا .
  - خوندا ؟
  -ھىلىقى سۆزمەن ياسىنجانچۇ ؟
  - ھە ، نىمە بولدى .
  -بۈگۈن شۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن ، شۇڭا ئۆتكەندە سىزنى تولا ئوڭايسىزلاندۇرۇپ ، خىجىل قىلىپ قويدۇم ،شۇڭا بۈگۈن ناماقۇل بولۇپ ، كەچۈرۈم سورىۋالسام دەيدۇ . قانداق قىلىسىز ؟ بىللە بىرىپ قاتنىشىپ بىرەلەمسىز يا ؟
-يەنە شۇ توغۇلغان كۈنما ؟ ياق ، شازادەم ، مەن كۆڭلۈمگە ئالمىدىم ، ھەم قاتنىشالمايمەن . راسلا ، خاپا بولمۇدۇم . ئۇ بالا ئارتۇق ئويلاپ كىتىپتۇ .
  - ئەمىسە مەيلى ، بەرىبىر مىنىڭ توغۇلغان كۈنۈم بولمىغاندىن كىيىن سىزنى زورلىمايمەن .-شازادەم شۇنداق دەپلا ياسىنغا تېلفۇن قىلىپ ، ئايقەمەرنىڭ سۆزىنى يەتكۈزدى . ياسىن بۇنى ئاڭلاپ :
  -بىرە تېلفۇننى ئۆزەم دەيمەن –دىدى ، شازادەم ئايقەمەرگە ، ياسىننىڭ سىزگە دەيدىغان گىپى باركەن دەپ تۇتقۇزۇپ قويدى .
  -ۋەي ، ياسىنجان ، مەن راسلا خاپا بولمۇدۇم ، راس . سىز ئارتۇقچە ئويلاپ كىتىپسىز .
  -ماڭا ، قاراڭ ئايقەمەر ، ئەمدى ، بىرىنجىدىن : بۈگۈن مىنىڭ توغۇلغان كۈنۈم ، شۇڭا سىزنى ئەزىز مىھمان بولۇشقا تەكلىپ ئەتتىم . ئىككىنجىدىن : ئالدىنقى قىتىم سىزنى سەل خىجىل قىلىپ قويدۇم ،شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتە سىزگە ناماقۇللۇق چىيى قۇيماقچى . ئۈچىنجىدىن : بۇنى جانابىي پەرمانجان ئالاھىدە تاپىلىغان . شۇڭا ئادەم ئەتكەننى ئادەم ئىتىپ بىر قاتنىشىپ بەرمەمسىز ؟
  -بۇ ..بۇ ، مەن راسلا خاپا بولمۇدۇم .
  -ئۇنى بىلدۇق ، شۇنداق بولسىمۇ ، ئەمدى شازادەم يالغۇز بارسىمۇ قاملاشمايدۇ ، شۇڭا سىزمۇ بىر قاتنىشىپ بىرىڭ .
  - ئادەمنى بەكلا خىجىل قىلىۋىتلا . مەن ..
  - بولدى ، شۇنداق بولسۇن ، تەكەللۇپتىن ئىتائەت ئەلا دەپتىكەن . تىز چۈشۈڭلا ھە .-ياسىن خوندا شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى . ئايقەمەر يەنە باراي دىسە تىخى ، بارماي دىسە تىخى ، خىجىللىقتا نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسىن ئالاھىدە قىلىپ پەرماننى تىلغا ئالدى ، ئالدىنقى قىتىم پەرمان شازادەمنىڭ توغۇلغان كۈنىدە ئۇنى نەچچە قىتىم خىجالەتتىن ساقلاپ قالغان ئىدى . بارمىسا ئەلۋەتتە پەرماننىڭمۇ كۆڭلىگە كىلىدۇ . ئاڭغىچە شازادەم سۆز باشلىدى .
  - ئايقەمەر ، ئەمدى ياسىنمۇ دىدى ، سىزمۇ جاھىللىق قىلماي قاتنىشىپ بىرىڭ ، پەرمانمۇ باركەن ، دىمەك يات ئادەملەر يوق دىيەرلىك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇللارنىڭ توغۇلغان كۈنى بىزنىڭكىدە ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ ، بارىمىز يانىمىز .
  - لىكىن شۇ ...
  - بولدى ، شۇ ، پۇ نى قۇياپ ، قۇپۇڭە جىنىم . تەكەللۇپ بىھاجەت . ماڭدۇق .-شازادەم شۇنداق دىگىنىچە ئايقەمەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى . ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق گىرىم قىلىپ قويدى . بۇ قىتىم ئۇنى ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك ياساپ كەتمىدى . پەقەت ئازراق گىرىم قىلىپ ، ياغلىقىنى ئىلىۋىتىپ چىچىنى تۈزەپ قويدى .
  شازادەم بىلەن ئايقەمەر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا پەرماننىڭ يەنىلا ئايقەمەرنى كۆرۈپ يۈرىكى بۆلەكچىلا سىلىپ كەتتى ، ئۇنىڭ لاتاپەتلىك ، جەزبىدار چىھرى ئۇنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قىتىم لەرزىگە سالدى . ئۇلار ئۆز ئارا سالاملىشىپ مىڭىپ كەتتى .
  -خوش ، بۈگۈن بۇ بايۋەتچىنىڭ ئەجەپ ئادىمەتچىلىكى تۇتۇپ كىتىپتا پەرمان ؟- دىدى شازادەم يولدا ماڭغاچ .
  - شۇ ، مەن تىخى بۇ ئاداش داستىخىنىغا تويىدا ئىغىز تىگەمەنمىكى دىسەم ، بۈگۈن شاپائىتى بۆلەكچىلا تۇتۇپ كىتىپتىغۇ ؟
  - ۋوي ، غوجۇلۇرۇم ، خان ۋالىدە بۈزرۈكۋارلىرىم ، ئەجەپ دىيىشىپ كەتتىلىيا ، بار تاۋىقىم ، يان تاۋىقىم ، يانمىساڭ ئوتتۇرىدىن سۇن تاۋىقىم دەپتىكەن . شۇڭا ئەمدى مۆرىتى كەلسە بىر ، نۆۋىتى كەلسە بىر دەپ ئەل ئاغىنە ، يىقىنلىرىمىز بىلەن بىر ھەمداستىخان بولايلى دىدىمغۇ ؟
  - ھە ، ئۇمۇ ئوبدان بولاپتۇ . دىدار غەنىمەت . ھە ، قىزلار ھازىر سورۇن باشلىنىشقا خىلى بار ، ئاڭغىچە بىر تاماق يەمدۇق ؟-دىدى پەرمان .
  - مەيلى ، ئاداش ، ئەمىسە ھىلىقى داپەنجىخانىغىلا بارايلى ، باشقا يەرنى تىمسىلاپ يۈرگىچە . – دىدى ياسىن .
  -مەيلى ئەمىسە ، بەرىبىر ۋاقىت باركەنغۇ .-دەپ تەستىقلىدى شازادەم .ئۇلار ئاشخانىغا بىرىپ تاماقلىرىنى بۇيرۇتتى . بۇ قىتىم ياسىن ئايقەمەرنى ئوڭايسىزلاندۇرماي دىدىمۇ ئىشقىلىپ تاماق ئارىلىقىدا ئۇشۇقچە گەپ-سۆز ، ھەزىلمۇ بولمىدى ، تاماقتىن كىيىن ياسىن پەرمانغا :
  -ئاداش ،يەنە ئازراق ۋاقىت باركەن ، مەن شازادەم بىلەن بىرىپ تورت ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالاي ، سىلە ئىككىڭلا بىردەم ئايلىنىپ تۇرۇڭلا –دىدى . بۇ گەپ پەرمانغا ئاجايىپ ياقتىكى نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى .
  - مەيلى ، ئاداش ،ئىشقىلىپ بەكمۇ جۇۋاپ كەتمە ، ئاددىيراق قىلساقمۇ بولىدۇ . ئەمىسە نەرسىلەرنى ئىلىپ بولۇپ تېلفۇن قىل ، مەن ئالغىلى باراي .
  - ئەمىسە ،قالغان ئىشنى ۋاقتى كەلگەندە تېلفۇنلىشامىز . ماقۇل بىز ماڭدۇق، قۇپە ، جىنىم ، ماڭدۇق .- ياسىن شازادەمنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . پەرمان بولسا ، نەچچە كۈندىن بىرى دىدارىغا ئىنتىزار بولغان جانانى بىلەن يالغۇز قالدى . ئۇ نەگە بىرىشنى بىلمەي ئايقەردىن سورىدى .
  - يەنە ، خىلى ۋاقىت باركەن ، نەگە بارغۇڭىز بار ؟
  -مەنمۇ بىلمەيمەن .
  -ئەمىسە باغچىغا بارامدۇق ، بىرەدەم ئايلىنىمىز ؟
  -باغىچىغا ، ياق بولدى ، مەن سەل قورۇنۇپ قالىدىكەنمەن .
  -نىمىدىن ؟
  -شۇ ، ئادەم جىق يەرگە بىرىشتىن سەل قورۇنىمەن .
  -ئەمىسە ، نەگە بارغۇڭىز بار ؟
  - مەنمۇ بىلمەيمەن ، بولمىسا ، قايتىپ كىتەمدۇق ؟
  - نەگە ؟
  -مەكتەپكە .
  -مەكتەپكە ؟ ئەمىسە ياسىننىڭ توغۇلغان كۈن سورۇنىغا قانداق قىلىمىز ؟
  -مۇشۇ بۇلا ؟
  -ئۇ سىزنى ئاتايىتەن تەكلىپ قىلىۋاتسا ، بارمايلا كەتسىڭىز ، سەت تۇرا ؟
  -ھىم.. مەنمۇ بىلمىدىم .
  -ئەمىسە ، مۇنداق قىلايلى ، ئاڭلىسام ،تىتانىكنىڭ 3D نۇسخىسى كەپتۇدەك ، بىرىپ كۆرۈپ كىلەمدۇق .
  - نىمە ئۇ تىتانىك دىگەن ؟
-ھە ،شۇنىمۇ بىلمەمسىز ؟
  -ياق .
  - ئۇ دىگەن دۇنياۋى نادىر كىنو ، 10 يىل بولدى ئىشلىگىلى ، كۆرۈپ باقمىغانما ؟
  - ياق .-ئايقەمەرنىڭ دىگىنى راس ئىدى ، چۈنكى بۇ قىز دەرس تەكرارلايمەن دەپ تېلېۋىزورنى ئانچىمۇ كۆرۈپ كەتمەيتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يىزا-قىشلاقلاردا نەدىمۇ مۇنداق كىنونى قويىدىغان كىنوخانا بولسۇن .
  -ئەمىسە ،-دىدى پەرمان –شۇ كىنونى كۆرۈپ كىلەيلى ، 3D لىقكەن ئەمەسمۇ ؟
  -نىمە ئۇ 3D دىگەن .
  -3D دىگىنىمىز ؟..-پەرمانمۇ بىردەم تۇرۇپ قالدى ، چۈنكى ئۇمۇ قانداق شەرھىيلەشنى بىلمەيتى .- ئىشقىلىپ مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن ، كىرگەندە بىر كۆزئەينەك بىرىدۇ ، تاقاپ كۆرسىڭىز خۇددى سىز ئاشۇ نەق مەيداندا بارغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، ئىشقىلىپ بەك پەچەت . بولدى قالغىنىنى بارغاندا بىلسىز .
  -قانداق بۇلا ؟ مەن يا كىنوخانىغا كىرىپ باقمىسام .
  - ۋاي ، ھىچقانداق بولمايدۇ ، كىنوخانىنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ ، سىزنى ھىچكىم ، سىز ھىچكىمنى كۆرمەيسىز ، سىزگە دىسەم ، بۇ كىنو بەك تەسىرلىك ، ئىشقىلىپ كۆرگەن ئادەم كۆزىنى ياشلىماي قالمايدۇ .
  -سىزمۇ ياشلىغانما ؟
  -ئىشقىلىپ باشتا كۆرگەندە يىغلىغان ، بۇ كىنونى كۆرۈپ يىغلىمىغان ئادەمنى نورمال ئادەم دىسە ئىشەنمەيمەن . بولدى ، قالغىنىنى كۆرگەندە بىلىسىز ، ماڭدۇق – پەرمان شۇنداق دىگىنىچە ئايقەمەرنى كىنوخانىغا ئىلىپ ماڭدى . ئۇلار كىنو قۇيىدىغان زالغا كىرگەندە كىنو ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغان ئىدى . كىنو ئارلىقىدا پەرمان ئايقەمەرگە قاراپ قۇياتتى ، ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن پەرمان ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى . كىنو ئاخىرىغا كەلگەندە جىكنىڭ روس ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقىنى كۆرۈپ ئايقەمەرلا ئەمەس باشقا تاماششىبىنلارمۇ كۆزلىرى ئاققان ياشنى سەزمىگەن ئىدى . نىمىدىگەن رومانتىك ، نىمىدىگەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايسى ھە . بۇنداق تەسىرلىك كىنولار ئايقەمەردە ھىسسياتقا باي قىزنى ئەلۋەتتە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ئاساستا تەسىرلەندۈرەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 3D لىق بولغاچقا تەسىر قىلىش كۈچى ، ھەم كۆرۈش تۇيغۇسىمۇ ئۆزگىچە ئىدى . كىنو ئاخىرلىشىپ ، پەرمان ئايقەمەر بىللە يىنىپ چىقتى .
  -قانداق ؟ يالغان دىمىگەندىمە ، تەسىرلىكمىكەن ؟-دىدى پەرمان ماشىنىنى ئوتئالدۇرغاچ . ئايقەمەرنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك گەپ قىلالماي بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنىلا ياش لىغىرلاپ تۇراتتى . پەرمانمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئۇشۇق گەپ قىلماي ، يولىنى داۋام ئەتتى . ئىشقىلىپ ھازىر ئايقەمەرنىڭ كاللىسدا جىكنىڭ روسقا ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقىن ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى . ئۇلار قۇيۇننىڭ ئالدىغا كىلىپ ياسىنغا تىلفۇن قىلدى . بۇ ۋاقىتتا ياسىن بىلەن شازادەممۇ ئالىدىغاننى ئىلىپ سورۇنغا يىقىنلاپ قالغان ئىدى . ئۇلار دىبانىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپ بىللە كىرىپ كەتتى . ياسىن بىلەن شازادەم بىلەن ياسىن ئىلىپ كەلگەن تورت ، مىۋە چىۋىلەرنى تىزىپ داستىخاننى موللاشتۇردى . ئاڭغىچە باشقا مىھمانلارمۇ كىلىپ كەلدى .
  سورۇن باشلاندى ، ياسىن قولىغا رومكىنى ئىلىپ سۆز باشلىدى  :
- بۈگۈن ، مىنىڭ 24 كىرگەن توغۇلغان كۈنۈم ، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۆزۈمگە شۇنداق ۋەدە قىلغان ، 24 ياشقا كىرگۈچە ، ھىيتگاھنىڭ مەركىزىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئىلىش ، خوندا ياكى بىنىز ماشىنىدىن بىرنى ئىلىش ، ئاندىن شىركەت قۇرۇش دىگەن ئارزۇلارنى قىلغان ئىدىم ، خۇداغا شۈكرى ، بۈگۈن دەل مۇشۇ ئارزۇلۇرۇمنىڭ يىرىمنى بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپتىمەن ، شۇڭا مۇشۇ قۇتلۇق مىنۇتلارنى ھاياتىمدىكى ئەڭ يىقىن دوسلۇرۇم بىلەن ئۆتكۈزۈش نىسىپ بوپتۇ شۇڭا ، مۇشۇ رومكىنى مۇشۇ ئارزۇلار ئۈچۈن كۆتۈرۋەتسەك . قىنى خوشە-دەپ تۇرىشىغا پەرمان توختۇتۇپ قويدى .
  -توختىغىنە ئاداش ، سەن بايا ھىيتىگاھنىڭ مەركىزىدىن ئۆي ئالىمەن ، خوندا بىنىز ئالىمەن ، شىركەت قۇرىمەن ، بۇ ئارزۇلۇرۇمنىڭ يىرىمى ئەمەلگە ئاشتى دىدىڭما ؟
  -ھەئە .
  -ئەمىسە ،نەدىن ئۆي ئالدىڭ ئەجەپ بىز بىلمەيدىكەنمىز ؟
  -تىخى ئالمىدىم .
  -ماشىنا ئالدىڭما ؟
  - ياق .
  -شىركەت قۇردۇڭما ؟
  -ياق .
  -ئەمىسە ، قايسى ئارزۇلۇرۇڭنىڭ يىرىمى ئەمەلگە ئاشتى .
  -سەن ئىنىق ئاڭلىمىدىڭمۇ ئاداش ، مەن 24 ياشقا كىرگۈچە ئالىمەن دىدىمغۇ ؟
  -ئۇنىغۇ شۇنداق دىدىڭ ، قىنى ئەمىسە ئالغان نەرسىلەرنىڭ ھىچقايسىسى يوق ، قايسى يىرىمى ئەمەلگە ئاشتى .
  -ئاداش ،24 ياشقىچە ئۆي ، ماشىنا ئالىمەن ، شىركەت قۇرىمەن دىدىمغۇ ، بۈگۈن دەل مەن 24 ياشقا كىردىم ، قانداق ، يىرىمى بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشقاندۇ ؟
  -ھە ، مۇنداق دە، ئارزۇلۇرۇڭ ئەمەلگە ئاشماي ، يىشنىڭ ئەمەلگە ئىشىپتۇدە ، قۇتلۇقلىساق بولغۇدەك – رومكا كۆتۈرۈلمەيلا سورۇندىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى .
  -ئاداش ياسىن – دىدى ياسىننىڭ ئەخمەت ئىسملىك دوستى – خوندا ماشىنىڭ ئالالمىغان بولساقمۇ خوندا دەپ لەقەم ئالدىڭ ، يەنە بىر ئارزۇنىڭ يىرىمى بولسىمۇ ئەمەلگە ئىشىپتۇ،ھە-ئەخمەتنىڭ بۇ گىپى سورۇندىن يەنە كۈلكە قوزغىدى . ئۇلار ياسىن ۋە ئۇنىڭ دوسلىرىنىڭ چاقچاقلىرى بىلەن بۇ قەدەھنى كۆتۈرۋەتتى ، ئەلۋەتتە بۇ قىتىم ئايقەمەرگە قىزىل چاي قويۇپ بىرىلدى ، شازادەم بولسا قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچتى .
  -مەن سىلەرگە دىسەم-ياسىن خوندا يەنە گەپ باشلىدى – مۇشۇ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇ قانداق بولسا چوڭ بولغاندا شۇنداق ئادەم بولىدىكەن .-ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتى ، ياسىن بولسا ھەزىل چاقچاقلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى .
  -مىنىڭ باشلانغۇچ ۋاقتىمدا بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بارتى ، مىنىڭ ئالدىمدىلا ئولتۇراتتى ، كەچكىچە قىزلارغىلا قاراپ ئولتۇراتتى ، ئۇ كاساپەت ئاخىرى مۇرادىغا يىتىپ نىمە بولدى دىمەيسىلە – ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتى .- ئۇ ھازىر شەرىمىزدىكى داڭلىق بىر دوختۇرخانىنىڭ توغۇت دوختۇرى بولدى .
  -ۋەت..- سورۇندىن كۈلكە ئاۋازى ئەۋجىگە چىقتى . ياسىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .-مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇرىدىغان قىز ساۋاقدىشىم ئۇنىڭدىن دەھشەت، ئۇ قىز بالا ھە دىسىلا ئوغۇللارغا قارايتى ، ئاخىرى نىمە بولدى دىمەيسىلە ؟
  -شۇ ، ئەرلەر كىسىلى دوختۇرى بولغاندۇ ؟
  -ماڭا ۋە ، مال دوختۇرى بولدى .- ھەممەيلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈشۈپ كەتتى . سورۇن ياسىننىڭ ھەزىل پاراڭلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى ، ئاڭغىچە ئۇسسۇل باشلاندى ، سورۇندىكى ئوغۇل قىزلار ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى ، ياسىن بىلەن شازادەم بىر پەدە قىزغىن ئوسسۇلغا چۈشتى ، ئارقىدىن ، دىسكو تانسىلار بولدى . ئۇلار ئۆز ئارا ئويناشقا باشلىدى ، پەرمانمۇ ئايقەمەرنىڭ بەللىرىنى قاماللاپ بىر قول تانسا ئوينىۋالدى ، تانسا ئارلىقىدا ئايقەمەر پەرمانغا كىتەيلىچۇ دىدى . پەرمانمۇ ماقۇل بولۇپ ، ياسىنغا دەپ ماڭماقچى بولدى ، ياسىنمۇ ئۇشۇق گەپ قىلمىدى . شازادەمنىڭ خۇمارى تىخى بىسىقمىغاچقا ياسىن خوندا بىلەن قىلىپ قالدى .
  پەرمان يولدا ئايقەمەردىن :
  -ئايقەمەر ، قورسۇقىڭىز ئاچتىمۇ –دەپ سورىدى ، ئايقەمەر جاۋابەن :
  -ياق ، بايا تىخى تاماق يەپ چىقتىققۇ ؟
  -ۋاي ، ئۇ تورت بىلەن ، مىۋە-چىۋە ، دادۇر پۇرچاققا قورساق تۇيامتى ، خالىسىڭىز مۇشۇ يىقىن يەردە بىر كاۋاپخانا بىر ، بىللە يەپ كىلەمدۇق ، مىنىڭ قورسۇم سەل ئىچىۋاتىدۇ .
  -بولدى ، پەرمان ، كەچ بولغاندا نىمە كەپتۇ ، مىنىڭ قورسۇقۇم توق – دىدى تەكەللۇپ بىلەن .
  -لىكىن مىنىڭ ئاچتە ، ئازراق يسىڭىزمۇ مەيلى ، ھەمداستىخان بولۇپ بىرەسىز .-دىدى پەرمان ئۆتۈنگەن ئاھاڭدا ، ئايقەمەر بولسا ئالدىنقى قىتىم پەرماننىڭ قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈنمكى ئىشقىلىپ رەت قىلىشقا ئامالسىز قىلىپ ، ماقۇل بولدى .
  ئۇلار مىزىلىك تائاملار كوچىسىغا جايلاشقان بىر كاۋاپخانىغا كىردى . پەرمان تونۇر كاۋىپى بىلەن ئايقەمەر ئۈچۈن لەڭپۇڭ بۇيرۇتتى . كاۋاپ پىشقىچە ئىككەيلەن پاراڭغا چۈشتى .
  -ئايقەمەر – دىدى پەرمان – سىز ئادەتتە قانداق نەرسىلەرگە ئامراق .
  -قانداق دەيسىز ؟ - دىدى ئايقەمەر سۇئال تەرىزىدە پەرمانغا قاراپ .
  -ئەمدى ، دىمەكچىمەنكى ، مەسىلەن نىمىگە قىزىقىسىز ؟
  -مەن ، شۇ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق .
  -قانداق كىتاپلارنى ئوقۇيسىز ؟
  - شۇ تارىخىي كىتاپلارنى ، رومان ياكى داستان دىگەندەك .
  -ھە ، سىزنىڭ ئەلاچى ئىكەنلىكىڭىز بىكار ئەمەسكەندە .
  -نەدىكىنى ، ئاشۇرۋەتتڭىز  .
-ئەمىسە كىتاپ ئوقۇشتىن باشقاچۇ ؟
  - باشقا قىزىقىشىممۇ يوق ، شۇ ئادەتتە سىرتقا تولا چىقمايمەن ، شۇڭا باشقا نەرسىلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن .
  -ھە ، ھە راس ، بايا بىز كۆرگەن كىنو قانداقراقكەن .
  - بەك تەسىرلىككەن ، ئۆمرۈمدە مۇنداق ئىسىل ، نادىر كىنونى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم .
  - ئەمىسە ، مۇنداق بولسۇن ، بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ياخشى كىنولار بولسا مەن سىزنى بىللە ئاپىراي ، بىكار ۋاقلىرىڭىزدا ، چارچىغاندا ھاردۇقىڭىز چىقىپ قالىدۇ . قانداق ؟
  - ياق بولدى ، سىزنى ئاۋارە قىلىۋەرسەم بولماس ، سىزنىڭمۇ ئىشىڭىز ئالدىراش تۇرسا .
  -ۋاي ، مەنمۇ كۈندە بارمايمەن ، شۇ بىكار بولغاندا ئاندى-مۇندى بىرىپ قۇيىمەن شۇ ، راس – دىدى پەرمان ئايقەمەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ، مىنىڭ نومۇرۇم يۈتۈپ كەتمىگەندۇ ؟
  - ياق ، كىتابىمنىڭ ئارىسىدا بار ؟
  - ئەمىسە ، نىمىشقا ماڭا تېلفۇن قىلمايسىز ؟
  - شۇ ، سىزنى ئاۋارە قىلماي دەپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىندىن بىرى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئالدىراش بولۇپ كىتىپ .
  - ھەي ، ماڭا قاراڭ ، ماۋۇ گەپ قاملاشمىدى ، ئىش بولسا بولمىسا ئىزدەپ تۇرۇڭ ، بىز دوست ئەمەسمۇ ؟ ئەھۋاللاشساقمۇ ھىساپ . توغرىدۇ ؟ - ئايقەمەر نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى . ئاڭغىچە پەرمان يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى .
- سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ ؟
- مەن ئادەتتە ، تېلفۇن تۇتمايمەن .
- ئەمىسە ئۆيدىكىلەر بىلەنچۇ ؟
  -پەسكە چۈشۈپ ئاممىۋى تېلفۇندا تېلفۇن قىلىمەن ، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم قايتىمەن شۇ .
-ھە ، مۇنداق دەڭ .-پەرماننىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا بۇيرۇتقان كاۋاپ كەلدى . – قىنى ئايقەمەر قىززىقىدا يەڭ ، مەن زورلىمايمەن ، ئىشقىلىپ قانچىلىك يىيەلىسىڭىز شۇنچىلىك يەڭ بولامدۇ ؟- دەپ ئايقەمەرنى كاۋاپقا تەكلىپ قىلدى . ئايقەمەرمۇ ماقۇل بولۇپ بىشىنى لىڭشىتتى . ئىككەيلەن بىللە تاماق يەپ بولۇپ مەكتەپكە قايتماقچى بولۇپ ماشىنىغا چىقتى ، مەكتەپكە يىقىنلاشقاندا پەرمان بىر يانفۇن دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ۋە ئايقەمەرگە :
  -خاپا بولماي ، بەش مىنۇت ساقلاپ تۇرسىڭىز – دەپ قۇيۇپ دۇكانغا كىرىپ كەتتى ، ئارىدىن بەش ئون مىنۇت ئۆتكەندە پەرمان دۇكاندىن قايتىپ چىقتى-دە ، ماشىنىنى ھەيدەپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدى . ماشىنا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ، ئايقەمەر چۈشۈشكە تەمشىلىپ تۇرىشىغا پەرمان ئايقەمەرگە :
  -ئايقەمەر ، بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي – دەپ بىر كىچىككىنە يانفۇننى ئۇنىڭغا ئۇزارتتى .
  -پەرمان بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ؟ كەچۈرۈڭ ، مەن بۇنداق قىممەت سوۋغىنى قوبۇل قىلالمايمەن . راسلا .
  - ئىلىپ قۇيۇڭ ، سىزگە سوۋغام ، زىرىككەندە ، ياكى كۆڭلىڭىز ئارامىدا بولمىغان چاغدا تېلفۇن قىلارسىز ، ياكى بىرەدەم ئۇيۇن ئوينارسىز ، ئىشقىلىپ ئىلىپ بوپتىمەن ، كۆڭلۈمنى يەردە قويماسسىز .
  - شۇنداقتىمۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن ، كەچۈرۈڭ ، مەن يانفۇن تۇتۇپ باقمىغان ، قانداق ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيمەن ، شۇڭا خاپا بولمىسڭىز . راسلا ئالالمايمەن .
- ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز توتۇپ ئۈگىنىسىز ، ئەمدى بۇ يات شەھەردە ئاتا-ئانىڭىز يا ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز يوق ، بەزىدە بىرە جىددى ئىش چىقىپ قالسا لازىم بولىدۇ . شۇڭا ئىلىپ قۇيۇڭ ، قانداق ؟
  - پەرمان ، ئادەمنى بۇنچە خىجىل قىلمىسىڭىز ، مەن راسلا ؟
  - مىنى دوستۇم بىلسىڭىز ئىلىڭ ، ياق دىسىڭىز ، مەيلى ، مەنمۇ سىزنى زورلىماي – پەرمان شۇنداق دەپ ئايقەمەرنى يەنە بىر قىتىم خىجالەت پاتقىقىغا ئىتتىردى .
-مىنىڭ بۇنداق خىجىل قىلمىسىڭىز ؟ مەن راسلا ئالالمايمەن .
-مەن زورلىمايمەن دىدىمغۇ ؟ مىنى دوست دەپ بىلمىسىڭىز مەيلى دەپ .-ئايقەمەر نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، ئالسۇنمۇ ؟ ياكى رەت قىلسۇنمۇ ؟ توۋا ، ئادىمىگەرچىلىك قەرزى نىمىدىگەن يامان . بۇ ساددا قىز ھازىر ئۆزىنى قەرزدار چاغلاپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ، خىجىللىقتا قالماقتا ئىدى .
  -مەيلى قانداق ئويلىسىڭىز مەيلى ، ئىشقىلىپ مەن قوبۇل قىلمايمەن .-دىدى ئايقەمەر كەسكىن ئاھاڭدا .
  -ئۇنداقتا ، مەيلى . سىزنى زورلىماي .- پەرمان شۇنداق دىگىنىچە يانفۇننى ئىلىپ ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن تاشلىۋەتتى ، ئايقەمەر بۇنى كۆرۈپ .
  -بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ؟
  - دوستۇم خالىمىغان نەرسىنى نىمە قىلىمەن زورلاپ ، ئۇنىڭدىن يوقالغىنى ياخشى ، شۇندىلا سىزمۇ ، مەنمۇ خىجىل بولمايمىز . بولىدۇ ئەمىسە ، بىرە ياردەم لازىم بولسا تېلفۇن قىلىڭ . سىزنى ئىزدەپ يۈرسەم ،مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىڭىز خاتا چۈشىنىۋالمىسۇن . يەنە كۆرۈشۈپ تۇرارمىز – دىدى پەرمان مەيۈس قىياپەتتە . ئايقەمەرمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چۈشۈپ كەتتى . پەرمان ماشىنىسىنى كەينىگە ياندۇرۇپ كىتىپ قالدى . ئەمما ئايقەمەر ئۇنىڭ رەنجىگىنىنى بىلىپ قالدى . ئەجىبا ئۇ بەك ئاشۇرۋەتكەنمىدۇ ؟ پەرمان ئۇنى چوڭچى ، ھالى بار سەھرالىق دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭغا قىيداپ يانفۇننى تاشلىۋەتكەنمىدۇ ؟ تۈگىمەس سۇئاللار  ئايقەمەرنى ئىسكەنجىگە ئالماقتا ئىدى . ئايقەمەر پەرمان تاشلىۋەتكەن يانفۇننى ئاستا ئالدى ، يانفۇن قىپى بىلەن بولغاچقا ئىچى زەخمىلەنمىگەن ئىدى . ئايقەمەر يانفۇننى ئىلىپ ياتاققا كىرىپ يانفۇننى ئاچتى ، يانفۇندا كارتىمۇ بار ئىدى . ئايقەمەر پەرماندىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ نومۇرىنى ئىزدەشكە باشلىدى . پەرمان بولسا بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشمىغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىر خىل غەش بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ كۆڭلىدە ، بۇ سەھرالىق قىزچاقنى كەلتۈرمەك ئەجەپ تەسكىنا ؟ باشقا قىزلار بولغان بولسا خوش بولۇپ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كىتەتتى . لىكىن بۇ قىزچاق ، ھەي، بولدىلا ، شەھەردە قىز قالمىغاندەك بۇ سەھرالىققا ئەجەپ قىلىپ كەتتىما ؟ بولدى ، قىز ئازمىتى ، نەگە بارساڭ بارە . دىگىنىچە ئايقەمەردىن ئۈمىد ئۈزمەكچى بولدى  . دەل شۇ پەيىتتە پەرماننىڭ يانفۇنى سايرىدى . پەرمان نومۇرغا قاراپ ھەيران قالدى ، چۈنكى بۇ ، تىخى ئۇ بايىلا ئايقەمەرگە بىجىرىپ بەرگەن نومۇر ئىدى . پەرمان ئۈزۈلگەن ئۈمىدى قايتا ياندى-دە تېلفۇننى ئالدى .
-ۋەي – پەرمان قەستەن ھىچ ئىشنى بىلمەيدىغان قىياپەتتە سۆزلىدى .
-ۋەي ، پەرمانما ؟
  - ھە، مەن شۇ ، سىز كىمۇ ؟
  -مەن ، ئايقەمەر .
  -ئايقەمەر . نىمە بولدى ، تېلفۇن قىپسىز ، بىرە ئىش بولدىما ؟
  -ياق ، شۇ سىزدىن كەچۈرۈم سوراي دىگەنتىم .
  -نىمىگە كەچۈرۈم سورايسىز ؟ كەچۈرۈم سورىغۇدەك بىرە ئىش بولمىسا يە .-پەرمان قەستەن گەپنى ئەگىتىۋاتاتتى .
  -ياق ، بايا سەل ئاشۇرىۋىتىپتىمەن . كۆڭلىڭىزگە ئالمىسڭىز ؟
-ۋاي ، شۇ ئىشمىتى ، دىدىمغۇ ، ھىچ ئىش يوق ، سىز ئارتۇق ئويلاپ كىتىپسىز .
- پەرمان ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ، مەن قەستەن قىلمىدىم .
  -ۋاي ، ھىچ ئىش يوق دىدىمغۇ ؟ راس بۇ كىمنىڭ نومۇرى .
  -بىلىپ تۇرۇپ سوراۋاتامسىز يا ؟
  -ياق ،ئەمدى ، تونۇمايدىغانلا نومۇركەن ، بىرە دوستىڭىزنىڭ تېلفۇنىنى ئىشلىتىۋاتامسىز ؟
  -مۇغەمبەرلىكىنى ، بۇ سىز ماڭا سوۋغا قىلغان يانفۇن شۇ .
  -ھە ، ئاخىرى قوبۇل قىپسىزدە ، رەھمەت ھە ، كۆڭلۈمنى يەردە قويماپسىز . ئۇنداق ھەممە ئىش جايىدىكەنغۇ ، بولدى ، مەنمۇ بايا ئاچچىغىمدا ئەپلەشمىگەن ئىشتىن بىرنى قىلىپ قۇيۇپتىمەن ، ئەسلى ئۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى ، بىراق مۇشۇ قۇلۇم-زە ، خەپ  ، بولدى سىزمۇ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ ، مەندىن ئۆتكەن يىرى بولسا كەچۈرۋىتىڭ . ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ ، ۋاقتىدا ئارام ئىلىڭ ، ئىش بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ، ئىش بولمىسا ئەھۋاللىشىپ تۇرايلى ، قانداق ؟
  -ماقۇل . سىزمۇ ۋاقتىدا ئارام ئىلىڭ ئەمىسە . –ئايقەمەر شۇنداق دەپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتى . بۇمۇ ئايقەمەرنىڭ تۇنجى قىتىم يانفۇندا خالىي ھالدا بىرى بىلەن كۆرىشىشى ئىدى . شۇنداق  پەرمان ئۇنىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان تۇنجى ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى ئىدى . شۇڭا بۇ ساددا قىزچاقنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنىڭ ئىشكىنى پەرمان چەكتى . ئايقەمەرمۇ بىلىپ بىلمەي ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالماقتا ئىدى .
  ئايقەمەر يانفۇننى قويۇۋىتىپ ، يەنە ئاشۇ خىيال دەرياسىغا شۇڭغۇشقا باشلىدى . ئەمما بۇ قىتىم ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدا ئەكىس ئىتىۋاتقىنى ياسىننىڭ توغۇلغان كۈن زىياپىتى بولماستىن ، بەلكى پەرمان بىلەن كۆرگەن تىتانىك ناملىق كىنو ئىدى .
-نىمىدىگەن تەسىرلىك كىنو ھە ، ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن ، سۆيگۈنى ئۈچۈن ، ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىش ، بارلىقنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلىش ، نىمىدىگەن رومانتىك ، نىمىدىگەن ئۇلۇغ مۇھەببەت . ماڭىمۇ شۇنداق ئۇلۇغ مۇھەببەت نىسىپ بولامۇ ؟ مەن ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلالايدىغان يار بارمىدۇ ؟ - ئايقەمەر ئەنە شۇ خىياللارنى قىلماقتا ئىدى . توۋا ، بۇ قىز نىمە بولغاندۇ ؟ ياخشى ئوقۇپ ، ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولىمەن ، جەمىتىمىزنىڭ ئاتا كەسپىنى داۋام قىلىمەن دەيدىغان بۇ قىز ، ئەمدىلىكتە نىمە خىياللارنى قىلىپ يۈرىيدىغاندۇ ؟ يامانغا يولۇقساڭ يارىسى ، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى دەپ دىسكوخانا ئۈلپەتلىرىنىڭ بولمىغۇر ئىش ھەرىكەتلىرى بۇ قىزغا مۇشۇ دەرىجىدە ، ھەتتا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ، ئارزۇسىنى ئۇنۇتقىدەك دەرىجىدە تەسىر قىلغانمىدۇ ؟
  ئايقەمەرنىڭ كىنو خىياللىرى ئۈزۈلۈپ ئەمدى ، دىسكوخانىنى ئويلاشقا باشلىدى ، توغرا ، ئۇ بۇ قىتىم ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك ھارغىن كەلمىدى ، سورۇندا قىلىنغان چاقچاقلار ، شوخ رىتىمدا ئوينالغان ئوشۇم ، جۇشقۇن ، جەڭگىۋار ھالەتتە ئوينىغان دىسكولار ، لەرزان ئوينالغان تانسىلار ئايقەمەرنى ئازراق يەڭگىللىتكەندەك ، چارغىغان نىرۋىلىرىغا ئارام بەرگەندەك تويغۇلارنى بەخش ئەتمەكتە . ئەجىبا دىسكوخانا راستىنلا ئادەمگە ئارام بىرەمدىغاندۇ ؟ راستىنلا ھاردۇقىنى چىقىرامدىغاندۇ ؟ ئايقەمەرنىڭ خىياللىرىنى بىردەم كىنونىڭ رومانتىك ، تەسىرلىك مەزمۇنلىرى ، بىردەم دىسكوخانىنىڭ بولمىغۇر خىياللىرى تامام قامال قىلىپ ، ئۇنى ئۇيقۇ دىڭىزىغا غەرق قىلدى .
ئايقەمەرنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرى ، ئۈگۈنۈشلىرىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولماقتا ئىدى . بۇرۇنقىدەك زىھىن قۇيۇپ دەرس ئاڭلىمايدىغان ، تەكرار قىلسىمۇ خىيالى چىچىلىدىغان ھەمدەم خىيال بولۇپ قالدى . ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ پەرماننى ئويلايدىغان ، ئۇنىڭ خىياللىرىنى قىلىدىغان ، بەزىدە تىتانىك فىلىمىدىكى جىك بىلەن رۇسنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنى ئويلايدىغان  ، ھەتتا ئاشۇنداق مۇھەببەتنىڭ تاتلىق ھىسلىرىنى ، تۇيغۇلىرىنى تىتىپ بىقىشنى ئۆزى ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلالايدىغان بىر پىداكار يارى بولۇشنى قىسقىسى مۇھەببەتلىشىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى . بەزىدە پەرمان بىلەن تېلفۇنلىشىپ ئەھۋاللشىدىغان ئىشلارمۇ بولدى ، ئەلۋەتتە ، بۇنداق تېلفۇنلار ئادەتتە خالىي جايلاردا بولاتتى . بورۇن ياتاقداشلىرى قىلىشقان ،ئۇنىڭ قىلچىمۇ دىققىتىنى تارتمىغان ، ھەتتا ئاڭلاپمۇ توۋا دەپ ياقا تۇتىدىغان مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى مانا ئەمدىلىكتە ئۇ قىزىقىپ ئاڭلايدىغان پاراڭلار بولۇپ قالدى .
  بىر كۈنى شازادەم ۋە باشقا ياتاقداش ، ساۋاقداشلار مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ قىزغىن مۇلاھىزە ئىلىپ باردى .
-ئاينۇر ، ھىلىقى مابىتىڭ بىلەن قانداق بولۇپ كەتتىڭ ؟ ئۇ يىگىت ئىزدەۋاتامدۇ يا ؟-دىدى شازادەم .
-ھە ، ئاداش ، ئۆتكەندە توغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەردى ، يەنە تىخى ئايفۇندىن بىرنى سوۋغا قىلدى دىگىنە . ھازىر كۈندە تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە ، ئوقۇشۇم پۈتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا توي قىلىمىز دەيدۇ .
  -سەنچۇ ، ماقۇل دىدىڭما ؟
  -نىمىنى ماقۇل دەيمەن ، ئوقۇشۇم پۈتكىچە قاراپ باقمامدىم ، كىلىشەلىسەك ئاندىن بىر گەپ بولا .
- ئەمىسە ، ئانچە مۇنچە كۆرۈشىپ تۇرىدىغانسىلە ؟
- كۆرۈشمەمدىغان ، بىردەم تاماق يەيلى دەپ ، بىردەم بازار چۆگىلەيلى دەپ ئارام بەرمەيدىغۇ ئادەمگە كانىدەك چاپلىشىۋىلىپ . سەنچۇ ئاداش ، ھىلىقى خوندا ئىزدەۋاتامدۇ يا ؟
- ۋاي ، خوندا بىلەن نىمە ئىشىم بار ، مەنغۇ ئۇنىڭغا ئامراق ، ئۇ ئالىجوقا ساراڭ ، ئىشقىلىپ ئادەمنى خوشال قىلىشنى ، ھالىغا يىتىشنى بىلىدۇ ، لىكىن مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم پەرمان ، ئۆزىمۇ كىلىشكەن ، پۇل دىسە پۇلى بار ، ئائىلىسىمۇ باياشات . لىكىن ئۇ غوجام مىنى ياراتمامدۇ ، پەقەت ئىزدىمەيدۇ .
  - ئەمىسە سەن ئىزدىسەڭ بولىدىغۇ ، ئەمما ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرەلىسەڭ ، خانىشتەك ياشايتىڭ .
  - نەدە قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى قوغلاشقىنى بار ، بىرە مەزگىل قاراپ باقمامدىم ، ئۆزى ئىغىر ئاچمىسا بوپتۇ ، قەشقەردە ئۇنىڭ باشقا يىگىت يوقمىتى . ھازىر بىر دوختۇر بالا قوغلىشىۋاتىدۇ دىگىنە ، يا بولمىسا شۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ باقامە .
-ھە راس ، مەھلىيا ، سىنىڭ ھىلىقى ئەخمەت دىگەن تاكسىچى بالا بىلەن قانداق بولۇپ كەتتىڭ .-دەپ سورىدى شازادەم كارۋىتىدا پاراڭ تىڭشاپ ياتقان دوستىدىن .
  - نىمىسىنى دەيسەن ، ئاداش ، تاشلىۋەتتىم .
  - ئايرىلىپ كەتتىڭلارما ؟ نىمىشقا ؟
  - شۇ ، دەسلەپتە ، خىلى قوغلاشقانتى ، ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئەتىۋارلىق قىلىپ ئارلاشقان بولمىسا ، كىيىن رايىم يىنىپ قالدىغۇ ئۇنىڭدىن . تېلفۇن قىلسام ، ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن ، شەھەر سىرتىغا چىققان ، رىمونتخانىدا دەپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن كۆتە كەشىڭنى دىدىمغۇ .
-ئەمدى خەق پۇل تىپىۋاتقاندا ئالدىراشتۇ ؟ توغرا چۈشەنسەڭ بولمامدۇ ؟
- ۋاي ، مىنى ئۇنىڭ توي قىلغۇسى بار دەمسە ؟ كۆڭۈل خوشى ئارلىشىۋاتقان بالا ئۇ ، مەنچۇ ئاداش ، ياكى بىرە باينىڭ بالىسىغا ، ياكى ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسىدىكى ئادەم بىلەن توي قىلىمەن ئاداش . نەدىكى شوپۇر قاسماقلارغا چۈشۈپ قالغان مەھلىيا يوق .
- تاللاپ تاللاپ تازغا تىگەلىمۇ خىنىم .
- ھازىر قايسى پۇلدار بىلەن باشلىقنىڭ چىچى بار جىنىم ئاداش .- مەھلىيانىڭ بۇ گىپى قىزلارنىڭ كۈلكىسىنى قوزغىدى ، ئەلۋەتتە ، بورۇن مۇشۇنداق پاراڭ بولسىلا سىرتقا چىقىپ ، كارىدوردا دەرس تەكرارلايدىغان ئايقەمەر ، ئەمدىلىكتە ئۈن-تىنسىز ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قولاق سىلىپ ئولتۇرماقتا ئىدى . ئەمما ئۇنىڭ كەيپىياتى سەل ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى ، چۈنكى شازادەمنىڭ مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم پەرمان دىگەن سۆزى ئۇنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغىغان ئىدى . شازادەمنىڭ پەرماننى تەرىپلەپ دىگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ پەرمانغا بولغان قىزىقىشىنى تىخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى . ھەسەت ئوتى ئۇنى پەرمانغا تېلفۇن قىلىشقا ، شازادەمدىن بورۇن قول سىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىدى . ئەمما ئۇ قانداق دىسۇن ؟ ئەجىبا ئۇ راستىنلا مۇشۇ دەرىجىدە مۇھەببەت دىڭىزىغا غەرق بولغانمىدۇ ؟ پەرمان راستىنلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىدىغان يارىمىدۇ ؟
  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە ، پەرمان ئايقەمەرگە ئۇچۇر يوللاپ : شەنبە كۈنى ۋاقتى بولسا بىللە ئايلىنىپ ، تاماق يىيىشنى ئىيتتى . ئايقەمەر ئەسلى شەنبە كۈنى ئۆيگە قايتىپ ، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىغان ئىدى ، ئەمما نەچچە كۈن ئاۋۋال شازادەم سالغان ھەسەت ئوتى ئۇنى بۇ مەقستىدىن ياندۇرۇپ ، پەرمان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سىردىشىشقا ئۈندىمەكتە ئىدى . ھەسەت ئوتىنىڭ ئەدىشى بىلەن ئايقەمەر ماقۇل بولۇپ ئۇچۇر قايتۇردى .   
شەنبە كۈنىۇ كەلدى . پەرمان ئايقەمەرنى ئالغىلى مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ تۇرىشىغا ، ئايقەمەرمۇ چىقىپ بولدى . ئىككەيلەن بىر قۇر ئەھۋاللىشىپ ، ماشىنىغا چىقتى .
   -قانداق ؟ يانفۇن توتۇشقا كۈنۈپ قالدىڭىزمۇ ؟
  - ھەئە ، ئىشقىلىپ بەك قولايلىقكەن .
  - ئۆيدىكىلەرگىمۇ قىلىۋاتامسىز يا ؟
  - ياق ، ئۆيدىكىلەر يانفۇن ئىشلەتكىنىم بىلسە بولمايدۇ .
  - نىمىشقا ؟
  - شۇ ، بولمايدۇ ، بۇ يانفۇندا پەقەت سىز بىلەنلا ئالاقىلىشىۋاتىمەن .
  -ھە ، ئۇمۇ بولغىنى ، بۈگۈن نەگە بارغۇڭىز بار ؟
  - بىلمەيمەن ، سىز بۇ شەھەرگە كونا ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىرەر يەرگە بارمامدۇق .
  -ئەمىسە ، ھازىر سائەت 10 بوپتۇ ، ئەگەر خالىسىڭىز كىنوخانىغا بىرىپ كىلەمدۇق ؟
- كىنوخانىغا ؟
- ھەئە ، ئاڭلىسام ئامرىكىنىڭ مۇز دەۋرى دىگەن كارتون فىلىمى كەپتۇ ، 3D لىقكەن ، ئالدىنقى كۈنى دوستۇم كۆرۈپ كەپتىكەن ، بەك ياخشى ئىشلەپتۇ دەيدۇ . قانداق .
- كارتون فىلىم دىگەن ، قونچاق شۇغۇ .
-ھەئە .
-ئۇنىڭ كۆرگۈدەك نەرى بار ، كىچىكىڭىزدە كۆرۈپ زىرىكمىگەنما ؟
-مەن سىزگە دىسەم ، مەن قونچاققا بەك ئامراق ، ھازىرمۇ بىكار ۋاقتىمدا كۆرىمەن . ئەمما بۇ مۇز دەۋرى دىگەن قونچاق تېلۋىزوردىكىگە ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە 3D لىقكەن . بۇ تۆتىنجى بۈلىمىكەن ، ئالدىنقى  بۈلۈملىرىنىمۇ بەك ئىسىل ئىشلەپتىكەن .
- ئەمىسە ، مەيلى ، يەنە كۆزئەينەك تاقاپ كۆرەمدۇق ؟
- ئەلۋەتتە ، 3D لىق فىلىمنى كۆز ئەينەك تاقاپ كۆرمىسە قانداق بولىدۇ . بولدى ، كەتتۇق .- پەرمان شۇنداق دىگىنىچە ئايقەمەرنى ئىلىپ يەنە كىنوخانىغا كەتتى . ئۇلار كىنوخانىغا بارغاندا بىرىنجى قىتىملىق قويۇلۇشى ئاخىرلىشىپ ، كىيىنكى مەيدانغا يەنە 15 مىنۇت بار ئىدى . پەرمان بىلەت ئىلىپ بولۇپ ، كىنو ئارلىقىدا يىيىش ئۈچۈن ئىتىلدۇرغان قوناق ۋە ئىچىملىك ئىلىپ ، ئايقەمەر بىلەن بىللە كىنو زالىغا كىردى ، ئۇلار ئورۇنلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىنومۇ باشلاندى . دەرۋەقە 3D لىق فىلىمنىڭ كۆرۈش سىزىمى خۇددى نەق مەيداندەكلا تۇيغۇ بەرگەچكە ، ئايقەمەر گەرچە كارتون فىلىم بولسىمۇ ، بەزى ھاياجانلىق ، قورقۇنۇشلۇق كۆرۈنىشلىرى چىققان ، تۇرۇپلا قورقۇپ ، پەرماننى چىڭ تۇتىۋالاتتى . فىلمدىكى ئەركەك پىل مەنىنىڭ ، ئۆزىنى  چىشى پىل ئەيلى ئۈچۈن ۋە قىزى پىيچ ۋە دوسلىرى ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقى ئۇنىڭغا يەنە بىر قىتىم تىتانىكنى ئەسلەتتى .
كىنو ئاخىرلاشقاندا سائەت ئاللىبۇتۇن ئىككىدىن ئاشقان ئىدى . پەرمان ئايقەمەرنى چەيزە لەغمەن يىيىشكە تەكلىپ قىلىپ ، يىقىن ئەتراپتىكى پاكىزغىنە ئاشخانىغا ئىلىپ كەلدى . تاماق ئارىلىقىدا :
-قانداق ، 3D لىق قونچاق قانداقراقكەن ؟- دەپ سورىدى پەرمان ئايقەمەردىن .
-بەك ئىسلكەن ، بۇ 3D فىلىم ئەجەپ پەيزىكەن دىسە ، ئادەمگە باشقىچە تويغۇ بىرىدىكەن . راسلا ئامراق بولۇپ قالدىم .
-ئەمىسە بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ياخشى كىنولار بولسا بىللە كىلىپ كۆرەيلى ، قانداق ؟
-ئۇنىڭغا قانداق بولا ؟
-ھىچقانداق بولمايدۇ ، مەنمۇ كىنو كۆرۈشكە بەك ئامراق ، يالغۇز كۆرسەممۇ كۆرىمەنغۇ ، ئۇنىڭدىن بىللە كۆرسەك تىخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟
- شۇغۇنىسى ، مەن خىجىل بولۇپ قالغۇدەكمەن .
- بولدى ، خىجىل بولۇشىڭىز بىھاجەت . ئەمدى نەگە بارغۇڭىزبار ؟
- بۈگۈن دۇكان ئاچمامسىز ؟
  -بۈگۈنما ؟ بۈگۈن دۇكاننى دادام ئاچىدۇ ، مەن دەم ئالدىم .
  - نىمىشقا ؟
  - شۇ ، زىرىكىپ ، ئاندىن سىز بىلەن كۆرۈشەي دەپ . ئەمدى ئايدا ، يىلدا بىرە كۈن دەم ئالمىساممۇ بولماس .
- ھە، سىزنى ئاۋارە قىپتىمەنغۇ ئەمىسە .
- قاراڭ ، دەۋاتقان گىپىڭىزنى ، مۇنداق دىسىڭىز مەن خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ .
- ماقۇل ئەمدى دىمەي . كەچۈرۈڭ .
- ھە، ما گىپىڭىز بولدى . خوش ، ئەمدى نەگە بارغۇڭىز بار ؟
- مەنمۇ بىلمەيمەن .
-ئەمىسە ، ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارساق قانداق ؟
- ھايۋاناتلار باغچىسىغا ؟
- ھەئە ، بۈگۈن ھايۋانلارنىڭ ھىكايىسىنى كۆرۈپتىمىز ، ئەمدى شۇلارنى كۆرۈپ كەلسەك قانداق ؟
- بولۇشىغۇ بولىدۇ ، يىراق ئەمەستۇ ھە .
- يىراق بولسۇن يىقىن بولسۇن بىزدە ماشىنا بار تۇرسا نىمىدىن غەم قىلىمىز ، قوپۇڭ ماڭدۇق .-پەرمان شۇنداق دىگىنىچە ئايقەمەرنى ئىلىپ ھايۋاناتلار باغچىسىغا يىتىپ كەلدى . ئۇلار شىر ، يولۋاس ، بۆرە ، بۈركۈت ، مايمۇن ، تۈلكە ، تۆگىقۇش قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆردى . پەرمان شىر يولۋاسنى ئۆزىگە ، تۈلكىنى ياسىن خونداغا ، توزنى ئايقەمەرگە ئوخشۇتۇپمۇ ئۈلگۈردى . ئىشقىلىپ بۈگۈن پەرمان ئايقەمەرنى ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خىلىلا ئاۋۇندۇرۇپ قويدى . كەچتە ئۇلار شەھەر مەركىزدىكى بىر ئاشخانىدىن سويۇقئاش ئىچىپ بولۇپ ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئايرىلدى . پەرمان قايتاشىدا ئايقەمەرگە :
-ئايقەمەر ، مەيلى ئىش بولسۇن ، بولمىسۇن ماڭا پات-پات تېلفۇن قىلىپ تۇرۇڭ –دەپ جىكىلەپ قويدى . ئايقەمەرمۇ ماقۇل بولۇپ ياتاققا قايتىپ كىردى .ئۇنىڭ كاللىسىدا بۈگۈنكى ئىش پائالىيەتلەر ، مۇز دەۋرىنىڭ رومانتىك ، قورقۇنۇشلۇق كۆرىنىشلىرى ، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار ، يەنە پەرماننىڭ گەپ سۆزلىرى ئەگىيتى . ئۇ يانفۇننى ئىلىپ پەرمانغا : بۈگۈن بەك خوشال ئوينۇدۇم ، رەھمەت سىزگە . دەپ ئۇچۇر يوللىدى . پەرمانمۇ : تۈزۈپ قىلماڭ ، بىز دوسقۇ ، تەكەللۇپ قىلىش ھاجەتسىز .دەپ قايتۇردى .
كۈنلەر ئەنە تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . ئايقەمەر بىلەن پەرماننىڭ تېلفۇن ، ئۇچۇرلىرىمۇ كۆپىيىشكە ، ئۇچرىشىشلىرىمۇ بورۇنقىدەك ئايدا بىرە قىتىمدىن ئىككى ئۈچ، بەزىدە تۆت قىتىمغىمۇ يەتكىلى تۇردى . ئايقەمەرنىڭ ئۆگىنىشدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولدى . نەتىجىسمۇ بورۇنقىدىن خىلىلا تۆۋەنلەپ قالغان ئىدى . بۇ تېرىشچان ، ئىجتىھادلىق ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسىنىڭ تويۇقسىز تۆۋەنلەپ كىتىشى ، سىنىپ مەسئۇلى سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ئىدى .
  بىر كۈنى ئايقەمەرنىڭ پەرمان بىلەن بىللە باغچىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى شازادەم كۆرۈپ قالدى ۋە ھەيران قالدى . ئۇ كۆڭلىدە : ئايقەمەر ئەسلى مۇھەببەتلىشىۋىتىپتىكەندە ، شۇڭا دەرسكە كۆڭۈل بۆلمەي ، نەتىجىسى تۆۋەنلەپتۇ-دەپ ، خەپ ، ما سەرالىقنىڭ بىردەمدە مىنىڭ يىگىتىمنى تارتىۋالغىنىنى . ماڭا نىسىپ بولمىغاننىڭ ساڭا نىسىپ بولغىنىنى بىر كۆرەي . سەنمۇ توختاپتۇر پەرمان ، شۇنچە قىزلار تۇرسا ئۆتەپ- تىشىپ مۇشۇ سەرالىقنى تاپقىنىڭنى . – شازادەم شۇنداق دىگىنىچە كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈردى . شۇ سەۋەبتىنمىكى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئايقەمەر بىلەن تەگىشىپ قالىدىغان ، نەدىكى يوقىلاڭ ئىشلارنى ئۇلغايتىپ جىدەل قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
بىر كۈنى ئايقەمەر ئالدىراشچىلىقتا شازادەمنىڭ قەلىمىنى ئىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇردى . شازادەم بۇنى كۆرۈپ :
-ۋۇي ، خىنىم ، خەقنىڭ نەرسىسىنى سورىماي ئىشلىتىشكە بەك ئامراق ئوخشىماملا ؟ ئىگىسىدىن سوراپ ئىشلىتىشنى بىلمەملا يا ؟
  -ۋاي ، خاپا بولماڭ ، ئالدىراشچىلىقتا قارىماي ئىشلىتىۋىرىپتىمەن .
  -ئالدىراشچىلىقتا ؟ نىمە قىلىپ ئالدىراش ، مۇھەببەتلىشىما ؟
  -شازادەم بۇ نىمە دىگىنىڭىز ، بىر قەلەم ئۈچۈن شۇنداق دىيىش كىتەمدا ؟
  -كىتىدۇ ، ھازىرچۇ ئۇششا تۇرمىسا ھىلىغۇ قەلەمكەن ، خەقنىڭ يۈرىگىنىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئىلىپ كىتىدىغانلار بار .
  -ۋاي ، بولدى ، مەن ناماقۇل ، مانا قەلىمىڭىز .
  -بولدى ، ئىشلىتىۋەرسىلە، مىنىڭچۇ سىلىدەك ئاشقان-تاشقاننى ئىشلىتىدىغان ، تۈكۈرگەن تۈكرۈكنى ئاغزىغان ئالىدىغان ، خەق تاشلىۋەتكەن بىلەن تىپىشىۋالىدىغان خۇيۇم يوق .
-نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ نىمانداق سەت گەپ قىلىسىز ؟
- سەت ئىش قىلىدىغان ئادەمگە سەت گەپ دورا . سىلىمۇچۇ شۇنىڭ خىلى ، بىلىپ قالىسىلا . نىمە گەپ قىلمىسام چىشىمغا تىگىدۇ ما سەرالىق تومپاي ، شەھەرگە كەلگىلى تۆت كۈن بولماي قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى دىمىسە بۇنىڭ .
- ۋاي ، مەن نىمە گۇناھ قىلدىم سىزگە ؟
  - ۋاي ، بىشىمنى ئاغرىتماي ، ئۆتەپ بارە . ساڭا ئۇپرىتىغان چۈپ قالغان ئاغزىم يوق مىنىڭ ، تىگى پەس . – ياتاقدىكىلەر نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا قالدى . ئايقەمەر بولسا شازادەمنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاپ چىدىماي ، يىغلاپ تاشلىدى . ئاڭغىچە ئاينۇر بىلەن مەھلىيا ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەچ شازادەمدىن سورىدى .
  - نىمەنداق گەپ قىلىسەن شازادەم – دىدى ئاينۇر .
  - شۇ ئەمەسمۇ ، بىر قەلەم ئۈچۈن شۇنداق دىيىش كىتەمدا ؟ - دەپ ياندىدى مەھلىيا .
  -ۋاي ، قانداق قىلدىم ، شۇ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان ، ئۆزى بىلىدۇ .-دەپ ئۆڭدى شازادەم .
-شۇ ، نىمە قىلدىم سىزگە-دىدى ئايقەمەر ئۇۋالچىلىقتا قالغاندەك يىغلامسراپ .
نىمە قىلدىم ؟ ئۆزەڭ بىلەمسەن نىمە قىلغىنىڭنى ، بىلىپ تۇرۇپ مەندىن سورايدا ؟
-شۇ ، نىمە قىلدىم ، بىلمىگەچكە سوراۋاتىمەنغۇ ؟
-تولا خۇپسەنلىك قىلمىغىنە .
-مەن خۇپسەنلىك قىلمىدىم . راسلا بىلمىدىم .
- ماقۇل ، بىلمىگەن بولساڭ مەن دەپ بىرەي ، مىنىڭ پەرماننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن يۈرىسەن ؟
-مەن قاچان ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپتىمەن ؟ تولا ئادەمگە تۆھمەت چاپلىماڭ .
- قاچان يۈرۈپتىمەن ؟ ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭ بىلەن باغچىلاردا كۆرۈشۈپ ،ئىغىز گارمۇنى چىلىپ يۈرگىنىڭنى مىنى بىلمەيدۇ دەيسەن . تولا مۇغەمبەرلىك قىلما . بوپتۇ ، يۈرسەڭ يۈرىۋەر ، شۇ مەندىن ئاشقىنىغۇ ئۇ ، بولدى ساڭا ئۆتۈندىم .پەرمانمىچۇ ، ئۇنچىلىك ئالىيجاناپ ئەمەس ، ئۇ سەندەك ئىنجىمارۇقتىن نەچچىنىڭ كەشىنى توغۇرلاپ قويغان نەرسە ، ئەتە ئۆگۈن سىنىمۇ يولۇڭغا سىلىپ قويۇپ، يەنە كۆزى چۈشكەن باشقا بىرسى بىلەن يۈرىدۇ . بۇنى ئوبدان بىلىپ قوي ، خىيالىڭدا پەرمان مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلامسە، ئۇ سەندەك تومپاينى پۇتىغا پايىتمىمۇ قىلمايدۇ جۇما . ھە قايسىڭ تولا ما سەرالىققا بولۇشىۋەرمە جۇما ، ئەتە-ئۆگۈن ساھىبجامال ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ مابىتىڭنى تارتىۋالمىسۇن .-شازادەم شۇنداق دەپ چالۋاقىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر يىغىسىنى باسالماي ئۇمۇ سىرتقا چىقىپ كەتتى .  
ئايقەمەر مەكتەپ ئارقا ھويلىسغا بىرىپ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى . شازادەمنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرى ئۇنىڭ غورورىغا تەگكەن ئىدى . ئاينۇر بىلەن مەھلىيامۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چۈشۈپ تەسەللىي بىرىپ ، ياشلىرىنى ئىيتىپ ئۇنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر بۇ ئۇۋالچىلىقنى ئىچىگە سىغدۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى . ئۇنىڭ غەزىپى تېشىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە شازادەمنىڭ پەرمان توغۇرلۇق قىلغان ئاھانەتلىرى ئۇنىڭ ھەسەت ئوتىنى ئولغايتىۋاتاتتى . ئايقەمەر ئاچچىقىدا : خەپ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ پەرمان بىلەن يۈرگۈنۈم يۈرگەن . ئۇنى سەندەك ئىچى تار ، ھەسەتخور قانجۇققا ھەرگىز تارتقۇزۇپ قويمايمەن . خەپ توختاپ تۇر –دەپ ئۆز ئۆزىگە خىتاپ قىلماقتا ئىدى .
ھەي ، ئاچچىق ئەقىلنى قاچۇرىدۇ دەپ ، ئايقەمەر ئاچچىق-ئەلەمدە،ھەم ھەسەت-نەپرەتتە ئۆز ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئورنىغا مۇھەببىتى ئۈچۈن ، ياق ، توغرىسى قورساق كۆپىكىنى چىقىرىش ، ئاچچىقىنى ئىلىش ئۈچۈن مۇھەببەت جەڭگاھىغا ئات چىپىپ چۈشتى . ئەمدى ئۇ بۇ جەڭدە غەلبە قىلالارمۇ ؟ ئەجىبا پەرمان ئۆزى ئويلىغاندەك ، مەرت ، پىداكار ، ئالىيجاناپ يىگىتمۇ ياكى شازادەم ئىيتقاندەك كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ئارلىشىدىغان ، كونىسىدىن زىرىكسە يىڭى يار تۇتىدىغان شاللاق يىگىتمۇ ؟
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، سىلەر بەلكىم پەرماننىڭ ئايقەمەرنى قوغلىشىش ئۈچۈن قىلغان ،ئەتكەنلىرىدىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى چىن مۇھەببەت دەپ ئويلاپ قالغانسىلەر . ئەمەلىيەتتە ، پەرمان سىلەر ئويلىغاندەك ئۇ قەدەر مۇھەببىتىگە سادىق ، چىن ۋاپادار يىگىت ئەمەس . چۈنكى ئۇ باي ئائىلىدە چوڭ بولغان ، كىچىكىدىن نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ ئۆگەنگەن ئەركە بالا . ئۇ بۇرۇندىنلا ئويۇنخۇمار بولغاچقا دىسكوخانىلار ئۇنىڭ دائىملىق بارىگاھى . ئەگەر بىرەر قىز كۆڭلىگە ئەرزىپ قالسىلا بار ئاماللار بىلەن ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ ئارلىشىدىغان ، ھەتتا بىردەملىك ھەۋەسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرىدىغان ، يىڭىسىنى ئۇچراتسا كونىسىنى تاشلايدىغان شاللاق مىجەز بالا . شۇڭا شازادەم ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى بىلسىمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقۇسى بارلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئەمەس ، بەلكى بۇ بايۋەتچىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆزىنى خوش قىلىش ئۈچۈن ، شۇڭا بۈگۈن ئاچچىقىدا بۇ گەپلەرنى دەپ سالغىنىنى شازادەم ئۆزىمۇ بىلمەيتى . بەلكىم ياسىن خونداغىمۇ قىزىقىۋاتقانسىلە ، گەرچە ياسىن خوندا گەپدان ، ئويۇنخۇمار ،ئەينو بولسىمۇ ، ئەمما ھەرگىزمۇ ۋىجدانىغا خىلاپ ئىش قىلمايتى ، چۈنكى ئۇ كىچىكلا جەمىئىيەتكە چىققان ، جەمئىيەتنىڭ ھەرخىل قاتلاملىرىدىكى ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ باققان بولغاچقا ، ئاق-قارىنى پەرق ئىتەلەيتى . شۇڭا ئۆزىنىڭ توغۇلغان كۈنىدە پەرمانغا ، ئايقەمەر نىسپەتەن يامان ئويلاردا بولما ، ئۇ سەن بىز دىبادا بىللە ئويناپ يۈرگەن قىزلارغا ئوخشىمايدۇ دەپ ئالاھىدە تاپىلىغان ئىدى .
ئەتىسى پەرمان ئايقەمەرگە كۆرۈشۈش توغۇرلۇق ئۇچۇر يوللىدى ، ئايقەمەرمۇ بۇرۇنقىدەك ناز قىلماي ، ئۇدۇللا ماقۇل بولۇپ ئۇچۇر قايتۇردى . پەرمان ئايقەمەرنى ئىلىپ باغچىغا باردى ، ئاندىن تۈمەنكۆل بويىدىكى چاقىپەلەككە چىقىپ قەشقەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى . چاقىپەلەك يوقىرى پەللىسىگە چىققاندا پەرمان ئايقەمەردىن :
  - قورقتىڭىزمۇ –دەپ سورىدى . شۇ تاپ ئايقەمەر پەسكىمۇ قارىيالماي ، كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئىدى . شۇڭا دودۇقلاپ :
  - ھەئە ، پەسكە قارىسا ئادەمنىڭ بىشى قايىدىكەن – دىدى .
  -ئەمىسە ، يەرگە قارىماي ، ئەتراپقا قاراڭ ، بىشىڭىز ئانچە قايمايدۇ – دىدى پەرمان ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ .
  - ياق ، قورقىدىكەنمەن ، بۇ بەك قورقۇنۇشلۇق نەرسىكەن . – ئايقەمەر يەنىلا كۆزىنى ئىچىشقا پىتالمايۋاتاتتى . ئاڭغىچە پەرمان ئايقەمەرنىڭ يىنىغا سۈرۈلۈپ بىرىپ ئولتۇردى .
- بولدى ، قورقماڭ ، مەن بار ، قورقماڭ ھە – پەرمان شۇنداق دىگەچ ئايقەمەرنىڭ مۆرىسىگە گىرە سىلىپ ، دۈمبىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ پەپىلەپ قويدى . ئەمما ئايقەمەر قورققىنىدىن ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىنى سىزىپ كىتەلمىدى . چاقىپەلەك پەسكە چۈشكەندە ئايقەمەرنىڭ چىرايىدا قان قالمىغان ئىدى . پەرمان كۈلۈپ تۇرۇپ :
  - بەك قورقۇپ كىتىپسىز ھە ، بولدى ، قورقماڭ ، مانا يەرگە چۈشتۇققۇ .- دىدى .
- بۇ بەك قورقۇنۇشلۇق نەرسىكەن ، ئادەمنىڭ بىشىنى قايدۇرۇپ ، كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ .
     - بولدى ، ئەمدى قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، كىلەر قىتىم كىچىدە چىقايلى ھە ، قەشقەرنىڭ كىچىلىك مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇر ئالغاچ .
  -ياق ، ئىككىنجى چىقمايمەن . بەك قورقىدىكەنمەن .
  - كەچتە بىشىڭىز قايمايدۇ ، راس ، كىچىسى چىقسا تىخىمۇ پەيزى . كىلەر قىتىم بىر سىناپ بىقىڭ جۇمۇ .
  - شۇ چاغدا بىر گەپ بولسۇن . – دىدى ئايقەمەر . ئاڭغىچە پەرمان يەنە سۆز باشلىدى .
  - بايىنىڭ ياقى بىشىڭىز قايغان بولسا ، مىڭىڭ بىردەم كۆل بويىنى ئايلىنايلى ، ئاندىن تاماق يىگىلى بارايلى قانداق ؟
  - مەيلى ، شۇنداق بولسۇن – ئايقەمەر شۇنداق دىگىنىچە پەرمان بىلەن يۈرۈپ كەتتى . ئۇنىڭدا ھازىر بورۇنقىدەك خىجىل بولۇش ، ھودۇقۇش بارغانچە يوقالماقتا ئىدى . گەپ-سۆز ، ھەركەتلىرى بۇرۇنقىدەك تارتىنچاق ئەمەس ، بەلكى ئەركىن ئازادە ئىدى . ئادەتتە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ بۇنچىلىك ئىچەكىشىپ ئۆتمەيدىغان بۇ ھايالىق قىز ، ئەمدىلىكتە ئەمدىلا تونۇشقىنىغا نەچچە ئاي بولغان بۇ يىگىت بىلەن ئەركىن ئازادە كۆرۈشۈپ ، مۇڭدىشىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇلارنى كۆرگەنلەر بىر قاراشتىلا ئاشىق-مەشۇق دەيتى .
  ئۇلار بىردەم ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، ھىلىقى شازادەم ، ياسىن خوندالار بىلەن بىللە ئولتۇرغان توخۇ قوردىقى ئاشخانىسىغا كىرىپ ، توخو قوردىقى بۇيرۇتۇپ يىدى . ئايقەمەر بۇ قىتىم قورسىقى ئىچىپ كەتتىمۇ ، ياكى توخۇ يىگىسى كىلىپ كەتتىمۇ ، ئىشقىلىپ نىمە ۋەجىدىنكى ، ھىچقانداق تۈزۈت ، تەكەللۇپ قىلمايلا قورداقنى ئىشتىھا بىلەن يىدى . تاماق ئارلىقىدا پەرمان بىلەن ئۇنىڭ مەكتەپ ھاياتى ، ۋە سودىسى توغرىسىدا بىر ئاز پىكىرلىشىپمۇ قويدى .
  تاماقتىن كىيىن پەرمان ئايقەمەرنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويدى . ئايقەمەر ياتىقىغا قايتىپ كىرىپ بىر ئاز دەرس تەكرارلىدى ، چۈنكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغىمۇ ئاز قالغان ئىدى . ئەمما زىھنىنى يىغالمىدى ، تۇرۇپ-تۇرۇپ پەرماننى ئەسلەيتى . تۇرۇپ يەنە ھىلىقى تىتانىك ، مۇز دەۋرىنىڭ رومانتىك ، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلەيتى ، ئىشقىلىپ دىققىتى بىر يەردە ئەمەس ئىدى . كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتتى . ئايقەمەر ئارام كۈنلىرىدە پەرمان بىلەن كۆرۈشۈپ يۈردى . بەزى كۈنلىرى ئۆيىگە قايتتى . ئەمما بىر كۈن تۇرۇپلا قايتىپ كىلەتتى . بەزىدە ئۆگۈنۈش قىلىمەن دەپ ئۆيىگە قايتماي پەرمان بىلەن كۆرۈشۈپ يۈردى . ئەتە ئىمتىھان دىگەن كۈنى پەرمان ئايقەمەرگە ئۇچۇر يوللاپ :
  - ئىمتىھاننى ياخشى بىرىڭ – دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇچۇر يوللاپ قويدى . ئايقەمەرمۇ رەھمەت ئىيتىپ ئۇچۇر قايتۇردى . گەرچە ئەتە ئىمتىھان بولسىمۇ ، ئايقەمەرنىڭ بىر خىيالى دەرس تەكرارلاشتا، بىر خىيالى پەرماندا بولۇپ دىققىتى چىچىلىپ ئىمتىھانغىمۇ تۈزۈكرەك تەييارلىق قىلالمىدى .
  ئىمتىھانمۇ ئاخىرلاشتى ، ئەمما ئايقەمەرنىڭ بۇ قىتىمقى نەتىجىسى ئىلگىرى چاغلاردىكىدىن كۆرىنەرلىك تۆۋەن چىقتى . ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىنى كۆرگەن سۈلھەت مۇئەللىم ئۇنى ئىشخانىسىغا ئايرىم چاقىرىپ ئەھۋاللاشتى .
--------------------------------------------------------
  داۋامى بار.......

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:22:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى يوللىسام كومپىيوتېر مەشغۇلاتى خاتا بۇلۇپ چالا بولۇپ قاپتۇ.  ئاللاھ خالسا ئەتە ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن.   كامالىي ئىھتىرام بىلەن : نۇرجان ئېلى كەتمەن  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 01:12 AM  


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 09:55:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمتىھانمۇ ئاخىرلاشتى ، ئەمما ئايقەمەرنىڭ بۇ قىتىمقى نەتىجىسى ئىلگىرى چاغلاردىكىدىن كۆرىنەرلىك تۆۋەن چىقتى . ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىنى كۆرگەن سۈلھەت مۇئەللىم ئۇنى ئىشخانىسىغا ئايرىم چاقىرىپ ئەھۋاللاشتى . ئەمما ئايقەمەر :
- مىجەزىم يوق ، ئۆيدە ئازراق ئىشلار بولۇپ ، دىققىتىم چىچىلىپ ، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس . شۇڭا دەرسكە كۆڭۈل بۆلەلمىدىم . ئەمدى دىققىتىمنى يىغىپ چوقۇم نەتىجەمنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ، كەچۈرۈڭ مۇئەللىم – دەپ ئۆزرە ئىيتتى . سۈلھەت مۇئەللىممۇ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تەسەللىي، رىغبەت بىرىپ ، بۇ ئىشنى بەكمۇ زىغىرلاپ سوراپ كەتمىدى . چۈنكى ئايقەمەر ئۇنىڭ نەزىرىدە راستچىل ، سەمىمىي ئوقۇغۇچى ئىدى . شۇڭا سۈلھەت مۇئەللىم ئايقەمەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەن ئىدى . شۇنىڭ بىرگە بۇمۇ ئايقەمەرنىڭ تۇنجى قىتىم يالغان سۆزلىشى ئىدى .
  ئادەتتە ئايقەمەر يالغان سۆزلىيەلمەيتى ، كىچىكىدىنمۇ ئائىلىسىنىڭ تەربىيسى قاتتىق بولغاچقىمۇ ، ئىشقىلىپ ئۆيدە ، مەكتەپتىمۇ يالغان سۆزلەشكە پىتىنالمايتى . مۇشۇ يىشىغا كەلگۈچە ھىچكىمگە يالغان سۆزلەپ باقمىغان ئىدى ، يالغان سۆزلەي دىسىمۇ تەمتىرەپ ،يۈزلىرى قىزىرىپ كىتەتتى . ئەمما بۇ قىتىم ئۇ نىمە ۋەجىدىنكى ئانچىمۇ ھودۇقۇپ كەتمىدى ، بەلكىم ئارلىشىۋاتقان دوسلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا كىرەك ، ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى ، ئىش – ھەرىكەتلىرىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولماقتا ئىدى .
  ئىمىتىھانمۇ ئاخىرلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە قۇيۇپ بىرىلدى . ئايقەمەرمۇ ئۆيگە قايتىپ دەم ئالغاچ ، يىڭى مەۋسۈملۈك دەرسلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىدى . قىش پەسلى بولغاچقا ئايقەمەرنىڭ ئۆيىدىمۇ ئىشلار جىق ئەمەس ئىدى .  شۇڭا ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇنى ياخشىراق تەييارلىق قىلسۇن دەپ تولا ئىشغا بۇيرۇپمۇ كەتمىدى . ئايقەمەر دائىم كىتاپنى قولغا ئالسىلا ، پەرماننى ئەسلەيتى . ئادەتتە كىنومۇ كۆرمەيدىغان بۇ قىز ئەمدى ، تېلۋىزور ئالدىدىن سائەتلەپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى . تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تېتىمىسا بازاردىن كىنو پلاستىنكىلىرى ئەكىلىپ كۆردى . ھەر قىتىم كىنو كۆرگەندە پەرمان بىلەن كۆرگەن كىنولىرى ئەسىگە كىلىپ ئۇنى بىئىختىيارلا ئەسلەيتى . پەرمانمۇ كۈندە دىگۈدەك ئۇنىڭدىن ھال سوراپ ئۇچۇر يىزىپ ، ئۇنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ، قاچان كىلىدىغانلىقىنى سوراپ ئەھۋاللىشىپ تۇردى .
  بىر كۈنى ئايقەمەر يىزا بازىرىغا بىرىپ بىر دۇكاندىن كىنو پلاستىنكىسى تاللاپ يۈرۈپ ، قولىغا تىتانىك نىڭ پلاستىنكىسى چىقىپ قالدى ، ئايقەمەر شۇ ھامان سىتىۋىلىپ ، ئۆيگە ئاپىرىپ كۆرۈشكە باشلىدى . بۇ قىتىممۇ ئوخشاشلا كۆزىدىن ھاياجانلىق ياشلار ئەگىدى . يەنە شۇ مۇھەببەتنىڭ خىياللىرىغا پىتىپ ، خۇددىنىمۇ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئولتۇرۇپ كەتتى . ئانىسىنىڭ " قىزىم ، تاماق يەڭ " دىگەن چاقىرىشلىرىمۇ نەچچە قىتىم تەكرارلانغاندا ئاندىن ئىسىنى يىغىپ ئورنىدىن تۇردى . ئانىسى ئۇنىڭ ياش يۇقى كۆزىنى كۆرۈپ :
  - قىزىم ئايقەمەر ، سىزگە نىمە بولدى ؟ نىمىشقا يىغلىدىڭىز ؟ - دەپ سورىدى .
  - ياق ، يىغلىمىدىم . – دىدى ئايقەمەر ئازراق ھودۇقۇپ .
  - ئەمىسە كۆزىڭىز ياش تۇرىدىغۇ ؟ مىجەزىڭىز يوقما قىزىم ؟ - دىدى ئايقەمەرنىڭ ئانىسى روزىخان ئۇنىڭ پىشىنىسىنى سىلاپ تۇرۇپ .
  - ياق ، ئانا ، بايا كۆزۈمگە كۇمۇتىدەك نەرسە كىرىپ كەتكەندەك قىلغان شۇ .
  - مانداق قىلىڭە قىزىم – روزىخان ئايقەمەرنىڭ كۆزىنى پۈۋلىدى .
  - بولدى ، ئانا ، ھىچقىسى يوق ، مەن ياخشى  نىمانداق ئەنسىرەيسىز دەيمەن .- ئايقەمەر شۇنداق دىگىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئەمما ئاۋازى سەل ئۈنلۈكرەك كەتتىمۇ ، روزىخان قىزىم ماڭا ۋاقىراۋاتامدۇ دەپ ئويلاپ قالدى . دىمىسىمۇ بايا ئايقەمەرنىڭ ئاۋازى سەل ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن ئىدى . بۇمۇ ئايقەمەرنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى قىتىم ئانىسىغا ئۈنلۈك گەپ قىلىشى ئىدى .
ئايقەمەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋاقىتىلىرى ئىدى . ئايقەمەرنىڭ ئاكىسى ئەلقەر ئىھتىياتسىزلىقتىن يۇيۇلمىغان تەخسە قاچىدىن نەچچىنى چىقىۋەتتى ، ئۇ دۇكىنىغا ئالدىراپ سۇنۇق چىنىلەرنى قازاننىڭ كەينىگە قويۇپلا چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر مەكتەپتىن كىلىپ ، قاچىلارنى يۇيىۋىتەي دەپ تەرەددۇت قىلدى . ئۇمۇ قازاننىڭ كەينىدىكى سۇنۇق چىنىلەرنى كۆرمىگەن ئىدى . روزىخان ئوتتىن كىرىپ ، سۇپىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ قازاننىڭ كەينىدىكى سۇنۇق تەخسە چىنىلەرنى كۆرۈپ :
  - ئايقەمەر ، چىنىلەرنى سىز چىقىۋەتتىڭىزما – دەپ سورىدى .
  - قايسى چىنىنى ئانا ؟ - دىدى ئايقەمەر ھىچنىمىنى ئاڭقىرالماي .
  - قازاننىڭ كەينىدىكى چىنە-تەخسىنى دەيمەن .- ئايقەمەر ئورنىدىن تورۇپ قازاننىڭ كەينىگە قاراپ :
  - ياق ، ئانا ، بۇنى مەن چاقمىدىم .
  - ئەمىسە كىم چاقتى ، ئۆيدە سىزدە باشقا ئادەم يوقتۇ ؟
- راسلا مەن چاقمىدىم ئانا .
- قىزىم ، يالغان گەپ قىلماڭە ، مەن سىزنى ئۇرۇپ-تىللىمىغاندىن كىيىن ، چاققاندىن كىيىن چاقتىم دەڭە .
   - مەن چاقمىغان تۇرسام – دىدى ئايقەمەر ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ . ئاڭغىچە زورىخان ئوت ئالغۇچە ھىرىپ قالغانمۇ ، ئايقەمەرنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئاچچىقى كىلىپ ئۇنى تىللاپ كەتتى . ئەمما ئايقەمەر ئۈن-تىنسىز " مەن چاقمىدىم " دەپ يىغلاپ ئولتۇردى ، ئەمما ئانىسى :
  - مۇشتەك تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدا ماۋۇ ، ھىلىتىن يالغان سۆزلىسەڭ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىسەن ، قىلغاندىن كىيىن قىلدىم دە . ۋۇ تۇخۇنىڭ پوقى مەينەت .-دەپ تىللاپلا كەتتى . ئاڭغىچە ھوشۇراخۇن كىرىپ نىمە بولغانلىقىنى سورىدى . روزىخان ئايقەمەر چىنە تەخسىنى چىقىۋىتىپ چاقمىدىم دەۋاتمامدۇ دەپ ئەھۋال چۈشەندۈردى . ئەمما ھوشۇراخۇن ئايالىغا قاراپ :
  -ماڭا قايلا روزىخان ، مىنىڭ قىزىم يالغان سۆزلىمەيدۇ جۇما ، ئۇنىڭغا بۇنداق ئۇۋال قىلما – دەپ ئايقەمەرنى باغرىغا باستى . ئايقەمەر بولسا :
-دادا ، چىنىلەرنى مەن چىقىۋەتمىدىم ، ئانام ماڭا ئىشەنمەيۋاتىدۇ – دەپ ئىسەكىدەپ كەتتى . روزىخان يەنىلا ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۇپ ئايقەمەرنى يالغان سۆزلىدىڭ دەپ تۇرىۋالدى . ئەمما ئايقەمەر مەن چاقمىدىم دەپ يىغلاۋەردى . ئانسى ئۇنى خاتا چۈشىنىپ ئۇۋال قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ بىر ئىغىز گەپ قايتۇرمىغان ، ھەم ۋارقىرىمىغان ئىدى . ئۇ گەپ قايتۇرغان بولسىمۇ تامامەن بولاتتى . ئەمما ئۇنداق قىلمىدى . چۈنكى ئۇ ئانىغا ۋارقىراش ياخشى بالىنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلەتتى ، شۇڭا ئانىسى ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلغان بولسىمۇ ، ئۈن-تىنسىز سۈكۈت قىلغان ئىدى .
كەچتە ئەلقەر ئۆيدە بولغان ئىشلارنى بىلىپ :
  -ئانا ، تەخسىلەرنى مەن چىقىۋەتكەن ، نىمىشقا سىڭلىمنى تىللاپ يۈرگەنسە ؟ بىچارە ئوماق سىڭلىمغا ئۇۋال قىلىپ . – دىدى .
- ۋۇ ، بىشىڭنى يەيدىغان كالامپاي ، كۆزەڭگە قاراپ ئىش قىلىساڭ بولمامدۇ ؟
- ۋاي ، شۇ ئالدىراپ قاپتىكەنمە ، ئىلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەن بولسام بوپتىكەن شۇ تەخسىلەرنى ، بىكار سىڭلىمغا ئازار بىرىپسەن .
  -شۇنداق قىلماپسەن ، مىنىڭمۇ نىرۋامنى چىچىپ ، بىلىسەنغۇ بولمىسا ، بىرە نەرسىنىڭ رەتسىز ، بوزۇلغىنى كۆرسەم نىرۋامنىڭ ئىتتىكلەپ كىتىدىغانلىقىنى ، بىچارە قىزىمغا ئەجەپ ئۇۋال قىلىپتىمەن . كىلىڭە قىزىم ، خاپا بولماڭ ، ئانىڭىز سىزنى خاتا ئەيىپلەپتۇ – دىگىنىچە ئايقەمەرنى باغرىغا باستى . ئايقەمەرمۇ يىغلىغىنىچە ئانىسىنىڭ باغرىغا ئىتىلدى . ئانىسىدىن ئۇۋاللىق تارتىپمۇ ۋارقىراپ باقمىغان بۇ قىزنىڭ بۈگۈنكى گەپ-سۆزى روزىخانغا غەلىتە بىلىنمەكتە ئىدى . ئۇ كۆڭلىدە قىزىم چوڭ بولغاندۇ ، ياكى مەن بەك ئارتۇق ئويلاپ كەتكەندىمەن دەپ ئويلىدى .
ئايقەمەر تاماقتىن كىيىن ، ئازراق دەرس تەكرارلاپ ئۇخلاي دەپ تۇرىشىغا پەرماندىن ئۇچۇر كەلدى . ئۇ ئۇچۇرىدا : تېلفۇن سۆزلىشىش ئەپلىكمۇ دەپ يوللىغان ئىدى . ئايقەمەرنىڭ ھوجرىسى ئايرىم بولغاچقا ، ئۇدۇللا تېلفۇن قايتۇرماقچى بولدى . ئەمما ۋاقىتىنىڭ سەل بىئەپلىكىنى ، ئاتا-ئانىسى ئۇخلاپ بولغاندا تېلفۇن قايتۇرۇشنى لايىق تىپىپ ، سەل تۇرۇپ مەن سىزگە تېلفۇن قىلاي دەپ ئۇچۇر قايتۇردى .
ھەممەيلەن ئارامغا كەتكەندە ئايقەمەر ئاستا پەرمانغا تېلفۇن قىلدى .
  -ۋەي ، پەرمانما ؟  - دىدى ئايقەمەر بوش ئاۋازدا .
  -ھەئە ، مەن ، قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟
- مەن ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟
-مەنما ؟ مەن ئانچە ياخشى ئەمەس .
- نىمىشقا ؟ بىرە ئىش بولدىما ؟
- شۇ ، سىزنى سىغىنىپ شۇ . سىغىنىشنىڭ ئوتلىرى قىيناۋاتىدۇ.
- ۋاي ، نىمانداق گەپ قىلىسىز ؟ ئىچىۋالمىۋانسىز ؟
- ھەي ، سىغىنىشنى ھاراق بىلەن ئىچىپ تۈگەتكىلى بولغان بولسا ، دىڭىز بولسىمۇ ئىچىپ تۈگىتىۋىتەتتىم .
- ئەمدى يەنە شۇنداق دىسىڭىز تېلفۇننى قۇيىۋىتىمەن .
- بولدى ، بولدى ، ئاپپاق خان ، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىڭ . شۇ سىزنى نىمە قىلىۋاتقاندۇ دەپ شۇ .
  - نىمە قىلاتتىم ، ئۆيدە ، بىكار زىرىكىپ .
-ھە ، ئەتە ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟
- قانداق دەيسىز ؟
-شۇ ، سىز بىلەن كۆرىشەي دىگەن ، مۇمكىن بولسا شەھەرگە كەلسىڭىز ؟
- مەن بارالماسلىقىم مۇمكىن ، ئۆيدىن نىمە دەپ چىقىمەن ؟
- بانادىن بىرنى تىپىپ  چىقمامسىز ؟
- نىمە بانا تاپىمەن ؟
- ھىم ، مۇنداق دەڭ ، مەكتەپكە بىرىپ يىڭى مەۋسۈملۈك ماتېرىياللارنى ئالغىلى بارىدىكەنمىز دەپ چىقىڭ .
- ئۇنىڭدا قانداق بولىدۇ ؟
- ھىچقانداق بولمايدۇ ، كىتەشىڭىزدە كىتاپخانىدىن ئازراق ماتېرىيال ئىلىۋالساق چانمايدۇ . ئىشقىلىپ ئامال قىلىپ كىلىڭ . سىزنى ساقلايمەن .
- نىمە ئىش بارتى  شۇنداق جىددى ؟
- كەلگەندە بىلىسىز . شۇنداق بولسۇن ئەمىسە ، ياخشى ئارام ئىلىڭ خوش .
- ماقۇل ، سىزمۇ بالدۇر ئارام ئىلىڭ . – ئايقەمەر شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى . ئەمما ئۇ بايا پەرمان دىگەن تاتلىق گەپلىرىنى ئويلاۋاتاتتى .  
  - سىغىنىشنى ھاراق بىلەن ئىچىۋەتكىلى بولغان بولسا ، دىڭىز بولسىمۇ ئىچىپ تۈگىتىۋىتەتتىم ،- پەرماننىڭ بۇ سۆزى ئايقەمەرنى باشقىچىلا خوش قىلىۋەتكەن ئىدى . ئەجىبا پەرمان راستىنلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ ؟ جىكتەك رۇس ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم ئەتكەندەك ، مەنىدەك سۆيگۈنى ، بالىلىرى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ، ھاياتى بىلەن قىلچىمۇ ھىسابلاشماي ئۇنى سۆيەرمۇ ؟  ئەگەر شۇنداق بولسا ئايقەمەر پەرمان بىلەن يۈرۈپ شازادەمدىن ئۆچىنى ئالالايدۇ-دە .
  ھەي ، ساددا ، گۈدەك قىز ، ئەخمەق بولمىغىن . سەن خىيال قىلغان رومانتىك مۇھەببەت پەقەت كىنولاردىلا بولىدۇ ، رىئاللىقتا بولۇشىمۇ مۇمكىن ، ئەمما كىنو دىگەن رىئاللىقتىن بىر بالداق يۇقىرى تەسەۋۋۇر بىلەن  كۆپتۈرۈلۈپ ئىشلىنىدۇ ، بولمىسا رىئال تۇرمۇشتەك بولۇپ قالسا ئۇ قانداقمۇ كىنو بولسۇن ؟ ئەڭ ياخشىسى ھەسەت ئوتلىرىدا پۇچلىنىپ ، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمىسەڭ بولاتتى . ئاچچىق شەيتاندىن ، تاتلىق رەھماندىن دەپ ئەجدادىمىز بىزگە تەنبىھ ، نەسىھەتلەرنى بەرگەن ، ئۇلارمۇ بىشىدىن ئۆتمىسە دىمەيدۇ . شەيتانغا يول قويمىساڭ بولاتتى ئايقەمەر .  
   ئەتىسى ئايقەمەر پەرمان ئىيتقان باھانە بىلەن ، ئۆيىدىن غەلبىلىك چىقىپ ، شەھەرگە قاراپ ماڭدى . چۈنكى ھوشۇراخۇن ، روزىخانلار ئايقەمەرنىڭ يالغان ئىيتمايدۇ دەپ بىلەتتى . قىزىغا ئىشىنەتتى . بۇ قىتىم ئايقەمەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرۈپ ، قىزىدىن سورىغىنىدا ئايقەمەر :
  - شۇ بۇ مەۋسۇمدىكى دەرسلەر بەك تەسكەن ، خىلى ساۋاقداشلىرىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى تىخى.-دىدى . ئاتا-ئانىسى بولسا ، بەلكىم شۇنداقتۇ ، ھازىر تېلۋىزور ، خەۋەرلەردىمۇ ئالىي مەكتەپ بالىلىرىنىڭ دەرىسى ئىغىر ، بىسىمىمۇ كۆپ ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تولا سوراق قىلماي ، ئىلھام ، مەدەت تەسەللى بەرگىنى ياخشى . دەپ سۆزلەتمامدۇ دەپ ئويلىدى . نىمە دىگەن بىلەن بالا دە .
  ئايقەمەر شەھەرگە بارغىنىدا بەزى قىز-يىگىتلەرنىڭ قولىدا ئەتىرگۈل تۇراتتى ، كىچىك بالىلار :
  - ئاكا ، سۆيگىنىڭىز ئۈچۈن ئەتىرگۈل ئىلىۋىلىڭ- دەپ گۈل ساتماقتا ئىدى . ئايقەمەر بۇنى چۈشىنەلمىدى . چۈنكى ئۇ بۈگۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى . يىراق ، خىلۋەت سەھرادا چوڭ بولغان بۇ قىز بۈگۈن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن ؟ چۈنكى بۇنداق مەنزىرە سەھرالاردا ئۇچرىمايدۇ،ئەلۋەتتە .
  پەرمان ئايقەمەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشتى ، ئايقەمەردىمۇ تەكەللۇپ ، نومۇسچان تۇيغۇرلىرىنىڭ ئىزنالىرىمۇ يوق ئىدى . ئاندىن ئۇلار تاماققا باردى ، ئاندىن ئايقەمەرنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ چانماسلىقى ئۈچۈن كىتاپخانىدىن بىر نەچچە پارچە پايدىلىنىش ماتىريالى سىتىۋالدى ، ئاندىن ھىلىقى كىنوخانىغا بىرىپ بىر مەيدان كىنو كۆردى . بۇ قىتىم بولسا پەرمان ياقتۇرىدىغان ئامرىكىنىڭ ھەركەتلىك ، فانتازىيەلىك فىلىمى تۆمۈر پالۋاننىڭ 3-بۆلىمىنى كۆردى . بۇ كىنو ئايقەمەرگە ئانچىمۇ ياقمىدى ، چۈنكى بۇ قىز بۇنداق فىلىملەرنى ساختا ، رىئاللىقتىن چەتنىگەن دەپ بىلگەچكىمۇ ئىشقىلىپ ياقتۇرۇپ كەتمىدى . كىنودىن كىيىن ئىككەيلەن بىرەدەم باغچىنى ئايلاندى ، ئەمما ئايقەمەر پەرماننىڭ نىمىشقا چاقىرغىنى ، قانداق مۇھىم ئىشى بارلىقىنى بىلەلمەي ئاخىرى ئۇنىڭدىن سورىدى :
  - پەرمان ، مىنى كىنو كۆرگىلى ، باغچا ئايلاندۇرغىلى چاقىرمىغانسىز ؟ ئەتىگەندىن بىرى ھىچ بىر مەقسەتسىزلا ئايلىنىپ كەتتۇق ، مانا ھازىر كەچمۇ بولغىلى تۇردى ، زادى نىمە ئىش بارتى ، ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا مەن قايتىمەن .
  - ھوي ، ئاپپاق قىز ، نەگە ئالدىرايسىز دەيمەن ، ھە راس ، ۋاقتىدا ئۆيىڭىزگە تېلفۇن قىلىپ قۇيۇڭ ، كەچلىك تاماققا ئۈلگۈرۈپ بارىمەن دەپ ، بىكار ئۇلار ئەنسىرەپ كەتمىسۇن ، ئاندىن مەقسەتكە كىلىمىز . بولامدۇ ؟
  - ماقۇل – ئايقەمەر ماقۇل بولۇپ ئۆيىگە تېلفۇن قىلىپ ، مەكتەپتىن ئەمدى بىكار بولغانلىقىنى ، كەچلىك تاماققا بارىدىغانلىقىنى ئىيتىپ قويدى ، چۈنكى ئوقۇش تىخى باشلانمىدى ، ئايقەمەر سىرتتا قۇنۇپ يۈرسە ئاتا-ئانىسى قانداق ئويلاپ قالىدۇ ؟ - ھە ، ئەمدى دەڭە مەقسەتنى ؟
  - يۈرۈڭ ، بىز ھىلىقى چاقىپەلەككە چىقايلى ، قەشقەرنىڭ كەچلىك مەنزىسىدىن بىر ھوزۇرلىنايلى .
  - ۋاي ، پەرمان ، مەن ئۇنىڭغا چىقمايمەن ، بىشىم بەك قايىدىكەن ، بولدى ، مەن كەتتىم ، سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم .- ئايقەمەر مىڭىشقا تەمشىلىشى پەرمان ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۆتۈنۈپ قالاي، بىر قىتىم چىقايلى ، كاپالەت قىلىمەنكى بۇ قىتىم بىشىڭىز قايمايدۇ ، ماقۇل دەڭ-دەپ يىلىنغىلى تۇردى . ئايقەمەر رەت قىلغانسىرى ، پەرمان ئۇنىماي يالۋۇۋەردى ، ئايقەمەر ئاخىرى ماقۇل بولدى ، ئىككەيلەن چاقىپەلەككە چىقىپ قەشقەرنىڭ كەچلىك مەنزىسىدىن ھوزۇر ئالماقتا ئىدى ، ئايقەمەرنىڭ بۇ قىتىم بىشى ئانچىمۇ بەك قايمىدى ، ئەمما ئۇ يەنىلا قورقۇمسىراپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن پەرمان ئاخىرى سۆز باشلىدى :
  - ئايقەمەر ، يەرگە قارىماي ، ئەتراپقا قاراپ قەشقەرنىڭ كىچىلىك مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئىلىڭ ؟
  - نىمىنى ھوزۇر ئالىدۇ ، بىشىم قىيىۋاتسا ، خەپ ، پەرمان ، ئەمدى ئىككىنجى گىپىڭىزنى ئاڭلىمايمەن .
  - ئەتراپقا قارىسىڭىزمۇ بىشىڭىز قايامدىكەن ؟
  - ھەئە .
  - ئەمىسە ، يەرگىمۇ قارىماي ، ئەتراپقىمۇ قارىماي ، ماڭا قاراڭ ، سىزگە دەيدىغان گىپىم بار .
  - ياق ، قورقىدىكەنمەن .
  - نىمىدىن قورقىسىز ؟ مەندىنما ؟
  - ياق ، ئىگىزدىن قورقىمەن . – ئايقەمەر يەنە كۆزىنى چىڭ يومۇۋالغان ئىدى . پەرمان ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ :
  - كۆزىڭىز ئىچىڭ ئايقەمەر . – ئايقەمەر كۆزىنى ئاستاغىنە ئىچىشىغا پەرمان سۆزىنى داۋام قىلدى . – بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسىز ؟
  - ياق ، بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ سىزنىڭ توغۇلغان كۈنىڭىز ئەمەس .
- ئۇغۇ ، شۇ ، لىكىن بۈگۈن شەھەردە گۈل كۆتۈرۋالغانلاردىنمۇ بىلمىدىڭىزما ؟
  - ياق ، بىلمىدىم ، شۇ ئەتىرگۈل گۈل كۆتۈرۋاپتىغۇ .
  - توغرا ، سىزگە دىسەم ، بۈگۈن دىگەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ، شۇڭا بۈگۈن ئاشىقلار مەشۇقلىرىغا گۈل سوۋغا قىلىدۇ . ئەمدىغۇ بىلگەنسىز ؟
  - ھە ، مۇنداق دەڭ ، بىر چاغلاردا ئاڭلىغانتىم ، لىكىن بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ بايرىمىغۇ ؟
  - بۇ دىگەن خەلقئارالىق بايرام . شۇڭا بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن تولىمۇ رومانتىك ، ئەھمىيەتلىك كۈن .
  - ھە، رەھمەت سىزگە بىلىۋالدىم . ماڭا مۇشۇ بايرام توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغانمۇ ؟ - ئايقەمەرنىڭ بۇ گىپى پەرماننىڭ كۈلكىسىنى قوزغىدى .
  - پاھ ، شازادەمدەكلا گەپ قىلىدىغان بولۇپ كىتىپسىزغۇ ؟ گىپىڭىزدىن ئۆلدۈمغۇ ئەمما ؟
  - مىنىڭ ئالدىمدا ئۇ قانجۇقنىڭ گىپىنى قىلماڭ ، بولامدۇ ؟-دىدى ئايقەمەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ .
  - بولىدۇ ، بولىدۇ – پەرمان ئايقەمەرنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن سەۋەبىنى سورىمايلا گىپىنى داۋام قىلدى . – ئەمدى ، ئايقەمەر – ئايقەمەر ئىگىزدىن قورقۇپ يا ئەتراپقا قارالماي ، پەرماننىڭ كۆزىگە قاراپ تۇراتتى ، پەرمانمۇ ئۇنىڭ خۇمار كۆزىگە قاراپ – ماڭا مەشۇق بولۇشنى خالامسىز ؟- پەرمان شۇنداق دىگەچ قويۇن يانچۇقىنى بىر تال قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى ئىلىپ ئايقەمەرگە ئۇزاتتى .  بۇ بوشلۇقتىكى مەنزىرە شۇنچىلىك رومانتىك ئىدىكى ، شەپەق نۇرىدا بىر جۈپ قىز-يىگىت ، چاقىپەكتنىڭ ئەڭ ئىگىز ئورنىدا ، يىگىت قىزغا گۈل سۇنۇپ ، سۆيگۈ ئىزھار قىلماقتا ، نىمىدىگەن رومانتىك مەنزىرە ، تېتانىك فىلىمىدىمۇ جىك بىر رۇس پاراخۇت يەككىنىدە تورۇپ ئەنە شۇنداق مۇھەببەت ئىزھار قىلغان ئىدى .
  ئايقەمەر نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ، ئۇنىڭ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى ، ئۇ بەلكىم ئۇزۇندىن بىرى ئاڭلاشقا تەققەززا بولغان سۆزنى ئاڭلىغانلىقىدىن ھاياجانلاندىمۇ ، ۋە ياكى خوشاللىقتىن تىلى گەپكە كەلمەيۋاتامدۇ ، ياكى خىجالەت ئىلكىدە قانداق ماقۇل بولۇشنى بىلمەيۋاتامدۇ ، ئىشقىلىپ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ئاجايىپ ھىسسىيات ، تۇيغۇلار ئۇنى ئىسكەنجىگە ئىلىپ ، گىپىنىمۇ تاپالمايۋاتاتتى .
  - ئايقەمەر – پەرماننىڭ چاقىرىشى ئايقەمەرنى سەگىتتى بولغاي پەرمانغا قاراپ تۇرۇپ :
- پەرمان ، نىمە دىدىڭىز ؟
  - ئايقەمەر ، سىزنى تۇنجى كۆرگەندىن تارتىپ سىزنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ كۈندۈزلىرى ، ئويۇمدا سىز ، خىيالىمدا سىز ، كىچىلىرىمۇ چۈشلىرىمدە سىز ، سىزنى ئەسلەپلا ئۆتۈشكە ، سىزدىن باشقىنى خىيال قىلىشقا ئاجىزمەن ، ئايقەمەر ، شۇڭا نەچچە قىتىم بوغۇزۇمغا كەلگەن سىزنى سۆيىمەن دىگەن سۆزنى يۈتىۋىتىپ يۈردۈم ، ھەتتا ئۇچۇردىمۇ نەچچە قىتىم يىزىپ بولۇپ يەنىلا ئۈچۈرۋەتتىم . ئەمما بۈگۈن پۈتۈن شىجائىتىمنى يىغىپ ، يۈرەكلىك ھالدا سىزگە دىيەلىدىم ، مەيلى سىز مىنى قوبۇل قىلىڭ ، ياكى رەت قىلىڭ مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن . سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن . سىزنى ھازىر جاۋاپ بەر دىمەيمەن ، ئشىقىلىپ مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇزۇندىن بىرى مىنى قىيناپ كەلگەن سۆزلىرىمنى سىزگە ئىيتىۋالدىم . سىزنى ھازىرلا جاۋاپ بىرىڭ دەپ قىستىمايمەن ، ئوبدان ئويلىشىپ ، ئەگەر مىنى ئۆزىڭىزگە لايىق دەپ قارىسىڭىز مەن سىز ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى ، شۇڭا جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .- پەرماننىڭ سۆزى ئاياغلىشىپ تۇرىشىغا چاقىپەلەككە يەرگە يىقىنلاشتى ، ئايقەمەرنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى بايقىدىنمۇ بەك قاتماللىشىپ ، ئىنكاسىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى . ئۇ پەرماننىڭ ئۇنى قانداق پەسكە ئىلىپ چۈشكىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدى . ئۇنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ ھىسىياتلار قاينىماقتا ئىدى ، قەلبىنى ھاياجان ، خوشاللىق قاپلىغان ئىدى ، چۈنكى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان يىگىت بۈگۈن تولىمۇ رومانتىك ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئىزھار قىلدى ، ئۇنىڭ خىيالىمۇ ئەنە شۇنداق بىرىنىڭ ئۇنىڭغا رومانتىك تەلەپ قويۇپ ، رومانتىك مۇھەببەت دۇنياسىغا ئىلىپ كىرىش ئىدى . ئۇ ئەنە شۇنداق باش- ئاخىرى يوق مۇھەببەت خىياللىرى قاينىمىغا شۇڭغۇدى . كۆڭلىمۇ ئاجايىپ ئىچىلىپ كەتتى . تىلىمۇ گاللىشىپ كەتتىكى ، ھەتتا نىمە دىيىشىنىمۇ بىلمەيتى . پەرمانمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ سورىماي ، ماشىنىسى بىلەن ئۇدۇللا بىكەتكە ئاپىرىپ قويدى ، ئاندىن ئۇنى ماشىنىغا سىلىپ قويۇپ – جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ، بەك تەققەززا قىلىۋەتمەڭ – دەپ تاپىلاپ يولغا سىلىپ قويدى .
ئايقەمەر يولدا ماڭغاچ خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىدى ، ئۇ ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى ، پەرمان ئۇنىڭغا تەلەپ قويدى ، ئۇنىڭ سۆيگۈ ئارمىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى ، ئەمدى ئۇ شازادەمدىن ئۆچىنى ئالغاندەك بولدى . ئەنە شۇنداق ھاياجانلىق ھىسسىياتلار ئايقەمەرنى ئاجايىپ خوشال قىلىۋەتتى . ئەمدى ئۇ پەرماننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلسۇنمۇ ؟ ياكى نازلىنىپ ئۇنى يەنە ئازراق قوغلاشقىلى سالسۇنمۇ ؟
  ئايقەمەر ئۆيگە كىلىپمۇ بىر چاغقىچە ئۇخلىيالمىدى ، ئۇ پەرماننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلشى كىرەكمۇ ؟ ئەگەر قوبۇل قىلسا قانداق ئۇسۇلدا قوبۇل قىلىدۇ ؟ ئۇدۇللا ماقۇل دەمدۇ ؟ ياكى ياق دەپ تۇرۇپ نازلىنىپ ، ئەتىۋارلىق قىلىپ ئاندىن قوبۇل قىلسۇنمۇ ؟ بۇ سۇئاللار ئۇنى كاللىسىنى پەرۋانە كەبى ئەگىۋاتاتتى . بىر چاغدا پەرمان ئۇچۇر يوللىدى ، ئۇچۇرىدا :
-ئايقەمەر مىنى بەك تەققەرزا قىلىۋەتتىڭىز ، مەن سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن ، مەن ھازىر چۆلدىكى سۇسىز قالغان گىياھ كەبى ، شىپالىق يامغۇرغا تەشنا بولۇپ چاڭقىماقتىمەن ، سىزدىن خوشخەۋەر كۈتۈپ : ئاشىقىڭىز پەرمان . – دەپ يازغان ئىدى . ئەمما ئايقەمەر قانداق جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلەلمىدى ، بۇ پاساھەتلىك ، رەت قىلغۇسىز ئۇچۇرغا ئۇ قانداق جاۋاپ يازسۇن . پەرمان ئويۇنچى بولسىمۇ بۇنداق دەبدەبىلىك ، پاساھەتلىك سۆز-جۈملىلەرنى قانداق ئويلاپ تاپقاندۇ؟ ئەمدى ئايقەمەر قانداق جاۋاپ يازسۇن ؟
  ئەمەلىيەتتە پەرمان بۇ ئۇچۇرنى كىنو فىلىملەردىن تىپىپ يازغان ئىدى ، بەزىلىرىنى توردىن كۆچۈرگەن ئىدى . ئەمدى ئايقەمەر قانداق قىلسۇن ؟ يەنىلا ئۇنىڭدىن ئاڭلايلى : ئۇ ئاخىرى نەچچە ئويلىشىپ ، پەرماننى تەققەززا ، بىتاقەت قىلىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى .شۇنداق قىلىپ بۇ ساددا قىز بۇ مۇھەببەت جىڭىدا غەلبە قىلغانمۇ بولدى . كۆڭلىمۇ ئارام تاپقاندەك ، شازادەمدىن ئۆچىنى ئالغاندەك بولدى . جەڭنىڭ غەلبىسى ھەرقانداق ئادەمنى خوشال قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە .
  ئوقۇشمۇ باشلاندى ، ئايقەمەر بىلەن پەرمان رەسمىي مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدى ، ئايقەمەرنىڭ ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلىشى بارغانچە سۇسلاپ ، ئەمدىلىكتە ئاتالمىش ياشلىق پەيزىنى سۈرمەكتە ، ھەتتا نەچچە يىللاردىن كىيىن بولىدىغان تويىنىڭ خىيالىنى قىلىپ ، نەدە ئولتۇرىدىغانلىقى ، بالىلىرىنىڭ ئىسىمىدىن تارتىپ ئويلاشماقتا ئىدى . ئۇ :
  - ئەمدى پەرمان بىلەن توي قىلسام ، شەھەردە ئولتۇرسام ، پەرمان تۇنۇشلىرىنى ئىزدەپ مىنى بىرە مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا ، ئاندىن دۇكاندىن نىمىنى خالىسام ئۇنى ئىلىپ پوزۇر يۈرسەم  ، ئوغلۇمنىڭ ئىسىمنى پەرماننىڭ ئىسىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئارمان ، قىزىمنىڭ ئىسىمىنى ئۆزۈمنىڭكىگە ماسلاشتۇرۇپ شەمسقەمەر دەپ قويسام....- مانا مۇشۇنداق خام خىياللار ئۇنىڭ پۈتكۈل زىھنىنى قامال قىلغان ئىدى . ھەي ، مۇھەببەت ، ئادەتتە ئايقەمەرنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن يۈرەتتى ، ئەمما بۇ ساددا قىز پۈتۈن ئەس-يادى ، ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن ئىدى . پەرمان بىلەن كۈندە تېلفۇنلىشىدىغان ، قىلغان ئەتكەنلىرىنى قويماي دوكلاپ قىلىدىغان ، سائەتلەپ مۇڭدىشىدىغان بولۇپ قالدى . مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىمۇ بارغانچە كۆپىيىپ ، بۇرۇن سىنىپ ، ياتاق ، ئاشخانا ، كۈتۈپخانىدىن باشقا يەرنى بىلمەيدىغان بۇ تېرىشچان قىز ئەمدىلىكتە دەرستىن چۈشكەن ھامان ، سىرتقا قاترايدىغان ، دەم ئىلىش كۈنلىرى پەرمان بىلەن بىللە قولتۇقلىشىپ باغچا ئايلىنىدىغان ، كىنو كۆرىدىغان ، ھەتتا پات پات دىسكوخانىلارغا بىرىپ ئولتۇرۇپ كىلىدىغان ،ئۆيىگىمۇ دەرس تەكرارلايمەن دەپ تۈزۈك قايتمايدىغان بولۇپ قالدى .
  بىر قىتىم ئۇ ئۆيگە قايتىپ قايتاشىدا ، بەزى كىيىملىرىنى ئانىسىغا بىرىپ :
  -ئانا ، بۇ كىيىمىمنى ساۋاقداشلىرىم بەك مەتۇكەن دەيدۇ ، بۇنى باشقا تۇققانلارغا بىرىۋىتىڭلا .- دىدى . روزىخان بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەجەبلىنىپ :
  -قىزىم ، بۇ دادىڭىزنىڭ سىزگە ھىيتلىق ئىلىپ بەرگەن كىيىمىغۇ ؟ شۇ چاغدا خوشاللىقىڭىزدىن كىيىۋىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەنتىڭىز . ئەمدى مەتۇ دەپلا كەيمەمسىز ؟
  - جىنىم ئانا ، شەھەردىكى ساۋاقداشلىرىم ، مىنى بەك مەتۇ ، كىيىم كىيىشنى بىلمەيدىغان تومپاي دەپ زاڭلىق قىلىدىكەن .
- بالام ، بۇ ..- روزىخاننىڭ گىپى تۈگىمەيلا ئايقەمەر گەپنىڭ بىلىگە تىپىپ :
- بولدىلا ئانا ، ماقۇل دەڭە . ھازىر بۇنداق كىيىمنى پەقەت بىزنىڭ مۇشۇ سەھرادىلا كىيىدىكەن ، شەھەرگە ماسلاشمايدىكەن .- دەپ گەپنى ئۈزۈپ قايتىپ كەتتى . كىچىكىدىن ئاددى-ساددا ، مۇلايىم ، رايىش بۇ دىھقان قىزى ، ئەمدىلىكتە شەھەرنىڭ مودا ئىڭىنى تىكلەپ ، مودا ئىقىمغا ئەگىشىشنى ، زاماننىڭ ئالدىنىقى سىپىدە كىتىۋاتقان مودا خىنىملاردەك بولۇشنى ئۆگەنگەن ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگەنمەكتە ئىدى . ئۇنى ئاز دەپ پەرمان بىلەن باغچىلاردا بەزى پىنھانلاردا ، سىرداشقاچ لەۋلەر يىقىشىدىغان بولدى . ئايقەمەرمۇ ئۇنىڭ باغرىغا بەئەينى سۇ كەبى ئىرىپ كىتەتتى ، پەرمان ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ، كۆزلىرىگە تىكىلىپ :
- سىزنى سۆيىمەن ، مەڭگۈ سۆيىمەن ، ئاشق گۈلۈم –دەپ سۆيەتتى . ئايقەمەرمۇ جاۋابەن :
- مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن - دەپ ئۇنىڭ لىۋىگە لىۋىنى ياقاتتى . بەزى چاغلاردا پەرمان ئۆزىنى بىسىۋالالماي ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتمەكنى ئىستەپ ، ئۇنىڭ كۆكسىنى سىيلاتتى ، ئەمما ئايقەمەر :
- ياق ، پەرمان ، تىخى ۋاقتى ، ئەمەس ، تەخىر قىلىڭ ، ئوقۇشۇم پۈتكەندە مەن بارلىقىمنى سىزگە بىرىمەن . ھازىر تىخى بالدۇر – دەپ ئۇنىڭ ئەدەپ كەتكەن ھەۋەسىنى باساتتى . پەرمانمۇ ئۆزىنى زورىغا تۇتۇپ :
- كەچۈرۈڭ ، مەن بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپتىمەن . – دەپ قوياتتى ، ئەمما شەيتان ئۇنىڭغا يول قويمايتى ، ئۇنى ئايقەمەرنىڭ ۋىسالىغا يىتىش ئۈچۈن ئالدىرىتاتتى . پەرمان ئاخىرى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئايقەمەرنىڭ ۋىسالىغا يەتمەكچى ، ئىنىقراق دىسەك ئۇنى بۇلغىماقچى بولدى . چۈنكى شەيتاننىڭ شەھۋەتلىك ھەۋەسلىرى شۇنداقلا ئايقەمەرنىڭ نازىنىنلىقى ، جىنەستىدەك ئۇماق ، تاتلىق لەۋلىرى ، تال چىۋىتەك ئەۋرشىم ، نازۇك بەللىرى پەرماننىڭ تاقىتىنى تاق قىلىپ ئۇنىڭ ئىشقى-ھەۋەسلىرىنى تىخىمۇ ئەدىتىۋەتكەن ئىدى . پەرمان ئاخىرى ئايقەمەرنىڭ بۇنداق ئاسانلا ماقۇل بۇلىدىغانلىقىنى پەملەپ ، ئۇنى مەس قىلىپ ، ياكى ئۇخلىتىپ ئاندىن قول سىلىشنى پىلانلىدى .
ئاھ ، خۇدا ، شەيتاننىڭ شەھۋەت ئوتلىرى ، ھەۋەس بىلەن قىلغان قەستلىرى نىمىدىگەن رەزىل ، نىمىدىگەن يىرگىنىشلىك . ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئەقىل بىرىپ ، ھەۋەس بەرمەپتىكەن ، ھايۋانلارغا ھەۋەسنى بىرىپ ئەقىلنى بەرمەپتىكەن ، ئەمما ئىنساننى ئاپىرىدە قىلغاندا ئۇنىڭغا ئەقىلنىمۇ ، ھەۋەسنىمۇ بىرىپتىكەن ، بۇنىڭدىن ھىكمەت شۇكى ، ئىنسان ئەقىل بىلەن ئىش قىلسا ، ھەممە ئىشقا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلسا ، ئۇ پەرىشتە كەبى بولىدۇ ، ئەگەر ئەقلىنى تەرك ئىتىپ ، ھەۋەسنىڭ قولى بولسا ، ئۇ ھالدا ئۇ ھايۋان بولىدۇ .
  مۇھەببەتمۇ ئەنە شۇنداق نەرسە : مۇھەببەت ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلسا ، سائادەتكەن ، ھىسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلسا نادامەتكە، ھەۋەس بىلەن مۇئامىلە قىلسا خىيانەتكە باشلايدۇ .كۆرىۋاتىمىزكى ، پەرماننىڭ ھەۋەس بىلەن تۇتقان مۇھەببىتى، ئۇنىڭ ئايقەمەرگە خىيانەت قىلىشقا ، ئايقەمەرنىڭ ھىسسيات بىلەن تۇتقان مۇھەببىتى ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك ، نادامەت ۋە ئىزا ئاھانەتكە باشلىماقتا ئىدى .
  بىر كۈنى پەرمان ئايقەمەر بىلەن بىللە كىنو كۆرۈپ ، باغچىنى ئايلانغاچ خالىي يەردە لەۋلەر يىقىشىپ بولۇپ ، ئايقەمەرگە :
- ئايقەمەر ، بۈگۈن ياتاققا قايتامسىز ؟
- ئەلۋەتتە . قانداق بىرە ئىش بولدىما ؟
- ئەمدى ، ئەتە شەنبە ، راس گەپ قىلسام بۈگۈن كەيپىم پەقەت ياخشى ئەمەس ، ئەتىگەن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئورۇشۇپ قالدىم دەڭە ، شۇڭا ، ئۆيگە قايتقۇم يوق .
- نىمە بولدى ؟ كىم بىلەن بىر نىمە دىيىشىپ قالدىڭىز ؟
- شۇ ، دادام بىلەن يوقىلاڭ ئىشلارنى تەگىشىپ قالدىم دەڭە ، يىراق بىر تۇققىنىمىز بارتى ، شۇنىڭ قىزىنى ئىلىپ بىرىمەن دەيدۇ ، يەكەننىڭ چەت بىر يىزىسىدىنكەن ، ئالمايمەن دىسەم ، ئالىسەن دەپ جىق تەگىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتۇق . شۇڭا بىر نەچچە كۈن قايتمايمەن . تاكى ئۆزى تېلفۇن قىلىپ ، بولدى ، ئۆزەڭنىڭ بىلگىنىنى قىل دىگۈچە.
- ئەمىسە ، مەنچۇ ؟ - دىدى ئايقەمەر ئەنسىز ھالدا .
- شۇ ، سىزنى دەپ شۇنداق قىلىۋاتمەنغۇ ؟
- ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە قوشۇلماي قالماس ھە .
- ياق ، چوقۇم قوشۇلىدۇ ، قوشۇلماي ھەددى ئەمەس . شۇڭا ئايقەمەر ، ئەگەر ياتاققا قايتمىسىڭىز ، يىقىن يەردىكى مىھمانخانىغا بىرىپ بىللە مۇڭداشقاچ ئارام ئالايلى ، بەرىبىر بۇ كەيپىمدە بىر قاۋاققا بىرىپ ئۇرۇش-جىدەل تىرىپ يۈرمەي ، ئۇنىڭدىن كاللامنىڭ ساق ۋاقتىدا بىر جىمجىت خالىي يەرنى تىپىپ ئارام ئالاي . – دىدى پەرمان بىچارە قىياپەتتە .
ئايقەمەر پەرمان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ جىدەل تىرىپ يۈرمەي دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىدىمۇ ، ياكى پەرمان ئىيتقان ، دادىسى ئىلىپ بەرمەكچى بولغان تۇققىنىنىڭ قىزىدىن قىزغاندىمۇ ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىقىن ئەتراپتىكى مىھمانخانىغا كىرىپ كەتتى .
  ئۇلار ياتاق ئاچقۇزۇپ ، چىقىپ بىردەم تېلۋىزور كۆردى ، ئاندىن بىرەدەم مۇڭداشتى . ئاندىن پەرمان ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئايقەمەرگە ئىچىملىك ئىلىپ بەرگىلى چۈشۈپ كەتتى . مىھماننىڭ ئاستىدىلا كەچلىك بازار بار ئىدى . بۇ بازار قەشقەردە خىلى ئاۋات ، نامى بار قايناق كەچلىك بازار ئىدى . پەرمان ئايقەمەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان توخۇ كاۋىپىدىن ئازراق ئالدى ، ئاندىن ئىچىملىككە دوغاپ ئىلىپ قايتى ، ئۇ ياتاققا چىققاچ ئالدىن تەييارلىۋالغان ئويقۇ دورىسنى توخۇ بىلەن دوغاپقا سىلىۋەتتى . ئايقەمەر توخۇ كاۋىپىنى ئىشتىھا بىلەن يىدى ، ئاندىن ئۇسسۇزلۇقىغا دوغاپ ئىچتى ، گەرچە تاماق ئارلىقىدا پەرماننى نەچچە قىتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ پەرمان تاماكا چەككەچ مەن سەل تورۇپ يەيمەن ، سىز يەۋىرىڭ دەپ يىگىلى ئۇنىمىدى .
دورا تەسر قىلىپ ، ئايقەمەرنىڭ كۆزى خىرەلەشمەكتە ، گەپ سۆزلىرى ئۈزۈلۈپ چىقماقتا ئىدى ، پەرمان بولسا مۇشۇ دەقىقىنى كۈتۈپ تۇراتتى . دورا خىلى تەسر قىلدىمۇ ئايقەمەر ئويقۇغا كەتتى . پەرمان ئۇنىڭ ئىسمىنى نەچچە قىتىم چاقىردى ، ئەمما ئەكس سادا چىقمىدى ، سىلكىپمۇ باقتى ، ئەمما ئايقەمەر ئۆلۈكتەكلا ئۇخلىماقتا ئىدى .
مانا ، پۇرسەت كەلدى . ئايقەمەر قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى ، ئۇ شۇ تاپ ھىچنىمىنى سەزمەيتى ، پەرمان چاقىرىشلىرى ، سىلكىشلىرى ئۇنىڭغا تەسرمۇ قىلمىدى . پەرمان ئۇنىڭ بىشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ، لەۋلىرىگە سۆيەتتى، كۆكسىنى ، يانپاشلىرىنى سىلايتى . ئۇنىڭ شەھۋەت ئوتلىرى ئۇلغۇيىشقا باشلىدى . پەرمان رەزىل ، يىرگىنىشلىك شەيتاننىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇردى . پاھ ، نىمىدىگەن گۈزەل ، نىمىدىگەن سۈزۈك ، نىمىدىگەن نازىنىن ، ئەۋرىشىم بەدەن . پەرمان ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارى ، يۇمران بەدىنىنى ئۇنىڭ ھەۋەسلىرىنى تىخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . ئۇنىڭ قوللىرى ئايقەمەرنىڭ شاپتۇلدەك كۆكسىدە ئىدى .
  پەرمان ، ئۇنداق قىلمىغىن ، ئۇمۇ سىنىڭ سىڭلىڭ ، قىرىندىشىم ، مىللىتىڭ ئىدىغۇ ؟ ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش ئاتا-ئانسىنىڭ سۈيۈملۈك ، ئەتىۋار ، بىباھا گۆھەر كەبى ئارزۇلۇقىغۇ ؟ شەيتانلىرىڭ كەينىگە كىرمە ، بۇ قىزچاققا قارا قولۇڭنى سالمىغىن ، سىنىڭمۇ پەرغانە ئىسىملىك يالغۇز سىڭلىڭمۇ بارغۇ ؟ ئايقەمەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئانا سۈتىنى ئىمىپ ، چوڭ بولغانغۇ ؟ مەيلى سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىل ياكى قىلما ، ئۇنىڭ پەقەت ۋە پەقەت جۈپتى ھالالىغىلا مەنسۇپ بولغان ئامانتىگە خىيانەت قىلما ، بۇ دىگەن ئۆتنە ئالەم پەرمان ، كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدۇ ، ساڭىمۇ يانىدۇ ، غەپلەپلەردە تىڭىرقاپ قالغان ، يوقالغان ، ئۇخلاپ ۋىجدانلىرىڭنى ئويغاتقىن . ئۇنىڭغا بۇ زۇلۇمنى سالمىغىن پەرمان . سەن ھازىر بىردەملىك ھەۋەس بىلەن ئۇنىڭ بارلىقىنى ، ھاياتىنى مەڭگۈلۈك تۈگەشتۈرىۋىتىسەن پەرمان . ئۆزۈڭنى تۇتىۋالغان . ئۇلغايغان شەھۋەتلىرىڭنى ئۆچۈرگىن . بۇ بىغۇبار غۇنچىنى ۋاقىتسىزلا توزىتىۋەتمىگىن پەرمان !..
ھەي ، تولىمۇ ئەپسۇس ، بەكمۇ ئەپسۇس . ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، پەرمان مىنىڭ بۇ نىدالىرىمنى ئاڭلىمىدىمۇ ، ياكى نىدالىرىم ئۇنىڭ شەيتىنىدىن غالىپ كىلەلمىدىمۇ ، بىلمىدىم ، ئۇ ئاخىرى رەزىل ، يىرگىنىشلىك ئاشۇ لەنىتى شەيتاننىڭ كەينىدىن چىپىپ ئايقەمەرگە ئاخىرى رەزىل  قارا قولىنى سالدى . بۇ بىغۇبار ، پاك غۇنچە ، پەرماننىڭ رەزىل شەھۋەت ، ھەۋەسلىرى ، مۇدھىش قاباھەتلىك قارا قولى بىلەن بىمەزگىللا توزىدى.......

داۋامى بار.....

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2881
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 10:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزرەك يوللارسىز...

سېرىق ئەپيۇنگۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 02:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ كەتتىغۇ ماۋۇ ھىكايە...............يەنە قانچىلىك ساقلايمىز؟؟

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش