6- ئۆتنە ئالەم
پەرمان ئايقەمەرنىڭ زىرىكىشلىك كۈنلىرى ، سىغىنىلىق تۈنلىرىگە خاتىمە بىرىپ قايتىپ كەلدى . پەرمان بىلەن ئايقەمەر يەنە ئاشۇ ھەسەلدەك تاتلىق كۈنلىرىنى قايتىن باشلىدى . ھەپتە ئاخىرىدىكى دىسكوخانا ئولتۇرىشى ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى تۈندىكى ئىڭراشلار يەنە ئۆز رىتىمىغا چۈشتى .ئەمدى بۇ ساددا قىز پەرماننىڭ تولۇق نىكاھىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدى . ئەگەر ئىككىسىنىڭ ئۆيى بولغان بولسا ، ئايقەمەر پەرماننىڭ كىلىشىگە ئىسسىق تاماق پىشۇرۇپ بەرسىلا بۇلار ھەقىقىي ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قالاتتى . ھەتتا بەزىدە تەگىشىپ قالىدىغان ، ئاندىن كىيىن ئەپلىشىپ ، چاپلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ كەتتى . مانا ئايقەمەر ھازىر ھىسسىياتقا پۈتۈن بىرىلىپ ، ئۆزىنى پەرمانغا ئاتىۋەتكەن ئىدى . ئەمدىلا دەرسلىرى ، نەتىجىلىرى ئىزىغا چۈشۈپ تۇرغان ئايقەمەر يەنە شۇ خىيالىدىكى مۇھەببەتنىڭ كەينىگە كىرىپ ، نەتىجىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى . بۇنىڭدىن سۈلھەت مۇئەللىم يەنە ئەنسىرەشكە باشلىدى-دە ، ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ سۆھبەتلەشتى .
- ئايقەمەر ، نىمە بولدى ؟ بۇ نەتىجىلىرىڭىز تويۇقسىزلا تۆۋەنلەپ كىتىۋاتىغۇ ؟
- شۇ ، مۇئەللىم ، يىقىندىن بىرى كۆڭلۈمنىڭ تازا ئارامى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگگ دەرس بىسىمى ئىغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ .
- دەرس بىسىمى ئىغىر ؟ قايسى دەرسنىڭ بىسىمى ئىغىركەن ؟
- شۇ ، مەن سەھرادىن كەلگەچكە ، خەنزۇچە سەۋىيەم ئانچە ياخشى ئەمەس ، شۇڭا خەنزۇچە دەرسنىڭ بىسىمى بۇرۇنقىدىن ئىشىپ كىتىپ ، باشقا دەرسلىرىمنى تەكرارلىيالمايۋاتىمەن .
- خەنزۇچە دەرسىنىڭ ؟ سىز ئالدىنقى يىللاردا خەنزۇچە ئىمتىھانلار مەكتەپ بۇيىچە بىرىنجى ، ئىككىنجىلىكنى قولدىن بەرمەيتىڭىزغۇ ؟
- شۇ مۇئەللىم ، ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ مۇرەككەپلىشىپكەتتى . شۇڭا ..
- ھە ، مۇنداق دەڭ ، ئۇنداق بولسا مەن خەنزۇچە مۇئەللىمگە دەپ قۇياي ، سىزگە ئايرىم مۇزاكىرە قىلىپ بەرسۇن ، چۈشەنمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا ئۇدۇللا سوراۋىرىڭ ، ئەگەر بولمىسا مەندىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىلەرنىڭ خەنزۇچە دەرىسىڭلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن جۇمۇ .
- رەھمەت ، مۇئەللىم ، مەن دىققەت قىلاي .
- ئايقەمەر ، راستىنى دىسەم ، سىز مەن ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ تىرىشچان ، تالانتلىق ئوقۇغۇچى ، سىزنىڭ ياراملىق بىر ئوقۇتقۇچى بولالىشىڭىزغا ئىشەنچەم بار ، شۇڭا سىز دىقىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىرىشىپ ئوقۇڭ . مىنىڭ ئاشۇ بۇرۇنقى ئايقەمەرنى بەكمۇ كۆرگۈم بار . بەلكىم دەرسلەر سىزگە ئىغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما سىزنىڭ بۇنچىلىك بىسىمنى يىڭىپ كىتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . ھازىر مەۋسۇملۈك ئىمتىھانغىمۇ ئاز قالدى ، شۇڭا ھەر قانداق قىيىنچىلىق ، مەيلى ئوقۇشتا بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن ، قىينالسىڭىز ماڭا دەڭ . بولامدۇ ؟
- ماقۇل ، مۇئەللىم مەن تىرىشاي ، چۈقۇم سىز دىگەندەك بولۇشقا تىرىشىمەن .
- بولىدۇ ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن . – سۈلھەت مۇئەللىم ئايقەمەرگە ئەنە شۇنداق تەربىيە ، تەسەللى ، ئىلھام ، مەدەتلەرنى بىرەتتى . ئەمما بۇ قىز ھازىر ئوقۇش نەتىجىسىدىن بەكەرەك ، پەرمان بىلەن بولغان تۇرمۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرەتتى .شۇغىنىسى ھازىر پەرماننىڭ ئۇنى ئىزدەشلىرى ، تېلفۇن قىلىشلىرى بۇرۇنقىدىن ئازىيىپ قالغان ئىدى . ئايقەمەر تېلفۇن قىلسا ھىلى مەن ئۇ يەردە ، ھىلى ئۆيگە مىھمانلار كەپتىكەن ، ھىلى مالغا باراتتىم دەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىدىغان ، ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۇپ قالدى . ئايقەمەر ئۇنىڭدىن سەل دەرگۇمان بولۇپ قالدى .
ھازىر ئۇلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىمۇ ئازلاپ كەتتى . ئايقەمەر ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچرىشىشنى ، بىللە دىسكوخانا ، ئاشخانىلارغا بىرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ ، ئەمما پەرمان :
- ئەتە ئىشىم بار ، دۇكان ئاچىمەن ، ئاغىنىلەر بىلەن بىر يەرگە بارىمەن ، سەن خاپا بولماي ئۆيۈڭگە قايتىپ تۇر ، كىلەر قىتىم بىللە بىرىپ راۋۇرۇس ئوينايلى ، ماقۇلمۇ جىنىم ؟- دىگەندەك تۈگىمەس باھانىلەر بىلەن ئۇنى ئۆيىگە يولغا سالاتتى . ئەمما ئايقەمەرنىڭ بۇنىڭغا تاقىتى قالمىغان ئىدى .
چارەكلىك ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلار نەچچە كۈنلۈك ئارامغا قۇيۇپ بىرىلگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئايقەمەر پەرمانغا تېلفۇن قىلىپ :
- جىنىم ، بۈگۈن ۋاقتىڭ باردۇ ؟ ئىمتىھان دەپ ئۆگىنىش قىلىۋىرىپ بەك چارچاپ كەتتىم ، شۇڭا بۈگۈن راسا بىر ئوينامىز ؟ - دىدى ، ئەمما پەرمان :
- جىنىم ،دىمىسەڭمۇ سىنى بىر ئويناتسام بولاتتى ، مەنمۇ سىنى سىغىنىپ ئۆلەيلا دىدىم ، لىكىن بۈگۈن بولمايدۇ ، دادامنىڭ تۇققانلىرى كەپتىكەن، شۇلارنى ماشىنا بىلەن ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە ئاپارمىسام بولمايدۇ ، كەچتە ھەقىچان چوڭ ئۆيگە بىرىپ كەچلەپ قالىمىز ، شۇڭا جىنىم ، كىلەر قىتىم بولسۇن بولامدۇ – دىدى . ئايقەمەر باتناپ :
- كەچكىچە ، ئۇ ئىش ، بۇ ئىش دەپلا يۈرەمسە ؟ يا خەجلەيدىغان پۇلۇڭ تۈگەپ كەتتىمۇ يا ؟ گەپ قىلمىسام ، مەن تېلفۇن قىلمىسام ، تېلفۇن قىلايمۇ دىمەيسەن ؟ سەن زادى نىمە بولدۇڭ ؟ مەندىن قىچىپلا يۈرىسەنغۇ ؟
- ۋاي نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ دەيمەن ؟ ۋاي مەن شۇ ئالدىراش بولۇپ كىتىپ بارمامدىم ، ئەمدى ھازىر كۈزلۈك بازار بولدى ، بازار تىخى ئالدىراش ، ھازىر دادام بىلەن يىتىشەلمەي قالدۇق ، ئەمدى ما ئىشلار بىر تۈگىسە ئاندىن كۆرىسەن ، سىنى قانداق ئىزدەپ ، قانداق ئوينىتىمەنكى .
- ماقۇل ، شۇ مىھمانلىرىڭمۇ كىتە . ئاندىن دىيىشىمەنغۇ سەن بىلەن .
- بولدى ، شۇنداق بولسۇن ، ھازىرچە خاپا بولماي سەۋر قىلىپ تۇر ، ماقۇلمۇ ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن . خۇش جىنىم .
- ماقۇل ، خوش .- ئايقەمەر شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى ، ئەمما ئۇ پەرماننىڭ گەپ سۆزلىرىدىن يەنىلا گۇمان قىلماقتا ئىدى . چۈنكى پەرمان بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى ، ئايقەمەر دەرس تەكرار قىلىمەن ، بۈگۈن ۋاقتىم يوق ، ئەتە ئۆيگە قايتمىسام بولمايدۇ ، دىگەندەك باھانىلەر بىلەن ناز قىلسىمۇ پەرمان ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى ماقۇل قىلىپ ئاپىراتتى ، ئەمما ھازىر ئايقەمەر ئۆزى تەلەپ قىلسىمۇ پەرمان باھانە ئىزدەپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرمەكتە ئىدى .
لىكىن ئايقەمەر بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلىمىدى ، پەرمان بولمىسا نىمە بوپتۇ ؟ ئۇ دىسكوخانىغا يالغۇز بارسىمۇ بولىدىغۇ ؟ ھازىر قايسىبىر دىسكوخانىدا ئۇنىڭ تونۇشى يوق ، ئۇ كەلمىسە بۇ كىلىدۇ ، بىرەدەم مۇڭدىشىپ ، ئۇنى بۇنى ئىچكەچ ، تانسا-ئۇسسۇل ئوينىغاچ پاراڭ سوقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھارغىنلىقى بىر پەس بولسىمۇ يەڭگىلشىيدۇ ئەمەسمۇ ؟
ھەي ، نادان ئايقەمەر ، ھەن ساددا ئايقەمەر ،ساڭا قانچە قىتىملاپ پەرماننىڭ كەينىگە كىرمە ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە ، ھىسسىيات بىلەن ئويناشما دەپ نىدا قىلمىدىم ؟ ئاچچىق ئەقىلنى بوغىدۇ ؟ ئۆزەڭنىڭ خىلى بىلەن ئارلاش ، نەدىكى دىباچىلار بىلەن يۈرمە ، ياخشى ئوقۇپ ، تاغاڭنىڭ ئىزىنى بويلاپ ، ياراملىق ئوقۇتقۇچى بول دىسەم ، ئاڭلىمىدىڭ ؟ ئەمدىچۇ ؟ ئۆزۈڭنىمۇ ، ئەقلىڭنىمۇ يەتكۈچە بولغۇدۇڭ ، داداڭ ، ئاكاڭ ئاغزىغا ئىلىپ باقمىغان شاراپلارنى ھازىر بەھۇزۇرلا چاي ئىچكەندەك ئىچەلەيسەن ، بۇرۇن ھەپتىدە بىر قىتىم ئۆيۈڭگە قايتاتتىڭ ، ئەمدىچۇ ؟ ئايدا بىر قىتىم قايتىۋاتىسەن . بۇرۇن ئاتا-ئاناڭ ، ئاكاڭ بۇ ھەپتىدە بەرگەن پۇل ، يەنە بىر ھەپتىدە يانچۇقۇڭدا شۇ پىتى تۇراتتى . شۇ پۇللۇرۇڭنى يىغىپ كىتاپ ئالاتتىڭ ، ئۆزۈڭنى مەنىۋىيىتىڭنى موللاشتۇراتتىڭ . ھازىرچۇ ؟ شۇ پۇللارنى يىغىپ دىسكوخانىلاردا سورۇۋاتىسەن . بىر چاغلاردا پۇل تىجەيمەن دەپ مەكتەپتىن كىتاپخانىغا مىڭىپ بىرىپ ، مىڭىپ قايتىپ كىلەتتىڭ ، ھازىرچۇ ؟ تاكسىلاردا شەھەر ئايلىنىسەن ؟ ئەجىبا ئائىلەڭنىڭ شۇنچە كۆپ ۋەجى بارمىدۇ ؟ بۇلارنى ئويلىشىڭ كىرەك ئىدىغۇ ؟ ئۆزۈڭنىڭ نەدىن كىلىپ نەگە كىتىۋاتقانلىقىڭنى ئويلىشىڭ كىرەك ئىدىغۇ ؟ ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇ ئازغۇن قىز يەنىلا مىنىڭ بۇ نىدالىرىمغا قولاق سالماي ، دىسكوخانىغا قاراپ ماڭدى .
ئايقەمەر دىسكوخانىغا كىرگەندە ، دىسكوخانا ئەمدىلا قايناشقا باشلىغان ئىدى . ئۇ ئورۇن ئىزدەپ مىڭىۋاتقاندا ، ئارقا تەرەپتىن :
- ئايقەمەر- دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ئايقەمەر شۇنداقلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ، ئۇنى چاقىرغان ھىلىقى پەرمان ئۈرۈمچىگە كەتكەندە ، ئايقەمەر دوستلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرغاندا تونۇشقان پەخرىيە دىگەن دوستىنىڭ مۇھەببىتى ئىمىن ھاجىم ئىدى . ئايقەمەر ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئىمىن ھاجىم تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئىككەيلەن بىر قۇر ئەھۋاللاشتى ، ئىمىن ھاجىم ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .ئايقەمەرمۇ بەك ئۇشۇقچىمۇ ناز قىلماي كىلىپ جايلاشتى ، ئۇدۇل تەرەپتە ئىمىن ھاجىمنىڭ ئىككى دوستى ئولتۇراتتى .
- ھە ، ئەمدى سىلەرنى تونۇشتۇرسام – دىدى ئىمىن ھاجىم .
- ماۋۇ مىنىڭ ھىلىقى كونا مابىتىم پەخرەكنىڭ دوستى ئايقەمەر ، بۇ ئىككلەيلەن بولسا ، مىنىڭ قىيامەتلىك دوسلۇرۇم ئۆركەش بىلەن ساتتار . تونۇشۇپ قىلىڭلا . – ئۈچەيلەن ئۆز ئارا باش لىڭشىتىپ كۆرۈشتى . ئىمىن ھاجىم تونۇشتۇرغان ئۆركەش قوشما قاپاق ، بۇرۇتلۇق ، قىسقا چاچ ،قارىماققا توي قىلىپ بولغاندەك تۇراتتى ، ساتتار بولسا ياپما قاپاق ، چىچى قېشىنى توسۇپ تۇرىدىغان ، خەنزۇ چىراي ئىدى . ئاڭغىچە ئايقەمەر ئىمىن ھاجىمدىن :
- پەخرىيە بىلەن ئايرىلىپ كەتتىڭىزما ؟ - دەپ سورىدى .
- بۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى كىيىن دەپ ئاۋۋال تونۇشقىنىمىز ئۈچۈن بۇ رومكىنى كۆتۈرۋىتەيلى –دىدى . ھەممەيلەن قولىدىكى رومكىلارنى قولىغا ئىلىپ سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋەتتى . ئۇلار رومكىنى قويۇپ تۇرىشىغا ، رىياسەتچى :
- بۈگۈن دوستىمىز دىلمۇراتنىڭ توغۇلغان كۈنىكەن ، شۇڭا دوستمىزنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەچ بىر مەيدان لىرىك ناخشىغا ، لەرزان قەدەملەر بىلەن بىر قول تانسغا چۈشسەك – دىدى . ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان تىرەك بوستان دىگەن ناخشا لىرىك كۈيلەر بىلەن ئىيتىلىۋاتاتتى . سورۇندىكى يىگىتلەر قىزلارنىڭ بىلىدىن تۇنۇپ تانسىغا چۈشتى . ئۆركەشمۇ ئايقەمەرنى بىر قول تانسىغا تەكلىپ قىلدى ، ئايقەمەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ تانىسغا چۈشتى . تانسا ئارلىقىدا ئۆركەش :
- ئىسمىڭىز بەك يىقىملىق ، چىرايلىقكەن ، ئۆزىڭىزمۇ خۇشچىراي ، ئوماقكەنسىز – دىدى . ئايقەمەر بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاۋىرىپ كۈنۈپ قالدىمۇ ، ھىچبىر ئىپادىسىزلا :
- رەھمەت – دەپ قويدى .
- مانا ئوبدانلا تونۇشۇپ قالدۇق ، مەن سۇچىلىق ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىشىپ ، دوست بولۇپ ئۆتسەك قانداق دەيسىز ؟
- سىز خىزمەتكە چىققىلى قانچلىك بولدى ؟
- ھازىر ئىككى يىل بولدى، بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟
- توي قىلىپ بولغانسىز ؟
- ھەئە ، يىرىم يىل بولدى .
- مەن سىزنىڭ سىڭلىڭىزغا ئوخشاش ، شۇڭا دوست بولۇشىمىز سەل بىئەپ بولۇپ قالامىكى ؟
- ۋاي ، ئۇنىڭغا نىمە بوپتۇ ، ئىشىقىلىپ مەيلى قانداق ئىش بولسا ، دىسىڭىز قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن ، قانداق ؟
- بولىدۇ ، شۇ چاغدا بىر گەپ بولا ، ئايالىڭىز تۇرۇپ ، بۇ يەرلەردە ئويناپ يۈرسىڭىز ؟
- شۇنىڭ بىر گىپىنى قىلمىسىڭىز ، خويمۇ زىرىكتىم شۇ پاسكىنىدىن ، ئاز قالدى ، بالام توغۇلغان ھامان ، خىتىنى بىرىمەنغۇ ؟
- نىمىشقا ، بالىڭىزنى تىرىك يىتىم قىلامسىز ؟
- مەن سىزگە دىسەم قاراڭ ، ئۇ قانجۇق يا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلمىگەن ، يا بىر ئۇسسۇغان يەرگە بارمىغان ، يا بىر چىراينىڭ تايىنى يوق .
- ھە ، ئىشقىلىپ بەك يەڭگىلىك قىلماڭ .
- كۆڭلۈمدە سان بار ، راس ، مۇمكىن بولسا تېلفۇن نومىرىڭىزنى ؟
- كەچۈرۈڭ ھازىرچە بولمايدۇ – ئايقەمەرنىڭ گىپى تۈگىمەيلا جايىدا قىتىپلا قالدى ، ئۆركەشنىڭ چاقىرىشلىرىنىمۇ سەزمىدى . ئايقەمەر ئۆزىگە ئانچە يىراق بولمىغان ئايرىمخانىدا پەرماننى كۆرۈپ قالدى . پەرماننىڭ يىنىدا يەنە بىر قىز بار ئىدى ، ئىككەيلەن قىزغىن مۇڭداشماقتا ئىدى .ئۆركەش ئايقەمەرنىڭ قوللىرىنى سىلكىپ ئۇنى چاقىردى :
- ئايقەمەر بىرە ئىش يوقتۇ ؟ نىمە بولدىڭىز ؟
- ھە ، ھىچنىمە ، كەچۈرۈڭ ، ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم .- ئايقەمەر ئۆركەشنىڭ قولىنى قويىۋىتىپ پەرماننىڭ يىنىغا باردى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ ، قاپاقلىرى قار-مۇز يىغىپ تۇراتتى . پەرمان ئۇنى كۆرۈپ سەل ھودۇقۇپ :
- ئاي.. ئايقەمەر ، سەن ئۆيۈڭگە كەتمىگەنمىدىڭ ؟ بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭ ؟- دىدى . ئايقەمەر پەرمانغا بىر ، پەرماننىڭ يىنىدىكى قىزغا بىر قاراپ ئولۇغ تىنىپ تۇراتتى . ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ :
- بۇ ياق نەۋرە سىڭلىڭمۇ يا ، بىرە ھامماچاڭنىڭ ساڭا بىرەي دەۋاتقان قىزىمۇ ؟
- ۋاي ، نىمانداق گەپ قىلىسەن ؟
- ئەتىگەن تۇققانلارنى ئايلاندۇرىمەن ، چوڭ ئۆيگە ئاپىرىمەن دەۋاتقانتىڭ ، ئەمدى تۇققانلىرىڭ بىلەن بىرەدەم پەيزى قىلايلى دەپ دىسكوخانىغا كەلگەنمىكى دەيمىنا ؟ قىنى باشقا تۇققانلىرىڭ ؟ نەدىرەك ئولتۇردى ؟
- پەرمان ، بۇ كىمۇ ؟ نىمانداق چۈشنىكسىز گەپ قىلىدۇ ؟ - دىدى پەرماننىڭ يىنىدىكى قىز.
- مەنما ؟ - دىدى ئايقەمەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ – مەنچۇ ، ماۋۇ ئاكىڭىزنىڭ ئالماقچى بولغان خوتۇنى ، يەنى سىزنىڭ يەڭگىڭىز ، شۇنداققۇ پەرمان ؟ - پەرمان نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .
- ۋۇي ، خىنىم ، سىز كىمنىڭ يەڭگىسى ؟ يەڭگىلىكتىن سۆز ئىچىپ قاپسىز ، راسلا يەڭگە بولىدىغان ئىش بولسا ، ئاۋۋال خانئاچىڭىزدىن كىيىن سىزگە نۆۋەت كىلەمىكى ؟
- پەرمان ، ماۋۇ ئىنجىمارۇق نىمە دەپ يۈرۈيدۇ ؟
- ئايقەمەر ، ئۆزۈڭنى بىسىۋالساڭ بولاتتى ، مەن ساڭا ئايرىم چۈشۈندۈرۈپ قوياي ، بۇگۈن قايتىپ تۇرساڭ ، مەن ساڭا ئەتە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي ، بولامدۇ ؟
- ھازىر چۈشەندۈرە . - دىدى ئايقەمەر پەرماننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ .
- ۋاي ، پەرمان ، ماۋۇ ساراڭنى يوقىتىڭە ، نىمە ئادەمنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرىدۇ ، قانداق نىمە بۇ ؟
- يۇمە ئاغزىڭنى پاسكىنا رەسۋا ، ساراڭ دەيدا ؟
- كىمنى تىللۋاتىسە ، ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىل جۇمۇ ، نەدىكى بازىرى يوق پاسكىنا قانجۇقلارغا سۇيۇتۇپ قويغاندەك كىلىۋاپتا ؟ - ئىككى قىزچاق تىللىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى . پەرمان بولسا قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇراتتى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئايقەمەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ :
- ماڭە ئايقەمەر سىرتقا چىقىپ دىيشەيلى ، بولامدۇ ؟
- نىمىنى سىرتتا دىيىشىسەن ؟ نىمە مەندىن قىچىپ يۈرىيدىكى دىسەم ، ئەسلى مىكىجىنلىرىڭ جىقلاپ كىتىپتىكەندە ، نۆۋەت بىلەن يۈرىۋاتقان ئوخشىمامسە ؟- دىدى ئايقەمەر قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ .
- ماڭا قارا ئايقەمەر ، بۇ يەردە سەتلەشكەننىڭ پايدىسى يوق ، ئۇنداق جاھىللىق قىلما ، مەن ساڭا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ، ماڭە .- دىدى پەرمان ئايقەمەرگە يىلىنىپ تۇرۇپ .
- نىمە گەپ بولسا مۇشۇ يەردە دەيسەن . بۈگۈن ھەممىنى ئوچۇق دىيىشىمىز .
- ماقۇل ، ھەممىنى دىيىشەيلى ، ئۇنداق تەرسالىق قىلما ، ماڭە سىرتقا چىقىپ دىيىشەيلى .
- ماقۇل ، ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل دەي . ماڭە ئەمىسە – ئايقەمەر ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى . پەرمان يىنىدىكى قىزغا :
- بۈگۈن سەن كەتكەچ تۇرغىن ، ئەتە ساڭا تېلفۇن قىلاي ، بولامدۇ – دىدى ، قىزچاقمۇ ماقۇل دەپ قالدى . پەرمان ئايقەمەر بىلەن سىرتقا چىقىپ ، ئايقەمەرنى ئىلىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى . يولدا ماڭغاچ ئايقەمەر ئاچچىقىدا ئولۇغ ئولۇغ تىنىپ ماڭدى . ماشىنا يەنە ئۇلار داۋاملىق بىللە بولىدىغان خالىي يەرگە بىرىپ توختىدى . پەرمان ئايقەمەرگە قاراپ :
- چوقۇم ئۇ قىز كىمۇ دەپ سورايسەنغۇ دەيمەن ؟ -دىدى . ئايقەمەرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ :
- ھەئە ، كىمۇ ئۇ ؟ ئەتىگەن باشقىچە گەپ قىلىۋاتقان ، ئەجەپ يامان يەردىن تۇتۇلۇپ قالدىڭا ؟ ئالدامچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتاممىكەن . ئەمدى چۈشەندۈرە ، قانداق چۈشەندۈرىسەنكى ؟
- ئۇ قىز مەن ساڭا دىسەم ، ئالدىنقى ھەپتە دۇكانغا كىيىم ئالغىلى كەپتىكەن ، تونۇشۇپ قالغان ، كىم بىلسۇن مىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ، بۈگۈن ئۆزى مۇشۇ يەرگە چاقىرىپ مۇڭدىشايلى دىگەن . شۇڭا كەلگەنتىم .
- ۋاي سۇيۇق ، ۋاي شاپاقچى ، شۇنىڭ بىلەن ئوغرىغا مال كەم بولمىدى دە .
- ۋاي ، نىمىلەرنى دەپ يۈرىيسەن ، شۇ دىدىم ، مىنىڭ لايىقىم بار ، ئوقۇشى پۈتكەن ھامان توي قىلىمىز ، سىز خاپا بولمىسڭىز دەپ رەت قىلدىم ، ئاڭغىچە سەن كىرىپ قالدىڭ .
- شۇندامۇ تىخى ، بانا تىپىشقا ، ھىكايە توقۇشقا نىمانچە ئۇستىسەن ، ئەگەر يازغۇچى بولۇپ قالغان بولساڭ ، نوبىل مۇكاپىتى ئالىتىڭ ئەمما .
- نىمانداق ئىشەنمەيسەن ئادەمگە ، يالغان بولسا تېلفۇن قىلىپ بىرەيمۇ ؟
- ۋاي ، بولدى ، قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقامتى ؟ ئىككىڭنىڭ تىلى بىر .
- ئانداق گەپ قىلما ئايقەمەر جىنىم ، مەن راس دەۋاتىمەن .
- ئەمىسە ، نەچچە كۈندىن بىرى ئىزدەپ قويمىدىڭغۇ ؟ يەنە قايسى قىز ساڭا كۆيۈپ قىلىپ ، كۆڭۈل ئىزھار قىلدى ؟ بۇنىڭغا نىمە دەيسە ؟
- دىدىمغۇ ، ئالدىراش بولۇپ كەتتىم دەپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام بىلەن تەڭ دۇكان ئىچىپ ، تەڭ تاقاپ ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ ھىساۋات قىلىۋاتسام ، سەن بىلەن قانداق كۆرىشىمەن ؟
- ئەمىسە ، بۈگۈن قانداق قىلىپ ۋاقتىڭ چىقىپ قالدى – ئايقەمەر تەتۈر قىستاقلىرى پەرماننىڭ تىلىنى گاللاشتۇرماقتا ئىدى ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بولالماي ، كاللىسىغا كەلگەن باھانىلەرنى ئىيىتپ چۈشەندۈرىۋاتاتتى .
- شۇ تۇققانلار چوڭ ئۆيگە ئەكىلىپ تۇرىشىمغا ما ساراڭ قىز تېلفۇن قىلىپ كۆرۈشسەك ، بىر ئىغىز گىپىم بارتى ، دەۋالساملا كىتىمەن دەپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن گىپىنى ئاڭلىۋىتىپ ، گەپنى ئوچۇق قىلىپ ئايرىۋىتىپ ، ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ دەپ قۇياي دەپ كۆرۈشكىلى كەلگەن ، شۇ سىنىڭ گىپىڭنى دەپ تۇرىشىمغا ، زامان ئاخىرى بولدىمۇ كىمنىڭ گىپىنى قىلسا شۇ كەپتۇ دەپ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدۇڭ دىسە ، راس ، سەن نىمىگە كەلدىڭ ؟
- نىمىگە كىلەتتىم ، بىرسى پەرمان بىر پەرى بىلەن بىللىكەن دەپ خەۋەر قىلغان شۇڭا كەلگەن .- ئايقەمەرنىڭ تاپقان باھانىسىمۇ خىلىلا لوگىكىغا چۈشكەن ئىدى .
- كىمكەن شۇ ؟ ماڭا دىگىنە ، ئاناڭنى سۇخەنچى ھارامدىن بولغانلار ئىككىمىزنىڭ يۈرگىنى كۆرەلمەي ئىچى قايناپ ، ھەسەت قىلىپ دىگەندۇ ؟
- كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس ، لىكىن سەن مىنى مۇشۇ سەپسەتە ، يالغان ياۋىداقلىرىڭغا ئىشىنىدۇ دەمسە ؟
- جىنىم ، نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيسەن دەيمەن ؟ دىگەنلىرىم راس خۇدا ھەققى راس .
- بولدى ، بولدى ، ھە دىسىلا قەسەم قىلىۋىرىپ ، قەسەمنىڭ باھاسىنى پاخال قىلىۋەتتىڭغۇ ، كۇرسىنى چۈشۈرۈپ . بۇ قىتىم ئىشىنەي ، ئەمما كىلەر قىتىم ...
- ئەمدى كىلەر قىتىم يوق ، ھە راس قورساقمۇ ئاچقاندۇ ، ماڭە كەچلىك بازارغا بىرىپ بىر نەرسە يەپ كىلەيلى ، ئاندىن ياتاقتىن بىرنى ئىچىپ تازا قىنىپ مۇڭدىشايلى ، بولامدۇ جىنىم – دىدى پەرمان ئايقەمەرگە ئەركىلەنگەندەك قىلىپ . ئايقەمەر ئۈندىمەي ئولتۇردى ، پەرمان ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ماشىنىنى ھەيدەپ كەچلىك بازارغا ماڭدى . ئۇلار بارغاندا بازارمۇ ئاساسەن تارقاپ بولاي دىگەن ئىدى . ئۇلار ئازغىنە ئاچچىق-چۈچۈك پىشۇرۇقلاردىن يەپ ئاددىيغىنە غىزالىنىپ ، بازارغا يىقىن يەردىكى مىھمانخانىدىن ياتاق ئىچىپ چىقىپ كەتتى . ئايقەمەر پەرماننىڭ ھەسەلدەك شىرىن گەپلىرىنى ، ئۈرۈمچىدە ئۆزىنى قانچلىك سىغىنغانلىرىنى شۇنداقلا مەركىزى شەھەردىكى يىڭىلىقلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى . بىردەمدىلا پەرماننىڭ شىرىن شىكەر سۆزلىرىدىن چايغا سالغان ناۋاتتەك ئىرىپ ، پەرماننىڭ قويىنىغا كىرىپ كەتتى . شىرىن تۇيغۇلار يەنە باشلاندى . ئايقەمەرنىڭ بايا دىسكوخانىدىكى ئاچچىقلىرى ، غەزەپلىرى ئەمدىلىكتە شىرىن تۇيغۇلار تەسىرىدىن قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغان ئىدى .
ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا پەرمان يەنە غايىپ بولۇشقا باشلىدى . ئىزدەشلەر ، ئەھۋاللىشىلار ، كۆرۈشۈشلەر يەنە سۇسلاپ كەتتى . ئايقەمەر يەنە پەرماندىن گۇمان قىلىشقا باشلىدى .ئۇ كۆڭلىدە : پەرمان چوقۇم يەنە بىر قىز تىپىۋالدى ، قارىغاندا شازادەمنىڭ دىگىنى راس ئوخشايدۇ؟ ئەگەر راست بولۇپ قالسا ، مەن بۇندىن كىيىن قانداق قىلارمەن ؟ -دىگەندەك ئەندىشىلىك خىياللار قىلىپ كۆزىدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان ياشلارنى تۇيماي قالاتتى . يەنە تۇرۇپ : ۋۇئۇش ، يامىنى كەلسە ئايرىلىپ كىتىپ ، يەنە بىرەسى بىلەن يۈرمەمدىم ، مىنىڭ بۇ تۇرقۇمنى كىم ياراتمايدۇ ؟ ھەر قىتىم دىسكوخانىغا بارسام ،خىلى خىلى بايۋەتچىلەر ئارقامدىن شۆلگىيىنى ئېقىتىپ قاراپ قالىدىغۇ ، يا بولمىسا ،ھىلىقى ئۆركەش دىگەن بالىنى ئىندەككە كەلتۈرۋىلىپ ، ئاندىن ئايالىنىڭ خىتىنى بەرگۈزىۋىتىپ شۇنىڭ بىلەن ئۆتمەمدىم ؟ - دىگەندەك ئۆزى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، ساراڭلاردەك خىياللارنى قىلاتتى . ئۇ ئاخىرى تاقەت قىلالماي پەرمانغا تېلفۇن قىلدى ، ئەمما پەرمان تېلفۇننى ئالمىدى . يەنە قىلدى ، ئەمما پەرماندىن سادا كەلمىدى ، يازغان ئۇچۇرلىرىمۇ جاۋاپسىز قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئايقەمەر يەنە بىر قىتىم دىسكوخانىغا بىرىپ ئۇنى ئىزدەپ باقماقچى بولدى .
جۈمە كۈنى ئىدى ، ئايقەمەر دەرستىن چۈشۈپ ، پەرماننى ئىزدەپ ماڭاي دەپ تۇرىشىغا ئاكىسى ئەلقەر ئۇنى ئىزدەپ مەكتەپكە كەلگەن ئىدى ، ئەلقەر سىڭلىسىنى كۆرۈپ تونۇشقا ئامالسىز قالدى . چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . ئايقەمەر يوتىسىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان پادىچىلار شىمى ، كالتە يەڭ كۆينەك ، يەنە تىخى ياغلىقىمۇ يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەل قىنىقراق گىرىممۇ قىلىۋالغان ئىدى . ئەلقەر ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ :
- سەن ئايقەمەرما ؟ مىنىڭ سىڭلىم سەن شۇما ؟ - دەپ سورىدى .
- ھە ، ئاكا ، مەن .. مەن شۇ..
- بۇنداق چاكىنا كىينىشنى ، تىخى گىرىم قىلىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭ ؟- دىدى ئەلقەر ئايقەمەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ، شۇتاپ ئەلقەرنىڭ ئايقەمەرنىڭ كاچىتىغا بىرنى ئۇرۇپ ئۇنى سەگىتكىسى كىلىپ كەتكەن ئىدى ، غەزەپتىن چىشلىرىمۇ غۇچۇرلاپ كەتكەن ئىدى . ئەمما ئايقەمەر ئۈندىمەي ، يەردىن كۆزىنى ئۈزەلمەي تۇراتتى . ئەلقەر ئايقەمەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى خالىي يەرگە ئەكىلىپ ، يەنە سۇئالىنى تەكرارلىدى :
- مەن سەندىن بۇنداق چاكىنا كىيىنىشنى ، گىرىم قىلىشىنى نەدىن ، كىمدىن ئۆگەندىڭ دەپ سوراۋاتىمەن ؟
- شۇ ، ئاكا سىنىپتىكى ھەممە قىزلار مۇشۇنداق يۈرىيدىكەن ، ئۆزۈمنىڭ كىيىملىرىنى كىيسەم ، كىيىم كىيىشنى بىلمەيدىغان تومپاي دەپ زاڭلىق قىلىدىكەن ، شۇڭا ...
- ساۋاقداشلىرىم زاڭلىق قىلىدىكەن دە ، ئەجىبا ساۋاقداشلىرىڭ پوق يىسە ، سەنمۇ يەمسە ؟
- ياق ، شۇ ئاكا ، ئەمدى شەھەردە ھەممە قىزلار مۇشۇنداق كىيىنىپ يۈرگەندىن كىيىن ، مەنمۇ سەل قورۇنۇپ قالىدىكەنمە ؟
- ھەممە قىزلار ؟ - ئەلقەر ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ – كۆردۇڭمۇ ؟ ئاۋۇ ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ ياغلىق چىگىۋالغان قىزلارنى ، ئەجىبا ئۇلار شۇنداق ھايالىق كىيىنىپ يۈرىيدىكىنا ؟ ياكى ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش سەھرالىق تومپايمىكەن يا ؟
- شۇ ، ئاكا مەنمۇ شۇنداق كىيىنىپ سىرتقا چىقسام ، ئارقامدىن ماۋۇ قىزنىڭ نەچچە بالىسى باردۇ ؟ ئەجەپ كىچىكلا توي قىلىپتا دەپ بەكلا قۇرۇندۇرىۋىتىكەن ؟- ئايقەمەر شۇتاپ باھانە تاپالماي ئاران ئاران جاۋاپ بىرىۋاتاتتى .
- يۇمە ئاغزىڭنى ؟ مەن سىنى مەكتەپكە ئەكەلگەندە ، بەزىبىر جەمىئىيەتتىكى شاللاق ، ئەخلاقسىز ، ھاياسىز قىزلارنى دورىما ، مىنىڭ سىڭلىمدەك بول دەپ جىكىلىمىگەنما ؟ ئوقۇشقا كەلگىنىڭگە ئىككى يىل بولمايلا ئۇلاردىن قىلىشمىغۇدەك بولۇپ كىتىپسەن ، ماقۇل كىيىم كىيىشنڭنى مەيلى دەپ تۇراي ، ئەمىسە گىرىم قىلىشنىچۇ كىم ئۆگەتتى ، گىرىم قىلىپ ، تار كىيىملەرنى كىيىپ ماڭساق ، سىنى كىم ئوقۇغۇچى دەيدۇ ؟ ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىۋالساق ، توي قىلغان قىز دىگەن خەق ، بۇ ھالىتىڭنى كۆرسە ئىرىدىن ئاجرىشىپ كىتىپتۇ دىمەسما ؟- ئەلقەرنىڭ سۇئاللىرى ئايقەمەرنى تەتۈر قىستاققا ئالماقتا ئىدى .
- ئاكا ، تىرىلىرىم قۇرغاقلىشىپ يىرىلىپ كەتكەن ، شۇڭا ياتاقتىكى دوسلىرىم ، ئازراق ماي بىلەن سورۇخ سۈركەپ قويغان پايدا قىلىدۇ دەپ .
- ئۇكام ، مەن سەتىراچ ، قۇرغاق تىرىگە قانداق ماي سۈركەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن ، سىنىڭ سۈرتكىنىڭ ھىچبىر يىرىلغان تىرىنىڭ مىيى ئەمەس ، تىخى ئۇپىمۇ سۈركەپسەن . مىنى ئالدىيالمايسەن ، ئەڭ ياخشىسى راستىنى دە ، بولمىسا مۇشۇ يەردىن قولۇڭدىن تۇتقان پىتى دادامنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ ، مەكتەپتىن توختىتىۋىتىمەن . – ئەلقەرنىڭ بۇ سۆزىدىن ئايقەمەر سەل چۆچۈپ كەتتى . چۈنكى ئەلقەرنىڭ بۇ پەيلىدە ئۇنى بۇنداق قىلمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ . ئايقەمەر يەنە باھانە تىپىپ بولالماي تىلى گاللاشماقتا ئىدى . قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇ دەرھال ئاكىسىنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتكىدەك باھانىدىن بىرنى تىپىشى كىرەك ، تويۇقىسز ئۇنىڭغا بىر ئەقىل كىلىپ :
- راس گەپ قىلسام خاپا بولمايسەن ھە ؟ - دىدى ئايقەمەر ئاكىسىغا يەر تىگىدىن قاراپ :
- قىنى دەپ باقە ، ئەمما يالغان گەپ قىلساڭ ، ئەمدى ماۋۇ مەكتەپتىن ئۈمىدىڭنى ئۈزۈپ ئۆيگگ بىرىپ ئانامغا ياردەملىشىپ دىھقانچلىق قىلىسەن . دىگىنە قىنى .
- شۇ ، بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ توغۇلغان كۈنىتى ، مىنىمۇ چاقىرىپتىكەن ، بارمايمەن دىسەم پەقەت ئۇنىمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ باراي دىسەم ، ياتاقدىكى دوستلۇرۇم ، ئۇنىڭ ئۆيى شەھەردە ، بۇنداق بارسىڭىز بەك سەت تۇرغۇدەك ، شۇڭا ھەممەيلەن ئوخشاش كىيىنىپ بارايلى دەپ ، ئۇنىمىسام ئۇنىماي ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ ، ئازراق گىرىم قىلىپ قويدى . ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىنىپ قالماي دەپ ، ماقۇل دىگەنتىم ، بولمىسا ئۇلار كەچكىچە ئادەمنى سەھرالىق تومپاي ، ئادەم ياراتمايدۇ دەپ يەكلەپ ئارىغىمۇ ئالمايدىكەن .
- ھە ، مۇنداق دە ، قاتاردىن قالماي دەپسەندە .
- شۇ ، قانداق قىلىمەن ، مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدۇ ، ئىككى يىل بىللە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغان ساۋاقدىشىم تۇرسا ، يۈز كىلەلمىدىم شۇ .
- ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق كىيىنەمسەن-يا ؟
- توۋا دىگىنە ئاكا ، بۇ تۇنجى قىتىم كىيىشىم ، ئۆزۈممۇ قورۇنۇپ ئاران تۇرىمەن بولمىسا .
- ئەمىسە قارا ، ھازىرلا چىقىپ بۇ سەت كىيىملەرنى ئىگىسىگە بىرىۋىتىپ ، ئۆزۈڭنىڭ يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىپ ، ئاندىن دوستلۇرۇڭدىن ئۆزرە ئىيتىپ ، نەدىكى قاملاشمىغان سورۇنلارغا بارماي ، جىم ئولتۇرۇپ دەرسىڭنى تەكرارلا . چۈنكى سەن مىنىڭ سىڭلىم ، سىنىڭ ۋەزىپەڭ دوستلىرىڭنىڭ كۆز قاراشلىرى بۇيىچە ئىش تۇتۇش ئەمەس ، بەلكى ياخشى ئوقۇپ ، تاغامنىڭ ئىزىنى بويلاپ ، جەمەتىمىزنىڭ ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش . بىلدىڭمۇ ؟
- ماقۇل ئاكا ، خاپا بولمىساڭ ، مەن دىققەت قىلاي .
- ئەتە نىمە ئىش قىلىسەن ؟ ئەتە شەنبە دەم ئالىسىلەرغۇ ؟
- ئەتە ، چۈشتىن بۇرۇن خەنزۇچە مۇئەللىم سىنىپتىكى بىر نەچچەيلەنگە دەرس تەكرارلاپ بىرەتتى . چۈشتىن كىيىن دەم ئالىمىز .
- ئەمىسە ، دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە بار ، سەن كەلمىگىلىمۇ ئۈچ ھەپتە بولاي دىدى . يىنىڭدا پۇل بارمۇ ؟
- ھە ، بار ، ئۆتكەندە دادام بەرگەن پۇل تىخى بار .
- ھە ، ياخشى ، ئەمىسە بۇ پۇلنىمۇ سىلىپ قوي ، لازىم بولۇپ قالا – ئەلقەر ئىككى يۈز يۈەن پۇلنى ئايقەمەر ئۇزارتتى . ئەمما ئايقەمەر :
- ياق ، بولدى ئاكا ، يىنىمدا راس پۇلۇم بار . يىتىدۇ .
- مەن سىنى پۇلى يوق دىمىدىم ، سىلىپ قوي لازىم بولىدۇ دەۋاتىمەن . ئالە ، كىتاپ ماتىريال ئالاسەن ، ياكى بولمىسا ، ئۆزۈڭگە لازىم نەرسىلەرنى ئالىسەن ، لىكىن ئۇكام ، سىنى بۇ ھالەتتە ئىككىنجى قىتىم كۆرۈپ قالماي ، بولامدۇ ؟
- بولىدۇ ئاكا ، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ، ئەجەپ ئالدىڭداسەت ئىش قىلىپ قويدۇم .
- يەنە بىر قىتىم تەكرارلانمىسا ، ھىچقىسى يوق ، ئەمما تەكرارلىنىپ قالسا ، مەكتەپ ھاياتىڭ ئاخىرلىشىدۇ جۇما .
- ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ .
- ئەمىسە كىرىپ ، كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ ، دەرسىڭنى ياخشى تەكرارلاپ ئەتە ئۆيگە بار .
- ماقۇل ئاكا . ئەتە ئۆيدە كۆرىشەيلى .
- بولىدۇ ، ئاللاھقا ئامانەت .
- ئاللاھقا ئامانەت ئاكا – ئەلقەر ئايقەمەر بىلەن خوشلۇشۇپ كىتىپ قالدى ئايقەمەر بۇ قىتىم ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بۇ ئۆتكەلدىن قۇتۇلدى ، ئاكىسىمۇ ئاسماندىن چۈشكىندەكلا پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بارلىق پىلانلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئايقەمەر پەرماننى ئىزدەشكە ئىلاجىسىز قىلىپ ئۆيگە قايتىشىقا مەجبۇر بولۇپ قالدى .
ئەمەلىيەتتە ئەلقەر ئايقەمەر تولىمۇ ئامراق بولغاچقا ئۇنى شۇنداق قاتتىق باشقۇراتتى ،كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ ئەقىللىق ،ھايالىق ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئۇمۇ ئاز كۈچ چىقارمىغان ئىدى . ئايقەمەر باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە دادىسى ھوشۇراخۇن ئۇنى مەكتەپتىن توختاتماقچى بولغاندا ، ئەلقەر دادىسىغا يىلىنىپ تۇرۇپ :
- دادا ، تاغام ئەيساجانمۇ كۆز يومۇش ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ ، ئايقەمەر ئاخىرغىچە ئوقۇتۇپ ،ئوقۇتقۇچى قىل ، جەمەتىمىزنىڭ ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇر دەپ قايتا قايتىلاپ تاپىلاپ ۋەسىيەت قىلىپ ، كۆزى يىرىم يۇمۇقلا كەتكەن . شۇڭا تاغامنىڭ روھىنى قورۇندۇرمايلى دادا – دىگەندە ، دادىسى ھوشۇراخۇن :
- ئوغلۇم ، مىنىڭمۇ ئاكامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە سىڭلىمنى ئوقۇتقۇم ، ئۇنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلىگۈم بار ، لىكىن چوڭ داداڭ كۆز يومۇش ئالدىدا ، تاغاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا چەككەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى ، تارتقان ئەرزىيەتلىرىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي ، ئىچىگە ئىلىپ كىسەل بولۇپ كۆزى يومۇلمايلا ئۆلۈپ كەتتى ، چوڭ داداڭ كۆز يومۇش ئالدىدا ماڭا : ئوغلۇم ھوشۇر ، جەمەتىمىز گەرچە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن جەمەت بولسىمۇ ، بۈگۈن پەلەك تەتۈر چۆرگىلەپ بىلىمكلەر خار بولۇپ كەتتى ، بولدى بۇ مۇئەللىملىك ئاكاڭ بىلەنلا كەتسۇن ، بالىلىرىڭنى ھەرگىز ئوقۇتقۇچى قىلما ،بولمىسا سەندىن رازى بولمايمەن دەپ ۋەسىيەت قىلغان ، ھەتتا ئاكام قارىلىنىپ ھەپسىگە ئىلىنىپ دادام بىلەن ئاخىرقى قىتىم ۋىدالىشالماي كۆزى ئوچۇقلا كىتىپ قالغان . شۇڭا دادامنىڭ بۇ ۋەسىيىتىگە قارشى چىقسام ، ئۇ قانداقمۇ گۆرىدە ئارامىدا ياتسۇن . بوپتۇ ، قىز بالا دىگەن خەقنىڭ ئادىمى بولغاندىن كىيىن ئەتە-ئۆگۈن تالالىق قىلىۋەتسەك بولىدۇ ، مانا سىنىمۇ دادامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئوقۇتماي ساتىراچ قىلدىم ، بولمىسا ھەممىڭلارنى قىنىمنى سىتىپ بولسىمۇ ئوقۇتقۇم بار ئىدى . شۇڭا يەنىلا دادامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ ، سىڭلىڭنى بىرەر تىككۈچىگە شاگىرتلىققا بىرەي .- دىدى ، ئەمما ئەلقەر :
- دادا ، تاغامنىڭ زامانى ئۆتۈپ كەتكىلى نەۋاق ، ئەمدى شۇ ئاشۇنداق قاباھەتلىك يىللار بولسا كىرەك ، بىلىملىك ئادەم ھەرگىز خار بولمايدىكەن ، ئەنە كۆرىۋاتىسەن، مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ھازىر ئالىي مەكتەپكە ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ماڭغىلى تۇردى ، بەزىدە شۇلارغا قاراپ ھەۋەس بىلەن قاراپ قالىمەن ، ئەمدى چوڭ دادامنىڭ ۋەسىيىتى مەن بىلەنلا كەتسۇن ، لىكىن تاغام ئەيساجاننىڭ سەندىن يىنىشلاپ ئۆتۈنگەن ئاشۇ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى بولسىمۇ ئورۇنلايلى ، بىچارە تاغام گەرچە ئاشۇ قاباھەتلىك يىللاردا شۇنچە رىيازەتلەرنى چەككەن بولسىمۇ ، ئەمما كىيىن جاھان ئەسلىگە كەلگەندە يەنە شۇ مۇنبەرگە چىقىپ ، ئۆزىنىڭ قالغان ئۈمرىنى مائارىپ ئۈچۈن بىغىشلاپ ئۆتتى ، ھەتتا پىنسىيەگىمۇ بەش يىل كىچىكىپ چىقتى ، مەن تاغامدىن نىمىشقا پىنسىيەگە چىقىپ ئارام ئالمايسىز دىسەم ، تاغام ماڭا : ئوغلۇم ئەلقەر ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا 10 يىل مۇنبەردىن ئايرىلدىم ، نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىم چالا قالدى ،شۇڭا مۇشۇ بىھۇدە ئۆتكەن ئۆمرۈمنى ، ماغدۇرۇم يەتكىچە تولۇقلىۋالاي دەپ ئىيتقان ئىدى ، شۇڭا دادا ، ئەيساجان تاغامنىڭ روھىمۇ ئەمىن تاپسۇن ، سىڭلىمنى ئوقۇتايلى ، بولامدۇ دادا ، سەندىن ئۆتۈنەي ، جەمەتىمىزنىڭ ئاتا كەسپىنى بۇنداقلا يوق قىلىۋەتمەيلى – دەپ قايتا-قايتا ئۆتۈنۈپ دادىسىنى قايىل قىلىپ سىڭلىسىنى بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئىدى . ئەمما بۇ ساددا قىز ئەمدىلىكتە ئاكىسىنىڭ بۇ بەدەللىرىنى ئۇنتۇپ ، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قۇيماقتا ئىدى .
كەچتە ئايقەمەر پەرمانغا يەنە تېلفۇن قىلدى ، ئەمما تېلفۇن يەنىلا ئىلىنمىدى ، ئايقەمەرمۇ زىرىكمەي نەچچە قىتىم قىلدى ، ئاخىرى يانفۇندىن سىز ئۇرغان تىلفۇن ئىتتىككەن دىگەن سادا چىققاندا تېلفۇن قىلىشتىن توختىدى . شۇنىڭ بىلەن جىلە بۇلۇپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمەيلا ئۇيقۇغا غەرق بولدى .ئەتىسى ئويغۇنۇپ ، چۈشكىچە ئۆيگە تەييارلىق قىلىپ ، چۈشتىن كىيىن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ئۆيىدىمۇ دەرس تەكرارلايمەن دەپ ئانىسىغىمۇ تۈزۈك قارىشىپ بەرمىدى . پەرمان بىلەن يۈرمەستە ، داۋاملىق ئۆيىگە قايتسا ، ئانىسى :
- قىزىم بولدى ، مەن قىلاي ، سىز دەرىسىڭىزنى تەكرارلاڭ –دىسىمۇ ئۇنىماي ، ئانىسىدىن ئىش تالىشىپ قىلىدىغان ، ئايقەمەر ، ئەمدىلىكتە ئانىسى ئىشقا بۇيرىسا ، دەرس تەكرارلاۋاتقانتىم ، دەپ ھوجرىسىدىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى ، روزىخانمۇ :
-بوپتۇ ، دەرس تەكرارلاۋاتقان بولسا دەخلى قىلىپ ، دىققىتىنى چىچىۋەتمەي – دەپ ئاساسەن ئۇنى ئىشقا سىلىپمۇ كەتمىدى . ئەمما ئايقەمەر دەرس تەكرارلىماستىن ،يەنە شۇ تىگى يوق خىياللار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، پەرمانغا تېلفۇن قىلىش ، ئۇچۇر يوللاش بىلەن بەند ئىدى ، ئەمما پەرماندىن بىر ئىغىز جاۋاپمۇ كەلمەيتى . ئۇ گۇمانلىرى تىخىمۇ كۈچەيدى ، شۇڭا ئۇ ئەتىلا شەھەرگە قايتىپ پەرماننى ئىزدىمەكچى بولدى .
ئەتىسى ئايقەمەر ، چۈشلۈك تاماقنى يەپلا ، مەكتەپكە بىرىپ دەرسىمنى تەكرارلايمەن دەپ شەھەرگە قايتتى ، ئاتا-ئانىسىمۇ مەيلى ، ئۆيدە ئولاغلار مەرەپ دىققىتىنى چىچىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭ رايىغا بىقىپ ئۇنى يولغا سىلىپ قويدى . ئايقەمەر شەھەرگە بىرىپلا پەرماننىڭ دۇكىنىغا باردى ، ئەمما پەرمان يوق ئىدى ، دۇكاندا پەرماننىڭ دادىسى ئولتۇراتتى . ئايقەمەر چاندۇرماي ئۇنى، بۇنى كۆرۈپ قايتىپ چىقتى . ئۇ يولدا ماڭغاچ پەرمانغا ھارماي تېلفۇن قىلدى ، ئەمما پەرمان تېلفۇننى قەتئىي ئالمىدى ، ئاخىرى ئۇمۇ يانفۇنىنى ئىتىۋالدى . ئايقەمەر ياتاققا قايتىپ ، مەتۇ كىيىملىرىنى سىلىۋىتىپ ، مودا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ دىسكوخانىغا بىرىپ ، پەرماننى تىپىپ ھىسابلاشماقچى بولدى . ئەمما تىخى كەچ كىرمىگەچكە ئايقەمەر ياتاقتا بىردەم ئارام ئىلىپ ئاندىن بارماقچى بولدى .
ئۇ ئۆزىنى كارۋاتقا ئىتىپ ھەرخىل خىياللارنى قىلاتتى :
- پەرمان راستىنلا مىنى تاشلىۋەتكەنمىدۇ ؟ ئەجىبا پەرمان راستىنلا شازادەم ئىيتقاندەك شاللاق ، سۇيۇق مىجەز بالىمىدۇ ؟ ئاھ ، خۇدا ، ئەگەر راسلا شۇنداق بولسا ، مەن ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ مىنىڭ بارلىقىم ئۇنىڭ قولىدا تۇرسا ، ئۇ ماڭا ئىگە بولمىسا ، بۇ يۈزۈمنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ، مىنىڭ ھازىر ئىپپىتىم يوق تۇرسا ؟ كىيىن قانداقمۇ تالالىق بولامە ؟ - ئايقەمەرنىڭ كۆڭلى ئەنسىز ئىدى . – ئەگەر راسلا شۇنداق بولسا ، ئوقۇش پۈتتۈرگىچە يەنە بىرەسى بىلىپ ، ئانچە-مۇنچە ئارلىشىپ ، ئاندىن تويۇمنى قىلىۋالسام ؟ لىكىن مەن ئاللىبۇرۇن پەرمان بىلەن يىتىپ بولغان تۇرسام ، توي كىچىسى شەرمەندە بولۇپ كىتەرمەنمۇ ؟ ئەستا بۇ قانداق بولۇپ كەتكىنى ئەمدى – ئايقەمەر تىخىمۇ ئەنسىزلىنىپ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلگىلى تۇردى ، ئەمما ئۇ بۇنى سەزمىگەن ئىدى .- ھە ، راس ، دىسكوخانىدىكى قىزلاردىن ئاڭلىسام ، ھازىر دوختۇرخانىلاردا قىزلىق ئوپراتسىيەسى قىلىدىكەنغۇ ، بولمىسا ، باشقا شەھەرگە بىرىپ شۇنداق ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ كەلسەم بولغۇدەك . لىكىن – ئۇنىڭ خىياللىرى تىخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ، ئۇنىڭ پۈتۈن زىھنىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى . شۇغىنىسى ئۇنىڭ بۇ ئويلىرى راسلا ئۆزى ئويلىغاندەك شۇنچىلىك ئاددىيمىدۇ ؟ ئۇ يەنىلا پەرماننى تىپىپ ، ئۇنىڭ پىشىگە چىڭ ئىسىلماقچى بولدى ، چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇنلا پەرمانغا تىگىل بولۇپ بولغان . شۇنداق ، پەرمان ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشى كىرەك . بولمىسا ئۇنىڭ تۈگەشكىنى شۇ . ئايقەمەر خىياللىرىنى توختۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بارغان ئىدى . بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا دىسكوخانىلارمۇ بالدۇرراق ئىچىلاتتى . ئايقەمەر ئورنىدىن تۇرۇپ دىسكوخانىغا قاراپ ماڭدى . ئادەتتە ئۇ پەرمان بىلەن مىڭ بىر كىچىگە كۆپرەك بارغاچقا ئۇدۇللا شۇ يەرگە قاراپ ماڭدى .
ئايقەمەر دىسكوخانىغا كىرگەندە ، زال ئەمدىلا يىرىملاشقان ئىدى ، ئۇ ئورۇن تىپىپ ئولتۇرۇپ ، مۇزىكا ئاڭلىغاچ ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇردى ، ئاڭغىچە ئۇنىڭ مەكتەپداشلىرى ، ۋە باشقا جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىكى ياشلارمۇ بىر-بىرلەپ كىرگىلى تۇردى ، بەزىلىرى جۈپ بولۇپ ، بەزىلىرى تاق ، يەنە بەزىلىرى بىر نەچچە جۈپ ئىدى . كەلگەنلەر جايلىشىپ ، يەيدىغان ، ئىچىدىغانلىرىنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ، پاراڭلىرىنى قىلىپ ، كەچلىك پائالىيەتلەرنىڭ باشلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى .
مانا ، رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ ، بىر قانچە ئىغىز قارشى ئىلىش سۆزلىرىنى قىلىپ ، ياڭراق ، شۇخ ئۇسسۇللۇق ناخشا بىلەن سورۇننى باشلىدى . قولاقنى يارغۇدەك دەرىجىدە چىقىۋاتقان سادالار ، كۆزلەرنى چاقنىتىپ ، ھەرخىل رەڭدە ، شەكىللەردە ھەركەتلىنىپ يىنىۋاتقان چىراغلار ، مىكروفۇن ئالدىدا بويۇن تومۇرلىرى يىرىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ۋارقىراپ ناخشا ئىيتىۋاتقان ناخشىچى ، غولاچلىرىنى تاشلاپ ، قەدەملىرىنى چەبدەس يۆتكەپ ، ئۆرگىلىپ ، چۆرگىلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇسسۇلچىلار ، زالنى ئاجايىپ قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن ئىدى . بەزىلىرى ، ئۆزىچە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارغا چەتنىڭ بەزى ھەركەتلىرىنى قوشۇپ ئويناپ ، ئەبجەش قىلىپ ئوينىماقتا ئىدى . ئەمما ئايقەمەر جايىدا ئولتۇرۇپ ئۇيان- بۇيان بۇيۇنداپ قاراپ پەرماننى ئىزدەۋاتاتتى ، ئەمما پەرمان ھىچ يەردە كۆرۈنمەيتى . ئاڭغىچە ئۇسسۇل ئاخىرلىشىپ ، رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ ، بىر مەيدان دىسكو دەپ ، تۈركچە جىددى رىتىملىق بىر ناخشىنى قويىۋەتتى ، سەھنىدىكىلەر تېكىدەك سەكرەپ ، ۋوي ۋوي دەپ ۋارقىراپ ، باشلىرىنى چايقاپ ئويناشقا باشلىدى ، قىزلار بولسا ئۇزۇن چاچلىرىنى ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ ئاجايىپ جەزبىدار ھالەتلەرنى چىقىرىپ ئوينايتى . ئايقەمەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇيان بۇيانغا مىڭىپ پەرماننى ئىزدەپ كۆردى ، ئەمما پەرمان كۆرۈنمەيتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرمان چوقۇم باشقا دىسكوخانىدا ، ئالدىنقى قىتىم ، مۇشۇ يەردە توتۇلغان ، شۇڭا بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلمەيدۇ ، دەپ ئويلاپ قۇيۇن دىسكوخانىسىغا قاراپ ماڭدى .
ئۇ قۇيۇن دىسكوخانىسغا بارغاندا بۇ يەردىمۇ سورۇنلار قىزىپ ئەۋجىگە چىققان ئىدى ، ئۇ كىرىپ تىخى ئورۇن تىپىپ ئولتۇراي دەپ تۇرىشىغا ھىلىقى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى . تاماششىبىلار سەھنىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ ماھارەت كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ ماھارەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ قىقاس-چوقان كۆتىرەتتى . بۇ يەر بەئەينى قايناق بازارغىلا ئوخشايتى ، ئەمما بۇ ئىشلار ئايقەمەرنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتى ، ئۇنىڭ ئەس-يادى يەنىلا پەرماندا ئىدى . ئۇ يەنىلا ئايرىمخانا ، زالنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلارغا قارايتى ، ئەمما پەرمان يەنىلا كۆرۈنمەيتى . ئەجىبا ئۇ بۇ يەرگىمۇ كەلمىگەنمىدۇ ؟ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغانمىدۇ ؟ ئايقەمەر بىر تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى ، ئەمما پەرماننىڭ يانفۇنى ئىتىك ئىدى . ئۇ ئاخىرى ئۈمىدىنى ئۈزۈپ چىقاي دەپ تۇرىشىغا ، پەرمان يەنە باشقا بىر قىزنى ئىلىپ قويۇنغا كىرىپ كەلدى . ئايقەمەرنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ ، غەزەپتىن يىرىلىپ كىتەي دىدى . پەرمان يەنە ئايرىمخانىغا كىرىپ ئولتۇراي دەپ تۇرىشىغا ئايقەمەر ئۇنىڭ يىنىدا پەيدا بولۇپ بولدى .ئەمما بۇ قىتىم پەرمان ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك جىددىيلىشىپ كەتمىدى . پەرمان بىلەن بىللە كىرگەن قىز ئىگىزرەك ، قاڭشارلىق ، چىقى سارغۇچ كەلگەن زىلۋا بىر قىز ئىدى . ئايقەمەر بۇ قىزغا بىر قارىۋىتىپ :
- پەرمانجان ، بۇ كىمۇ ئەمدى ؟ تېلفۇن قىلسام تېلفۇن ئىتىكقۇ ؟
- ھە ، بىشىمنى ئاغرىتىۋەرگەندىن كىيىن ئىتىۋەتكەن ، نىمە ئىشىڭ بارتى ، شۇنچە ئىزدىگۈدەك ؟
- نىمە ئىشىڭ بارتى دە ، ھە ، تىخى گىپىڭ مەندىن چوڭغۇ سىنىڭ .
- پەرمان بۇ كىمۇ ؟- دىدى پەرمان بىلەن بىللە كىرگەن زىلۋا قىز .
- بۇما ؟ - دىدى پەرمان تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاچ ، - سىزدىن يوشۇرمايمەن ، سىزگە دىگەن ھىلىقى بورۇنقى مابىتىم شۇ .
- نىمە بورۇنقى مابىتىم ؟ - دىدى ئايقەمەر ھەيران قالغان ئاھاڭدا .
- ھە ، بورۇنقى ، بوداشقاقدەك چاپلىشىۋىلىپ ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان ، سەرالىق دۆت مابىتىم .- دىدى پەرمان پەيلىنى بۇزۇپ .
- ئەمىسە ، بۇچۇ ؟ يىڭى مابىتىڭ شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق دىسەك بولامدۇ جىنىم ؟- دەپ سورىدى پەرمان ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان زىلۋا قىزچاقتىن .
- بوپ قالا ، دىيىشىپ قالساق ، كىلىشىپ قالىمىزغۇ . – دىدى قىزچاق كۈلۈمسىرەپ .
- سەن ، بەك ئىپلاسكەنسەن پەرمان ، سىنىڭ بۇنداق خۇمسىلىقىڭنى بىلمەپتىمەن ، ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم .
- ئەقىدىڭىز نەچچە پۇلغا يارايدۇ خىنىم ، سىزگە خەجلىگەن پۇللۇرۇمغا ئىست دىمىسەم ، بىر پۇڭغا ئالمايدىغان ئەقدىڭىزگە ئىست دەپ كەتتىڭىزما ؟
- ۋۇ ، ئادەم ئەمەس ھايۋان .
- ماڭا ، قارا ، يۈزۈڭنى قىلغاننى بىل ، ئاستا كۆزۈمدىن يوقىلە ، ساڭا ئوچۇق دەپ قۇياي ، ئەمدى ئارىمىزدىكى ئىشلار تۈگىدى ، سەندىن بەكلا رايىم يىنىپ كەتتى ، شۇڭا ئەمدى مىنى ئىزدىمە .
- سىنى ئىزدىمەمدىم . ۋۇ ئىپلاس- ئايقەمەر پەرماننىڭ كاچىتىغا ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى شۇنداق شىلتىشىغا پەرمان ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىپ ، يىتىلىگىنىچە سىرتقا ئىلىپ ماڭدى . ئۇ ئايقەمەرنى ئىلىپ ئادەم خالىي يەرگە بىرىپ :
- نىمە گەپ قىلمىسام ئىچىمنى سىقىۋىرىسەن ، ئانام ئۇرۇپ باقمىغان يۈزۈمگە قول تەككۈزگۈڭ بارمۇ تىخى . ھە ، ساڭا دىدىمغۇ ، ئەمدى ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى . ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتتۇق . چۈشەندىڭما ؟ ئەمدى سىنى كۆرە كۆزۈم يوق ، مىنىمۇ ئىزدىمە . – پەرمان بۇ گەپلىرىدىن ئايقەمەر تولىمۇ ئۆكۈندى ، ئەمما ئۇ ئاللىبۇرۇن كىچىككەن ئىدى ، شۇڭا ئۇ كىيىنلىكىنى ئويلاپ يەنىلا ئۇنىڭغا يالۋۇردى :
- ئۇنداق قىلما پەرمان ، سەن ھازىر مىنىڭ بارلىقىمنى يوقىتىپ بولدۇڭ ، ئەگەر سەن مىنى مۇنداقلا تاشلىۋەتسەڭ ، مىنىڭ ئۆلگۈنۈم شۇ .
- سىنى نىمەڭنى يوق قىلىۋىتىپتىمەن ، نىمە دىسەڭ قىلىپ بەردىم ، ئوينايمەن دىسەڭ ئويناتتىم ، بىرە نەرسە لازىم بولسا ئىلىپ بەردىم ، يەنە نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ساڭا ، ھەممە نەرسەڭنى تەل قىلىپ بەرسەم ، نومۇس قىلماي يوقاتتىڭ دەيسىنا . ھە راس ، تىخى ئۆتكەندە مەن ئۈرۈمچىگە كەتكەندە ، ئۆيۈڭگە قايتىپ تۇر ، مەن كەلگەندە بىللە ئوينايلى دىسەم ، ماقۇل دەپ قۇيۇپ دوستلىرىڭ بىلەن ، دىباغا كىلىپ ، تىخى نەدىكى دۈشمەنلىرىم بىلەن قوچاقلىشىپ تانسا ئويناپ كىتىپسەن ، كىم بولىدۇ ، مەيدەڭ قىزىپ كەتكەن بولسا كىم بىلەن نەلەرگە بىرىپ ، قوپۇپ كەتكەن يەرلىرىلىرىڭنى ياتقۇزۇپ كەلدىڭ ، تىخى سەندىن بۇنىڭ ھىسابىنى ئالماي ، تۇرسام ، سەن تاز دىگىچە مەن تاز دەپ ئالدىمغا ئۆتەۋاتىسنا ، ھەرقانچە بولالماي قالغان بولساڭ ، مىنى ئىككى كۈن ساقلىغان بولساڭ ، سىنى قاندۇرىتىم ئەمەسما ؟ بۇنى يالغان دىمەيدىغانسەن ، شۇ گەپنى ئاڭلاپ سەندىن رايىم بەكلا يىنىپ كەتتى مىنىڭ .
- يالغان ، مەن ھىچ يەرگە بارمىدىم .
-بارمىدىم ؟ نومۇس قىلماي يەنە يالغان گەپ قىلىۋاتىسەنغۇ ؟
- ساڭا كىم شۇنداق دىدى ؟
- كىم دەيتى ، ھىلىقى شازادەم دىدى ، ئاڭلىسام ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن بىرىپ ، ئۇلارنىڭ دوسلىرى بىلەن ئويناپ ، يايراپ كىتىپسەن ، خىيالىڭدا مىنى كىچىك بالا كۆرەۋاتامسەن ، ساڭا دىسەم ، قەشقەردىكى قانداقلا دىباغا كىرىپ ئىسمىمنى چىقىرىپ باقە ، كىم تونۇمايدىكەن مىنى .
- شازادەم دىگەن پاسكىنا ئىككىمىزنى كۆرەلمەي ماڭا تۆھمەت قىپتۇ – ئايقەمەر بوغۇلۇپ بوغۇلۇپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئەمما پەرماننىڭ بۇلارنى ئاڭلاشقا رايى يوق ئىدى . ئۇ بىر خىل مەنستمىگەن ھالەتتە :
- ئايقەمەر ، تولا مىنى ئىسپات كۆرسىتىشكە مەجبۇرى قىلما ، ئاستا ھۆرمىتىڭنى ساقلاپ ، يوقىلە كۆزۈمدىن . سىنىڭ بۇنداق شاللاقلىقىڭنى بىلگەن بولسام ، ئاللىبۇرۇنلا قولۇمنى يۇيۋىتەكەنمە ؟
- ئىسپاتىڭ بولسا چىقىرە قىنى ؟ مەن بىر كۆرۈپ باقاي – دىدى ئايقەمەر ئۇنىڭ گىپىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي . پەرمان يانفۇنىنى ئىلىپ ، ئۈندىدارىنى ئىچىپ ، ئايقەمەر بىلەن ئىرشات بىللە تانسا ئويناۋاتقاندا تارتىلغان بىر پارچە سۆرەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
- ماۋۇ سەن شۇدۇ ، ئەجەپ ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىلىمدىڭ ، ۋۇ بىشەم قانجۇق ، ئەمدىغۇ پاقاڭغا قانغانسەن . بولدىمۇ ئەمدى . – دىدى پەرمان ئۇنى سىلكىپ تۇرۇپ . ئەسلىدە شۇ كۈنى ئايقەمەر پەخرىيە ، دىلنىگارلار بىلەن بىللە دىسكوخانىغا كىرگەندە ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن شازادەممۇ كىرگەن ئىدى ، ئۇ ئايقەمەرنىڭ ئىرشات بىلەن تانسا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۆچ ئىلىش پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ شۇھامان ، چاندۇرمايلا بىر پارچە سۆرەتكە تارتىۋىلىپ ، پەرمانغا :
- ئىشەنگەن تاغدا كىيىك يىتىپتۇمۇ ؟ سىز سۆيگەن يار يىڭى يىگىت تىپىپتىمۇ – دەپ تەنە ئارلاش ئۇچۇر يوللىغان ئىدى ، شۇڭا پەرمان ئايقەمەردىن يۈز ئۆرىگەندە ئىشلىتىمەن دەپ بۇ سۆرەتنى ساقلاپ قويغان ئىدى . چۈنكى ئۇمۇ ئۇ چاغلاردا يىڭى مۇھەببەت تۇتۇپ ئايقەمەردىن قوتۇلالماي ئاران تۇرغان ئىدى .
- سەن مىنى نابۇپ قىلىپ بولدۇڭغۇ ؟ قىزلىقىمنى ئىلىۋىلىپ ئەمدى تاشلىۋىتەمدىڭ ؟ - دىدى ئايقەمەر ئۇنىڭغا ئىسىلىپ تۇرۇپ – مەن شۇ زىرىكىپ بارغان ، بارغاندىن كىيىن بىر قول تانسا ئوينىسام نىمە بوپتۇ ؟ سەنمۇ ئوينىساڭ بولىدىكەنغۇ ؟
- ئو ، ما گەپنى ، بەك نومۇسسىزكەنسەن ئايقەمەر ، يۈزۈڭ بەك قىلىنكەن ، ئۆزەڭ باشتا مىنى ئازدۇرۇپ بىللە يىتىۋىلىپ ، ئەمدى ماڭا ئارتىۋاتامسەن گۇناھنى ، نەدە شامال چىقمىسا ، دەرەخ لىڭشىيدىكەن ، ئۆزۈڭ نازلىنىپ ئالدىمغا كەلسەڭ ، ھاجىتىڭدىن چىقىپ قويدۇم ، ئەمدى مەن بىر زەيپا بولمىغاندىن كىيىن ، ئىنەك مۆرىمىسە ، بوقا تانىنى ئۈزمەيدۇ جۇما ساڭا دەپ قۇياي . تىخى نومۇس قىلماي دەۋاتقان گىپىنى مانىڭ . بولدى ، ھەممە گەپنى دىيىشىپ بولدۇق ، ئاۋۇ ئوماق مابىتىم مىنى ساقلاپ قالمىسۇن ، شۇڭا ئەمدى سەن قايتىۋەر ، ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن – پەرمان شۇنداق دىگىنىچە دىسكوخانىغا كىرىپ كەتتى . لىكىن ئايقەمەر ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ قالدى ، ئۇنىڭغا بايا پەرماننىڭ قىلغان گەپلىرىمۇ خىلىلا ئىغىر كەلگەن ئىدى . بىردەمدە بارلىق گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ ، ئۆزىنى ئاقلاپ بولدى . ھەي قىز بالا نىمە دىگەن بىلەن ئاجىز دە .
خوپ بولدىمۇ ئايقەمەر ، ساڭا مەن قانچە قىتىملاپ پەرمان شاللاق مىجەز بالا ، ئاچچىقنىڭ ، ھەسەتنىڭ كەينىگە كىرمە ، ئۆزۈڭنى تۇتىۋال ، خاتا باسقان قەدەملىرىڭدىن يان ، دىگەن ئىدىمغۇ ؟ لىكىن ئاڭلىمىدىڭ ، نەسىھەت ئاچچىق ، مىۋىسى تاتلىق ئىدى ، ئايقەمەر ، ئەمدى قانداق قىلسەن ؟ ئۆلىۋالامسەن ؟ ياكى يەنە باشقا يىگىتلەرنى كەلتۈرۈپ ، يۈرەمسەن ؟ لىكىن سەندە ئۇلارنى كەلتۈرگىدەك چىرايىڭدىن باشقا دەسمايە بارمۇ ؟ سىنىڭ بارلىقىڭنى ، جىنىڭدىنمۇ قىممەتلىك ئىپپىتىڭ پەرماننىڭ شىرىن شىكەر گەپلىرى ، تۈگىمەس ۋەدىلىرى ، قاباھەتلىك قوللىرى بىلەن يوقالمىدىمۇ ؟ ياكى بايىلا خىيال قىلغان قىزلىق ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپلا ، ئۆزۈڭنى پاكلىۋالامسەن ؟ بۇ ئىشلار سەن خىيال قىلغاندەك شۇنچە ئاددىيمىدۇ ؟ ھەي ، قىنى ئۆزەڭ بىلگىنىنى قىلىپ باق بۇ قاينامغا چۆكۈپ بولدۇڭ ، قىنى ئەمدى قانداق قايتىپ چىقاسەن ؟ ھايات چىقامسەن ياكى ئۆلۈكمۇ بۇنى ھازىر ھىچكىم بىلمەيدۇ تىخى ، گەپ سىنىڭ قانداق تىركىشىشىڭدە .
پەرمان سەنمۇ ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمىگىن ، بۇ ئۆتنە ئالەم ، سەن چوقۇم ئايقەمەر ۋە باشقىلارنىڭ قىساسىغا قالىسەن ، قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭ ئويلاپ باقمىغان بەدەللەرنى تۆلەيسەن تىخى . جاھان تىخى ئۇزۇن ، بۇنچىلىك كۆرەڭلەپ كەتمە . پۇلۇم بار دەپ چوڭچلىق قىلىپمۇ كەتمە ، تالاي شاھدىن قالغان جاھان بۇ ، شۇ سەلتەنەتلىك شاھلارمۇ ئارمان بىلەن كەتكەن ، پۈتۈن دۇنيانى سورىغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنمۇ ، لوقمان ھەكىممۇ ئارمانىغا چۇشلۇق دەرمان تاپالماي كەتكەن ، بۇلارنىڭ ئالدىدا سەن قانچىلىك ئادەم ؟ ئويلانغىن ، ئويغانغىن پەرمان . قىزلار سەن چىشلەپلا تەمىنى تىتىپ بولۇپ تاشلايدىغان ئالما ئەمەس ، ياكى سىنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىلىپ بولۇپلا تاشلىۋىتىدىغان ئويۇنچۇقۇڭ ئەمەس . ئۇلارنىڭ قارغىشىغا ، قىساسىغا قالما .
ئايقەمەر ئاخىرى كۆزىدە ئەلەملىك پۇشايمان يىشى بىلەن مەكتەپكە قايتىپ كەلدى ، ئەمما شۇندىن بىرى ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا بۈلۈنۈپ ، كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ ، زىھنى چىچىلىپ كەتتى .
ئۇ ئۆز خىيالىدا مىنى پەرماندىن ئايرىغان شازادەم دىگەن ئوت قۇيرۇق رەسۋا دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەنمۇ نەچچە سوقۇشۇپ كەتتى ، ئەمما شازادەم :
- ھە ،خىنىم ، دەسمايىنىڭ ھەممىنى ئۇتتۇرۋىتىپ ، يەنە ماڭا ئۈسسۈيسەنغۇ ؟ ساڭا مەن پەرمان سىنى پۇتىغا پايتىما قىلمايدۇ ، قۇڭاڭنى قىسىپ يۈر دەپ دىگىمەنما ؟ كىم سىنى مەن بىلەن قىيىشسۇن دەپتۇ ، قولۇڭدىن كەلسە ، سەنمۇ قىل .خانئاچاڭچۇ ساڭا ئوخشاش سۈيى يوق قانجۇقتىن نەچچىگە تېتىيدۇ ، بىشەم رەسۋانىڭ گەپ قىلمىسا شىلتىڭ ئىتىشلىرىنى ، پاسكىنا جالاپ ، ئەمدىچۇ ، كەچتە دىباغا قاترىماي ، ئاۋۇ قىزىل چىراغلىق يەرلەرگە بىرىپ ، خىرىدار تىپىپ جىنىڭنى باق ،ئۆتكەندە مىنى بازارلىقى يوق پاسكىنا دەپ تىللىۋاتقانتىڭ ، ئەمدى سىنىڭ بازىرىڭ چىقتى ، خىرىدارىڭمۇ كۆپ ، شۇنداق بولغاندىن كىيىن شۇ يەرگە بىرىپ ئۆزەڭنى بازارغا سال جۇمۇ ، مەينەت رەسۋا ، سىنى بۇ ھالىتىڭدە ئالىدىغان ئادەم يوق ، ناگاندا بىر زەيپالار چىقمىسا .- دەپ ئۇنى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك ھاقارەتلىدى . پەرماندىن يىگەن زەربە ، شازادەم ئاڭلىغان زەھەردىن ئاچچىق ھاقارەتلەر ئۇنى تىخمۇ چۈشكەنلەشتۈرۈپ ، ئەمدىلا ئەسلىگە كىلىۋاتقان نەتىجىلىرى ، ئەمدى يەنە ، تۈز سىزىقنى بويلاپ تۆۋەنلىگىلى تۇردى . ھەر ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قىتىم دىسكوخانىغا بارىدىغان ، ھەر بارغاندا چىلاشقۇدەك ئىچىۋالىدىغان بولۇپ قالدى . چۈنكى پەرمان دىگەن ئىپلاس ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەندە :ئايقەمەر ئۇنىڭدىن :
-سىزمۇ ھاراق ئىچەمسىز - دەپ سورىغاندا :
-بەزىدە بولۇپ ئازاپلانغاندا بىر رومكا ئىچىپ قويسا ئادەم خىلىلا يەڭگىللەپ قالىدۇ . ھاراق ئادەمگە ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، ئىشقىلىپ ئادەمنى يەڭگىللىتىپ قويىدۇ .- دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى . ئۇنىڭ مۇشۇ گىپى ئۇنىڭ ئىسىدە بەكرەك قالغان بولسا كىرەك ، ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن زابويلاردەك ئىچىدىغان بولۇپ قالدى . ھازىر دىسكوخانىلار ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئارامگاھى ئەمەس ، بەلكى ، كۆڭۈلسىزلىكلىرىگە داۋا تاپىدىغان ،دىلىنى ئاغرىتقان ، دىلىدىن سۆيگەن پەرماننى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدىغان شىپاخانىسى بولۇپ قالدى . بەزى دوستلىرى ئۇنىڭدىن نىمىشقا بۇنداق چۈشكىنلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى سورىسا ، ئۇ :
- قانداق قىلىمەن ، ماڭا كەلگەن دەرتلەرنى كىم چۈشىنىدۇ ؟ شۇ ئاز تولا ئىچىۋالسام ، دەردىم سەل يەڭگىلىگەندەك ، ماڭا ئازار بەرگەنلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالىدىغاندەك بولىدىكەنمەن – دەپ جاۋاپ بىرىدىغان بولۇپ قالدى . تىخى بەزىدە بىر كۈنلەردە تونۇشقان ھىلىقى دوستلرىنىڭ ئىرشات ، ئىمىن ھاجىم ، خەمىت ، ئۆركەش دىگەن مۇھەببەتلىرى بىلەن ، دوستلىرى بىلەن بىللە خۇش كەيپ قىلىپ ئىچىدىغان ، تانسا دىسكولارنى ھىيقىماستىن بىللە ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى ، تىخى بەزىدە مەس بولۇپ قالسا ، شۇلار بىلەن بىللە ياتاقلاردا تۈنەپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولماي قالمىدى .
ئەمدى بۇ ئۈمىدلىك غۇنچىمىز مانا شۇنداقلا نابۇت بۇلارمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈمىدلىرى ئەمدىلىكتە مامكاپتەكلا ئىچىلىپلا توزۇپ كىتەرمۇ ؟ ئەجىبا ھاراق راستىنلا ئۇنىڭ دىل يارىسىغا شىپاھ بولارمۇ ؟ ئۇنىڭ گۈزەل كىلەچەكلىرى ، ئارزۇ-ئارمانلىرى مۇشۇ قاۋاقخانىلاردا ۋەيران بولارمۇ ؟ ئاھ ، كىرەملىك تەڭرىم ، ئۇنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇپ قالغىن ، بۇ ئازغۇن بەندەڭنى ، شەيتانلار قەسرىدىن قۇتقۇزۇپ قالغىن !..
داۋامى بار.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-19 03:25 PM