مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: KETMEN

پوۋىست : ئويغانغان روھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 10:59:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 10:51 PM
بۇگۈن ئاز بولسىمۇ ئۇقۇدۇم ،بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ يا ھىكايە  ...

ئىلاۋە دىيىلگەندەك بەزى رىئال ۋەقەلەر ئاساسىدا بەدىئىي تۈس بىرىلگەن.

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1927
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10931
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1527 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 11:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KETMEN يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 10:59 PM
ئىلاۋە دىيىلگەندەك بەزى رىئال ۋەقەلەر ئاساسىدا بەدىئ ...

سىزمۇ  شۇ  رىياللىقنىڭ گۇۋاھچىسمۇ ؟
قىزقىپلا قالدىم  ،شۇڭا  جاۋاپسىز قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمە

جاھان

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 01:18:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 11:11 PM
سىزمۇ  شۇ  رىياللىقنىڭ گۇۋاھچىسمۇ ؟
قىزقىپلا قالدىم  ، ...

  نىمە دىسەم بولا.  گۇۋاھچى دىسەم مەن بۇ ئىشلاردا يوق.  تىڭشىغۇچى دىسەم بولامىكى

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95175
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2014-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 04:05:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahiri bar mu tu gi di mu ?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96960
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:49:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 05:54 PM
ئاۋال ياخشى تەرەپنى دەي ھە! ئۆزىڭىز پىكىر بېرىڭلار دەپ ...

مىنىڭچە ئىسىمدا مەسلە  يوق    لىكىن سىز ئىيىتقان   دەبندەبىلىك سوزلەر سەل جىق بوپقالغان.

Blue Wolf

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 12:31:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
8- تەۋپىق تاپقانلار
پەرھات قىزى ئايقەمەر بىلەن پەرماننى ئىلىپ يەكەندىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ ،ھال-مۇڭ بولماقتا ئىدى .
- ئابلىزكا ، ئەمدى بۇ گەپنى نەدىن باشلىشىمنى ، قانداق دىيىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن – دىدى پەرھات كەكە ساقال ، بادام دوپپا كىيىۋالغان ، كۆزلىرى نۇرلۇق كىشىگە .
- ئۇكام ، پەرھاتجان ، قانداق گەپ بولسا دەۋىرىڭ ، سىز بىلەن تۇققان ئادەملە،بىر-بىرىمىزدىن بۇنچە تارتىنىپ ، قۇرۇنغۇدەك نىمە ئىش ، دىيەلمىگىدەك نىمە گەپ بار دەيسىز ؟
- ھەي ، بۇ گەپنى دەيسەم تىلىم كۈيىدۇ ، دىمەي دىسەم دىلىم كۈيىدۇ ،ئابلىزكا ، خەۋىرىڭىز بار ، ئوغلۇم پەرماننى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىدىغان چاغمۇ بولدى، بۇنى ئۆزەڭ بىرەنى تىپىپ كىر دىسەم ،بۇ بالا كىچىكىدىن كەپسىز ، ئويۇنقىپى چوڭ بولۇپ قالدى ، ئانچە ئىش ئوقۇپ كەتمەيدۇ ، ئەمدى ئوڭ سىپىدە بىرە لايىق تاپالىسىغۇ مەيلى ، ھازىر بىلمەيسىز ، شەھەرنىڭ قىزلىرى بەك يامان بولۇپ كەتتى ، ئەمدى بۇنىڭ ھازىر تىجارىتى بار ، ھال كۈنىمىزمۇ ئاللاھقا يۈزمىڭ قەدرى شۈكرى ، خىلى ياخشى دىسىلە ، شۇڭا ئەمدى نەدىكى ئەرنى مالنى كۆزلەيدىغان بىرەسىنى ئەكىرىپ قالارمۇ ، ئۈمرىنى ، تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىپ سالارمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەنمىز ، ئەمدى ئوغاۋالا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش شۇ ئۆزىگە لايىق ، جاپادىمۇ ، راھەتتىمۇ بىللە بولايدىغان بىرەسىگە ئۆيلىسەك ، بىزمۇ ئايىغى ياراشقان بىرە كىلىنلىك بولساق ، خاتىرجەم بولىدىكەنمىز ، شۇڭا مۇشۇ ئىشقا سىلىنى پاناھ تارتىپ ، مۇشۇ يۇرتتىن ، ئۆزى ئىشچان ، ھايالىق ، ئىمان-دىيانەتلىك قىز بولسا ، ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ ما يۇرتتا خىلى يۈز-ئابروي ئىناۋەتلىرى بار ، شۇڭا ئۆزلىرى ئەلچى بولۇپ مۇشۇ ئىشىمغا ياردەم قىلىپ ، مىنىڭ قەرزىمنى ئادا قىلىشىمغا ياردەم قىلىپ ، مىنى بۇ باش ئاغرىقىدىن خالاس قىلامىكى دىگەن .
- ۋاي ، بۇ بەلەن گەپكەنغۇ ، مۇشۇ گەپكىمۇ تارتىنىپ ، باز قىلىپ كەتتىلىمۇ ئۇكام . ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ ،قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ ، بۇ ئاللاھنىڭ يولى ، رەسۇلىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەي ۋەسسەلەمنىڭ تۇتقان يولى ، بۇنى ياخشى ئويلاپلا ئۇكام ، قولۇم كۆكسۈمدە جۇما .
- رەھمەت ئاكا ، رەھمەت . ئەمدى يەنە بىر گەپ ، ماۋۇ قىزىم ، پەرماننىڭ سىڭلىسى پەرغانە ، ھەي بۇ كاساپەت زە-پەرھات ئىڭىكىنى سىلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى ،- بىر چىرايلىق خىزمەتنىڭ يولىنى مىڭۋاتسام ، نەدىكى بىرى بىلەن كۈيۈشۈپ يۈرۈپ ، قىچىپ كەتكەن دىسىلە .
- ئاپلا ، ما ئىشنى ، قىز بالا كۆڭەلنىڭ كەينىگە كىرىپتۇ-دە .
-شۇنى دىسىلە ، شوۋچى قانجۇق ، قىچىپ نىكاھ ئوقۇتۇپلا ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپتۇ دىسىلە ، ۋاي شور پىشانەم ، ئەمدى ، قىز بالا دىگەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قالىدىغان گەپكەن ، بىچارىنىڭ بەخت-تەلىيى چىقمىغانمۇ ، يا خۇدا ئىگەم بۇ قىسمەتنى ماڭا پۈتكەنمۇ ، ئىلىپ قاچقان ئىرى ، قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلەپ كىتىپتۇ دىسىلە ، ئەمدى ئۇنىڭ خەقنىڭ يۇرتىدا باشپاناھ ، ھىماتى يوق ئۈچ ئايلىق بولغان قورسىقىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ دىسىلە ، ئەمدى قىز بالا دىگەن ھامان خەقنىڭ ئادىمى ، بوپتۇ ، مەيلى بولسا بىشىنى قوشۇپ قوياي دىسەم شور پىشانىنىڭ ئىرى پىشەكلىككە ئۇچراپ قازا يىتىپتۇ ، ئەمدى ھازىر ئۆلەي دىسەم جىنىم چىقمىدى ، ياشاشقا يۈزۈم چىدىمىدى ، شۇڭا ئامال يوق بالىنى چۈشۈرۋەتتىم ، ئەمدى ئۇنى كىمگە قانداق بىرىمەن دىسىلە ، ئۇنىڭدىن بۇ ئىزا-ئاھانەتنى كۆتۈرۈپ يۈرگىچە ، مۇشۇ يۇرتتا ئىمان-ئىنساپلىق بىرە بويتاق بولامدۇ ياكى ئاجراشقان سالتاڭ بولامدۇ ، شۇنىڭغا بىرىپ بۇ دەرتلىرىمدىن قوتۇلاي دەيمەن ، ئەمدى ئوغلى بار ئادەم ، قىزلىرىنى بالام ئىتىۋالاي دەپ خەقنىڭ ئىشىكىنى چىكەلەيدىكەن ، لىكىن قىزى بار ئادەم ، ما قىزىمنىڭ ئوغاللىرىغا ئىلىپ بىرەي ، ياكى ساڭا خوتۇن قىلىپ بىرەي دىگىلى بولمايدىكەن . شۇڭا بۇ قىزىمنى يانلىرىدا بىرە مەزگىل ئىلىپ قالسىلا ،خەجىنى مەن يەتكۈزۈپ بەرسەم ، ئاندىن مەلە-كويدا بىرەسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا ، ئىشقىلىپ ئۆزى ئوڭ ساپا ، ئەقلى ھوشى جايىدا ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆتەلەيمەن دەيدىغان بىرى بولسا ، بۇنىڭ يۈزىنىمۇ ، مىنىڭ يۈزۈمنى يورۇق قىلىپ ياتلىق قىلىۋەتسەك قانداق بولا .
- ئەستاغپىرۇللا ، ما ئىشنى كۆرسىلە – دىدى ئابلىزاخۇن ساقاللىرىنى تاراپ – ئەمدى پەرمانجانغا كەلسەك ، ماۋۇ باش مەھەللىدە سىيىتاخۇننىڭ بىر قىزى بار ، ئۆزى پاكىزە ، ھايالىق قىز ، دادىسىمۇ ئاق قارىنى بىلىدىغان بەلەن ئادەم ، شۇنىڭ قىزىنى دىيىشىپ باقىلى ، ئەمدى مەن سىيىتاخۇن بىلەن كىچىكىمىز بىللە چوڭ بولغان ، جاھاننىڭ ھەممە قازىنىدا تەڭ قاينىغان قەدىناس ، لەۋزىمنى ئىلىپ قالىدۇ ، پەرغانەخانغا كەلسەك ، ئەگەر مەيلى دىسەڭلا ، قوشنا كەنىتتە قۇربان دەپ بىرى بار ، ئۆزىمۇ پىشقان ئەركەك ، ھەرقانداق جاپاغا ۋايسىمايدۇ ، ئىككى ئوغلى بار ، چوڭى 5 ياشقا كىردى ، كىچىكى 3 ياشتىن ئاشتى ، ئانىسى كىچىك ئوغلىنى يەڭگىش جەريانىدا بالياتقۇدىن جىق قان چىقىپ كىتىپ ، تۇغىدا ۋاپات بولغان . بىچارە ئىككى بالىنى چوڭ قىلغۇچە تارتمىغان جاپاسى قالمىدى ، ئەمدى بالىلىرى كىچىك بولغاندىن كىيىن بىرە چوكانمۇ ياتلىق بولاي دىمىدى ، ئۆزىنىڭمۇ قولى قىسقا بولغاچ قىز چوكانلىغا قاش ئاتالماي ، بويتاق يۈرىدۇ . ئەمدى سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلا ،پەرغانەمۇ لايىق كۆرسە بىشىنى قىتىپ قويساق بولىدۇ ، لىكىن پەرغانە تىخى كىچىك ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىردى ، بەش ياشلىق بالىغا ئۆگەي ئانا بولۇشقا ئۇنىماسمىكى .
- ئۇنىماي ھەددى ئەمەس ، مەيلى نامرات بولامدۇ ، ياكى مەدىكار بولامدۇ ، ئەمدى ئىش بۇ دەرىجىگە بارغاندا ئۇنىڭ مەيلىگە بارىدىغان ئىش يوق ، ئالىمەن دىسە ، قىزىمنى شۇنىڭغا بىرىمەن . بەش ياشلىق بالا بولسا نىمە بوپتۇ ، مەنمۇ پەرىدەنى 17 ياش ۋاقتىدا ئالغان . پەرماننى 18 ياشقا كىرگەندە يەڭگىپ بولغان .
- شۇنداقتىمۇ ، پەرھاتجان ئۇكام ، قىز بالىنىڭ مەيلىنى بىر بىلىپ باقايلى ، بولمىسا بىكار يەنە باش ئاغرىقى بولمىسۇن .
- ئابلىزكا ، بۇنىڭ مەسلىھەت قىلغان ، پەرغانەنىڭ تاللىغىدەك يىرى يوق . مەن ئۇنىڭ دادىسى كىمگە بىرىمەن دىسەم شۇنىڭغا بىرىمەن . شۇڭا ئاكا ، قالدى ئىشلار سىلىگە ئامانەت ، ئاۋۋال ماۋۇ پەرماننىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ تويىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، سىڭلىسىنىڭ ئىشىغىمۇ توتۇش قىلايلى . شۇڭا ئاكا ، ئىغىر كۆرمەي مۇشۇ ئىشقا بىر ئالدىرىساق بولاتتى .
- ئۇنداقتا مەن سىيىتاخۇن بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئەھۋاللىشاي ، قۇۋان تازنىڭ ئىشىنى سىلىمۇ پەرىدە خان بىلەن ئوبدانراق مەسلىھەت قىلسىلا ، ئەگەر مەسلىھەت پىشىپ مەيلى دىسەڭلا ، مەن يولىنى ماڭاي .
- ماقۇل ئاكا ، ئەمىسە سىلىگە كۆپ رەھمەت ، ئاللاھ ئىگەم ئەجرىلىرىنى كاتتا قىلىپ بەرسۇن .
- ۋاي ئۇكام ، نىمە تۈگىمىگەن تەكەللۇپ بۇ ، ئەمدى سىلەرنىڭ كىلىشىڭلارمۇ ئاسان ئەمەس ، باللا چىقىپ بىر پاقلانغا پىچاق سۈرسۇن ، كەچتە مۇشۇ يەردە ئىككى ئۈچ كۈن مىھمان بولۇپ ، تايىنلىق خەۋىرىنى ئىلىپ ، ئاندىن بىرىپ خاتىرجەم تەييارلىققا چۈشەيلى .
- ۋاي ، ئاكا ، سىلىنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلغىنىمىز يەتمىگەندەك ،بۇنچە جۇۋاتساق قانداق بولىدۇ ، بىز بۈگۈنچە قايتىپ ، خەۋەرلىرىنى كۈتەيلى ، ئاندىن ئاشۇ پاقلاننى مەنلا ئەكىلەي ، مۇشۇ يەردە بىللە سۇيۇپ ، ئاندىن مەسلىھەتكە چۈشەيلى .
- ئۇكام ، نىمە دەپ يۈرىيلا دەيمەن ، يىلدا بىر كىلىپ مانداق كەتسەڭلا ، مەن ئۇنىڭغا ئۇنىمايمەن ، مۇشۇ پاقلاننىڭ بىر پارچە گۈشىدىن يىمىسەڭلا ، بىكار گىپىمدىن يىنىۋالىمەن جۇما .
- ئاللاھ ، ئابلىزكا ، نىمانداق خىجىل قىلىلا دەيمەن .
- ھە ، بۈگۈنچە بىر خىجىل بولماي تۇرۇڭلا ، ۋوي ئاۋۇت بالام ، ئاۋۇ پاقلاننى بوغۇزلىغىنە گاچچىدە ، ما پەرھات ئاكاڭلارغا بىر داستىخان سالايلى – ئابلىزاخۇن شۇنداق دىگىنىچە بالىلارنى داستىخان راسلاشقا بۇيرۇپ ، پەرھاتنى تۇتۇپ قالدى .
ئەتىسى ئابلىزاخۇن پەرھات ، پەرماننى ئىلىپ سىيىتاخۇننىڭكىگە ئەلچىلىككە باردى . ئۆزى تەمبەل ، چار ساقال سىيىتاخۇن ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى ، سىيىتاخۇن بىلەن ، ئابلىزاخۇن قەدىناس بولغاچقا كىرىپلا پاراڭلىرىنى باشلاپ ، ياشلىقىنى ئەسلەشكىمۇ ئۈلگۈردى ، ئاڭغىچە سىيىتاخۇننىڭ قىزى ھىپىزەم ئۇلارغا داستىخان سىلىپ تاماق ئەكەلدى . تاماقتىن كىيىن ئابلىزاخۇن سۆز باشلىدى :
- دوستۇم سىيتەك ، ئەمدى بايىدىن بىرى ئوبدان ئەھۋاللاشتۇق ، ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، بۇ ياق مىنىڭ نەۋرە ئىنىم پەرھاتجان ، رەھمەتلىك چوڭ تاغام پەخىردىننىڭ ئوغلى شۇ .
- ھە ، ھىلىقى پەخىردىنكامنىڭ چوڭ ئوغلى پەرھاتجانما ؟
- شۇ ، شۇ ، ھازىر پەرھاتجانلا شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ كەتتى ، ئەمدى تاغام پەخىردىنمۇ ياش ۋاقتىدىلا تىجارەتكە كىرىشىپ ، شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئەمەسما ، بۇلارمۇ شەھەردە توغۇلۇپ ،شەھەردە تىرىكچىلىك قىلىپ ما يۇرتتا جىق تۇرمايدۇ . بۇ ياق بولسا پەخىردىنكامنىڭ نەۋرىسى ، پەرھاتجاننىڭ ئوغلى پەرمانجان .
- شۇ ، شۇ ، بۇ پەرھاتجاننى كىچىكىدە بىر نەچچە قىتىم كۆرگىنىم ئىسىمدە .
- ئەمدى ، سىيتاخۇن ، پەرھاتجاننىڭ  ئوغلى پەرمان،مانا كۆرۈپ تۇرىۋاتىسەن ھازىر چوڭ بولۇپ ، راۋۇرۇسلا كارغا كەلگۈدەك بالا بولۇپ قاپتۇ ، ئەمدى پەرھاتجان بۇ قىتىم شۇ ئوغلىنى مۇشۇ يۇرتتىن ئۆيلىسەم دەپ كەپتۇ ، بۇنىڭدىن مەن بەك خوش بولدۇم ، شۇڭا ئەمدى ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ سىنىڭ قىزىڭ ھىپىزەم يادىمغا كىلىپ ، ئەمدى ياتقا كەتكۈچە سەن بىلەن قەدىناس ، شۇڭا قۇدا بولۇپ ، تۇققان بولۇپ ئۆتسەك دەپ كىردۇق ئاداش.
- ئۇنىمۇ ئوبدان ئويلاپتىكەنسىلە ، ئەمدى ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلەيمىز ،قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىمىز ، ئەمدى بۇ بىزنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى پەرزىمىز ھەم قەرزىمىزكەن . مەن ئانىسى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ، قىزىمدىن سوراپ بىقىپ ئاندىن خەۋىرىنى قىلسام .
- مەيلى ئاداش ، ئەمدى سەنمۇ ئوبدان ئويلاش ئاداش، ئەمدى ھىپىزەم ئالدىمدا چوڭ بولغان پاكىز ، ھايالىق بەلەن قىز ، شۇڭا ئاداش بىزنى نائۈمىدتە قويماسسە .
- ئاللاھ خالىسا ئاداش ، ئەمدى رىسىق پىشانە ، نىكاھ غايىپ دەيمىز ، ئەمدى ئىككەيلەننىڭ رىسقى قوشۇلغان بولسا ، ھامىنى بولىدىغان ئىش بۇ .
- ئۇغۇ شۇ ئاداش، ئەمدى بىزمۇ ئاز-تولا سەۋەبىنى قىلمىساق بولماس ، سەۋەپ ئالىمى دەيمىز ئەمەسما .
- ماقۇل ، ئابلىزاخۇن ، ئەمىسە سىلەر قايتىپ تۇرۇڭلا ، مەن ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپلا خەۋىرىنى قىلاي .
- ماقۇل ، ئەمىسە ، خۇشخەۋىرىڭنى كۈتۈپ قالدۇق ، قىنى ، ئىلاھا ئامىين- ئابلىزاخۇن ، پەرھاتلار داستىخانغا دۇئا قىلىپ ، قايتىپ چىقىتى ، ئۆيگە كىرگەندىن تارتىپ دۇئاقىلغۇچە پەرمان بىر ئىغىزمۇ تىنىپ قويمىدى ،سىيتاخۇن ئۇلارنى ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى . كەچ بولغاند سىيتاخۇن ئايالى رابىخان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئايالىنى قىزنىڭ رايىنى بىلىپ بىقىشقا بۇيرىدى ، رابىخان قىزىنىڭ يىنىغا كىرىپ :
- قىزىم ، بۈگۈن ئابلىز تاغاڭ ساڭا ئەلچى بولۇپ ، ئۇلار بىلەن كىرگەن ھىلىقى ياش بالىغا سىنى سوراپ كىرىپتىكەن ،داداڭ مەسلىھەت قىلىپ باقايلى دەپ ئۇزىتىپ قۇيۇپتۇ ، مەن قارىسام ئۇ بالىمۇ خىلى يامان ئەمەس ، كىلىشكەن ، قولىدىن ئىش كىلىدىغان بالىدەك قىلىدۇ ، شۇڭا ئەمدى سەندىن بىر سوراپ بىقىپ ئۇلارغا جاۋاپ بىرەيلى دىگەن .- ھىپىزەم ئانىسىنىڭ گەپلىرىدىن شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى . ھىپىزەمنىڭ خىجىل بولغىنىنى سەزگەن رابىخان :
- قىزىم ، ئەمدى ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ ، قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدىغان گەپ ، شۇڭا سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ ، شۇڭا بىزمۇ قەرزىمىزنى ئادا قىلىپ ، سىنى ئوبدانراق يەرگە ياتلىق قىلىۋالساڭ ، كۆڭلىمىزمۇ ئارامىغا چۈشۈپ ، ئۆلسەكمۇ كۆزىمىز يومۇلىدۇ بالام ، شۇڭا مەن سىنىڭ ئاناڭ ، قانداق گىپىڭ بولسا خىجىل بولماي دەۋەر .
- ئانا ، شۇ مەن سەھرادا چوڭ بولغان ، ئەمدى شەھەرگە كەتسەم ، ئۇ يەردە ھىچبىر تۇققۇنۇم يوق ، شەھەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا كۆنۈپ كىتەلمەسمەنكى دەيمەن .
- بالام ، ئۇ سەن ئەنسىرەيدىغان ئىش ئەمەس ، بارغاندىن كىيىن دەماللىققا كۈنىۋالغىچە قىيىنئاناڭ ئۆگىتىدۇ ، سەنمۇ رايىش ، ئەقىللىق ،چىۋەر قىز ، ئىتتىكلا كۈنۈپ كىتەسەنمىكى .
- ئەمدى سىلەر توغرا تاپقان بولساڭلا ، مەن سىلەرنىڭ قىزىڭلا ، سىلەردىن قارارىڭلارغا قارشى چىقسام ياخشى بولمايدۇ ئانا .
- ئەگەر يىگىت ساڭا ئەرزىگەن بولسا ، ئابلىز تاغاڭ داداڭ بىلەن قەدىناس ، ئۇمۇ ئالدىراپ ناچار ئادەملەرنى بىزگە سايە قىلماس .
- شۇنداق ئويلىغان بولساڭلا مەيلى . – ھىپىزەممۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ رايىغا بىقىپ بۇ تويغا قوشۇلدى  .
سىيتاخۇن ئابلىزاخۇن بىلەن كۆرۈشۈپ ، مەسلىھەتنىڭ پىشقانلىقىنى ، پەرھات بىلەن قۇدا بولىدىغانلىقى ئىيتتى ، ئابلىزاخۇن ، پەرھاتلار خوشال بولۇپ ، دەرھاللا توي تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى . مەنزىلسىز ، پەرۋاسىز ئۇچىۋاتقان ، يايراۋاتقان پەرماننىڭ قانىتى ئەمدى بۇغۇچلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ توينى قىلغۇسى ، يىراق سەھرادىكى بۇ ساددا قىزنى ئالغۇسى يوق ئىدى ، ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس ، ئۆزىمۇ بىسەرەمجان بولغاچقا ، تويدىن كىيىن ئاجرىشىپلا قوتۇلىمەنغۇ دەپ دادىسىغا ئۇشۇقچە ئىتراز بىلدۈرمىدى . ئىككى تەرەپ تۇشمۇ-تۇشتىن توي تەييارلىقىغا چۈشمەكتە ئىدى ....
سەھەر ناماز بامدات ۋاقتى ، سۈتتەك ئايدىڭ . ئايقەمەر مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان بىر كۆل بويىدا ، ئەلەملىك ياشلىرىنى ئىقىتىپ تۇراتتى . سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ تەربىيسىدىن كىيىن ئۇ ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ، تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىمگە يۈز كىلەلمەيمەن دەپ ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ھازىر ياشاشقىمۇ رايى يوق ئىدى . شۇڭا ئۇ قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرت-مەھەللىدىكى ئىناۋىتى بولغاپ ، يۈزىنى تۆكمەسلىك ئۈچۈن ، ئۆلىۋالماقچى بولدى .
ئايقەمەر ، ئۇنداق قىلمىغىن ، سەن بۇ جەمەتنىڭ ئۈمىدى ، ئۆزۈڭنى بۇنداق تاشلىۋەتمە ، ھاياتىڭنى نابۇت قىلىۋەتمە . سىنىڭ ئۆلىمىڭ ئائىلەڭدىكىلەرگە سەن ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ئازاپ ۋە يوقۇتۇشنى ئىلىپ كىلىدۇ . جاھاندا ئازمايدىغان كىم بار ، خەير ، ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات دە ، جاھان تىخى ئۇزۇن ، سەن ياشىشىڭ ، تاغاڭنىڭ ئىزىنى بىسىپ ، ئۇ يىتەلمىگەن ئارمانلارغا يىتىشىڭ كىرەك . سەن ھازىر بۇنداق ئەخمەقلىق قىلساڭ ، تاغاڭ ئەيساجان مۇئەللىمنىڭ روھى تىخىمۇ قورۇلىدۇ ، ئۇ ئالەمگە بارغاندا ، ئۇنىڭغا قانداق قارايسەن . ھىچ بولمىغاندا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭنى ئورنىنى تولدۇرغىن .
پولتوڭ ، قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئايقەمەر سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى ، كۆل خىلىلا چوڭقۇر بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايقەمەر سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە ، ئۇ سۇ ئىچىدە تىركىشىپ باقتى ، ئەمما تىركەشكەنسىرى بىردەم سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ يەنە چۆكۈپ كىتەتتى .  نەپەس يىتىشمىگەنلىكتىن ، ئىچى سۇغا تولۇپ تۇنجۇقماقتا ئىدى . دەل شۇ ئەسنادا ئايقەمەرنىڭ كۆز ئالدىدا تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىم نامايان بولدى ، ئەيساجان مۇئەللىم ئۇنىڭغا قاراپ : ئەخمەق قىزىم ، مىنىڭ يىنىمغا كىلىشكە ئالدىرىماڭ ، سىز تىخى مەن قىلىپ بولالمىغان، چالا ئىشلىرىمنى قىلىپ، بىسىپ بولالمىغان قەدەملىرىمنى بىسىپ ، مەن تىخى يىتەلمىگەن يۈكسەك چوقىلارغا چىقىپ بولۇپ ئاندىن كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ھايات ئادەمنى ھەرخىل قىسمەتلەر بىلەن سىنايدۇ ، بەزىدە سۈيۈنچە بىرىپ ، بەزىدە ئەڭ يىقىن يارەنلىرىدىن ، ئەركىنلىكىدىن ، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ ، بەزىلىرىگە سۈكۈت قىلىمىز ، بەزىلىرىگە تىز پۈكمەي تالىشىپ ، تىركىشىپ تۇرۇپ قايتا ئىرىشىمىز . ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ قىزىم . ھەممە ئىشىلار ئۆتۈپ كىتىدۇ ، چوقۇم تىرىشىڭ ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىممىتىڭىزنى ، ھۆرمەت-ئىززىتىڭىزنى تىپىڭ ، بىلىم ئىنساننى ئىككىلا دۇنيادا خار قىلمايدۇ . بىلىم ئىلىڭ ، ھەم ئالغان بىلىمىڭىزنى تارقىتىڭ . شۇندىلا مىنىڭ قىزىم ئايقەمەر بولىسىز . يول تىخى ئۇزۇن . جاھان تىخى ئۇزۇن – دەپ خىتاپ قىلىۋاتاتتى. ئايقەمەر يەنە كۆتۈرۈلۈپ سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئەمما دەقىقە ئۆتمەيلا يەنە شۇڭغىدى . بۇ قىتىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئاكىسى ئەلقەر كەلدى . ئۇ شۇنداق خىتاپ قىلماقتا ئىدى :
- ئايقەمەر ، ئوماق سىڭلىم ، بۇ دوسكىنى سەن ئۈچۈن ياسىدىم ، قارا ، چوڭمىكەن ، ئەمدى مەھەللىدىكى دوسلىرىڭغا كۆڭۈللۈك ، ھەم خاتىرجەم دەرس ئۆتەلەيسەن ، سەن چوقۇم تاغىمىز ئەيساجاندەك  ياراملىق ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولالايسەن ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن . ئورنىڭدىن تۇر سىڭلىم ، سىنى گۈزەل بىر كەلگۈسى ، نۇرلۇق بىر قوياش ساقلاپ تۇرىدۇ . سىنىڭ ئارزۇلۇرۇڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ سىڭلىم .
ئارقىدىنلا ياسىن خوندا پەيدا بولدى . ئۇ ئايقەمەرگە قاراپ :
- ئايقەمەر ، بۇنداق قىلماڭ ، ئەخمەقلىق قىلماڭ ، نىمىلا ئىش بولغان بولسا ، بوپتۇ ، بەرىبىر ئۆتۈپ كەتتى ، ئەمدى سىزنىڭ قىلىدىغىڭىز ھەممە ئاخىرلاشتۇرۇش ئەمەس ،بەلكى قايتىدىن باشلاش . ئۆمرىدە خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن كىم بار ؟ سىزمۇ بىر ئىنسان ، خاتالىقتىن خالىي ئەمەسسىز ، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئارقىغا تاشلاپ قۇيۇپ ، دادىل ئالدىڭىزغا قاراپ مىڭىڭ . شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، ئۈمىدىڭىزدىن ۋاز كەچمىسىڭىز ، چوقۇم كۆزلىگەن مەنزىلگە يىتەلەيسىز .
ئايقەمەر ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى ، ئۇ بار كۈچى بىلەن سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئەمما بەدىنىدە ماغدۇر قالمىغانلىقتىن ، يەنە چۆكۈشكە باشلىدى . بۇ قىتىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەرمان زاھىر بولدى . ئۇ ئارقىسىنى قىلىپ ، ئايقەمەرگە قاراشقىمۇ پىتىنالماي ، يۇم يۇم يىغلاۋاتتى ، ئايقەمەر ئۇنىڭ گىلىدىن بوغماقچى بولدىيۇ ، ئەمما قولى يەتمەيتى . ئۇ جان ئاچچىقىدا ، قايتىدىن ماغدۇرىغا كىلىپ ، سۇ ئىچىدە تىرىكىشىپ مىڭ تەستە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى ، بۇ قىتىممۇ يەنىلا بىر ئىككى دەقىقە ئىچىدىلا چۈكۈپ كەتتى ، دەل شۇ پەيتتە نامازغا ماڭغان بىرەيلەن ، ئايدىڭدا كۆلدە بىرىنىڭ ھە دەپ تىركىشىۋاتقانلىقىنى ، بىر لەيلەپ ، بىر چۆكۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال سۇغا سەكرىدى ، ئەمدىلا ئايقەمەرنى تۇتىۋالاي دىيىشىگە ، ئايقەمەر ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەچكە ،تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۆكۈشكە باشلىدى ، ئۇمۇ سۇغا شۇڭغۇپ كىرىپ ، ئايقەمەرنى ئىلىپ چىقتى . ئۇ ئادەم ئايقەمەرنى كۆل بويىدا ياتقۇزۇپ مەيدىلىرىنى بىسىپ ، ئۆپكىسدە تۇرۇپ قالغان سۇلارنى سىقىپ چىقاردى ، بىردەملىك قۇتقۇزۇشتىن كىيىن ، ئايقەمەر نەپىسىگە كەلدى . ئاندىن ئۇ ئادەم ئايقەمەرنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى . دوختۇرلارمۇ نەچچە سائەتلىك جىددى قۇتقۇزۇش ئىلىپ باردى .
ئايقەمەر كۆزىنى ئاچقىنىدا ئۇنىڭ بىشىدا سۈلھەت مۇئەللىم ، دادىسى ھوشۇراخۇن ، ئانىسى روزىخان ، ئاكىسى ئەلقەر تۇراتتى .
- ئايقەمەر جىنىم  قىزىم ، مىنى ئەجەپمۇ قۇرقۇتتىڭىز ، سىزنى ئۆلۈپ كىتەرمۇ دەپ بەك ئەنسىرىدۇق . جىنىم قىزىم .- دىدى روزىخان ئۆزىنى تۇتىۋالماي . ھوشۇراخۇن ، ئەلقەرلەرمۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرمەيتى . ئارقىدىنلا مەسئۇل دوختۇر سىستىرالار كىرىپ :
- قىزىڭلارنى بىردەم ئارام ئالدۇرۇڭلا ، ئۇ بەك چارچاپ كىتىپتۇ ، سىستىرا تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇپ قويسۇن ،  نەچچە كۈن ئارام ئالسىلا ياخشى بولۇپ كىتىدۇ ، ئۇ ھازىر تىنچ مۇھىتقا . ئارام ئىلىشقا مۇھتاج . – دەپ ، سىستىرانى ئۇكۇل ئۇرۇشقا بۇيرۇپ بولۇپ :
- سەل تۇرۇپ مىنىڭ ئىشخانامغا كىرسەڭلا ، سىلەرگە ئايرىم دەيدىغان گەپ بار .
- بولىدۇ ، دوختۇر ، قىزىمغا بىرە چوڭ ئىش بولماس – دىدى ھوشۇراخۇن .
- ھازىر خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى . ئەنسىرىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ ، نەچچە كۈن ئارام ئالسىلا ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .- دىگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئايقەمەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ، ئەلقەر ، سۈلھەت مۇئەللىملەر دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە ، ئايقەمەرنى ئارامىدا قويۇپ چىقىپ كەتتى .
سۈلھەت مۇئەللىم ، دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا چاندۇرمايلا كىرىپ :
- دوختۇر ، ياخشىمۇسىز ، 19-كارۋاتتىكى ئايقەمەر ئىسىملىك قىزنىڭ ئەھۋالى قانداراق ؟
- سىز ئۇنىڭ ؟
- مەن ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى .
- ئەسلى بۇ گەپنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دىمەكچى ئىدىم ، لىكىن قانداق دىيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن . ئەمىسە سىزگە دەي ، سىز ئۇلارغا ئۆزىڭىز چۈشەندۈرۈپ قۇيارسىز .
- بولىدۇ .
- بۇ قىزنىڭ روھىي كەيپىياتى بەكلا ناچاركەن ، بىسىمىمۇ خىلىلا ئىغىركەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بويىدا بولغاچقا ، بەلكىم ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆلىۋالماقچى بولغان ئوخشايدۇ . ئادەتتە بۇ ياشتىكى قىزلاردا بىرە چوڭ بىسىمغا ئۇچرىمىسا ئۆلىۋىلىش خاھىشى بولمايدۇ ، شۇنىڭدىن قارىغاندا بىرە ئىش قاتتىق تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن .
- ئۇنداقتا ، ھامىلە ..؟
- تولىمۇ ئەپسۇس ، دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىشتىن بورۇنلا بويىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ  ، قارىغاندا سۇدا تىركىشىۋىرىلىپ ، ھالىدىن كىتىپ ، ماغدۇرسىزلىقتىن چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ . شۇڭا ھازىر ئۇ چۈشۈنىشكە ، رىغبەتكە ، ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج . ئەمدى بۇ گەپنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى مەنمۇ بىلمەيمەن . ئەمدى سىز ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كىيىن ، ئامال بار ئۇلارغىمۇ توغرا چۈشەندۈرۈپ ، كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز . بولمىسا ئۇنىڭ بىمارغا تەسىرى تىخىمۇ زور بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان دەيدۇ . شۇڭا بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنى چوقۇم كونترول قىلىپ ، ئۇنىڭغا بىسىم ئىلىپ كەلمەسلىكى كىرەك . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ يەنە كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ، ئەخمەقلىق قىلىپ قويىدۇ .
- بولىدۇ ، دوختۇر مەن قانداق قىلىشىنى بىلىمەن ، ئەمما سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم ، ئۇلارغا ئۇنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ، ھەم بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكىنى زىنھار دىمىسڭىز . قالغان ئىشنى مەن پۈتتۈرەي .
- بولىدۇ . ئەمىسە شۇنداق بولسۇن . – سۈلھەت مۇئەللىم كارىدورغا چىقىپ ، ئايقەمەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈردى .
   - ھوشۇركا ، روزىخان ئاچا ، دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتىم ، ئايقەمەردە چوڭ ئىش يوقكەن ،  ئىھتىياتسىزلىقتىن كۆلگە چۈشۈپ كىتىپتۇ ، ئەمدى سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە ، سۇدا بەك تىركىشىۋىرىپ ، ماغدۇرسىزلىنىپ ، ھالىدىن كىتىپتۇ ، نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بولۇپ كىتىدىكەن . شۇڭا ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇتىدىغان گەپلەرنى دەپ ، ئۇنىڭغا ئادەتتىكىدەكلا چاقچاق قىلىپ ، كۈلدۈرۈپ قويساڭلا ، ئەسلىگە كىلىشگە پايدىلىق دەيدۇ . شۇڭا بەك ئەنسىرىمەي ، ئايقەمەرگە ياخشى پاراڭلارنى قىلىپ بىرىڭلا .
-مەلىم ، قىزىم ئۆلىۋالماپتىما ؟- دىدى روزىخان جىددىيلىشىپ .
- توۋا دىسىلە رورىخان ئاچا ، ئايقەمەر نىمىشقا ئۆلىۋالغۇدەك ، ھە راس ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولدۇڭ دەپ يۈرمەڭلا جۇمۇ ، دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ، ئايقەمەرنىڭ مىڭىسىگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەنلىكتىن ، بەزى ئىشلارنى ئىسىگە ئالالمايدىكەن ، ئەمما بۇ پەقەت نەچچە كۈنلۈكلا ئىشكەن . شۇڭا قالايمىقان خىياللاردا بولۇپ ، ئۇنى ئورۇنسىز ئەيىبلىمەڭلار ، بولمىسا ئۇ راس دەپ ئويلاپ قىلىپ ، ئۆزىگە بىسىم ئىلىۋالمىسۇن ، ھازىر مەكتەپتىكى دەرسلەرنىڭ بىسىمىمۇ ئاز ئەمەس .
- ھە ، مۇنداق ئىشمىكەن ، مەلىم- دىدى روزىخان ، - مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ، مىنىڭ قىزىم ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلىدىغان قىز بالا ئەمەس ، ئەسلى بىر كىلىشمەسلىككەندە .
- ھەببەللى ، توپتوغرا گەپ قىلدىلا روزىخان ئاچا . دەل شۇنداق، ئايقەمەرمۇ مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى ، ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلىدىغان قىز ئەمەس ئۇ .
- ھە ، بولدى مەلىم – دىدى ھوشۇراخۇن – بىز چۈشەندۇق . بىز شۇنداق قىلىلى .
- ھەقىچان قورساقمۇ ئىچىپ كەتتى ، مىڭىڭلا ، چىقىپ سىلەرنى بىر مىھمان قىلىۋالاي ، ئاندىن ئايقەمەرنى كۆرگىلى كىرەيلى .
- مەن قىزىمدىن سوراپ باقاي ، نىمە يىگۈسى باركىن ؟- دىدى روزىخان .
- بولدى ، ئايقەمەر ئارام ئىلىۋاتىدۇ ، سەل تۇرۇپ ئويغانغاندا ئەكىرىپ بىرەيلى . – دىدى سۈلھەت مۇئەللىم .
- ھە ، مەيلى ، ھىلى قىززىقىدا يىگىنى ياخشى ، ئۇ قىنىپ بىر تاتلىق ئۇخلىۋالسۇن . ماڭە بولدى ، ماۋۇ مەلىم بىلەن ئەۋاللاشقاچ قورساقنى ئەستەلىۋىتىپ كىرەيلى – دىدى ھوشۇراخۇن روىخاننى ئالدىغا سىلىپ .
ئۇلار دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى بىر پاكىزغىنا ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىدى ، تاماق ئارلىقىدا سۈلھەت مۇئەللىم ئۇلارغا ئايقەمەرنى ياخشى تەرەپلىرىنى تەرىپلەپ بەردى . ھوشۇراخۇن ، روزىخان ، ئەلقەرلەر قىزىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ كۆڭلى خىلىلا يورۇپ قالدى . تاماقتىن كىيىن ئۇلار بىرلىكتە دوختۇرخانىغا كىرىپ ، ئايقەمەرنىڭ يىنىغا چىقتى ، ئايقەمەر تىپتىنىچ ھالدا ئوخلاۋاتاتتى . ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن كارىدورغا چىقىپ ساقلىدى . سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ گەرچە دەرىسى بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا دوختۇرخانىدىن ئايرىلماي ، ئايقەمەرنىڭ ئويغۇنىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى .
بىر چاغدا ئايقەمەر ئويغۇنۇپ ئەتراپقا قارىدى ، روزىخان كارۋاتنىڭ ئايىغىدا بىشىنى قويۇپ مۈگدەۋاتاتتى . ئايقەمەرنىڭ ھەرىكەت-تىۋىشىلىرىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن روزىخان قىزىغا قاراپ :
- ئويغاندىمىڭىزمۇ ئاپپاق قىزىم . ۋاي تاتلىق قىزىم ، ۋاي ئالتۇن قىزىم .
- ئانا ، ئانا – ئايقەمەرنىڭ كۆزىگە ياش ئولاشتى – مىنى كەچۈرۈڭ ئانا . مەن خاتا قىلدىم .- ئايقەمەر ئانىسىغا ئىسىلىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ يىغىسىغا ئاڭلىغان كارىدوردىكى ھوشۇراخۇن بىلەن ئەلقەر ، سۈلھەت مۇئەللىملەر ئارقا-ئارقىدىن ياتاققا كىردى .
- ۋاي ، نىمىنى خاتا قىلدىڭىز قىزىم ، ئىھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەننىڭ نەرى خاتا ؟
- شۇنى دەيمەن ئايقەمەر نىمىلەرنى دەپ يۈرىيسىز ؟- دىدى سۈلھەت مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، - ياكى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەسلىك خاتا ئىش بولمىسا ، مەنمۇ بىلمەيمەن سۇ ئۈزۈشنى .
- شۇنى دەيمەن ، سىڭلىم ، سەن كىچىكىڭدىنلا سۇدىن قورقاتتىڭ ، بوپتۇ ھىچقىسى يوق . لىكىن كىلەر قىتىم ئىھتىيات قىل جۇمۇ . بۇ شۇنچە كەڭ قەشقەردە ، كۆل بويىغا نىمىگە بارغانسەن دەيمەن؟- دىدى ئەلقەرمۇ ئۇلاپلا .
- نىمىگە باراتتى ئەلقەر- دىدى سۈلھەت مۇئەللىم ۋەزىيەتنى ئوڭشىغاچ – شۇ دەرس تەكرارلايمەن دەپ بارغاندۇ ؟ ھازىر سىرت تىخى ۋاراڭ چۇرۇڭ ، دىققىتىنى چىچىۋىتىدۇ ، شۇڭا جىمجىت ، تىنىچ ، مەنزىرىلىك يەرلەردە دەرس تەكرارلىسا ، ئۈنىمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ ، ئىسىدىمۇ ئوبدان قالىدۇ ، مەن بورۇن دەرس تەكرارلىغاندا ، مەلىمىزدىكى توغراقلىققا بىرىپ ، ئۆستەڭنىڭ بويىدا ئولتۇرۋىلىپ تەكرار قىلاتتىم -دە ئوبدان ئۆزلەشتۈرۋالاتتىم . شۇڭا ئايقەمەرگە بۇ ئۇسۇلۇمنى دەپ بەرسەم ، سىناپ باقاي دىگەن چىغى . شۇنداقمۇ ئايقەمەر .- ئايقەمەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمەيلا قالدى . ئۇ ئەسلى ھەممە ئىشنى ئانىسىغا دىمەكچى ئىدى ، ئەمما ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، يا ھە ، يا ياق دىيىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى .
- ھوشۇركا، روزىخان ئاچا ، ئەلقەر ، مەن بايا دىگەن گەپلەر يادىڭلىدىغۇ ؟
- ھە ، يادىمىزدا .
- ئەمىسە ، ئايقەمەر بىرەدەم دەم ئىلىۋالسۇن ، ئەلقەر سەن چىقىپ سىڭلىڭغا سىڭىشلىكرەك تاماقتىن ئىلىپ كىر . ھوشۇركا ،روزىخان ئاچا ، سىلەر خاپا بولماي چىقىپ تۇرساڭلا ، مەن ئايقەمەر بىلەن ئايرىم ئەھۋاللىشىۋالاي ، ھازىر ئالدىمىزدا ئىمتىھان بار ، شۇڭا بەزى گەپلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم دىيىشسەم ياخشى . قانداق بولامدۇ ؟
- مەيلى ، مەلىم ، مەيلى . مەنمۇ چىقىپ بۇ ئاي قىزىمغا تاماق ئەكىلىپ بىرەي ، - دىدى ھوشۇراخۇن ، ئارقىدىنلا روزىخانغا قاراپ – ئانىسى ، سەنمۇ بىللە چىقامسەن يا ، كەچمۇ بولاي دەپتۇ ، چىقىپ تاماق يەپلا كىرىپ ، ئاندىن ئاي قىزىمىزغا ئىلىپ كىرەيلى .
- مەيلى ، شۇنداق قىلايلى ، قىزىم ، نىمە تاماق يىگىڭىز بار ؟
- نىمە بولسا مەيلى .
- روزىخان ئاچا ، ئەڭ ياخشى سىڭىشلىرەك تاماق بولسۇن ، ئايقەمەر ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىپتۇ ، كۈچلۈك تاماقنى ئاشقازىنى دەماللىققا سىڭۈرەلمەيدۇ .
- ھە ، مەيلى ، شۇنداق قىلايلى مەلىم .  ۋاي راس مەلىم ، سىلىمۇ كۆپ ئاۋارە بولدىلا ، سىلىگىمۇ تاماق ئەكىرەيلىمۇ يا ؟- دىدى روزىخان مىھماندوستلۇق بىلەن .
- بولدى ، روزىخان ئاچا ، ئاۋارە بولمىسلا ، مەن سەل تۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ يەي .
-ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ، ھىلىمۇ سىلى بولغاچقا بىز قىزىمىزدىن خاتىرجەم تۇرىۋاتساق .
- ئۇنداق دىمىسىلە . ئايقەمەر ساقايغاندا بىللە دەرقەمدە ئولتۇرۇپ يەيلى . بولامدۇ .
- ئەمىسە شۇنداق قىلايلى ، ماڭە خوتۇن ، سوراپ بەرگۈچە ئۇرۇپ بەر دەپتىكەن ، ئۆزىمىز بىلىپ ئەكىرىۋەرمەمدۇق ، بۇ يەردە سەن سالا مەن سالا ئولتۇرماي – دىدى ھوشۇراخۇن ئايالىنى ھەيدەپ -ئاي قىزىم بىز ھازىرلا كىرىمىز – ھوشۇراخۇن شۇنداق دىگىنىچە روزىخان ، ئەلقەرنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . سۈلھەت مۇئەللىم ئايقەمەرگە قاراپ سۆز قىلاي دەپ تەمشلىشىگە ئايقەمەر بىشىنى تۆۋەن سىلىپ يىغلاشقا باشلىدى .
- بولدى ، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ . ئوماق سىڭلىم ، ھەي ، مەن ھازىر نىمە دىيشىمنى بىلمەيۋاتىمەن . ئۆيىڭىزدىكىلەر ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەرسىز ، ئۇلارغا سىزنى ئىھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كىتىپتۇ دەپ قويدۇم ، ئەمدى سىزگە نەسىھىتىم : مەيلى نىمە ئىش بولغان بولسۇن ، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى ، ھازىر سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ، يىقىلغان يەردىن دەس تۇرۇپ ، ھەممىنى قايتىدىن ، يىڭى باشتىن باشلاش . ئەمدى ھازىر بەزى ئىشلارنى بىز ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىگە ئەكىلەلمەيمىز ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھەممىدىن ، جاندىن ۋاز كىچىش ئەرزىمدۇ ؟ ئەسلىگە ئەكىلەلمىسەك ، ئورنىنى تولۇقلىساق بولىدىغۇ ؟ ئەگەر ئۆتكەن ئىشقا ئۆكۈنۈپ ، ھازىرنى قەدىرلىمىسەك ، كىيىن ھىچقايسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا پۇرسەت تاپالمايمىز . سىزنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىڭىز ، باسىدىغان قەدەملىرىڭىز بار . سىز ئەيساجان مۇئەللىمنىڭ ئىزىنى بىسىپ مىڭىشىڭىز ، ئۇ قىلىپ بولالمىغان ، قىلىشقا ئۈمرى يار بەرمىگەن ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىڭىز كىرەك . ھايات ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ھەم قورقۇنچلۇق ئەمەس . سىز ئۆلۈپلا ھەممە كۆڭۈلسىزلىكتىن قوتۇلىمەن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز بەكلا خاتالىشىپسىز . ھازىر ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خوشاللىقتىن جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇمىنى كۆردىڭىز ، كۆڭلىڭىزمۇ خىلى ئارام تاپتى ، قىنى ئويلاپ بىقىڭ ، ئۇلار سىزنىڭ جەسىتىڭىزنى كۆرسە ، ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمى يەنە ھازىرقىدەك بولارمۇ ؟ بەلكىم ئۈمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇنداق تەبەسسۇم قىلىشى بەلكىم كەلمەسكە كىتىشى ، قەلبى جۇدۇن يەتكەن باھاردەك ۋەيرانە بولۇپ كىتىشى مۇمكىن . ئويلاپ بىقىڭ ، ئەينى چاغلاردا تاغىڭىز ئەيساجان مۇئەللىم نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئەرزىيەت ، كۈلپەتلەرنى كۆرۈپمۇ ، ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى ؟ ئەگەر ۋاز كىچىش توغرا كەلگەن بولسا شۇ ۋاز كەچسە بولاتتى ، ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى ، نىمىشقا ؟ چۈنكى ئۇ بۇنداقلا ۋاز كەچسە ، ھاياتىنىڭ ھىچقانداق مەناسى بولمايدىغانلىقىنى ، ئەھمىيەتسىزلا ياشايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ دۇنيادىن نەتىجىسىزلا كىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . شۇڭا دائىم بىزگە : ھايات ئىنساننى شۇنداق قىسمەتلەر بىلەن سىنايدىكى ، بەزىسىنى سۈكۈت ئىچىدە قوبۇل قىلىمىز ، چۈنكى بەزى ئىشلاردا تاللاش ھوقوقىمىز يوق . ئەمما بەزىسىنى چوقۇم تېرىشىپ-تىرمىشىپ تۇرۇپ يىڭىمىز ، چۈنكى بىز ھايات ئادەم . ۋاز كەچمىسەكلا ، تىرىشساڭلا چوقۇم غەلبە ئۆزى ئىشىكىمىز چىكىپ كىلىدۇ . ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتى دەل ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ دەيتى . شۇڭا ئايقەمەر ، ھەممە ئىشتىن ۋاز كەچسەكمۇ ، ئۈمىدىمىزدىن ، ھاياتىمىزدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز لازىم . شۇڭا سىز ، بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قەتئىي ئويلىماڭ ، ئەمدى پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن ياخشى ئۈگىنىپ ، مۇنەۋۋەر بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىڭ ، شۇندىلا ھەممە ئىشلار ئۆزلىكىدىنلا ھەل بولۇپ كىتىدۇ . بولامدۇ سىڭلىم ؟ - ئايقەمەر ئۈندىمەي بىشىنى لىڭشىتتى . سۈلھەت مۇئەللىممۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى . ئاڭغىچە ھوشۇراخۇن ، روزىخان ، ئەلقەر تاماق ئىلىپ كىردى . ئايقەمەرمۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ،ياشلىرىنى سۈرتۈپ چىقتى . ئاندىن ھەممەيلەن ھەمداستىخان بولۇپ ، چاقچاقلاشقاچ ، ئايقەمەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇتقاچ غىزالاندى . ئايقەمەرنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ بايىقىدىن خىلىلا ياخشى بولۇپ قالغانىدى .
دوختۇرخانىدا ئايقەمەر ئۆزىنىڭ خاتا باسقان قەدەملىرىنى ، ئەخمىقانىلىقىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ ئاخىرى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى . ئۇ ھازىر ئۆزىگە شۇنداق خىتاپ قىلىۋاتاتتى :
- كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، نۇرغۇن ۋاقتىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپتىمەن ، يىشىمغا ،ئارزۇيۇمغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان خىياللار ئارقىسىدىن مىڭىپ ، تاس قالدىم جىنىمدىنمۇ ئايرىلغىلى . ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى خۇددى تاغام ئەيساجان ، سۈلھەت مۇئەللىمگە ئىيتقاندەك " ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ " ئەگەر مەن ھىچقانداق نەتىجە يارىتالمايلا كەتسەم ئۇ ھالدا ، مەن ئۈچۈن جاپا چەككەن ، بەدەل تۆلىگەنلەرگە قەتئىي يۈز كىلەلمەيمەن . نىمىلا بولسا ، بولۇپ بولدى ، ئەمدى ھەرقانچە قىلساممۇ ئورنىغا ئەكىلەلمەيمەن ، ئەمدى بولسىمۇ ، ياخشى ئۆگىنىپ ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇراي . بەلكىم شۇندىلا تاغام مىنىڭ خاتالىقلىرىم بەدىلىگە مىنى كەچۈرۋىتىشى مۇمكىن .
جىنىم تاغا ! مەن چوقۇم ئىزىڭىزنى بويلاپ ، خۇددى سىزدەك ياراملىق ، مىھنەتكەش ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىمەن . ماڭا مەدەت بىرىڭ تاغا ، روھىڭىز ماڭا مەدەتكار بولسۇن .
توغرا ئىيتىڭ ، ئايقەمەر ، مانا ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ . ئۆتكەن ئىشلار ئەمدى ئورنىغا كەلمەيدۇ ، سەن ئەمدى ، ھازىرنى قەدىرلەپ ، خاتالىقلىرىڭنىڭ ئورنىنى تولدۇر . ئاللاھمۇ : "ئەگەر بەندىلىرىم زىمىن يۈزى تولغۇدەك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ، توۋا قىلىپ كىلىدىكەن ، مەنمۇ ھەم زىمىن يۈزى تولغۇدەك مىھىر ، مەغپىرىتىم بىلەن ئۇنى مەغپىرەت قىلىمەن " دەپتىكەن . بەلكىم ، كىيىنكى ئۈمرۈڭدە ئۆزۈڭگە خاس بولغان تۆھپە-نەتىجىلەرنى يارىتالىساق ، بەلكىم ھىچكىم ، سىنىڭ گۈدەكلىكىڭدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ سورىقىنى قىلماس . تىرىشقىن ، ئايقەمەر . ئەمدى ھەقىقىي ئۆزەڭگە ، بىزنى سۈيۈندۈرگەن شۇ ئايقەمەرگە ئايلاندىڭ .
ئايقەمەر ئەنە شۇنداق كۆڭۈلنىڭ ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ، بارلىقىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۆزىنى تاپالىدى ، توغرىسىنى ئىيتقاندا ، سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ نەسىھەتلىرى ، ئۇنىڭ مىھىرلىك قەلبى ئۇنىڭ بىر چاغلاردا ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان پىنھانلاردا غەپلەتكە كەتكەن روھىنى ئويغۇتۇپ ، ئۇنى ئۆزىنى تىپىۋىلىشقا ، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ يىتىشكە مۇيەسسەر قىلدى .
ئايقەمەر دوختۇرخانىدىن چىقىپ ، ئۆيگىگە قايتىپ ئاراممۇ ئالماي ، ئۇدۇل مەكتەپكە بىرىپ ، ئوقۇشىنى قولىغا ئالدى . ئوينايمەن ، ياشايمەن ، يايرايمەن دەپ بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ، بورۇنقىدەكلا ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى . ئۇنىڭ تىرىشۋاتقانلىقىنى ، كەيپىياتىنىڭ كۈنسايىن نورماللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ كۆڭلىمۇ ئارامىغا چۈشۈشكە باشلىدى .
ئايقەمەر مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ نەچچە كۈندىن كىيىن ، دەرستىن چۈشۈپ كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا شازادەم بىلەن كۆرۈشتى . شازادەم ئۇنىڭغا قاراپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇراتتى .
- شازادەم ، مىنى كەچۈرۈڭ – دىدى ئايقەمەر .
- نىمىگە كەچۈرۈم سورايسىز ؟ - دىدى شازادەم ھەيران بولۇپ .
- مەن ، مەن ئەسلى سىز بىلەن ئۇرۇشماسلىقىم ، جىدەللەشمەسلىكىم كىرەك ئىدى . ئەمما كەچۈرۈڭ ، كۆڭۈلنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ سىزدىن ئورۇنسىزلا رەنجىپ ، يەنە تىخىمۇ ھاقارەتلىدىم ، بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ خىجىل . مىنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ – ئايقەمەرنى ئۈنى بوغۇلۇپ ، كۆزىگە ياش ياماشتى . شازادەممۇ ئۆزىنى تۇتىۋالماي ، ئۇنىڭغا ئىسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ :
- ياق ، ئايقەمەر ، ھەممىنى قىلغان مەن ، سىزنى ئەسلى بولمىغۇر يەرلەرگە ئاپارماسلىقىم ، سىزنى ھاقارەتلەپ ، ئۇرۇشماسلىقىم كىرەك ئىدى، ھەممىنى قىلغان مەن ، تاس قالدىم ، سىزنىڭ ئۆلىمىڭىزگىمۇ سەۋەبچى بولۇپ قالغىلى . مىنى كەچۈرۈڭ . مىنىڭ كاساپىتىمدىن ياسىن خوندامۇ ئۆلۈپ كەتتى ، سىزمۇ تاس قالدىڭىز ھەممىمىزنى داغدا قويغىلى .
- بولدى ، شازادەم ، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى .
- مىنى كەچۈرۈڭ ئايقەمەر ، مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن . مىنى كەچۈرەرسىزمۇ ؟
- ئەلۋەتتە ،سىزلا مىنى كەچۈرسىڭىزلا . مەن كۆپ ئويلاندىم شازادەم . بىز ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى ، زىھنىمىزنى نەدىكى بىمەنە ، بولمىغۇر سورۇنلارغا سەرپ قىلىپ ، ئاتا-ئانىمىز مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە ، چۈمۈلىدەك بىر تال بىر تالدىن يىغقان ۋەجىنى سورۇپ ، ئەقلىمىزنى ، روھىمىزنى بولغاپ يۈرۈپتىمىز ، تىخى ئۇلار يەتمىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ، بىباھا ئار-نومۇسىمىزنى ، ئىپپىتىمىز يوقىتىپتىمىز . ئەمدى بولسىمۇ شازادەم ، ئەقلىمىزنى تاپايلى ، دىسكوخانىلار ھەرگىزمۇ بىزگە ئارام بىرىدىغان ، بىز خوشال يايرايدىغان يەر ئەمەسكەن .
- توغرا دەيسىز ئايقەمەر ، سىز دوختۇرخانىدىكى چاغدا ، سىزگە بىر ئىش بولارمۇ ؟ بۇ ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقى مانا مۇشۇنداقلا نابۇپ بۇلۇپ ، ھاياتى ئاخىرلىشارمۇ دەپ كۆپ ئەنسىرىدىم .
- شازادەم ، ئەمدى بىز ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ ، خاتا باسقان قەدەملىرىمىزنى توغۇرلايلى . بىز قىممىتىمىزنى، ھەرگىزمۇ دىسكوخانىلاردا ئويناپ ، كۈلۈپ يايراپ تاپالمايمىز . بىزنىڭ قىممىتىمىز ، ئۆگەنگەن بىلىمىمىز ھەم شۇ بىلىم ئارقىلىق ياراتقان نەتىجىلىرىمىز بىلەن بولىدۇ .
- توغرا ئىيتتىڭىز ئايقەمەر . ئەمدى مەنمۇ ھەممىدىن قول ئۈزۈپ ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى ، روھىيىتىنى قايتىدىن تاپىمەن .
- دەل توغرا ئىيتتىڭىز . بەزى خاتالىقلار بەلكىم بىزنى ئۆلىۋىلىشقا زورلىشى مۇمكىن ، ئەمما بىز ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئەمەس ، بەلكى قايتىدىن باشلىشىمىز ، يىقىلغان ئورنىمىز دەس تۇرىشىمىز كىرەك . – ئىككى دوست ئەمدىلىكتە خاتالىقلىرىنى تونۇپ ، ئارزۇ-ئۈمىد ، نىشانلىرىنى توغرا قىلىپ ئىلىم بەيگىسىگە قايتىدىن ئات چىپىپ چۈشتى . ئەينى چاغدا ئىككەيلەن خىيالىدىكى مۇھەببەت جىڭىگىمۇ ھازىرقىدەكلا بارلىق ھىسسيات، زىھنى بىلەن ئاتلانغان ئىدى ، ئەمما بۇ مۇھەببەت جىڭى ئۇلارغا پەقەت ۋە پەقەت پۇشايمان، نادامەتتىن باشقا ھىچنەرسىنى بىرەلمىگەن ئىدى . لىكىن بۇ قىتىمقى بەيگىسى ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا رەڭدار مەزمۇنلارنى ، نەتىجىلەرنى بىرىدۇ ئەلۋەتتە . تىرىشىڭلا ، مىللەتنىڭ تەربىيچىسى بولغان ئەتىكى ئوقۇتقۇچىلار . سىلەر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىققۇچىلار !!
داۋامى بار.......

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 01:45:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراقتىن ئاڭلانغان نەغمە ئاۋازى ، مەھەللىنى بىر ئالدى . پەرمان ئەتىگەن نىكاھ ئوقۇغان ئايالى ھىپىزەمنى يۆتكىگىلى كەلدى . ئەمما تويى بولغان بۇ يىگىت ، خوش بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، كۆڭلى غەش ھالدا كەلمەكتە . ئۇ ھازىر كۆڭلىدە بۇ سەھرالىق قىزنى قاچان  قۇيىۋەتسەم بولا دەپ چوت سوقماقتا ئىدى .
بۇياقتا بولسا رابىخان قىزىنىڭ مەڭزىگە ، پىشانىسىگە سۈيۈپ ، يىغا زارى بىلەن ئۇنى ئۇزاتماقتا ئىدى . ھىپىزەممۇ يىغلاپ تۇرۇپ مىھرى ئىللىق بۇ ئۆيىدىن ئايرىلىپ ، چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر ئائىلىگە كىلىن بولۇپ ماڭماقتا ئىدى . رابىخان قىزىنى ئۇزاتقاچ :
- جىنىم قىزىم ، قىيىنئاتا-قىيىنئاناڭنى بىزدەك بىلىپ ، خىزمىتى ئوبداق قىلىپ رازىلىقىنى ئال قىزىم ، بىز سەندىن رازى ، دىگەن سۆزلىرىمنى ئۇنۇتما – دەيتى .
توي ھارپىسى رابىخان قىزى ھىپىزەمگە :
- قىزىم ، ئەتە سەن باشقا بىر ئائىلىگە كىلىن بولغىلى ماڭىسەن ، ساڭا ئامانەت گەپلىرىمنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت : ئاۋۋال : قىيىنئاتا-قىيىنئاناڭنى خۇددى بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك ، ھەم بىزدىنمۇ ئاشۇرۇپراق مۇئامىلە قىل . ئۇلار بىلەن تەڭ بولما ، دىگەن گەپلىرى يوللۇق بولسىلا ئاڭلا ، دىگەنلىرىنى بىجانىدىل ئۇرۇنلا . ئىرىڭنىمۇ ھۆرمەت قىل . ئەر رازى ، خۇدا رازى دەيدىغان گەپ بار ، ئۇ نىمە ئىشقا بۇيرىسا بۇيۇنتاۋلىق قىلما ، ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلا . كونىلاردا نىكاھ غايىپتىن ، مىھىر ئاللاھدىن دەيدىغان گەپ بار . شۇڭا سەن ئۆزۈڭمۇ بىلمەيدىغان ، ھەم كۆرۈپ باقمىغان بىرىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇپ مىڭىۋاتىسەن ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ سەن توغۇلماستىن بۇرۇنلا پۈتىۋەتكەن تەقدىرى ، ھىچكىم ئۇنىڭدىن قىچىشقا ھەم ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز . ئىرىڭ ساڭا سوغۇق مۇئامىلىدە بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا يول قوي ، بەزىدە يىڭى توي قىلغانلار كىلىشەلمەسلىكى مۇمكىن ، ئەمما بىرە بالىلىق بولغاندا ، بالا مىھرى ئىككەيلەننىڭ رىشتىنى چىڭىتىپ ، ئاندىن بىر بىرىگە مىھرى بولىدۇ ، يەنە بىرى ، بۇ ئەڭ مۇھىمى : ئىرىڭنى كۈنلەپ ، گۇمان قىلىپ يۈرمە. ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلۇر ، ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلۇر دىگەن گەپ بار . شۇڭا ھەرگىزمۇ ئۇنى كۈنلىمىگىن ، ئاندىن ئارتۇقچە گۇمان قىلىپ ، ئۇرۇنسىز جىدەل ، خاپىلىقلارنى قىلىپ يۈرمە ، گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ قىزىم . بۇ گەپلىرىڭنىڭ ئىسىڭدە مەھكەم تۇرسۇن . ئاللاھ سىنى ، ئىرىگە ۋاپادار ئايال ، قىيىنئانا-قىيىنئاتىسىغا سادىق ، كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىڭگە مىھرىبان بىر ئانا قىلسۇن . قىزىم – دەپ ئۇنىڭغا قانداق كىلىن بولۇش ، قانداق ئايال بولۇشنى ئۆگەتكەن ئىدى .
ئانىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى تۇتىيا بىلەن ھىپىزەم پەرھاتنىڭ ئۆيىگە كىلىن بولۇپ كىرىپلا ئانىسىنىڭ نەسىھىتى بويىچە ، پەرھات،پەرىدەلەرنىڭ خىزمىتىنى ۋاقتىدا ، جايىدا ئورۇنلاپ ئۇلار كۈتكەندىنمۇ بەكرەك رازى قىلدى . پەرھات، پەرىدەلەر بۇ قۇلىقى يۇمشاق ، رايىش ، كىچىك پىئىل كىلىندىن بەكمۇ رازى بولدى .
ئەمما پەرمان كەچكىچە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ، ئۇنىڭغا بىر كۈنمۇ ئارام بەرمىدى . ھىلى تاماقنى ئاچچىق قىلىپ قۇيۇپسەن دەپ ، ھىلى ئاستىمغا ئىككى قات كۆرپە سىلىپ بەرمىدىڭ دەپ ، نەدىكى ئۇششاق ئىشلارنى تەگەپ ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنمۇ ئەپ ئۆتمىدى . بەزىدە تاماقتا لازا جىق بولۇپ قالسا :
- ماۋۇ لازا كۆرمىگەن سەرالىق پەس پاسكىنا نىمانداق جىق سالىدۇ؟ ھەي لازىنىمۇ يەيدىغان نەرسىمۇ ؟ بىر تاتلىق گۆشنىڭ تەمىنى بۇزۇپ . ئاناڭنى – دەپ ئۇرۇشۇپ كىتەتتى . ئەمما ھىپىزەم مەن دىققەت قىلاي خاپا بولماڭ دەپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرمايتى . پەرمان ئۇ تەڭ تۇرمىغانسىرى ئاچچىقى كىلىپ ، تىخىمۇ جىلە بولۇپ كىتەتتى . ئۇ ھىپىزەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرە قىتىم بولسىمۇ تەڭ تۇرىشىنى ، ئاندىن ئۆينى كۆتۈرىۋەتكىدەك جىدەل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلايتى . ئەمما ھىپىزەم داۋاملىق رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماي ، ئۇنى ئاچچىقىدىن ياندۇراتتى.
پەرمان بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى . ئۇنىڭ كۆڭلى ھىپىزەمدىن سۇ ئىچمەي ، يەنە شۇ دىسكوخانىلاردىكى خىنىملار بىلەن بولۇپ كەتتى . بىر چاغلاردا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈلۈپ كەتكەن شىرىن سۇخەن ئاغىنىسى ياسىن ئەمدى ئۇنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى . ئۇ داۋاملىق مەس كىرىپ :
- ھەي ، ھىپىزەك ، ھىپىزەك . ئاناڭنى بوققۇش . نىمە قىلىۋاتىسەن – دەپ ۋارقىراپ كىتەتتى . ھىپىزەم بولسا ئۇنى يۈلەپ بولالماي پايپىتەك بولۇپ كىتەتتى . ئەمما بۇ ئاقسا بايۋەتچە بۇ سەھرالىق قىزنى كەچكىچە ھىلى ئانداق قىلدىڭ ، مانداڭ قىلدىڭ دەپ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ، ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپ كىتەتتى . ھەتتا نەچچە قىتىم ئاتا-ئانىسىغا :
- مەن سەھرالىق تومپاي بىلەن ئاجرىشىمەن ، مىنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى . ۋاي ،داد – دەپ دادلاپمۇ باقتى . ئەمما پەرھات :
- نىمە قىلغانغا ئاجرىشىسەن ، بىر چىرايلىق خىزمىتىمىزنى قىلىپ ، سەن جۇۋەينىمەكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىنى يەتمەيۋاتامدا ؟ ساڭا دەپ قۇياي ، مەن ھاياتلا بولسام ، مۇشۇ قىز بىلەن ئۆي تۇتىسەن . بولمايدىكەن ، ئاۋۇ ئىشىكنى كۆردۈڭغۇ ؟ نوپۇس دەپتىرىڭىنى ئىلىپ يوقالساڭ رۇخسەت .ئىككىنجى قايتىدىن قەدەم باسقۇچى بولما . – دەپ ئۇنى پەيلىدىن ياندۇراتتى . ئۇنىڭغا ئۇلاپ پەرىدە :
- مانداق ئايىغى ياراشقان كىلىندىنچۇ يەنە بىرنى تاپقۇچە ، مىنىڭ ساراڭ بولۇپ قالىمەن ، قارا ، ھىلىمۇ مۇشۇ كەمگىچە رايىڭغا بىرىپ ، نىمە دىسەڭ قىلىپ بەردۇڭ ، داداڭنى ئىتىپ قويغان شەھىرى يوق ، سەن نىمە دىسەڭ قىلىپ بىرىدىغان. قىنى ئاجرىشىمەن دەپ قايتا ئاغزىڭغا ئىلىپ باقە قىنى ، كۆرگۈلۈڭنى ئاندىن كۆرىسەن . – دەپ ئۇنى تىخىمۇ چىچىلدۇراتتى .
بىچارە ھىپىزەم ، بۇ بوينى قاتتىق ئىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ ، چۈشلىكى تاماق ئىتىپ ، نەچچە ئاپتوبۇس ئالمىشىپ دۇكانغا باراتتى . ئەمما پەرمان :
- سەن سەھرالىقنىڭ ئىشىنى ، كالىمۇ ھەلەپ ئورنىدا يىمەيدۇ ، مەن بازاردا يەيمەن ، قولۇڭنى يۇيماي ئەتكەن بەتتام تاماقلىرىڭنى ئاۋۇ سەرادىكى ئاناڭغا ئاپىرىپ بەر – دەپ ئۇنى سىلكىپ كەتكۈزۋىتەتتى .ئەمما ھىپىزەم شۇنچىلىك خورلۇق ، ئازارنى يەنىلا ئىچىگە يۇتۇپ ، كۆزىنى ياشلاپ قايتىپ كىتەتتى .
كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . پەرمان زىرىكسە دىسكوخانىلاربىرىپ ، بىر ئىككى رومكا ئىچكەچ ، ئۇچرىغان قىزلار بىلەن تانسا ئويناپ ، كۆڭلىنى خوشال قىلىپ يۈرىۋەردى . ھىپىزەم ئۇنىڭ سىرتلار ئويناپ يۈرگەنلىكىنى بىلسىمۇ ئەمما بىر ئىغىزمۇ تىنىپ باقمىدى ،ئەكىسچە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ : خۇدايىم ئۆزى ئىنساپ بىرە دەپ ئاللاھدىن ئۇنىڭ ئىنساپ دىيانىتىنى تىلەپ يۈردى . چۈنكى پەرمان نەچچە قىتىم مەستچىلكتە بىردەم نىگارە ، بىردەم دىلخۇمار دەپ نەچچە قىزنىڭ ئىسىمىنى جۈيلۈپ چىقاتتى . ئەمما ھىپىزەم بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالمىدى . چۈنكى ئانىسىنىڭ " ئىرىڭدىن گۇمانلانما ، گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ " دىگەن سۆزى ئۇنىڭ قۇلىقدا ھالقىدەك ئىسىقلىق ئىدى .
پەرمان توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ھىپىزەم ئۇنىڭغا بىر قىز توغۇپ بەردى. پەرىدە نەۋرىسىگە  بۇئايشەم دەپ  ئانىسىنى ئىسمىنى قويدى . بۇئايشەممۇ كۈنسىرى ئەت ئىلىپ ، ساغلام ھەم ، ئوماق چوڭ بولىۋاتاتتى . ئەمما پەرمان بۇ قىزىنى بىرە قىتىم ئەركىلىتىپ باققىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى . تىخى مۇشۇ بانا قىلىپ :
- مانا ، ئايىغى ياراشقان كىلىنىڭ ، بىسمىللاھ دىمەي بالىنىڭ بىرىنجىسىگە ئوغۇل تۇغماي ، يىغلاڭغۇ بىر قىز توغۇپ بەردى ، قويىۋىتىمەن دىسەم ئۇنىمايسەن ، خوپ بولغاندۇ ئەمدى ، بالىنىڭ بىرىنجىسى قىز بولغاندىن كىيىن ، ھەقىچان ئىككىنجىسىگىمۇ قىز توغىدۇ بۇ مايماق ، ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا خىتىنى بىرىپ قۇتۇلايچۇ ؟ ئەگەر يەنە مىنى زولاۋىرىشسەڭ ، تاينىلىق ئۆلەپلا بىرىپ ھەممىڭدىن قوتۇلىمەنغۇ ؟ - دەپ تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى . پەرىدە قاپىقىنى تۈرۈپ :
- قىز بولامدۇ ؟ ئوغۇلمۇ؟ بۇ ئاللاھ ئۆزى بەرگەن ، تولا شۇم ئىغىزلىق قىلماي ، ئايالىڭنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئال . تەلىيىڭ بولسا كىلەر قىتىم ئوغۇل بىرە .- دىدى . ئەمما پەرمان پەيلىدىن يانماي :
- مۇشۇ ، ئۈمرىدە ئاغزىغا تولغۇدەك گۆش سىلىپ يەپ باقمىغان ئىنجىمارۇق ، داقى ئاۋاق ، ئوغۇل توغالامدۇ ؟ تولا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىمەي ، ئاستا ۋاقتىدا مانىڭ كەشىنى توغۇرلىۋىتەيلى . – دىگىنىچە ئارقىسىغىمۇ قارىماي چىقىپكەتتى . ھىپىزەم بولسا يەنىلا ئۈن-تىنسىز يىغلايتى . پەرىدە كىلىنىگە نەسىھەت قىلىپ :
- كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ قىزىم ، خۇدايىم بۇنىڭغىمۇ ئىنساپ بىرە ، بىر كۈنلىرى ، قىزى سەل چوڭ بولۇپ ، ئادەمنىڭ مىھرى چۈشكۈدەك بولغاندا ، بەلكىم ئەقلىنى تاپا ، سەۋر قىلىڭ قىزىم – دەيتى .
بىر كۈنى ھىپىزەم ئىچىمەن دەپ قويۇپ قويغان قايناقسۇغا بۇئايشەم قولىنى چىلىۋىلىپ ، قولى كۈيۈپ كەتتى ، دەل مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان پەرمان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ :
- بىشىڭنى يەيدىغان ، سۇ كالىسى قانجۇق ، ماۋۇ قايناقسۇنى ئىگىزرەك يەرگە ئىلىپ قويساڭ بولمامتى ؟ ئەمدى مەندىن دەردىڭنى ئالالماي قىزىمدىن ئىلىۋاتامسەن ، ئاناڭنى رەسۋا- دىگىنىچە ھىپىزەمنى ئىككى كاچاپ ئۇرۇۋەتتى . ھازىرغىچە ئۇنىڭ دەردىگە چىداپ كەلگەن ھىپىزەمنىڭمۇ تاقىتى توشتىمۇ پەرمانغا :
- سىزمۇ ئۇنىڭ دادىسى بولغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا قاراپ قويسىڭىز بولمامتى ؟ مىجەزىم بولمىغاندىن كىيىن دورا ئىچەي دىگەن ، يا مەن ئۇنىڭ قولىنى قەستەن كۆيدۈرۋەتمىسەم . ؟
- تىخى ماڭا گەپ ياندۇرىۋاتامسەن . مانا ئەمىسە ، ئاناڭنى بىشەم ، ياۋا سەھرالىق ، تومپاي پاسكىنا- دىگىنچە ھىپىزەمنى دۇمبالاپ كەتتى . – ئەگەر دادام سىنى زورلاپ ئىلىپ بەرمىگەن بولسا مىنىڭ ما شەھەردە تىرناقتا توختىغىدەك نەچچە مابىتىم بارتى ، سەن بىشىمغا بالا پاسكىنىمۇ ، ئۆيۈڭدىكىلەرگە ماقۇل دىمىگەن بولساڭ ، ماڭا ماۋۇ خاپىلىق يوقتى . ئاناڭنى رەسۋا...
ئۆي ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن غەۋغادىن ، يىغا ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن ، پەرھات بىلەن پەرىدە ، يۈگۈرۈپ كىردى . قارىسا ھىپىزەم ئاغزى-بۇرنى قان بىر بولۇڭدا ئولتۇراتتى . پەرھات بۇنى كۆرۈپ پەرمانغا :
- نىمە بولدۇڭ ، يەنە ئايالىڭنى ئۇردۇڭمۇ ؟ قاچان ئادەم بولاسەن سەن گۇينىڭ بالىسى .-دىدى.
-دادا ،ماۋۇ قىتىمقىسىنى مەندىن كۆرسەڭ بولمايدۇ ، ماۋۇ پىشت يەيدىغان رەسۋا ، قىزىمنى قولىنى قايناقسۇدا كۆيدۈرىۋەتتە ، قارىغىنە – دەپ بۇئايشەمنىڭ قولىنى دادىسىغا كۆرسەتتى . پەرىدە بۇنى كۆرۈپ :
- ۋاي ، ئانام ، تىخىچە قاراپ ئولتۇراشتىڭما ؟ ما بالىنىڭ قولىنى تىڭىشمامسەن ؟ - دىگىنىچە بۇئايشەمنى ئىلىپ .- خاپا بولمىسىلا خان بالام ، ئانام بالام ، يىغلىمىسىلا ، خاپا بولمىسىلا- دەپ پەپىلىدى .
- نىمە دەيسەڭلا ، مەيلى ، مەن ئەتە ماۋۇ قانجۇقنىڭ خىتى بىرىۋىتىمەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۆتسەم ، بۇ قىزىمنىمۇ ئۆلتۈرۋەتكۈدەك بۇ ، ماڭا قەتئىيلا ئارام بولمىدىغۇ . ماڭا قارا سەھرالىق تومپاي ،  سەن بىلەن سوت كۆرىشىمەن جۇما . خىتىڭنى ئىلىپ ، بىرىپ سەھرادىكى ئاناڭنىڭ ئوچۇقىغا ئوت قالا .
- نىمە دەۋاتىسەن ، كىم بىلەن ئاجرىشىسەن ؟ - دىدى پەرھات پەرمانغا تىكىلىپ .
- دادا ، مىنى توسما ، ئىشقىلىپ ئاجرىشىمەن دىدىم ئاجرىشىمەن. سەن بىلەن  سوتتا كۈرۈشتۇق جۇما ئەمىسە .- پەرمان شۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى .
ھىپىزەم بولسا كۆز ياشلىرىنى ئىقىتىپ ، يىغلاپ قالدى ، پەرھات ،بىلەن پەرىدە ئۇنىڭغا قانداق تەسەللىي بىرىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .
داۋامى بار.....

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96960
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 05:41:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KETMEN يوللىغان ۋاقتى  2014-10-2 01:45 AM
يىراقتىن ئاڭلانغان نەغمە ئاۋازى ، مەھەللىنى بىر ئالدى  ...

  بولسا پەرماننى ماشىنا سۇقۇۋەتكەن بولسا

Blue Wolf

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 01:21:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرمان شۇ چىكەتكەنچە يەنە شۇ دىسكوخانىغا بىرىپ قانغۇچە ئىچىپ ، بىر چاغلاردىكى مۇھەببىتى نىگارە چاقىردى . نىگارەمۇ ھايال ئۆتمەيلا يىتىپ كەلدى . بۇ نىگارە ئىسىملىك قىز بولسا ، بىر چاغدا پەرمان ئايقەمەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئايرىلىپ كەتكەندە ، ئايقەمەر دىسكوخانىدا بۇ كىمۇ ؟ دەپ ئۇرۇشقان قىز شۇ . نىگارە پەرمان بىلەن بىر-ئىككى رومكا سوقاشتۇرىۋىتىپ ، بىر قول تانسا ئويناپ بىللە چىقىپ كەتتى .
پەرمان نىگارەنى ئىلىپ ، مىھمانخانىغا بىرىپ ئارامغا تەگدى . نىگارە ياتاققا كىرىپلا پەرماندىن :
- قاچان خوتۇنىڭنىڭ خىتىنى بىرىۋىتىسەن دەيمەن ؟ مىنىڭ ھىلىقى ئەسقەر دىگەن مابىتىم توي قىلايلى دەپ بىشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى . زادى قانداق قىلماقچىسەن ؟
- قايسى ئەسقەر ئۇ ؟
- ۋاي ، ھىلىقى قەدىرىيەنىڭ بۇرۇنقى مابىتىچۇ ؟
- قەدىرىيەنىڭ مابىتى . ئۇنداق ئادەم نىمىشقا قەدىرىيەنى ئالماپتۇ ؟
- نىمىشقا ئالمايتى ، بۇ بايقۇش ئۇنىڭغا توي قىلايلى دەپ بولغۇچە ، قەدىرىيە دىسكوخانىدا مەس بولۇپ قىلىپ ، ھىلىقى پۇلدار ئىمىن ھاجىمغا ئۇچراپ ، ئۇ ھاجىم ئۇنى ياتاققا ئاپىرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن كىچىچە ئىمىن ھاجىمغا تىگىل بولۇپ كىتىپ ، ئىمىن ھاجىم بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۆيىدىكىلەر جىدەل قىلىپ يۈرۈپ ، شۇنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتتى ئەمەسما ؟
- ئىمىن ھاجىم دىگەن ھىلىقى ، توپ كىيىم ساتىدىغان ، تويوتا ماشىنىسى بار ئاداش شۇغۇ .
- دەل شۇ ، ئەمدى ئىككى بالىسى تۇرۇقلۇق دىبالاردا قىز قوغلاپ يۈرۈپ ، ئاخىرى چوڭ خوتۇنىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، خىتىنى ئىلىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن قەدىرىيە بىلەن توي قىلدى .
- ھە ، جىڭ لاۋزىكەن ، ئىككى بالىسى بولغاندا ، يىشى ئوتتۇزدىن ئاشقاندا ، نىمە قىلىدۇ قىز قوغلاپ ؟
- شۇ ، ساڭا ئوخشاش ، يانچۇقىدىكى پۇلى جىم تۇرغۇزمىغاندۇ ؟ سەنچۇ ؟ قاچان ئا سەرالىق بىر نىمىنى قويىۋىتىسەن ؟ توۋا دەيمەن ، بىر چاغلاردا نەدىكى بىر تومپاي بىلەن ئارلىشىپ كەتكەنتىڭ ، بۇنىڭ تازىمۇ سۈيى يوق نىمىكەن دىسەم ، ئۇنى تاشلىۋىتىپ ، يەنە بىر ياۋايى سەرالىققا ئۆيلەنگىنىڭ قىززىقتە ؟
- ۋاي ، سەھرالىقنى دەيسەن ؟
- ھىلىقى ئايقەمەرمۇ ، كۈنقەمەر بىر نىمە بارتىغۇ ؟
- ھە ،ئايقەمەرنى دە ، ئىپلاس پاسكىنا ، مەن يوق چاغدا نەدىكى پەسەندىلەر بىلەن ئارلىشىپ ، غورۇرۇمنى ئۈركىتىۋەتتى .
- شۇ ، پەس دىگەن پەسنىڭ خىلى ، پەرمان . ئەمدى سەنمۇ ماۋۇ تىگى پەس ئايالىڭنى شۇنى تاشلىغاندەك تاشلىۋىتىپ ، ئاستا ئۆيگە ئەلچى كىرگۈزۈپ ،قائىدىسىنى قىلىپ توينى قىلىۋالساق بولاتتى ، ھىلىمۇ بەك سۆرەپ كىتىۋاتىسەن ، مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ ، ماۋۇ قورسۇقۇڭدىكى بالاڭنى قانداق قىلىمەن ؟
- شۇ ، جىنىم ، مەنمۇ ئالدىراۋاتىمەن ، سەن ئەتىگىچە دوختۇرخانىغا بىرىپ ،بالىنى ئالدۇرۋەت ، مەنمۇ ئاڭغىچە ماۋۇ يۈندا چىراي مەتۇ قانجۇقنىڭ خىتىنى بىرىۋىتىمەن . بولامدۇ ؟
- ئىشقىلىپ بەك سۆرەپ كەتمە . بولمىسا ئەسقەرگە تىگىمەن جۇمۇ .
- ما گەپنى ئىككىنجى قىتىم ئاغزىڭدىن چىقارساڭ ، ئىڭىكىڭنى چىقىۋىتىمەن جۇمۇ .
- ۋاي ، خاپا بولما ، مىنىڭ مۇشۇ ئاغزىمنى زە ....
ئىككەيلەن توي مەسلىھەتىنى قىلغاچ ئارامغا تەگدى . بۇ نىگارە دىگەن قىزمۇ ئەسلى تىببىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، ئەمما ، ئۇمۇ شازادەمدەك ئويۇنچى بولغاچقا ، ھەم ئائىلىسى ئىقتىسادلىق بولغاچقا ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇللارنى ئويۇن-تاماششاغا خەجلەپ ، دىسكوخانىمۇ دىسكوخانا قاتراپ يۈرۈپ ، پەرمان بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ ، ئەمدى ئۇمۇ پەرماننىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىدى . پەرمان ھازىر ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنى ، ئوماققىنە قىزى تورۇپمۇ تىخى بۇ تاماششالاردىن تىخى قايتمىغان ئىدى .
ھەي ، پەرمان ، پەرمان ، سىڭلىممۇ ھازىر بەش ياشلىق بالىغا ئۆگەي ئانا بولۇپ ، سەھرادا ياشاۋاتىدۇ ، سىنى دەپ چىن دوستۇڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى . لىكىن سەنچۇ ؟ تىخىچە غەپلەتتىما ؟ سەن قاچان ئەقلىڭنى تاپىسەن ؟ تىخى يەنە نومۇس قىلماي ، نارسىدە قىزىڭنى يىتىم قىلىپ ، ئايالىڭنى قويىۋەتمەكچى بولىۋاتىسەن ، پەرمان ، ئەمدى خاتا قەدەملىرىڭنى توختاتقىن . سىنىڭ سەۋەبىڭدىن ، بىغۇبار ، ئەقىللىق ، نىشانى ئىنىق ، ئۈمىد يارقىن ، گۈدەك ، ساددا ئايقەمەرمۇ جىنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى . ئۇنى بۇلغىغان ، ئۇنى بۇزغان ، ئۇنى نابۇت قىلغان سەن ئەمەسمىدىڭ ؟ باشقىلارمۇ سىنىڭ سىڭلىنى سەن باشقا قىزلارغا قىلغاننىڭ ئۆز ئەينى بىلەن قايتۇردىغۇ ؟ ئەجىبا مۇشۇلارمۇ سىنىڭ ئاشۇ غەپلەتتە قالغان روھىڭنى ، زىئىپلەشكەن ، ئۆلەمە جان بولۇپ قالغان ۋىجدانىڭنى ئويغىتالمىدىمۇ ؟
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە ، پەرمان يەنە مەس قايتىپ كەلدى . ئۇ كىرىپلا ھىپىزەمنى چاقىرىپ :
- ھىپىزەك ، ھەي ھىپىزەك، ئاناڭنى دىۋە قانجۇق ، تۇرە ئورنىڭدىن ؟
- ئەمدى كەلدىڭىزما ؟
- كەلدىڭىزما ؟ كەلسەم ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم ، ئۆزەمنىڭ ئۆيىگىمۇ كىلەلمەمتىم ؟ ياكى مىنى كەلمەيدۇ دەپ  بىرە ئاشناڭ بىلەن پۈتۈشۈپ قويغانما كۆڭلى پەس رەسۋا ، سىنىڭ ئىشىڭنى بۇزغان ئوخشىمامدىم ؟
- نىمانداق گەپ قىلىسىز ، يەنە ھاراق ئىچىپسىزدە .
- ھە ، ئىچتىم . سىنىڭ دەردىڭ جاننى قىيناۋاتسا ، ئىچمەمتىم . ئاناڭنى قانجۇق . ماڭە ، سۇيۇق سەلەڭ بىر نەرسە قىلىپ كىر . بول .
- بۇ كەچتە ، قازان-قومۇشنى داراڭشىتىپ يۈرسەم ، دادام ، ئانام ئويغۇنۇپ كەتمەمدۇ ؟
- قايسى داداڭ ، ئاناڭ . مىنىڭ دادام ، ئانام ئۇ .تولا پاسكىنا ئاغزىڭنى ئۇلارنى ئىسمىنى ئاتىما ؟ ماڭە ، تاماق ئىتە بولە .
- پەرمان ، ھازىر سائەت ئىككى بولغان تۇرسا ؟
- نىمانداق گەپ ئاڭلىمايدۇ ماۋۇ رەزگى ، ئەتمەمسەن ؟ ھە ئەتمەمسەن ؟ مانا ئەتمىگىنە قىنى ، ئىشت رەسۋا پاسكىنا . مانا ئەتمىگىنە ، ۋۇ ئەرگە رەھمى يوق ، باغرى تاش رەسۋا- دىگىنىچە ھىپىزەمنى دومبالاپ كەتتى . بىچارە ھىپىزەمنىڭ باش كۆزى يىرىلىپ تاراملاپ قان ئىقىۋاتاتتى ، ئەمما پەرمان پەيلىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس . بۇئايشەممۇ بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ يىغلاپ كەتتى . ئۆيدىن كۆتۈرىۋەتكۈدەك چىققان بۇ جىدەلدىن پەرھات بىلەن پەرىدەمۇ ئويغۇنۇپ پەرماننىڭ يىنىغا كىردى . ئۇلار ھىپىزەمنىڭ قانغا بويالغان يۈز-كۆزىنى كۆرۈپ :
- ھەي ، ئىشتنىڭ بالىسى گۇي ، نىمە كەچكىچە خوتۇنۇڭنى ئۇرۇپ ، ئۇنىڭغا زولۇم قىلىۋىرىسەن دەيمەن . ھە – دىدى پەرھات .
- شۇنى دەيمەن – دەپ ئەگەشتى پەرىدە – بۇ بىچارىنى مۇشۇنداق خورلاپ نىمە قىلماقچى سەن ، خاپا بولماڭە قىزىم ،تۇرۇڭە يارىڭىزنى تىڭىپ قۇياي . – خۇدىنى بىلمىگەن پەرمان ئاچچىقىدا ۋارقىراپ :
- ئا... ئەجەپ تويدۇم ، ئەجەپ تويدۇم . ماۋۇ قانجۇق تاماق ئىتىپ بەر دىسەم ئىتىپ بەرمىسە قانداق قىلىمەن ئەمىسە . خىتىنى بىرىۋىتەي دىسەم ئۇناشمايسەن ، زادى مىنى ئاچچىقتىن ئۆلتۈرەي دىگەنما ؟ گەپ قىلمىسام ، بىچارە سىڭلىمنى نەدىكى بىر نىنىنىڭ تىڭى يوق ، سەھرالىق نامرات ، گادايغا بىرىشتىڭ ، بىچارە سىڭلىم ھازىر يەر تىرىپ ، دىھقانچىلىق قىلىپ يۈرىيدۇ . مانىڭدەك قارا كۈچى بار ، پەسەندىلەر ماۋۇ شەھەردە يەتتە قات كۆرپىنىڭ تۆپىدە يىتىپ راھەت كۆرىۋاتىدۇ . مەن چىدىمىدىم ، مانىڭ بىلەن ئاجرىشىمەن . ئاجراشماي قويمايمەن زادى .
- ئاجرىشامسەن- دىدى پەرھات .
- ئاجرىشىمەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۆتسەم ، ئەجىلىم بىلەن ئۆلمەيمەنغۇ زادى .
- ماقۇل ، ئەتىلا بىرىپ ئاجراش ، مانا مەن داداڭ ، ئاجرىشىشىڭغا قوشۇلدۇم . ئەمما ئاڭلاپ تۇر ، ئاجراشساڭمۇ ، ھىپىزەم مۇشۇ ئۆيدە تۇرىدۇ ، سەن بۇ ئۆيدىن يوقىلىسەن . ساڭا ئاتا-ئانا ، خوتۇن-بالا لازىم بولمىغاندىن كىيىن . نەگە بارساڭ بار ، سەندەك بالاممۇ يوق . نىمە گۇناھ قىلغان بولغۇيتۇم ، سەندەك باغرى تاش ، خۇمسى گۇينىڭ دەردىگە تارتىقىلى .
- ماقۇل ، مۇشۇنىڭ دەردىنى تارتمايدىغان ئىش بولسا ، ھەممىگە ماقۇل دەي – دىدى پەرمان .
- ھەي ، جۇۋەينىمەك نىمە دەۋاتىسەن ؟ - دىدى پەرىدە .
- دادامنىڭ گىپىگە ماقۇل دىدىم . قانداق بولماپتۇما ؟
- تىخى داداڭدىن كەچۈرۈم سورىماي تەڭ تۇرىۋاتامسەن .
- كەچۈرۈم سورىغۇدەك نىمە قىلدىم مەن ، ھە قايسىڭ مىنىڭ مەيلىمگە باقمايلا ، بۇ پەسەندىنى ماڭا خوتۇن قىلىپ بىرىشسەڭ ، ئۇنىڭغا مەيلى دىدىم ، بۇنىڭ يا ئادەم خوش بولغۇدەك بىرە گىپى ، يا ئىڭەك يۈلەپ قاراپ ئولتۇرغۇدەك چىرايى بولمىسا ، يۈندا تەلەتنىڭ . ئاجراشماي قانداق قىلىتىم .
- بولدى ، خوتۇن گەپ قىلما ؟ بۇ بىچارە قىزغا ئۇۋال قىلىۋەرمەيلى . ھىلىمۇ ئىككى يىلدىن بىرى چىداپ كەلدى . قىنى مۇشۇ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ مىڭىپ پايدا ئالالىسا ماڭسۇن .
- لىكىن دادىسى ؟
-بولدى ، لىكىن ، پىكىنلىرىڭنى قوي . ئەتە بۇنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ ئاجراشتۇرىۋىتەيلى . – پەرھات شۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى . پەرىدەمۇ ئۇشۇق گەپ قىلمىدى . بەلكىم ئۇمۇ ھەدىسىلا ئازار يەپ ، دىلى پۇچلىنىپ كەتكەن ھىپىزەمگە ئىچى ئاغرىدىمۇ ئۈندىمەيلا چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى پەرمان سوتقا ئاجراشقىلى ئەرز سۇندى . سوتمۇ ئوزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ ، سوت ئاچقىلى ئىككەيلەننى چاقىردى . سوتچى پەرماندىن :
- ئاجرىشىشتىكى مەقسەت نىمە ؟ - دەپ سورىدى .
- كىلىشەلمىدۇق – دەپ جاۋاپ بەردى پەرمان .
- ئۇنداقتا ، قانداق تەلەپلەر بار ؟
- ئىشقىلىپ خوتۇنۇم نىمە ئالسا مەيلى ، ھەممىسىگە شەرتسىز ماقۇل دەيمەن . ئاجراشساملا بولدى .
- ئۇنداقتا  ھىپىزەم سىيت– سۆزىنى داۋام قىلدى سوتچى – سىزنىڭ قانداق تەلەپلىرىڭىز بار ؟
- سوتچى ، مىنىڭ ھىچقانداق تەلىپىم يوق . ھەم ئىرىمنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىگە قوشۇلىمەن . ھىچقانداق ماددى نەرسە ، پۇل تەلەپ قىلمايمەن . بىراق قىزىمنى ماڭا بۇيرۇپ بەرسەڭلا . مەن بىلىمەن ، مەن بىر لاياقەتسىز ئايال . مەن ئىرىمنى باشقىلاردەك سۆيەلمىدىم ، باشقىلار ئۇنىڭغا بەرگەن مىھىرنى ، چۈشۈنىشىنى ، بىر ئەرنىڭ ئايالىدىن تەلەپ قىلىدىغان ، روھىي ھەم جىسمانىي تەلەپلىرىنى قاندۇرالمىدىم – ھىپىزەمنىڭ ياشلىرى چاناقلىرىدىن سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى . پەرمان ئەمدى بۇ ئۈچۈنجى شەخس بار ، ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالدى ، ياكى ئىرىم مىنى ئۇرۇپ دۇمبالاپ خورلىدى دەپ شىكايەت قىلامىكى دەپ ئويلاپ تۇرغان پەرمان ، ھىپىزەمنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھەيران قالدى . ھىپىزەم يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى .
- ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ھالىغا يەتكەن بولسام ، باشقىلار بىر مىسقال بەرگەن مىھىر-مۇھەببەتتىن ئۇنىڭغا زەرىچە بىرەلىگەن بولسام ، ئۇنىڭ كۆڭلى مەندىن تامچە بولسىمۇ سۇ ئىچكەن بولسا بەلكىم بۈگۈن بۇ يەردە تۇرماس بولغۇيتۇق . مەن ئىرىمنى باشقىلاردىن تارتىۋالمىدىم ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىدىم ، شۇڭا سوتچى مىنىڭ بۇ داۋاغا ئۇشۇق تەلىپىم يوق . – ھىپىزەم ياشلىرىنى سۈرتكەچ پەرمانغا قاراپ :
- پەرمان ، مىنى كەچۈرۈڭ ، مەن ھەقىقەتەن سىزگە ياخشى ئايال بولالمىدىم ، سىزنىڭ خىزمەتلىرىڭىزنى تولۇق ، جايىدا قىلالمىدىم ، ئىككى يىللىق ئەر-خوتۇنلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ، مىنى كەچۈرسىڭىز . ئەمدى بۇندىن كىيىن ئۆيلەنسىڭىز يەنە پۇل لازىم بولىدۇ ، شۇڭا سىزدىن بىر پۇڭمۇ تەلەپ قىلمايمەن ، ھەم بالا بىلەن قالسىڭىز ،بەلكىم كىيىنكى تويىڭىزغا دەخلىسى بولۇپ قالىدۇ ، شۇ بالا ماڭا قالسۇن . سوتچى ، مىنىڭ گىپىم تۈگىدى . ئاجرىشىشىمىزنى تەستىقلاپ قويسىڭىز .
ھىپىزەمنىڭ گەپلىرىدىن پەرمان بىشىنى يەرگە چۈكۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ ئاددىي-ساددا ، ۋاپادار ، ئاقكۆڭۈل ،مىھرى ئىسسىق ئايالىغا قاراشقا پىتىنالمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر چاغلاردا قىلغان بارلىق گۇناھلىرى بىر-بىرلەپ زاھىر بولۇشقا باشلىدى . توغرا ، ئۇ نەچچە قىزلارنى بولغىدى ، ئۇلارنى دەپسەندە قىلدى ، ئەمما يەنىلا ھىچقايسىسىغا ئىرەن قىلىپمۇ كەتمىدى . باشقىلار ئۇ قىلغاننى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ سىڭلىسىنىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى . ئەمما بۇلارمۇ پەرماننىڭ زەئىپلىشىپ كەتكەن ۋىجدانىنى ، روھىنى ئويغىتالمىغان ئىدى . ئەسلى ھىپىزەم چوقۇم ئۇنى رەسۋايى ئالەم قىلىپ ، ئاندىن سوتتا بىر مەيدان جىدەل قىلىپ ئاجرىشىمەن دەپ ئويلىغان پەرمان ، ئەمدىلىكتە ھىپىزەمنىڭ سۆزلىرىدىن ، كۆزىدىن تاراملاپ ئاققان ياشىنى سەزمەي تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا چىن سۆزلەرنى قىلغان ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ، ھەتتا ھاياتىدىنمۇ ئايرىلغان ياسىن كەلدى . پەرماننىڭ شۇتاپتىكى ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلاتتى . ئۇ بىشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ھىپىزەمگە قارىدى . شۇنچىلىك رايىش ، ئىشچان ، ۋاپادار ، كۆيۈمچان بۇ ئايالدىن ئۇ قانداقمۇ ئايرىلالىسۇن ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ دىسكوخانىلاردىكى مۇھەببەتلىرى ئۇنىڭغا ھىپىزەم بەرگەن مىھىرنى بىرەلەرمۇ ؟ ئۇلارمۇ ھىپىزەمدەك ئۇنىڭ خورلىقىغا چىداپ تۇرالارمۇ ؟ ئۇلاردا ھىپىزەمدە بار سەۋر-تاقەت ، ۋاپادارلىق ، كۈيۈنۈش بارمۇ ؟ پەرمان بۇلارنى ئويلىماقتا ئىدى . كەچكىچە يۇندا چىراي دەپ تىللايدىغان ھىپىزەم ، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك جەزبىدار ، گۈزەل كۆرۈنمەكتە ئىدى .
- داۋاگەر ، سىزنىڭچۇ ؟ يەنە باشقا تەلەپلىرىڭىز بار ؟- سوتچى پەرماندىن سورىدى .
- سوتچى ، مەن ، مەن ، مەن .- پەرمان ياشلىرىنى سۈرتۈپ بولالماي كىكەچلەپ كەتتى ، ئۇنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە تۇرىۋالغاندەك ھىچ گەپ قىلالمايتى .- مەن ، ئاجراشمايمەن ، سوتچى ، مەن ئەرزىمنى قايتۇرىۋالىمەن . سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم . مەن ئاجراشمايمەن .
پەرماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھىپىزەممۇ ئۆزىنى تۇتىۋالماي يىغلاپ كەتتى ، ھەتتا سوتچىدىن تارتىپ سوتقا قاتناشقان زاستادىللارغىچە ھەممەيلەننىڭ كۆزى نەملەندى . پەرمانمۇ ئۈن-تىنسىز يىغلىماقتا ئىدى . سوت شۇ قەدەر سۈكۈناتقا چۈشتىكى ، پەقەت بورنىنى تارتقان ئاۋازدىن باشقا سادا چىقمايتى ...
  پەرمان ھىپىزەمنى ئىلىپ قايتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ بىللە كىرگىنىنى كۆرگەن پەرھات بىلەن پەرىدە ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ قالدى . ئىككىسىنىڭ كۆز قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .
- دادا، ئانا – پەرمان ياشلىرىنى ئىقىتىپ تۇرۇپ ، تىزلىنىپ ئۇلارنى چاقىردى – مىنى كەچۈرۈڭلا ، مەن خاتا قىلىپتمەن ، مىنى كەچۈرۈڭلا ، مەن ئىزىپتىمەن ، مەن ئىزىپتىمەن .
-ئورنىڭدىن تۇر ئوغلۇم – پەرھات بىلەن پەرىدە پەرماننى يۈلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى .
- مىنى كەچۈرۈڭلا ، مەن نادانلىق قىلىپتمەن ، مەن ئىزىپتىمەن ، دادا ، ئانا . پەرىشتە كەبى ئايالىمنى خورلاپ ئۇنىڭغا بىھىساب ئازارلارنى بىرىپتىمەن . مەن ئىزىپتىمەن . مىنى كەچۈرۈڭلا بولامدۇ ؟ سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي مىنى كەچۈرۈڭلا – پەرماننىڭ ئاۋازى ھەر بوغۇمدا بىردىن بوغۇلۇپ بوغۇلۇپ چىقماقتا ئىدى . پەرھات بىلە پەرىدەمۇ بۇ ئازغۇن بالسىنى ئاتا-ئانىلىق مىھرى بىلەن چىڭ قوچاقلاپ تۇرۇپ :
  - بولدى ، ئوغلۇم ، بىز چۈشەندۇق . ئاخىرى ئەقلىڭنى تىپىسەن ، ئاللاھقا شۈكرى بالام . ئەمدى بىزنىڭ بالىمىزغا ئوخشىدۇڭ . جىنىم بالام – پەرىدە ئۇنىڭ پىشانىسىغا يىنىشلاپ سۆيۈتتى . پەرمان يىنىدىكى ھىپىزەمگە قاراپ :
  - ھىپىزەم ، خوتۇن ، رەھمەت ساڭا ، مىنى كەچۈرگىن . مەن ساڭا ياخشى ئەر بولالمىدىم ، بالامغا لاياقەتلىك دادا ، ئاتا-ئانامغا ياخشى ئوغۇل بولالمىدىم ، مىنى كەچۈرۈڭلا ، مەن چوقۇم ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى ئورنىنى تولۇقلاپ ، چوقۇم ياخشى ئەر ، كۈيۈمچان دادا ، ۋاپادار ئوغۇل بولۇشقا تىرىشىمەن . ماڭا ئىشىنىڭلا ....
  ھىپىزەم پەرماننىڭ تۇنجى قىتىم ئۇنىڭ ئىسمىنى توغرا چاقىرىغىنىغا ، ھەم خوتۇن دىگىنىدىن ئالەمچە سۈيۈنۈپ كەتتى . ئۇ شۇتاپ ياشلىرىنى تۇتىۋالمايتى . ھەممەيلەننىڭ كۆزى ياشتىن قۇرىمايتى . ئەمما بۇ خوشاللىق يىشى ، بۇ ھەقىقىي بەختنىڭ يىشى ....
  پەرمان ھىپىزەم بىلەن يارىشىپ بۆلەكچىلا ئادەم بولۇپ كەتتى . ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدىغان ، قىزىنى كۆتۈرۈپ ئەركىلىتىدىغان ، ئايالى بىلەن كىچىلەپ مۇڭدىشىپ ، ئۇنىڭ بالىلىقلىرىنى قانماي ئاڭلايدىغان ھەتتا ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ كەتتى . بۇرۇنقى كەيپ ساپالىرىنى تامام تاشلاپ ،بارغانچە ھەقىقىي لاياقەتلىك ئەر بولۇپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى .
  بىر كۈنى ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ، تاماقتىن كىيىن ، بىردەم كىنو كۆرەي دەپ ، پلاستنكا ئىشكابىنى ئاختۇرىۋىتىپ ھىپىزەم يازغان كۈندىلىك خاتىرىنى كۆرۈپ قالدى . بۇ ۋاقىتتا ھىپىزەم چىنە-قاچا ، قازان-چۆمۈچلەرنى يۇيىۋاتقان ئىدى . پەرمان خاتىرىنى ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى :
  بۈگۈن توي بولدى ، مەن ياتلىق بولغان بۇ يىگىت شۇنچىلىك سالاپەتلىك ، كىلىشكەن ئىدى . قارىماققا ھەر ئىشقا ئىپى بار ، قولىدىن ئىش كىلىدىغان بالا ئىدى . ئىلاھىم مۇشۇ جۈپتى ھالالىم بىلەن ھەقىقىي بەختىمنى تىپىپ ، ئىككى ئالەملىك سائادەتكە ئىرىشسەم دەيمەن ....
بۈگۈن ئىرىم مەس كىلىپ ، مىنى ھىپىزەك دەپ چاقىرىپ ، ئاچچىقمنى بەكلا كەلتۈرىۋەتتى ، مەكتەپتىكى چىغىمدىمۇ باشقىلار شۇنداق چاقىرسا ، غەزەپتىن قۇيقا چىچىم تىك تۇرۇپ كىتەتتى . لىكىن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم ، چۈنكى بۇ مىنىڭ مەڭگۈلۈك ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم ئەمەسمۇ ؟ بەلكىم ماڭا ئىچى كۈيۈپ شۇنداق چاقىرغاندۇ ؟ ئەمما مەن ئۇنىڭ نىمىشقا ھاراق ئىچكىنىنى بىلمىدىم ، بەلكىم كۆڭلى يىرىمدۇ ؟ھەر نىمە بولسا خۇدايىم بىر كۈنلىرى ئىنساپ بىرە ....
   بۈگۈن ئەتكەن تامىقىمدا لازا جىق بولۇپ قاپتۇ ، ئىرىم مىنى لازا كۆرمىگەن پەس دەپ تىللىدى. بۇ مىنىڭ كۆڭلۈمگە بەكلا كەلدى ، چۈنكى مەن تاماقنى ئاچچىق يىيىشىكە ئامراق . بەلكىم ئۇ ئاچچىق تاماق يەپ كۆنمىگەندۇ ؟ ئەمما بۇندىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئاغزىغا تىتىغۇدەك تاماق ئىتىپ بىرىمەن .....
   بۈگۈن چۈشتە ، ئىسسىقىنا تاماق ئىتىپ ئىرىمنىڭ يىنىغا باردىم ، ئەمما ئۇ مىنى سىلكىپ ، ئەتكەن تامىقىمغا قاراپمۇ قويمىدى . بۇ شۇنچىلىك كۆڭلۈمگە كەلدى ، نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ مەن پۈتۈن زىھنىم ، مىھرىم بىلەن ئەتكەن تاماق ئىدى ، ھىچبولمىسا بىر قوشۇق بولسىمۇ يەپ قويسا بولمامدۇ ؟ مەيلى ، مەن چوقۇم ئانام دىگەندەك ئۇنىڭغا بارلىق مىھرىمنى ، مۇھەببىتىمنى بىرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشقا تېرىشىمەن ، چۈنكى ئۇ تەڭرىمنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىسى ، مەيلى قانداق بولسۇن ئۇنى چوقۇم قەدىرلىشىم كىرەك .....
   بۈگۈن ئىرىم مەس كىلىپ ، مەن بىلەن سوقۇشۇپ ، مىنى ئۇرۇپ كەتتى . ئۇ خۇددى دۈشمىنىنى ئۇرغاندەك مىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ كەتتى . تاياق شۇنچىلىك ئۆتۈپ كەتتىكى ، ھەتتا بۇرنۇممۇ قاناپ كەتتى . مىنىڭ مۇنداق ياشاشقا پەقەتلا رايىم قالمىدى . ئەمما مەن چوقۇم چىدايمەن ، تاكى ئۇ مىنى چۈشەنگىچە ، مىنىڭ مىھىرىمنى بىلگۈچە . ئانام ماڭا ياخشى كىلىن بولۇشنى ، ئىرىمگە سادىق ۋاپادار بولۇشنى ئىيتقان ئىدى . مەن چوقۇم سەۋر قىلىمەن . سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن .....
  بۈگۈن ئىرىم چۈشىدە نىگارە دەمدۇ ئىشقىلىپ بىراۋلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ جۈيلۈپ كەتتى . قارىغاندا بۇ ئۇ كۆيۈپ يۈرگەن قىز بولسا كىرەك . مەن بەكمۇ يارامسىزكەنمەن . ئىرىمگە ئاشۇ قىز بەرگەن مىھىرنى ، مۇھەببەتنى ، چۈشۈنۈشنى بىرەلمەپتىمەن . ئۇنىڭ مىھىرگە چاڭقاق قەلبىگە بىر تامچە بولسىمۇ مىھرىمدىن سۇ تىمىتالماپتىمەن . مەن چوقۇم تېرىشىپ ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ، نىگارە بىرەلمىگەن مىھىر-مۇھەببەتنى بىرىپ ئۇنىڭغا ياخشى ، ۋاپادار خوتۇن بولۇشقا تىرىشىمەن ....
  بۈگۈن ئىرىم يەنە مەس كىلىپ ، مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاجرىشىمەن دىدى . ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم . مەن زادى نىمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلمەيمەن ؟ نىمە ئۈچۈن شۇنچلىك تىرىشىپمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايمەن ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قۇيىمەن ؟ ئەمدى ئوماققىنە قىزىمنى يىتىم قىلارمەنمۇ ؟ قىينئاتا-قىينئاناملار ئارىمىزغا كىرىپ بىزنى ئەپلەشتۈرۈپ قۇيارمىكى دىسەم ، ئويلىمىغان يەردىن ، قىيىنئاتام ئۇنىڭ گىپىگە قوشۇلۇپ بىزنى ئاجراشتۇرىۋەتمەكچى بولدى . بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يىرىم بولدى . مەن ھەردائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئايلانسام ، ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇپ تاماقلارنى ئىتىپ بەرسەم ، ئۇنىڭ كىيمىگە كىر قوندۇرماي پاكىز يۇيۇپ ، دەزماللاپ ئۇنىڭ خىزمىتىدەبولسام دەيتىم . ئۇنى مىنى قوچاقلىشىشىنى ، مىھرى بىلەن كۆزلۈرۈمگە تىكىلىپ قارىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ، ھەم شۇ دەقىقىلەرنى كۈتۈۋاتاتتىم ، ھىچ بولمىسا ئۈمرۈمدە بىر قىتىم بولسىمۇ ، ئۇنىڭ مىنى ئوتلۇق مىھرى بىلەن قۇچاقلىشىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىتىم ھەم ئاللاھدىن تىلەيتىم . ئەمدى بۇلارنىڭ ھەممىسى توزۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرماقتا . خەير ، بەلكىم تەقدىرىمگە شۇ پۈتۈلگەندۇ ؟ چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم . چۈنكى ئۇ مىنىڭ باشپاناھىم ، قىزىمنىڭ دادىسى ئىدى . كۆڭلۈم ھەقىقەتەن يىرىم . بەكمۇ يىرىم ......
  پەرماننىڭ ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئىقىپ ، خاتىرىگە تامغىلى تۇردى . ھەر بىر قۇر سەترىدە ھىپىزەمنىڭ سىغىنىشلىرى ، ئازاپلىرى ، خوشاللىقلىرى ، پەرمانغا بولغان چەكسىز مىھىر مۇھەببىتى نامايەن ئىدى . پەرمان قاتتىق پۇشايمان بىلەن ياشلىرىنى تۈكۈپ تۇراتتى . شۇنچلىك ئازار ، خورلۇقلارنى كۆرگەن بۇ ۋاپادار ئايالىنىڭ بۇنچلىك سەۋر تاقىتى ، مىھىر ئىنايىتى ، ساداقىتى ئۇنىڭ بىر چاغلاردا قاياقلارغىدۇ يوقالغان روھىنى ، ۋىجدانىنى ئويغاتماقتا ئىدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن قىلغان خاتالىقلىرى بىر بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى . كارۋات ئۈسىتدە ياتقان ، مەيلى ئۆز مەيلى بىلەن ياكى پەرمان ئويقۇ دورىسى بىرىپ ئۇخلۇتۇپ قويغان قىزلارنىڭ نازىنىن تەنلىرى . ئۇلار بىلەن بىللە سوقۇشتۇرغان رومكىلىرى ، ئۇلارغا بەرگەن ئازارلىرى پەرماننىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ ئاغرىتاتتى . ياسىن خوندانىڭ ئۇنىڭغا دىگەن سۆزلىرى ، شىرىن سوخەن ئەينولۇقلىرى ، ئۇنىڭغا قىلغان چىن يۈرەكتىن چىققان نەسىھەتلىرى ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كىچىچە كىرپىك قاقماي ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىنمۇ ئايرىلغىنى پەرماننى يۈرەكلىرىنى پۇچلاندۇرماقتا . ئۇ ئۆكسۈپ ،ئۆكسۈپ يىغلايتى .
   ئاڭغىچە ھىپىزەم كىردى . ئۇ پەرماننىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ :
  - پەرمان سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟- دەپ سورىدى . پەرمان ھىپىزەمنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ ، يىغلاپ تۇرۇپ :
  - مىنى كەچۈر ، ھىپىزەم ، مىنى كەچۈر . مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلدىم . مىنى كەچۈر ، ساڭا ئورۇنسىز ئازار بىرىپ ، سىنى خورلاپ قويدۇم . ھەتتا مىنى دەپ نەسىھەتلەرنى قىلغان ، غىمىمنى يىگەن دوستۇمنىڭ جىنىغا زامىن بولدۇم . مىنى كەچۈر – پەرماننىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ ئاران ئاران سۆزلەيتى . ھىپىزەممۇ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ :
  - ھىچقىسى يوق پەرمان ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى . ھىچقىسى يوق .
  - مەندىن ئايرىلمىغىن ھىپىزەم ، گۇناھلىرىمنى يۇيغىلى پۇرسەت بەر بولامدۇ ؟
  - سىزدىن ئايرىلمايمەن ، مەن مەڭگۈ سىز بىلەن بىللە . سىز مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم . سىزدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايمەن . – ئەر-ئايال بىر-بىرىنى قوچاقلىپ ، يۈرەك سۆزلىرىنى ئىيتماقتا . ھىپىزەم مۇشۇ دەقىقىگە قانچىلىك ئىنتىزار بولغان ئىدى –ھە . مانا ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولدىمۇ ، پەرمان خاتالىقلىرىنى تونۇپ ئۇنى چىن مۇھەببەت ، ئوتلۇق مىھرى بىلەن قۇچاقلىماقتا ئىدى ...
   ئەتىسى پەرمان ئورنىدىن تۇرۇپ ھىپىزەمگە :
  - مەن يىقىن ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشكىلى بارىمەن ، بەلكىم بىر مەزگىل قايتالماسلىقىم مۇمكىن ، مەندىن ھەرگىز ئەنسىرىمەن . مەن چوقۇم قايتىپ كىلىمەن . ھەم مەندىن گۇمان قىلمىغىن ، سىنىڭ گۇمان قىلمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن . ماڭا ئىشەن ، خوتۇنۇم ، مەن چوقۇم ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىپ كىلىمەن .
   - زادى نەگە بارىسىز ؟
   - ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنىڭ بەدىلىنى تۆلىگىلى . مەن چوقۇم بۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشۇم كىرەك . بولمىسا ئۇ ئاغىنەمنىڭ ئۆمرى زايە كىتىدۇ .
  - نىمانداق سىرلىق گەپ قىلىسىز ؟
  - ئىشقىلىپ مەندىن ئەنسىرىمىگىن . مەن چوقۇم يىڭى بىر پەرمان بولۇپ قايتىپ كىلىمەن . مىنى كۈتكىن . مەن چوقۇم سىنى نائۈمىد قويمايمەن .
  - ماقۇل ، لىكىن بەك ھايال قالماڭ .
  - ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بولۇپ يىنىڭغا ئۈنىمەن . – پەرمان شۇنداق دىگىنىچە ھىپىزەمنى قوچاقلاپ ، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ ، ئۇنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ قويدى . ئاندىن ئاتا-ئانىسىغا يىنىغا كىرىپ :
  - دادا ، ئانا ، كەچۈرۈڭلا ، بۇ گەپنى سىلەرگە قانداق دىيىشنى بىلمەيمەن ، ھەم دىيەلمەيمەن . مەن بىر مەزگىل سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇم .شۇڭا مەندىن ئەنسىرىمەي ، دۇئالىرىڭلاردا ئىنسابىمنى ، ئامانلىقمنى تىلەپ قويساڭلا . مىنىڭچە مەنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قايتىپ كىلىمەن.
  - نەگە بارىسەن زادى – دىدى پەرھات .
  - دادا ، بۇنى سورىما . ئىشقىلىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدۈم ، ئەمدى ئۇنىڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئورنىغا ئەكىلەلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ شۇ خاتالىقلىرىمنىڭ بەدەلىنى تۆلىمىسەم بولمايدۇ . بولمىسا ئۆمۈرلۈك ۋىجدان ئازابىغا قالغۇدەكمەن .
  - مەيلى بالام . ئۆزۈڭ توغرا دەپ بىلىگىنىڭنى قىل . ساڭا ئىشىنىمەن . سەن ھازىر چوقۇم خاتا ئىش قىلغىلى بارمايسەن . شۇنچىلىك ئويلىيالىغان بولساڭ ، بوپتۇ بارغىن .
  - ماقۇل دادا، مەندىن ئەنسىرىمەڭلا . مەن ھايال ئۆتمەي قايتىپ كىلىمەن . – پەرمان ئاتا-ئانىسنى بىلەن خوشلۇشۇپ چىقتى . ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تۇرىشىغا ھىپىزەم ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ :
  - ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . چوقۇم بالدۇر قايتىپ كىلىڭ . بولمىسا ....
  - بولمىسا ، نىمە بولمىسا ؟
  - بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى قويمىسىڭىز بولماس .
  - نىمە ؟سەن يەنە .
  - شۇنداق ، بويۇمدا قاپتۇ . – ھىپىزەمنىڭ بۇ سۆزىدىن پەرماننىڭ كۆزىگە ياش ياماشتى . ئۇ ئايالىغا قاراپ تۇرۇپ :
  - ھىپىزەم ، مەن قاچان كىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن . ئەگەر ئۈلگۈرۈپ كىلەلمىسەم ، ئەگەر بالىمىز قىز بولسا ، قانداق ئىسىم قويساڭ مەيلى ، ئەگەر ئوغۇل بولسا ، مەيلى مەن بولاي ياكى بولماي ئۇنىڭغا ياسىن دەپ ئىسىم قوي .بولامدۇ ؟
  - ئىشىقىلىپ بالدۇر كىلىڭ . ئۈلگۈرۈپ كىلىڭ بولامدۇ ؟
  - مەن تېرىشىمەن. خۇداغا ئامانەت مەن كەتتىم . – پەرمان ھىپىزەمگە قىيالماي قەدەمدە بىر ئارقىغا قاراپ ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ماڭماقتا ئىدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا قايتقۇسى ، خوتۇنىنىڭ كۆتۈرۈپ خوشال بولغۇسى كىلەتتى ، ئەمما يەنىلا ئىغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ ماڭماقتا ئىدى .
  ئۇ شۇ ماڭغانچە ئۇدۇل يەكەنگە بىرىپ ، سىڭلىسىنى يوقلىدى . پەرغانە ئاكسىنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئۇنىڭغا داستىخان سالدى . ئاكا-سىڭىل قىزغىن پاراڭلاشماقتا ئىدى .
  - قانداق ، سىڭلىم كۆنۈپ قالدىڭمۇ ؟
  - ھەر ھالدا كۈنۈپ كەتتىم .
  - ھە ، بوپتۇ ، بالىلار خاپا قىلۋاتامدۇ ؟
  - ياق ، ئۇلار بىلەنمۇ ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم .
  - يولدىشىڭچۇ ؟
  - ئۇمۇ ياخشى . ھەر ھالدا ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئىلىپ ، يوق نەرسەمنى چاندۇرمىدىغۇ ؟
  - ھە ، بوپتۇ ، سىڭلىم ، ئەمدى رىسىق دىگەن شۇنداق نەرسىكەن . سەنمۇ ئەمدى تولا كاج تالىشىپ كەتمە . سەۋر قىل . دادامنىڭ يۈزۈڭنى مۇشۇنچىلىك يورۇق قىلىشىمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. ئەمدى نىمىلا دىسەك بىكار . نۇرغۇن خاتالىقلىرىمىزنىڭ بەدەلىنى ھامان تۆلىمەي قالمايدىكەنمىز . بوپتۇ سىڭلىم ، ئۆزۈڭنى ئاسراپ ، يولدۇشۇڭنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىل . ئەمدى كىيىنچە شەھەردە بىرە ياخشىراق ئىش ئوقەتنىڭ ئىپى بولۇپ قالسا ، ئاندىن شەھەرگە كۆچۈپ بىرىپ بىرە ئىش قىلارسىلە . بولامدۇ ؟
  - ماقۇل ، ئاكا . مەنمۇ كۆنۈپ قالدىم ، نۇرغۇن ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى . ھىلىمۇ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ئاتا-ئانامغا ئاز جاپا سالماپتىمەن . ئەمدى يەنە قانداقمۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرد قوشالايمەن .
  - توغرا دىدىڭ سىڭلىم . بولىدۇ ، مەنمۇ قايتاي ، يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار .
  - ئاران بىر كەلگەندە كەچلەپ ئەتە كەتسەڭ بولمامدۇ ؟ راس يەڭگەم ياخشىدۇ ؟
  - ياخشى ئۇكام . ئاللاھ خالىسا كىلەر قىتىم ، يەڭگە بىللە ئىلىپ نەچچە كۈن تۇرۇپ كىتىمىز . شۇ چاغدا كۆرىشەمىز .
  - ئاران بىر كەلگەندە ، تاماق يىمەي ماڭدىڭغۇ ؟
  - يەنە كىلىمەن . بولىدۇ ، خوش ، ئاللاھقا ئامانەت . ئۆزۈڭنى ئاسرا ، يولدىشىڭنى خىزمىتىنى بىجانىدىل قىل . بولامدۇ .
  - ماقۇل .
  پەرمان پەرغانە بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇدۇل قەشقەرگە بىرىپ ، ياسىن خوندانىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدى . ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ :
   - ياسىن ، ئامانمۇ سەن ئاداش . سىنىڭ ئالدىڭغا كىلىشتىن بەكمۇ خىجىل ئىدىم . ئەمما يەنىلا كەلدىم . ياسىن ، جىنىم ئاغىنەم ، مەن ھەممىنى چۈشەندىم ئاغىنەم ، مەن ئەقلىمنى تاپقاندا سەن يىنىمدا بولساڭچۇ ، ياسىن دوستۇم – پەرمان يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتى – نىمىشقا سىنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمىغان بولغۇيتۇم ؟ نىمىشقا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ سىنىمۇ بالاغا تىققان بولغۇيتۇم ؟ ياسىن ، جىنىم دوستۇم ، سىنى ئۆلتۈرگەن ، سىنىڭ قاتىلىڭ ئەسلى مەن ئىدىمغۇ ياسىن . مىنى كەچۈرەرسەنمۇ دوستۇم . نىمىشقا مىنى بۇنچىلىك دەرت ئەلەمگە تاشلاپ كەتكەنسەن ياسىن . سىنى قانچلىك سىغىنۋاتقانلىقىمنى بىلەمسەن دوستۇم . مىنى كەچۈرەرسەنمۇ دوستۇم . ياسىن ، جىنىم دوستۇم ، مىنى كەچۈرەسەنمۇ .....-پەرمان ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ :
  - ياسىن ئاداش ، مەن توۋا قىلدىم ، سەنمۇ مىنىڭ شۇنداق قىلشىمنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىڭ ، لىكىن مەن بۇنى قىلالىغاندا سەن يىنىمدا بولماي قالدىڭ . خەير دوستۇم ، مەن سىنىڭ قاتىللىرىڭنى تاپقىلى كەتتىم . سەن ئۆلىمىڭ بۇنداق ئەھمىيەتسىز ھەم ئىنىقىسز بولسا بولمايدۇ .خاتىرجەم ياتقىن . مەن يەنە كىلىمەن . روھىڭ ماڭا مەدەتكار بولسۇن . دوستۇم .
  پەرمان ياسىن بىلەن غايىبانە ئەسرالىشىپ بولۇپ ، ئۇدۇل ساقچىخانىغا بىرىپ ياسىن خوندانىڭ
دىلوسىنى بىجىرگەن ساقچىنى ئىزدەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى . ئۇ ساقچىغا بولغان ئىشلارنى ھەممىسى تولۇپ تاپشۇردى . ساقچىلار يا ماددى ئىسپات ، يا گۇۋاھچى يوق ، ئىنىقلىيالماي ، باستۇرىۋەتكەن ياسىن خوندانىڭ دىلوسىنى قايتا تۇرغۇزۇپ ، پەرمان تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىلىرىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تىزلىكتە دىلونى پاش قىلىپ ، جىنايەتچىلەرنى قانۇننىڭ ئالدىغا ئىلىپ باردى .
  سوتتا ياسىن قاتىللىق دىلوسىنى پىلانىلىغان ھىلى ئىككى قىزغا 20 يىللىق قاماق جازاسى ، ياسىن ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان 4 قاتىلغا ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسى ھەم ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى . پەرمانغا بولسا ، ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان ، پاھىشۋازلىق قىلغان ، شۇنداقلا جەمىئىيەت تەرتىپنى بۇزغان دەپ 2 يىللىق قاماق جازاسى بەردى . ئەمما ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ساقچىلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ دىلونى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىل كەچۈرۈم قىلىپ مۇددەتلىك بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلاپ پەرمان ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ :
  - ياسىن ، دوستۇم ، مەندىن رازى بولدۇڭمۇ ؟ قولۇمدىن كەلگىنى مۇشۇ بولدى . خاتىرجەم ياتقىن ، ئۇزۇنغا قالماي سىنى يەنە كۆرگىلى بارىمەن – دەپ نىدا قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ياسىننىڭ روھىمۇ ئەمىن تاپقاندۇ بەلكىم . چۈنكى ئۇ ئاغىنىسىنىڭ توۋا قىلىپ ، توغرا يولدا مىڭىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدى . خەير ياسىن . خاتىرجەم ياتقىن ، پەرمان سىنى نائۈمىدى قويمىدى . ئۇ چىن ۋاپادار ئايالى ھىپىزەمنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ھەقىقىي ئادەم بولدى . ئايقەمەرمۇ ھەم شۇنداق ، ئۇمۇ سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ تەربىيسى بىلەن ھازىر تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ ، نەتىجىلىرى يەنە ئەسلىگە كەلدى . ئۇمۇ ھەم ھاياتىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا . سەنمۇ ئەمدى خاتىرجەم ياتقان ، روھىڭ ئۇلارغا مەدەتكار بولسۇن ......
  داۋامى  بار......

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 01:04:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9- ئۈمىدلىك سەھەر
(خاتىمە)
   - ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار ، سىلەر بۈگۈن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇش ھاياتىڭلارنى غەلبىلىك تاماملاپ ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، بىز بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچىلار سىپىگە قىتىلىپ ، بىز بىلەن كەسپداش بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا سىلەر ، شۇڭا ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ، كۆڭۈللۈك ، مەنىلىك ، نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن – مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، دىپلوم ئىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەبرىكلەپ ئۇلارغا تىلەك تىلەۋاتاتتى . ئايقەمەرمۇ ئوقۇشنى غەلبىلىك پۈتتۈردى . نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ياخشى بولغانلىقتىن شەھەردىكى بىر قانچە مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغىمۇ كەلدى ، ئەمما ئۇ ھەممىسىنى رەت قىلىپ ، ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ ، ئۆز مەكتىپىگە يەنى ، زامانلاردا تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىممۇ ئۆزى تاللاپ ، ئىلتىماس قىلىپ كەتكەن ، بىر ئۆمۈر يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلغان شاپتۇللۇق مەكتىپىگە قايتىپ كەلدى . ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا سۈلھەت مۇئەللىم ئۇنىڭغا :
   - ئايقەمەر ، يارايسىز ، ئاخىرى مىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي ، تاغىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردىڭىز . ئوقۇش ھاياتىڭىزدا خىلى كۆپ قىسمەتلەرگە ، كۆڭۈلسىزلىك ، بىسىملارغا ئۇچرىدىڭىز ، ئەمما بەلكىم قىنىڭىزدا تاغىڭىزغا ئوخشاش ئىگىلمەس ، قەيسەرانە روھ بارمۇ ، ھەممىنى يىڭىپ ، يەنىلا كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يەتتىڭىز . بۇندىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ ، بۇنىڭدىنمۇ ئىسىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن ، ھەم بۇنىڭغا ئىشنىمەن . ئۇنۇتماڭكى : بىلىم ئارقىلىق ئىنسان ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتىدۇ ۋە ئاشۇرىدۇ . بۇ تاغىڭىزنىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى دەرىسىدە قىلغان سۆزى . ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ ...- سۈلھەت مۇئەللىم يەنە ئايقەمەر مەدەت ئىلھاملارنى بىرىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈردى . ئايقەمەرمۇ مۇئەللىمىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلاپ ، ئانا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ماڭدى . ئايقەمەرنىڭ نەتىجىسى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى ، ئاكىسى ئەلقەرلەر ئالەمچە سۈيۈنۈپ كەتتى . ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ، ئۇنىڭغا قىلمىغانلىرىمۇ ، ئىلھام ، مەدەت ، رىغبەتلىرىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى . ئايقەمەرمۇ بۇنىڭدىن ئالەمچە خوشال ئىدى ، ھازىر ئۇنىڭ بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلاشقا ، ئەسلەشكە ، ئەپسۇسلىنىشقا چولى يوق ئىدى . كۈنلىرىمۇ مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى . ئوقۇش باشلاشقا تىخى نەچچە ھەپتە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ ھازىر پۈتۈن زىھنى بىلەن دەرس تەييارلاۋاتاتتى . تۇنجى سائەتلىك دەرسنى قانداق ئۆتۈش ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قانداق تونۇشۇش ، ئۇلارنى قانداق ئىلھاملاندۇرۇش ، قانداق قىلىپ دەرسنى تىخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتۈش ، ۋە قايسى ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچىلار تىخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرىۋالىدۇ ... ئايقەمەر ھەممىنى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىپ ، ئۆزىگە خاس بولغان ئوقۇتۇش سەھىپىسى تۈزمەكتە ، شۇنداقلا رەھمەتلىك تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىمدىن قالغان بەزى ئوقۇتۇش قوللانملىرى ، ئۆز قولى بىلەن يىزىپ قالدۇرغان ، دەرس تەييارلىقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتىريالى ئىدى . ئۇ مەكتەپتە ئۆگەنلىرى ، ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرى ، ھەم تاغىسىنىڭ ماتىرىياللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تىخىمۇ ئىخچام ، مەزمۇنلۇق ، ئۆزلىشىشچان بولغان ئوقۇتۇش پروگراممىسى تۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كۈننىڭ قانداق چىقىپ قانداق پىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قىلىۋاتاتتى .....
   - پەرمان ، كىلەر ھەپتە تۈرمىدىن چىقساڭ بولىدۇ ، شۇڭا تەييارلىق قىلىپ قوي – دىدى تۈرمە ساقچىسى ، ئەمگەك مەيدانىدا ئىشلەۋاتقان پەرمانغا .
  - لىكىن ، باشلىق ، مىنىڭ كەلگىنىمگە ئەمدىلا 7 ئاي بولغان تۇرسا ، يەنە ، 5 ئاي بارغۇ ؟
  - يوقىرىدىن سىنىڭ ئىپادەڭنىڭ ياخشىلىقىنى ، ھەم كۆرسەتكەن تۆھپەڭنى كۆزدە تۇتۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بىرىشىنى قارار قىپتۇ ، شۇڭا چىققاندىن كىيىن ، خاتالىقىڭنى تونۇپ ، يىڭى بىر ئادەم بولۇشقا شۇنداقلا جەمىئىيەتكە قايتا چىققاندىن كىيىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭنى ئوبدانراق ئويلىشىپ تۇر .
  - باشلىق ، سىزگە دىسەم ، مەن خاتالىقىمنى تونۇغانلىقىم ئۈچۈن ، ھەم شۇ خاتالىقلىرىمنىڭ بەدەلىنى تۆلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئۆزۈم خالاپ كەلگەن . چىققاندىن كىيىن قانداق قىلىشىنى ئۆزۈم بىلىمەن .
  - ئۇنداقتا ياخشى . مەيلى نىمىلا بولسۇن ، ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال چوقۇم ئويلىشىپ قىل ، خاتا ئىشنى ئەمدى ھەرگىز قىلما . قارىسام ئۆزۈڭمۇ خىلى يامان ئەمەس بالىكەنسەن . كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھىچقانداق جىدەل قىلىپ باقمىدىڭ ، ياكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ باقمىدىڭ . شۇڭا مەنمۇ ساڭا ئىشىنىمەن .
  - بولىدۇ باشلىق ،دىگەنلىرىڭىزنى چوقۇم ئىسىمدە ساقلايمەن . ھەم دىگىنىڭىز بويىچە قىلىشقا تىرىشىمەن.
  - ياخشى ، ئەمىسە مەن بىرىپ سىنىڭ رەسمىيەتلىرىڭنى ئۆتەپ تۇراي . سەنمۇ تەييارلىق قىلىپ تۇر . بارغاندا ئۆيۈڭدىكىلەرگە سالام ئىيتىقىن .
  - ماقۇل .
   پەرمان قايتىپ ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇردى . ئۇ تۈرمىدە يىتىش جەريانىدا ھەر بىر خاتالىقلىرىنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ چىققاندىن كىيىنكى ئىشلىرىنى بىر-بىرمۇ ئەتراپلىق ئويلىنىپ پىلانلىغان ئىدى . دەسلەپتە يىڭى كىرگەندە ھەر بىر كامىردىكى يىڭى كەلگەنلەر تۈزىمى ئۇنىڭ زىتىغا تەگگەن بولسىمۇ ، باشقىلاردىن بىھۇدىلا تاياق ، دۇمبا يەپ ، بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىسىمۇ ، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ :
-بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ھەق . چوقۇم قوبۇل قىلىشىم كىرەك ، چۈنكى بۇ ئۆزۈم خالاپ ماڭغان يول . خاتالىقلىرىمنىڭ بەدىلى ئۈچۈن قوبۇل قىلىشىم كىرەك – دەپ خىتاپ قىلاتتى . ئۇ كۈندۈزى ئەمگەكتە ، كىچىسى خىيالدا ئىدى . ھەر خىيالىدا ساداقەتمەن ، ۋاپادار ئايالىنىڭ سىماسى پارلايتى ، ئۇنى ئەسلەيتى ، سىغىناتتى . قىزى بۇئايشەمنىڭ ئوماق قىلىقلىرىنى ، ئەركىلەشلىرىنى ئويلىغىنىدا كۆزلىرىگە ياش كىلىپ ، كۆزىدىن قانداق سىرغىپ چۈشكىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالاتتى . يەنە تىخى ئايالىنى يەڭگىگەنمىدۇ ؟ ئوغۇلمىدۇ ؟ قىزمىدۇ ؟ دەپ ئايالىدىن ئەنسىرەيتى ، تىخى دىدارىنىمۇ كۆرمىگەن ، ھەتتا قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلمەيدىغان بالىسىنى كۆرگۈسى كىلەتتى . بەزىدە تۈرمە تاملىرىنى تىشىپ بولسىمۇ چىقىپ كەتكۈسى كىلەتتى .
ئۇ خوتۇن-بالىلىرىنى ، ئاتا-ئانىسى ئەسلەپ بولغاندىن كىيىن ، ھەر بىر خاتالىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان داغلىرىدا پۇچلىناتتى . ھەر بىر خاتا باسقان قەدەملىرى يۈرىكىگە ئەلەملىك نەشتەرلەرنى سانجىيتى ، ئۇ قانداق قىلىپ بۇ خاتالىقلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشنى ئويلايتى . كۈندۈزلىرىمۇ بىشىنى كۆتۈرمەي ئىشلىگەچ ، يەنە شۇ خىياللار بىلەن بەند ئىدى . ئۇ ئاخىرى ئۆزى يۈز كىلەلمەيدىغان ئاشۇ ناتىۋان قىزلار بىلەن بىرمۇ-بىر كۆرىشىپ مەيلى ئۇلار كەچۈرسۇن ، كەچۈرمىسۇن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىماقچى بولدى . شۇڭا ئۇنى بىر تەرەپتىن ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش دەقىقىلىرى قىينىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ۋىجدان ئازابى ، ۋىجدان سورىقى ئالدىرىتاتتى . شۇ ۋەجىدىنمىكى ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا ، رەھبەرلىكنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇددەتتىن بورۇن قويۇپ بىرىشنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى .....
كۈن چىقتى . يەنە بىر نۇرلۇق قوياش بىلەن يىڭى سەھەر يورىدى . ئايقەمەرمۇ مۇشۇ ئىللىق ، پارلاق سەھەردە خىزمەت ھاياتىنىڭ تۇنجى كۈنىنى كۈتىۋالدى . ئۇ ناشتىدىن كىيىن ، ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلۇشۇپ ، ئاكىسى بىلەن بىللە مەكتەپكە ، خىزمىتىگە ماڭدى . ئاكىسىنىڭ دۇكىنىمۇ بازار ئىچىدە بولغاچقا ، مەكتەپ ئۇنىڭ ئۆتەر يولىدا ئىدى . ئۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ سىڭلىسىغا :
- سىڭلىم ، سەندىن بەكمۇ پەخىرلىنىۋاتىمەن . سەن ھەقىقەتەنمۇ تاغىمىزنىڭ روھىنى ئەمىن قىلدىڭ . تىخىمۇ تىرىشقىن . تاغىمىزنىڭ روھى ساڭا مەدەت بەرسۇن . سەن چوقۇم لاياقەتلىك ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولالايسەن . بارغىن سىڭلىم ، تۇنجى خىزمەت كۈنۈڭدە ، ياخشى بولغان نەتىجىلەرگە مۇۋەپپەق بولغىن .- دەپ سىڭلىسىغا بۇرۇنقىدەك مەدەت ، ئىلھاملارنى بەردى . ئايقەمەرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ، بىشىنى لىڭشىتىپ مەكتەپكە قاراپ كىرىپ كەتتى . ئۇ ئىشخانىسىغا كىرىپ دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چىلىنغىچە ، ئاخشام كىچىچە قىلغان تەييارلىقىغا يەنە بىر كۆز يۈگرۈتتى . تەييارلىق خاتىرىسىنى ئىچىپلا تۇنجى بەتكە يىزىلغان تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىمنىڭ شېئىرىنى كۆردى .
  مۇئەللىممەن
مۇئەللىممەن تۈندە يانغان شام چىراق،
نادانلىقنى خەلقىمدىن قىلىمەن يىراق .
مەرىپەت يولىدا چەكسەممۇ جاپا،
ئارزۇ ھەم نىشاندىن يانمايمەن بىراق.

مۇئەللىممەن بارلىقىم ئەۋلادقا پىدا،
مۇئەللىملىك بۇرچۇمنى قىلىمەن ئادا،
خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەيمەن چوقۇم،
باغۋەن بولۇپ خەلقىمنىڭ مەرىپەت بىغىدا.
ھەر بىر قۇر سەترىدىن ، ھەر بىر سۆز ، ھەرپتىن تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىمنىڭ كۈلۈمسىرىگەن سىماسى پارلايتى . خۇددى ئۇنىڭغا مەدەت بىرىۋاتقاندەك ، ئاجايىپ بىر سىھىرلىك ، ھەم مىھىرلىك نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىغايتى . ئايقەمەر تاغىسى بىلەن غايىبانە ئەسرالىشىپ :
  - تاغا ، خاتىرجەم يىتىڭ ، مەن چوقۇم ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن . چوقۇم سىزنىڭ ئىزىڭىزنى بويلاپ مىڭىپ ، سىز قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى ، ئۈمرۈم يەتكۈچە قىلىشقا تىرىشىمەن .- دەپ ئۆز-ئۆزىگە خىتاپ قىلاتتى . دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقىمۇ چىلىندى . ئايقەمەر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ، جاسارەت ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تىگىشىلىك ، تەبەسسۇم ، قىياپەت بىلەن دەرسكە ماڭدى ...
  بۇ ياقتا پەرمان بولسا نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ، تۈرمىدىكى سەبداش ، ساقچىلار بىلەن خوشلۇشۇپ ، يىڭى ھاياتىنى باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىدى . ئۇ بارلىق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولۇپ ، تۈرمە ساقچىلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ ، سىرتقا چىقتى .  يىڭى بىر كۈن ، يىڭى بىر سەھەر ئۇنىڭغا يىڭى بىر ھايات ، يىڭى بىر ئۈمىدنى بەخش ئەتمەكتە ئىدى . ئۇ سىرتقا چىقىپ كۆزىگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدى .  ئايالى ھىپىزەم ، يىنىدا قىزى بۇئايشەم ، قوچىقىدا ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولاي دىگەن ئوغلى ياسىن ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى . پەرمان قولىدىكى نەرسىلىرىنى تاشلىغىنىچە ، كۈيۈمچان ، ۋاپادار ئايالىنى ، بالىلىرىنى باغرىغا بىسىش ئۈچۈن ئۇلار تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى . شۇ تاپ پەرماننىڭ چاناقلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى ، ۋىسال ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجان كەبى سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى.......



                                    ئاپتورى : نۇرجان ئېلى كەتمەن

جېجياڭ يىۋۇ  .  قەشقەر  .  خوتەن  

2014-يىلى 7- ئۆكتەبىر


تۈگىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 01:05 AM  


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش