كېپىنەك بۇلۇپ ئۇچارسىز،
گۈل-غۇنچىگە قۇنارسىز.
غېرىپ بۇلۇپ قالسىڭىز،
مېنى ئەسلەپ قۇيارسىز.
سېرىق ھەرە توپلۇشۇپ،
تاللاپ يەيدۇ ئۈزۈمنى.
سەن مېنىڭ يارىم تۇرۇپ،
ئاڭلىمايسەن سۆزۈمنى.
دولان دەريا سۇلىرى،
بۇ يىل يەنە تاشقىدەك.
كىشىلەردىن ئاڭلىسام،
يارنىڭ كۆڭلى باشقىدەك.
ئېرىقتىكى لاي سۇنى،
باشلىمىغىن ئۇ قاشقا.
مەيلىڭ بولسا كەل يارىم،
ئۆمۈر بويى ئويناشقا.
ۋاي قاغىلار، قاغىلار،
تاغقا بارماي قايتىڭمۇ؟
ئۆزى كەتكەن نادانلار،
بىزنى يەنە تاپتىڭمۇ؟
يارىم كۆڭلەك كېيىپتۇ،
ياڭزا-ياڭزا تاۋاردا.
ئاخشاملىققا چىق يارىم،
سېنى كۈتەي تالادا.
ئەتلەس كۆينەك كېيىپسەن،
تۇپا قونمىسۇن دەيمەن.
ماڭا كەلگەن دەرد-ئەلەم،
ساڭا كەلمىسۇن دەيمەن.
ئاۋارىمەن، ئاۋارە،
يار دەردىڭدە ئاۋارە.
ماڭا قىيا باقمايسەن،
يۈرەك-باغرىم مىڭ پارە.
يالاڭباشتاق بولۇپ قاپسەن،
چىگەرگە ياغلىقىڭ يوقمۇ؟
غېرىپ-مىسكىن بۇلۇپ قاپسەن،
يۈرۈشكە ئامرىقىڭ يوقمۇ؟
مەن بۇ يەردە ناخشا ئېيتسام،
سەن ئۆيۈڭدە تىڭشايسەن.
سەن ئۆزۈڭ جۇۋان خۇتۇن،
قاچان قىزغا ئوخشايسەن.
تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ،
تام باستىمىكىن يارنى.
چىرايى سارغىيىپ قاپتۇ،
غەم باستىمىكىن يارنى.
دەردىڭنى ماڭا ئېيتساڭ،
سېنىڭ ھالىڭغا مەن يەتسەم.
ئۆزۈمنىڭ ئىلكىدە بولساڭ،
باياۋانلارغا ئېلىپ كەتسەم.
ئېگىز تاغقا مەن چىقىپ،
يول تېپىپ چۈشەلمىدىم.
چىرايىڭغا كۆيدۈم كۆپ،
ساڭا ئېرىشەلمىدىم.
يارىمنىڭ قارا چېچى،
چۈشۈپتۇ زاڭاقىغا.
يارنىڭ دەردىدە يىغلاپ،
ئۆلەيمۇ فىراقىغا.
قولىدا چىكەن ياغلىق،
يار كەتتى يىراقلىشىپ.
بىر سائەت ياتارمەنمۇ،
يار بىلەن قۇچاقلىشىپ.
يارىمغا ساراي سالسام،
گۈل بىلەن مۇنار سالسام.
ئۆزى بىلسە بولمامدۇ،
ھەر قانچە گۇناھ قىلسام.
قېشىڭىزنىڭ قارىسىنى،
قارا- خەتكە ئوخشىتاي.
ئەتە ئاخشام چىقمىساڭ،
خۇيۇڭنى كىمگە ئوخشىتاي.
بۇلبۇل سايرىدى كەتتى،
كاككۇك سايرىدى كەتتى.
سىز يارىمنىڭ دەردىدە،
يۈرىكىمگە ئوت كەتتى.
ئاق ئالمىنىڭ شاخلىرى،
ئېگىلىدۇ ئېگىز-پەس.
سىز يارىمنىڭ ئوتلىرى،
كۆيۈپ تۇرار پەسلىمەس.
باغدا ئالما شېخىدا،
بۇلبۇل تولا سايرايدۇ.
يارىم سىزنى كۆرگەندە،
يۈرەكلىرىم يايرايدۇ.
بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ،
تۆپىلىكى شايىكەن.
كېلىڭ يارىم ئوينايلى،
گۈلنىڭ تۈۋى سايىكەن.
ئاسماندىكى ئايىمسىز،
چەينەكتىكى چېيىمسىز.
دوڭبۇيى يېزا ئىچىدە،
تاللاپ سۆيگەن يارىمسىز.
ئېگىز تېرەك بويىدا،
بۇلبۇل ئويناپ سايرايدۇ.
سىزگە كۆيگەن يۈرەكتە،
چۈگۈن قويسا قاينايدۇ.
ئالما ئاتقۇم كېلىدۇ،
چالما ئاتقۇم كېلىدۇ.
يارىم بىلەن ئايرىلماي،
كۈندە ياتقۇم كېلىدۇ.
سائىتىمنىڭ چوڭ تىلى،
بەلگىلەيدۇ مىنۇتنى.
ھېچقانداق ئۈزەلمىدىم،
سىز يارىمدىن ئۈمىدنى.
ئۆيىڭىزدە مەرىگەن،
ئوغلاقمىدى، قويمىدى.
سىز بىزدىن قاچقان بىلەن،
سىزگە يۈرەك تويمىدى.
سۈزۈك سۇنىڭ تېگىدە،
ئالىچىپار تاش.
يۈرىكىمنى كۆيدۈرگەن،
جېنىم قارا قاش.
جىزىلگۈلنىڭ چېچىكىنى،
ئوتقا سېلىپ قۇرۇتاي.
سەن يارىمنىڭ گەپلىرىنى،
قانداق چاغدا ئۇنۇتاي
ئالمىلىق باغقا كېرىپ،
ئالما ئاتقان قارا كۆز.
تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ،
جاننى ئالغان قارا كۆز.