مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئىمكان

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلارنى دورا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57050
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بىزنىڭ يېزىقىمىز تېلىمىزنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ ،پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىدىلا سىلەر دىگەندەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇخىل ئەھۋاللارنى بىز كومپىيۇتۇرغا بويسۇنۇپ ئەمەس بەلكى كومپىيتۇرنى ئۆزىمىزگە  بويسۇندۇرۇپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47836
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:18:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز قولدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەبگا مىللەت ئەمەس، ياپونيە،كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز يىزىقىىنى كومپىيۇتىردا ئەينەن راۋان قوللىنالىغان يەردە بىز نىمىشقا قىلالمايمىز ،تىرىشساق بولىدىغۇ ،ئۆزىنىڭ  تىلىدىن ئاغىرنىىدىغان ،ۋاز كىچىدىغان بولمىغۇر ئىشلارنى قىلمايلى! ھازىرقوللىنىلۋاتقان ئۇيغۇر يىزىقىنى تىرىشىپ كومپىيوتىردا راۋان كەم-كۈتسىز چىقىرايلى!  ئەگەر  زادى مۇمكىن بولمىسا  مومكىن بولماسلىقتىكى ئاساس نەدە ،سەۋەپ نەدە كۈچلۈك ئىسپاتلارنى ئوتتورغا قويايلى، بولمىسا تىيىز بىلىم بىلەن ھىسىي قاراشلاربىلەن قالايمىقان جۆيلىمەيلى! بىزنىڭ ھازىرقى ئەرەپ يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقى ئۈچۈن تىرىشىپ باقايلى!

ئابدىراخمان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70920
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3186
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنى ئىلان قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:30:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    تېما ئىگىسىنىڭ قىلغان ئەجرى ھەرگىزمۇ شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز. لېكىن، بىر قانچە مۇنبەرداش ئېيتقاندەك، بىز زېھنىمىزنى، كۈچىمىزنى مۇشۇ كونا يېزىقىمىزنى كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسى قاتلام، ساھەلىرىدە نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان چارە ئۈستىدە ئىشلەتسەك ئانا تىلىمىز، ئانا يېزىقىمىز تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرامدىكىن دەيمەن. مەسلەن: چ چ دا يېزىقىمىز توغرا بولمايۋاتىدۇ دېمەكچى، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا بەل قويىۋەتمەي، شۇ چ چ دىمۇ ئۇيغۇرچىنى خۇددى مۇنبەردە بىۋاستە يازغاندەك قىلىش ئىمكانىيىتىگە كۈچەپ باقسىچۇ؟ ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ مېنىڭچە بىلىم ئىگىلىرى سەركىلىرىمىز بۇنى قىلىشقا تىرىشىدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:32:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىنتېرنېت تورىغا چىققاندىن باشلاپ،مۇشۇنداق ئۆلچەملىك لاتىن يېزىغى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.ئەمەلىيەتتە تىل قانۇنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن بولغان،ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرقى يېزىقىمىز بىلەن ئوخشاش ئىپادە قىلالايدىغان،ھازىرقى يېزىقىمىزغا يانداش قورال بولغان(ئورنىنى دەسسىمىگەن ئاساستا)مۇشۇنداق بىر لايىھەنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى بەكمۇ ياخشى،ئىجابى ئىش ئىدى.ئەمما نۇرغۇن دوستلىرىمىز مەقسەتنى زادىلا ئۇققىلى ئۇنىماي،قارىغۇلارچە قارشى چىقىۋاتىدۇ.مەنمۇ مۇنبەرلەردە مۇشۇنداق تالاش-تارتىشلارغا كۆپ ئىشتىراك قىلدىم،ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە كۆپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولساممۇ،يەنىلا كۆپلىگەن دوستلار بۇنى ھىچ ئويلانماستىنلا رەت قىلىش پوزىتسىيسىدە بولدى،قوللايدىغانلار يەنىلا ئاساسى ئېقىمنى ئىگەللىيەلمەي قېلىۋاتىدۇ.
مېنىڭچە مۇشۇ خىل تالاش تارتىشقا ئازكەم 10يىل بولدى،ئەمما ئايىغى چىقمىدى .بۇگۈن مۇشۇ تېمىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئايىغى چىقماس ئورۇنسىز تالاش-تارتىش بىلەن بىرنەچچە بەتكە بېرىپ ئاستا يوقىلىپ كېتىدۇ.بىز بۇيرۇققا ئۈگۈنۈپ كەتكەن خەق،ھۆكۈمەتتىن بۇيرۇق كەلمىسە،بېسىم بولمىسا،قانۇنلاشتۇرۇلمىسا بۇ لايىھەنى خەقكە پۇل بېرىپمۇ ئۈگىتەلمەيسىز،ھەرقانداق خەلق ئىچىدىكى تىرىشچانلىق پۈتۈنلەي بىكار!!!چۈنكى بىزدىكى ئاڭ سەۋىيە،دۇنيا قاراش تېخى شۇنچىلىك،ھېچكىممۇ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىگە بىۋاستە پايدا كەلمەيدىغان ئىشنى ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ(ئەمەلىيەتتە بۇ لايىھە ئومۇملاشقان بولسا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مىسلىسىز پايدىلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى).
گەرچە كۆپلىگەن ئادەملەر يېزىقىمىزدا مۇشۇنداق بىر يانداش قورالنىڭ بولىشىنى خالىمىسىمۇ،يەنىلا ئوتيۈرەك يىراقنى كۆرەر دوستلار،ئىلىم -ئىگىلىرى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
بۇ خىل يېزىقىنى ئىشلىتىشنىڭ پايدىسىنى باشقىلاردىن ئىزدەپ كۆرەيلى.ئەڭ ئاۋۋال خەنزۇچە يېزىققا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:خەنزۇچە يېزىق دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ تارىختا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنمىگەچكە دۇنيادا كېڭىيىش پۇرسىتى بولمايلا قالماستىن،ئۈگەنگۈچىلەرنىمۇ تازا قىززىقتۇرالمىغاندى،دۆلەت بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ،مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپسى تەشكىللەپ خەنزۇچە پىنيىن ئېلىببەسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى،ھەم بۇ لايىھىنى تېزلىك بىلەن كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇردى.مانا بىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز دۆلەتنىڭ خەنزۇ يېزىقىغا يانداش قورال سۈپىتىدە قوللانغان پىنيىن ئېلىبەسى مۇۋەپپىقىيەت قازاندى،خەنزۇچىنىڭ ئومۇملىشى،خەلقاراغا يۈزلىنىشى....ۋە باشقا تەرەققىياتلاردا زور رول ئوينىدى.ئەمما ئېسىمىزدە بولسۇن پىنيىن بىلەن خەنزۇچە خەت تەڭ مەۋجۈت بولۇپ بىر-بىرىنى تولۇقلىسىمۇ،ئەمما بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى دەسسىمىدى،چەتكە قاقمىدى.بۇ توغرىدا مۇشۇنچىلىك توختىلاي.
ئەمدى يەنە بىر دۇنياغا داڭلىق مىللەت يەھۇدىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى،نەچچەمىڭيىللاپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان،ئورتاق تىل-يېزىقىنى يوقاتقان بۇ مىللەت،تىل-يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە دۇنيادا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى نامايەن قىلدى،ئۇلار يوقىلىپ كەتكەن ئىبراي تىلى بىلەن يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى،ھەم دۆلەت تەۋەسىدە كېڭەيتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى،لېكىن ئۇلارمۇ لاتىن يېزىقىدىكى ئېلىپبەسىنى قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ ئىبراي تىلىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ لاتىن يېزىغى ئارقىلىق ئوقۇپ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى،بۇ يەھۇدىلارنىڭ ھەم ئەسلىنى ئۇنۇتمىغانلىقى ھەم دۇنيا مىللەتلىرى بىلەن ئىلغار مەدىنيەتتە  يۇغۇرلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھەم مۇۋەپپىقىيىتى.
ئەمدى ئۆزىمىزگە قايتىپ كېلەيلى:ئالدى بىلەن لاتىنچىنى ئىشلىتىش ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە زۆرۈر ئېھتىياجغا ئىگە ئىكەنلىگى ھەممىگە ئايان،ئەمما ھازىرقى ئەھۋالنى بىرقازان ئۇماچقا ئوخشاتساق بولىدۇ،ئىنتايىن قالايمىقان.
مۇشۇنداق بىر يېزىقنى تېزلىكتە ئۆلچەملەشتۈرۈپ،قېلىپلاشتۇرۇپ،ئومۇلاشتۇرۇش جەمئىيىتىمىزنىڭ جىددى ئېھتىياجى،بۇنى مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئىنكار قىلالمايدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق،بىز بىلەن تىل ۋە مەدىنيەت جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولغان،تەرەققىياتى بىزدىن ئىلگىرى كەتكەن قېرىنداش مىللەتلەردىن تۈرك،ئەزەربەيجان،ئۆزبېك،تاتار،تۈركمەن......قاتارلىق مىللەتلەر ئاللىقاچان ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن يېزىق ھالىتىگە كىرىپ بولدى.ئۇلار تىل بىلەنلا ئەمەس يېزىقتىمۇ ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى،بۇ دۇنيا مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخىدا يۈزلىنىش بولۇپ شەكىللەندى،بۇ يەردە ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.ئۇچۇر-تېخنىكىدا باشقا ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان مىللەتنىڭلا چىقىش يولى بولىدۇ.بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە قوللىنىشىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزدىكى يېزىق قالايمىقانچىلىغىنى تۈزەتسە،يەنە بىر جەھەتتتىن بىزنىڭمۇ خەلقاراغا يۈزلىنىپ،پەن-مەدىنيەت،ئالاقە جەھەتلەردە ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزگىگە تونۇتۇشتا،باشقىلارنىڭ بىزنى چۈشۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن.ھىچ بولمىغاندا ھازىرقى يانفون ئۇچۇرى،كومپيېتىر خەت ئالاقىسى،ماركا-پاتېنت ئىلتىماسى،ئۇيغۇر مىللى تاۋارلىرىنىڭ خەلقارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ھەم ھەل قىلىدۇ،خەنزۇچە ئوقۇپ ئويغۇرچىنى قەتئى بىلمەيدىغان ئىككىنچى ئەۋلات يولداشلارنىڭ ئۇيغۇرچىدا ساۋاتسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا....ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى تېمىدىن ئېشىپ كەتسە بولماس،مۇشۇنچىلىك قايناپ تۇراي،قالغىنىنى باشقىلار سۆزلىسۇن.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

14قەۋەتتىكى(Suchi) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

      مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ پايدىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن. ئىنكاسىڭىز كۆپ دەپ ئويلىسىڭىز يەنە بىر قەۋەتكە يازسىڭىز بولىدۇ. قانچە كۆپ سۆزلىسىڭىز بىزنىڭ ئالىدىغان «نەپ»لىرىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئىنكاسىمنى يېزىپ بولۇپ، ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بەزى جەھەتكە يۈزەكى قارىغاندەك بولۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. تېمىغا داۋاملىق نەزەر سالاي. توغرىنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.
بولسا بۇ قوشۇمچە لاتىنچە قوللىنىشنىڭ كونكىرىت پايدىسى ۋە رولى جەھەتتە ئېنىقراق دەلىلەرنى كۆرسەتسىڭىز، قاتقان مۇتەسسىپ كاللىمىز ئېچىلىپ قالغۇسى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7962
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8422
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2966 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلا! مىنىڭچە يىزىق  ئۆزگەرتىش بولسا ئازراق قولايلىق ئىلىپ كەلگەندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئەجداتلار بىلەن ئەۋلاتلار ئارىسىغا توساق پەيدا قىلىدۇ.ئويلايلى دادىسىنىڭ گىپىنى چۈشەنمەيدىغان بالىنى نىمە دەيمىز؟ بىز ئەجداتلار يىزىق ئارقىلىق ئالاقىلىشالمىغانلىقىمىز بىزگە نىمە ئاھانەتلەرنى ئىلىپ كەلمىدى؟ بۇنى ئۇنتىمايلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47836
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 09:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش  خاتا !

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا، بىزدە جايىللار يەنىلا باركەن ، ئەمەلىيەتتە بۇ تېمىدا تەكىتلىگەن بويىچە يېزىقىمىزنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھىچقانداق زىيىنى يوق، مەن يەنە سۇچى نىڭ پىكىرلىرىنى تامامەن قوللايمەن ، مەنمۇ يىلدىن ئاشتى ئۇيغۇر لاتىن يېىزىغىنى يەنى ULYنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەندە سۆزلەردە تەلەپپۇزمۇ جايىدا بولىدىكەن ، ئەسلىدىكى دائىم قوللىنىپ كېلىۋاتقان پىنيىنچە يېڭى يېزىقتا بولسا ،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ بەكلا خاتا بولىدۇ . يەنە كېلىپ ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا مۇنبەرلەردە ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە يېزىقلىرىمىز بىلەن ئۆزئارا بىر بىرىگە ئايلاندۇرغاندىمۇ ئىملادا ھىچقانداق خاتالىق كۆرۈلمەيدىكەن.
مەنمۇ بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى كۆپ كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم، بىراق بۇلاردا جايىللىق يەتكۈچە بار ، قەستەن قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ ،گەپ قىلىڭ دېسە كۆپ يېزىق ئالماشتۇردۇق يەنە ئالماشتۇرساق ئاق بولىدۇ ، كۆك بولىدۇ دېيىشنى بىلىمىز، دېمىسىمۇ  بىز كۆپ قېتىم يېزىق ئىسلاھاتىغا دۇچ كەلدۇق، مەن جېنىمدىمۇ بۇ بۇراندىن مۇستەسنا ئەمەسمەن. ئەگەر قولايلىق ئەپلىك بولسا جايىللىق قىلماي قوللانغىنىمىز، كۆپ تەشۋىق قىلغىنىمىز ياخشى ، يەنە بىر گەپ، نۇرغۇن قېتىم دۇچ كەلگەن يېزىق ئالماشتۇرۇشلارنى قوبۇل قىلدۇق ،ئەمدى بۇنىمۇ ئاخىرقى قېتىم قوبۇل قىلغىنىمىزنىڭ پايدىسى بولسا باركى زىيىنى يوق .......

http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئازىراق بالدۇرلۇق قىلدۇ.بىز ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىز بولغانلىغى ئۈچۈن يېزىقىمىز باردەپ باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىمىز،مەدىنيتىمىز تېخىمۇ گەۋدىلىندۇ.ئەگەر بۇ كونا يېزىقتىن ھازىر ۋاز كەچسەك مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەسلىكى مومكىن.لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى يىڭى يېزىق قوللانساق بىزنىڭ مەدىنيتىمىز نىڭ بۇگۈنىلا قالىدۇ.كونىسنى باشقىلار ئىتراپ قىلمايدۇ.ئۇ چاغدا بىزنىڭ ھەممە نىمىىمىز تەڭلا بەخىتسىزلىككە ئۇچرايدۇ.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش