ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 26قەۋەت attirgul كە 2011-12-22 11:37 PMئەۋەتىلدى :
بەزىلەرنىڭ چۈشەنچىسى يەنىلا توغرا ئەمەسكەن ، بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى(يەنى مانا مەن يېزىۋاتقاان بۇ كونا يېزىقنى) ئىشلەتمەيمىز دېگەن گەپ ئەمەس ، بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر يېزىقىمىز،بۇنى ھەرگىز تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ ، گەپ مۇشۇنىڭغا يانداپ ئىشلىتىپ كېلىۋتقان يەنى 60- يىللاردىن باشلاپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان يېڭى يېزىقىمىزنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەن يېڭى ئۇيغۇر لاتىن (ULY) يېزىقىنى يانداپ ئىشلىتىمىز دېمەكچى .... ئۆز ئادەملىرىمىزگە ئۆز يېزىقىمىزدا ئۆز پىكىرلىرىمىزنى چۈشەندۈرۈش نىمانچە تەس!!!!!!!!!!!!!!
ئەسلى چۈشەنمىگەن سىزكەنسىز ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان نۇختا شۇكى ، كونا يىزىق يىڭى يىزىق دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت نەرسە بىز مۇشۇ مۇنبەرگە يىزىۋاتقان يىزىقتىنلا ئىبارەت ، بىز ھەممە يەردە ( قەغەزگە ،كومپىيۇتىرغا يەنە بىر نىمىلەرگە...) ئەجداتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىل ئىشلەتكەن ھەم ئەۋلاتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىل ئىشلىتىدىغان يىزىقتا خەت يىزىشىمىز كىرەك ، ھەرگىز قوشۇمچە ئۇ چە بۇ چە دەيدىغان يىزىقلارنى ئارلاشتۇرماسلىقىمىز كىرەك ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن تەس ئىش بولمايدۇ ، بولمىسا قايسى تەس كەلسە يەنە بىرىنى تاشلىۋىدىغان ئىش چىقىدۇ ....