ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت Eltekin كە 2011-12-22 09:40 PMئەۋەتىلدى 14قەۋەتتىكى(Suchi) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ پايدىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن. ئىنكاسىڭىز كۆپ دەپ ئويلىسىڭىز يەنە بىر قەۋەتكە يازسىڭىز بولىدۇ. قانچە كۆپ سۆزلىسىڭىز بىزنىڭ ئالىدىغان «نەپ»لىرىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئىنكاسىمنى يېزىپ بولۇپ، ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بەزى جەھەتكە يۈزەكى قارىغاندەك بولۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. تېمىغا داۋاملىق نەزەر سالاي. توغرىنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.
بولسا بۇ قوشۇمچە لاتىنچە قوللىنىشنىڭ كونكىرىت پايدىسى ۋە رولى جەھەتتە ئېنىقراق دەلىلەرنى كۆرسەتسىڭىز، قاتقان مۇتەسسىپ كاللىمىز ئېچىلىپ قالغۇسى.
مەن پىكرىمنى ئاساسى بار دەپ قارىغان خوراز،ئەلتېكىن،ئەتتىرگۈل...... قاتارلىق دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن.ھەمدە يەنىلا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىۋاتقان دوستلارنىڭمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمى مۇلاھىزە قىلىشلىرىنى ئۈمۈت قىلىمەن(شەخسەن پىكرىم).
1-ئۇيغۇرچىنى لاتىنچىدە ئىپادىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇپ،بۇ ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەس،بەلكى ھازىرقى لاتىن يېزىقىدا ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەمسىز ئىپادىلەۋاتقان قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشتۇر.قېنى كىممۇ بىز لاتىنچىدىن مۇستەسنا ياشىيالايمىز دەپ ئوتتۇرغا چىقالايدۇ.يانفون ئومۇملاشقان مۇشۇ 10يىل مەبەينىدە،ھەممە يانفون ئۇچۇرىدىن خالى ياشىيالماس بولدى،يانفون ئۇچىرىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقىنى دىمەيلا قويايلى،ئەمما بۈگۈنكى كۈندە قايسى بىرىمىز ئۇيغۇرچىنى ھەقىقى ئىپادىلەپ تولۇق مۇكەممەل ھالەتتە ئۇچۇرلىشىپ باقتۇق؟!ھېيت بايرام بولسا تېلېفونلىرىمىز توختىماي سايراپ ئۇچۇر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ،ئېچىپ قارىساق تۇڭگانلار يازغان خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ياكى لاتىنچە 26 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن،ئىپادىلەش مۈمكىن بولمايدىغان جايلىرىنى خەنزۇچە بىلەن يازىلغان ئەبجەش ئۇچۇرنى كۆرىسىز.ئەجىبا مۇشۇنداق قولايسىزلىقلارغا يول قويۇپ قاراپ تۇرساق تۇرىمىزكى،كۆپلىگەن 《مىللەتپەرۋەرلىرىمىز》 مۇشۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتە قاتتىق جاھىللىق قىلىپ،ئالىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.ئەمما تىرىشچانلىق ھەرھالدا بىكارغا كەتمىدى،ئۆلچەملەك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا ئېچىلغان تور بەتلىرىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە،مەسىلەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇشۇ يېزىقتىكى نۇسخىسى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈشىۋاتىدۇ،بۇندىن باشقا چەتئەللەردىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار،ئالىم ئەدىپلەر ئوتيۈرەك ياشلار ئاچقان ئۇيغۇرچە توربەتلىرىمۇ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ ئولچەملىك نۇسخىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ،مەقسەت ئۇيغۇرچىنى لاتىنچىدا ئىپادىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇشتۇر.
2-دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا،بىزدەك دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قالغان مىللەت ئۈچۈن،مۇشۇنداق بىر يېزىق قورالىنى ۋاستە قىلىش،بىز بىلەن دۇنيانىڭ ئارىلىغىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.(يۇقۇردا بىر ئىنكاستا بۇنى تولىمۇ خاتا چۈشىنىپ،ئەگەر بۇ يېزىق قوللىنىلسا كېيىنچە دادىسى بىلەن بالىسى ئۆزئارا سۆزلىشەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەنمەمدۇ دەپتۇ،كۈلكىلىك گەپتە بۇ،بۇ يەردە تىل ئۆزگەرتىشنىڭ گېپى بولىۋاتقىنى يوق،ئەكسىچە تىلىمىزنىڭ ساپلىغىنى،مۇكەممەللىگىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،ھازىرقى ئۇيغۇرچىنى لاتىن يېزىقىدا ئۆلچەمسىز ئىپادىلەشنى تۈزىتەيلى دىمەكچىغۇ ).ھازىر ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر (لاتىنچىدىن قىلچە خەۋىرى يوقلىرىمۇ)ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىغا لاتىنچىنى ئىشلىتىدۇ،ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ؟ئىشلەتمىسە بولمامدۇ؟بۇ يەردە مەسىلە ئۇنداق ئاددى ئەمەس.بىز دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ماددى مەدىنىيىتىنى،ناملىرىنى پەقەت لاتىنچە ئارقىلىق تونۇيمىز،لاتىنچە دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىدىكى بىر كۆۋرۈك،قورال.بىز ئۆمۈر بويى باشقىلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ ئۈگۈنۈپلا ئوتسەك بولماس،بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللى مەدىنىيەت مەۋجۇتلىغىمىزنى دۇنياغا بىلدۈرمىسەك بولماس،ئۆزىنى تونۇتۇشنى بىلمىگەن مىللەتنى ھىچكىم تونۇشنى خالىمايدۇ.تونۇتۇش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ۋاستە،قورال بولۇش كېرەكتۇ؟مۇشۇ قوراللار ئىچىدە يېزىق ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدۇ.ئارىمىزدىن كىممۇ موڭغۇلچە،زاڭزۇچە يېزىلغان خەتلەرنى تونۇيدۇ؟مەسىلەن بىر ئۇيغۇر زاڭزۇچە ئۈگەنمەكچى بولسا،ئەگەر ئۇلاردا يېزىقىنىڭ لاتىنچىدا ئىپادىلەش بولمىسا،بىز ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈشتە قىينىلىمىز.مەسىلەن مېنىڭ بىز خەنزۇ خىزمەتدىشىم ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشكە بەل باغلىدى،ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىبەسىنى ئۈگۈتۈشكە توغرا كەلسە بىر يىل ۋاقىتمۇ يەتمەيتتى،مەن ئۇنىڭغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىنچىسىنى ئۈگۈتۈپ قويدۇم،ئۇ بىر ھەپتىدىلا ھەرپلەرنى تولۇق ئوقۇپ يازالايدىغان بولدى،كېيىن مەن خام سۆزلەرنى شۇ يېزىقتا يېزىپ بەردىم،بۇنداقتا ئۇ مەن بولمىساممۇ خام سۆزلەرنى بىمالال ئوقۇپ يادلاپ ئۈگىنەلەيتتى.ئۇ قىسقىغىنا 3 ئايدا ئۇيغۇرچە ئاددى سۆزلىشىشنى ئۈگىنىۋالدى.مەن ئوقۇۋاتقان چەتئەل تىلى كۇرسىدىكى گېرمانىيىلىك ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇرچىنى ئۈگۈنۈش ئارزۇسى بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ،بىز ئۇنىڭغا ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسىنى توردىن چۈشۈرۈپ بەردۇق،ئۇ ئادەم بىر كۈندىلا بۇ ھەرپلەرنى تولۇق ئوقۇيالايدىغان بولدى،كېيىن ئۇ مۇشۇ ئېلىپبەنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرچىنى تېزلا ئۆگەندى.ئۇ ھازىر لاتىنچە يېزىقتىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ئارىلىيالايدۇ،بۇ بىر قالتىس ئىش بولدى.ھازىر ئۇيغۇر(ئازساندىكى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان قازاق،قىرغىز،تاجىك)دىن باشقا كىممۇ ئۇيغۇرچە ئەڭ چوڭ تور بېتى بولغان مىسرانىمنى زىيارەت قىلىدۇ؟ئەگەر مىسرانىممۇ تەڭرىتاغ تورىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۇيغۇر لاتىنچە،ئۇيغۇر سىلاۋيانچە يېزىقلىق نۇسخىسىلىرىنى يولغا قويسا ئىشىنىمەنكى بۇ تورنىڭ ھەجمى قىسقا ئارىلىقتا زورىيىپ كېتىدۇ(مۇشۇ يەردە شۇنى دەپ قويغۇم كەلدى،ھازىر ئۇيغۇرچە يېزىق بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىر كونۇپكا بىلەنلا ئۆرۈيدىغان،ئۇيغۇرلار ئىختىرا قىلغان يۇمتاللار بار.مەسىلەن ئۇيغۇر ئېدىت يۇمتالى سىزگە ياردەم قىلالايدۇ،مەسىلەن مۇشۇ ئىنكاسىمنى شۇ يۇمتالغا چاپلاپ بىر كونۇپكىدا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا پۈتۈن مەزمۇنى بىلەن بىر سېكوننتتا ئۆزگەرتەلەيمەن).داۋامى بار.....