ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 26قەۋەت attirgul كە 2011-12-22 11:37 PMئەۋەتىلدى :
بەزىلەرنىڭ چۈشەنچىسى يەنىلا توغرا ئەمەسكەن ، بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى(يەنى مانا مەن يېزىۋاتقاان بۇ كونا يېزىقنى) ئىشلەتمەيمىز دېگەن گەپ ئەمەس ، بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر يېزىقىمىز،بۇنى ھەرگىز تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ ، گەپ مۇشۇنىڭغا يانداپ ئىشلىتىپ كېلىۋتقان يەنى 60- يىللاردىن باشلاپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان يېڭى يېزىقىمىزنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەن يېڭى ئۇيغۇر لاتىن (ULY) يېزىقىنى يانداپ ئىشلىتىمىز دېمەكچى .... ئۆز ئادەملىرىمىزگە ئۆز يېزىقىمىزدا ئۆز پىكىرلىرىمىزنى چۈشەندۈرۈش نىمانچە تەس!!!!!!!!!!!!!!
مەنمىغۇ بۇ خىل يانداشلىقنى چۈشىنىۋاتىمەن . ئەمما بۇنى بىراقلا يۈزگۈزىش، ئېيتىلغاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس . ئاۋال ھەر قانداق بىر ئىسلاھقا قارىتا چوقۇمكى شۇنى ئالدىن تۇتقا قىلىدىغان ، ئاندىن كىيىن تەشۋىق قىلىدىغان ئاۋانگارت قۇشۇن كېرەك بولىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىگە خاسلا كۆز قاراش ۋە شۇ مىللەتكىلا ئەڭ پايدىلىق تېگىدىغان مەنپەئەت . ئەمما ئېتىقادى ، ئىمانىي بارلارغا ، يەنى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغانلارغا بۈگۈنلىكتە سەل ياخشى بولمىغان مەۋقەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . ئاخىرى بېرىپ دىن ۋە دىنسىزلىقتىكى كىشىلەر ئارىسىدا چوڭ تالاش - تارتىش يۈز بېرىدۇ .
دېمەكچىمەنكى ، ئۇيغۇرلار تەرەققىياتتا ، ھەر ساھەدە بىر پەللىگە يەتسۇن ، ئاندىن بۇ خىل يانداش يېزىققا ئۆزىچىلا ئىشتاھا قىلىدۇ - دېمەكچىغۇ ئەمدى .