مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بىر قانچە شەھەرلەردىكى ساياھەت خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2879
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 4715 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 12:16:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بىچارە مۇئەللىم  ساياھەتكە چىقمىقىڭىز ھەجەپمۇ تەسكە توختاپتۇ ھە!  ھازىر ساياھەتنىڭ ئەڭ ئەرزان پەسلى ،بولسا كېلەر يىلى مۇشۇنداق ۋاقىتتا جەنۇپنىمۇ كۆرۈپ كېلىڭ ،بولسا شاڭگاڭ ئاۋمىننىڭ يول خېتىنىمۇ ئېلىپ بېرىپ كېلىڭ،باشقىچە يەڭگىللەپ قالىسىز.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48441
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 12:29:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياھەت جەريانىنى شۇنداق قىزىقارلىق،ئەمەلىي ،چۈشىنىشلىك تىللار ئارقىلىق بايان قىپسىز، ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەشنامەن..

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 02:55:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 01:12:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹كارخانىچى›› دېگەن ئاتالغۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق،ئۇ ئۆز ئالدىغا شىركەت ياكى زاۋۇت قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەرنى كۆرسۈتىدۇ.كارخانىچى نوقۇل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقىلا تايانسا روناق تاپالمايدۇ.ئۇ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنى سېتىپ چىقىرىپ كىرىمگە ئېرىشىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سېتىش جەھەتتىكى  ھەمكارلاشقۇچىلارغا مۇھتاج بولىدۇ.رادىل ئابلادەك ھەم ئۆزى  مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ھەم ئۆزى تاللا بازىرى ئېچىپ مەھسۇلاتىنى سېتىپ چىقىرىپ  كارخانىسىنى بىر ئوبدان باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان قابىللاردىن قانچىسى چىقىدۇ دەيسىز؟! مانا بۇنداقلارنى ھەقىقى كارخانىچى دەيمىز.كارخانىچى روناق تاپىمەن دەيدىكەن بازارنى تەتقىق قىلىشى،بازارنى چۈشىنىشى،بازاردا دائىم سېتىلىپ تۇرىدىغان،سېتىلىشى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.مەسىلەن: كۈندىلىك ئىستىمال بويۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش دېگەندەك.
‹‹مەبلەغ سالغۇچى›› بولۇشمۇ ‹‹ھوقۇق كىرىمى››گە ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىىرىنىڭ بىرى ئىكەن.قانداق كىشىلەرنى مەبلەغ سالغۇچى دپ ئاتايمىز؟ مەبلەغ سالغۇچىغا تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك كىشىلەرنى مىسال ئېلىپ كۆرسەتتى.بىرى ناھايىتى كۆپ پۇلىنى ئەڭ ئىشەنچلىك بانكىغا ئامانەت قويۇپ ھەر ئايدا ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستىمالىغا سەرىپ قىلىدىغان كىشىلەر.كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا يىتىپ ئاشقۇدەك ئۆسۈم كىرىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن  ناھايىتى كۆپ پۇلى بولۇشى كېرەك ئىكەن.بۇنداق غايەت زور پۇل نەدە تۇرۇپتۇ؟غايەت كۆپ پۇلى تۇرۇپ ئۇنى بانكىغا ئامانەت قويغاندىن كۆرە ئىستىقباللىق كارخانا ،شىركەت،زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا،دۇنياۋى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىىنى سېتىۋېلىپ پايچىك بولۇپ پاي سودىسىغا مەبلەغ  سالغاننىڭ پايدىسى كۆپ بولىدىكەن.ئۇندىن باشقا بانكا ئاچسىمۇ بولىدىكەن.چۈنكى بانكىدىن ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىپ يېگەندىن پۇلىنى يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرىز بېرىپ ئۇنىڭ پايدىسىنى خەشلىگەننىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن. لېكىن بىزنىڭ جۇڭگۇدا بۇ ئاقمايدىغان يول.ھۆكۈمەت ئۆزى بانكا ئاچقىنى بىلەن شەخسىلەرنىڭ بانكا ئېچىشىنى قوللىمايدۇ.يۇقارقى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ھەممىلا ئادەمدە ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل بولمايدۇ-دە؟
-        ئۇنداقتا پۇلى يوقلار ھىچ ئىش قىلالمامدۇ؟
-        پۇلى بولماي تۇرۇپمۇ ‹‹ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشكىلى بولمامدۇ؟!
-         بولىدۇ!
-        قانداق قىلىش كېرەك؟
-        ئەقىل پاراسىتىنى ،پەمىنى،بىلىمىنى،قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ پۇلدالار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.
مەسىلەن داڭلىق شىركەتلەرگە كىرىپ بازارلىق مەھسۇلات لاھىيەلەشكە ،ئىجاد قىلىشقا قاتنىشىش، داڭلىق مال ساتقۇچى بولۇپ سېتىپ چىقىرىشقا ھەمكارلىشىش،خېرىدار جەلىپ قىلىش،پۇلى بار لېكىن يولى يوق،پۇلىنى نەگە؟ نىمىگە؟ مەبلەغ سېلىشنى بىلمەيدىغان  پۇلدالار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارغا ئەقىل يول كۆرسۈتۈپ زور مەنپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا مەبلەغ سالدۇرۇش،بۇ ئىشتىن  پۇلدارنىمۇ ئۆزىنىمۇ بەھرىمەن قىلىپ پۇل مەبلەغ سالغۇچى بىلەن تەڭ نىسبەتتە ياكى مەلۇم نىسبەتتە ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.بۇ ئەقىلنىڭ جەۋھىرى ۋە ئەمىلى ھاسىلاتى سۈپىتىدە نىيۇسكىن شىركىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ  سېتىش خادىمى بولۇپ تەيىنلىنىپ  ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىىرىشىپ بېرىشكە قاتنىشىشنىڭ ئۆزىمۇ  ئەقلىنى ۋە قابىلىيىتىنى مەبلەغ سېلىپ  ھوقۇق كىرىمىگە ئېرىشىشنىڭ قىممەتلىك پۇرسىتى ئىكەن.‹‹ھوقۇق كىرىمى ›› ‹‹ئەمگەك كىرىمى››دىن ئەۋزەل ئىكەن.ئەمگەك كىرىمىدە ئەمگەكتىن توختىغان ياكى ئۆلگەندىن كېيىنلا كىرىم ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن.ھوقۇق كىرىمىدە بولسا شۇ شىركەت مەۋجۇد بولۇپلا تۇرسا ھوقۇق كىرىمى ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن.ئەمەت ئۆلسە بالىسى سەمەت بۇھوقۇق كىرىمىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىۋېرىدىكەن.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 01:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئەمگەك كىرىمىگە ئېرىشىشنى خالامسىز ياكى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات داۋاملىشىدىغان ھوقۇق كىرىىمىگە ئېرىششىنى خالامسىز؟ بۇ سىزنىڭ كاللا ئىشلىتىشىڭىزگە،ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ دانىشمەنلەرچە ياكى ئانچە  كاللا ئىشلەتمەيلا ئادەتتىكى كىشىلەرچە تاللىشىڭىزغا باغلىق ئىش  ئىكەن.لېكسىيەدە بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك  مۇنداق بىر ھىكايە  مىسال تەرىقىسىدە  تىلغا ئېلىندى:
مەلۇم بىر شەھەردىن يىراق چەت  تاغلىق يۇرتتا بىر توپ كىشىلەر ياشايدىكەن.ئۇلارنىڭ ئەڭ رۇشەن قىيىنچىلىقى سۇ مەسىلىسى ئىكەن.سۇ ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن پىيادە ماڭغان كىشىگە يېرىم كۈنلۈك يىراقلىقتا ئىكەن.كىشىلەر ھەركۈنى ئەتىگەندە سۇ ئالىدىغان چېلەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئەشۇ يىراق جايغا بېرىپ سۇ ئېلىپ كېلىشىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.دېمەك بىر قېتىم سۇ ئېلىپ كېلىشكە بىر كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.كۈنلەردىن بىر كۈن يۇرت ئاقساقىلى بۇنداق ئاۋارىچىلىق تارتىۋېرىشتىن كۆرە سۇ ئەكىلىدىغانلار بىلەن توختاملىشىپ سۇ ئەكەلگۈزۈپ بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلماقچى بوپتۇ.ئىككى كىشى كېلىپ توختامغا قول قويۇپتۇ.ئۇلار دەسلەپ ئۈچ يىللىق توختام تۈزۈپتۇ.بۇلارنىڭ بىرى ھېلىم،يەنە بىرى سېلىم ئىكەن.ئىش باشلانغاندىن كېيىن ھېلىم دەل ۋاقتىدا ئىشقا چۈشۈپ ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇشقا كىرىشىپتۇ.لېكىن سېلىم كۆرۈنمەپتۇ.ھېلىم پۈتۈن تىجارەتنىڭ ئۆزىگە قالغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇۋېرپتۇ.كېيىن يېتىشىپ بولالمىغاندىن كېيىن ئوغلى ۋە تۇققانلىرىدىن بىر ئىككىنى ياندىۋېلىپ داۋاملىق سۇ توشۇپتۇ.ئۇ كىرىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ قار-يامغۇر،بوران چاپقۇنلارغا پەرۋا  قىلماي ئۆز خىزمىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىۋېرىپتۇ.
ئەمدى سېلىمغا كەلسەك، ئۇ نامرات ئەمما ئەقىللىق، تەدبىرلىك كىشى ئىكەن.بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي يىراقنى كۆرىدىكەن.ئۇ سۇ مەسىلىسىنى ھېلىمدەك ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇپ ئەمەس بەلكى، سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى بېكىتىپ تۇرۇبا ئارقىلىق سۇ باشلاپ كېلىپ ئۈزۈل -كېسىل ھەل قىلىش يولىنى تاللاپ يۇرتتىكىلەرنى كېچە كۈندۈز، بىمالال سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرمەكچى بوپتۇ.لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى  نۇرغۇن مەبلەغ كەتكەننىڭ سىرتىغا ئۆلچەش سىزىش خىزمىتى، يەر كولاپ تۇرۇبا ئورنىتىش خىزمىتى ...دېگەندەك نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقى كۆپ خىزمەتلەر يولنى توساق بولۇپ توسۇپ تۇرغان ئىكەن.سېلىم قەتئى نىيەتكە كېلىپ ئالدى بىلەن بىر مەبلەخ سالغۇچىنى ئىزدەپ تېپىپ  ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ئىشقا مەبلەغ سېلىشقا كۆندۈرۈپتۇ.ئاندىن مەلۇم ئۆلچەش- سىزىش شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ سۇ مەنبەسىدىن ھېلىقى يۇرتقىچە بولغان ئارىلىققا تۇرۇبا ئورنىتىپ  سۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغنى ھېساپلاتقۇزۇپلا قالماي يەنە قۇرۇلۇش چېرتىيوژلىرىنىمۇ سىزدۇرۇۋاپتۇ.ئاندىن يەنە بىر تۇرۇبا ئورنىتىپ سۇ يەتكۈزۈش شىركىتىنى ئىزدەپ تېپىپ بۇ ئىشقا تەكلىپ قىلىپ ئەكەپتۇ.بۇ شىركەتتىكىلەر ئىشچىلار ۋە زامانىۋى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھېلىقى سۇ مەنبەسىدىن تارتىپ سۇ ئىشلەتكۈچى يۇرتقا شۇنداقلا ئۇنىڭغا خوشنا بولغان ئوخشاشلا سۇ قىيىنچىلىقى بار بولغان باشقا يېزىلارغا سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىپ قۇرۇلۇشنى 4-5 ئايدا تاماملاپتۇ.پۈتۈن چىقىمنى ھېلىقى مەبلەغ سالغۇچى تەمىنلەپتۇ.سېلىم بولسا ئىش ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەر،سۈپەتلىك،ۋاقتىدا  تاماملىنىشى،خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ساقلىىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نازارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ.سېلىمنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى تاماملانغۇچە سەككىز ئايغا يېقىن ۋاقىت كېتىپتۇ.سېلىم پۈتۈن قۇرۇلۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن يېزىدىكىلەرنى ئۆزىنىڭ ھېلىمنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ھەم ئەرزان سۈپەتلىك بولغان سۈيى بىلەن تەمىنلەشنى باشلاپتۇ.ھېلىممۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي داۋاملىق ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇۋېرىپتۇ.ھەتتا يەنە نەچچە ئادەمنى قوشۇپ ياللاپ ئادەم كۆپەيتىپ سۇ توشۇۋېرىپتۇ.ئۇ قانچە غەيرەت قىلسىمۇ بىر كۈندە پەقەت بىر قېتىملا سۇ ئەكىلەلەيدىغان بولغىنى ئۈچۈن يېزىدىكى خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماي قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن خېرىدارلىرى بىر –بىرلەپ سېلىم تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ ياللىغان ئادەملىرىگە ئىش ھەققى بېرەلمەيلا قالماي ئۆزىمۇ ئىشسىز قاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ سېلىم تۇرۇبا سۈيى شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ.ئۇ ھېلىمدەك ھەر كۈنى سۇ توشۇپ قىينالمىسىمۇ ئادەم ياللاپ ئايدا بىر قېتىم سۇ سائەتلىرىنى تەكشۈرپ سۇ ھەققىنى يىغىۋالسىلا قالغان چاغدا يېتىپ يىسىمۇ پۇلى ئېشىپ تېشىپ تۇرۇدىغان بوپتۇ.سېلىم كۈنلەردىن بىر كۈنى كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن ھېلىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپتۇ.ۋە ئۆز شىركىتىگە خىزمەتچى قىلىپ ياللىۋېلىپ ئۇنىڭغا قايتا ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ.
ئەخمەتجاننىڭ لېكسىيەسى جەريانىدا  مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ھۆرمەت پەيدا بولدى.لېكسىيەسى تۈگىگەندىن كېيىن ئايپۇنۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ يېنىغا بارىم ۋە سۈرەتكە ئېلىۋالغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم.ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:
-مۇنداق قىلايلى،سۈرەتكە بىللە چۈشەيلى،بىزنى باشقىلار تارتىپ قويسۇن!     -دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بىرگە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق.
ئەخمەتجان بەكلا ئالدىراش ئىكەن،مۇشۇ يەرگىمۇ بىر سائەتچە ۋاقتىنى تەستە چىقىرىپ كەلگەن ئىكەن.ئۇ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئابلەتجان ئىسىملىك يەنە بىر ياش مۇئەللىم بىزگە داۋاملىق دەرىس سۆزلەپ بىزنىڭ ئىككى كۈندىن كېيىن ئايرۇپىلان بىلەن شاڭخەيگە قاراپ ئۇچىدىغانلىقىمىزنى، شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توپتىن ئايرىلىپ بېشىمىز قايغان پۇتىمىز تايغان يەرلەردە يۈرمەي قەشقەرنىڭ ئىككى ناھىيىسىدىن بارغانلار بىر ئۆمەك بولۇپ دائىم بىرگە يۈرۈش،شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان مېھمانخانىلاردا يېتىش، شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان تاماقلارنى يىيىش،شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان دەرس ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پايدىلىق چۈشەنچىلەرنى بەردى.ئۇنىڭىن باشقا يەنە شاڭخەي رايۇنى پۈتۈنلەي خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولغىنى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى ۋە مۇسۇلمانچە يىمەكلىك تاپماق تەس ئىكەنلىكىنى بىز بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان مېھمانخانا بىلەن ئۇيغۇرچە ئاشخانا بار جاي ئارىلىقى 150كىلومېتىرچە كېلىدىغان بولغاچقا بىر قېتىم بېرىپ تاماق يەپ كېلىش ئۈچۈن تاماق پۇلىدىن باشقا 200يۈئەنچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى بۇنىڭغا ۋاقىت ،شارئىت ۋە ئىقتىساد يار بەرمەيدىغانلىقىنى شۇڭا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن ئارماننىڭ توقاچ نانلىرى،قۇرۇق مىۋىلىرى،مۇراببالىرى ۋە تەييار چۆپلىرىدىن بىر ھەپتە يەتكۈدەك  كۆپرەك ئېلىۋېلىشمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.بىز:
-شىركەتتىن تاماق بەرمەمدۇ ؟
دەپ سورىساق ئۇ:
-شىركەتتىن تاماق بېرىدۇ.بېرەلەيدىغىنى پەقەت توسەن مىپەن ،ئۇ تاماقلارنى شاڭخەيدىكى تۇڭگانلار ئاچقان چوڭ ئاشپۇزۇللاردىن ئەكىلىپ بېرىمىز.بۇ قېتىمقى شاڭخەيدىكى تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە پۈتۈن شىنجاڭدىن بارىدىغان سىلەردەك كۇرسانتلار 500دىن ئاشىدۇ.بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنى ھەر قېتىم يىراقتىكى كىچىككىنە ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ ئەكىلىپ تاماق يىدۈرۈپ بولۇشقا ۋاقتىمىز يار بەرمەيدۇ.بارغاندا بىلىپ قالىسىلەر پائالىيىتىمىز بەكمۇ زىچ،بەزىدە ھەتتا تاماق يىگۈدەك ۋاقىتمۇ چىقىرالماي ئاپتۇبۇستا تاماقلىنىدىغان گەپ.شۇڭا ئىدىيەڭلاردا تەييارلىق بولسۇن.
داۋامى جىددى  يېزىلىۋاتىدۇ.چۈشتىن كېيىن يەنە يوللايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-18 01:53 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 02:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DAPTUDGK.jpg


بۇ شېئىرنى مەلۇم بىر چچ توپىدىكى دوستۇم يوللاپتىكەن،مۇنبەرداشلار بىلەن بىرگە ھوزۇرلىناي دەپ يوللۇدۇم،بۇ مۇنبەردە ئوقۇتقۇچى دوستلارمۇ ىېلى بارغۇ دەيمەن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 05:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكسىيەدىن كېيىن  كېچە سائەت 11دىن ئېشىپ قالغان بولغاچقا چۈشكۈنىمىزگە قايتىپ ئارام ئالدۇق.
مەن بۇ بىر يېرىم كۈنلۈك پائالىيتىمزدىن يۇقارقى خاتىرىلەرنى يېزىۋېتىپ ئاندىن ئارام ئالدىم.(ئەسىلىدىكىسى قىسقىچە مەزمۇن ئىدى.كېيىن كېڭەيتىپ تولۇقلاندى.)
2-ئاينىڭ 1-كۈنى چاھارشەنبە
ئۈرۈمچى تەسىراتلىرى:
ئاخشام چۈشكۈنىمىزگە  قايتقاندىن كېيىن بىزنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ قالغان خىزمەتدىشىمىز گەپ ئارىلىقىدا ‹‹تۇمارىس مېھمانخانىسى›› ھەققىدە يېڭىلىق بىر گەپ قىلىپ بەرگەن ئىدى.بۇ مېھمانخانا باشقا مېھمانخانىلاردىن ئۆزگىچە ئىكەن.ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن  سەككىز يېرىملارغىچە مېھمانخانىغا چۈشكەن مېھمانلارنى بىر ۋاقلىق ئالى ناشتىلىق بىلەن تەمىنلەيدىكەن.ناشتىلىققا تەييارلانغان يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ كىم نىمىنى قانچىلىك يىيەلىسە ئىختىيارى ئىكەن،ھىچكىم چەك قويميدىكەن،لېكىن بەك كۆپ ئېلىۋېلىپ يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويسا بولمايدىكەن.شۇ يەردە ئولتۇرۇپ قانچىلىك يېسىڭىز بولىدىكەن،لېكىن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى قويمايدىكەن.قىزىقىپ سورىدىم:
-بىز كىرەلمەيمىزمۇ ؟
-كىرەلەيمىز !
-ياتاقتا يېتىشقا تىزىملىتىپمۇ؟
-ياتاقتا يېتىش ھاجەتسىز،ئۇلار سىرتنىڭ ئادەملىرىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.پەقەت ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 20يۈئەنگە يېقىن پۇل تۆلىسەكلا كىرىپ ئەزىز  مېھمانلار قاتارىدا بىر ۋاق ئالى ناشتىلىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز.
-ياخشى گەپ ئىكەن.ئۇنداقتا ئەتىگەنلىككە بىزنى باشلاپ چىقىڭ .ئۆز كۆزىمىز بىلەن بىر كۆرۈپ تۈرلۈك ئىسىل تائاملاردىن  تازا بىر ھوزۇرلىنىپ چىقايلى.
شۇ نىيەت بىلەن ياتقاچقا ئەتىگەندە سائەت ئالتە بىلەنلا ئويغۇنۇپ كەتتىم.ھەمراھلىرىمىز قاتتىق ئۇيقۇدا ئىدى.چاقىرساممۇئويغانمىدى. پەقەت ئۆي ئىگىسى ئابدىغېنى بىلەن  مەن بىلەن بىرگە كەلگەن شوپۇر دوستىمىز باۋدۇن ئويغىنىپ سىرتقا چىقىشقا تەييارلاندى.بىز كىيىملىرىمىزنى كىيىپ يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ
تەييار بولۇپ بولغىچە سائەت ئالتە يېرىممۇ بولۇپ قالدى.بىز ئۆيدىن چىقىپ تۇمارىسقا قاراپ ماڭدۇق.تۇمارىس مېھمانخانىسى  بىز چۈشكەن ئۆيدىن بەك يىراق ئەمەس ئىكەن.بىز پەقەت 15 مىنۇتچە يول مېڭىپلا ئۇ يەرگە يېتىپ بارالىدۇق.ئۇ مېھمانخانا ئۈرۈمچىدىكى ‹‹ئېرداۋچىياۋ›› دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر قوش قەۋەتلىك سىتىرۇلوق كۆۋرۈك يېنىدىن كېسىپ ئۆتۈدىغان بىر كىچىك تۆت كوچا دوقمۇشىغا جايلاشقان ئىكەن.ئۈستى كۆپ قەۋەتلىك مېھمانخانا بىرىنچى قەۋىتى تاماقخانا زالى ئىكەن.زال ئىشىكى ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك ئويما خەت بىلەن ئېنگىلىز يېزىقىدا TUMARISHOTEL   دېگەن چوڭ خەت چاپلاپ قويۇلغان ئىكەن.ئۇندىن باشقا يە ئۇيغۇرچە يە خەنزۇچە نام تاختىسى يوق ئىدى.بۇ خەت يەنە زال ئىشىكىدىن باشقا بىنا تېمىدىمۇ چوڭ ھالەتتە چاپلاقلىق بولۇپ خېلى يىراقتىنمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇدىكەن.
بىز زال ئىشىكىدىن كىرىشىمىگە  ئۇدۇلدىكى پۇكەيدە تۇرغان مىللىچە مۇلازىملار كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر قىز بىزدىن:
-ئەپەندىلەر ،ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن،سىلەر قايسى ياتاقتىن؟   -دەپ سورىدى.مەن:
-بىز ياتاقتا ياتمىغان،سىرىتتىن ناشتا قىلغىلى كىردۇق – دەپ جاۋاپ بەردىم.مۇلازىم قىز:
- ئەپەندىلەر،ئۇنداق بولسا ھەر بىرىڭلار 19 يۈئەندىن  پۇل تاپشۇرۇپ تالۇن كەستۈرۈپ بەھۇزۇر غىزالىنىڭلار،مېھمانخانىمىز ھەرقايسى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.  –دېدى.
تاماق زالىغا نەزەر سالدىم ،زال خېلىلا چوڭ ئىدى. ئىشىكتىن كىرگەن تەرەپنىڭ ئۇدۇلىغا بىر رەت ۋە سول تەرەپكە بىر رەت داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان تۆت چاسا شەكلىدىكى ياپقۇچلۇق قازانلار قاتىرىسىغا تىزىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ قازانلارغا غەرىپچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىسسىق تاماق ۋە ئىسسىق سەيلەر قاچىلانغا بولۇپ ئاستىغا گاز ئوچاقتىن سۇس  ئوت چىقىپ  داۋاملىق ئىسسىق ساقلاپ تۇرۇدىكەن.بۇ قازانلار مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇلازىمەتچىلەردەك قاتار تىزىلىپ تۇرغان بولۇپ ھەر بىر قازاننىڭ يېنىدا كىچىك چۆمۈچ  ياكى چوڭ قوشۇق بولىدىكەن.تاماق ۋە ئىسسىق سەيلەر قازىنى بار رەتتە بۇ ئىككى خىل تائامغا دائىر 25خىلغا يېقىن تاماق بار ئىكەن.بىرىنچى قازاننىڭ يېنىدا شىرە ئۈستىدە  پاكىز يۇيۇپ تىزىپ قويۇلغان چوڭ  تەخسىلەر بولىدىكەن.سىز شۇ تەخسىدىن بىرنى ئېلىپ تاماق قازانلىرىنى بىر بىرلەپ ئېچىپ كۆڭلىڭىز تارتقان تاماقتىن قانچىلىك ئۇسسىيالىسىڭىز شۇنچىلىك ئۇسسۇپ ئېلىپ  سەيلەر قاتارىغا بارغاندا خالىغان سەيدىن سېلىپ  يەيدىكەنسىز.تاماق قازانلىرى رېتىىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ قارىسىڭىز بايامقى تاماق قازانلىرىغا  پاراللىل يېقىن يانداشتۇرۇپ ئىككىنچى رەت قىلىپ چوڭ پەتنۇس تەخسىلەرگە تىزىۋېتىلگەن ھەر خىل سوغاق سەي ،ھەر خىل مىۋە –چىۋە، بولكا ۋە تورت-پىچىنىلەر بار ئىكەن.ئۇلار ئېغىزغا  سېلىشقا ئەپلىك قىلىپ توغراپ قويۇلغان  ئىكەن. ئۇلارنى قىسقۇچ بىلەن قىسىپ ئالىدىكەنسىز. دېمەك مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان تائاملارنىڭ ئومۇمى تۈرى 60خىلغا يېتىدىكەن.ئۇلاردىن  خالىغىنىڭىزنى ئېلىپ ئارقىڭىزغا بۇرۇلسىڭىز مېھمانلار ئولتۇرۇپ غىزالىنىش ئۈچۈن تىزىپ قويۇلغان ئونچە تاماق شىرەسىنى كۆرۈدىكەنسىز.ھەر بىر شىرە يېنىدا ئالتە كىشىلىكتىن تۆت كىشىلىككىچە ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا 50-60چە كىشى  بىمالال غىزالىنالايدىكەن.بىز كىرگەندە  تېخى بىراز ئەتىگەن بولغاچقا تۈزۈك مېھمان يوق ئىكەن.بىز قولىمىزغا بىردىن تەخسە ئېلىپ ئۇ تەخسىلەرگە ئۆزىمىز خالىغان تائام ۋە سەيلەردىن ئېلىپ تاماق شىرەسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن  يىدۇق.بىراز يەپلا ئۇسسىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.بىز قەشقەرلىكلەر تاماق ۋاقتىدا خەنزۇلار ھاراقتىن ئايرىلالمىغاندەك چايدىن ئايرىلالمايدىكەنمىز.قارىسام سوغاق سەيلەر تىزىۋېتىلگەن ئىككىنچى رەتنىڭ بېشىدا ئىككى گاز ئوچاق ئۈستىدە ئىككى مىس چەينەك قايناپ تۇرۇپتۇ.ئۇلارنىڭ بىرىدە چاي،يەنە بىرىدە قەھۋە بار ئىكەن.چايدىن ئېلىپ كېلىپ ئوتلىغاچ غىزالاندىم.كىرگىچە كۆڭلۈمدە :‹‹ ھەممە ناتونۇش تائاملادىن بىرازدىن ئېلىپ تەمىنى تېتىپ باقىمەن››دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئېسىمگە يازدا ئۈرۈك يىيىش كەلدى.ئۈرۈكنى بازاردىن بىر كويغا 4-5تىن ئېلىپ يىسىڭىز بىرەر يۈزنىمۇ يەپ بولىسىز.ئەگەر سىزنى غۇچچىدە مىۋىسى بار  ئۈرۈكلۈك تاللىق باققا  ئەكىرىپ قويسا شاخلاردا شەربەت تېمىتىپ غۇچچىدە ساڭگىلىشىپ كەتكەن ئۈرۈكلەردىن كۆزىڭىز تويۇپ قېلىپ ئوننىمۇ يىيەلمەيسىز.بۇ يەردىمۇ شۇنىڭدەك ئەھۋال يۈز بەردى.  بىر تەخسە ئەبجەش تاماق يەپ
ئالدى بىلەن مەن تويۇپ قالدىم.بەزى ناتونۇش سوغاق سەيلەر ئىشتىھايىمنى تۇتۇپ قويغان ئىدى. باۋدۇنمۇ بۇ يەرگە كىرگۈچە ئابدىغېنىدىن:‹‹بىر ئولتۇرۇشۇمدا  2-3 كىلو تاماق يەپ بولىمەن،تاماقلىرىدىن جىق يەۋالسام كۈتكۈچىلەر قوغلاپ چىقىرامدۇ؟›› دەپ سورىغان ئىدى.ئابدىغېنى كۈلۈپ كېتىپ :‹‹ھەممە تامىقىنى يەپ بولالىسىڭىزمۇ ھىچكىمنىڭ قاپىقى تۈرۈلمەيدۇ›› دەپ قاۋاپ بەرگەن ئىدى.لېكىن ئەمەلىىيەتتە   ئۇ ئىككى تەخسە تاماق يەپلا تويۇپ كىكىرىپ  پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ قېلىپ جىق يىيەلمىدى. مەن شۇ كەمگىچە قەھۋە ئىچىپ باقمىغان ئىدىم.ئېسىمگە ئۈرۈمچىگە كەلگۈچە ئاپتۇبۇستىكى تېلىۋىزوردا كۆرگەن ‹‹كارۋان سەنئەت كېچىلىكى››دىكى ‹‹تەجرىبە›› دېگەن ئىتوتتا مىرشاپ ئابدىكىىم رولغا چىقىپ، ياساپ تەلەپپۇز قىلىپ بىر قىزغا تېلىپۇندا دېگەن ‹‹مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامىتىم كلىۋاتىدۇ قاراڭ،بىر كاپىخانىلارغا بارمايلىمۇ خان ئۇكام!...›› دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.كۆڭلۈمدە:‹‹ۋاھ، ئۈرۈمچىلىكلەر ۋە چەتئەللىكلەر مۇشۇ قەھۋە دېگەن نىمىنى بەكلا چوڭ بىلىىكىنا،بۈگۈن مۇشۇ پۇرسەت كەلگەندە  بۇ نەرسىنىڭ تەمىنىمۇ بىر تېتىپ كۆرەي جۇمۇ!›› دەپ ئۆزۈم ئۈچۈن بىر ئىستاكان،باۋدۇن ئۈچۈن بىر ئىستاكان ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئېلىپ كەلدىم.تازا بىر ئىچەي دەپ بىر ئوتلىسام ئاچچىق ھەم قىرتاقلا بىر نەرسە ئىكەن.شۇئان چەتئەللىكەر چىقىدىغان كىنو ئېسىمگە كەلدى.چەتئەللىكلەر بۇنى ئىچىدىغان چاغدا شېكەر سالىمىز دېگەندەك قىلغان،شېكەر نەدىدۇ؟ قارىسام شىرەيىمىز ئۈستىدىكى بىر چىنە ئىستاكان ئىچىدە كىچىك -كىچىك قەغەز بولاقلار تۇرىدۇ.  ئۈستىدىكى خەنچە خېتىنى ئوقۇسام ئاق شېكەر ئىكەن.ئۇنىڭدىن بىر بولاق سېلىپ تازا  ئارىلاشتۇرۇپ  ئوتلاپ باقسام يەنىلا ئاچچىق.يەنە ئىككى بولاق سالساممۇ ئاچچىق تاتلىق ئىككى خىل ئارىلاشما تەم كۆڭلۈمنى ئىگىز- پەس قىلىپ يەنە ئىچەلمىدىم.باۋدۇنمۇ  پەقەت ئىچەلمىدى.
ئېسىمگە ئابدىغېنىنىڭ‹‹ تاماق ئاشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ››دېگەن گېپى كېلىپ بۇ قەھۋەنى قانداق قىلارمەن دەپ غەم قىلىپ كەتتىم.تەلىيىمگە دۇئادىن كېيىن كۈتكۈچى قىز ھىچنىمە دېمەيلا قەھۋەلەرنى يىغىشتۈرۈپ كەتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 05:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ كىرىش ئىشىكى.بەلگىلىمىسى تۈپەيلى ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەنى سۈرەتكە تارتالمىدىم
IMG_0850.JPG


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن بازار ئايلانغاچ كۈن ئۆتكۈزدۇق.شاڭخەيگە جۈممە كۈنى ئايرۇپىلان بىلەن  ماڭىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىككى كۈن ئۈرۈمچىدە كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىمۇ كىچىك شەھەر ئەمەس.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ تەرەققى قىلغان  شەھەر،شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىقتىزاد مەدەنىيەت مەرگىزى.مېنىڭ بۇ يەرگە بۇ ئاران ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم.بۇرۇن كەلگەندە 7-ئايدا تومۇزدا كەلگەن ئىدىم.مانا ئەمدى قارا قىشتا كەلگەن ئىدىم.باشقىلاردىن:‹‹ ئۈرۈمچىدە سوغاق پەسىل كۆپ،ئىسسىق پەسىل ئاز. سوغاق ھەر يىلى ئونىنچى ئايدا باشلىنىپ كېلەر يىلى بەشىنچى ئايلارغىچە داۋاملىىدۇ.سەككىز ئاي سوغاق، ئۈچ ئايلا ئىسسىق(6-7-8-ئايلار) بىر ئاي(9-ئاي) ئىللىق بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.قارىغاندا راست ئوخشايدۇ.ھازىر ئىككىنچى ئاي كىرىپ قەشقەر تەرەپ خېلىلا ئىللىپ قېلىپ بىز قىشلىق كىيىملەرنى تاشلاپ ئەتىيازلىق كىيىم كىيىشنى ئويلىشىۋاتقان چاغدا ئۈرۈمچىدە تېخىچە قەھرىتان قىش ھۆكۈم سۈرمەكتە.قاتتىق سوغاق كوچىغا چىققان ھەر بىر كىشىنى ئاچچىق نەشتىرى بىلەن قاتتىق چېقىپ ئۆيىگە قوغلىماقتا ئىدى.ئۈرۈمچىدە ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ نوركا پەلتۇلارنىڭ تۈمەنلەپ پۇلغا ياراپ قالغانلىقى مۇشۇ سوغاقنىڭ تۆھپىسىدىنمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.2008-يىلى كەلگەن چېغىمدا  بىز بىلەن بىر يۇرتلۇق مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئىشلەيدىغان بىر يۇرتدىشىمىزنىڭ داۋەن ئەتراپىدىكى خېشىن گۈللۈكىدىن 100كىۋادىراتمېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆينى 280مىڭ يۈئەنگە ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ قىممەتلىكىدىن ھەيران قالغان ئىدىم.بۇ يىل بولسا بۇ باھا ئىككى قاتلىنىپ بولغان بولۇپ  شەھەر ئىچىدىكى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەردىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بىر كىۋادىرات مېتىرى ئۈچۈن بەش يېرىم مىڭ يۈئەندىن 6000يۈئەنگىچە پۇل خەشلەشكە توغرا كېلىدىكەن. شەھەر مەركەزلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ بولسا بىر تۈمەنگە يىتىدىكەن تېخى.‹‹ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق››دېگەن ماقال ئۈرۈمچىلىكلەرگە بەكرەك ماس كېلىدىغاندەك قىلاتتى.
بۇرۇن ئۈرۈمچى تەسۋىرلەنگەن بىر ماقالىدىن‹‹ ئۈرۈمچىدە ئىسسىتىشقا ئىشلىتىدىغان پار قازانلار ،زاۋۇتلار ۋە ماشىنىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر.بۇرنىڭىزغا ئىس پۇراپلا تۇرىدۇ،ئۈرۈمچىنىڭ قۇچقاچلىرىنىڭمۇ  رەڭگى ئۆزگۈرۈپ قارىداپ كەتكەن››دېگەن قۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم.ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىگىلا بارماڭ يول بويلىرىنى،قورولارنى قار قاپلاپ تۇراتتى.يەرلىك كىشىلەر ھەر كۈنى قار تازىلاپ دۆۋىلەپ تۇرسىمۇ يەنىلا داۋاملىق قار يېغىپ دۆۋىلەرنى كۈندىن-كۈنگە ئىگىزلىتىپ تۇراتتى.مەن قارىداپ كەتكەن قۇشقاچلارنى كۆرەلمىدىم.بەلكىم ئۇلار ئىسلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەندۇ ياكى داۋاملىق قارىداۋېرىشكە چىدىماي ھاۋاسى ساپ جايلارغا قېچىپ كەتكەندۇ.
ئۈرۈمچىنىڭ قارلىرى قارىماققا ئاپئاق كۆرۈنىدىكەن.لېكىن قات-قاتلىرىغا قارا ئىس سىڭىپ كەتكەن بولىدىكەن.يۇرتتىكى چاغدا ئاپئاق قار بىلەن قولۇمنى يۇيۇشنى ياخشى كۆرەتتىم.قولۇمنى قا بىلەن يۇيسام سوپۇن مازغىپىدەك قولۇمدىكى كىرلارنى پاكىز تازىلاپ ئۆز رەڭگىدەك ئاپئاق قىلىۋېتەتتى.لېكىن ئۈرۈمچىدە قار بىلەن قولۇمنى يۇيسام قولۇم پاكىز بولمايلا قالماي قارا يۇقۇپقالدى.ئاققان كىر سۇلىرىمۇ يۇندىغا ئوخشاش قارا ئىدى.يوللار،ئۆتۈشمە يوللار،بىنا پەلەمپەيلىرىدىكى تۈكۈرۈلگەن بەلغەملەردىمۇ كۆمۈر تاسقىغانلارنىڭ بەلغەملىرىدەك  قارا داغلار بار ئىدى. بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ مۇشۇ ئادىتى ئىدىيەمدىن زادى ئۆتمەيدۇ.چىرايلىق پارقىراق سىمونىت يوللار ،پاكىز تازىلانغان پەلەمپەيلەر،سودا سارايلىرىنىڭ چىنە قىش بېسىلىپ گۈزەلنىڭ يۈزىدەك پارقىرىتىۋېتىلگەن پوللىرىدىمۇ قالايمىقان تۈكۈرۈلگەن بەلغەملەر،قالايمىقان تاشلانغان تاماكا قالدۇقلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن ‹‹بىزىلىپ›› تۇرىدۇ.تازىلىق ئىشچىلىرى تازىلاپ ھارمايدۇ،لېكىن تۈزىگۈچىدىن بۇزغۇچى كۆپ بولغاچقا يەنىلا مەينەتچىلىك تۈگىمەيدۇ.
قاتناش قۇرالى جەھەتتىمۇ ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن.قەشقەردە پىيادىلەرمۇ،توكسىكىلىت مىنىدىغانلارمۇ،ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرىدىغانلارمۇ ،تاكسى توسىدىغانلارمۇ كۆپ.لېكىن ئۈرۈمچىدە ۋېلسىپىت ياكى توكسېكىلىت مىنىدىغانلاردىن بىرىنىمۇ كۆرمىدىم.كىشىلەر  تاكسى توسۇشقا،BRTدەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ،ئۇزۇن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇۇرۇشقا ئادەتلىنىپ كېتىپتۇ.بۇ ئاپتۇبۇس ئاساسلىق كوچىلاردىلا بار ئىكەن.ئارقا كوچىلاردا يەنىلا بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئاپتۇبۇسلار بار ئىكەن،لېكىن ئۇلارمۇ زامانغا ماسلىشىپ بېلەتچىسىز ئىكەن.يولۇچىلار بىر يتۈئەنلىك پارچە پۇلنى ياكى كارتىلىىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇنىڭغا چىقىپ ئۇاق بۇياققا قاتنايدىكەن.ئىچى بەكمۇ قىستا-قىستاڭ بولۇپ ئوغرى- يانچۇقچىلارنىڭ جەننىتى ئىكەن.تاكسى توسۇشقا ئايىغان پۇلىڭىز بىردەمدە ئىككىنچى ئىگىسى قولىغا ئۆتۈپ بولىدىكەن .ئۈرۈمچىدىكى قاتناش جەھەتتىكى بۇ ھالەتنى كۆرگەن كىشى:‹‹ ئۈرۈمچىلىكلەر بېيىپ كەتكەن بولسا كېرەك .ئۇلار ۋېلسىپىت موتسېكىلىتلارنى ياراتمىغۇدەك ھالغا كەپتۇ›› دەپ ئويلاپ قالىدىكەن.لېكىن كېيىن خاڭجۇ،سۇجۇلارنى ساياھەت قىلغان چېغىمدا بۇنىڭ بېيىش ئەمەس ‹‹ئىددىيەدىكى نامراتلىق›› ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.بۇ كېيىنكى كۈنلەرنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىكى قۇرلاردا بايان قىلىنىدۇ.
مەن ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس باشقا شەھەرلەردىمۇ مېھمانخانىلارنىڭ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكىنى،كېچىدىلا ئەمەس كۈندۈزلەردىمۇ نەچچە سائەتلىك ياتاق ئاچقۇزۇپ ئىشقىۋازلىق قىلىدىغان ‹‹بۇزۇق››لارنىڭ ئاۋۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.بۇ يەردە ياتاقتا يېتىپ قالسام بۇخىل بۇزۇقچىلىققا قاتناشمىساممۇ كۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ بىۋاستە تەسىراتىمنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن ئۈرۈمچىدە تۇرغان كۈنلىرىمدە  ئىزچىل خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە يېتىپ مېھمانخانىدا يېتىش نىسىپ بولمىغان بولغاچقا بۇ ھەقتە بىۋاستە تەسىراتقا ئىگە بولمىدىم.بۇ خىل تەسىراتقا ئىگە بولغان تورداشلار خالىسا ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلاپ قويسا ياخشى بولىدۇ.
داۋامى جىددى يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-18 10:01 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17834
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 11:18:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇكۈنى مەن ھەمراھلىرىم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق تاللا بازارلىرى ،سودا سارايلىرىنى ئارىلاپ بازار تەكشۈرگەچ ۋاقىت ئۆتكۈزدۈم.‹‹ئابلىز سودا سارىيى››دېگەن چوڭ سودا سارىيىدىن شاڭخەيگە بارغاندا كىيىش ئۈچۈن شىم -كاستۇم سېتىۋالدىم .(شاڭخەيدە شىركەت پائالىيەتلىرىگە شىركەت ئەزاسى سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن يارىشىملىق شىم كاستۇم كىيىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.) ئاندىن ھەمراھلىرىمىز بىلەن  كومپىيۇتېر ،كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى جەمگاھى بولغان ‹‹قىزىل بايراق سودا بىناسى››غا باردۇق.سۆزلىرىگە خەنزۇچە ئاتالغۇلار ئۇچىلىرىدىكى چەتنىڭ كىيملىرىدەكلا ئۆزلىشىپ كەتكەن ئۈرۈمچىلىكلەر بۇ يەرنى ‹‹خوڭچىلۇ ››دەپ ئاتايدىكەن.بارغىچە ئۇچرىغان بىر ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇردىن مۇنداق سوراشقا توغرا كەلدى:
-ھەي ئۇكام، قىزىل بايراق بىناسىغا قانداق بارىمىز؟
-ئۇنداق يەرنى بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟!
-كومپىيۇتېر ساتىدىغان چوڭ بازارنى دەۋاتىمەن.
-خۇڭچىلۇنى دەۋاتاملا ئاكاڭزا،ئادەم چۈشەنگىدەك گەپ قىلماملا دەيمە، ئانچە يىراق ئەمەس. ئۇدۇل مېڭىپ سولغا ئەگىلسىلىلا  يىتىپ بارىلا،ماقا ئەمىسە خوش.
بىز بۇ بىنا ئالدىغا يىتىپ بېرىپ ئىچىگە كىردۇق. بۇ يەر ئاستى،يەر ئۈستى بولۇپ 5- 6قەۋەت كەلگۈدەك غايەت چوڭ بازار ئىكەن.ئىچىگە كىرمىگەن ئادەم بىنا ئالدىغا كېلىپ ئالدىدىكى كونا ،توپا تەرت بىنا تېمىغا قاراپلا ‹‹بۇ بىر تاشلاندۇق بىنامۇ نېمە؟›› دەپ قايتىپ كەتكىلى تاس-ماس قالىدىكەن.بىنا ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق دۇكان بار بولۇپ كۆپىنچىسىدە خەنزۇ سودىگەرلەر كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى سودىسىنى قىلىدىكەن.بۇ يەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ ھەر كۈنى كەم دېگەندە نەچچە يۈزمىڭ خېرىدار بۇ يەرگە كىرىپ مال سېتىۋالىدىكەن.بۇنداق چوڭ  كۆلەمدىكى كومپىيۇتېر بازىرى بەلكىم ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ بولماسلىقى مۈمكىن.بولسىمۇ ماللىرى بۇ يەردىكىدەك ئەرزان بولماسلىقى مۈمكىن.ھەمراھلىرىمدىن ئىككىسى بۇ بازاردىن nikon ماركىلىق ھەم سۈرەت تارتقىلى،ھەم سىن ئالغىلى بولىدىغان سۈرەت سۈزۈكلىكى خېلى يۇقۇرى فوتو ئاپاراتنى  400يۈئەندىن سېتىۋالدى.مەندە سۈرەتنى ناھايىتى سۈزۈك تارتقىلى بولىدىغان ئىككىنچى ئەۋلات ئالما تېلىفۇنى بولغاچقا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ مەنمۇ بىرنى سېتىۋالماپتىمەن.كېيىن شاڭخەي، خاڭجۇ،سۇجۇلاردا بۇنىڭ دەردىنى خېلى تارتىپ ‹‹قىرىققا چىدىمىغان قىرىق بىرگە چىداپتۇ ››دېگەندەك ئىش قىلىپ سېلىپ بۇنىڭ ئىچكى ئازابىنى خېلى تارتتىم.
كەچتە چۈشكۈنىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى خوڭيەنچى ئىلىكتىر ئىستانسىسىدا  ئىشلەيدىغان ئابدۇرېھىم ئىسىملىك  يۇرتدىشىمىز  بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزدىن خەۋەر تېپىپ  بىزنى ئىزدەپ كەلدى.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ بىزنى مېھمان قىلىپ كۈتىۋالماقچى ۋە ئۆيىگە ئاپىرىپ قوندۇرۇۋالماقچى بولۇپ چىڭ تۇتتى.ئۇ يۇرتقا بارغانلىرىدا بىزمۇ ھۆرمىتىنى قىلىپ ھەركۈنى ئويۇن- تاماششا ئۇيۇشتۇرۇپ،مال سويۇپ،ھاراق قۇيۇپ قاتتىق كۈتۈۋېتەتتۇق.مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۆتنىسىنى قايتۇرماقچى بولغاندەك  ئۇنىمىغىنىمىزغا قارىماي  بىزنىڭ ئەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۈچىمىزنى ۋە شوپۇر باۋدۇن قوشۇلۇپ تۆتىمىزنى  تاكسىىغا چىقىرىپ  سۇ ئۈستى باغچىسى يېنىغا جايلاشقان‹‹قەدىمى يول›› دەپ ئاتىلىدىغان  بىر يەرگە باشلاپ كەلدى.كىرمەي تۇرۇپلا سورىدىم:
-ئۇكام بۇ قانداق يەر؟
-تاماقلانغاچ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان تازا ئوبدان يەر.قالغىنىنى كىرگەندە بىلىپ قالىسىز،قېنى يۈرۈڭ!
بىز ئابدۇرېھىمجاننىڭ باشلىشى بىلەن چوڭلىقى ۋالىبول مەيدانىچىلىك كېلىدىغان بىر چوڭ زالغا كىردۇق.زالغا كىرىپلا كۆزۈمگە تۇنجى چېلىققىنى زال ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تۆت چاسا تۈۋرۈككە بېكىتىۋېتىلگەن چوڭ كالا بېشى بولدى.بۇ تازا يوغىناپ ئۇستىخان سۈرگەن بۇقا بېشى بولسا كېرەك بوينى بىلەن بېشى گەۋدىسىدىنلا كېسىۋېلىنىپ چىرىشتىن ساقلىغۇچى مادىلار ئىشلىتىلىپ بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ساقلاش ئۇسۇلىدا ساقلانغانمۇ ياكى ئوخشىتىپ ياسالغانمۇ بىلمىدىم كۆزۈمگە ئامېرىكىنىڭ ئالۋاستى تەسۋىرلىنىدىغان كىنولىرىدىكى كالا دىۋىلەردەك سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كەتتى.يوغان ئۇچلۇق قوش  مۈڭگۈزلىرىدىن ئۆلۈم پۇرىقى كېلەتتى.پارقىراپ تۇرغان غەزەپ ئۇچقۇنلىرى بىلەن چەكچەيگەن كۆزلىرىنى كىرگۈچىلەرگە تىكىپ:
-بۇ يەرگە ئۆلگىلى كىردىڭمۇ؟!
دەپ سوراۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇنى تۇنجى كۆرگەن ھەرقانداق ئەركەكنىڭ تېنى شۈركەنمەي قالمايتتى. بەلكىم بۇ يەرگە ھەركۈنى كىرىپ ھاراق ئىچىپ ئويناپ كۈلىۋاتقانلارغا بۇ قورقۇنۇشلۇق كۆرۈنۈش تەسىر قىلماس، ،ھېيىقتۇرماس بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.تۈۋرۈكنىڭ قالغان ئۈچ تەرىپىدە يەنە ئۈچ خىل ھايۋاننىڭ بېشى بار ئىكەن.يەنە بىر تەرىپىدە بۆكەننىڭ بېشى باردەك قىلىۋاتقان.يەنە بىرلىرى قوچقار بىلەن ئۆشكىنىڭ بولۇشى مۈمكىن يېزىلىق تۇرۇپ بۇ سۈرلۈك كالا بېشىدىن قورقۇپ كەتكەنچە قالغانلىىرىغا بەك سەپسېلىپ كەتمەپتىمەن.زال ئۈستى ئەنئەنىۋى مىللى ئۇسلۇپتا ياغاچلارنى جۈپلەپ تىزىش ئارقىلىق يېپىلغان بولۇپلا قالماي زال ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن قەدىمقى ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى.بۇ زال بەئەينى بىر قەدىمكى ئاسارە ئەتىقىلەر موزىيىغا ئوخشاپ قالاتتى.تاملارغا قەدىمى رەسىملەر،ياغاچ ئويمىلار، ئەتلەس- گىلەملەر  يېپىشتۇرۇلۇپلا قالماي يەنە بىر بۇلۇڭ تەرەپكە قەدىمى ئۇسلۇپتىكى چوڭ كارۋات قويۇلۇپ ئۈستىگە مېھمانلارنىڭ ئولتۇۇشى ئۈچۈن  گىلەم ۋە كۆرپىلەر سېلىپ قويۇلغان ئىدى. كارۋات ئوتتۇرىسىغا غىزا تائام تىزىش ئۈچۈن پاكار تۆت پۇتلۇق تاماق شىرەسى قويۇلۇپ ئۈستىگە داستىخان يېپىلغان ئىدى.كارۋاتنىڭ تام تەرىپىگە گىلەم توقۇيدىغانلار ئىشلىتىدىغان دەستىگاھقا ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ ياغاچ جازا بېكىتىلگەن،ئۇنىڭغا گىلەم يىپلىرى شەكلىدە بىرنىمىلەر تارتىپ قويۇلغان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە قاپاق،نوگاي، ياغاچ ساپلىق،قوشۇق،ياغاچ چۆچەك  دېگەندەك قەدىمى بۇيۇملار ئېسىپ قويۇلۇپلا قالماي يەنە ئوتتۇرىسىغا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىم زاماندىكى پەخىرلىك كەشپىياتىمىز  يارىيار ھارۋىنىڭ زىننەتلىك چوڭ بىر پاي چاقى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ئىدى. زالدىكى مەنزىرىلەردىن  ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئەنە شۇ چاق بىلەن كالا بېشى بولدى.زال ئىچى قەدىمى ئۇسلۇپتا ئىگىز ئادەمنىڭ كىندىكى،پاكار ئادەمنىڭ مەيدىسىگە  كەلگۈدەك ئىگىزلىكتە شاللار بىلەن توسۇلۇپ  تەخمىنەن تۆت كىۋادىراتمېتىردىن كەلگۈدەك قىلىپ كىچىك –كىچىك ئوننەچچە  بالىخانىلارغا ئايرىۋېتىلگەن ئىدى.بۇ توسۇقلار ئىگىز ئەمەس ئىدى. شاللارمۇ بىر بىرىگە ھىملاشتۇرۇلماي مىخلانغان بولۇپ ياندىشىپ تۇرغان ھەر ئىككى شال ئارىلىقىغا قول بارمىقى بىمالال پاتاتتى.ھەر بىر بالىخانىغا بىردىن چاسا  شىرە قويۇلۇپ ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن شېلى كەڭ، يۆلەنچۈكلۇك  ئۇزۇن ئورۇندۇقتىن بىردىن ئىككىسى تىزىپ قويۇلغان ئىدى.ھەر بىر ئورۇندۇقتا 2-3تىن ئادەم ئولتۇرۇشقا بولاتتى.مەن بۇ توسۇقلار ئابدىناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ ‹‹چاپانشال رېستۇرانى›› دېگەن ھىكايىسىدىكى قىزىقارلىق ئاتالغۇنى ئىسىمگە سېلىپ كۈلگۈمنى كەلتۈرىۋەتتى. ھەر بىر بالىخانىغا بىردىن چىراق ئېسىلغان بولۇپ چىراقلارغا ئاستى تىشىۋېتىلگەن بىردىن قاپاق كىيدۈرۈلۈپ چىراقنىڭ نۇر يىققۇچى قالپىقى قىلىنغان ئىدى.زالنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامدا يەنە ئىككى ئىشىك تۇراتتى.بۇ بەلكىم ئايرىم مۇڭدىشىپ ئولتۇرغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ھەقىقى ئايرىمخانىلار بولسا كېرەك.بۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنى قەدىمىلىك بىلەن زامانىۋىلىكنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر،سودىنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان،يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كىشى ئىكەن.زامانىۋى ياسىداق بىنالار ،كۆركەم گۈزەل ھەشەمەتلىك رېستۇرانلارنى تولا كۆرۈپ زېرىككەن ئۈرۈمچىلىكلەرنى بۇ قەدىمى ئۇسلۇبتىكى زالغا بىر ئوبدانلا ئۆگىتىۋاپتۇ.ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ‹‹يېڭىلىق ياراتتىم.قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى باستىم،ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلدىم››دەپ ئويلاپ قىلغان ئىشلىرىدىن پەخىرلەنسە كېرەك.لېكىن ئويلىمىغانكى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئاشخانا ئاچقان قاۋاق ئاچمىغان؛پاك نەرسە ساتقان، ھارام ساتمىغان؛ ئەدەپ ئەخلاق ئۈگەتكەن،شەرمى ھايادىن كەتمىگەن كىشىلەر ئىدى.بۇ يەرنى جاھازلىرىغا قاراپ‹‹ قەدىمى يول›› دەپ ئاتىغان بىلەن تۇتقان يولىغا قاراپ ‹‹ئازغۇن يول›› دەپ ئاتىماي ئامالىمىز يوق ئىدى.
بىز باشتا ھېلىقى كارۋاتتا ئولتۇرۇپ بولۇپ ئادەم سانىمىز ئاز(بەش ئادەم) بولغاچقا ئۆزىمىزنى سوراپ زالنىڭ ئەڭ ئاخىرسىدىكى بالىخانىغا كىرىپ جايلىشىپ  ئولتۇردۇق. قورشاۋ ياغاچ تام ئانچە  ئىگىز بولمىغاچقا بويۇنداپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىم.كەچ سائەت توققۇز بولماي تۇرۇپ بۇ بالىخانىلارنىڭ ھەممىسى مېھمانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى.يېرىمىدا دىگۈدەك ئاياللار ئەرلەر بىلەن مۈرىدىشىپ ئولتۇرۇپ سەي يەپ ھاراق ئىچىشىۋاتاتتى.تا شۇ كەمگىچە ھاراق ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىساممۇ لېكىن، بۇنداق ئوچۇق- ئاشكارە ئاممىۋى سورۇندا ئەرلەر بىلەن روبىرو ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.‹‹توۋا-دىدىم ئىچىمدە-ئاياللىرى بۇزۇلغان قەۋىم چوقۇم ھالاك بولماي قالمايدۇ،دەپ ئېيتىشىپتىكەن دانالىرىمىز.بۇ ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بۈگۈنى چوقۇم  بىزنىڭ ئەتىمىز.چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ‹مەدەنىيەت›ئۆگەتكۈچىمىز.بۈگۈنى بۇلار بۇزۇلسا، ئەتە بىز بۇزۇلساق،مۇشۇنداق ئاياللار تۇققان،تەربىيەلەشكە ۋاقىت يوق تاشلاپ قويۇلغان بالىلار قانداقراق ئادەم بولۇپ چىقار؟!كونىلار ‹يۇمشاق توپىدا ياشىغانلارنىڭ كۆڭلىمۇ شۇ توپىدەك يۇمشاق بولىدۇ،قاتتىق تاش ئۈستىدە ياشىغانلارنىڭ كۆڭلىمۇ شۇ تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ›،‹ئادەمنىڭ قەلبى يىگەن  ئوزۇققا بېقىپ يىتىلىدۇ،ساپ ،پاك نەرسىلەرنى يىگۈچىلەرنىڭ قەلبىمۇ ساپ ھەم پاك تۇرىدۇ،پاسكىنا بۇلغانغان نەرسىلەرنى كۆپ يىگەنلەرنىڭ قەلبىمۇ تەڭ بۇلغىنىپ بىر تۈركۈم ئازغۇن بەندىلەر بارلىققا كېلىدۇ› دەپ ئېيتىشقان ئىكەن.قارىغاندا بىر قىسىم ئۈرۈمچىلىكلەر غەرىپچە رېستۇران،خەنزۇچە سەنتىڭلەردە نىمە ھالال،نىمە ھارام ئىلغىماي يەۋېرىپ ئەقلى غەم غۇرۇرى بۇلغىنىپ نومۇس غۇرۇر تۇيغۇلىرىنى ئاللىقاچان  ئۇنتۇپ ئادىمى قىلىقلاردىن يىراقلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
مىللىيچە كىيىنگەن مۇلازىم ئالدىمىزغا تماق تىزىملىكى يېزىلغان ئىسىل قاتتىق تاشلىق دەپتەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ‹‹چاپانشال رېستۇرانى››دا ھەر خىل مىللىيچە  تاماقتىن تارتىپ رېستۇران قورۇمىلىرىغىچە، ھەرخىل داڭلىق ھاراقتىن تارتىپ  يەلقازان شورپىلىرىغىچە ھەممە نەرسە تەل ئىكەن.  بىز بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن‹‹ قوش ئامەت›› دېگەن ئاشخانىدا تاماقلىنىپ قۇرسىقىمىزنى تويغۇزىۋالغان بولغاچقا بەك كۆپ نەرسە بۇيرىماي بىر يەلقازان شورپىسى بىلەن بەش ئالتە خىل ئىسسىق سوغاق سەي ،ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئۈچ زىىتىن كاۋاپ بۇيرۇش بىلەن ئىچىدىغانغا  ئىككى شىشە ‹‹1910يىل››دەپ يېزىقلىق گۇچېڭ ھارىقى بۇيرۇتتۇق. ھەمراھلىرىم سەيلەردىن يېگەچ ھاراق ئىچىشكە تۇتۇندى.ماڭا تەڭلىۋىدى ئىچمىدىم.زورلانسىمۇ ئىچمىدىم،ھەمراھلىرىم :
-بۇ قاۋۇلقان مۇئەللىم بەك سوپى مىجەز،مەكتەپتىكى بىردىنبىر تاماكا چەكمەيدىغان،ھاراق ئىچمەيدىغان قېرى مىجەز ئەپەندى.ئۇنىڭغا زورلىمايلى،شەربەت ئىچىپ ئولتۇسۇن!
دىيىشىپ ئالدىمغا بىر قۇتا مانگو شەربىتى ئەكىلىپ قويدى.مەن ئۇنىڭدىن ئىچكەچ ئانچە مۇنچە كۆڭلۈم تارتقان سەيلەردىن يەپ ئولتۇردۇم.ئەتراپتىكى بالىخانىلاردىكى ئۈلپەتلەرساپلا  مەست بولۇشۇپ كەتكەن بولۇپ بىر بىرىگە قەلىب چۈشەندۈرۈشۈپ بولالماي ۋاڭ -چۇڭ قىلىشىپ زالنى بېشىغا كىيدى.بۇلار ئارىسىكى ئاياللارنىڭ سەت كۈلكىسى بىلەن ھاياسىز سەت كالدىرلاشلىرى قوشۇلۇپ بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى.ھەمراھلىرىمغا قارىسام ئۇلارمۇ خېلى  تەڭشىلىپ قالغان بولغاچقا ئەتراپتىكى شاۋقۇندىن بىپەرۋا ھالەتتە ئۆز  پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.بىز بۇ يەردە سائەت 12لەرگىچە ئولتۇردۇق،بىر چاغدا بىر ئوغۇل مۇلازىم كېلىپ ئەدەپ بىلەن دېدى:
-ئەپەندىلەر كەچۈرۈڭلار،يېرىم كېچە بولاي دەپ قالدى.ئەمدى،رېستۇرانىمىزنى تاقىماقچى ئىدۇق، شۇڭا سىلەرمۇ بىزگە ماسلىشىپ سورۇنۇڭلارنى يىغىشتۇرۇپ قايتىپ بەرەەن بولساڭلار!
‹.ياخشى سۆز ئىسسىتقۇ›› دەپتىكەن،ھەرقانداق ئادەم گەپ قىلسىمۇ تىللىغۇدەك مەست بولۇشۇپ كەتكەن ھەمراھلىرىم يۇۋاشلىق بىلەن ماقۇل بولدى.بىز مۇلازىمنىڭ تەلىپى بويىچە بۇيەردىن قايتىپ چىقتۇق.ئاندىن چۈشكۈنىمىزگە قايتماقچى بولدۇق.لېكىن ئابدۇرېھىمجان بىزنى ‹‹ئۆيۈمگە ئاپىرىمەن›› دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.بىز شەھەرلىكلەنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنەتتۇق.ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بىز يېزىلىقلارنىڭكىدەك چوڭ بولمىغاچقا ئۆيىگە مېھمان كەلسىلا بېشى قاتاتتى.شۇڭا ئۇنى ئاۋارە قىلغۇمىز كەلمىدى.ئابدۇرېھىمجان كۆڭلىمىزنى چۈشەنگەندەك :
-خاتىرجەم بولۇڭلار،بۇ يېرىم كېچىدە سىلەرنى ئۆيۈمگە باشلىمايمەن،يېقىن بىر دوستۇم قەشقەرگە تۇققان يوقلاپ كېتىپ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا بېرىپ كەتكەن.مەن سىلەرنى شۇ ئۆيگە ئېلىپ كىرىمەن،قورۇنۇپ تارتىنغۇدەك ھىچكىم يوق.ئۆز ئۆيۈڭلەردە ياتقاندەك خاتىرجەم يېتىپ ئۇخلىيالايسىلەر -دىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئىككى تاكسى توسۇپ ئابدۇرېھىمجاننىڭ ھېلىقى دوستىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ شۇ يەردە ئۇخلاپ ئارام ئالدۇق.ئەتىسى ئەتىگىنى ئۇ بىزنى بىر مىللىيچە ئاشخانىغا باشلاپ چىقىپ سۈيقاش ۋە  گۆشلۈك پولۇ بىلەن ناشتا قىلدۇرۇپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش